چىدىساڭ ياشا !...
ئاپتورى : ئابلەت ئابدۇللا
بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا،
قەلبىڭدە نومۇس بىلەن پەسلىك ئېلىشار.
شاھ- تەخت بىرگە بىر ، پۇل بىلەن بەندە،
شۆھرەتكە دائىما ھەسەت چاپلىشار،
بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا .
بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا،
يىقىلساڭ يۆلىمەيمەن ئۆزۈڭدە گۇناھ.
ئالتۇن بول، تۇپراق بول ، سەن ئۆزۈڭ دۇنيا،
قايغۇرۇش، ئۆكۈ نۈش پايدىسىز ئاھ- ۋاھ،
بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا .