ساقلانما
تېز كۆرۈش
ئانا دىيار ئەدەبىياتى
ئەدەبىي ئەسەرلەر
تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى
گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردى
ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى
شېئىرىيەت ھىكايە سەھنىسى
ئانادىيارمۇكاپاتلىق تور ئەسەرلىرى
ئانا دىيار ئاخباراتى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
تەنتەربىيەخەۋەرلىرى
ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار
خەلىقارا خەۋەرلىرى
شىنجاڭ خەۋەرلىرى
غەيرى خەۋەرلەر
::دەۋر رېتىملىرى::
بەس-بەس مۇنازىرە
سىتودېنتلار سەھنىسى
پەن-تېخنىكا
ئۇچۇرلار
سەنئەت چولپانلىرىمىز
سەنئەت - يېڭىلىقلىرى
ياردەم - يەنە ياردەم
تاغدىن باغدىن
ئانا دىيار كۆڭۈل ئېچىش ئار
Flashكارتونلار
رەسىملەر
قىزىقئارلىق تور ئويۇنلىرى
يۇمۇر - لەتىپە- چاقچاقلار
مۇڭلۇق ناخشا - مۇزىكىلار
كىنو-فىلىملەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
قىزىقارلىق ئىتۇتلار
::كومپىيۇتېر ۋە يانغۇن::
يانفۇن بىلىملىرى
يانفۇن دىتاللىرى
كۇمپىيۇتۇرلاھىيەلىرى
كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابل
توربەت ۋە يۇمشاق دېتال
ھەقسىز دېتاللار رايونى
QQ مەخسۇس رايونى
مۇزىكادىتاللىرى
::مەدەنىيەت ۋە مىراس::
ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز
پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيى
مەشھۇر شەخىسلەر
ئۇيغۇر تائاملىرى
::تۇرمۇش يېتەكچىسى::
ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك تەتقاتى
كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر
ساغلاملىق بىلىملىرى
تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
::مۇنبەر ئىشخانىسى::
مۇنـبەرگەتەكلىپ
مۇنبەر سەھىپىسى
باشقۇرغۇچىلار رايۇنى
كىرىش
تىزىملىتىش
مىھمان
يوللانما:
بۈگۈن:
تېمىللىرىم
ئىنكاسلىرىم
ساقلانمام
دوستلار ئەھۋالى
كىرگەن IP : 174.129.237.157
مۇنبەر
ئىزدەش
مۇلازىمەت
ياردەم
مىدال مەركىزى
ئاساسى ئۇچۇر
باشقۇرغۇچىلار
باشقۇرۇش خاتىرىسى
توردىكى ئەزالار
ئەزالار قاتارى
سەھىپە قاتارى
يوللانما قاتارى
تەۋسىيە قاتارى
wind
شېئىرىيەت ھىكايە سەھنىسى
ئەدەبىي ئەسەرلەر
باشقۇرغۇچىلار رايۇنى
گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردى
ھەقسىز دېتاللار رايونى
تاغدىن باغدىن
ئانادىيارمۇنبىرى
»
تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى
»
كۆزلەرنى چاقناتقان، دىللارنى يورۇتقان ئاشۇ گۈزەل شەھەرلەردە...
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
يېڭى تېما
تېما: كۆزلەرنى چاقناتقان، دىللارنى يورۇتقان ئاشۇ گۈزەل شەھەرلەردە...
كۆچۈرۈش
|
ساقلىۋېلىش
|
چىقىرىش
دوستلىشىش
serdax007
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
1713
نادىر تېمىسى:
1
ئومۇمىي يازما:
1
ئۇنۋان:
يېڭى
شۆھرىتى:
0
پۇلى:
25 تەڭگە
تۆھپىسى:
0
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2010-09-19
ئاخىرقى:
2010-10-08
0
يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 23:18
ئاپتۇرنىڭكىنىلا
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
كۆزلەرنى چاقناتقان، دىللارنى يورۇتقان ئاشۇ گۈزەل شەھەرلەردە...
ئەسكەرتىش:
بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-21)
كۆزلەرنى چاقناتقان، دىللارنى يورۇتقان ئاشۇ گۈزەل شەھەرلەردە...
بىر قىسىم ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، سەيلە - ساياھەت پائالىيىتىدىن خاتىرە
( ساياھەت خاتىرىسى )
تۇرغۇنجان مۇسا
ئادەم ئۆزى چوڭ بولغان يۇرتتىن بوسۇغا ئاتلاپ باشقا جايلارنى ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلغاندا بىرى باشقا جايلارنىڭ تەرەققىياتى، ئالاھىدىلىكى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى بىلىۋالسا، يەنە بىرى ئۆز يۇرت - مەھەللىسىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى بىلىپ يېتىش بىلەن بىللە تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە، ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ جەھەتتىن تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئامىللارنى بىۋاسىتە چۈشىنىپ يەتكىلى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى، پىكىر قىلىش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىشتا قەدەمنى تېخىمۇ سالماق، پۇختا ئېلىش ھېسسىياتىغا كېلىدىكەن. ئەنە شۇ مەقسەتنى كۆزلىگەن «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىدىكى 10 نەپەر ئىلغار ئاخبارات خىزمەتچىسى 8- ئاي ئىچىدە ئىچكى ئۆلكىلەرگە كوللېكتىپ ئۆگىنىش، ئېكسكۇرسىيە - ساياھەتكە باردۇق. بىزگە يېتەكچى بولۇپ ماڭغان ئىدارە پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئابلىكىم تالىپ يولنى كۆپ كۆرگەن كىشى بولغاچ، سەپىرىمىزنىڭ كۆڭۈللۈك، بىخەتەر بولۇشى ۋە بىزنىڭ ئالدىن پىلانلانغان ساياھەت نۇقتىلىرىنى تولۇق كۆرۈشىمىزگە باشلامچى بولدى. بۇ مىڭ تەستە كەلگەن قىممەتلىك پۇرسەت بىز ئويلىغاندىمۇ كۆڭۈللۈك، ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ھەممىمىزگە ئۇنتۇلغۇسىز يارقىن ئەسلىھەلەرنى قالدۇردى.
