ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ قىسقىچە تارىخى
تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلىدۇ
دەرىجە: قىزىققۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
شۆھرىتى: 5
پۇلى: 75 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2010-10-19
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-17 21:04

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ قىسقىچە تارىخى

                                                                                                                                                              
                                      ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ قىسقىچە تارىخى                                            

ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق ئىلمىي مۇۋەپىەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى چىلىقارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم.تالانتلىق ئەدىب.تۆھپىكار مائارىپچى. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كپيىن. 1950- يىلىغىچە نەزەر-باغدىكى قەشقەردارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان.1950-يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن.بپيجىڭ.تىيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتپتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ. مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەخسىم قىلىنغان. شۇيىلى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى.ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى.ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان.يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا.ماتپماتىكا. بىئولوگىيە. خىمىيە ۋە ئاگرانومىيە سىنىپلىرىغاماركسىزم ئاساسلىرى پەلسەپە دەرىسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋپرسىتپتىنىڭ ماركسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىريىل بىلىم ئاشۇرغان.ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كپيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرىس ئۆتىگەن ۋە بۇ دەرىسلەرنىڭ دەرىسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئختىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغانشىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان.ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان.ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئپلان قىلىنغان.بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىداقۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن20يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن.1959- يىلى ئۇ پاتىيىدىن خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ.ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.1961- ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋىتىلگەن.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋپرسىتپتى كۈتۈپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگۇنىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان.ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى.24تارىخنى.ئەنگلىيە دراما-تورگى شپكسپىرنىڭ 36سەھنە ئەسىرىنى.ھىندىستاننىڭ رامانايا,ماخاپىراتا داستانلىرىنى, سوۋپت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخى نى, ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرى نى, بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى,ھومپرنىڭ ئىللادا ۋە ئودپسسا داستانلىرىنى, يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرىنى, قۇرئان كەرىم, ئىنجىل ۋە تەۋرات نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرنى,ئەپلاتۇن,ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى, دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى, گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى,ماركىس ,ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى, نەۋائى,بابۇر, مەشرەپ شپئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۈگەنگەن. ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرغلار قوشىقى.قەدىمكى يىپەك يولى,خەن ئوردىسىداباھار,مەلىكە خۇارۇڭ,تەڭرىتاغ ناخشىسى,دات باسماس قىلىچ, پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يپزىپ چىققان.جاۋاھىرۇل ھاقايىق دپگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بپشىدا4-قىتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يىزىپ چىققان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كإچلۇك بۇ ئالىم ئاق تپررورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نە-سىرلەر توپلىمى)ناملىق لپرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان. 1978- يىلى پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتپتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كپيىن, ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دپگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە1980-يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتپتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كپيىن ئۇنىڭ كىتاب, ماقالە, رۇبائىي, شىئر- غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى- (قۇتادغۇبىلىك) دپگەن تپمىدا لپكسىيە سۆزلىگەن.<1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى, ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە, شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى, فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى, ئومۇمىي ئپستپتىكا,چوغلۇق, رۇبائىيات(1), رۇبائىيات(2), قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كپيىن ئپلان قىلىنغان:- روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى,ھەسەتخورلۇق ھەققىدەھەسرەتلىك خىياللار,ئارىفنامە, يىپەك يولىدىكى توققۇز ھپكمەت, يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق, ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى,ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋەكپيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى,ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى,نورۇز بايرىمى ۋەئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا,ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋەمەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يپڭى يول ئپچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى, غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى, قۇتادغۇبىلىكخەزىنىسى,ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى,سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭۋاپاتىدىن كپيىن بىر- بىرلەپ نەشىر قىلىندى. بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە,يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش,سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئپتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا,چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گپزىت - ژۇرناللاردا ئىلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرتارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭى تۈس قوشقان ئىدى.ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى,تالانتلىق ئەدەبى,تۆھپىكار باغۋىنى, مول مىۋپلىك پروفپسورى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى, گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ,1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كپسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62 يپشىدا بۇئالەم بىلەن خەيىرلەشتى .

ماقالە ئاپتۇرى - ئىنتېرنېت تورى
                               
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى يۇقمىكەن -
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1911
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 1
پۇلى: 35 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 4(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2010-10-20
1  يوللانغان ۋاقت: كۈن بۇرۇن

مەرھۇم ئابدۇشۇكۈر ئەپەندىم بەكمۇ  يىراقنى كۇرەر ئادەمتى   .ياتقان يەرى جەننەت بولغاي