پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن ياخشى ئەخلاقتۇر»دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ گۈزەل ئەخلاققا تەشەببۇس قىلىپ: «مەن ئەخلاقى گۈزەل بولغانلارنىڭ جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك قەسىرگە كىرىشىگە كاپالەت قىلالايمەن»دەپ كۆرسەتكەن.
مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غەزالى«مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىمان كىشىنى پەسلىكتىن ساقلىغۇچى ۋە ئۇلۇغلۇققا قوزغاتقۇچى كۈچتۇر. ئۆزلىرىنى دىندارلاردىن سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەزى ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاپ قويغىنى بىلەن تەلەب قىلىنغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن پايدا ئالالمايدۇ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «يا رەسۇلەللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە: «يەنە بىر ئايال بار، ناماز، روزىسى ئاز، سەدىقىنىمۇ ئاز بېرىدىكەن، قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن. بۇ جاۋابتا ئېسىل ئەخلاقنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «گۈزەل ئەخلاق خۇددى سۇ قىرونى ئېرىتكەندەك خاتالىقلارنى ئېرىتىدۇ. ناچار ئەخلاق سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك ھەممىنى بۇزىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن».
گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ قولدىشىدۇر
گۈزەل ئەخلاق ئىماننى تاكامۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىلدۇر. دەرىجە جەھەتتە ئەخلاق بىلەن ئىمان بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ: «ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق كىشىدۇر»دەپ كۆرسەتكەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنداق ئادەم مۆمىن بولالمايدۇ»دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان، بۇ ۋاقىتتا ساھابىلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن"يارەسۇلەللاھ! ئۇ قانداق ئادەم" دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قوشنىسى ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان ئادەم» دەپ جاۋاب بەرگەن.
قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ! بالكونىغا يايغان كىرنىڭ سۈيىنى ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنىلىرىغا ياكى يولغا ئېقىتىپ كىشىلەرگە ئازار قىلىدىغانلار بىلەن ماشىنىسىنى قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختىتىۋېلىپ ئۇنى بىئارام قىلىدىغان ياكى قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يۇندا ياكى ئەخلەتلەرنى تۆكىدىغان، ئۆيىگە كىرىپ، چىقىش جەريانىدا قوشنىلىرىنى راھەتسىز قىلىدىغانلار ئۆزلىرىنى ئىمانىمىز كامىل دەپ ئېيتالامدۇ؟ ئەگەر"ھەئە" دېسە، ئۇلار يالغانچىلاردۇر!
ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا رەزىللىك چوڭقۇرلىشىپ، يامانلىقى كۆپەيگەنسېرى خۇددى ئادەم كىيىمىدىن ئايرىلغاندەكلا دىن - دىيانەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، ئەخلاق ھەر قانداق ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل.
ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»دېگەن سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپقاندەك، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ غايىسى قىلىنغان ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە مۇسۇلمانلىقىنى تولۇقلاش ئارقىلىق قايتىدىن قەد كۆتىرىشكە نەقەدەر زور ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ يۈكسىلىشى ياكى چۆكىشى ئۇنىڭ ئەخلاقىغا باغلىق.
مىسىرلىق ئاتاغلىق شائىر ئەھمەد شەۋقى مۇنداق دەپ يازغان:
ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر
ئايرىلغانلار ئەخلاقتىن زاۋاللىققا ھامان كېتــــــەر.
ئەخلاق ئەنە شۇنداق مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.
مەنبە - مەرىپەت مۇنبىرى