ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىن
ئانا دىيار ئۈچۈن ئالغا !
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 354
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 242
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
شۆھرىتى: 1000866
پۇلى: 1001623 تەڭگە
تۆھپىسى: 10001
توردا: 362(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-31
ئاخىرقى: 2010-10-08
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-03 13:29

مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىن




شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ ، 1955-يىلىدىن 1958-يىلى 3-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتۈرگەندىن كېيىن ، 1959-يىلى 5-ئايغىچە پىچان ناھىيىسىدە قايتا تەربىيە ئالغان . 1960-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە چاپچال ناھىيىسى ۋە غۇلجا ناھىيىلىرىدە مەمۇرىي خادىم ، تېخنىك ، كاتىپ ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . 1968-يىلى " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان ، 1983-يىلى ئاقلىنىپ ، غۇلجا ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان . 1989-يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغانغا قەدەر شۇ مەكتەپتە تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن .
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958-يىلى " ئىلى گېزىتى " دە ئېلان قىلىنغان " ئىلى دەرياسى  "ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان . ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شېئىر ئىجادىيىتىگە رەسمىي كىرىشكەن . بولۇپمۇ 1980-يىللاردىن كېيىن ئىجادىيەتتە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن . ئۇ ھازىرغىچە " بۇدۇنيا " ، " بەزىلەر " ، " سەن يوق " ، " كۈت " ، " مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس " ، " يىللار ئىزى " ، " مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن " قاتارلىق مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان . مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ بۇ شېئىرلىرى " كاككۇك گۈلى " ، " يىللار ئىزى " ، " كۈنلەر ئالبومى " ، "ئانا يەر قەسىدىسى " ،"ئۆمۈر ئىلھاملىرى " ، " ھايات دېگەن مانا شۇ " دېەەن ناملاردا توپلام قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان .
مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىرگە يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، پوۋېسىت ۋە ئەسلىمىسىنى ئېلان قىلغان ، بۇلار " تېنىگەن كۆڭۈل " دېەەن نامدا 2001-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان .
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىر-غەزەللىرى ئاممىباپ ، خەلققە يېقىشلىق بولغاچقا ، كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ خەلق ئارىسىغا تارقالغان ، كۆپلىگەن شېئىرلىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .


ئانا تاغلار




ئۈستۈڭدىن ئۇچۇپ ئۆتتۈم كۆردۈڭمىكىن ،
تۇرنىلار ئارىسىدا مەن بار ، تاغلار ؟
قېنى ، دەپ سوراپ يۈرمە كىملەردىندۇر ،
ھەر كۆزنىڭ قارىسىدا مەن بار ، تاغلار .


شامالنىڭ لېۋى ئەمەس مېنىڭ لېۋىم
باغرىڭنى باغ-باغ ئېتىپ سۆيۈپ ئۆتكەن .
ياق ، يالغۇز قۇياش ئەمەس ، مەن بار يەنە
چوققاڭدىن ئىشقىڭ بىلەن كۆيۈپ ئۆتكەن .


دېگەنتى ئانام سېنى " ئانا تاغلار " ،
كۆرسىتىپ دېرىزىدىن سەبىي چېغىم .
ئانامنىڭ ئاغزى خىزىر ئاغزى تۇرسا ،
مەن سېنى دېمەي نېچۈن : ئانا تېغىم !


رەھمەتلىك ئانام كەتتى ، قالدىڭ ئەمما
ئەللىككە كەلگىنىمچە ئەللەي ئېتىپ .
ئانام بار ، دەپ يۈرىيمەن ، ئانا تاغلار ،
قەدرىڭگە ئۆزۈم يېتىپ ، ئانام كېتىپ .


بار ئىدى بىر باغرىڭغا قەبرىلىگۈم
ئۆزۈڭنى "ئانا " دېگەن ئانامنىمۇ .
تەڭ ئىلىك ئالار ئىدى ئىككى ئۇلۇغ
دەيىتتىم مەن ئوغلى بەرگەن سالامنىمۇ .


يادىمغا يەتسە ئانام ، ساڭا باقتىم ،
نېچۈندۇر يىغا تۇتتى بىراق مېنى .
ئۆرتىدى يېڭىۋاشتى نسېغىنغاندا ،
ئانامدىن سەندە قالغان پىراق مېنى .


ئېگىزنى ئۇلۇغ دېسە ، ئۇلۇغ ئۆزۈڭ ،
ئەرىشنىڭ قۇچىقىدا ئەزىز بېشىڭ .
نۇر چاچقان ئاي-يۇلتۇزلار تۈندە ساڭا ،
يۈرىكى كۆيۈپ تۇرغان قېرىندىشىڭ .


سېخىينى ئۇلۇغ دېسە ، ئۇلۇغ ئۆزۈڭ ،
ئالتۇن بار ، ئېتىكىڭدە جاۋاھىر بار .
ياق ! دېسەڭ ياراشمايدۇ ، ئانا ، تاغلار ،
چۆرەڭدە شۇ سۆزۈمگە مىڭ شاھىت بار .


باھارنى كۆرگۈچىلەر ساڭا باقسۇن ،
ئالدىڭدا دالا نېمە ، ئېتىز نېمە ؟!
ئالدىدا بىر گۈلۈڭنىڭ پورەكلىگەن
شائىرلار ماختاپ يازغان مىڭ قىز نېمە ؟!


قۇياشقا مەڭزىڭ يېقىن ، ئانا تاغلار ،
قۇياشتىن قېلىشمايدۇ ھارارىتىڭ .
قارىغايلار بويلىرىدىن كەتمەيدۇ ياز ،
باھارغا تولۇپ ياتار ئىككى بېتىڭ .


شەپەقلەر غايىب بۇلار سېنى سۆيۈپ ،
شەپەقلەر مۇرادىغا يېتەر سەندە .
ئۇخلايدۇ زېمىن ، ئەمما ئۆزۈڭ ئويغاق ،
كۆزەتتە تۈنلەر ئويغاق ئۆتەر سەندە .


سايەڭنى سايغا چۈشكەن بىر باتۇرنىڭ
سايىسى دېسەم ، تەھقىق ، قىلار ئازلىق .
چاقماقلار چاقسا ، سەندە قىلدى دەيمەن
چوققاڭنى تەسۋىرىمدە قىلىچۋازلىق .


سېنىڭدىن بىلگەنلىرىم نۇرغۇن مېنىڭ ،
بولمايدۇ ئۇنى ساناپ تۈگەتكىلى !
سەن تۇرساڭ پەزىلەتنىڭ چىن ئۇستازى ،
مەن يەنە كىمنى چىللاي ئۆگەتكىلى ؟!


مىنگەشكەن بوۋاق ئىدىم مەنمەنلىككە ،
قول ئۈزدۈم شۇ ئىللەتتىن ساڭا بېقىپ .
مىننەتنى تاشلىۋەتتىم كۆك قەرىگە ،
كىبرىدە ئۇچماس بولدۇن قانات قېقىپ .


يىراقسەن تۆھپەڭ تۇرۇپ تەمەننادىن ،
تاشلىدىم سېنى كۆرۈپ غادىيىشنى .
يېتىلدىم خۇيسىز يىگىت بولۇپ ئاخىر ،
تاشلىدىم خام خىيالدىن تاج كىيىشنى .


قۇچاقلاي دېسەم سېنى ، ئانا تاغلار ،
يەتمەيدۇ قۇچاقلىرىم قۇچاقلاشقا .
ياشايمەن سەجدە قىلىپ ھەر كۈن مىڭ رەت ،
شۇ سەۋەب سېنىڭدىكى ھەر بىر تاشقا .

" ئانا تاغلار " دىن ئېلىندى .
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+2(bahader) رەھمەت~!!!
  • دۇنيادا ياخشى نام قالدۇرۇش كېرەك
    يۈرەكتىن~ تىلەك،مەن شۇ خوتەنخان.
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
    نادىر تېمىسى: 13
    ئومۇمىي يازما: 592
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە592دانە
    شۆھرىتى: 3160
    پۇلى: 12026385 تەڭگە
    تۆھپىسى: 8
    توردا: 32(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-05
    ئاخىرقى: 2010-10-18
    1  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-04 11:50

    ...........ھەقىقەتەن ياختۇرىمەن بۇ ئاپتورنىڭ شىئرلىرىنى........باياۋان قىرىندىشىم،سىزنىڭ شئرلىرىڭىزدا مۇنۇ ئاپتورنىڭ شىئىرلىرىدىكى پۇراق بار ...سىزنىڭمۇ ئۆز ئىجادىيتىڭىزنى كۈتىمىز جۇمۇ.
    كۆز كۆرمىگەن بىلەن يۈرەك كۆرىدۇ...
    SERGERDAN
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12
    نادىر تېمىسى: 17
    ئومۇمىي يازما: 592
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە592دانە
    شۆھرىتى: 2037
    پۇلى: 11865 تەڭگە
    تۆھپىسى: 7
    توردا: 321(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-05
    ئاخىرقى: 2010-10-16
    2  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-04 19:13

    مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ شىئېرلىرىنى بەلكىم ھەممە كىشى ياقتۇرسا كېرەك ماڭىمۇ بەك يارايدۇ
    يالغۇز تورى
    كۆرگەندىن كۆپ كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ ..!
    Www.Anadiyar.Cn
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 17
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 697
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە697دانە
    شۆھرىتى: 2451
    پۇلى: 12230 تەڭگە
    تۆھپىسى: 8
    توردا: 48(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-05
    ئاخىرقى: 2010-10-17
    3  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-07 18:51

    مۇھەممەتجان راشىدىن توغۇرلۇق بۇرۇن ئانچە-مۇنچە ئۇقساممۇ لىكىن چوڭقۇر ئەمەستى،بۇگۇن خىلى چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولىۋالدىم،شىئىرلىرىنىمۇ بەك ياقتۇراتتىم،رەھمەت~!!!
    جاھاننىڭ ئىشلىرىغابىرنىمەدىگىلى بولمايدۇ!