بىۋاپا
پەرھات تۇرسۇن شەيدائى
كەلمەكتىمەن سېنىلا يۈدۈپ،
ئەي مۇھەببەت ئۇزۇندىن بېرى.
يوللىرىمدا پارتىلايدۇ غەم،
ئېي سېنىڭكى مەنزىلىڭ قېنى؟
تاماكىغا ئوت ياقماق بولسام،
كۆيۈپ كەتتى جىمى ھېسلىرىم.
مەن تۈتۈنگە ئايلانغان چاغدا،
كۆزيېشىمدا سېنىڭ تىۋىشىڭ.
ياشاپ كەلدىم ئۆلەلمىگەچكە،
جۇلدۇر كېپەن ئۈمىدنى كېيىپ.
ئۆلۈپ كەتتىم قولۇڭدا تەكرار،
قويغۇم كەلدى شەنىڭگە سىيىپ.
تىللىغۇم يوق ئىدى ئەزەلدىن،
مەن قانمىغان گۈزەل ھاياتنى.
دەرتلىرىمگە دەسمايە قىلىپ،
سېتىۋەتتىڭ مەندەك ئاۋاقنى.
ئېلىپ كەتكىن ئارزۇلىرىمنى،
قالدۇرۇپ قوي ماڭا ئەقىدە.
قېرىپ كېتەي يەنىلا تەنھا،
سەن سۆيمىگەن ھىجران تۈۋىدە.
ئېيتىپ قويغىن ئۇچرىغانلارغا،
شەيدا قالدى مېنى باغاشلاپ.
ئەكىلىڭلار ئارىيەت ئېلىپ،
قېچىپتىمەن روھىمنى تاشلاپ.
دېگىن يەنە قۇچاقلاڭلار دەپ،
ئۇنىڭدا بار مېنىڭ بارلىقىم.
دېگىن ئاڭا بېرىڭلار سۆيگۈ،
مەن بىلەنلا يۈتسۈن خارلىقىم.
2010-يىلى10-ئاينىڭ8-كۈنى
قارقاش-ياۋا
مەنبە: مەن ۋە مۇھەببەت