تىلىمىزدىكى ئارىلاشما سۆزلەر توغرىسىدا

تىلىمىزدىكى ئارىلاشما سۆزلەر توغرىسىدا
تۇرغۇنجان مەممەت
شىنجاڭ بىڭتۈەن مىللىي پىداگوگىكا مەكتىپى

    سىزلەرگە تەۋسىيەم مۇشۇ ماقالەمنى تەپسىلى ۋە تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمدىن سورايمەن.
   تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىدىغان  پىكىر ئالماشتۇرىدىغان قورالى ئۇنى توغرا ئىشلىتىش زۆرۈر، ئەگەردە بىز ئۇنى  توغرا ئشلەتمىسەك ئۆز مەقسىتىمىزنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەستىن بەلكى قارشى تەرەپنىڭمۇ تىلىنى ھۆرمەت قىلمىغان بولىمىز. تۆۋەندە مەن تىلىمىز دىكى ئارىلاشما سۆزلەرگە بولغان  قارشىمنى  ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتا قلاشماقچى.  
    بۇگۈنكىدەك  تەرەققى قىلىۋاتقان، ھەرمىللەت ئۆز ئۆرپ- ئادىتىنى ۋەتىل يېزىقىنى تېخىمۈ قىلىپلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقان دەۋردە مەركەزدىكى رەھبەرلىرىمىز  بۇ ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىىنپىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى ۋە مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ- ئادىتىنى ياخشى ساقلاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ، ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا سۆزلىگەن. شۇنداق ئىكەن بىز نېمە ئۈچۈن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىلتىزى بولغان تىلىمىزغا ياخشى كۆڭۈل بۆلمەيمىز؟                              
مەسىلەن:
    تىل ئىشلىتىشتە تىلىمىزنىڭ قانچىلىك بۇزۇلۇپ سۆزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ، تۈزۈتۈش ئۇياقتا تۇرسۇن بارغانسېرى تېخىمۇ ئەبجەشلەشتۈرۈپ  كېتىپ بارىمىز. رادىئودا ئاڭلاتقان بىر خەۋەردە ئۇيغۇر ئالىمى مىللەتلەر تىل يېزىقى ئۈستىدە توختىلپ ، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىش جەھەتتە  خەنزۇلارنىڭ تىل يېزىقىدىن قالسا دۆلىتىمىزدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن . يەنە قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنى قېزىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، ھازىرقى زامان ئۇچۇرغا ۋە كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش، قېلىپلاشقان تىل-يېزىقنى ئىشلىتىش يولغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز نېمە ئۈچۈن  تىلىمىزغا ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي توغرا ئىشلەتمەيمىز؟ ئۆز تىلىمىزغا باشقا مىللەتلەرنىڭ  تىللىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋالىمىز؟يەنە كېلىپ ئۆزىمىزمۇ مەنىسىنى ياخشى چۈشەنمەيدىغان يېڭىچە تىل ئىجات قىلىۋاتىمىز. بىز دەرھال تىلمىزنى  قېىلىپلاشتۇرغىنى بويىچە سۆزلىمىسەك،كېلەچەكتە ئۆز مەدەنىيىتىمىزدىن سۆز ئاچماق تەس بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: تىلىمىزنى بىر قىسىم ئادەملەر بارغانسىرى ئەبجەشلەشتۈرۈپ سۆزلەۋاتىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك،كېيىنكىلەرچۇ؟ بۇنى دېمىسەممۇ ھەممىمىزگە ئايان. ھازىردىن باشلاپ تۈزەتمەي باھانە- سەۋەب كۆرسەتسەك،  ئۇنداقتا كىيىنكىلەرنىڭمۇ باھانە- سەۋەبى بىزنىڭكىدىنمۇ كۆپ بولماسمۇ؟ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان قاتناش رادىئو پروگراممىسىدا سۇئال سورايدىغانلار ۋە ئۇچۇر بېرىدىغانلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي سۆزلەۋاتىدۇ ،ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي سۆزلىسەك بولىدىكەنغۇ! 

