سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تىل سىياسىتى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تىل سىياسىتى


ۋاڭ شاڭدا   ۋاڭ ۋېن


ئۆتمۈشكە نەزەر : چارروسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تىل سىياسىتى
16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چارروسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. بۇ چاغ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھازىرقى مىللەتلەر ئاساسى جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان ۋاقىت ئىدى، شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئىشلىتىۋاتقان تىللارمۇ شۇ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشتىكى ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۆلۈنۈشكە ۋە پەرقلىنىشكە باشلىغانىدى. 16-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى چوڭ مىللەتلەرنى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلگىلى بولىدۇ. بىرى تەلەپپۇز ۋە سۆزلۈكلەردە تۈرك تىلى بىلەن ئوخشىشىدىغان تۈركى تىللار. مەسىلەن قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئۆزبېك، قارا قالپاق. يەنە بىرخىلى ئىران پارس تىلى بىلەن ئوخشىشىدىغان تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىسلام دىنى سەۋەبىدىن، ئەرەب تىلىنىڭ تەسىرىمۇ بار. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياۋروپا تىللىرىنىڭ (سىلاۋيان تىلى، لاتىن تىلى قاتارلىقلار) تەسىرى يوق دىيەرلىك.
1891-يىلى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا پۈتۈنلەي چارروسىيە تېررىتورىيىسىگە كىردى. روسلارنىڭ يېتىپ كېلىشى ئوتتۇرا ئاسىيادا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. چارروسىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسچە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى، زور كۈچ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇس مەدەنىيىتىنى تارقاتتى، ھۆكۈمەتنىڭ پەرمان -قانۇنلىرىدا ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىدا ئاساسى جەھەتتىن رۇس تىلىنى ئىشلەتتى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەسلىدىكى مەدەنىيەتلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مىللى تىلىنى بولسا چەكلەش كويىدا بولدى. يەنە بىر جەھەتتىن، چارروسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەرەب تىلىدا ياكى پارس تىلىدا قۇرئان كەرىمنى يادلىشى، ئوقۇشىنى قاتتىق چەكلىدى. ھەم شۇنىڭ بىلەن تەڭ، چارروسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا نۇرغۇن روسچە مەكتەپ قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى نابۇت قىلدى ھەمدە بىر قىسىم تالانتلىق ۋە ئىستىقباللىق ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ مەخسۇس رۇس مەدىنىيىتىنى ئۆگەتتى ۋە شۇلار ئارقىلىق رۇس تاجاۋۇزچىلىرى ھەم يەرلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك ھاسىل قىلدى. بۇ خىل تىل سىياسىتى شۇ دەۋىردە بىر قەدەر ئىلغار بولغان رۇس مەدىنىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ كىردى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتتى. خۇددى ئېنگىلىس ئېيتقاندەك: «روسىيەنىڭ ئىشغالىيىتى مەيلى قانچىلىك ئىپلاس بولىشىدىن، سىلاۋيانلارنىڭ قانچىلىك پاسكىنىچىلىقنى ئېلىپ كىرگىنىدىن قەتئىينەزەر قارا دېڭىز، ئىچكى دېڭىز، ئوتتۇرا ئاسىياغا مەدەنىيەت جەھەتتىن كۆپ تەسىر قىلغان».
لېكىن، چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىل سىياسىتىدە سېستىمىلىق، سىجىللىق ۋە ئىستىراتىگىيە قاتارلىق ئامىللارنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن، رۇس تىلىنى پۈتۈن رۇس ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىشقا ئۇرۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبلەردىن تىل سىياسىتى ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. بۇنى ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن، تىل سىياسىتى جەھەتتىن قارىغاندا، چارروسىيە ھۆكۈمىتى پەقەت نوقۇل ھالدا رۇس تىلىنى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە زورلاپ تېڭىش بىلەن مەشغۇل بولدى، بۇ خىل سىياسەت ئوبېيىكتىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش كۈچى ۋە سىياسەت ئومۇملاشتۇرغۇچىلىرىنىڭ يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قاتارلىق ئالاھىدە مەدەنىيەت ئامىللىرىغا كۆڭۈل بۆلمىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-باشلىرى، سىياسەت ئوبىكتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى يەنىلا نىسبەتەن ئارقىدا قالغان ھالەتتە ئىدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا پەقەتلا قازاق، ئۆزبېك ۋە تاجىك خەلقلىرىنىڭلا سېستىمىلىق يېزىقى بار ئىدى. گەرچە بۇ مىللەتلەرنىڭ يېزىقى بار بولسىمۇ ئۇ تېخى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەھەرلەردە ئىشلىتىلگەن ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان، تارقىلىشى يۇقىرى ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ساۋادسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى. چارروسىيە مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ 9ياشتىن 49ياشقىچە بولغان كىشىلەرگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 1987-يىلى، بۇگۈنكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان چېگرىلىرى ئىچىدە ساۋاتلىقلار نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %8.1، %3.1، %2.3، %7.8 ۋە %3.6 بولغان. خانىم-قىزلارنىڭ ساۋاتلىقلار نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان. بۇ خىل نىسبەتەن قالاق بولغان ھالەت تىل سىياسىتىنىڭ ئوبىكتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ رۇس تىلى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى قاتتىق چەكلەپ قويغان. بۇخىل يۇقىرى ساۋادسىزلىق، تۆۋەن مەدەنىيەت ساپالىق ھالەتنى ئۆزگەرتىش سىياسەت يۈرگۈزگۈچىلەرگە تايىنىدۇ، يەنى چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېستىمىلىق مەدەنىيەت تەربىيىلەش سىياسىتى يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، چارروسىيە تەرەپلىرىنىڭ نەزىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئورنى بالتىق دېڭىزى ۋە شەرقى ياۋروپا خەلقلىرىگە يەتمەيدۇ دەپ قارىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەن. يەنە بىر جەھەتتىن سىياسەت يۈرگۈزگۈچى بولغان چارروسىيىنىڭ جەمئىيەت مەدەنىي تەرەققىياتىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن. 1897-يىلى،  چارروسىيە گىراژدانلىرىنىڭ ساۋاتلىقلار نىسبىتىمۇ ئاران 28.4%بولغان، ئاياللارنىڭ بولسا ئاران %16.6بولغان، بۇ سەۋىيە غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كۆپ تۆۋەن ھەم ياۋروپادا ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋادسىزلار نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولغان. شۇنداق بولغاچقا، چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تىل سىياسىتىمۇ «ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق» بولۇپ قالغان.

يەنە بىر جەھەتتىن، مىللى كىملىك جەھەتتىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى تارىختا تۈرك، ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان، ئاھالىلىرىمۇ ئاساسى جەھەتتىن چارۋىچى مىللەتلەرگە كىرىدۇ. گەرچە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھازىرقىدەك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدا ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردە مىللى تەۋەلىك ۋە تۈرلىرىنى بەلگىلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ دەۋر ئاھالىلىرى دىنى ئېتىقادىغا ئاساسەن كىملىكىنى ۋە مايىللىقىنى بەلگىلىگەن. مىلادى 10-ئەسىردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. ئەرەب تىلىنىڭ ئورنى ئۆستى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىختا تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە روشەن ئۇچرىغان، تىل ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىنىڭ كەينىگە كۈچلۈك بولغان تۈركلەشكەن ۋە ئىسلاملاشقان كىملىك يوشۇرۇلغان. بۇ خىل كىملىك قارىشى شۇ جايلاردىكى مىللەتچىلىكىنى ھاسىل قىلدى، ھەمدە شۇ خىل كۈچنىڭ مەلۇم بىر خىل كۈچ بولۇپ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز مىللى تىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستىكىنى قوزغىدى، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، قازاق تىلى، تۈركمەن تىلى ۋە ئۆزبېك تىللىرىنىڭ يېزىق سىستېمىسى دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا شەكىللەنگەنىدى. دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ راۋاج تاپقان پانئىسلامىزىم ۋە پانتۈركىزىم دەل موشۇ خىل مىللى تونۇشنىڭ رىئاللىقتىكى ئەكس ئېتىشىدۇر.

قىيىن شارائىت: تىل سىياسىتى توغرىلىق تالاش-تارتىش
ئوبىكتىپ جەھەتتىن ،چارروسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈرگۈزگەن تىل سىياسىتى قاتتىق مەغلۇب بولغان. مەسىلەن بەزى مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە يېزىقى رۇس تىلى تەرىپىدىن ئاسىمىلياتسىيە بولمايلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۈچىنى كۆرسەتكەن. 19-ئەسىرنىڭ 80-90-يىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىدا چىقىرىلغان نەشىر بويۇملىرى تارقىتىلىشقا باشلىغان، ئىچىدە ئاڭ داڭلىقلىرىدىن مۇسۇلمانلار جەدىت ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى ئىسمائىل غاسىپرالى ۋۇجۇدقا چىقارغان «تەرجىمان»گېزىتى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئاۋانگارت زىيالىيلارنىڭ چارروسىيىنىڭ تىل سىياسىتىگە بارغانسېرى قارشىلىقى كۈچەيگەن. 1914-يىلى چاقىرىلغان روسىيە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەيرى رۇس تىلى مائارىپى تارماق يىغىنىدا (غەيرى رۇس تىلى-ئانا تىلى رۇس تىلى بولمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ)، غەيرى رۇس مىللىتى ۋەكىللىرى «ئانا تىل»دا شۇ مىللەتكە دەرس ئۆتۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن روسىيە ھۆكۈمىتى قانۇن ئارقىلىق ئانا تىلنىڭ باشلانغۇچ مائارىپنىڭ بىرىنجى، ئىككىنجى يىللىقىدا ئوقۇتۇشتىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيىنىڭ شۇ رايونلارغا قاراتقان مەغلۇپ بولغان تىل سىياسىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەمئىيەت تىل-مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمەيلا قالماستىن، يەنە تېخى چارروسىيىنىڭ شۇ رايونلاردىكى مۇستەملىكىسىگە تەھدىت سالدى، بۇ بىر قاتار خاتالىقلار كېينكى سوۋېت ئىتتىپاقىغىمۇ زور توسالغۇ ۋە قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
1895-يىللىرىدىلا لېنىن «ھەممە مىللەت باراۋەر» دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. 1903-يىلى بولشىۋېكلار پارتىيىسى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ تىل مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئسىتىراتىگىيىلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. مەركەز ئىدىيىسى ئېقىمىدىكىلەر يەنىلا رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىچە تىلنىڭ ئىشلىتىلىشى مىللەتنىڭ كىملىك قارىشى كۆرسەتكۈچى. مىللى كىملىك بولسا «مىللەتنىڭ يادرولۇق ئالاھىدىلىكىنىڭ شەخسى ھېسىياتقا تاقىلىشى». رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتى غەيرى روسلارنىڭ رۇسىيىگە مايىل بولىشىغا، روسىيەدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللى ھېسسىياتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆپ خىللىق ئېقىمىدىكىلەر بولسا كۈچىنىڭ بارىچە رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە تىل سىياسىتى بىر ناھايىتى مۇرەككەپ جەريان، ئۇ تىلشۇناسلىق، جەمىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە ۋە مۇھىتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆزگىرىشچان ئامىللارغا چېتىلىدۇ، يېنىكلىك بىلەن يولغا قويۇلغان رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق بولۇپلا قالماي بەلكى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر مەيدان تالاش-تارتىشنىڭ كەينىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك پەرقى يوشۇرۇنغان ئىدى، بۇ ھەم سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلغان ۋاقتىدىكى بىر چوڭ قىيىن شارائىت ئىدى. سىياسەتنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا، سوتسىيالىستىك جەمىيەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىل سىياسىتى جەزمەن چاررۇسىيە دەۋرىدىكى ئېزىش ۋە زورلاش ۋاسىتە قىلىنغان رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن پەرقلىنىشى كېرەك، بۇ سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن سوتسىيالىستىك جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەر مىللەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە باراۋەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى، چوڭ كۈچ بىلەن مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە يېزىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، سىياسەتنىڭ دۆلەتكە بولغان تەسىرىدىن ۋە سوتسىيالىزىمنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىدىن قارىغاندا، بارلىق مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى پەرقلەر يوقىتىلىشى كېرەك، بىر خىل ئورتاق تىل شەكىللەندۈرۈلۈپ، پۈتكۈل سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ سىياسى بەلگىلىمىسىگە، ئىقتىسادى قۇرۇلىشى ۋە جەمئىيەت مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ھەممە مىللەتنى سوتسىيالىزىمنىڭ ئورتاق گەۋدىسىگە كىرگۈزۈش كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ قىيىن شارائىت سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەركەزگە ئېغىش ۋە مەركەزدىن قېچىشتەك بىر تالاي ئېغىر مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ، ھەم سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ 70يىللىق ھاياتىدا باشقا سىياسەتلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە يۈرگۈزۈلىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆپ تەسىر كۆرسەتتى.
شۇ سەۋەبتىن، يېڭى قۇرۇلغان سوۋېت ھۆكۈمىتى مەركىزى ئىدىيە ئېقىمىدىكىلەر ۋە كۆپ خىللىق ئېقىمىدىكىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئۇنۋېرسال قوبۇل قىلدى، ھەمدە <<كورىنزاتسىيا>>دەپ ئاتالغان(يەرلىك مىللەتلەشتۈرۈش) تىل سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى: تەرەققى قىلغان رايونلاردا مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك (رېسپۇبلىكا)سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر تىلىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى كاپالەتلەندۈردى. تەرەققى قىلىۋاتقان چەت رايونلاردا، يۆلەش ھەم مىللى مەدەنىيەت ۋە تىلنى راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ خىل تىل سىياسىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلغاندىكى قىيىن شارائىتىنى ھەل قىلدى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ۋە ھەر قايسى سىنىپتىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەت رايونلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەبىئىي ھالدا يۆلەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئوبىكتى بولدى. بۇ خىل يۆلەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش پەقەتلا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە نۇرغۇن مىللى تىل يېزىقنى بەرپا قىلىشتىلا ئىپادىلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر خىل مىكرولۇق سىياسى ۋاسىتە ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ پان ئىسلامىزىم ۋە پان تۈركىزىم بىلەن بولغان تەبى باغلىنىشىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

ساۋاتسىزلىقنى يوقىتىش: لېنىن دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تىل سىياسىتى
1917-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، يېڭى قۇرۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى «رۇسىيە ھەرمىللەت خەلقى ھوقۇق باياناتى»نى تەستىقلىدى، ھەم بىر يۈرۈش چاررۇسىيە دەۋرىدىكىدىن پەرقلىق بولغان سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، «روسىيە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەر ۋە مۇستەقىللىقى» كاپالەتلەندۈرۈلدى.
لېكىن خۇددى ئالدىدا ئېيتقاندەك، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ساۋادسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ سېستىمىلىق يېزىقى يوق. شۇڭلاشقا «كورىنزاتسىيا» پىلانىغا بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەسلەپكى سىياسەتلىرى «ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە يېزىق يېڭىلاش، بارلىققا كەلتۈرۈش»نى چۆرىدىگەن ھالدا يۈرگۈزۈلدى. لېنىن بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ساۋاتلىقلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك. چۈنكى كوممۇنىزىمغا تۇتۇشىدىغان پىرولتارىيات ئىنقىلابىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇشۇ يەردە». 1919-يىلى، «روسىيە نوپۇسى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش قانونى» ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈرگۈزۈلدى.
بۇ قانوندا «8ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان بارلىق ساۋادسىز گىراژدانلار جەزمەن خەت تونۇشى كېرەك، روس تىلى ياكى ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتىن بىرىنى تاللاشقا بولىدۇ»دەپ بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ ساۋات چىقىرىش ھەركىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كۆپلەپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە مەكتەپ تورى ھاسىل قىلدى.«بىر بىرىنى يېتەكلەش»نى شوئار قىلغان بەزى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەشكىلاتلىرى تۇشمۇ تۇشتىن قۇرۇلدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى ساۋادسىز ۋە چالا ساۋاتلىقلار ئۈچۈن مەخسۇس گېزىت-ژۇرنال چىقارغۇزدى، ئەڭ ئاددى يېزىق ۋە رەسىملەر بىلەن ھېكايە چۈشەندۈردى. دەرسلىكلەر بولسا ھەم روسچە ھەم يەرلىك مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈلدى، بىر مەۋسۈم 3ئاي، كېيىن 6~8ئايغا ئۇزارتىلدى. بەزى ساۋادسىزلىق تۈگىتىش ئورۇنلىرى كىگىز ئۆيلەرگە قۇرۇلۇپ، چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. ئاياللارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئەر-ئاياللارغا ئايرىم سىنىپ ئاچتى ۋەھاكازالار…بۇ خىل ساۋاد چىقىرىش ھەرىكىتى كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 1959-يىلى،ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىلىرىنىڭ ساۋادسىزلىق مەسىلىسى ئاساسەن ھەل بولدى.

ئەلۋەتتە، بۇ 30يىلغا سوزۇلغان ساۋاتسىزلىقنى يوقىتىش ھەركىتى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش بىلەن زىچ باغلانغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش دەرسلىكلىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆت مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق ئىشلەپ چىقىرىش، سوۋېتنىڭ بىرلىكى، سوۋېتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى. دەسلەپكى دەرسلىكلەرنىڭ مۇقاۋىسىغا «بىز سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز»، «سوۋېت ئىتتىپاقى بىزگە يەر ۋە خىزمەت بەردى» ۋە «سوۋېت ئىتتىپاقى-كۈچ» دىگەندەك سۆزلەر يېزىلغانىدى. شۇڭلاشقا، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنى ساپاسى، سوتسىيالىزم كۆز قارىشى بىردەك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ خىل ۋەزىيەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئىتتىپاقلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرۇلىشىغا ئېلىپ كىرگىلى پايدىلىق بولاتتى.
بىراق، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۈرك ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن ناھايىتى ئۇزاق تارىخى باغلىنىشى بار. يۈزەكى قارىغاندا، بۇ خىل باغلىنىش كۆپ سانلىق پانتۈركىست، پانئىسلامىزىمچىلارنىڭ بۇ رايونلاردىكى ھەركىتى ئۇچىغا چىققان، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر چوڭ ئامىل بولغان. چوڭقۇرلۇقتىن نەزەر سالغاندا، تارىخى باغلىنىشى ھەقىقەتەن بار ئىدى. مەسىلەن، بىر نەچچە ئەسىرلىك ئۆزگىرىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ يېزىقى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا يېزىلاتتى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئەرەب مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقچىلىق، ھەتتا بۇ ھالەت ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ پايدىلىنىدىغان قورالى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار. شۇڭلاشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىلىنىڭ تۈرك ۋە ئىسلام مايىللىقىنى ھەل قىلىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىزملىق قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق قىلىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىل سىياسەتلىرىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.

يېزىق ئۆزگەرتىش: رۇسلاشتۇرۇش تىل سىياسىتىنىڭ مۇقەددىمىسى
1918-يىللىرىدىلا، رۇس ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىلىنىڭ تۈرك ۋە ئىسلامغا بولغان مايىللىقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان يوشۇرۇن تەھدىتىنى تونۇپ يەتكەنىدى. شۇڭلاشقا باياناتتا «ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ باراۋەرلىك سىياسىتى جەزمەن سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا بولۇشى كېرەك» دەپ جاكارلاندى. سوۋېت داھىيلىرىمۇ «خەت تونۇش ئوقۇتۇشىدا، بارلىق خىزمەت پىرولتارىيات ئىنقىلابىنىڭ سىياسى ئىدىيىسى ياكى ماركىسىزىم ئىدىيىسى ئىنقىلابى نەزەرىيىسىنى بويلىغان ھالدا ئىپادە قىلىنىشى كېرەك» دەپ قارىدى. بىراق، لېنىن ۋاپاتىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئۈچۈن يېزىق ئىجاد قىلىش (ئاساسلىقى ئۆزگەرتىش) دەسلەپكى تىل سىياسىتىنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. 1926 -يىلى، تۇنجى نۆۋەتلىك پۈتۈن سوۋېت تۈركشۇناسلىق ئىلمى ۋەكىللەر يىغىنىدا لاتىن يېزىقى ئەرەب يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا بېكىتتى. 1928~1930-يىلىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش چوڭ مىللەت تىل يېزىقى ئەسلىدىكى ئەرەب يېزىقىدىن لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەردى. 1940-يىلى، لاتىن يېزىقى يەنە سىلاۋيان ھەرپى ئاساسىدا قايتا ئۆزگەرتىلدى.
شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى يېزىقى 1939-يىلى ئەرەب يېزىقىدىن رۇس يېزىقىغا ئۆزگەرتىلدى. يېڭى بىر ئەۋلاد سوۋېت مەكتەپلىرى ۋە قورامىغا يەتكەنلەر تەربىيىسىدە تەربىيىلىنىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېزىقنىڭ «دوسكا»سى پاك-پاكىز تازلاندى، تەييارلارنغىنى بولسا يېپيېڭى بولغان يېزىش ئۇسۇلى ئىدى… شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى بىلەن تۈرك، ئەرەب تىللىرى ئارىسىدىكى «ئورتاقلىق »ئاخىرى ئۈزۈپ تاشلاندى.
1938-يىلى، «مىللى جۇمھۇرىيەتلەر ۋە مىللى ئوبلاستلاردا جەزمەن رۇس تىلى ئۆگىنىش» قارارىدا : رۇس تىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپ جەزمەن ئۆتىلىدىغان دەرسى بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى، بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇس تىلىغا بولغان كۆز قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەد قىلدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىل سىياسىتى چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىل سىياسىتىگە ئوخشاش بولۇپ قالغىلى تۇردى. ئالى سوۋېتنىڭ بۇ قارارلىرىغا قارشى پىكىردە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى مىللى رەھبەرلەر بولسا 20-ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدىكى «تازىلاش»ھەرىكىتىدە «مىللەتچىلىك» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ تازىلاندى.
خۇددى بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك: «چارروسىيە دەۋرىدىكى مىللى تىل-يېزىقنى بېسىش ۋە مەجبۇرى ئاسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئوخشىمايدىغىنى، دەسلەپكى سوۋېت ھۆكۈمىتى تىل-يېزىق سىياسىتىدە مىللى ھېسىياتنى كوممۇنىزىم ئىدىيىسى رامكىسى ئىچىگە مەھكەم ئورناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش سوۋېت ھۆكۈمىتى مىللەتچىلىك كۈچلىرىگە زەربە بېرىشنى تەنقىد قىلىشنى كۈچەيتتى، تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان مىللەتچىلىك كۈچلىرىنى پارچىلاپ، ئاجىزلاشتۇردى». قىسقىغىنا 10 يىل ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى يېزىقى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇلدى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىلىرىنىڭ مىللى يېزىقىنى مۇكەممەل ئۆگىنىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇلدى. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، بۇ مەجبۇرى روسچە ئىشلىتىش بۇيرۇقى «چوڭ رۇسچىلىق»ئىدىيىسىنى پەيدا قىلدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قارا پەردە يېپىش نەتىجىسى بەردى.
شۇنداق قىلىپ 20-ئەسىرنىڭ 30يىللىرى ئاخىرىدا، رۇس تىلى «قائىدە» جەھەتتىن ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ قالدى، ئەمدى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى بولسا «قائىدە»نى «ئەمەلىيەت»تە ئىشلىتىش بولۇپ قالدى. مانا بۇ بولسا سىتالىن دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈرگۈزۈلگەن تىل-يېزىق سىياسىتىنىڭ مۇقەددىمىسى!
كېيىنكى سىياسەت تىل-يېزىق باراۋەرلىكىدىن ۋە تىل يېزىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن بارا-بارا رۇس تىلىنى مەجبۇرى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۆزگەردى.
نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ خىل ئۆزگىرىش سوۋېت داھىيلىرىنىڭ «سوتسىيالىزم» ۋە «كوممۇنىزىم» تەلىماتلىرىدىن باشلانغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە: كوممۇنىزىم سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ جىددى ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى…سىنىپلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ يوقىلىشى، كوممۇنىستلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققى قىلىشى جەمىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيىنى كۈچەيتتى…بۇنداق بولغاندا مىللى پەرق، بولۇپمۇ تىل جەھەتتىكى پەرق يوقالدى. بۇلار ھەممىسى سىنىپى پەرقنىڭ ئاخىرى يوقىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ بىلىندى. ناھايىتى ئېنىقكى «تىل-يېزىق پەرقى»نىڭ يوقىلىشى سوۋېت داھىيلىرى تەرىپىدىن «كوممۇنىزىم»نىڭ ئىشقا ئېشىشىدىكى بىر ئامىل دەپ تونۇلغان. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بولسا مىللەت، مەدەنىيەت، تىل-يېزىقنى پۈتۈن سوۋېت خەلقىنىڭ «بىرىكىش»گە قوشۇۋېتىش، ياكى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش. لېكىن، نەزەرىيە جەھەتتىكى «بىرىكىش» ھەرگىزمۇ بىر خىل يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئورتاق تىل بولماستىن، بەلكى ئەمەلىيەتتىكى «رۇسلاشتۇرۇش»تۇر. خېروشىفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تىل-يېزىق سىياسىتى لېنىن دەۋرىدىكى تىل-يېزىق سىياسىتىدىن ھەقىقى تۈردە قارشى مەنىگە ئىگە بولدى. ھەمدە چارروسىيە دەۋرىدىكى رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

قوش تىل: تىل-يېزىق سىياسىتىنىڭ روسلاشتۇرۇلۇشى
1958-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سوۋېت مەركىزى كومىتىتى مىنىستىرلار كېڭىشى ماقۇللىغان «مەكتەپنىڭ تۇرمۇشقا بولغان مۇناسىۋىتى ۋە گىراژدانلار مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»دا، ئەسلىدىكى مىللى تىل-يېزىقنى جەزمەن ئۆتىلىدىغان دەرس ماددىسى بىكار قىلىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلى تاللاپ ئۆتىلىدىغان دەرس قىلىندى. شۇنداقلا رۇس تىلى يەنىلا جەزمەن ئۆتىلىدىغان دەرس قىلىندى. بۇنداق رۇس تىلى ئانا تىلىدىن يۇقىرى ئورۇنغا چىققان ۋاقىتتا رۇس تىلى ناھايىتى تېزلا سوۋېتنىڭ «ئىككىنچى ئانا تىلى» بولۇپ قالدى.
1961-يىلى، سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى 22-قېتىملىق چوڭ مەجلىسى رۇس تىلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ «ئىككىنچى ئانا تىلى» قىلىش لاھىيىسىنى تەستىقلىدى، ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادا راۋاجلاندۇرىدىغان «ئىككى سىزىق»لىنىيىسىنى مۇقىملاشتۇردى: مىللى تىل-يېزىق شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئىشلىنىدۇ، رۇس تىلى بولسا تېخىمۇ كەڭرى بولغان ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، رۇس تىلى كۆپلەپ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تىللىرى ئورنىغا دەسسەپ، سىياسىي-ئىقتىسادىي، ھەربى، پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت قۇرۇلۇشلىرىدا بىردىنبىر ئىشلىتىلىدىغان تىل بولدى. قوش تىل ئوقۇتۇش سىياسىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا رەسمى باشلاندى.
قوش تىللاشقان تىل-يېزىق سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرى كۈچلۈك بولدى. سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 1979-يىلى %23.3سوۋېت خەلقى رۇس تىلىنى ئانا تىل قىلغان، پەقەت %3.1رۇس مىللىتىلا قوش تىلدا سۆزلىشەلەيدۇ، غەيرى رۇسلار بولسا %49ئادەم قوش تىلدا سۆزلىيەلەيدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا بولسا تېخىمۇ يۇقىرى %62.1كە يېتىدۇ. يەنە %25ئوتتۇرا ئاسىيالىق گەرچە رۇس تىلىدا راۋان سۆزلىشەلمىسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىرىنى روسچە بىر تەرەپ قىلالايدۇ. خۇددى سوۋېت داھىلىرى كۈتكىنىدەك، غەيرى رۇسلاردىن رۇس تىلىنى ئۆزىنىڭ «ئانا تىلى» دەپ بىلىدىغانلار بارغانسېرى ئېشىپ ماڭغان. 1926-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە، ھەر يىلدا يۈزمىڭ ئەتراپىدا ئاشقان. 1959~1970-يىلىغىچە، ھەر يىلى 25000ئادەم ئېشىپ ماڭغان. 1970~1977-يىلىغىچە بولسا يىلدا 370000ئادەم ئېشىپ ماڭغان. 1979-يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق مىللەتلەردىن تىلى پۈتۈنلەي ئاسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەنلەر 5مىليونغا يېقىنلاشقان.
بۇ خىل سىياسەتنىڭ مەقسىدى ناھايىتى ئېنىق! ئۇ بولسىمۇ «سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ھەرگىزمۇ ھازىر ساقلانغان تىل-يېزىق سانىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئاستا-ئاستا ئازلىتىش، تاكى بىر قىسىم تىللار يەنە بىر قىسىم تىللار تەرىپىدىن تامامەن ئىگىلىنىپ بولغىچە». شۇنىسى ئېنىقكى بۇجايدا يوشۇرۇنغان مەنا رۇس تىلىنى ئەڭ ئاخىرقى ئورتاق تىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. سوۋېت ئىتتىپاقى پەن-تېخنىكا ئاكادېمىيىسى رۇس تىلى تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى فېردات فىلىن روسلاشتۇرۇشنىڭ قانونلۇقلۇقى توغرۇلۇق ئاقلىغاندا مۇنداق دېگەن: «سوۋېتتا يېرىمدىن كۆپ كىشى رۇس تىلىدا سۆزلەيدۇ، رۇس تىلى كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە ماركىسىزىم لېنىنىزىم ھەقىقەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ئىنقىلابى ئەنئەنە ئارقىلىق، روسلارنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت بايلىقىنى قېرىنداش دۆلەتلەرگە تەقدىم ئېتىپ ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى». ناھايىتى ئېنىقكى، روسلارنىڭ نەزىرىدە، تىل-يېزىقنىڭ ئەۋزەللىكى روسلاشتۇرۇشنىڭ تولۇق سەۋەبى بولۇپ قالغان.
20-ئەسىرنىڭ70-يىللىرى ئاخىرلىرىدا، رۇس تىلى گەرچە ھۆكۈمەت تىلى دەپ ئېلان قىلىنمىغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە رۇس تىلى سوۋېتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى ۋە دۆلەت تىلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقاندى. ھەرقايسى رېسپۇبلىكىلارنىڭ جەمئىيەت كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ھەرقايسى تارماقلارغىچە سىڭىپ كىرگەنىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ بۇ خىل تىل-يېزىق سىياسىتىنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر. بىراق، رۇس تىلىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەش ۋە رۇس تىلىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ نارازىلىق، تۆۋەن كۆرۈلۈش ۋە سىقىپ چىقىرىش پىسخىكىسىنى پەيدا قىلدى. 1965-يىلى، ئۆزبېكىستاندا ھەر قايسى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رۇس تىلىنى قەتئى ئۆتمەسلىك ھادىسىلىرى كۆرۈلدى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى رېسپۇبلىكىلار نۆۋەتتىكى رۇس تىلى مائارىپىنىڭ مۇھىملىقىغا گۇمانى نەزەردە بولدى. بۇ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رېسپۇبلىكىلىرىدا يەرلىك مىللەتلەر تىلىنىڭ يەنە بىر قېتىم گۈللىنىشىگە بىخ سېلىپ قويدى.
1985-يىلى، غەرب ئىدىيىسىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان گورباچېۋ ھوقۇق تۇتتى. ئۇ «يېڭى ئىدىيە» ۋە «دېموكراتىيە»نى كۈچەپ تەرغىب قىلدى، ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى سىياسىتىنى باشقىدىن رەتلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا مىللى تىل-يېزىقىنىڭ گۈللىنىش پۇرسىتى باشقىدىن يېتىپ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى رىسپوبلىكا دۆلەت تىل-يېزىق قانونى—«ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتى تىل-يېزىق قانونى» 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ماقۇللاندى ھەمدە «پۈتۈن دۆلەت ھەم بارلىق جۇمھۇرىيەتلەر مىقياسىدا قوللىنىدىغان دۆلەت تىلى باراۋەرلىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش تېگىشلىك دۆلەت خاراكتېرلىك تىل» تەستىقلاندى. ئەمەلىيەتتە، پەقەت قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدىلا، ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز ئىچىدىكى ئاساسلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىپ، تىلنىڭ «دۆلەت ئىلكىدە» بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 1989-يىلى7-ئاينىڭ 22-كۈنى، 9-ئاينىڭ22-كۈنى، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋە 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، تاجىكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق 5 رېسپۇبلىكا ئارقا-ئارقىدىن ئۆز جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىل قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئاساسلىق مىللەت تىلىنى دۆلەت تىلى ئورنىغا كۆتۈردى. رۇس تىلى مىللەتلەر ئارا ئالاقىلىشىدىغان تىل ئورنىغا چۈشۈرۈلدى. بۇ خىل تىل-يېزىق سىياسىتى مىللى تىل-يېزىقنىڭ مۇناسىۋەتلىك جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىمتىيازى ۋە ئىشلىتىلىش ھوقوقى بولىدۇ. ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز مىللى ئىشلىرىدىكى سىياسەتلىرىدە ئاستا -ئاستا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاپتور: ۋاڭ شاڭدا لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيا تارىخى ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەت فاكۇلتېتى تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى، پىراففىسور
ۋاڭ ۋېن لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيا تارىخى ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىرى فاكۇلتېتى تەتقىقات بۆلىمى 2002-يىللىق ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى
«تىل-مەدەنىيەت» 2005-يىللىق 6-سان

مەنبە: ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بلوگى

    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ

    ئاۋات مەزمۇنلار

    二维码