ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  تور بىلىملىرى

IP ئادىرىسى ۋە دائىرە نامى ھەققىدە چۈشەنچە

ۋاقتى : 2011-10-17  مەنبەسى : uighurboy.com  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

Internet تا بىر خىل ئاممىباب ئادرىس شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ ، Internet قا ئۇلانغان ھەر بىر تور ۋە ھەر بىر ئاساسىي ئاپارات ئۈچۈن بىردىن ئادرىس تەقسىملەپ بىرىلىدۇ.
Internet نىڭ ئادىرىسى IP ئادىرىسى ۋە دائىرە نامى (域名) ئادىرىسىدىن ئىبارەت 2 خىل بولىدۇ.

1-IP ئادىرىسى
TCP/IP كىلىشىمىنىڭ مەزمۇنى بويىچە IP ئادىرىسى 2 لىك سىستىما ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ ھەر بىر IP ئادىرىسى ئۇزۇنلۇقى 32 بىت بولىدۇ . ئەمما تور كۆلىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ بەزىلىرىدە ئاساسىي ئاپارات كۆپ بەزىلىرىدە ئاساسىي ئاپارات ئاز بولۇش ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن TCP/IP كىلىشىمى IP ئادىرىسىنى A تۈرلۈك، B تۈرلۈك ، C تۈرلۈك ئادرىسلار دەپ 3 تۈرگە ئايرىغان .

A تۈرلۈك ئادىرىس ئالاھىدە چوڭ تورلاردائىشلىتىلىپ ، 16 مىلىيوندىن ئارتۇق ئاساسىي ئاپاراتنى سىغدۇرالايدۇ.
B تۈرلۈك ئادرىس ئوتتۇراھال كۆلەمدىكى تورلاردا ئىشلىتىلىپ 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي ئاپاراتنى سىغدۇرالايدۇ.
C تۈرلۈك ئادرىسلار كىچىك تىپتىكى تورلاردا ئىشلىتىلىپ كۆپ بولغاندىمۇ 256 ئاساسىي ئاپاراتنىلا سىغدۇرالايدۇ .

ئادرىسلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا A تۈرلۈك ئادرىسنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولۇپ پەقەت 31 ى بار .
B تۈرلۈك ئادرىستىن 16 مىڭدىن كۆپرەك بار ، C تۈرلۈك ئادىرىس ئەڭ كۆپ بولۇپ 2 مىلىيوندىن ئاشىدۇ .
بىز بۇنىڭغا قاراپلا A تۈرلۈك ئادىرىس B تۈرلۈك ياكى C تۈرلۈك ئادىرىستىن ئۈستۈن ، يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ دىسەك بولمايدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ 3 تۈرلۈك ئادىرىس تەڭ دەرىجىدە بولۇپ ھىچقانداق بىقىندىلىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، IP ئادىرىسىنى ئوقۇغاندا 32 خانە (2 لىك سىستىما ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن) نى 4 بوغۇمغا ئايرىپ( ھەر بىر بوغۇمى 1 بايىت بولىدۇ) ھەر بىر بوغۇمنى 10 لۇق سىستىمىغا ئايلاندۇرۇپ ھەر بىر بوغۇمنى «.» ئارقىلىق ئايرىپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز .

مەسلەن كومپيۇتېرىڭزنىڭ IP ئادىرىسى 11001010110001000100000011000110 بولسا بۇنداق ساننى ئەستە تۇتۇپ بولغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئەستە تۇتۇش قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ 32 خانىنى 4 گورىپىغا بۆلىمىز ، ھەر بىر گوروپپا 8 خانىدىن بولىدۇ .

11001010 نى 10 لۇق سىستىمىغا ئايلاندۇرىمىز 202 .
11000100 نى 10 لۇق سىستىمىغا ئايلاندۇرىمىز 196.
01000000 نى 10 لۇق سىستىمىغا ئايلاندۇرىمىز 64 .
11000110 نى 10 لۇق سىستىمىغا ئايلاندۇرىمىز 198 .
شۇڭا سىزنىڭ IP ئادىرىسىڭىز 202.196.64.198 بولىدۇ.

دائىرە نامى (域名)
IP ئادىرىسى رەقەم تىپلىق بولغانلىقتىن ئەستە قالدۇرۇش تەس بولىدۇ شۇڭا يەنە بىر يۈرۈش IP ئادىرىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەرپ - بەلگە تىپلىق ئادىرىسلارنى ئىشلىتىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ قاتلاملىق باشقۇرۇش ئۇسۇلنى تىخىمۇ ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ .
ئۇلارنىڭ يىزىلىش شەكلى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ .
بىرىنجى دەرىجىلىك دائىرە نامى . ئىككىنجى دەرىجىلىك دائىرە نامى . ئۈچىنچى دەرىجىلىك دائىرەنامى
بىرىنجى دەرىجىلىك دائىرە نامى شۇ دۆلەت ياكى رايونىنىڭ ۋاكالەت كودىنى كۆرسىتىدۇ . (CN, JP,RU)
ئىككىنجى دەرىجىلىك دائىرە نامى ئاساسىي ئاپارات تەۋە بولغان تور خۇسۇسسىيتىنى بىلدۈرىدۇ .

مەسلەن :font.ukij.org نىڭ مەنىسىنى ئىيتىپ باقايلى :
بۇنىڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرە نامى ORG پايدا ئالمايدىغان تور نۇقتىلىرىغا ، تارماق دائىرە نامى ukij ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە ، تارماق دائىرە نامى font خەت نۇسخىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئۇھالدا font.ukij.org نىڭ مەنىسى پايدا ئىلىشنى مەقسەت قىلماي قۇرۇلغان تور بەت ئۇيغۇركومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ خەت نۇسخىسىغا مۇناسىۋەتلىك تارماق بىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .

بىرىنجى دەرىجىلىك دائىرە نامى
دائىرە سىستىمىسىدا تارماق دائىرە نامىغا نىسبەتەن ھىچقانداق ئۆلچەم بىكىتىلمىگەن، ئەمما بىرىنجى دەرىجىلىك دائىرە نامىغا ئۆلچەم بىكىتىلگەن :

Com  سودا ئورگىنى
Edu  مائارىپ ئورگىنى
Gov  ھۆكۈمەت ئورگىنى
Int   خەلقئارا ئورگان
Mil  ھەربىي تور نۇقتىسى
Net  تور مۇلازىمەت نۇقتىسى
Org پايدا ئالمايدىغان تورنۇقتىلىرى
. . . . . . . بۇ نىڭدىن باشقا ھازىر توردا كۆپ ئۇچرايدىغان biz,la,tv,tk ,asia ,cn قاتارلىقلار بار

ئىسىملار دۆلەت تەۋەلىكى بويچە ئوخشىمايدۇ

بىرىنجى دەرىجىلىك دائىرە ئىككى خىل بولىدۇ،بىرى تەشكىلات خاراكتىرلىك يەنە بىرى جۇغراپىيلىك ئورۇن خاراكتىرلىك .
يۇقارقى دائىرە ناملىرى تەشكىلات خاراكتىرلىك بولۇپ دۆلەت ھالقىغان Int دىن باشقا شەكىلدىكى تەشكىلاتلار Internet تورىنى شەكىللەندۈرگەندىلا مەۋجۇت بولىدۇ.
تەشكىلات خاراكتىرلىك دائىرە نامى خەلقئارالىق تورغا ئۇلىنشتىن ئىلگىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ ئاساسلىق ئامرىكا دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ .

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا