ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى يېڭى بايقاشلار

ۋاقتى : 2015-03-09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلىكۆرۈلىشى : قېتىم

c.jpg

قىسقىچە مەزمۇنى: نۆۋەتتىكى تىز تەرەققىياتقا ئەگىشىۋاتقان جىددى تۇرمۇش ئېقىمى قېرىنداشلىرىمىزنى ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە بولغان ئىلمى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە نۆۋەتتىكى پەن- تەتقىقات بايقاشلىرىنى بىلىشكە تەقەززا قىلىۋاتىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دىگىنىمىز، ئۆمۈرنىڭ بىزنىڭ ساغلام بولمىغان ياشاش ئادىتىمىزنىڭ تەسىرىدە قىسقىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ماقالىدا، نۆۋەتتىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى چۈشەنچە ۋە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىللىرى ئىخچام، ئاددى، ئىشلىتىلىشچان ئۇيغۇر تىلى ۋە چۈشەندۈرمە رەسىملەر ئارقىلىق تۇنۇشتۇرۇلدى. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قېرىنداشلارنى ئۆزىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىسىگە سېلىپ تۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بۇ ماقالىنىڭ ئاساسى مەقسىدى قىلىندى.
1.كصرصش سۆزص
بىز ئۆمۈرنىڭ بىر قېتىملا كىلىشىنى بىلسەكمۇ، ئۇنىڭ قاچان كېتىشىنى بىلمەيمىز. بىلىدىغىنىمىز، بېرىلگەن ئۆمۈرنى قىسقارتماي ئاخىرىغىچە ياشاشقا تېرىشىش. ئۇنداقتا ئۆمۈر زادى قانچىلىك بولىدۇ؟ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا، ئىنساننىڭ تۇلۇق ئۆمۈرىنىڭ زادى قانچە يىل بولىدىغالىغى توغرىسىدا جاۋابى ئىنىق بولمىغان مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇرىدۇ. چوڭ ئانا، چوڭ دادىلىرىمىىزنىڭ 80، 90، ھەتتا 100 ياشتىن ئاشقانلىغىنى بىلىمىز. لېكىن بىزنىڭ دەۋرىمىزدە، ئەتراپىمىزدىكى بىز بىلىدىغان تېخى ياشىتا قېرىمىغان ياكى ئەمدىلا قېرىلىق دەۋرىگە قەدەم قويىۋاتقان (65 ياش قېرىلىقنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ) كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرىنىڭ قىسقىلا بولۇپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاپلىنىمىز ھەم گاڭگىرايمىز. ئازاپلىنىشىمىز ئۇلارنىڭ بىزدىن بۇنداق تىزلا ئايرىلغانلىغىدىن بولسا، گاڭرىشىمىز نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆمۈرى قىسقا بولۇپ قالغانلىغىنى بىلەلمەسلىكتىن، قانداق قىلىپ ئۆمۈرنىڭ قىسقىراپ كېتىشىنى ئالدىن بىلىپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىغىنى بىلەلمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەشۇ قىسقا بولۇپ قالغان ئۆمۈرنى قانداق قىلىپ ئۇزارتىش مۈمكىنچىلىگى بار بولغىيتتى دەپ ئازاپ بىلەن ئويلىنىمىز. بۇ ئۆمۈر بىرىلگەن ئۆمۈرمىدۇ ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قىسقىراپ كەتكەنمىدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپ جاۋاپسىز ئازاپلىنىمىز. يەنە، بەلكىم ئۆمۈرى شۇنداق قىسقا بېرىلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا تەسەللى بىرىشكە ئۇرۇنىمىز. يەنە شۇنداق تۇرۇپ، ئاشۇ ئۆمۈرنى ئوزارتقىلى بولامدىغاندىمىدىۋۇلا دەپ باش قاتۇرۇپ جاۋابىنى ئىزدەيمىز. ھازىرقى ئىلمى جاۋابى بولسا، ئۆمۈرنىڭ قىسقىراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئوزارتقىلى يەنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمما تەدبىرنى ئۆمۈر تۈگەشتىن بۇرۇنراق باشلىغاندىلا . ئەپسۇسكى، ئۆمۈرنىڭ قاچان تۈگۈشىنى بىز بىلەلمەيمىز، شۇڭا تەدبىرنى بۈگۈنلا باشلىغان ياخشى.
