ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىر يۇرۇش ئىسىل روبائىيلار (كۈندە يوللىنىپ تۇرىدۇ)
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 60
نادىر تېمىسى: 19
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
شۆھرىتى: 1002191
پۇلى: 1014690 تەڭگە
تۆھپىسى: 10012
توردا: 264(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-12
ئاخىرقى: 2010-09-24
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-18 17:16

بىر يۇرۇش ئىسىل روبائىيلار (كۈندە يوللىنىپ تۇرىدۇ)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما چىنئاي تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-07-20)
روبائىيلار


ئىسرائىل كېرەم

گۈزىلىم ،دوستلىرىم يۇلتۇزدەك تولا،
ھەر بىرى ھەر ئىشقا بولغان مۇپتىلا.
بەزىسى تاش ئېتىپ ئاچتى كۆزۈمنى،
بەزىسى ھىجىيىپ كىيگۈزدى كۇلا.

گۈزىلىم ،ئىجاتتىن ياقۇت تەر تۆكۈپ،
گۈل چەكتىم ئەل-يۇرتنىڭ قەلبىگە چۆكۈپ.
بەس،ئادەم ئادەم ئەقلىگە مىنسە نەپسى،
ئۇياتتىن يىغلىماس دالدىغا مۆكۈپ.

نۇرمۇھەممەت قادىر

بەزىلەر ئالدىڭغا يىغلاپ كېلىدۇ،
ئاستىرىتتىن ئۇ سېنى جىڭلاپ كېلىدۇ.
بەستىگە بىرەر قۇر قاراپ بولغۇچە،
بىراقلا ئوت يېقىپ كاۋاپ قىلىدۇ.

ھەسەتخورنى تۈزىلىپ قالار دەپ،
قىلىپتىمەن ھىممەت ئاڭا زەپ.
ئوخشاپ قالدى كېيىن ھالىمىز،
«دېھقان بىلەن يىلان»غا ئەجەپ.

ئابدۇرېھىم ھاپىز

ئەگەر كىشى بولسا دىلى زەھەرلىك،
سېزىلگۈسى ئاڭا ھەممە خەتەرلىك.
تەشۋىش بىلەن ئۆتەر ئۇنىڭ ھەر كۈنى،
ئاڭا جازا شۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك.

يىللارغا چاقچاق قىلىپ ئەركىلىمە سەن،
شۇ يىللار سەن ئۈچۈن توقۇيدۇ كېپەن.
ئۆگەنگىن ،ئىجاد قىل ،يىڭىلىق يارات،
شۇندىلا بېغىڭغا ئۈنگەي گۈل-چىمەن.

ئېلى يۈسۈپ

ھەر قاچان پايدىغا چوت سوقۇپ يۈرسەڭ،
ھەر كىمنى پەيتىدە سەن چوقۇپ يۈرسەڭ.
ئوز نەپسىڭ ئۆزۈڭگە ئوت-بالا بۇلۇر،
ھالال ۋە ھارامنى ئوخشاشلا كۆرسەڭ.

ئەجرىڭدىن ئەلگە كۆپ مېۋە بەرسەڭمۇ،
شادلىقتىن سۆيۈنۈپ ھۇزۇرلانساڭمۇ.
مەغرورلۇق تۈپەيلى غادايما قىلچە،
تاغلارنى يانپاشقا ئېلىپ ئۇرساڭمۇ.

ئابلېز ھۇشۇر

بەزىلەر ۋىجداننى سېتىپ ياشايدۇ،
بەزىلەر رەقىبكە تېتىپ ياشايدۇ.
ھەقىقەت يولىدا جان تىككەنلەرنى،
ئەل ھامان ناخشىغا قېتىپ ياشايدۇ.

نامەردلەر كېلىدۇ پايدىغا ئامراق،
ھۆنىرى: مىكرىدىن ياسايدۇ قىلتاق.
نەپ تەگسە ئۇنىڭدەك جىلۋىدارى يوق،
ئەگەر نەپ بەرمىسەڭ بوينۇڭغا سىرتماق.

ئابدۇللا ئابدۇشۈكۈر

ئادەمدە ئەقىل ۋە ھەۋەس بۇلىدۇ،
ئۇنىڭسىز قىممىتى ئوت-خەس بۇلىدۇ.
ئارزۇ ئۈمىدتىن قاناتلانمىسا،
مەنزىلگە يېتىشى بەك تەس بۇلىدۇ.

ئەل ئۈچۈن ھەر ئىشتا كۆرسەت ھىممەتنى،
ئايىما تەرىڭنى ،ئەجىر -مېھنەتنى.
كەلتۈرسەڭ ناۋادا ئەلگە بەخىتنى،
قىلمىغىن ھېچقاچان قىلچە مىننەتنى.

ھوشۇر ئەمەت

ئەر بولساڭ مەرد بولغىن ،ۋەدىدىن يانما،
ئازغىنا نەپنى دەپ ۋىجداننى ساتما.
گەر كېلىپ تەگسىمۇ بوينۇڭغا قېلىچ،
ئۆزگىلەر ئالدىدا تىزلىنىپ ياتما.

ھەسسىلەپ تۆھپە قوشسام ۋەتەن ،ئەلگە،
ئۆمرۈمدىن قالسا دەيمەن يۈتمەس بەلگە.
دىلىمدا قالماس پەقەت قىلچە ئارمان،
رازىمەن كۆمۈلسەممۇ دەشت-چۆلگە.

ئۈمەرجان ئىسمايىل

قەدىمىڭگە باغلىق جەننەت-جەھەننەم ،ئاسمان،
ئاسايىشمۇ ۋە ئاپەتمۇ ئەقلىڭدىن ،ياران.
بولساڭ ئاقىل ھەم تۆھپىكار ئاۋام-ئەل ئارا،
مۆجىزەڭ شۇ : ئىنئام ياغار خەلقىڭدىن ھامان.

