ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

چىشىڭىزغا ئائىت تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە سەل قارىماڭ

ۋاقتى : 2015-03-07  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلىكۆرۈلىشى : قېتىم

o.jpg

ئادەتتە بىز ئېغىز بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىنتايىن كىچىك مەسىلە دەپ سەل قارايمىز، ئەگەر مەسىلە كۆرۈلسىلا ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن قىيىن..تۆۋەندە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر قانچە تۈرلۈك مەزمۇن بېرىلدى.
  1. ئۇخلاش قىياپىتى توغرا بولمىسا «ھىڭگاڭ چىش بولۇپ قالىدۇ»
  كالىفورنىيە شىتاتى چىش تېبابىتى دوكتۇرى سلەۋىن:«ھەمىشە يانچە يېتىپ ئۇخلىغاندا، مەيلى ئوڭ تەرەپ بولسۇن ياكى سول تەرەپ بولسۇن، ھەممىسىلا چىش سۆڭىكى ۋە يۈز قىسمى سىقىپ چىقىرىلىدىغانلىقتىن، چىش ۋە يۈز قىسمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تەكشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئېغىرراق بولغان مىساللىرىدىن ئاساسلىقى ھىڭگاڭ چىش بولۇپ قېلىش، ئۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ ئېغىرراقلىرىدىن يۈز قىسمى غەيرىي شەكىلدە بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. نورمال ئەھۋالدا، چىش رەتلىك بىر قاتار تىزىلىدۇ، ئەمما ئەگەر چىش رەتلىك تىزىلمىغاندا چاينىغاندىكى بېسىم چىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چىش تەكشى بولمىغاندا باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رەتسىز چىشلارنى تەكشىلىگەندە ئاغرىقمۇ يوقايدۇ.
 2. سېغىز باكتىرىيلەرنى تازىلىيالمايدۇ
  ئەگەر سىز ئېغىز بوشلۇقىڭىزدىكى زىيانلىق باكتىرىيلەرنى تازىلىماقچى بولۇپ، داۋاملىق سېغىز چاينىسىڭىز شۆلگەي ئاجرالمىسى تېخىمۇ كۆپ ئاجرىلىپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق قىممىتىنى pH5.5 ئەتراپىدا ساقلىيالىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سېغىزنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتىرىيلەرنى تازىلىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولساق، سېغىز چاينىغانغا قارىغاندا، توغرا ئۇسۇلدا چىش چوتكىلاش كۆپ ياخشى.
  3. چىش مىلىكى قاناپ كەتسە دىئابىت كېسىلى ئىكەنلىكىڭىزدىن پەخەس بولۇڭ
  ئىللىنۇئىس شىتاتى چىش تېبابىتى دوكتۇرى:«دېئابىت كېسىلىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بەلگىلىرىدىن بىرى چىش مىلىكى قاناش» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە:«مەن بارلىق چىش مىلىكى قاناپ كەتكەن ۋە چىش ئەتراپ سۆڭىكى بوشاپ كەتكەن بىمارلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈپ باقتىم، نەتىنجىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ياكى دېئابىت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى» دىگەن.
4. گازلىق سۇ بولسا چىشنىڭ «سۇيۇق ھالەتتىكى ئېلېكتېرلىك ئوتىغۇچىسى»
 ۋىسكونسىن شىتاتىدىكى چىش تېبابىتى دوكتۇرى:«مەن گازلىق سۇنى سۇيۇق ھالەتتىكى ئېلېكتېرلىك ئوتىغۇچ دەپ ئاتىدىم، ئۇ چىشنى چىرىتىۋېتىدۇ. گازلىق پەقەتلا تاتلىق ئىچىملىك ئەمەس، ئۇنىڭدا بىر خىل كىسلاتالىق تەركىب بار. گازلىق سۇ، لىمون شەربىتى دىگەندەك گازلىق سۇ ئىچكەندە، ئەڭ ياخشىسى نەيچە ئىشلىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، كىسلاتالىق تەركىبنىڭ چىش ئېمال ماددىسىنى بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىتىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.
  5. چىشقا چاپلايدىغان فار-فور چىش چاپلىقىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك
  چىش تېبابىتى دوكتۇرى كارلىن:« چىش يۈزىگە چاپلايدىغان فار-فور چىش چاپلىقىنى كىشىلەر قالايمىقان ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى. بىر قىسىم بىمارلار چىشىنى يۇغۇزماقچى بولغاندا، بىر قىسىم ئامبولاتورىيلەر چىشنىڭ بىر قەۋەت يۈزىنى چىقىرىۋېتىپ، چىش چاپلىغىنى چاپلاش تەكلىبىنى بېرىدۇ. چىش چاپلىغى چىشنى مۇستەھكەم قىلالىسىمۇ، ئەمما ئەگەر پەقەتلا چىشىڭىزنىڭ ئاپئاق بولۇشىنى ئويلىغان بولسىڭىز، چىشىڭىزغا چىش ئاقارتقۇچى ئاگېنىتنىلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ» دىگەن
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا