بەزىلەر 
(1) 
مەردانە بۇپ بىر ئۆمۈر ياشايدىكەن بەزىلەر ، 
ئەل خەلىقنى بەخىتكە باشلايدىكەن بەزىلەر . 
ھارۋۇسىغا بىر ئۆمۈر ئالتۇن بېسىپ ،پۇل بېسىپ، 
يىتىملارغا ، يوقسۇلغا خەجلەيدىكەن بەزىلەر . 
راھىتىدىن ۋاز كىچىپ ،ئىشلەيدىكەن تىرىشىپ ، 
قەسىر-ساراي،باغلارنى ياسايدىكەن بەزىلەر . 
بىراۋ تارتىپ تالاپەت ،قەلبى قالسا ئۇھسىنىپ ، 
بۇ قىسمەتتىن كۆزىنى ياشلايدىكەن بەزىلەر . 
لاي كوچىدا يۈرگەننى ،تۇرمۇشىدا بىر ئېزىپ ، 
توغرا يولغا ،ساۋاپقا باشلايدىكەن بەزىلەر . 
تاپقان،تەرگەن،يىغقاننى قويسىمۇ گەر تۈگىتىپ ، 
قۇلۇم-خوشنا ،تۇغقانغا تاشلايدىكەن بەزىلەر . 
********************************* 
مۇشەققەتتن،جاپادىن قەتئى قورىقماي تىرىشىپ، 
چاتقاللاردا ،جاڭگالدا ئىز قالدۇرار بەزىلەر . 
ھاردىم-تالدىم دىمەستىن زور كۆرەشكە كىرىشىپ، 
ۋەتەن،خەلىق،ئەل ئۈچۈن ئات چاپتۇرار بەزىلەر . 
ھېمىتىدىن ،تەرىدىن زەپمۇ خوشال( سۈيىنپ)، 
خەلىقىنىڭ چېھرىگە گۈل قىستۇرار بەزىلەر . 
ئالىم،دوكتۇر ئاتىلىپ،زور ئۇتۇقلار قازىنىپ ، 
جامائەتنى ،جاھاننى تاڭ قالدۇرار بەزىلەر . 
(2) 
نەپسى ئۈچۈن ئۆزگىگە قۇل بولاركەن بەزىلەر ، 
ئەقلى تۇرۇپ نەپسىگە گول بولاركەن بەزىلەر . 
قىلىمەن دەپ خوشەمەت قاملاشتۇرۇپ ،كەلتۈرۈپ ، 
كېيەي دىسە كىيىم يوق جۇل بولاركەن بەزىلەر . 
ھەمراھىنى ياراتماي ،قەلەندەردەك كۆرىنىپ ، 
قاشنى ئېتىپ باشقىغا تۇل بولاركەن بەزىلەر . 
ئاخىرىدا ئاقىۋەت پۇشايمىنى ئۆلتۈرۈپ ، 
ھەسرەت يۇتۇپ يۈرىكى خۇن بولاركەن بەزىلەر . 
(3) 
لالما ئىتتەك بىچچارە ئۆتىدىكەن بەزىلەر، 
ئۆزگىلەردىن شاپائەت كۈتىدىكەن بەزىلەر . 
قىلار ئىشى يوقمىكىن ،ئەتىگەندىن كەچكىچە ، 
ئاغىزىنى تىزگىنسىز قويىدىكەن بەزىلەر ، 
ئادەم چىقىپ بىراۋغا ئېغىزلىرى تالغۇچە ، 
پاش بولغاندا ئىشلىرى تويىدىكەن بەزىلەر . 
ئادەم پۇتلاش كەسىپكەن تا دۇنيادىن كەتكۈچە ، 
پەخىرلىنىپ ئىشىدىن كۈلىدىكەن بەزىلەر . 
پۇل-مال ئۈچۈن ۋىجداننى ساتىدىكەن ئۆلگۈچە ، 
ئاخىر ئۆزى بولۇڭدا قالىدىكەن بەزىلەر . 
ئېرىشكۈچە ھۇقۇققا ،مۇرادىغا يەتكۈچە ، 
ئۇرۇق-تۇققان ، دوستنىمۇ ساتىدىكەن بەزىلەر . 
ئاھۇ زارى خەلىقنىڭ تا پەلەككە يەتكۈچە ، 
قولىقى پاڭ ،كۈزى كور ئۆتىدىكەن بەزىلەر . 
كۆز ئالدىدا دوسلىرى بەك ئىلگىرلەپ كەتكۈچە ، 
ئچ تارلىقتىن ،ھەسەتتىن ئۆلىدىكەن بەزىلەر . 
(4) 
گاھ پەلەك قىسمەتلىرىدىن قاخشايدىكەن بەزىلەر ، 
تاللاپ كېيەلمەي ئاياغنى ئاقسايدىكەن بەزىلەر . 
چاچتۇرالماي بېشىغا ئالتۇن قۇياشنىڭ نۇرىنى ، 
چاقماق چاقسا بېشىغا داتلايدىكەن بەزىلەر . 
ھۇقۇق ئۈچۈن بەزىدە قايرىپ قوياركەن يۈزىنى ، 
كۆرسىتىشنى ئۆزىنى كۆزلەيدىكەن بەزىلەر . 
تۇتامى يوق پاراڭغا باشلايدىكەن كۈلكىنى ، 
ئۇرۇنلۇق ئىش-ھەركەتكە كۆنمەيدىكەن بەزىلەر . 
خوش ياقمىسا قۇلاققا كاركىرىغان ئاۋازى ، 
ھېس قىلماسكەن(ئۆزىنى بىلمەيدىكەن بەزىلەر). 
نى-نى ياخشى ئادەملەر كەتتى بىرىپ دۇنيانى ، 
ئادەملەرنى قاخشىتىپ ،ئۆلمەيدىكەن بەزىلەر . 
مەنبە :ئىجادى ئەسەر 
[  بۇ يازمىنىjuxkun-28دە2010-08-25 20:02قايتا تەھرىر ]