ئىستانبۇلدا «قۇرئانى كەرىم» كونفېرانسى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «قۇرئانى كەرىم» نىڭ يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلگەنلىكىنىڭ 1400- يىلىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا بىر كونفېرانس ئۆتكۈزۈلدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كونفېرانستا، غەربتىكى تېررورىزم بىلەن ئىسلامنى تەڭداش ئورۇنغا قويۇش ئۇرۇنۇشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى ھەر دائىم ئەيىبلەيمىز. ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىشنى بىر ئىنسانىي جىنايەت، دەپ قارايمىز» دېدى.
ئەردوغان، پاكىستانغا ياردەم قىلىش مەسىلسىىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، نېفىتقا باي ئىسلام دۆلەتلىرىگە كايىدى.
دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەلى بارداقئوغلۇمۇ، مەنىۋىي ۋە ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلار ئاجىزلاپ كەتكەن ھازىرقى كۈندە، «قۇرئانى كەرىم» نى چۈشۈنۈپ چىقىشقا تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.
ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئەكمەلۇددىن ئېھسانئوغلۇمۇ، «قۇرئانى كەرىم» نىڭ ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇشقا ناھايىتى كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
مەنبە : ئۇيغار تورى .