تۆۋەندە بىر مىسال:
   بىزگە ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى قىلىپلىشىپ قالغان  «خەلق» دېگەن بۇ ئاتالغۇ مېختەك ئورناپ كەتتى.  بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى بۇدۇن. سىز ھازىر بۇدۇن دەپ سۆزلىسىڭىز كىشىلەر ئاساسي جەھەتتىن چۈشەنمەيدۇ. سەۋەبىي بۇ ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كەتتى-دە دەيمىز،ئۇنداقتا ھازىرقى ئارىلاشما سۆزىمىز مۇشۇنىڭدىن كىيىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتسە ئۇ چاغدىكىلەرمۇ خۇددى ھازىر بىز دېگەندەك دېمەسمۇ؟ بۇنى كىمدىن كۆرىمىز؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئۆزىمىزدە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئىشلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىز ھازىرقى مۇشۇ تىلىمىزنى ياخشى ئاسراپ، ئۇنى ھۆرمەتلەپ، قىېلىپلاشقىنى بويىچە سۆزلىسەكمۇ مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرىلەش.يۇقىرىدا بىز ھەرگىزمۇ باشقا تىللارنى ئۆگەنمەڭلار دېمەكچى ئەمەسمىز ،خەنزۇ تىلى ئېلىمىزنىڭ  دۆلەت تىلى  ،بىز ئۇنى تېخىمۇ ياخشى پۇختا ئىگىلىشىمىز ۋە ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، دۇنيادا بىلىمگە ئىنتىلىش،تىل ئۆگىنىش ۋە باشقا مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، ئۆرپ-ئادىتىنى ياخشى بىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۇنياغا يۈزلىنىش،ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئۆگىنىش ۋە ھەممە مىللەت ئۆز-ئارا بىر-بىرىدىن ئۆگىنىش،بىلم ئالماشتۇرۇش، ئىلىمنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش تولىمۇ ياخشى بىر ئىش.  دانىشمەنلىرىمىز  : 《بىلىم   شەرقتە   بولسىمۇ  بىرىپ بىلىم ئۆگىنىڭلار  ،باشقا مىللەت بىلەن تەڭ بولىمەن دېسەڭ شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگەن》 دېگەن ئىدى، بۇ يەردە تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش بىلەن تىلىمىز غا ئارىلاشما ئاتالغۇلارنى قوشۇپ ئەبجەشلەشتۇرۇپ سۆزلەش، بۇ ئىككىسى ئىككى خىل ئۇقۇم، ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتنڭ تىلنى ئۆگەنمەڭلار دېگەنلىك ئەمەس. بۇنىڭدا ئوچۇق چۈشەنچە بولۇش كېرەك. بىزدە ،《 ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ -ئويلاپ سۆزلە》، «يولنىڭ ئەگرىسىدە ماڭما-سۆزنىڭ چالىسىدا» دېگەن ماقالىلەر بار، بىز يۇقىرىقى سۆزلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىلىمىزغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلىۋالالايمىز. بىز نېمىشقا  باھانە-سەۋەب كۆرسىتىمىز؟ سىز قارشى تەرەپكە ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلدا سۆزلەشنى دېسىڭىز ئۇ سىزگە《 مەن خەنزۇ تىلدا  ئوقىغان》،《مۇشۇنداق كۆنۈپ قاپتۇق》،《ۋاي- ۋۇي، نېمە دېگەن تەس گەپ ئۇ زەرەتلەش دېگەن، چوڭدىيەن دەڭە ئاسانراق، ۋايجان يالغۇز مەنمىتىم، ھەممە يەردە مۇشۇنداق تۇرسا ،ئەمدى ئانچە- مۇنچە ئارلىشىپ كېتىدىكەن، ھازىر مۇشۇنداق بولۇپ كەتتى بۇنى سىز سۆزلەپ، مەن سۆزلەپ ،ئۆزگەرتىپ بۇلالامتۇق》ھازىر مۇشۇنداق سۆزلىمىسڭىز جان باققىلى بولمايدۇ،خوش ئەمدى بىزمۇ ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشلان تىلىمىزدا سۆزلىمىسەك، سىزمۇ سۆزلىمىسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلار بىز ئۈچۈن ئارىلاشمىلارنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلدا سۆزلەپ بېرەمدۇ؟ دۇنيادا نەدىمۇ ئۆز تىلىنى ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلدا توغرا سۆزلەڭ دېسە ئۇنىڭغا باھانە سەۋەب كۆرسىتىدىغان ئادەم بولسۇن، بىر ئادەم ياكى بىر  قىسىم ئادەم لەر ئۆز تىلىنى ۋە ئارىلاشمىلارنى قوشماي  قىلىپلاشقان تىلدا سۆزلىيەلمىسە بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك،بىز قىلىپلاشقان تىلىمىزدا  سۆزلەشتە ئەجەبمۇ قىينالدۇق دەيمىز، ئۇنداقتا بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ بۇ باشقا تىللارنىڭ تىلىمىزغا قانچىلىك سىڭىپ كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە  ئەبجەشلەشتۈرۈپ سۆزلەۋاتقانلىغىمىزنى بىلىۋالالايمىز. شۇنداق، ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلىمىزدا سۆزلەشكە باھانە سەۋەبىمىز كۆپ، مەيلى قانداق باھانە سەۋەپ كۆرسىتىڭ، ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلىمىزدا سۆزلىمەيدىكەنمىز، كېلەچەكتە  مىللىتىمىزنىڭ قىلىپلاشقان تىلدا سۆزلىشىشىمىزگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
0.0
نومۇر

  • ساقلىۋىلىڭ
  • خاتالىق باركەن
  • بىسىپ چىقىرىش
  • باش بەت
  • ئىككىلىك كود

数据统计中,请稍等!

سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
二维码