بالىلارنىڭ خورەك تارتىشىغا سەل قارىماڭ مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، بالىلاردىكى خورەك تارتىش ئىممۇنېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن . بەزى بالىلاردا ھەرىكەت ئاز بولۇشتىن ئىممۇنېت كۈچى تۆۋەنلەپ ، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدىكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ، تەكرار ياللۇغلىنىش ، سەمىرىپ كېتىش سەۋەبىدىن خورەك تارتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن .
مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، خورەك تارتقاندا ، قۇرغاق ھاۋا بىۋاستە كېكىردەكنى غىدىقلاپ كېكىردەك ياللۇغى ، كاناي ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن ، بالىلارنىڭ يۈزىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، غەيرىيى يېتىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەم بالىلارنىڭ پىسخىلوگىيەلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن ، شۇڭا بالىلاردا بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتۈشى كېرەككەن