ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئانىجان ! سېنى سېغىندىم !
كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق  !
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 384
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 44
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
شۆھرىتى: 403
پۇلى: 700 تەڭگە
تۆھپىسى: 2
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-03
ئاخىرقى: 2009-06-25
0  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-03 19:21

ئانىجان ! سېنى سېغىندىم !

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى zinnura تەرپىدىن نادىرلاندى. (2009-06-03)


( ئۇلۇغ ئاللاھ ! بارلىق ئانىلارنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن! )







ئانا! سېغىنىشنى قۇچاغلاپ، سېنى ئەسلەپ بۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن! خىيال كەپتىرىم يەنە سەن بىلەن ئايرىلغان ئاشۇ مىنۇتلارغا ئۇچۇپ باردى،ئايرىلىش ئالدىدا ماڭا دىگەن سۆزلىرىڭ ھىلىھەم يادىمدا :
<<زۇلپىقار، جېنىم ئوغلۇم ! ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسەن، سېنى پارلاق ئىستىقبال بىلەن خىيىم-خەتەر، جاپا- مۇشەققەت كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۆز-ئۆزڭنى سىنايدىغان،تاۋلىنىدىغان ،يۇرتنڭ، ئاتا-ئاناڭنىڭ قەدىرىنى ھەقىقى تۈردە چۈشىنىدىغان بۇنداق ياخشى پۇرسەت ساڭا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم ! سېنى بىر ئۇلۇغ ئاللاھقا تاپشۇردۇم ! مەيلى نىمىلا ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتتى نەزەر ، ۋىجدانىڭغا، غورۇرۇڭغا يۈز كىلەلىشىڭ كىرەك ! ۋىجدانسىز ، غورۇرى يوق كىشىلەر ئادەم ھىساپلانمايدۇ ! ئېسىڭدە بولسۇن ! سەن ئەينى ۋاقىتلاردا ئېسىل خۇلىق-مىجەزى بىلەن ئۇلۇغ مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى ! سەن مىللىتىڭگە يۈز كىلەلىشىڭ كىرەك! >>
سەن شۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولۇپ كۆزۈڭدىن يامغۇردەك ياشلارنى ياغدۇرۇپ مېنى ئۇزاتقان ۋاقتىڭدا قەلبىم شۇنداق لەرزىگە كەلگەن ئىدىكى ! ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق قاتتىق ۋەدىلەرنى بېرىپ كىشى بىلەن كىشىنىڭ كارى يوق، زۇلمەتلىك، قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بۇ ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان ئىدىم.
مانا ، كەلگىنىمگە ئىككى ئاي ۋاقىت بولۇپتۇ، گەرچە ئىككى ئاي ۋاقىت شۇنداق قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ ئەمما مەن ئۆزۈمنى خۇددى ئىككى يىل تۇرغاندەك سېزىۋاتىمەن. دەرۋەقە مەن ئۆز يۇرتۇمنڭ قەدىرىگە ، سېنىڭ قەدىرىڭگە ئەمدى يىتىۋاتىمەن ! سېنى خاپا قىلغان ، كىچە-كىچىلەپ ئۆيگە كىرمەي سېنى ئەنسىرەتكەن ۋاقىتلىرىمنى ئويلاپ خىجىل بولىۋاتىمەن، ئۆكىنىۋاتىمەن ئانا ! سېنڭ كۆزۈڭدىن ئاققىنى ياش ئەمەسكەن، قان ئىكەنغۇ جىنىم ئانا ! قان!!! >

ئانا ! مۇساپىرچىلىق، يالغۇزلۇق بەك يامان ئىكەن ! كۈنۈم مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقىدا بىر رېتىمدىلا ئۆتىۋاتىدۇ ! بۇرۇن كەپسىز ، شوخ بولغان بولسام مانا ئەمدى جىمغۇر ، كەم سۆز بولۇپ قالدىم ! بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ كۈلەلمەيمەن! نىمىشقا ؟ مېنى كۈلدۈرىدىغان سەن يىنىمدا يوق! بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ يۈرەلمەيمەن! نىمىشقا؟ ھەممە يەردە مەن ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان سەن يىنىمدا يوق!
ئانىجان! يىنىڭدا بولغان بولسام نىمىدىگەن ياخشى بولغان بوللاتتى ھە ! كىيىملىرىمنى يۇيۇپ تالغان قولۇڭنى ، تاماق ئېتىپ ، ئىشلەپ چارچىغان دوللىرىڭنى تۇتۇپ قوياتتىم ! يەنە ھېلىقى سەن ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ بېرەتتىم ! ئانا ! سەن ئەتكەن تاماق ھەجەپ ئوخشايتتى ھە ! مېنى لەغمەن يىمەيدۇ دەپ ئىتىپ بېرىدىغان سومەنلىرىڭنى بەك ، بەك ،بەك سېغىندىم، ئاشخانىنىڭ تاماقلىرى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ سېنڭ ئەتكەن تاماقلىرىڭغا تەڭ قىلمايمەن ئانا !
نىمىشقىدۇ ئانا ! تۇرۇپلا كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولۇپ قالىدۇ ! ئۆزۈم يالغۇز ئېسىلىپ- ئېسىلىپ يىغلاپ كىتىمەن ! مۇشۇ تاپتىمۇ كۆز چانىقىمدا لىققىدە ياش ، شۇنداق ۋاقىتلاردا كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلىپمۇ قالىمەن ، ئەمما كەتسەم بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىمەن. بولمىسا سەن ئازاپلىنىسەن ، مېنىڭ كەلگۈسۈمنڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئازاپلىنىسەن ! قايغۇرىسەن ! خاتىرجەم بول ئانا ! ئوقۇشۇم شۇنداق ئۇتۇقلۇق بولىۋاتىدۇ ، مەن بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان ئاكام ماڭا شۇنداق غەمخورلۇق قىلىدۇ، ساۋاقداشلىرىم ، مۇئەللىمىمۇ ھەم شۇنداق ! ئاللاھ خالىسا جېنىم ئانا ! ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كىيىن يېنىڭغا قايتىپ بېرىپ قايتىدىن ۋاپادارلىق بىلەن ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ساڭا ياخشى قاراپ خىزمەتلىرىڭدىن چىقىمەن !
خەتنى مۇشۇ يەردە توختاتتىم ئانا ! سېنىڭ كۆڭلۈڭنىڭ يېرىم بولىشىنى خالىمايمەن ! ساڭا ئاللاھتىن ھەر ۋاق نامىزىمدا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ دۇئا قىلىمەن !
جېنىم ئانا ~! ئاللاھقا ئامانەت~!~!~!