«دوست»لىرىمنىڭ ئىزھارىغا قۇلاق سالدىم جىم،
ئەل يولىدا جان تىكمىسە ئادەم دېمىدىم.
تەييارتاپلىق كوچىسىدا بۇلۇپ قەلەندەر،
«ناننى ھالال يىدىم» دېسە ،مەن ۋايىم يېدىم.

ئابدۇللا كېرەم

ھەر نەرسە مەۋجۇت ئېرۇر جىسمى بىلەن،
ئۆزىنىڭ جىسمىغا ماس ئىسمى بىلەن.
ئىنسانلار تىلسىملارنى يەشكۈچىدۇر،
ياشايدۇ خوجايىنلىق ھېسى بىلەن.

ھەي نىگار ،مەن بىلەن ئۆتتۈڭ كۆپ يىللار،
مۇھەببەت رىشتىدە باغلاندى دىللار.
مۈكچىيىپ كەتسەكمۇ يېتىپ قېرىلىق،
چىن ۋاپا داستانى كۈيلەيدۇ دىللار.

مەتقۇربان ئىسمايىل

ئىناۋىتىم چۈشتى ھەسسىلەپ،
تۆت تەرەپتىن قويساممۇ يۆلەپ.
قۇرۇقدالغان شەيتان شېشىلەر،
بېرەلەمسەن سەن ئۇنى تۆلەپ؟!

بىر دوستۇم بار شائىر مەسەللىك،
شېئىر يازار ھەر كۈنى ئەللىك.
«يازغىنى»نى كىتابتىن ئالغان،
قەلىمىدە بارمۇ كېسەللىك؟

تىيىپجان ئېلىيۇپ

ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى،
مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى.
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق،
سەتلىشىدىكەن غادايغانسېرى.

ھەزەر قىل ،بەزىلەر جۆندەشكە ئۇستا،
بىر ئىشقا ئالدىدىن ئۈندەشكە ئۇستا.
ئەپلەشسە ئۆزىنى داڭلاشقا ئۇستا،
چاتىقى چىقسىلا دۆڭگەشكە ئۇستا.

سادىر ئەكرەم

كۆرۈشمەك بەك قىيىن يىراق،
بۇنى دەپ مېھرىڭنى ئۈزمىگىن بىراق.
جۇدۇنغا بەرداشلىق بېرەلىگەن گۈل،
چاچىدۇ ئەبەدىلئەبەد خۇشپۇراق.

قىزىلگۈل بولسىمۇ ھەر قانچە ئېسىل،
توزۇيدۇ ئۇ ئاخىر يەتكەندە پەسىل.
مەڭگۈلۈك ياشاشنى ئەيلىسەڭ ئارمان،
قالدۇرغىن كەشپىيات-ئىجادتىن نەسىل.

ئېزىز ئاتاۋۇللا

ھاياتلىق بابىدا ئۇلۇغدۇر كىتاب،
چىن ،گۈزەل خىسلەتكە قىلىمەن خىتاپ.
مۇبادا ئايرىلىپ قالسام ئۇنىڭدىن،
نادانلىق چۆلىدە بولىمەن بىتاپ.

ياشايمەن دۇنيادا ھەق ئۈچۈن سۆزلەپ،
ھەق بىلەن ئەڭ يۈكسەك پەللىنى كۆزلەپ.
شۇ نىشان ئىلكىدە يول تېپىپ مەڭگۈ،
مەنىلىك ياشايمەن ئەگرىنى تۈزلەپ.

ھەبىبۇللا بەكرى

بەزىلەر ماختىنىش ،چاۋاكقا ئامراق،
ھە دېسە كولايدۇ ،كاۋاكقا ئامراق.
بىر توياق قوي باقماي ئۆمرىدە ئەجەپ،
ھەممىدىن شورپىغا ،كاۋاپقا ئامراق.

ئىشلاردا دۇرۇستۇر بىرنى بىر دىمەك،
شۇندىلا گەپ-سۆزلەر بولمايدۇ پۈچەك.
ھەقىقەت بوينىنى كەسمەيدۇ قېلىچ،
ئېيت ،نەدە مېۋە بار ئېچىلماي چېچەك.

ئەسقەر مۇھەممەتئىمىن

ئاجايىپ مۇرەككەپ ئىكەن قىز دىگەن،
چۈشىنىپ كېتىمىز لېكىن بىز دىگەن.
بىر مىسال : ئىچىدە كۈلىدۇ ئۇلار،
تويىدا ئۈن سېلىپ يىغلىغان بىلەن.

سېغىنسام مەن سېنى ئىچىمەن ھاراق،
مەست بولسام تېخىمۇ چېكىمەن پىراق.
مۇھەببەت شارابى مېنى مەست قىلغان،
جانانىم سەن بۇنى بىلمەيسەن بىراق.

ئىمىن راشىدىن

مۇھەببەت ئىنساننىڭ ھاياتى ،جېنى،
مۇھەببەت جانانغا يەتكۈزگەن مېنى.
مۇھەببەت چېكى يوق بىر يۈكسەك تېما،
كىم يېزىپ ۋايىغا يەتكۈزگەن ئۇنى؟!

كۆچەتنى تىكىپلا قىلمىسا پەرۋىش،
قۇرۇق شاخ باغۋەنگە بەرمەيدۇ يېمىش.
دېدىم مەن ئۆزۈمگە «ئەستاغپۇرۇللا !»
بالامنىڭ ئىللىتى مەندىكى قىلمىش.

خەندانى

بىنالار پۈتىدۇ كۈچ ۋە غەيرەتتە،
شۇڭا ئۇ سامانى سۆيەر ھەيۋەتتە.
ئەگەر بىر تىرناقتا كولانسا ھۇلى،
بىر كۈنى گۆمۈرلۈپ چۈشەر ئەلۋەتتە.

نادانلىقتىن كۈلپەت كەلسە بېشىڭغا،
غەزىپىڭنى چىشلىۋالغىن چىشىڭغا.
توغرا يولنى تاللىيالماي دۈم چۈشسەڭ،
پايدا كەلمەس ھېچ پۇشايمان يېشىڭغا.

نىياز جالالىدىن

ئۆمرۈمدە كۆردۈممەن تالاي ئىشلارنى،
ئۆتكۈزدۈم بېشىمدىن كۆپ ياز قىشلارنى.
تەر تۆكۈپ ئەجرىمدىن تۇرغۇزدۇم بىنا،
ساناش تەس بىناغا قويغان خىشلارنى.

ئۈمىدلەر كۈتسەڭ گەر ئوغۇل-قىزىڭدىن،
ياراتقىن نادىر كۈي ھامان سېزىڭدىن.
سەن باغۋەن ،ئىشىڭدىن ياراتقىن ئۆرنەك،
ئەۋلادىڭ يول تاپسۇن ئۆچمەس ئىزىڭدىن.

تۇرەھمەت ھەمدۇللا

كالىندار ئۆرۈلۈپ ۋاقىتمۇ كېتەر،
ۋاقىتنى چىڭ تۇتقان مەقسەتكە يېتەر.
ياشىساق كۈنلەردىن قالدۇرماي ھېچ ئىز،
ئەۋلادلار قانداقمۇ بىزنى ياد ئېتەر؟

دوستلارنى قەدىرلە كولىما ئورا،
ئۆرۈكلەر پىشقاندا تەڭلىمە غورا.
بەزىسى شاھ بۇلۇر ،بەزىسى گاداي،
سەۋەبنى ياخشىسى ئۆزۈڭدىن سورا.

  بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا كۈندە يىڭى-يىڭى روبائىيلارنى يوللاپ تۇرىمەن...شۇڭا دوستلارنىڭ بولسا ئۆزلىرى بىلىدىغان ياخشى كۆرىدىغان روبائىيلىرىنى يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+2(bahader) ياخشى..
  • پۇلى:+2(juxkun-28)
  • دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
    مەن _ زىننۇرە شۇ !
    دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 138
    نادىر تېمىسى: 8
    ئومۇمىي يازما: 607
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە607دانە
    شۆھرىتى: 1003423
    پۇلى: 1008715 تەڭگە
    تۆھپىسى: 10028
    توردا: 783(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-16
    ئاخىرقى: 2010-10-20
    1  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-18 20:00

    مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم ،
    سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم .
    سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا ،
    بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم .

    ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي ...
    باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+2(juxkun-28)
  • بۈگۈنكى ۋاقتىڭىزنى مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈڭ ، تۈنۈگۈن __ بىر تارىخ ، ئەتە __ بىر سىر !
    ياغاچ قازاندا ئاش پىشماس .
    دەرىجە: ئالي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 79
    نادىر تېمىسى: 9
    ئومۇمىي يازما: 676
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە676دانە
    شۆھرىتى: 2566
    پۇلى: 13204 تەڭگە
    تۆھپىسى: 91
    توردا: 2(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-13
    ئاخىرقى: 2010-10-20
    2  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-19 21:52

    بەك ياخشى روبائىلاركەن . ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر!!!
    يالغۇز تورى
    قىيىن ئش يوق ئالەمدە ،
    كۆڭۈل قويغان ئادەمگە .
    ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
    دەرىجە: پەرىشتە

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 60
    نادىر تېمىسى: 19
    ئومۇمىي يازما: 481
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
    شۆھرىتى: 1002191
    پۇلى: 1014690 تەڭگە
    تۆھپىسى: 10012
    توردا: 264(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-12
    ئاخىرقى: 2010-09-24
    3  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-20 10:26

    ئەركىن ئەبەيدۇللا

    چىرايلىق بولساڭمۇ ئېچىلغان گۈلدەك،
    پاراسەت بولمىسا ،ئىشلەيسەن قۇلدەك.
    ھەقىقىي گۈزەللىك تېشىڭدا ئەمەس،
    بىلىمىڭ بولمىسا توزۇيسەن كۈلدەك.

    سەھەر-كەچ سەن سۈرگەن شۇ تاتلىق خىيال،
    غەيرىتىڭ بولسىلا بۇلىدۇ رىئال.
    بىلىمسىز ،يارامسىز ،ئۈمۈدسىز ئەرگە،
    كۈلەمدۇ بەخت قىزى-ئۇ ساھىپجامال؟

    جاسارەت تاش

    مەن يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن،
    ئۈمىد ۋە ھېسلارغا چۆمۈپ ياشايمەن.
    كەلسىمۇ بېشىمغا ئالەمچە مۈشكۈل،
    دات دېمەي مەردانە تۇرۇپ ياشايمەن.

    ئالدىڭدا ھىجايسا ئالدامچى تۈلكە،
    دېمىگىن سەن ئۇنى ھەقىقىي كۈلكە.
    ھەزەر قىل ئۇنىڭدىن چۈشمە دامىغا،
    چۈنكى ئۇ قۇۋلۇقتا ھەممىگە ئۈلگە.

    تاھىر تالىپ

    تاش ئاتقانتىڭ كۆلگە ،ھەي ئىنسان،
    سۇنۇپ كەتتى سۇدىكى ئاسمان.
    قاتلاشساممۇ سۇدىكى مەن ھەم،
    ۋىسال تاپتىم ،قالمىدى ئارمان.

    ئادەم دېگەن پۇلات ئەمەس ،ھۆل نەرسە،
    ئېرىيدىغان ،كۆيىدىغان كۆيدۈرسە.
    كېرەك ئەمەس ئاڭا ئۇنچە ھارارەت،
    ئۇ ئېرىيدۇ ئىللىقلىقنى سەزدۈرسە.
    دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1028
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 8
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
    شۆھرىتى: 4
    پۇلى: 25 تەڭگە
    تۆھپىسى: 0
    توردا: 19(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2010-07-22
    ئاخىرقى: 2010-07-24
    4  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-22 12:49

    ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر
    دەرىجە: پەرىشتە
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 552
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 161
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
    شۆھرىتى: 642
    پۇلى: 1216 تەڭگە
    تۆھپىسى: 2
    توردا: 121(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-06-21
    ئاخىرقى: 2010-10-16
    5  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-03 19:52

    ئاپتۇر:ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

    جىگدە پۇراق تۆكۈلسە سەندىن،
    يامىشىدۇ دىلغا ھاياجان.
    كەلسەڭ ئەگەر قارلىغاچ بۇلۇپ،
    چېچەكلەيدۇ يۈرەكتە ئارمان.

    ھەر ئىرغىتساڭ سۆيگۈ شېخىنى،
    پەر قاقىمەن سامادا لەرزان.
    بۇلاقلاردەك تۇرساڭ چايقىلىپ،
    شوخ بېلىق بوپ ئۈزىمەن ھەريان.


    كۆزلىرىڭ پىچىرلاپ ئېيىتقاندا ئۆزھال،
    جىغىلدايدۇ يۈرەك بېغىشىم.
    قۇياش بۇلۇپ باغرىمغا چۆكسەڭ،
    يوقىلىدۇ دىلدىن تەشۋىشىم.
    ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
    دەرىجە: پەرىشتە

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 60
    نادىر تېمىسى: 19
    ئومۇمىي يازما: 481
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
    شۆھرىتى: 1002191
    پۇلى: 1014690 تەڭگە
    تۆھپىسى: 10012
    توردا: 264(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-12
    ئاخىرقى: 2010-09-24
    6  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-08 14:57


    ئەنۋەر مەتسەيدى

    تۇغۇلغاندا ھەر ئىككىمىز ئوپ-ئوخشاش،
    چوڭ بولغاندا مەن تاياق،سەن بىر تاش.
    مەن دۇمبالاپ،سەن دۇمبالاپ بارىمىز،
    مەن گۈلخانغا،سەن ئازگالغا ئالدىراش.

    بار دەيدىكەن ئۇ دۇنيانىڭ جەننەت دوزىقى،
    ياخشى-يامان ئەمەللەرنىڭ ھېساپ-سورىقى.
    مەن ئويلايمەن:بۇ دۇنيانىڭ ئۆزى شۇ تۇرسا،
    نېچۈن بىزگە بويرۇلغاندۇر يولنىڭ يىرىقى؟!

    ئاتىكەم زەمىرى

    بەزىلەر مەن دوست دەپ يۈرمىگەن بىلەن،
    شاتلىقىڭ،قايغۇڭغا تەقدىرداش ئىكەن.
    بەزىلەر«دوستلىشىپ»سىرداشقان بىلەن،
    ئالدىڭدا گۈل سۇنار،كەينىڭدىن تىكەن.

    دېمىگىن سەن مېنى ئىزدەيدۇ شۆھرەت،
    قەلەمگە جېنىمنى بەرگەنمەن پەقەت.
    بۇ نازۇك قەلەمگە سىغىدۇ ئالەم،
    قەدرىنى بىلمىگەن كىشى ھاماقەت.

    تۇرسۇنگۈل توختى

    ھاياتلىق يوللىرىدا يۈردۈم تېنەپ،
    ئاللادىن مۇرادىم ھەم بەختىم تىلەپ.
    نەدىكىن مېنىڭ بەختىم بىلمىسەممۇ،
    يۈرمەيمەن،بەختلىككە چىشىم بىلەپ.

    تەڭلىمە گۈلنى ماڭا ئەي غۇنچە قىز،
    گۈل بىلەن ئاجىز يۈرەككە سالما ئىز.
    سەنغۇ بىر سۆرەت،ۋىسال بىزدىن يىراق،
    تەڭلىسەڭ گۈل،سۆيگۈدىن ئاچقىن ئېغىز!

    مۇھەممەت تەشنائى

    ئاھ ئانا،سەن كۈلسەڭ كۈلىدۇ جاھان،
    تۈرۈلسە قاپىقىڭ،بۇلۇر زىمىستان.
    ياش تۆكسەڭ،سامادىن تۆكۈلەر يامغۇر،
    مۇڭلانساڭ،دەريالار ياسايدۇ قىيان.

    بەزىلەر«ئۆزۈم»دەپ ئوت،دېڭىز كېچەر،
    ھەقسىز دەپ گەر زەھەر بولسىمۇ ئىچەر.
    ئۆزگىچۈن بىر ئېرىق چېپىش ئاڭا يات،
    «ئۆزۈم...»دەپ جان تىكىپ تاغنىمۇ تېشەر.

    ئابلىمىت سەمەت

    ئۇچتۇڭسەن چۈشۈشنى ئويلىماي پەقەت،
    باق دېسەم تۈۋەنگە، قىلدىڭ بۇنى رەت.
    بىلمىدىم،ئۇنۇتساڭ چىققان يېرىڭنى،
    قۇنامسەن كۆككە،يا ئۇچامسەن ئەبەد؟!

    باھا بەرمە بىر قاراپلا تۇرقىغا،
    ئالدىڭدىكى ياخشى مىجەز-خۇلقىغا.
    جىنمۇ كىرىپ ئادەملەرنىڭ تۈسىگە،
    چاڭ سالىدۇ غەرىق قىلىپ ئۇيقۇغا.

    ئابلىمىت ھاجى جەسۇر

    ئەرنى بىل ئەجرىدىن باسقان ئىزىدىن،
    بىلمىگىن سىپايە سىلىق سۆزىدىن.
    مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىقمۇ،ئەمەس،
    بىل ئۇنىڭ نۇرانە ئىككى كۆزىدىن.

    دوستلۇققا مەنپەئەتنى قىلمىغىن ئۆلچەم،
    غەرەزسىز دوستلاشساڭ بۇلىدۇ مەھكەم.
    بىلەمسەن،دوستلۇقنىڭ گۈلى بەك نەپىس،
    گەر دوستلۇق چىن بولسا-ئۆسىدۇ مەھكەم.

    مۇتەللىپ خۇرسەندى

    سۆز بەرسەم سۆيدۈم سېنى دەپ،يالغان ئەمەستۇر دەپتىمەن،
    لەۋزىنى ۋاپا ئەھلىگە يىگانە دەستۇر دەپتىمەن.
    كۆڭلۈم خەۋەردار بولمىغاچ ئالداش دىگەن ئىبارىدىن،
    تۈلكە ئىكەنسەن ئەسلىدە،شەيتان ئەمەستۇر دەپتىمەن.

    يار كېلىپ ھالىم خەۋەر ئالماق ساڭا پەرمان ئىرۇر،
    ئاي كەبى لۇتپىڭ كۆرۈپ تۇرماق ماڭا دەرمان ئىرۇر.
    بىر شېھىت كەپتەر ئۆزۈم،سوققان ئىششىق لاچىنلىرى،
    قوندىقىڭغا يىقىلىپ جان بەرمىكىم ئارمان ئىرۇر.

    ئۇبۇلقاسىم مەتنىياز

    تارتساڭمۇ جاپا،ماڭ ئاقىل كەينىدىن،
    ۋە ياكى ئاقكۆڭۈل،ئادىل كەينىدىن.
    ئەگىتىپ دەسسىتەر قاپقانغا سېنى،
    ماڭساڭ ئىچى ئالا تاغىل كەينىدىن.

    ئۆتنىگە ئالغىلى بۇلار پۇل مالنى،
    ھەتتاكى بەزىدە قاننى،ئامالنى،
    ئۆتنىگە ئالغىلى بولماس نەرسە بار،
    كۆردۈڭمۇ ئەقىلسىز،پۇلدار ئابدالنى؟!

    پاتىگۈل رازى

    بىلدىممەن ھىيلىگەر ،ئالدامچى تۈلكە،
    قۇۋلۇقتا ئىكەنسەن ھەممىگە ئۈلگە.
    ئىشىنىپ مەن ساڭا دوستۇم دەپتىمەن،
    چېھرىڭدىن كەتمىسە دائىما كۈلكە.

    كۈلدۈممەن خۇشلۇقتا جۆر بولدى ئىنسان،
    ھەتتاكى تەڭ كۈلدى يەر بىلەن ئاسمان.
    بىلسەڭسەن كۈلگىنىم خۇشلۇقتىن ئەمەس،
    ھاياتتا تەنھامەن قىينايدۇ ھىجران.

    مۇنىياز ئېلى

    ئەجرىڭگە قونمىسۇن چاڭ،بولما گۆدەك،
    ئەجرىڭدىن ئېچىلغاي تاشتا گۈل چېچەك.
    پاك بولغىن ،پاكلارنىڭ گۈلباغلىرىغا،
    قۇياش نۇر تۆكىدۇ ئېتەك ۋە ئېتەك.

    باي مەن دەپ تەمەننا قويما ئۆزۈڭگە،
    شەيتانلار كۆرسىتەر شەيتان كۆزۈڭگە.
    گېدەيسەڭ سۇنىسەن ھامان بىر كۈنى،
    قۇدرەتمۇ قالمايدۇ ئۆز ۋە سۆزۈڭدە.
    دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
    ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
    دەرىجە: پەرىشتە

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 60
    نادىر تېمىسى: 19
    ئومۇمىي يازما: 481
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
    شۆھرىتى: 1002191
    پۇلى: 1014690 تەڭگە
    تۆھپىسى: 10012
    توردا: 264(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-12
    ئاخىرقى: 2010-09-24
    7  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-08 18:03


    غۇجىمۇھەممەت قابىز

    يازدىكى راھەتلىك كۈنلەر كېتىدۇ،
    كېلىپ قىش شىۋىرغان جاندىن ئۆتىدۇ.
    ئالماشقان پەسىللەر نېمىگە مىسال،
    ئويلايلى،ئۇ بىزدىن نېمە كۈتىدۇ؟!

    ۋاقىتنىڭ قەدرىنى چاققان بىلەر،
    تۇنۇرنىڭ تەپتىنى نان ياققان بىلەر.
    مۇھەببەت ئۇچقۇنىنىڭ قۇدرىتىنى،
    ئاشىقنىڭ كۆزلىرىگە باققان بىلەر.

    مۇھەممەت كامال خۇشخۇي

    كۆرسىتىپ غەرىبنى دېسە:بۇ شەرىق،
    راست دېسەڭ ئەتمەستىن پەرىق.
    مەۋقەسىز ئۈزگۈچى قولۋىقىڭ بىر كۈن،
    چۆكىدۇ دەرياغا،بولىسەن غەرىق.

    قۇۋ تۈلكە يېشىدىن ياسىسا دەريا،
    شەپقىتىڭ قۇياشى توكمىسۇن زىيا.
    بىل،نېچۈن تۆكتى ئۇ قېشىڭدا كۆز ياش،
    ئويلىغىن،كۆز ياشتا نېمە مۇددىئا.

    ئېلىياس ئابلىمىت

    نەپ ئالۇر ياخشىغا ئامەت تىلىگەن،
    ئاسمانغا يەتكۈدەك قامەت تىلىگەن.
    ئۆزىنى ئازگالدا كۆرەر بىتەھقىق،
    بولسا ئۇ ياخشىغا ئاپەت تىلىگەن.

    بىلىمسىز بى كېرەك سايسەن ئى كۆڭۈل،
    يا تەمى بۇزۇلغان چايسەن ئى كۆڭۈل.
    قاچانكى بىلىملىك بولساڭ شۇ ئانلا،
    مەككەسەن-مۇقەددەس جايسەن ئى كۆڭۈل.

    ئەركىن توختى

    بۇ ھايات قىزىقتۇر خىلمۇ-خىل ئىشتىن،
    ئۇ خالىي ئەمەستۇر شادلىق،تەشۋىشتىن.
    ئالدىڭدا ئورۇنسىز ماختىغان كىشى،
    نەپ ئىزدەر ئارقاڭدا سېنى چېقىشتىن.

    ئېرىشسەڭ بەخىتكە ئالدىراپ كۈلمە،
    دۇچ كەلسەڭ جاپاغا ھەرگىز تىز پۈكمە.
    يېڭىش ھەم يېڭىلىش بۇلار ھاياتتا،
    يېڭىلسەڭ،تەن بەرمە،ئەسلا ياش تۆكمە.

    ئابدۇللا ساۋۇت

    مەنسەپكە چىققاندا ئۈلپەت كۆپەيدى،
    مەدھىيە،ئالقىشلار،ھۆرمەت كۆپەيدى.
    كەتكەندە ئىلكىمدىن مەنسەپ ۋە ھوقۇق،
    ھەممىسى دومسايدى،تۆھمەت كۆپەيدى.

    مەيدىنى ئاغرىتقان ئاش-غىزا يامان،
    دوست ئارا بەد گۇمان،ئۆچ-نىزا يامان.
    ئىناقلىق كىشىگە بېرىدۇ راھەت،
    ئاداۋەت كەلتۈرگەن ئار-ئىزا يامان.

    نۇرمۇھەممەت توختىنىياز

    ھۆرمىتىم بار ئىستىلى پاك رەھبەرگە،
    قەلبى گۈزەل،سۆزى گويا كەۋسەرگە.
    ۋولقان بۇلۇپ ئېتىلدى نەپرىتىم،
    تىلى شېكەر،ئەمما دىلى زەھەرگە.

    بىلىملىك كىشىلەر ئەتىۋا ھامان،
    مۇبارەك قەدىمى تۇتىيا ھامان.
    ئۇلارنىڭ ھېكمەتلىك،مەنىلىك سۆزى،
    چاچىدۇ دىللارغا نۇر-زىيا ھامان.

    ئابدۇللا ئەبەيدۇللىن

    دېڭىزدا تامچە،مارجانسەن يەتكەندىمۇ كۆككە،
    قالارسەن خۇددى قامقاقتەك،بويۇننى تولغۇساڭ كۆپكە.
    پەقەت تۆككەن ھالال تەرىڭ سېنىڭ قەدرىڭنى ئۆلچەيدۇ،
    كاناردا كۆرسىتىپ قويرۇق،بىراۋغا ساتمىغىن ئۆپكە.

    ھايات ئۆتكەللىرى يولدا تۈمەنمىڭ خىل جاپا قىلدى،
    يېڭىپ مۈشكۈلنى ۋىجدانىم ۋەتەن،ئەلگە ۋاپا قىلدى.
    كەشىپ قىلماققا تەلپۈندۈم شىجائەت،ئىجتىھات بىرلە،
    داۋاملىق ئىزدىنىپ ماڭسام ماڭا ياشلىق ئاتا قىلدى.

    دىلبەر ھامۇت

    بىلمىدىم جاھاننىڭ خۇۋلىقى نېمە،
    ئەي يۈرەك بىھۇدە ۋەھىمە يېمە.
    قان زەرداپ يۇتساڭمۇ ۋىجدانلىق ياشا،
    تەقدىرنىڭ پۈتكىنى شۇ ئىكەن دېمە.

    كەمسىتمە«بەرىبىر قىزسەن»دەپ مېنى،
    غەيرىتىم ئاقىۋەت يېڭىدۇ سېنى.
    تىرىشقىن،ئىجاد قىل،تۆھپە قوشقىن دەپ،
    توختىماي دولقۇنلار يۆرىكىم قېنى.

    خەلىم سالىخ

    نىلوپەرنىڭ گۈلى رەڭدار ئېچىلدى،
    خۇشبۇي ھىدى ھەر تەرەپكە چېچىلدى.
    گۈل غۇنچىسى ئالقىشلارغا كۆمۈلدى،
    يىلتىز بولسا خۇشاللىققا چۆمۈلدى...

    بەزىلەر ئاغزىدا سۆزلەشكە ئامراق،
    بەزىلەر كۆزىدە سۆزلەشكە ئامراق.
    ئېغىزنىڭ،كۆزنىڭمۇ سۆزى چىن ئەمەس،
    مەن پەقەت قەلبىمدىن سۆزلەشكە ئامراق...

    كېرەم قاسىم

    سورىدى بىر يىگىت ئاقىل بوۋايدىن:
    -تاپىمەن ئەقىلنى قايسى سارايدىن؟
    -ھەي بالام،يار تۇتساڭ كىتابنى مەڭگۈ،
    تاپىسەن ئەقىلنى كۈن،ھەپتە،ئايدىن.

    بولسىلا پۇرسىتىڭ تىرىش،تىل ئۆگەن،
    خار بولماس لوغەتتىن كۆپ بىلىم بىلگەن.
    كۆپ تىلنى دوست تۇتساڭ ئانا تىلىڭغا،
    تىل بىلەن سالىسەن شىرغىمۇ يۈگەن.

    پاتىگۈل ياسىن

    قەدىرسىز ئەيىش-ئىشرەت بېغىنىڭ گۈلى،
    بول دوستۇم بىر ئۆمۈر ۋىجداننىڭ قۇلى.
    ياشىماق ئىنسانغا پاك ۋىجدان بىلەن،
    ھەقىقىي ياشاشنىڭ مىزانى-ئۇلى.

    قىز ئۈچۈن قىممەتلىك پاكلىق ۋە ھايا،
    ئۇكى قىز ھۆسنىگە چېچىلغان زىيا.
    پاكلىقتىن ئايرىلغان قىز جانسىز مۇردا،
    ئىچى بوش بىر سىرلىق ساندۇقتۇر گويا.

    تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم

    بىلىڭلار مەي ئىچسەم ئۆزۈمنىڭ پۇلى،
    رومكىنى تۇتقىنى ئۆزۈمنىڭ قۇلى.
    دېمەڭلار ئالدىراپ مەستلىكنى پەسلىك،
    ماڭغىنىم شۇ بۈيۈك ھەييامنىڭ يولى.

    مېنىڭ مەي ئىچىشتىن باشقا ئىشىم يوق،
    مەيخوردىن باشقا ھەم يېقىن كىشىم يوق.
    ئىلكىمدە مەي،مەيخور ھەممىسى بارۇ،
    ۋە لېكىن ئەتىسى قوپسام چىشىم يوق.

    قادىر سىدىق

    توڭ يەرگە كەتمەننى چاپسا ئۇچىدۇ،
    ۋە بەلكى چاپقاننىڭ كەيپى ئۇچىدۇ.
    ھېكمەتتىن جان بەرسە ياغاچ ئاتقىمۇ،
    پەلەكنىڭ قەرىدە مەغرۇر ئۇچىدۇ.

    ئەل ئەگەر تۈزگەندە مۈشكۈل جەڭگە سەپ،
    كۆز تىكىپ ئارقاڭغا ھەرگىز سالما سەپ.
    كۆيسە تەن-جىسمىڭدا ئاتەش ئوتلىرى،
    جۈئىتىڭنى سۇ قىلىپ ئۈستىگە سەپ.

    نىياز قېيۇم

    خۇشپۇراق ھىد چاچار دوستلۇقنىڭ گۈلى،
    ئۆم-ئىناق ھاياتنىڭ مەھكۇمدۇر ھۇلى.
    رەڭگارەڭ گۈل تۇتاش ئېچىلغان باغدا،
    ئۆكسىمەي سايرىغان تاڭنىڭ بۇلبۇلى.

    جاھاننىڭ چېتىگە ئەقىل يەتمەستۇر،
    تەرپىگە سۆز-نۇتۇق،نەقىل يەتمەستۇر.
    يېتىشچۈن ھۆرمەتكە،شانۇ-شەرەپكە،
    تەر تۆكۈش كېرەكتۇر،كېپىل كەتمەستۇر.
    دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
    ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
    دەرىجە: پەرىشتە

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 60
    نادىر تېمىسى: 19
    ئومۇمىي يازما: 481
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
    شۆھرىتى: 1002191
    پۇلى: 1014690 تەڭگە
    تۆھپىسى: 10012
    توردا: 264(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2009-05-12
    ئاخىرقى: 2010-09-24
    8  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-09 10:16


    ھېلىم ئەبەيدۇللا

    نادانغا تېپىلماس ئاقىلدىن ئۈلپەت،
    چۈنكى كەم ئۇنىڭدا تەپەككۇر-جۈرئەت.
    بىلىمسىز كىشىنىڭ ئۆمرى زايادۇر،
    چېكەر ئۇ،نادانلىق ۋەجىدىن كۈلپەت.

    چىن ئىنسان شەۋكىتى ھىممەت-پەزىلەت،
    بىباھا زىننەتتۇر ئاڭا مەرىپەت.
    باقمىغىن تۇرقىغا يۈرسە كۆرەڭلەپ،
    پاك ۋىجدان ئەل ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت.

    ئابدۇقادىر سادىر

    بېرىلمە ۋۇجۇدۇم ھەسەتكە ھەرگىز،
    رىسقىڭدىن ئارتۇق نەپ-مەدەتكە ھەرگىز.
    دوستلارنىڭ نەزەرى يۈكسەك ھەممىدىن،
    تەڭ بۇلۇپ قالمىغىن جەسەتكە ھەرگىز.

    ئۆزۈڭنى ئەر بىلسەڭ ئۆزگىنى شىر دە،
    تاغلارنىڭ كەينىدە تاغ بار، كېرىلمە.
    ئايدىڭدا ھىجىرمۇ قالىدۇ چاقناپ،
    بىر زەررە نۇر بىلەن مەن قۇياش دېمە.

    شاھنىياز كەپەل

    خانەڭدە كوزاڭ بار،ئەلۋەتتە مەي بار،
    مەيخۇمار بەندىمەن ئاشىق بىقارار.
    بىر قەدەھ مەي ئۈچۈن پېقىر خارۇ-زار،
    مەي كەلتۈر دىلىمغا بەرمىگىن ئازار.

    ۋەتەننى ئوخشاتساق مۇقەددەس تاغقا،
    خۇشپۇراق گۈللىرى ئېچىلغان باغقا.
    بىز شۇ تاغ بۆركۈتى،باغنىڭ بۇلبۇلى،
    ئورۇن يوق سايراشقا قوزغۇن ۋە زاغقا.

    مويدىن سايىت

    ھەزەر ئەيلە ئادەم سىياق تۈلكىدىن،
    رەزىللىككە نىقاپ بولغان كۈلكىدىن.
    ھىجايسىلا كۈلدى دېمە،ئۇ قاپقان،
    دەسسىدىڭلا بوشىماق تەس ئىلكىدىن.

    بەزىلەر كۈلۈپ كېلىپ قول بېرىدۇ،
    ۋە ھەتتا دوقۇرغاندا يول بېرىدۇ.
    كۈلكىنىڭ قۇلى قارماق،يولى قاپقان،
    سىزدۈرمەي ئىلىندۇرۇپ جان قىرىدۇ.

    ئەركىن ئۇبۇلخەيرى

    ئوخشىسا ياشلىق كۆچەتكە،يىلتىزى ئۇستاز دېمەك،
    يەتمىسە قەدرىگە كىم،كور بولغۇسى سۆزسىز دېمەك.
    مەيلى بولغىن كاتتا ئالىم ياكى شائىر،ئىنژېنىر،
    ئەلنى ئۇستاز تۇتمىساڭ ئادەملىكىڭ،بىل،نە كېرەك.

    گەر مۇھەببەت بولسا سەندە،سۆيگىنىڭ بولسۇن ۋەتەن،
    تىل-دىلىڭ ئوخشاشلا بولسۇن،ئەلگە بەر مېھرىڭنى سەن.
    كەڭ قۇچاق ئاچقىن بالاڭغا،ئەتىنىڭ غېمىنى قىل،
    ئىزباسارىڭ بولمىسا ئالدىڭدا گۈل،كەينىڭ تىكەن.

    مۇھەممەتئېلى زۇنۇن

    بەرگىنىڭ گۆشمۇ ۋە ياكى بەزمىدى؟
    بەز بېرىپ،دەپ قالما ھېچكىم سەزمىدى.
    يانمىساڭ سېھرى ھۆنەردىن،ئېيتقىنا،
    سەن دىيەلەمسەن،خېرىدارى تەزمىدى؟

    ۋەدە قىلدىڭ ئابرويۇ-ئونۋان ماڭا،
    دەخلىسىز شاھزادىلىك ئىمكان ماڭا.
    نېمە كۆرسەم قانۇ-تەرىمدىن كۆرەي،
    بولدى قوي،ھاجەت ئەمەس ئېھسان ماڭا.

    ساۋۇتجان تاھىر

    ھاياتلىق نۇر چاچقان باھاسىز لەھەل،
    ئۇنىڭسىز بولمايدۇ ئىنسان ئىشى ھەل.
    بايلىقتا بولساڭمۇ شاھى سۇلايمان،
    بۇلالماس ھاياتلىق ساڭا مۇئەككەل.

    مەنىسىز ياشاشنىڭ يوقتۇر لەززىتى،
    ھەم بولماس ئەل ئىچرە قەدىر-قىمممىتى.
    ئىجادكار ئۆلمەيدۇ زاماندىن-زامان،
    يارىتار مۆجىزە ئىنسان ھىممىتى.

    مۇتەللىپ جۈمەخۇن

    ئۆلتۈرۋەتتىڭ توخۇنى،تۇخۇمىنى ئېلىشقا،
    ئەتىگەنلىك بىر ۋاقلىق،تامىقىڭغا سېلىشقا.
    ئالدىرمىساڭ چۈشكىچە،تۇغاتتىغۇ تۇخۇمنى،
    تۈگۈمەيدۇ ھەي بەندە،نادانلىقىڭ نېمىشقا؟

    تاللاپ ئالدىڭ ئايالنى،شەھەرنىڭكى گۈلى دەپ،
    مىندۈرۋېلىپ بوينۇڭغا،كۆزلىرىمنىڭ نۇرى دەپ.
    غورۇر بارمۇ سېنىڭدە،ئەمدى دادلاپ يۈرۈپسەن،
    كىمنى كۆرسەڭ دەرت تۆكۈپ،مەن ئۆينىڭكى قۇلى دەپ.

    تۇرسۇن زېرىدىن

    ھەسەتخور قىزغىنار ھاۋانى سەندىن،
    ئالغۇسى كېلىدۇ جېنىڭنى تەندىن.
    كايىما،كۆرۈپتۇر ھەسەتخور ئاخىر،
    ھەسەتنىڭ ئوقىدا يۈتەر جاھاندىن.

    «ياخشىدىن باغ قالىدۇ،ياماندىن داغ»،
    بۇرادەر بۇ ھەقتۇر قۇلاق سال ھەر چاغ.
    بىر يامان قىلىدۇ بوستاننى ۋەيران،
    بىر ياخشى دەشىتنى ئەيلەيدۇ گۈلباغ.

    سابىرجان سىيىت

    قوغلىشىپ تۇرىدۇ ھاياتنىڭ چاقى،
    بۇلىدۇ ئۆمۈرگە شۇ كۈنلەر ساقى.
    ۋاقىتنىڭ ئىلكىدە ئۆتىدۇ ھايات،
    بىل،ئۆمۈر ھېچكىمگە ئەمەستۇر باقى.

    ھەي نىگار،ئۆزۈڭنى پەرىشتە چاغلاپ،
    قۇل قىلدىڭ،كۆرۈنمەس سىم بىلەن باغلاپ.
    بىلمەمسەن،سۆيگۈدە باراۋەرلىك شەرت،
    ئاخىرى قالمىغىن دىلىڭنى داغلاپ.

    ئابلىكىم خېۋىر

    ئىجتىھات تالانتنىڭ ئاقچى ئانىسى،
    تالانت شۇ ئانىنىڭ ئەركە بالىسى.
    ئاق سۈت بۇلۇپ قۇيۇلار تالانت تېنىگە،
    ئىجتىھات تەرىنىڭ ھەر دۇردانىسى.

    ھەۋەسسىز ئۆتمىگەي پانىيدىن كىشى،
    ھەۋەستىن خالىيلىق مۇردىنىڭ ئىشى.
    كىم بولسا ھەۋەسسىز،ئۇ ئادەم ئەمەس،
    تەھقىقكى كېسەك ئۇ،يا ساينىڭ تېشى.

    مەتتوختى سەببەت

    كۆتۈرەر پەلەككە ئاۋام ئالقىشى،
    چۆكۈرەر لەھەتكە ئاۋام قارغىشى.
    ئۇلۇغلۇق ئىزدىمە ئاۋامدىن بۆلەك،
    بۇ ئاددىي ھەقىقەت تارىخ يازمىشى!

    ھە دېسە شاپاشلاپ بۇلۇپ پايپېتەك،
    قۇياشنىڭ يۈزىگە ياپمىغىن ئېتەك.
    قارىنى ئاق دەپلا كۆز يۇمساڭ ھەققە،
    كور قىلار كۆزۈڭنى ئۆتكۈنچى تۈتەك.

    ئابدۇغېنى ھامۇدى

    بەزىلەر ئۆزىنى بەك پاك سانايدۇ،
    پاكلىقتا جاھاندا بىر-تاق سانايدۇ.
    ۋە لېكىن زەن سالساق قىلغان ئىشىغا،
    ھەر قەدەم ئىزىدىن بەدبۇي پۇرايدۇ.

    نادانلار غەپلەتتە يېتىۋېرىدۇ،
    ئاقىللار ئىلگىرلەپ كېتىۋېرىدۇ.
    ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن ئادەم،
    غۇربەتنىڭ لېيىغا پېتىۋېرىدۇ.
    دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
    ئىللەت ئۆزگەرمىگۈچە  مىللەت ئۆزگەرمەس !
    دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 620
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 217
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
    شۆھرىتى: 1260
    پۇلى: 1733 تەڭگە
    تۆھپىسى: 30
    توردا: 70(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2010-06-24
    ئاخىرقى: 2010-10-16
    9  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-14 22:31

    مۇش ئەپەندىم  ،  مۇنبەرگە  كىرىپ  تۇرۇڭ . ئۇنداق  يوقاپلا  كەتمەڭ .  
    تېمىڭىزغا  رەھمەت  !
    ھەقىقىي ئۇيغۇردەك بولغىن !