X
X
X
8- ئاينىڭ 12 - كۈنى كەچ سائەت 7دە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىككى سائەتچە كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، يىنچۈەن ئايروپورتىغا، كېيىن يەنە ئۈچ سائەتچە ئۇچقاندىن كېيىن كەچ سائەت 12 لەردە مەنزىلىمىز نەنجىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. ئايرودۇروم يۇلتۇز كەبى چىراغلار بىلەن كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتاتتى. گەرچە بەزىلىرىمىز ئايروپىلاندا مۈگىدىگەن بولساقمۇ، ئايروپىلاننىڭ پەسلىشىگە ئەگىشىپ دەرھال كۆزلىرىمىزنى ئۇۋىلاپ، نەنجىڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە نەزەر سالدۇق. ئايروپورت ئۇچۇپ- قونۇۋاتقان ئايروپىلانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. ئايروپىلان ئىستانسىسى تۈزلەڭلىك بولۇپ ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن پۈركەنگەن. بىزنى كۈتۈپ تۇرغان يول باشچى قولىدا «شىنجاڭ ‹قەشقەر گېزىتى› » دېگەن خەت يېزىلغان كىچىك بايراقنى كۆتۈرۈۋالغانىدى. ئۇ بىز بىلەن قىزغىن سالاملاشتى. بىز ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئايرودۇرۇم كۈتۈش زالىدىن چىقىشىمىزغا بىز خۇددى ھور مۇنچىغا كىرگەندەك بولۇپ، كۆپىنچىلىرىمىز بۇ خىل ئىسسىققا زادىلا چىدىيالماي قالدۇق. راۋان يوللار، يېشىللىق، يورۇقلۇق بىزگە تەرەققىياتنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرسىمۇ ھاۋارايىدىكى بۇ خىل ھول ئىسسىق مۇھىت بىزگە يات تۇيۇلۇپ ئارام بەرمىدى. ئەمما، ساياھەت ئاپتوموبىلى ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك بولغاچ بىزگە سەل ئارام بەخش ئەتتى. ئابلىكىم تالىپ بىزگە:« ساياھەت قىلماقچى بولغان لىنىيەلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق ئىسسىق بەلباغقا جايلاشقان، بۇنىڭغا كۆنۈشىمىز، سالقىننىڭمۇ، ئىسسىقنىڭمۇ تەمىنى تىتىپ بېقىشى كېرەك» دەپ چاقچاق قىلدى. بىز نەنجىڭ شەھىرىگە كىرگىچە يول بويىدىكى ئېتىز، ئېرىق ئۆستەڭلەر بىزگە خۇددى قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزىسىدىكى كەڭ كەتكەن شالزارلىقلارنى ئەسلەتتى...
«گومىي» مېھمانخانىسى نەنجىڭ شەھىرىدىكى قاتناش تۈگۈنىگە يېقىن، خىلۋەت جايدا بولۇش، «
AAA
»
دەرىجىلىك بولۇش ئارتۇقچىلىقى بىلەن ساياھەتچىلەر بىر قەدەر كۆپ چۈشەتتى. مېھمانخانا خوجايىنى شىنجاڭدىن ساياھەتچى كېلىدۇ دېگەندىن ئالدىن خەۋەردار بولغانمۇ قانداق، ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە بىزنى ئاز سانلىق مىللەت ئۆرپ - ئادىتى بويىچە غىزالاندۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇلار شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا پىششىق تۇخۇم، تەرخەمەك، سەۋزىسىز شويلا بىلەن ناشتا قىلدۇردى. بۇ كۈنى ساياھىتىمىز ئەتىگەن سائەت 6 دىلا باشلاندى. ئەمما بەزىلەر ئۇيقۇغا قانمىغاچ كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ، ئەسنىشىپ ئالدى - كەينىگە قاراشتى. ئابلىكىم تالىپ:« ساياھەتتە مۇشۇنداق كېچىسى يول يۈرۈپ، سەھەردە ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆرىدىغان گەپ، سەل كىچىكسەك ھاۋا تېخىمۇ ئىسسىيدۇ، ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ كېتىپ، بىزنىڭ كۆرۈش نۇقتىلىرىمىزغا توسالغۇ بولىدۇ، قەدەمنى چوڭراق ئېلىپ، بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلماي، كۆزىمىزنى ئىتتىكرەك قىلايلى» دېدى. بىز ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ باشلىشى بىلەن نەنجىڭدىكى ساياھىتىمىزنى باشلىۋەتتۇق.
نەنجىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھەر بولۇپ، ھاۋاسى ھۆل ئىسسىق ئىكەن. ئۇ شەھەر ئەينى يىللىرى گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پايتەختى بولغان. 1945 - يىلىدىن 1947 - يىلىغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى بولغان. بىز ئالدى بىلەن شەھەر مەركىزىدىكى جۇئىنلەي خاتىرە سارىيى، جۇئىنلەي كۇتۇپخانىسى، جۇئىنلەي تۇرالغۇسى قاتارلىق مەملىكەتلىك ياش -ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئازادلىق دەۋرىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ئاددى - ساددا ئەمما پاكىزە، رەتلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىدىن تولىمۇ تەسىرلەندۇق. بىز نەنجىڭ ساياھەت خاتىرە بۇيۇملار سودا كوچىسىدا قەدەمدە بىر جۇڭگودىكى مەشھۇر 10 گېنىرال سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەر خىل پىلاكات، تۇرمۇش خاتىرە بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ نام - شەرەپ، ئېرىشكەن ئوردىنلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئەينى يىللىرى جان تىكىپ جەڭ قىلىپ، بىزنى ئازاد زامانغا ئىگە قىلغان، قەھرىمان - نەمۇنىچىلارغا، گېنىرال، مارشاللارغا بولغان سەمىمىي ئېيتقاد، ھۆرمەت ئىكرانىمىزنى بىلدۈردۇق.
X
X
X
سەپەر قانچىكى ئۇزاق بولسا كۆرىدىغىنىمىز، ھېس قىلىدىغىنىمىز شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. بىز نەنجىڭدىن ئايرىلىشىمىزدا ئاپتوبۇس ئۈستىدە «نەنجىڭ دوڭسەن تەبىئىي مەنزىرە رايونى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى
_
تەيخۇ كۆلىنى بويلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ چوڭ نەنجىڭ - خاڭجۇ - شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى بىلەن ئۈچ سائەتچە يول يۈرۈپ، 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر يىپەك توقۇمىچىلىق بازىسى خاڭجۇ شەھىرىگە يىتىپ باردۇق. خاڭجۇ نەنجىڭدىنمۇ گۈزەل، شەھەر قۇرۇلۇشى ئۆزگىچە بولۇپ بىزگە تېخىمۇ يېڭىچە تۇيغۇ بەردى. ئەمما، بىز كۆرۈپ باقمىغان ھول ئىسسىق ھەممىمىزنى خېلىلا ھاسىراتتى. ئەمما، چارچاشنى دەپ ساياھەتتىن ۋاز كېچىشكە زادىلا بولمايتتى. بىز ئابلىكىم تالىپنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئانچە تەمتىرىمەيلا خاڭجۇ شەھىرىدىكى «شىنجاڭ پامىر رىستورانى» غا باردۇق.
ــ «ئەسسالامۇ ئەلەيكوم» ، دەپ كىرىشىمىزگە رىستوران مۇلازىملىرى ۋەئەلەيكوم ئەسسالام دەپ ئالدىمىزغا كېلىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھەيران قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ھەيران بولغىنى بەلكىم بىرلا ۋاقىتتا بۇ رىستورانغا 10 نەپەر ئۇيغۇر خېرىدارنىڭ كىرگىنى بولسا كېرەك. ئۇلار دەرھال قوش چەينەكتە چاي دەملەپ بىزگە چاي قويدى. بىز تاماق بۇيرۇتۇپ بولۇپ، چاي ئېچىپ ئولتۇرغاندا ئارىمىزدىكى بىر سەپەردىشىمىز يېنىدىكى يەنە بىر سەپەردىشىمىزغا پىيالاڭدىكى چايغا بىر يۈەن بېرەيمۇ دەپ چاقچاق قىلىۋىدى، سورۇنىمىزدىن پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. رىستوران ئىچى جانلاندى، ئوغۇل - قىز مۇلازىملار ئەتراپىمىزدا پەرۋانە بولدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆز تىلىدا بولغان كۈلكە چاقچاققا خۇمار بولۇپ قالغانىدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىپ بۇ رىستوراندا ئىشلەۋاتقانلار 20 دىن كۆپرەككە يەتكەن بولۇپ، خاڭجۇ شەھىرىدە ئىككى جايدا، سۇجۇ شەھىرىدە بىر جايدا تارماق ئاشخانا بار ئىكەن. ئۇلار يەنە كورلا، پەيزاۋات قاتارلىق جايلارنىڭ سەر خىل قوغۇن - تاۋۇزلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ ، رىستوران ئىشكى ئالدىغا چىرايلىق تېزىپ قويۇپ ئۇنى قوشۇمچە سېتىپمۇ كىرىم قىلىدىكەن. بىز قەشقەردىكىدەك قورۇما قورۇتۇپ تاماق يىگەچ، ئەتراپقا نەزەر سېلىپ، ئۇ رىستورانغا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بارغان تىجارەتچىلەردىن باشقا پاكىستان، ھىندىستان، ئافغانىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ بارغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى كۆردۇق. قايتاشىمىزدا بىرىمىز رىستوران مۇلازىمەتچىسىدىن قوغۇننى نەچچە پۇلدىن ساتتىڭلار دېۋىدى، جىڭى تۆت يۈەن، دەپ جاۋاب بەردى. ھەممىمىز شىنجاڭدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەشۇ شەھەردە يەنە قوغۇن، تاۋۇز ئەرزانكەن دەپ باش لىڭشىتتۇق.
خاڭجۇدىكى ساياھىتىمىز تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى. بىز ئىككىنچى كۈنى سەھەردە بۇ شەھەردىكى ئەڭ گۈزەل، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان «شىخۇ كۆلى» ساياھەت مەنزىرە رايونىغا باردۇق. بۇ ساياھەت رايونىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، ئەتراپى يېشىل مەخمەلدەك قارىغاي بىلەن پۈركەنگەن ئېگىزلىك ـ تاغلىق ، ئوتتۇرسى بولسا زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرى ئۆركەشلەپ تۇرىدىغان كۆز يەتكۈسىز شىخۇ كۆلى ئىكەن. بىز ماتورلۇق قىيىق بىلەن كۆل ئىچىدە قانغىچە سەيلە قىلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ ، ئۆزىمىزنى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل جايدا ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىك ھىس قىلدۇق . ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ بىزگە تونۇشتۇرۇشىچە، «شىخۇ كۆلى» گە « 1- ماي» ۋە « 1- ئۆكتەبىر» ئالتۇن ساياھەت مەزگىلىدە كۈنىگە 500 مىڭ، ئادەتتىكى كۈنلەردە 100 مىڭدىن 200 مىڭغىچە ساياھەتچى كېلىپ - كېتىدىكەن..
خاڭجۇ مەملىكىتىمىزدىكى نۇقتىلىق چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان جاي بولۇپ، بۇ جاينىڭ «لوڭجىن» چېيى دۆلەت ئىچى - سىرتىغا داڭلىق ئىكەن. چۈنكى بۇ يەردە كۆز يەتكۈزۈش چاي زارلىق، چاي پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىپ چىقىرىش بىر گەۋدىلەشكەن بازا بار ئىكەن، بۇ خىل چاينىڭ ھەر كىلوگرامى 1600 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە سېتىلىدىكەن. بىز ساياھەت يېتەكچىسى ۋە چاي مۇتەخەسسىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەزىز مېھمان قاتارىدا چاي مەدەنىيىتىدىن قىسقىچە لىكسىيە ئاڭلىدۇق. قىزىق دەملەنگەن «لوڭجىن» چېيىنى ئېچىپ، قېرىنداش مىللەتلەر چاي مەدەنىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەندۇق. بەزىلىرىمىز قايتاشىمىزدا سوۋغات ئۈچۈن ھەر خىل ئورالمىلىق بۇ خىل قىممەت باھالىق، ئەتىۋارلىق چايدىن سېتىۋالدۇق.
ساياھەت شۇ تەرىقىدە داۋاملاشماقتا ئىدى. بەزىلەر قىزىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن دېدىمۇ قانداق؟ خاڭجۇنىڭ يىپەك، دوردۇنلىرى بەك داڭلىق دەپ ئاڭلىغانىدۇق، مانا ئەمدى بۇ جايغا ئۆزىمىز كەلدۇق، شۇ جايغا بارماي قايتساق، خانىم، قىزلىرىمىز ئۆيگە كىرگۈزمەي قالمىسۇن دەپ، چاقچاق قىلىشتى بىر - بىرىگە پەس ئاۋازدا. ساياھەت يېتەكچىسى گېپىمىزدىن مەقسىتىمىزنى چۈشەندى بولغاي، بىزنى خاڭجۇ شەھەرلىك يىپەك رەخت توقۇش - كىيىم تىكىش - سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىگە باشلاپ باردى. بۇ جايدا ئەر – ئايالچە ، ھەر خىل تەبىقىدىكى ، ھەرخىل دەرىجىدىكى يىپەكتىن تىكىلگەن كىيىملەر، ياغلىق، شارپىلار، يوتقان - كۆرپىلەر بار ئىكەن، بۇ خىل رەختنىڭ سۈپىتى، رەڭلىرىنىڭ جۇلالىقلىقى بىزگە دۆلىتىمىز توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ نۆۋەتتە نەقەدەر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى. كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىلا بىز كۆرىدىغان خان - پادىشاھ، بەگزادىلەر كىيىملىرىنى بۈگۈن قولىمىزدا تۇتۇپ كۆردۇق. گەرچە بۇ خىلدىكى يىپەك رەختتە توقۇلغان كىيىم - كېچەكلەر تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەرگە نىسبەتەن قىممەتتەك كۆرۈنسىمۇ، باشقا دۆتلەردىن كەلگەن ساياھەتچى، تىجارەتچىلەر ئۇ خىلدىكى ماللارغا مەخسۇس زاكاز قىلىپ توپ - توپى بىلەن ئېلىپ كېتىدىكەن...
خاڭجۇ شەھىرىنىڭ« سوڭچىڭ »كەنتى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ قەدىمى مىللىي ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت ساقلانغان جاي بولۇپ، ئۇنىڭدا خەن، سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۆي - ئىمارەت نۇسخىلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، خاڭجۇدا ئۆتكەن قەھرىمانلارنىڭ بۇد - ھەيكەللىرى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقان سەنئەتكارلارمۇ بار ئىكەن. بۇ جايدا بىز شۇ كۈنى يەنە خاڭجۇنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن زامانىۋى سەھنە جابدۇقلىرى بىلەن بېزەلگەن ھەشەمەتلىك تىياتىرخانىدا ئورۇندالغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، خاڭجۇ خەلقىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش تارىخىنى ھەمدە غەربىي رايونلار بىلەن قولىنى قولغا تۇتۇشۇپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل، باي يېڭى خاڭجۇ قۇرۇپ چىقىش تارىخى بىلەن تونۇشتۇق.
X
X
X
8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بىزنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققى قىلغان شەھەرــ شاڭخەينى كۆرۈش ئارزۇيىمىز رېئاللىققا ئايلاندى. بۇ كۈنى ئەتىگەندە بىز خاڭجۇدىن كەلگەن پېتى ياتاققىمۇ ئورۇنلاشماي ، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ، قايتاشىمىزدا ساياھەت ئاپتوبۇسى ئۈستىدە شاڭخەينىڭ يامغۇرلۇق كەچلىك مەنزىرىسىنى سەيلە قىلغاچ شەھەر مەركىزىدىكى ھەشەمەتلىك «مېيجىڭ» مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇق. كۆز ئالدىمىزدىكىسى كۆككە تاقاشقان بىنالار، يۇلتۇز كەبى چاقناپ تۇرغان چىراغلار، كوچىلاردا سانجاق - سانجاق كېتىپ بارغان ھەر خىل ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار بولدى. ئېگىز بىنالارنىڭ قايسىسى تۇرالغۇ ئۆي، قايسىسى شىركەت - كارخانا ئىكەنلىكىنى زادىلا پەرق ئېتەلمىدۇق. ھەممىمىز ئورتاق ھالدا : شاڭخەينىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ھەم گۈزەل ھەم تولىمۇ زىچ ئىكەن دېيىشتۇق. بىز ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولۇشىمىزغا بۈگۈنكى كەچلىك تاماق «شەرق ياخشى» رىستورانىدا بولىدۇ، دېگەن خەۋەر تارقالدى . ئەسلىدە ، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بىر تىجارەتچى بىزگە ھال سوراش چېيى بەرمەكچى بولغانئىكەن. بىز يۈز كۆزىمىزنى يۇيۇپ، ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى «شەرق ياخشى» رىستورانىغا باردۇق. ناھايىتى ئېگىز بىر ھەشەمەتلىك بىنانىڭ 1-قەۋىتىگە جايلاشقان بۇ رىستوراننى شىنجاڭنىڭ غۇلجا شەھرىدىن بارغان خۈيزۇ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىرلىكتە ئاچقان بولۇپ، 50 كە يېقىن مۇلازىمەتچى ئىشلەيدىكەن. رىستوران ئىچى چوڭ زال ۋە ئايرىمخانا رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ بىز زالنىڭ سەھنە يېنىدىكى پەردە بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئايرىمخانىسىغا تەكلىپ قىلىندۇق. بىزنى كۈتمەكچى بولغان ئابدۇكېرىم رەخمىتۇللا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە بازىرىدىن بولۇپ ، ئىلگىرى ھەربىي سەپكە قاتناشقان، كېيىن ھەربىي سەپتىن قايتىپ بىرەر ئىش ئوقەتنىڭ بېشىنى تۇتۇپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىدا شاڭخەيگە بېرىپ، مەخسۇس شىنجاڭنىڭ ھول، قۇرۇق يەل - يىمىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ھازىر شاڭخەي شەھەر ئىچىدە ئۈچ ئورۇندا دۇكىنى، ئىككى كىچىك ئاپتوموبىلى، 100 نەچچە كۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيى بار ئىكەن. داستىخانغا قەشقەرچە سۇيۇق، قويۇق تاماق، ھەر خىل قورۇمىلار ئۈستى - ئۈستىلەپ تىزىلدى. رىستوران ئوتتۇرىسىدىكى سەھنىگە ئۇيغۇر ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممە خېلى ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ كۈنى دەل كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ماتەم بىلدۈرۈش كۈنى بولغاچ مۇزىكا چېلىش چەكلەنگەنىدى. بىز ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ، بۇ جايغا غىزالانغىلى كېلىدىغان ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپونىيە، ھىندىستان، پاكىستانلىق ئوخشاشمىغان قان سىستېمىسىدىكى خوجايىنلار، تىجارەتچىلەر، خىزمەتچىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن - ئازادە غىزالىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمىزنى بۇ جايدا دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن بىر سورۇندا بولغانلىقىمىزدىن چەكسىز پەخىرلەندۇق. ئابدۇكېرىم بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئايالى بىلەن قىلغىلى قىلىق تاپالماي، ئەتراپىمىزدا پاي - پىتەك بولۇپ يۇرتداشلىرىنى سىغىنغانلىقىنى، مېھماندوستلۇقىنى، ئەشۇ ئىستېمال سەۋىيەسى يۇقىرى شەھەردە بىزگە كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ ھەم خۇشاللىقىنى ھەم سەپىرىمىزگە ئاق يول تىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى...
8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بىز سەھەردىلا شاڭخەيدىكى ساياھىتىمىزنى باشلىدۇق. بىز ئالدى بىلەن شاڭخەي فۇدۇڭ تەرەققىيات رايونىدىكى جۇڭگو - گېرمانىيە خىيمەن (شىرمەن) گۇرۇھى شىركىتىنىڭ داتلاشماس پولاتتىن تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياساش، سېتىش نۇقتىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە سوۋغات سۈپىتىدە ئىشلىگەن نەفىس تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تونۇشتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز خۇاڭفۇجياڭ دەرياسى بويىغا ياسالغان ھەيۋەتلىك «شەرق گۆھىرى مۇنارى» ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر بىرىدىن گۈزەل، بىر بىرىدىن نەفىس سېلىنغان ئاېرىكا، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت ئەينى يىللىرى سالغان ئوبراز خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار، ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى، تۇرالغۇ داچىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خۇاڭفۇجياڭنىڭ دولقۇن چاچرىتىۋاتقان مەرۋايىتتەك فونتانلىرىنى سەيلە قىلىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. خۇاڭفۇجياڭ ساھىلىدىن تەستە ئايرىلىپ ياتاققا قايتىشىمىزدا يەنىلا كۆزىمىزنى ھەر قانچە قاچۇرساقمۇ بىزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغىنى 30 - 40 قەۋەتلىك ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەر بولدى. بىز بىر نەچچىمىز ئۆز ئارا بىر - بىرىمىزگە: شاڭخەينىڭ ھەممىلا يېرى ئەشۇنداق ئېگىز قەۋەتلىك بىنا ئىكەن، ئەشۇ ئۆيلەردە ئادەم بارمىدۇ دەپ، غۇلغۇلا قىلىشتۇق. بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى ئۇققان بىزگە نەنجىندىن تاكى شاڭخەيگىچە ساياھەت يېتەكچى بولۇپ كەلگەن شاۋجى كۈلۈپ كېتىپ، نەدىمۇ بىكار ئۆي دەيسىلەر، شاڭخەيدە ھازىر بىر كۋادرات مېتىر ئۆي
50
مىڭ يۈەندىن
60
مىڭ يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ، 60 - 70 كۋادرات مېتىرلىق ئادەتتىكى ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارىسىنى 6000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە تاپقىلى بولمايدۇ دەپ، جاۋاب بەردى. بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزنى بىر تاكسى شوپۇرىمۇ ياتاققا قايتقاچ بىزگە ئەمەلىي مىسال بىلەن سۆزلەپ ئىسپاتلىدى...
پەقىر شاڭخەيدىكى سەيلە - ساياھەت جەريانىدا ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق،شاڭخەي چۈشەندۈرۈلگەن تۆۋەندىكى قىسقىچە باياننى ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سونۇشنى توغرا تاپتى: شاڭخەي جۇڭگودىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، شېنجېن، چىڭدۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئالتە چوڭ زامانىۋى شەھەرنىڭ، شۇنداقلا دۇنيادىكى 10 چوڭ پورتنىڭ بىرى. شاڭخەي دۇنيادىكى 400 دىن ئارتۇق پورت بىلەن دېڭىز يولى ئالاقىسى، 170 كە يېقىن دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىدۇ. شاڭخەي يەنە جۇڭگونىڭ ئايروپورت، پۇل - مۇئامىلە، ئۇچۇر، پەن - تېخنىكا، سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى. دۆلەت ئىچىدە 60 تىن ئارتۇق ھاۋا لىنىيەسى شاڭخەيگە تۇتىشىدۇ، خەلقئارالىق ئاساسىي لىنىيەسى: توكيۇ، سېئول، سىنگاپور، بانگوك، كاراچى، نىيو - يورك، پارىژ قاتارلىقلار. شاڭخەينىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 6000 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى (مۇقىم ۋە كۆچمە بولۇپ) 20 مىليونغا يېتىدۇ. شاڭخەي بىر ناھىيە، 18 رايونغا بۆلۈنگەن، ياپونىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق 12 دۆلەت شاڭخەيدە باش كونسۇل تەسىس قىلغان؛ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى جۇڭگودا 1- ئورۇننى ئىگىلەيدۇ؛ شەھەرلىشىشتە 500 يىللىق تارىخقا ئىگە. دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان 13 مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى بار. شاڭخەينىڭ ئاساسلىق داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى: خۇاڭفۇجياڭ دەرياسى ساھىلى، شياڭيۈەن بۇتخانىسى، ج ك پ قۇرۇلغان ئورۇن، لۈشۈن، سوڭ چىڭلىڭ قەبرىگاھلىرى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ كونا تۇرالغۇسى، ياڭپۇ كۆۋرۈكى، «شەرق گۆھىرى مۇنارى»، شاڭخەي كۇتۇپخانىسى، نەنجىڭ كوچىسى قاتارلىقلار...
بىز بۇ قېتىمقى ساياھەت داۋامىدا ئەنە شۇنداق زور ئىقتىسادىي ئاساسقا، پارلاق مەدەنىيەتكە، يېتەرلىك ئىختىساس ئىگىلىسىگە ئىگە بولغان بۇ شەھەرنىڭ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن ۋىلايىتىمىزنىڭ قاغىلىق، پوسكام، يەكەن، مارالبېشى قاتارلىق تۆت ناھىيەسىنى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇق. يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرىقى ناھىيەلىرىدە شاڭخەي كەبى تەرەققىيات مەنزىرىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە زور ئىشەنچ باغلىدۇق...
X
X
X
8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردە بىز بۇ قېتىمقى ئەڭ ئاخىرقى ساياھەت نۇقتىمىزغا ئاتلاندۇق. ھەممىمىزنىڭ ئوي خىيالى شاڭخەيدە قالدى، ئەمما ۋاقىت شۇنداق تېز ئۆتۈپ كەتتى، شاڭخەي ۋوگزالىدىن قوزغالان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېلېكتىرلىك پاراۋۇز بىزنى سائىتىگە 120 كىلومېتىردىن 240 كىلومېتىرچە تىزلىك بىلەن يۈرۈپ 10 سائەتچە ۋاقىتتا بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىغا ئېلىپ باردى. بۇ چاغدا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بىر خىل خۇشاللىق، بىر خىل تەلپۈنۈش كۈۋەجەيتتى. چۈنكى، بىز دەسسىگەن بۇ زېمىننىڭ كېچىسىمۇ ئالدىنقى كۈنلىرى بىز ساياھەت قىلىپ ئۆتكەن نەنجىڭ، خاڭجۇ، شاڭخەيگە سېلىشتۇرغۇسىز گۈزەللىك جىلۋە قىلاتتى. ھەممىمىزنىڭ دىققىتى بېيجىڭ ۋوگزالىدا سەپەرگە چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغان 10 نەچچە تىز سۈرئەتلىك پويىزدا ۋە ئەتراپتىكى گىرەلىشىپ كەتكەن سىم تاناپتەك تومۇر يولدىلا قالدى. بولدى ئالدىڭلارغا قاراڭلار، يېتىشىپ مېڭىڭلار ، دېدى ساياھەت يېتەكچىمىز بىزنى ئالدىرىتىپ، بىز بېيجىڭلىق ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاپتوبۇس بىلەن يېرىم سائەتچە بېيجىڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى سەيلە قىلغاچ، بۇ شەھەردىمۇ «خومې» (مەملىكىتىمىزدىكى ساياھەت سىستېمىسىنىڭ زەنجىرسىمان مۇلازىمەتنى يولغا قويغان مەخسۇس مېھمانخانا) دېگەن مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇق. تەلىيىمىزگە مېھمانخانىغا 100 مېتىرچە يىراقلىقتىكى جايدا «شىنجاڭ قەشقە ئاكا - ئۇكىلار ئاشخانىسى» بولۇپ شۇ يەردە تۆت كۈنگىچە غىزالاندۇق. قەشقەر شەھەرلىك تۆت نەپەر ياش ئاچقان بۇ ئاشخانا مۇلازىملىرى بىزگە قىزغىن مۇلازىمەت قىلدى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن ھەممىمىز ھاياجانلىنىپ قالدۇق.
ــ بىز نەدە ؟
ــ بېيجىڭدا.
ــ بۈگۈن بىز ئۇخلىمايمىز، شەھەر ئايلىنىپ، بېيجىڭنى سەيلە قىلىمىز...
سىلەرنىڭ ھېسسىياتىڭلارنى چۈشىنىشكە بولىدۇ! ئەمما، بېيجىڭغا بۈگۈن كەلدۇق، سىلەرنى ئاشۇنداق دەيدۇ دەپ، بېيجىڭدىكى ساياھەتنى تۆت كۈن قىلىپ بېكىتتۇق. ئەتىلىك ساياھەتىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشى ئۈچۈن بالدۇرراق ئارام ئېلىڭلار دېدى،ساياھەت يىتەكچىمىز سەمىمىيلىك بىلەن.
ئەتىسى ئەتىگەن ھەممىمىز ھەيۋەتلىك تيەنئەنمىن مەيدانىدا ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇق. بۇ بىز كىچىكىمىزدىن كىنو - تېلېۋىزورلاردا كۆرۈپ تۇرغان مەيدان بولسىمۇ، بۈگۈن بىز دەل شۇ مەيداندا ئەركىن - ئازادە سەيلە - ساياھەت قىلغان، خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن نەچچە 100 مىڭ ساياھەتچى قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىمىزنى ھېچ قايسىمىز ئىلگىرى تەسەۋۋۇرمۇ قىلمىغانىدۇق. بىز ئەنە شۇنداق ھاياجانلىق ھېس تۇيغۇسى ئىچىدە نەچچە مىڭ كىشى قاتارىدا 2000 مېتىرچە ئۆچۈرەتتە تۇرۇپ ئاخىرى يولداش ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدۇق. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئەينى يىللىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ھازىرقىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئاساسچىسى بولغان بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ جاپالىق يىللاردىكى تەسىرلىك ئىش - ئىزلىرىنى ئاڭلاپ، چوڭ - چوڭ خاتىرە ئىشلار توغرىسىدىكى ئەلبۇم سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت - سېغىنىش ھېسسىياتىمىز ئىچ - ئىچىمىزدىن قوزغالدى. بىز شۇ كۈنى يەنە ھەيۋەتلىك خەلق سارىيى، ئىنقىلاۋى قۇربانلار خاتىرە مۇنارى، قەدىمىي «گۇگۇڭ» (خان سارىيى) نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ قەدىمىي بىناكارلىق - قۇرۇلۇشى بىلەن ھازىرقى زامان زامانىۋى بىناكارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئەجدادلارنىڭ ئەينى يىللاردىكى جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە ياراتقان بۇ خەلقئارالىق مەدەنىيەت يادىكارلىق يالداملىرىنىڭ ساقلىنىپ قىلىش تارىخى قاتارلىقلارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىدۇق.
بېيجىڭدا بىز يەنە ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئىككى چوڭ ساياھەت نۇقتىسى «سەددىچىن سېپىلى» بىلەن 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن چاڭگاھ بولدى. سەدىچىن سېپىلنىڭ قەدىمىيلىكى، چاڭگا ۋە دۆلەت تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ھەيۋەتلىكى، ياسىلىشىنىڭ پۇختىلىقى بىزگە جۇڭگو خەلقىنىڭ نەقەدەر ئەقىل - پاراسەتلىك، جاپا - مۇشەققەتكە چىدايدىغان، ئەمگەكچان خەلق ئىكەنلىكىنى تونۇتسا ، «چاڭگا» يېڭى زاماندىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىن، يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، مۆجىزە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا خاتىرە مۇنار، ئەلبۇم ئورنىدا ئابىدە تىكلىيەلەيدىغان، خەلقئارانى ھەيران قالدۇرالايدىغان دەرىجىدىكى تەرەققىيات، ئىقتىدار، مەدەنىيەتكە ئىگە قۇدرەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.
بىز نەنجىڭ، خاڭجۇ، شاڭخەي، بېيجىڭدىكى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، سەيلە - ساياھەت داۋامىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشى ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ نەقەدەر تېز ئىكەنلىكىنى؛ شەھەرلىشىش، ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ شەھەرلەردىن تەدرىجىي يېزا، كەنتلەرگىچە كېڭىيىپ، شەھەر - يېزا پەرقىنىڭ تېز سۈرئەتتە كىچىكلەۋاتقانلىقىنى؛ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقىنىڭ تۈگىمەس، قورىماس بايلىق ئىكەنلىكىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ساقلاش بىز ئۈچۈنلا ئەمەس كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىۋاسىتە ھالدا كۆرۈپ چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدۇق. بىز كۆرگەن شەھەرلەرنىڭ بۈگۈنى چوقۇم پارتىيەنىڭ غەربىي رايونلار ئىقتىسادىنى تېزلىتىش، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش سىياسەت - تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ شۇنداقلا ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت قەشقەرنىڭ ئەتىسى تىخىمۇ پارلاق بولغۇسى .
مەنبە : « قەشقەر گىزىتى » نىڭ 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى سانى 3- بەتتە .
ئاپتور : « قەشقەر گىزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە .
13999091926 ، 8861627-0998 TEL
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
چىنئاي
مەن _ زىننۇرە شۇ !
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
138
نادىر تېمىسى:
8
ئومۇمىي يازما:
607
ئۇنۋان:
كۆيۈمچان
شۆھرىتى:
1003423
پۇلى:
1008715 تەڭگە
تۆھپىسى:
10028
توردا: 783(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-16
ئاخىرقى:
2010-10-27
1
يوللانغان ۋاقت: 2010-09-20 11:53
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
ئورۇن ئېلىپ قوياي ،ئوقۇپ بولۇپ تەھرىرلەيمەن
بۈگۈنكى ۋاقتىڭىزنى مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈڭ ، تۈنۈگۈن __ بىر تارىخ ، ئەتە __ بىر سىر !
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
ھېكمەت
ئىللەت ئۆزگەرمىگۈچە مىللەت ئۆزگەرمەس !!!
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
620
نادىر تېمىسى:
5
ئومۇمىي يازما:
253
ئۇنۋان:
ياخشى
شۆھرىتى:
1279
پۇلى:
1923 تەڭگە
تۆھپىسى:
30
توردا: 88(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2010-06-24
ئاخىرقى:
2010-10-30
2
يوللانغان ۋاقت: 2010-09-25 10:53
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
رەھمەت سىرداش يوللىغان ئەسىرىڭىزگە . نېمىلا دىگەن بىلەن
جۇڭگودىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرى ، تۆھپىلىرى
ئاز ئەمەس .
ھەقىقىي ئۇيغۇردەك بولغىن !
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
ئانادىيارمۇنبىرى
»
تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى
http://anadiyar.cn/bbs
زىيارەت مەزمۇنى بېكەت دائىرىسىن ھالقىدى، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز.
داۋاملىق كۆرۈش
قالدۇرۇش