ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
ئانا دىيار ئۈچۈن ئالغا !
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 354
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 242
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
شۆھرىتى: 1000866
پۇلى: 1001623 تەڭگە
تۆھپىسى: 10001
توردا: 362(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-31
ئاخىرقى: 2010-10-08
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-06 21:03

ئانا

جان ئانا


( باياۋان )


قەدىردانىم جان ئانا ،
تۇغدۇڭ مېنى مېھرىڭدىن ،
پانىي تامان چۈشتۈممەن ،
ئاجرىغانچە تېنىڭدىن .


باقتىڭ مېنى پەپىلەپ ،
ئەجرىڭ بىلەن جاپادا .
ئۆتۈپ شۇنچە ئاي-يىللار ،
قوشۇلدۇم ھەم قاتارغا .


خورىدى سەندىن مادار ،
ئەقىل-زېھنىڭ ئاجىزلاپ .
قىلچە ۋايساش بولمىدى ،
چەكسەڭمۇ گەر ئىزتىراپ .


ياشلىق جىسمىڭ سولاشتى ،
تەنگە تىترەك ئولاشتى .
مەشئۇملۇق خىياللىرىڭ ،
ساڭا « گۆرلۈك » كولاشتى .


ئويلاپ باقسام جان ئانا ،
قەرزنى قايتۇرماپتىمەن .
نە قايناق سورۇن بولسا ،
پەقەت قالدۇرماپتىمەن .


كۆڭلۈم خالىغان يەردە ،
يۈردۈم كۆڭۈل خوش ئېتىپ .
تىلەك تىلەپ يىغلىساڭ ،
قارىماي قالدىم كېتىپ .


ئويلىرىمنىڭ سىرتىدا ،
تىنەپ ھامان يۈردۈڭسەن .
مەن بىئەقىل ۋە غاپىل ،
ئىشرەتكە يۈگۈردۈممەن .


ئۆتۈپ كەتتى شۇ سەۋەب ،
قانچە-قانچە ئاي-يىللار .
بولۇپ مەنمۇ ناتىۋان ،
بوغۇق ئۈندە قىچقىرار .


ئۆتتى كۈزۈم ئالدىدىن ،
ئۆتمۈشۈمنىڭ ئەينىكى .
روھىم تېپىپ ھىدايەت ،
ئەمدى راستىن دەيمىكى :


بىلسەم ئۆزۈڭ جان ئانا ،
تەربىيىچىم ، ئۇستازىم .
بارلىقىم مەنسۇپ ساڭا ،
قىلسام ھەقتۇر مىڭ تازىم .


مۇشتۇمچە يىرىڭ گۆشنى ،
پەرۋىش قىلدىڭ ، ئۆستۈرۈپ .
يۈرىكىڭ ، مېھنىتىڭدىن ،
يېڭى ھايات ئۈندۈرۈپ .


ئەللەيلىدىڭ كۈنى-تۈن ،
كېچىپ تاتلىق ئۇيقۇڭدىن .
بارغانسېرى خوشلاشتىڭ ،
شۇنچە گۈزەل تۇرقۇڭدىن .


ئاق-قارىنى ئۆگەتتىڭ ،
دىلغا ھېكمەت تولدۇرۇپ.
ئىنسانىي كۆيۈم بەردىڭ ،
قۇچىقىڭدا قوندۇرۇپ .


بارىڭنى قىلىپ قۇربان ،
ماڭا ئاچتىڭ ئىستىقبال .
ئېچىلىپ ھايات يولۇم ،
پەن بىلەن تاپتىم كامال .


« سۇ ئىچكەندە ئۇنتۇلماس :
شۇ قۇدۇقنى قازغۇچى .
ئۇنۇتۇپ بۇ ھېكمەتنى ،
ئۆزۈم بولدۇم ئازغۇچى » .


بەللىرىڭمۇ مۈكچىيىپ ،
قورۇق چۈشتى يۈزۈڭگە .
قەدرىڭ ئەجەپ بىلمىدىم ،
لەنەت دەيمەن ئۆزۈمگە .


ئەمدى بىلىپ غەنىمەت ،
بار ۋاقتىڭنى جان ئانا .
ئادا قىلىپ پەرزىمنى ،
بېرەي ساڭا « قان » ئانا .


كۆز ياشلىرىڭ ئورنىغا ،
بەخش ئېتەي شوخ كۈلكە .
ۋاپادارلىق بابىدا ،
يارىتىپ يېڭى ئۈلگە .


نىمە پايدا ئۆلگەندە ،
قان-ياش يىغلاپ يۈرگەندىن .
ھاياتلىقتا بىر تال دان ،
ئەكەلگۈلۈك تۈگمەندىن .


دىدارىڭغا قېنىۋالاي ،
ھىدىڭنى ھەم پۇرىۋالاي .
ئۆز ئەركىمگە قويۇپ بەر ،
سېنىڭ بىلەن تۇرىۋالاي .


دۇئا بەرگىن قۇۋۋەتلىك ،
بەركەتلىك ھەم مۇرۇۋەتلىك .
ئۇلۇغ تەڭرى دەرگاھىغا ،
باراي شۇندا يۈرەكلىك .
دۇنيادا ياخشى نام قالدۇرۇش كېرەك
مەن _ زىننۇرە شۇ !
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 138
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 607
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە607دانە
شۆھرىتى: 1003423
پۇلى: 1008715 تەڭگە
تۆھپىسى: 10028
توردا: 783(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-16
ئاخىرقى: 2010-10-20
1  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-06 21:43

ئانا ئۇلۇغ ``~~! شېئىردىكى پېرسۇناژنىڭ بالدۇر ئەقلىنى تېپىۋالغىنى ياخشى بولدى .
قەلىمىڭىز قۇۋۋەت تاپسۇن باياۋان ئاكا  
بۈگۈنكى ۋاقتىڭىزنى مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈڭ ، تۈنۈگۈن __ بىر تارىخ ، ئەتە __ بىر سىر !
Www.Anadiyar.Cn
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 17
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 697
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە697دانە
شۆھرىتى: 2451
پۇلى: 12230 تەڭگە
تۆھپىسى: 8
توردا: 50(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-05
ئاخىرقى: 2010-10-20
2  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-09 20:39

يەنە بىر نادىر ئەسىرىڭىز بىلەن يۇز كۇرۇشتۇرگىنىڭىزگە تەشەككۇر.ئاۋۇ ناخشىمۇ بەك تەسىرلىككەن،چۇشۇرەەي دىگەنتىم،چۇشۇرەلمىدىم،ناخشىنىڭ ئسمىنى دەپ بىرەمسىز؟يەنە كىم ئىيىتقانلىقىنى؟
يالغۇز تورى
جاھاننىڭ ئىشلىرىغابىرنىمەدىگىلى بولمايدۇ!
ياغاچ قازاندا ئاش پىشماس .
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 79
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 676
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە676دانە
شۆھرىتى: 2566
پۇلى: 13204 تەڭگە
تۆھپىسى: 91
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-13
ئاخىرقى: 2010-10-20
3  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-10 14:16

ئانىلار ئۇلۇغلۇدۇر ، ئانىلار پەرزەنىتلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگۈچىلەردۇر، بارلىقىنى پەرزەنىتلەرگە بىغىشلىغۇچىلاردۇر .
شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ . ئاپىرىن !
قىيىن ئش يوق ئالەمدە ،
كۆڭۈل قويغان ئادەمگە .