ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەركەك.(ئەكرەم0908)
دەرىجە: قىزىققۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1275
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 5
پۇلى: 57 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 15(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-08-11
ئاخىرقى: 2010-08-22
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-11 13:13

مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەركەك.(ئەكرەم0908)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2010-08-11)
مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- تارىختىكى شۈكرىچىلىك ئىددىيەسى بىلەن، ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق قىزلىرىنى ئەرگە بىرىپ قۇدىلىشىدىغان ئەرلەر ئەمەس. خېيىم-خەتەر قۇتىراپ ئامەت قولىدىن كەتسە، خوتۇن-خەقنىڭ ئىشى دەپ ھېساۋاتىنى ئاياللارنىڭ چىكىسىگە يازىدىغان ئەرلەر ئەمەس.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويى، پايدا-مەنپەئىتىنى دەپ، خوتۇنىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ئەرلەر ئەمەس. ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى دەپ خەلقنى ئازاپ-ئوقۇبەتكە قويىدىغان ئەرلەرمۇ ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت ئۈچۈن تاج-تەخىتتىن كىچەلەيدىغان ئەرلەردۇر. پۇرسەت قولدىن كەتكەندە ئاۋامنىڭ ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، سۈكۈت قىلىپ، تېنچىلىقنى تاللىيالايدىغان ئەرلەردۇر. رەقىبىگە ھۆرمەت قىلالايدىغان ئەرلەردۇر.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- بىرەرسىنىڭ قېينچىلىققا ئۇچىرىغانلىقىنى كۆرگەندە ئىككىلىنىپ تۇرىدىغان ھەتتا ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئارقىغا قاراپ نەيزە ئاتىدىغان ئەرلەر ئەمەس. ئاۋامنىڭ ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچىراپ، جىملىقنى ۋە سۈكۈتنى تاللاپ تۇرغاندا، <مەن مۇنداق قارىمايمەن> دەپ توۋلىيالايدىغان ئەرلەردۇر.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- قارامايدىكى ئوت ئاپىتىدە ئاۋال ئۆزىنى سىرىتقا ئاتقان رەھبەرلەر ئەمەس. بىر قىزچاقنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، خىيالىدا يوق مېڭىپ كىتىدىغان ئەمەلدارلار ئەمەس. كان ھادىسى پەيدا بولغاندا، ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان كان خوجايىنلىرى ئەمەس. يەنى، <تىتانىك> نامىلىق پاراخوتتىكى، خەتەر ئالدىدىمۇ ئورنىغا سادىق بولۇپ، پاراخوت بىلەن بىرگە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت باشلىقى، ماتۇرۇسلار، مۇزىكىچىلار. ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئوت كەتكەندە، ئاۋال ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۆزى چىقىپ كىتەلمىگەن ئەرلەر، يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالسىمۇ، چىداپ تۇرۇپ، ماشىنىنى يول ياقىسىغا توختۇتۇپ بولۇپ، ئۆزىنى تاشلىغان شوپۇرلار.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگەك ئىش ھەققىنى ئالالماي تۇرسىمۇ، ئالتۇن تىپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايۋاتقان خەلىق ئىشچىللىرى. ئۈچ چاقىلىق ھارۋىسى بىلەن تاپقان پۇللىرىدا ئۇزاق مۇددەت نامىرات ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەتۋاتقان ھارۋىكەشلەر. ۋەيران بولغان بولسىمۇ، چىشىنى چىڭ چىشلەپ، كېينكى يىرىم ھاياتىدا قەرىزلىرىنى تاماملىغان ئەرلەر.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپىرەك بىرگە بولۇشى ئۈچۈن، ئەمىلىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش پۇرسىتىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان ئەرلەر. بىر ئۆمۈر ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپمۇ، بىرەر ۋاراق ئىش قەغىزىنىمۇ باللىرىنىڭ خەت يېزىشىغا ئاپىرىپ بەرمىگەن ئەرلەر. ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا قېرى-ئاجىزلارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بىرىپ، ماشىنىدىن ھازىرلا چۈشۈدىغان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، باشقا ياققا ماڭغان ئەرلەر. قار-شىۋىرغانلىق كىچىدە ئۆيگە قايتىۋاتقاندا، گېزىتچى بالىنىڭ قولىدا ئېشىپ قالغان بىر قانچە گېزىتنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋىلىپ كەتكەن ئەرلەر.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، كونا ۋىلسىپىت مېنىۋىلىپ ئەتىگەن تۇرۇپ، كەچ يېتىپ بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكەلگەن ھەم شۇ يولىلا ئۆيىنىڭ سەي-كۆكتاتلىرىنى سېتىۋىلىپ كەلگەن ئەرلەر. ئۆزى ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەردىن ييشۇرۇن، ئوغۇرلىقچە جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ، بىر ئائىلە كىشللىرىنى بېقىۋاتقان ئەرلەر. ئايالى باشقا ئەرلەر بىلەن قېچىپ كەتسە، بىرىپ ئىزدەپ قايتۇرۇپ كىلىش ئەمەس، كۆڭلىدىن يوشۇرۇن ھالدا ئۇنىڭغا بەخىت تىلەيدىغان ئەرلەر. باشقىلار خاتا چۈشەنچىدە بولغاندا، ئۇرۇشۇپ يۈرمەستىن، ۋاقىت ئارقىلىق ھەممىسىنى ئىسپاتىلىغان ئەرلەر.

ھەممەيلەن ھازىرقى جەمئىيەتتە، ھەقىقىي ئەرلەرنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماڭتىمىز. شۇنداقلا، خورسىنماقتىمىز، ئىزدىمەكتىمىز، چاقىرىماقتىمىز. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ئەرلەر ئىلگىرىمۇ بولغان، ھازىرمۇ بار. ئۇلار ئاددى-ساددا، نورمال جەمئىيەت ئارىسىدا، ئۇلار يوشۇرۇنمۇ ئەمەس ھەم ئاشكارىمۇ ئەمەس. ئۇلار بەلكى كۆرۈمسىز ھەتتا بەك قوپال كۆرۈنىدىغاندۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قىزغىنلىق ۋە كۈچىنى كىنۇ فىلىملىرىدىكى قەھرىمانلارغا ھەرگىز سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇلار بەلكىم بىزنىڭ يېنىمىزدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئەرلەردۇر.

:ئۆزۇمنىڭ ھىسى.....
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+2(bahader) mgnhlhk~!!!
  • دەرىجە: قىزىققۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 906
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 24
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
    شۆھرىتى: 12
    پۇلى: 120 تەڭگە
    تۆھپىسى: 0
    توردا: 39(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2010-07-15
    ئاخىرقى: 2010-10-21
    1  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-12 23:46

    ئەھىميەتىلىك تىما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە.سىز دىگەندەك ،سىزنىڭ  نەزىرڭىزىدىكىدەك  ئەرلەر جەمىيتىمزدە     تىخمۇ كۆپلەپ چىقسا  ،بىز  ئاياللارىمۇ خاتىرجەم.بەخىتلىك  بولغان بولاتتۇق.
    دەرىجە: قىزىققۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 815
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 24
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
    شۆھرىتى: 10
    پۇلى: 116 تەڭگە
    تۆھپىسى: 0
    توردا: 6(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2010-07-09
    ئاخىرقى: 2010-10-10
    2  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-13 02:45

            سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئەرلەر شۇبىھسىزكى دەل بىزنىڭ نەزىرىمىدىكى ئەرلەردۇ ر.ئەر كىشى دىگەن ئالدى بىلەن ئىمان -ئىتقاتلىق ئاندىن سەمىمى ،باتۇر ،ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجىبۇرىيىتنى تۇلۇق ئادا قىلالايدىغان ھەر قانداق ۋاقىتتا خەلىقنى ،مىللىتىنى ئويلايدىغان ئۇنىڭ ئۇچۇن قان كىچىپ كۆرەش قىلالايدىغان بۇلۇشى كىرەك .......ئەپسۇس ھازىر بىر قىسىم ياش يىگىتلەرنى كۆرسەم ئىچىم سىقىلدۇ .قۇلىقىدا ناخشا ئاڭلاپ تۇزۇك سالام قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ .مەردانىلىك بىلەن بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەشنىمۇ بىلمەيدۇ .ئۇلارنىڭ ئوينىغان ئۇسۇلى ۋە ئېيتقان ناخشىسىغا قاراپ "توۋا مۇشۇلار بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئىگىللىرىمۇ دەپ شۇنچىلىك ئازاپلىنىمەن ."ئۇلارنىڭ كىچە كۇندۇز دىبادىن ،تانسىخاندىن چىقالماي بىردەم تاماكا ،نىشە ۋە ھاراق -شاراپ ئېچىپ يۇرۇشلىرى مىنى قاتتىق ئازاپلايدۇ .ئۇلاردا نە نەسئۇلىيەت -مەجىبۇرىيەت تۇيغۇسى نىمە قىلسۇن .جانابئى  اللاھ ئۇلارنىڭ دىلىغا ئىنساپ بىرەر .........
    يالغۇز تورى
    دەرىجە: قىزىققۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1275
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرىتى: 5
    پۇلى: 57 تەڭگە
    تۆھپىسى: 0
    توردا: 15(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2010-08-11
    ئاخىرقى: 2010-08-22
    3  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-13 13:45

    ھازىرقى ياشلار شۇنداق بوپ كەتتى بۇنىڭتغا ئاللادىن ئىنساپ تىلىمەكتىن باشقا ئامال يوق..خۇدايىم كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلار.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1509
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرىتى: 0
    پۇلى: 5 تەڭگە
    تۆھپىسى: 0
    توردا: 6(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2010-08-26
    ئاخىرقى: 2010-09-22
    4  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 00:32

    تۇرۇكناز ،پىكىرىڭىزگە تامامەن قۇشۇلىمەن .قىسقا ئەمما چوڭقۇر مەنالىق ئىنكاس بوپتۇ .
    ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى مەن شۇ ئەلتېكىن
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 895
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 122
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
    شۆھرىتى: 1000539
    پۇلى: 1001998 تەڭگە
    تۆھپىسى: 10030
    توردا: 469(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2010-07-14
    ئاخىرقى: 2010-10-19
    5  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 14:44

    ئەھىميەتىلىك تىما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە
    Www.Anadiyar.Cn
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 17
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 697
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە697دانە
    شۆھرىتى: 2451
    پۇلى: 12230 تەڭگە
    تۆھپىسى: 8
    توردا: 50(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-05
    ئاخىرقى: 2010-10-20
    6  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-12 06:30

    ھەي،شۇنداق ئەرلەرنى ھازىر مىنىڭچە پەقەت ساناقلىقلا تاپقىلى بولىدۇ. بۇجاھان نىمە بوپكەتتى...................
    جاھاننىڭ ئىشلىرىغابىرنىمەدىگىلى بولمايدۇ!