ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

قولغا قاراپ سالامەتلىككە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى

ۋاقتى : 2015-03-09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلىكۆرۈلىشى : قېتىم

p.jpg

تېبابەتچىلىك نوقتىسىدىن كۆزەتكەندە قول تەن سالامەتلىك ئەھۋالىدىن بەزى ئۇچۇر بېشارەتلەرنى بېرەلەيدۇ.
قولدا قىزىل سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ قالسا، بۇ يۇقىرى قان بېسىمى، رېماتىزىم، يۈرەك كېسىلىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
قولنىڭ دۈمبىسىگە ئۇششاق ئاق بۆرتمىلەر چىقىپ قالسا، بۇ خولېستېرىننىڭ زىيادە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
قول ئالىقىنى قىزىپ، قۇرغاقلاشسا، بۇ قالقانسىمانبەز فۇنكسىيىسىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول ئالىقىنىدا ئۇششاق قىزىل داغ پەيدا بولسا، بۇ جىگەر ياللۇغى ياكى دىئابېت كېسىلىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول ئالىقىنىغا، بولۇپمۇ بارماق ئۇچىغا قان تولۇپ قىزىرىپ قالسا، جىگەر قېتىش، جىگەر راكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول بارمىقى توم ھەم قىسقا، قول ئالىقىنى كەڭ ھەم قېلىن بولۇپ قالسا، بۇ قورامىغا يەتكەنلەردە بولىدىغان بەدەن ئالدى قانات ئۆسمىسى شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرى ئىششىپ قالسا بۇ سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بارماقنىڭ ئۇچى ئاقىرىپ قالسا، بۇ قان ئايلىنىشتا توسالغۇ پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بارماق ئۇچىدىكى سىزىقچىلاردا ئېرىقچە پەيدا بولۇپ قالسا، بۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياكى سەكتە خەۋپى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بارماق بوغۇملىرى قېتىشىپ ئەگكىلى بولمىسا، ئاغرىۋاتقان بولسا بۇ رېماتىزىم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بارماق ئۇچى نورمالسىز يوغىناپ، يىلاننىڭ بېشىغا ئوخشاپ قالغان بولسا، بۇ تۇغما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، ئۆپكە ۋە كۆكرەك پەردىسى يىرىڭلىق ئىششىقى، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول ئالىقىنى ۋە بارماق ئارىلىقىدىكى مۇسكۇللار يىگلەپ، توخۇنىڭ پۇتىغا ئوخشاپ قالسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سېزىمىنى يوقاتسا بۇ قول نېرۋىلىرىدىن مەسىلە چىققان، يۇلۇن كاۋاكلىشىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەتراپى نېرۋا ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللەردە پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا