ئاۋېسترالىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلق بەك كۆپ تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن تاماكا چىكىشنىڭ خۇددى سىمىزلىككە ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى، بۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنى تەخمىنەن 22 مىنۇت قىسقارتىۋىتىدىكەن.
دوختۇرلار دائىم كۆپ تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ بىراق ئەزەلدىن بىرەيلەن ئۇنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر قىسقارتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ باقمىغان ئىدى. ئامېرىكا ۋە ئاۋېسترالىيە ساغلاملىق مىنىستىرلىكى ئىزچىل بالىلارنىڭ ھەركۈنى تېلېۋىزور كۆرىدىغان ۋاقتىنىڭ ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بىراق يېڭى تەتقىقاتتا قورامىغا يەتكەنلەرمۇ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىغا چەك قويۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كۈۋىنسىلەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىروفىسسورى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى 1999- يىلىدىن 2000يىلىغىچە، 11247 ئاۋېسترالىيەلىككە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ ئارقىلىق تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىزدەپ چىققان.ئۇلار بىر كۈندە ئالتە سائەت تېلېۋىزور كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ تېلېۋىزور كۆرمەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا 4.8 يىل قىسقا ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى.تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە،تېلېۋىزور كۆرۈش كىشىلەرنى بىر ئورۇندىن مىدىرلىماس ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدىكەن،تېلېۋىزور قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ۋاقتىنى ئېلىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭدا ئۇلار سالامەتلىكىگە ئىتىبارسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
ئەنگلىيەلىك پىروفىسسور سەلى.دەيۋىس مۇنداق دېدى:« بۇ تەتقىقاتلار يەنە بىر قېتىم ھەركۈنى كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بىر جايدا ئۇزۇن ئولتۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىز بۇ تەتقىقاتلار ئارقىلىق كىشلەرگە سالامەتلىكنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەرخىل مەسىلەن،پىيادە مېڭىش،يۈگۈرۈش قاتارلىق .