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دىگىنىمىز بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ساغلام بولمىغان ياشاش ئادىتىمىزنىڭ تەسىرىدە قىسقىراپ كېتىدىغان ئۆمۈرنى مۈمكىن بولغان دەرىجىدە (قىسقىراشتىن) تۇسۇشنى كورسىتىدۇ. ئۆمۈرىمىز قىسقىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇددى بىز كىسەل بولساق ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ ساقىيىشقا تىرىشىشىمىز بىلەن ئوخشاش "سەۋەپ قىلىش" بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە قېرىشنى تىزگىنلەش مۇھىم؛ قېرىشنى تىزگىنلەشتە، ھەرقايسى ئەزا سىستىمىلاردىكى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى داۋالاش ئارقىلىق ھاياتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم. قانداق كىسەل بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ھەممىسى ھاياتنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۆمۈرنى قىسقارتىشقا تىرىشىدۇ. بەدەندە تېخى كىسەللەر يوق ھاللەتتە، بەدەن تېخى قېرىش دەۋرىگە قەدەم قويمىغان ھالەتتە، ئۆمۈرنى ئوزارتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللۇنۇش ئەڭ ئاقىلانىلىق بولىدۇ. بۇنداق تەدبىرلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى بولالايدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھەركەتچان بولۇش، يىمەك- ئىچمەكنى كونتۇرول قىلش، ئېغىرلىقنى كونتىرول قىلىش، مىجەزنى تەڭشەپ خوشال خورام ياشاش، شۇنداقلا سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى زاماندا، نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق جاپاغا چىداپ ئىشلەپ مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشەلىسىمۇ، لېكىن ھاياتنىڭ ئالدىراش رېتىمىدە يۇقۇرىدىكى ئاددى ئەمما ئۈنۈملىك بولغان تەدبىرلەرنى ئوز تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ داۋاملاشتۇرالمايۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ تىببى ئىلىمنىڭ ھەرقايسى سىستىمىسىدىكى ئالىملار يەنىلا " ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياكى ئۆمۈرنى ئوزارتىش ئۇسۇللىرى " ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىدۇ.
" ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش " تەتقىقات بايقاشلىرىنىڭ ئاساسىنى چۈشۈنۈش، بىزنىڭ ئۈزىمىزنى قايىل قىلىپ ئۇلارنى تەپەككۇرىمىزغا ۋە تۇرمۇشىمىزغا سىڭدۇرىشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇلارنى ماھىيىتىدىن توغرا چۈشۈنىىش ئالدى بىلەن قېرىشنىڭ تىزلىشىشى ( يەنى ئەزا - تۇقۇلمىلارنىڭ قېرىشنىڭ تىزلىشىشى) ئۇقۇمىنى قىسقىچە چۈشۈنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
2. قېرىشنى چۈشۈنىش
 قېرصش بولسا ھاياتلىقنىڭ نورمال تەرەققىيات جەريانى. قېرىش ھەرگىز كىسەللىك ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ھاياتلىق ھادىسىسى. گەرچە قېرىش ئەلمىساقتىن باشلاپ داۋاملاشقان ھادىسە بولسىمۇ، بىز ئىنسانلار ئىزچىل ھالدا قېرىشقا قارشى تەدبىر تېپىپ چىقىپ ئۇنى تىزگىنلەپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنى ئورتاق ئارزۇ قىلىپ كەلدۇق. بۇ ئارزۇنىڭ تۇرتكىسىدە، ھەرخىل ئوخشىمىغان مەدىنىيەت ۋە ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئارقا كۆرىنىشىدە، قېرىشنىڭ سەۋەبىگە ئائىت ھەرخىل تىببى ئۇقۇملار بارلىققا كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن زامانىۋى تىبابەت توغرىسىدا توختىلىمىز.
2.1-ئۇيغۇر تصبابصتصدة
تەبىئەتنىڭ 4 پەسلى ئىنىق زىمىندا ياشاپ كەلگەن قەدىمقى ئۇيغۇرلار، ئىنسان ھاياتلىغىنىمۇ 4 پەسىلگە يەنى، باھار، ياز، كۈز، ۋە قىش پەسىللىرىگە ئوخشاتقان. قېرىشنى بولسا، تەبىئەتتە جانلىنىش ياكى يېڭىلىنىش ئاجىزلىغان ئاخىرقى- كۈز ۋە قىش پەسىللىرىگە ئوخشاتقان بولۇپ، قېرىشنىڭ ھازىرقى زاماندىكى بىئولوگىيەلىك چۈشەنچىسى بولغان "يېڭىلىنىش ئاجىزلاش ئۇقۇمى" غا بەك ماس كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدىمۇ، ساقلىق ساقلاش تەجىربىلىرىنى خۇلاسىلاش ئارقىلىق 4 ماددا ۋە 4 خىلىت نەزىرىيەلىرىنى ھاياتلىقنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرىغا ئىنتايىن توغرا تەدبىقلىغان ھەم " قېرىش" ئۇقۇمىغا ئىنتايىن جانلىق چۈشەنچە بەرگەن (1 - رەسىمگە قاراڭ).

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا