چىرايغا قاراپ باي-نامراتلىقنى ئايرىش ياكى چىرايغا قاراپ پال ئېچىش سەل ئەقىلگە سىغمايدۇ، ئەمما ئادەم چىرايىدىكى ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۆۋەندە «ھاياتىلىق گېزىتى» دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئاساسىدا يىغىنچاقلاپ چىققان چىرايىڭىزدىكى ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى پەرىقلەندۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسولىنى تونۇشتۇرىمىز.
كۆزئېقىنىڭ رەڭگى:ئەگەر سارغايسا بەلكىم جىگەردە مەسىلە بولىشى مۇمكىن؛ قان ئازلىق بار كىشىلەرنىڭ قاپىقى دائىم ئاقىرىپ، تاتارغان ھالەتتە بولىدۇ؛ زىيادە سېزىمچان كىشىلەرنىڭ كۆزئېقىنىڭ رەڭگى خۈنۈكىلىشىپ كېتىدۇ، نۇرسىز، ئاق-قارىسى ئېنىڭ ئايرىلمىغان بولىدۇ.
كۆزئېقىنىڭ رەڭگى:ئەگەر سارغايسا بەلكىم جىگەردە مەسىلە بولىشى مۇمكىن؛ قان ئازلىق بار كىشىلەرنىڭ قاپىقى دائىم ئاقىرىپ، تاتارغان ھالەتتە بولىدۇ؛ زىيادە سېزىمچان كىشىلەرنىڭ كۆزئېقىنىڭ رەڭگى خۈنۈكىلىشىپ كېتىدۇ، نۇرسىز، ئاق-قارىسى ئېنىڭ ئايرىلمىغان بولىدۇ.
كۆز ئەتراپى قارىداش: بەزى بىنورمال ئالامەتلەر قوشۇلۇپ پەيدا بولغان كۆزئەتراپى قارىداش بەزى چاغلاردا كېسەللىك بىشارىتى بولىشى مۇمكىن. جىگەر قېتىش، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنىش،نەپەس زەئىپلىشىش، شۇنداقلا قان كېسەللىكلىرى ياكى ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىش خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆزئەتراپى قارىداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەم ئېلىش ياخشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان كۆزئەتراپى قارداش، كېچىلىك خىزمەتنى ئازلاتقاندىلا ئاستا-ئاستا يوقايدۇ.
كۆز قاپىقىنىڭ رەڭگى: قاپاقنىڭ ئىچكى رەڭگى ئاچ قىزىل رەڭدە بولسا سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ نورماللىقنى بىلدۈرىدۇ،قىزىل رەڭدە بولسا قان ئايلىنىش، ھەزىم قىلىش، جىنسىي ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ، ئاق رەڭدە بولسا قان ئازلىقنى ياكى قان ئايلىنىشنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، سارغۇچ قىزىل رەڭ كۆرۈلسە بۆرەك، جىگەر،تال،ئاشقازان ئاستى بېزى،يۈرەك قاتارلىق ئەزالار ئىقتىدارىنىڭ بىنورماللىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كۆز پولتىيىپ چىقىش قالقانسىمان بەزدە مەسىلە كۆرۈلگەللىكىنىڭ ئىپادىسى.
كۆز پولتىيىپ چىقىش قالقانسىمان بەزدە مەسىلە كۆرۈلگەللىكىنىڭ ئىپادىسى.
بۇرۇن قۇرۇش: بۇرۇننىڭ نورمال بولغان ھاۋاتوشۇش، پۇراش سېزىمى، ئۆپكىنىڭ تەڭشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ قۇرغاق بولىشى، نەپەسلەنگەندە ئىسسىق تۇيۇلۇش ئادەتتە ئۆپكىنىڭ ئىسسىۋالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
بۇرۇن پۈتۈش: ئادەتتە ئۆپكە سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ياپۇنىينىڭ تىببىي تەتقىقاتلىرى ئىسپاتلىشىچە، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش يەنە ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىككەن، پەقەت نەپەسلىنىشنىڭ راۋان بولىشىلا كۇپايە قىلىپ قالماي، ئاشقازان-ئۈچەينى ئاسراشمۇ ئوخشاش مۇھىمكەن.
كالپۇكنىڭ رەڭگى:خۇنەن جۇڭگو تىبابىتى ئۇنۋېرستىتىنىڭ جۇڭيىچە دورا كافىدراسىنىڭ مۇئاۋىن پروففىسسورى ۋۇ خۇڭجۇەن مۇنداق دەيدۇ:كالپۇكمۇ قاپاققا ئوخشاش، ئىككىلىسى نېپىز،قاننىڭ ھالىتىنى تامامەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.كالپۇك رەڭگى سۇسلىشىپ كەتسە قىزىل قان ھۆجەيرىسىنىڭ يىتىشمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرىنى،پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش ئارقىلىق قان ئازلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.ئەگەر كالپۇك بەك قىزىرىپ كەتكەن بولسا بەدەن ئىسسىق مىجەزنىڭ تەسىرىگە ئۇچىغان بولىدۇ.بەدەن تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەپ، بەدەننىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ، ئىككى مەڭىز،كالپۇك،تىل دائىرىلىك قىزىرىپ كەتسە، مېۋە-چىۋىنى كۆپرەك يىيىش، سۇنى كۆپ ئىچىش ئارقىلىق بەدەندىكى ئارتۇقچە ئىسسىقلىنىڭ تارقىلىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ، كالپۇك رەڭگىمۇ نورماللىشىدۇ.
جاۋغاي يېرىلىش:ئاشقازان چارچاش ھالىتىدە تۇرغاندا بەدەندە ئىچكى ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىپ،جاۋغاينىڭ قىزىرىپ ئىشىپ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تاماق يىگەندە كۆپرەك چايناش،يىمەكلىكنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلىشى، ھەزىم قىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئىچكى «تېمپىراتۇرىسى»نى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، جاۋغاينىڭ يېرىلىشىمۇ توختايدۇ.
شۆلگەي ئېقىش:ئەتىگىنى تۇرغاندا ياستۇقىڭىزغا شۆلگەي ئاققانلىقىنى بايقامسىز؟ شۆلگەي ئېقىش بەلكىم ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى،سۇ تولۇق سۈمۈرۈلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاشقازان-ئۈچەيدە تۇرۇپ قېلىپ شۆلگەينىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئېغىزغا يىغىلىپ قالىدۇ. ئەگەر دائىم ئاشقازان-ئۈچىيىڭىزنىڭ كوكىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بۆلىمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
قۇلاق قىزىرىش:جۇڭيى نەزىرىيسىدە قۇلاق بۆرەكنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك. قۇلاق سۇپرىسىنىڭ قىزىل ياكى بىنەپشە رەڭدە بولىشى بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى.ھاراقنى ئاز ئىچىش،ئىنچىكە تەييارلانغان يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش،كۆپرەك ھەركەت قىلىش ئارقىلىق ئايلىنىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش كېرەك.
قۇلاق يۇمشىقىغا قورۇق چۈشۈش:قان تومۇر قېتىش كېلىپ چىققاندا قۇلاققا كېلىدىغان قان مىقدارى ئاز بولغانلىقتىن قورۇق شەكىللىندۇ.قۇلاق يۇمشىقىدا قورۇق ھاسىل بولغاندا يۈرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
تىل تىتىرەش:ئەينەككە قاراپ تىلىڭىزنى چىقارسىڭىز بىلىنەر بىلىنمەس تىتىرىسە روھىي جىددىيىلىك،جىسمانىي ھارغىنلىقنىڭ ئىپادىسى.تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە%70تىن ئارتۇق كىشى تىلىنىڭ تىتىرەيدىغانلىقىنى بايىقىغان.خىزمەت-ھاردۇق ۋاقتىنى ياخشى تەڭشەش كېرەك،ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە نېرۋا ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تىل قىزىرىش:قاندىكى كېرەكسىز ماددىلار ئېشىپ كەتكەندە تىلنىڭ رەڭگى بىنەپشىگە ماھىل قىزىرىپ قالىدۇ.ئەگەر مۈرە ۋە بەل قوشۇلۇپ ئاغرىش بولسا، بەدەندىكى «كېرەكسىز ماددىلار»نىڭ توپلىنىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.بىر ھەپتە سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلىنىش ياكى ھورداققا چۈشۈش ئارقىلىق يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
تىل گېزىنىڭ شەكلى،رەڭگى:تىل گېزى بەك قېلىن بولسا، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ناچار ياكى يىمەك-ئىچمەك زىيادىلىكنىڭ ئىپادىسى؛تىل گېزى بەك نېپزى بولۇش ھەمىشە ئەتىياز،كۈزدە كۆرۈلىدۇ، بۇ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى؛تىل گېزى سارغىيىپ قالسا زۇكامنىڭ بىشارىتى، ئىسسىق يۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىلمان قايناقسۇ ئىچىش زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
مەڭىزنىڭ قىزىرىشى:نورمال بولغان مەڭىزنىڭ رەڭگى ئوتتۇردىن ئەتراپقا كېڭەيگەن سۇس قىزىل بولىدۇ، يۈز قىسمىدا سەۋەبسىزلا قېنىق قىزىللىقنىڭ پەيدا بولىشى يۈرەكنىڭ ھارارىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ،ھەمىشە كەيپىيات ناچارلىشىش، ئالقان ۋە تاپانلار قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. غەرىپ تىبابىتىدىمۇ يۈز قىزىرىش قىزىتما ئۆرلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ، قېنىپ بىر ئۇخلاش ئارقىلىق ياخشىلانغىلى بولىدۇ.
يۈز رەڭگى:يۈز تاتىرىش كەم قانلىقنىڭ ئىپادىسى.ئۆپكە سىغىنچانلىقى ناچار كىشىلەرنىڭ قان ئايلىنىشى ئاستا بولغاچقا ئاسانلا چىرايى تاتىرىش كېلىپ چىقىدۇ.ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتىن باشقا ئاستا يۈگىرەش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلەر ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.بۆرەكنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارى ناچارلاشقاندا كېرەكسىز ماددىلار بەدەندە يىغىلىپ تېرىنىڭ رەڭگىنى خۈنۈكلەشتۈرۋېتىدۇ، چىراي قارىداپ كېتىدۇ،يېڭى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپ يىيىش گۆشنى ئاز يىيىش كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىگە پايدىلىق.