ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  يۇمۇر - چاقچاقلار

ساراڭلار ساناتورىيىسىدىكى پاراڭلار

ۋاقتى : 2010-04-29  مەنبەسى : تەرمىلەر  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئاۋۇت ساراڭ: قانداق، بۇ كىتابىم ياخشى چىقىپتۇمۇ؟

داۋۇت ساراڭ: پىچەت چىقىپتۇ، دۇنياۋى ئەسەر دىسە بولغىدەك، ئىخچام بىر ئىغىز قۇرۇق گەپمۇ يوق . شۇنىسى ئەسەردىكى پىرسوناژلار بەك كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ.

دوختۇر:ھەي ئىككىڭ ، ئاۋۇ تىلفون دەپتىرىنى قويۇش دەيمەن.



دوختۇر: ئەگەر بىر قۇلىقىڭنى كىسىۋەتسەم قانداق بولۇپ قالىسەن؟

ساراڭ: گاس بولۇپ قالىمەن.

دوختۇر: ئەگەر ئىككى قۇلىقىڭنى كىسىۋەتسەمچۇ؟

ساراڭ: كۆرمەس بولۇپ قالىمەن.

دوختۇر: نىمىشقا؟

ساراڭ: ئۇ چاغدا كۆز ئەينىكىمنى نەگە تاقايمەن؟



دوختۇر بىر ساراڭنىڭ خەت يىزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

-كىمگە خەت يىزىۋاتىسەن؟

-ئۆزۈمگە.

-خەتتە نىمىلەر دىيىلىپتۇ؟

-ساراڭمۇسىز، خەتنى تىخى تاپشۇرىۋالمىغان تۇرسام مەن نەدىن بىلەي.



ئىككى ساراڭ دوختۇرخانىدىن قىچىپ چىقىپ بىر تۈپ ئالما دەرىخىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ.بىردەمدىن كىيىن ئۇلارنىڭ بىرى يەرگە سەكرەپ چۈشۈپتۇ ھەمدە يەردە نەچچىنى دومىلىۋىتىپتۇ. ئاندىن دەرەخكە قاراپ:

-سەنمۇ چۈشمەمسەن؟ دەپتۇ.

-بولمايدۇ. مەن تىخى پىشمىدىم  دەپتۇ يەنە بىرى.

مەنبە:تەرمىلەر

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا