كۆزبارمۇ
غەزەل
پەرھات تۇرسۇن شەيدائى
ئەدەپ-ئەخلاق سائادەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆزبارمۇ؟
ئۇچقۇ، كوڭكا كارامەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆزبارمۇ؟
يېگەن ئاش-نان، تېمىم تۇزدا شۇل ئەركەكنىڭ جېنى باردۇر،
بىزلەر يېگەن دارامەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆزبارمۇ؟
ئال-يۇرت ئۈچۈن جانلار پىدا، قانلار ئاققان دەريا-دەريا،
ۋەتەندىكى ئالامەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆز بارمۇ؟
كەپە قانداق ساراي بولدى، نېچۈن رەڭگىڭ رۇشەن سېنىڭ؟
مېھنەتسىز كۆپ رىيازەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆز بارمۇ؟
ئاتاڭ كەتمەستە كۈلگەننى ئەر قولىدا كۈلدۈڭ قېنىپ،
شۇ مەنزىلگە رىياسەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆز بارمۇ؟
پۇلى باردا تاتلىق دېدىڭ، گادايلاشسا ئۇردۇڭ نەشتەر،
غەيرەت چىدام بالاغەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆز بارمۇ؟
قان تەربىلەن كۆكلىدى ئۆي، ھېيت-ئايەمدە زىبۇ زىننەت،
كۈندە بايرام باراۋەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆز بارمۇ؟
رەڭلىك سورۇن، قاتار چايدا ئۇنتۇپ كەتكەن نامازگاھتىن،
ئىنسابىڭچۈن تىلاۋەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆز بارمۇ؟
دىلى ئۇنىڭ كەڭرى دېڭىز، ۇۆلەنسەڭ بەستى بىر تاغدۇر،
بەخىت ئىچرە داۋامەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆز بارمۇ؟
پەرەڭلەر نېمبولدى كۆردۈڭغۇ، ئاياللار ھۇۋلىسا تۈندە،
بىز تامان شۇ جاھالەتتىن ئەرنى كۆرەر كۆز بارمۇ؟
2010-يىلى10-ئاينىڭ9-كۈنى
قارقاش-ياۋا