ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ‹‹مالىم››بىز(ئۆزتېكىن)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 974
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 13
پۇلى: 36 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-07-19
ئاخىرقى: 2010-10-15
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-03 20:31

‹‹مالىم››بىز(ئۆزتېكىن)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما چىنئاي تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-03)
‹‹مالىم›› بىز
مۇخەممەس
پەرھات تۇرسۇن شەيدائى


خەت يازىمىز كۈنۇ-تۈن ھارمايدىغان‹‹مالىم›› بىز
ناشتىلىققا ھەركۈنى بوريەيدىغان‹‹مالىم›› بىز
بەزمە، مەشرەپ، سورۇنغا چاپمايدىغان‹‹مالىم›› بىز
ئىككى ئېغىز ماختاشتا ياشنايدىغان‹‹مالىم›› بىز
ئەجرىمىزگە چۇشلۇق نەپ ئالمايدىغان‹‹مالىم›› بىز

مال دۇنيا يوق بىزدىكى ئاران بىر ساپ يۈرەكتۇر،
غورۇر، ۋىجدان، پەزىلەت بىزگە ئاددى بېزەكتۇر،
بىزلەر ئۈچۈن چوڭ سوۋغا ياشا دېگەن تىلەكتۇر،
مىللىتىمنىڭ كەلگۈسى پەقەت بىزگە كېرەكتۇر،
جەبىرى-جاپا، مېھنەتتىن تالمايدىغان‹‹مالىم›› بىز

خىزمەت بىلەن ئۆتكۈزدۇق كېچە-كۈندۈز، ئاخشامنى،
تەكشۈرىمىز تاپشۇرۇق ئۇنتۇپ ھەتتا ئاش-ناننى،
ئۆيمۇ-ئۆيگە سوكۇلداپ ئەكىلىمىز قاچقاننى،
كىملەر كۆرگەن بىزچىلىك بەخىتكە يول ئاچقاننى،
كۆرەلمەسلەر كوتۇلداپ تىللايدىغان‹‹مالىم›› بىز

ھەرجايدا بار نامەردلەر سېنى پايلاپ ياتىدۇ،
ئېپى كەلسە ئۇيالماي كەينىڭدىنلا چاقىدۇ،
چىماق سېلىپ تۇيدۇرماي پۇتلاپ تاشقا ئاتىدۇ،
يېتەلمىسە مەقسەتكە سېنى سۆكۈپ ساتىدۇ،
‹‹مالىم››تۇرۇپ‹‹مالىم››نى غاجايدىغان‹‹مالىم›› بىز

ئايلاپ-ئايلاپ كۆرمىدۇق پېتىرمانتا، پولونى،
قۇرۇق ناننى غاجىلاپ نىسى ئالدۇق‹‹موتونى››،
مائاشىمىز تۆت تەڭگە، ياماپ كەيدۇق‹‹ماۋكۇنى››،
بىزلەر بويتاق تېخىچە، تۇغدى تازنىڭ خوتۇنى،
ئىشتان ھەرگەز ئۇشۇقتىن ئاشمايدىغان‹‹مالىم›› بىز

مەكتەپ دېگەن بىر دۇنيا، ئۆزگە بىلمەس، چۈشەنمەس،
دۆۋە-دۆۋە خىزمەتنى كۆزى كۆرمەس، كۆرەلمەس،
يۈكى ئىغىر‹‹مالىم››نىڭ، دولى ئېگىز، بېشى پەس،
بۇنى سۆزلەپ بولمايدۇ، خەيىر ئەمدى بولدى-بەس،
خەقچە بولسا:‹‹ئاقنانچى، ئۆلمەيدىغان››‹‹مالىم›› بىز

بىرى كېلىپ تەييارلىق، نىچۈن ئاق بۇ بەت دەيدۇ،
بىرى كېلىپ ئىشىڭنىڭ تايىنى يوق سەت دەيدۇ،
بىرى كېلىپ ساماۋى ئۆلچەملەرگە يەت دەيدۇ،
قىلالمىساڭ خىزمەتنى يىت كۆزۈمدىن كەت دەيدۇ،
كۈندە يەتمىش لالما ئىت تالايدىغان‹‹مالىم›› بىز

تالاي دەپتەر تىزىلىپ كۈتەر بىزنى رەتمۇ-رەت،
ساختىلىققا كۆز يۇمۇپ يېزىلماقتا كۈندە خەت،
تۈك قالمىدى چوقىدا ئەسلى ئىدۇق بىز ‹‹پەچەت››
كۆپلىرىمىز ئاينىدۇق، تۇتىۋالدى بىزنى دەرت،
شۇڭىمىكىن قوشاقتا قاينايدىغان‹‹مالىم›› بىز

يوقلىمىدۇق ھېچكىمنى بىزدە دوست-يار يوقمىدۇ؟
لايدا ئەتكەن ھەيكەلمۇبىز، يېمىسەكمۇ توقمىدۇ؟
تىنىم تاپماي چاپىمىز كەينىمىزدە ئوقمىدۇ؟
كۆز كۆرەدە تاپمىدۇق ئۆي، بىزدە تۇرمۇش يوقمىدۇ،
شورپىشانە پەلەكتىن قاقشايدىغان‹‹مالىم›› بىز

ئون بەش مىنۇت كېچىكتىڭ جەرىمانە بەر دەيدۇ،
بۇرۇن قايتتىڭ بەش مىنۇت، مەكتەپ قانداق يەردەيدۇ،
رۇخسەت دەيسەن ئۇيالماي، يۈزى قېلىن سەت دەيدۇ،
سەكراتتىكى تۇرمۇشنى سورىمايدۇ، بىلمەيدۇ،
گەجگىمىزدىن ئۇر توقماق كەتمەيدىغان‹‹مالىم›› بىز

تەكشۈرۈشلەر قاينايدۇ، يۈرەك پوك-پوك كۈندە غەم،
قويغان-تۇتقان ئەستە يوق، ختىرىمىز ئەمەس قەم،
قايسى ئىشىم چاتاقكىن دەپ كالپۇكلاردا يوقتۇر نەم،
چېپىپ يۈرۈپ ئون بەش كۈن چىدىمايدۇ بىزگە چەم،
كۈرمىڭ ئەلەم-كۈرمىڭ غەم يالمايدىغان‹‹مالىم›› بىز

تەخەيلەرنى تېپىپتۇ،‹‹مالىم›› سەن نېمىش قىلدىڭ؟
موزايلارنى ئۈسۈپتۇ ‹‹مالىم›› سەن نېمىش قىلدىڭ؟
ئاخشام قارا بېسىپتۇ، ‹‹مالىم›› سەن نېمىش قىلدىڭ؟
زۇكام بولۇپ يېتىپتۇ، ‹‹مالىم›› سەن نېمىش قىلدىڭ؟
بىر بالىغا بىر جۈپتىن يەتمەيدىغارن‹‹مالىم›› بىز

دۇرۇس ۋە ھەق سۆزىمىز سىنىپتىلا ئاقىدۇ،
سىرتقا چىقساق يەرشارى بىزگە سوغۇق باقىدۇ،
ئەجرىمىزدىن ئەۋلادلار كۆكتە قانات قاقىدۇ،
تاماشانى كور كۆرۈپ، سۇلار سايغا ئاقىدۇ،
بىرەر بۇردا بىكار نان يېمەيدىغان‹‹مالىم›› بىز

ئارمانلارنى تاشلىدۇق، كۆندۇق تۈزۈم مەيلىگە،
ئاغرىپ قالساق ئىككى كۈن خىزمەت چۈشەر كەينىگە،
دوست-يارەننى قىچقىرىپ چىقالمىدۇق سەيلىگە،
خەيىر دېمەي نەئامال كاج پەلەكنىڭ پەيلىگە،
ئەمما ئەلگە باھارنى چىللايدىغان‹‹مالىم›› بىز

كۈندە قاتماس بىزلەرنى ھاپىز كۈيلەپ نەغمىگە،
بىزنى كاتتا ئەربابلار چاقىرمايدۇ بەزمىگە،
بىرى دەيدۇ بەك بېخىل ئوخشايدۇ نەق ئەزمىگە،
بىرى دېدى‹‹ئەپلەندى›› قېتىپ سېسىق نەزمىگە،
ئەمما ئۇلۇغ كەسىپتىن بەزمەيدىغان‹‹مالىم›› بىز

تونىمايمىز ئەمەلدار، پۇلدار ياكى يولدارنى،
بىلگىنىمىز سەبىيلەر، بىز تۇنۇيمىز شۇلارنى،
مەكتەپتىلا قېرىيمىز چىمەن ئەيلەپ گۈلزارنى،
ھېچكىم ئەتمەس گۈلىستان بىزچە ئانا دىيارنى،
بەش تىيىنغا گېپىمىز ئۆتمەيدىغان‹‹مالىم›› بىز

غاجاۋەرمەڭ بىزلەرنى كۆزىڭىزدىن يۈتەرمىز،
قانچە يوغان شام بولساقمۇ ھامان بىر كۈن ئۆچەرمىز،
مىللىتىمنىڭ روھىنى قان-تەر بىلەن پۈتەرمىز،
ئاددى-ساددا بولساقمۇ ھۆرمەت بىلەن كېتەرمىز،
يۈزلەپ ساپ دىل، قەلىبلەر ئەسلەيدىغان‹‹مالىم›› بىز
2009-يىلى نويابىر
خوتەن.قارقاش
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+1(bahader) ياخشى~!!!
  • يۈرەكتىن~ تىلەك،مەن شۇ خوتەنخان.
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
    نادىر تېمىسى: 13
    ئومۇمىي يازما: 592
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە592دانە
    شۆھرىتى: 3160
    پۇلى: 12026385 تەڭگە
    تۆھپىسى: 8
    توردا: 32(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-05
    ئاخىرقى: 2010-10-18
    1  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-04 11:44

    ..............رەسمى خوتەن شىۋىسىكەن ھاما.........ھى ھى ھى ....مالىم دەپچۇ....
    كۆز كۆرمىگەن بىلەن يۈرەك كۆرىدۇ...
    ياغاچ قازاندا ئاش پىشماس .
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 79
    نادىر تېمىسى: 9
    ئومۇمىي يازما: 672
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە672دانە
    شۆھرىتى: 2564
    پۇلى: 13184 تەڭگە
    تۆھپىسى: 91
    توردا: 2(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-13
    ئاخىرقى: 2010-10-17
    2  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-04 13:13

    مۇخەممەسنى بەك ياخشى يېزىپسىز ،قولىڭزغا دەرىت كەلمىسۇن !
    يالغۇز تورى
    قىيىن ئش يوق ئالەمدە ،
    كۆڭۈل قويغان ئادەمگە .
    مەن _ زىننۇرە شۇ !
    دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 138
    نادىر تېمىسى: 8
    ئومۇمىي يازما: 607
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە607دانە
    شۆھرىتى: 1003423
    پۇلى: 1008715 تەڭگە
    تۆھپىسى: 10028
    توردا: 767(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-16
    ئاخىرقى: 2010-10-18
    3  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-04 16:51

    تۈنۈگۈن ۋاقتىم قىس بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكاس يازمايلا چىقىپ كەتكەنتىم .
    بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى ئەينەن تەسۋىرلەپسىز ، بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ھەمدە تىمىلىرىڭىزنى مۇنبەر يۈزىدە پات-پات كۆرۈپ تۇرغايمىز      
    بۈگۈنكى ۋاقتىڭىزنى مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈڭ ، تۈنۈگۈن __ بىر تارىخ ، ئەتە __ بىر سىر !
    SERGERDAN
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12
    نادىر تېمىسى: 17
    ئومۇمىي يازما: 592
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە592دانە
    شۆھرىتى: 2037
    پۇلى: 11865 تەڭگە
    تۆھپىسى: 7
    توردا: 321(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-05
    ئاخىرقى: 2010-10-16
    4  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-04 19:45

    شائىرنىڭ قولىغا دەت كەلمىسۇن ، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى يېزىپتۇ قالتىسكەن ،  
    يوللىغۇچىغىمۇ رەھمەت  
    [ چىنئايتەرىپىدىن2010-10-04 22:34قايتا تەھرىرلەندى ]
    كۆرگەندىن كۆپ كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ ..!
    Www.Anadiyar.Cn
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 17
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 697
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە697دانە
    شۆھرىتى: 2451
    پۇلى: 12230 تەڭگە
    تۆھپىسى: 8
    توردا: 48(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-05
    ئاخىرقى: 2010-10-17
    5  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-07 19:09

    شىئىرنىڭ تىمىسىغا قاراپ مالىم دىگەن نىمە گەپكىن دەپتىمەن،ئەسلى مۇئەللىم دىگەن گەپكەندە خوتەندە مالىم دەمدا؟    لىكىنزە مۇخەممەس بەك ياخشى يىزىلىپتۇ،مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى ئۇزۇپ قويمىغايسىز~!!!
    جاھاننىڭ ئىشلىرىغابىرنىمەدىگىلى بولمايدۇ!
    ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى مەن شۇ ئەلتېكىن
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 895
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 122
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
    شۆھرىتى: 1000539
    پۇلى: 1001998 تەڭگە
    تۆھپىسى: 10030
    توردا: 469(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2010-07-14
    ئاخىرقى: 2010-10-19
    6  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-10 11:13

        xairimizga koz tagmisun  ha yana tirxig