ئورنىڭىز : باش بەت > ۋاسىتە > يۇمتال > Adobe Photoshop CS6 نىڭ ئۇيغۇرچە يېشىل نەشىرى.
Adobe Photoshop CS6 نىڭ ئۇيغۇرچە يېشىل نەشىرى.
  • ھۆججەت چوڭلۇقى : 146 MB
  • خەت فورمات شەكلى : UNICODE
  • ھۆججەت تۈرى : .exe
  • ئىجرا مۇھىتى : Win8,Win7,Win2003,WinXP,Win200
  • خەت ياسىغۇچى : ئورگان تورى
  • يېڭىللانغان ۋاقىت : 05-08
  • تەۋسىيە دەرىجىسى : بەش يۇلتۇز
سىز نۆۋەتتە ئىشلەتمەكچى بولغان Adobe Photoshop CS6 نىڭ ئۇيغۇرچە يېشىل نەشىرى. ماتىرىيال (يۇمتال) ھەققىدە: بۇ ماتىريال(يۇمتال)نىڭ قانۇنى ھوقۇقى ئەسلى ياسىغۇچىغا مەنسۇپ،ئەگەر ياسىغۇچىنىڭ (سىزنىڭ) باشقا پىكىرىڭىز بولسا تىزدىن ئالاقىلىشىڭ،ئىشلەتكۇچىلەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ مەسىلە كۆرۇلسە تور بىتىمىز مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.ئالاقىلىشىڭ
ماتېرىيال ھەققىدە
 Adobe Photoshop CS6 نىڭ ئۇيغۇرچە يېشىل نەشىرى.

ئىشلەش مۇھىتى: Micorsoft Windows
Windows XP ، Windows 7  ۋە windows 8 دە سىنالدى، نورمال ئىشلەيدۇ.
تىلى: ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە. مۇشۇ ئۈچ خىلنى خالىغانچە تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە بىۋاستە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ. كۆچۈرۈپ چاپلاش ھاجەتسىز.
كۆرۈنمە يۈزى %85 ئۇيغۇرچە
بۇنىڭ تەرجىمىسى ئەسلى Photoshop CS4 نىڭ ئىدى. CS6 گە ماسلاشتۇرۇپ تولۇق تەرجىمە قىلىشقا يالغۇز يېتىشىپ بولالمىدىم. شۇڭا تولۇق تەرجىمە قىلىۋېتەلەيمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرالايدىغانلار بولسا تېخنىكىلىق ياردەمدە بولىمەن.
Adobe Photoshop CS6 نىڭ بارلىق ھوقۇقى Adobe شىركىتىگە تەۋە. بۇ كىچىكلىتىلگەن يېشىل نەشىرىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ سىزگە يارىسا ھەقىقى تولۇق نەشىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىڭ.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ھوقۇقى ئالپ تور بېتىگە تەۋە. ئالپ تور بېتى تەرىپىدى ھەقسىز تارقىتىلدى. ھەر قانداق تور بەت ياكى شەخىس، شىركەت، ئورۇنلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ. پۇلغا سېتىشىغا بولمايدۇ.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
بۇ يەردە تەمىنلەنگەن ھۆججەت چۈشۈرۈش يېشىسىز.
يەشكەن ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكى QuickSetup نى ئىجرا قىلدۇرۇپ، خەنزۇچە 安装 دېگەن خەتنى باسسىڭىز ئۆزى ئاپتۇماتىك قاچىلىندۇ. قاچىلىنىپ بولغاندا ئۈستەل يۈزىگە Adobe Photoshop CS6 دەپ قىسقا يول قۇرۇلدۇ.
قاچىلىغان  Photoshop CS6 نى قوزغاتسىڭىز خەنزۇچە ھالەتتە قوزغىلىدۇ. بۇ چاغدا تىزىملىكتىن 编辑->首选项->界面 نى باسسىڭىز تىل تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ. شۇ يەردىكى 用户界面语言 نى «ئۇيغۇرچە» گە توغرىلاپ جەزملەشتۈرۈپ، فوتوشوپنى تاقاپ قايتا ئاچسىڭىز ئارا يۈزى ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە خەت چىرايلىق ئەمەس، رەسىمدىكىدەك چىقمىدى دەيدىغانلار بولسا:
windows XP ئىشلىتىدىغانلار بولسا ماۋۇ تېمىدىن پايدىلىنىڭ.
windows 7 ئىشلىتىدىغانلار بولسا ماۋۇ تېمىدىن پايدىلىنىڭ.
تۆۋەندىكى ماتىرىياللار تېخىمۇ سەرخىل....
  • ئاۋاتلىق قاتارى
  • 二维码