چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى---ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
(دەرس مارشى)
يورۇيدۇ ئۆگەنگەنسېرى ئىنساننىڭ دىلى.
كى ئاڭا ئۇل باسقان مەھمۇد كاشغەرىي مەزمۇت،
بىنا قىلىپ پۈتتۈرگەن ئەلىشىر نەۋائىي.
«چاغاتاي تىلى» دەيدۇر ئۇنى خەلقئارادا،
چاغاتاي خانلار قىلغانلىقتىن دەۋلەت تىلى.
ئۇندىن بۈيۈك مەدەنىيەت ھالقىسى بولغان،
تارىم بويى، ئورتاسىيا - پۈتكۈل تۈرك ئېلى.
«قىسەسۇل ئەنبىيا»(1) دۇر ئۇنىڭ باش پاسىلى،
«يىللارغا جەۋاب»(2) مۇ ئۇنىڭ ئېسىل ھاسىلى.
قوللانغان ئەجدادلار ساق ئالتە ئەسىرگىچە،
يېزىلغان ئۇنىڭ بىلەن ئەسەرلەر نادىرى.
ئاماننىساخان رەتلىگەن ئۇيغۇر مۇقامى ،
ئاھاڭ يارقىن، تېكىست گۈزەل يوقتۇر مىسالى.
ئوقۇدۇق، ئوقۇيمىز ئەبەدۇلئەبەد، چۈنكى-
ئانا تىلىمىزدۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى!
2014-يىل 3-سىنتەبىر، چارشەنبە، بېيجىڭ.
ئىزاھات: (1) «قىسەسۇل ئەنبىيا»: مىلادىيە 1310-يىلى يېزىلغان ناسىرۇددىن رابغوزىينىڭ ئەسىرى.
(2) «يىللارغا جەۋاب»: 1944-يىلى يېزىلغان لوتفۇللاھ مۇتەللىبنىڭ نادىر ئەسىرى.