ئورنىڭىز : باش بەت > ئۇيغۇرچە فونت > خەت نۇسخىسى > UKIJ Kufi Uz
UKIJ Kufi Uz
  • ھۆججەت چوڭلۇقى : 0.08 MB
  • خەت فورمات شەكلى : UNICODE
  • ھۆججەت تۈرى : .TTF
  • ئىجرا مۇھىتى : /Win/Android/MAC
  • خەت ياسىغۇچى : ئورگان تورى
  • يېڭىللانغان ۋاقىت : 01-01
  • تەۋسىيە دەرىجىسى : بەش يۇلتۇز
سىز نۆۋەتتە ئىشلەتمەكچى بولغان UKIJ Kufi Uz خەت نۇسخىسى ھەققىدە: بۇ خەت نۇسخىسنىڭ قانۇنى ھوقۇقى ئەسلى ياسىغۇچىغا مەنسۇپ،ئەگەر خەت ياسىغۇچىنىڭ (سىزنىڭ) باشقا پىكىرىڭىز بولسا تىزدىن ئالاقىلىشىڭ،ئىشلەتكۇچىلەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ مەسىلە كۆرۇلسە تور بىتىمىز مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.ئالاقىلىشىڭ
خەت نۇسخىسى ھەققىدە
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى MS-DOS ،Windows 3.1 ،Windows 95/97 ،Windows 98 ،Windows 2000 ۋە Windows XP لەردە ھەر خىل نام، ھەر خىل «ئۆلچەم» لەردە ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرچە Unicode ئىشلەتكەن ئەڭ دەسلەپكى خەت نۇسخىلىرى 2002- يىلى ئىيۇندا بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن Unicode ئۆلچىمى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ سانى ۋە ناملىرىمۇ كۆپىيىپ (تولۇقسىز سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 30 نەچچە خىل خەت نۇسخىسى 500 نەچچە خىل ئوخشىمىغان نامدا ئىشلىتىلگەن) بىر قىسىم قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىققان. جەمئىيىتىمىز ئۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە خەت نۇسخىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىختىيار قىلغان خەتتاتلار، كومپيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى، شىركەتلەر ۋە باشقا ئەزالاردىن پىكىر ئالغان. شۇ ئارقىلىق، 2004- يىلى دېكابىر ئېيىدا ئاشۇ خەت نۇسخىلىرى تۈنجى قېتىملىق رەتلەش ئارقىلىق خەت نۇسخىسى ناملىرى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرۇلغان ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
2006- يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ 2-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش ئېلىپ بېرىلىپ بۇرۇنقى خەت نۇسخىلىرىنىڭ ناملىرىغا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، بۇرۇن ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزەش، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەرنىمۇ قوشۇش، باسمىدا ئىشلىتىدىغان بەلگىلەرنىمۇ تولۇقلاش، ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىلىرىدا يېزىلغان تېكىستلەرنىمۇ نورمال كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش قاتارلىق تۈزىتىشلەر ئېلىپ بېرىلىپ مەتبەئە ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن.
كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى («ﺋﺎ، ﺌﺎ، ﺋﻪ، ﺌﻪ، ﺋﻮ، ﺌﻮ، ﺋﯘ، ﺌﯘ، ﺋﯚ، ﺌﯚ، ﺋﯜ، ﺋﯥ، ﺌﯥ، ﺋﯧ، ﺋﻰ، ﺌﻰ، ﺋﯩ» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا، ھەمدە «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەچكە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى بىلەن 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ھالداخەت نۇسخىلىرىدا «ھ» نىڭ 2 خىل شەكلىنىلا ئىشلىش قېلىپلاشتى.
مەتبۇئات-باسما خەت نۇسخىلىرى ئالاھىدىكى: مەتبەئە ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلغان، خەت نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرپ-بەلگىلەر 800-1400 گىچە بولۇپ ئۇلار ئەرەب، پارىس، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىلى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەلىرىدىكى بارلىق ھەرپلىرى؛ لاتىن، سلاۋيان (كىرىل)، گرېك ھەرپلىرى ۋە مەتبەئەدە ئىشلىتىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر، تىنىش بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈردىكى خەت نۇسخىلىرى كىتاب-ژۇرنال، گېزىت، ماقالە يېزىش ۋە بېسىش ئىشلىرىغا بەكرەك ماس كېلىدۇ.
ئېكران يۇزى خەت نۇسخىلىرى ئالاھىدىكى: تور بەتچىلىك، يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە ماسلاشتۇرۇلغان، خەت نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرپ-بەلگىلەر 800-1000 گىچە بولۇپ، ئۇلار ئەرەب، پارىس، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىلى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەلىرىدىكى بارلىق ھەرپلىرى؛ لاتىن، سلاۋيان (كىرىل)، گرېك ھەرپلىرى ۋە مەتبەئەدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر، تىنىش بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھۆسنخەت نۇسخىلىرى ئالاھىدىكى: ئاساسلىقى گۈزەل-سەنئەت لايىھەچىلىكى، ئېلان سۆزلىرى، ماۋزۇ قاتارلىق ئىش تۈرلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش دائىرىسى ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھۆسنىخەت نۇسخىلىرىنىڭ ئىخچام ۋە يېقىشلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپ-بەلگىلەر؛ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، قازاق لاتىن يېزىقىدىكى بىر قىسىم ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا 400 دانە ھەرپ-بەلگىلەرلا كىرگۈزۈلدى.
Mac OS X ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان خەت نۇسخىلىرى ئالاھىدىكى: ئالما كومپيۇتېرى ۋە ئالما يانفونلىرىدا نورمال ئىشلەيدۇ. سىستېما خەت نۇسخىسى قىلىشقىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ، بارلىق ئالما يۇمشاق دېتاللىرىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى نورمال كۆرىنىدۇ.
بۇ خەت نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆركەم.....
  • ئاۋاتلىق قاتارى
  • 二维码