مەنبە : ئۆزۈم
[ يازمىنىzinnura ۋاقىت2009-06-03 19:30 ]
مەن _ زىننۇرە شۇ !
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 138
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 607
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە607دانە
شۆھرىتى: 1003423
پۇلى: 1008715 تەڭگە
تۆھپىسى: 10028
توردا: 783(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-16
ئاخىرقى: 2010-10-27
1  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-03 19:31

بەك تەسىرلىك ~~~~~~~~~~   
سېغىنىشلىرىڭىزنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم ئۇكۆم~~~~~   
يالغۇز تورى
بۈگۈنكى ۋاقتىڭىزنى مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈڭ ، تۈنۈگۈن __ بىر تارىخ ، ئەتە __ بىر سىر !
مەن _ زىننۇرە شۇ !
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 138
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 607
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە607دانە
شۆھرىتى: 1003423
پۇلى: 1008715 تەڭگە
تۆھپىسى: 10028
توردا: 783(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-16
ئاخىرقى: 2010-10-27
2  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-03 19:33

ھە راست ~ بىر رەسىمىڭىزنىڭ ئادرىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى ،  بولمىسا  باشقا قىستۇرۇپ قويۇڭ ~~~~~~   
ئاۋۇ  ناخشىسىمۇ چىقمىدى ~~
بۈگۈنكى ۋاقتىڭىزنى مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈڭ ، تۈنۈگۈن __ بىر تارىخ ، ئەتە __ بىر سىر !
Www.Anadiyar.Cn
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 17
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 701
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە701دانە
شۆھرىتى: 2454
پۇلى: 12260 تەڭگە
تۆھپىسى: 8
توردا: 53(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-05
ئاخىرقى: 2010-10-30
3  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-03 20:45

بەك تەسىرلىكلىككەن............   
جاھاننىڭ ئىشلىرىغابىرنىمەدىگىلى بولمايدۇ!
دەرىجە: ئىلغار ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 116
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 166
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە166دانە
شۆھرىتى: 782
پۇلى: 4960 تەڭگە
تۆھپىسى: 2
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-15
ئاخىرقى: 2009-06-27
4  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-05 17:26

ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىككەن.
كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق  !
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 384
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 44
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
شۆھرىتى: 403
پۇلى: 700 تەڭگە
تۆھپىسى: 2
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-03
ئاخىرقى: 2009-06-25
5  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-05 20:00

نەقىل
2- قەۋەتتىكى zinnuraنىڭ2009-06-03 19:33دىكى يازمىسىدىن نەقىل ئىلىنغان مەزمۇن  :
ھە راست ~ بىر رەسىمىڭىزنىڭ ئادرىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى ،  بولمىسا  باشقا قىستۇرۇپ قويۇڭ ~~~~~~   
ئاۋۇ  ناخشىسىمۇ چىقمىدى ~~


يائاللا ! ! ! ئاپپاق ئاداش ! شۇنداق ئىشمۇ بولدىما ! ھەجەپ بىر پالاكەت جۇما سىز !
سەلتەنەت
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 21
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
شۆھرىتى: 1121
پۇلى: 1530 تەڭگە
تۆھپىسى: 3
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-06
ئاخىرقى: 2009-06-27
6  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-05 20:08

راس نادىرلاشقا ئەرزىيدىكەن...
سەلتەنەت سۈرەي دىگەن پادىشاھ ،ئەلنىڭ رەخمىتىنى ئېلىشى كىرەك.
ئادىل بولغاندىلا ئاندىن سەلتەنەت سۈرەلەيدۇ...
دەرىجە: توھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 423
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 89
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە89دانە
شۆھرىتى: 963
پۇلى: 990 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-06
ئاخىرقى: 2009-06-27
7  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-13 22:55

  
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 508
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 61
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە61دانە
شۆھرىتى: 641
پۇلى: 3740 تەڭگە
تۆھپىسى: 1
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-14
ئاخىرقى: 2009-06-24
8  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-16 03:33

ناھايتى ياخشى تېمىدىن بېرنى يۇللاپسىز قېرىندىشىم
كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق  !
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 384
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 44
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
شۆھرىتى: 403
پۇلى: 700 تەڭگە
تۆھپىسى: 2
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-03
ئاخىرقى: 2009-06-25
9  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-17 18:19

نەقىل
بۇ 8نىڭكىakram102 يوللىغان 2009-06-16 03:33 غا قارتىلغان  :
ناھايتى ياخشى تېمىدىن بېرنى يۇللاپسىز قېرىندىشىم


يانا سىزنىڭ كۆچۈرۈلگەن ئىنكاسىڭىز ئىكەنغۇ ! ! ! ! !