
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك مۇنبەرداشلىرىم،سىلەرگە چوڭقۇر سالام يوللايمەن.يىقىندا ئائىلە ئىشلىرىم بىلەن مۇنبەرگە كىرىپ ،سىلەر بىلەن سەمىمى پىكىرلىشەلمىدىم،مۇنبەردىكى كوناۋەيىڭى ئەزالارنى ۋەئۇلارنىڭ تىما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ،مۇنبەرگە قايتىدىن ئاشىق بولدۇم.
كونا ئەزالارمۇ خىلى باركەن،سىلەرنىڭ ئانادىياردىن چىقىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.چۈنكى سىلەرنىڭ سەمىمى تىلەكلىرىڭلار ھەرگىز يالغان ئەمەس.يىڭى ئەزالارنىڭمۇ چىقىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن،سىلەرمۇ ئاز بولمىغان تىما ئىنكاسلارنى يوللاپ مۇنبىرىمىزنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ بىرىۋاتىسىلەر.
ئانادىيار ، كونا يىڭى ئەزالارنىڭ ئىجادىيەت ۋە پىكىريۈرگۈزۈش قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ سورۇننى ھازىرلاپ بەردى.
ئىجادىيەت ۋە ئىلھام بىكارغا كەلمەيدۇ،ئىجادىيەت ،سىلەرنىڭ بىكار ۋاقىتلاردا ئىلھامىڭلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ،لىرىكا،شىئىر،ماقالە،ھىكايە ۋە رومان يىزىشتەك قابىلىيتىڭلارنى ئۆستۈرىدۇ.
كەڭ مۇنبەرداشلىرىمغا ۋە شۇنداقلا يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەن دوسلىرىمغا بىلدۈرمەكچى بولغىنىم:نادىر ئەسەرلەر ئارىسىدا ئۆز تىمىلىرىڭىزنىڭ بوينى قىسلىپ،پىكىرسىز،ئىنكاسسىز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگۈنىڭىزدە،ئەجرىڭىزگە چۇشلۇق كۆڭۈل خۈشىنىڭ يوقلىقىدىن ،كۆڭلىڭىز يىرىم بولىدۇ.
مانا بۇ سىزنىڭ ئىجادىيتىڭىزنى توختىتىپ قويىدىغان پىسخىكا سىنىقى.
سىلەر خىلى كۆپ مۇنبەردىكى ياخشى ئەسەر تىمىلارنى كۆردۈڭلار ئەلۋەتتە.ھەممە كىشىنىڭ بىر قىتىمدىلا ياخشى بىر ئەسەرنى يوللاپ ،تور دۇنياسىدىن ئىبارەت بۇ سورۇندا بىراقلا نام،ئۇتۇق قازىنالىشى ناتايىن.
سىز ئىلھاملىرىڭىزدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئۆگۈنىۋىلىڭ.ئىلھام دىگەن كىلىپ كىتىپ تۇرىدىغان نەرسە.ئىلھام تۇرمۇشتىن كىلىدۇ،تۇرمۇشتا ھەركۈنى نۇرغۇن ئىشلار بولىدۇ.تۇرمۇشىڭىزدا بولۇپ ئۆتكەن ئىش،ۋەقەلەر كىيىنچە ئۆز قەلىمىڭىز بىلەن ھىكايە،رومانغا ئايلىنىشى .
قەلبىڭىزنى تىترەتكەن سۆيگۈ __ ئوقۇرمەننىڭمۇ قەلبىنى تىترەتكۈدەك ياخشى بىر شئىر ياكى لىرىكىغا ئايلىنىشى.
سىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان بىرەر ئىش__ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلىشىگە تىگىشلىك ئىشىغا ئايلىنىشى.
باشقىلار ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن ھىس تۇيغۇلار،سىزنىڭ قەلىمىڭىز بىلەن تىخىمۇ ئۆتكۈر -پىكىرلىك چىقىشى مۇمكىن.
مانا بۇ سىزنىڭ ئىجادىيتىڭىز.
مەيلى سىز ياخشى يىزىڭ ياكى ناچار يىزىڭ،ئانادىيار مۇنبىرى سىزنىڭ ھەربىر ئەسەر،تىمىلىرىڭىزنىڭ يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ،سىزنىڭ تۇنجى قەدەم قويغان ئىجادىيەت بىغىڭىزنى بىيىتىشڭىزغا ،ئەڭ سەمىمىي بولغان سورۇننى ھازىرلاپ بىرىدۇ.
سىز يىزىڭ،ئاستا-ئاستا يىزىڭ،ناچار يىزىڭ،سىز چوقۇم يازالايسىز.ئىلھاملىرىڭىزنىڭ كۆمۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت يىزىپ تۇرۇڭ.
ئەمدى ئەسسالامنىڭ جاۋابىنى سىلەردىن كۈتىمەن.يىزىپ بىقىڭلار،ئۇيلىغىنىڭلارنى،كەم قالغانلىرىنى يىزىڭلار.
يوللىغۇچى:تاققا-تۇققا ئويلارنى يىزىشقا مەجبۇرلىغان تىلەكنىڭ ئون بارمىقى.