ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  يۇمۇر - چاقچاقلار

يۇمۇرلار

ۋاقتى : 2010-02-25  مەنبەسى : خاتىرەم  يوللىغۇچى : مەن كۆرۈلىشى : قېتىم

پەرق
 
بىر كۈنى فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن:
-- توك بىلەن چاقماقنىڭ قانداق پەرقى بار؟ - دەپ سوراپتۇ.
-- چاقماققا پۇل تۆلەشنىڭ ھاجىتى يوق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوقۇغۇچىلار.
 
ئامىتى كېلىش
ئەمەت:
-- قىزىمنىڭ ئىسكىرىپكىسى ماڭا ئامەت ئېلىپ كەلدى، - دەپتۇ.
سەمەت:
-- قانداق دەيسەن؟ - دەپ سوراپتىكەن، ئەمەت:
-- مەن يېرىم باھادا قوشنامنىڭ قورۇسىنى سېتىۋالدىم، - دەپتۇ.
 
قورۇق
خوتۇنى:
-- ئۆزۈڭگە قارىغىنا، يېشىڭ چوڭ بولمىسىمۇ، پېشانەڭدىكى قورۇق نېمانداق كۆپ؟
ئېرى:
-- كۆپ بولۇپ قايسى دەرىجىگە يېتىپتۇ؟
خوتۇنى:
-- ھەر قېتىم قالپاق كىيسەڭ، بۇرمىلىق مىخقىلا ئوخشاپ قالىدىكەنسەن.
 
ئاقىۋەت
بىر يېڭى ئەسكەر ھەر كۈنى گىمناستىكىغا كېچىكىپ قالىدىكەن. بىر كۈنى باشلىقى:
 -- سەن نېمىشقا ھە دېسىلا كېچىكىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
يېڭى ئەسكەر:
 -- دوكلات باشلىق، مەن دائىملا بەك ئۇخلاپ كېتىدىكەنمەن.
باشلىق:
-- ئەگەر ھەربىر جەڭچى سەندەك ئۇخلاپ كەتسە، بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتەر؟
يېڭى ئەسكەر:
-- شۇنداق بولسا، ئەبەدىي ئۇرۇش بولماس ئىدى، - دەپتۇ.
  
سەمىمىيلىك
ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان ئوغلى بىلەن ئاتىسى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئوغلى:
-- سەمىمىيلىك دېگەن نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ ئاتىسىدىن.
 ئاتىسى:
-- سەمىمىيلىك دېگىنىمىز ئەتە ۋەيران بولۇشىمىزنىبىلسەكمۇ. بۈگۈن مالنى خېرىدارنىڭ قولىغا تەگكۈزۈشىمىز كېرەك، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئوغلى:
-- پەم - پاراسەت دېگەن نېمە؟
ئاتىسى:
-- بۇ خىل ئەخمىقانە ئىشنى قىلماسلىق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا