ساقلانما
تېز كۆرۈش
ئانا دىيار ئەدەبىياتى
ئەدەبىي ئەسەرلەر
تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى
گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردى
ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى
شېئىرىيەت ھىكايە سەھنىسى
ئانادىيارمۇكاپاتلىق تور ئەسەرلىرى
ئانا دىيار ئاخباراتى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
تەنتەربىيەخەۋەرلىرى
ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار
خەلىقارا خەۋەرلىرى
شىنجاڭ خەۋەرلىرى
غەيرى خەۋەرلەر
::دەۋر رېتىملىرى::
بەس-بەس مۇنازىرە
سىتودېنتلار سەھنىسى
پەن-تېخنىكا
ئۇچۇرلار
سەنئەت چولپانلىرىمىز
سەنئەت - يېڭىلىقلىرى
ياردەم - يەنە ياردەم
تاغدىن باغدىن
ئانا دىيار كۆڭۈل ئېچىش ئار
Flashكارتونلار
رەسىملەر
قىزىقئارلىق تور ئويۇنلىرى
يۇمۇر - لەتىپە- چاقچاقلار
مۇڭلۇق ناخشا - مۇزىكىلار
كىنو-فىلىملەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
قىزىقارلىق ئىتۇتلار
::كومپىيۇتېر ۋە يانغۇن::
يانفۇن بىلىملىرى
يانفۇن دىتاللىرى
كۇمپىيۇتۇرلاھىيەلىرى
كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابل
توربەت ۋە يۇمشاق دېتال
ھەقسىز دېتاللار رايونى
QQ مەخسۇس رايونى
مۇزىكادىتاللىرى
::مەدەنىيەت ۋە مىراس::
ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز
پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيى
مەشھۇر شەخىسلەر
ئۇيغۇر تائاملىرى
::تۇرمۇش يېتەكچىسى::
ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك تەتقاتى
كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر
ساغلاملىق بىلىملىرى
تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
::مۇنبەر ئىشخانىسى::
مۇنـبەرگەتەكلىپ
مۇنبەر سەھىپىسى
باشقۇرغۇچىلار رايۇنى
كىرىش
تىزىملىتىش
مىھمان
يوللانما:
بۈگۈن:
تېمىللىرىم
ئىنكاسلىرىم
ساقلانمام
دوستلار ئەھۋالى
كىرگەن IP : 174.129.237.157
مۇنبەر
ئىزدەش
مۇلازىمەت
ياردەم
مىدال مەركىزى
ئاساسى ئۇچۇر
باشقۇرغۇچىلار
باشقۇرۇش خاتىرىسى
توردىكى ئەزالار
ئەزالار قاتارى
سەھىپە قاتارى
يوللانما قاتارى
تەۋسىيە قاتارى
wind
شېئىرىيەت ھىكايە سەھنىسى
ئەدەبىي ئەسەرلەر
باشقۇرغۇچىلار رايۇنى
گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردى
ھەقسىز دېتاللار رايونى
تاغدىن باغدىن
ئانادىيارمۇنبىرى
»
شېئىرىيەت ھىكايە سەھنىسى
»
رومان - پوۋسىت - ھېكايە
»
زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز (رومان)
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
«
1
2
3
4
5
»
Pages: 1/5 Go
يېڭى تېما
تېما: زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز (رومان)
كۆچۈرۈش
|
ساقلىۋېلىش
|
چىقىرىش
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
0
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 09:36
ئاپتۇرنىڭكىنىلا
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز (رومان)
ئەسكەرتىش:
بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-07-16)
زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز
(رومان)
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەر تۈرك)
1
سىيىت قارى تالىپلىق قەدىمىنى بېيجىڭدا باشلاپ قېلىشنى ھەرگىز ئويلىمىغانىدى، ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئاتىسىغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق قىلدى. دېھقانچىلىق ۋەزنى ئېغىر، كالىدەك ئەرگە لايىق بىر ئىش، بۇ بالا ياۋاش يۇمشاق، كۆڭلى تۈز، ئىشقا بۇيرۇسا ھەرگىز بويۇن تولغىمايدىيۇ، سۆرەلمىلىك قىلىدۇ، بىر ئىشقا زەردىسى يوق، كىتابقا، خىيالغا ئامراق دەپ قارايتتى ئاتىسى. شۇنىڭ بىلەن، بېغىدىكى قېرى ئۈرۈكتەك مەزمۇت ئاتا بۇ ئوغلىنى قاسساپلىققا بەردى، سىيىت قارى قاسساپنىڭ قوي ئۆلتۈرگىنىگە قاراپ، قاندىن قورقۇپ يۈردى، كېيىن يۈرىكى ئاز-تولا قاتتى، قوينى تۇنجى بوغۇزلىغاندا كۆزىنى يۇمۇپ تىترەپ تۇرۇپ پىچاق سۈردى، كېيىن كۆزى مىت قىلمايدىغان بولدى. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ بۇ ئىشتىنمۇ زېرىكىپ قالدى، ئۆمۈر بويى قان پۇراپ، گۆش بىلەن پوخلۇق قېرىن ئارىسىدا ئۆتۈۋېرىشنى خالىمىدى، ئاتىسىغا مەيلى دىن ياكى پەندە بولسۇن، داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسىنى ئېيتتى. ئاتا ئۆتمۈشىنى ئىنكار قىلىپ، كەلگۈسىگە ئۈمىدلىك قاراۋاتقان ئوغلىنىڭ روھلۇق چىرايىغا قاراپ، بوپتۇ، ئوقۇغىن دېدى. دىنىي ئوقۇشقا يوق قويۇلمايتتى، شۇڭا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتا كىرىپ ئالىي مەكتەپتە تەييارلىق قىلدى، ئۆتەلمىدى. ئۇ چىرايلىق قىز ساۋاقداشلىرىنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويۇپ يەنە ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. سومكىسىدا دوستلىرىدىن ئارىيە ئېلىپ تۇرغان بىر نەچچە رومان بار ئىدى، بىر-ئىككى كۈن ئىشقىمۇ قوپماي كىتاب ئوقۇدى، خاتىرىسىگە بىر نېمىلەرنى يازدى. چىڭقى چۈش ۋاقتى ئىدى، ئېتىزدىن كەلگەن ئاتا ئوغلىنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىنى كۆردى، خاتىرىسى بېشىدا تۇراتتى، كەچلىك كۇرستا ساۋاتىنى چىقىرىۋالغان، ئوغلىنىڭ بىلىم جەھەتتە ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى تىلەيدىغان ئاتا ئۇنىڭ خاتىرىسىگە كۆز يۈگۈرتتى:
« ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟» دەپ يازغانىدى ئۇخلاۋاتقان ئوغلى، « ئىستىقبالىم قانداق بولار؟ قوتاندىكى قويدەك ياشارمەنمۇ؟ كالىدەك ئىشلەرمەنمۇ؟ ئېشەكنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ھارۋا ھەيدەپ قىغ توشۇپ، سامان توشۇپ، ئېشەكنىڭ كۆتىنى زىقلاپ قانىتىپ ئىچىم ئېچىشىپ يۈرەرمەنمۇ؟ ئىشەكقۇ ھارۋا سۆرەيدۇ، مەنمۇ بىر نەرسىنى سۆرەيمەن، بۇ نەرسە كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدۇ، لېكىن ھېس قىلىمەن. مەن تۈزۈك ياشىسام بولاتتى، مەن تۇغۇلغان ئائىلە مۇشۇ، ئەمما پۇشايمان قىلمايمەن، خۇدانىڭ پۈتكەن تەقدىرى بۇ، پەندە ئوقۇيالمىسام دىندا ئوقۇساممۇ بولاتتى، ئوقۇيمەنلا دېسەم خۇدايىم نېسىپ قىلىدۇ، ئاتاممۇ قوشۇلىدۇ. دېھقان بولغاندىن موللام بولغان ياخشى، ھېچ بولمىسا مەھەللىدىكىلەر ئالدىدا ئىناۋىتىم بولىدۇ... بەزىلەر موللا بولىدىغان زامان كەتتى، كۆتۈڭنى قىس دېيىشىدۇ، ئەمىسە نېمە ئىش قىلاي؟ ياشىماق ئەجەب تەسكەن، خۇدا ...
ئاتا ئوغلىنى ئەمدى چۈشىنىۋاتقاندەك ئۇزاق قاراپ كەتتى، بالىسىنىڭ سارغۇچ چاچلىرى خۇددى ئۇنىڭ كاللىسىدىكى پىكىرلەردەكلا چىگىشىلىشىپ كەتكەن، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ، ئېغىزىنى يېرىم ئوچۇق قويۇپ ئۇخلاۋاتاتتى. بىرلا ئوغۇل، قېنىدا ئانىسىنى تارتقان مۇلايىملىق، يۇمشاقلىق، ئاتىسىنى تارتقان خۇشخۇيلۇق بار. بوپتۇ، موللام بولسۇن، ئىناۋەتلىك ياشىسۇن، خوتۇن ئالغاندا بولسىمۇ ئىناۋەت ئەسقاتىدۇ... ئاتا خاتىرىنى پەم بىلەن جايىغا قويۇپ قويۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
سىيىت قارى چۈش كۆردى، چۈشىدە قىش پەسلى، مەھەللە مەزىنىنىڭ ئۆيىدە ھەپتىيەك يادلاۋاتاتتى، بۇ ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوماق چاغلىرى ئىدى، ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى چىرايىنى، قىلىقلىرىنى، قاتار تامدىكى ئۈچىنچى ئۆيدىن كېلىدىغان بىر قىزنى شۇنداق ئېنىق كۆردى. ئۇ قىزنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى شۇنداق كۈچلۈك ئىدى، ھەپتىيەكتىكى سۈرىلەرنى ئەڭ باشتا يادلاپ مەزىنگە ئوقۇپ بېرەتتى ۋە ھەر قېتىمدا بىر ياڭاق مۇكاپات ئالاتتى. قىزنىڭ قارا كۆزلىرى يۇلتۇزدەك چاقنايتتى، ئويماق ئېغىزلىرىدىن سۈرىلەر تۆكۈلەتتى، ياڭاقنى ئىشىككە قىسىپ چاقاتتى، مېغىزىنى سىيىتكە بېرەتتى. ساۋاقتىن بىكار بولغاندا مەزىننىڭ قوي-ئۆچكىلىرىگە سامان سالاتتى...
سىيىت قارى خاتىرىسىگە موللام بولىمەن دەپ يېزىۋاتقاندا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىرادىگە كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ھەمدە نەچچە يىللار ئاۋۋال ئۆلۈپ كەتكەن شۇ مەزىننى، ئۇنىڭ نۇرانە چىرايىنى، مۇڭلۇق ئاۋازىنى، سالاپىتىنى، جامائەت ئارىسىدىكى ھۆرمىتىنى ئېسىگە ئالغانىدى.
خۇدا شۇنداق نېسىپ قىلغان بىر پۇرسەتتە(ئۇ ھازىرمۇ شۇنداق ئويلايدۇ)، بېيجىڭدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئۇنىڭغا بىر ژۇرنال ئارقىلىق يېتىپ كەلدى. ئۇ شۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ شەرتلىرىنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ يادلىۋالدى، شۇ بويىچە ئىش كۆردى، ماڭىدىغان يولنىڭ ھەممىسىنى ماڭدى، پۇختا تەييارلىق قىلدى ۋە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ چاقىرىقنى تاپشۇرۇۋالدى. مانا بۇ چاقىرىق خۇدانىڭ چاقىرىقى، كۈتكەن تەقدىرنىڭ، نۇرلۇق كەلگۈسىنىڭ چاقىرىقى ئىدى، سىيىت قارى ھاياجاندىن يىغلىۋەتكۈدەك بولدى، ئاتىسى ياش تۆكتى، ئانىسى ئۇلارغا ئەگىشىپ كۆز يېشى قىلدى. مەھەللىدىكىلەر، سىيىت قارىنىڭ شەھەردىكى كادىر تۇغقانلىرى بۇنىڭغا ھەيران قېلىشتى، سامان تېگىدە ئۆمىلەپ يۈرگەن بىر چۈجە تۇيۇقسىز لاچىنغا ئايلىنىپ كەتكەندەك ئەجەبىلەنىنىپ، بۇ بالا ئوقۇيالارمۇ؟ دېيىشتى.
2
مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن سىيىت قارى ھەقىقەتەن ئۆزى ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىنغا خۇي-پەيلىدىن تارتىپ ئىنتايىن ماس كېلىدىغان مۆمىن بىر بەندىگە ئايلاندى، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتەتتى، ھېچكىمدىن بىر نېمە تالاشمايتتى، ھېچكىمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيتتى، دەرسكە بۇرۇن چىقىپ، نامازغا ۋاقتىدا تۇرۇپ، چىشىنى ئىككى ۋاق چوتكىلاپ، ۋاقتىدا ئۇخلاپ تەرتىپلىك ياشايتتى. جۈمە كۈنى مۇنچىغا چۈشۈپ، بۇرۇت-ساقىلىنى پاكىز قىرىپ، كۆپىنچە تالىپلار ئالاھىدە ۋاقىتلاردا كىيىدىغان تۆمۈررەڭ پەلتوسىنى كىيىپ، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ۋەز تىڭشايتتى، نامازنىمۇ قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە دىققىتىنى چاچماي ئوقۇيتتى. بۇ مۇھىتقا ھەممىدىن بۇرۇن ۋە ھەممىدىن تېز كۆنۈپ كەتكەن سىيىت قارىغا ئۇزاق ئۆتمەيلا بۆلەكچە پاكىزلىق ۋە سالاپەت قوندى. بامداتتىن ئىلگىرى باشقا بالىلار ئۇخلاۋاتقاندا ئۇ قوپۇپ تاھارەت ئېلىپ قۇرئان ئوقۇيتتى، سۈرە يادلايتتى. ئۇ ئىش، بۇ ئىش يوق، كەتمەن چېپىڭ يوق، ھارۋا ھەيدەڭ يوق، بارلىق جاپا شۇ ئاتىسىغىلا قالدى، ئايدا ئاران 50 كوي ئەۋەتىدۇ، لېكىن بۇمۇ كەڭتاشا يېتىدۇ، مەكتەپتىن بېرىدىغان تاماق پۇلىنى باشقىلار 15كۈن ئاران يەتكۈزسە سىيىت قارى 25كۈن يەتكۈزىدۇ. باشقا بالىلار شەنبە، يەكشەنبىدە بېيجىڭدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلىرىگە بېرىپ يۇرتلۇقلىرىنى ئىزدىسە، سىيىت قارى ھېچنەگە چىقماي دەرس تەكرارلايدۇ. ياتاققا ئاز كىرىدۇ، ئاز ئۇخلايدۇ. مۇشۇنداق ئادەت ئۇنىڭغا تەبىئىيلا بىلىنىدۇ. باشقىلارغا مۇشتەققەتلىك ئىشلار ئۇنىڭغا ئاسان. چۈنكى ئۇ نېمە جاپالارنى تارتمىغان، ئىچى قانچىلىك سىقىلمىغان-ھە! بۇ پۇرسەت ئەڭگۈشتەر، بۇ پۇرسەت غەنىمەت ئەمەسمۇ. سىيىت قارى دىنىي دەرسلەرگە ئامراق ھەم سەۋىيىسى باشقىلاردىن ئۈستۈنراق بولسىمۇ خەنزۇچىغا خام ئىدى، دەرسنى تەستە ئاڭلاپ چۈشىنەتتى، تاپشۇرۇقنى زورىغا ئىشلەيتتى. تاھارەتسىز خەنزۇ مۇئەللىم ئۇنىڭغا پەقەت ئىلىم يۇقتۇرالمايۋاتاتتى. بىرىنچى مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ 2 نومۇر قوشۇپ قويۇشى بىلەن 61 نومۇر ئېلىپ ئاران ئۆتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ قەلبىنى ئېرىتەلمىدى، خەنزۇچە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرەلمىدى. باشقا بالىلار كېلىپلا خەنزۇچە ئۆگىنىشكە شۇنداق كىرىشىپ كەتتىكى، خەنزۇچە ئۆگەنمىسەك بۇ شەھەردە ھەرگىز ياشىيالمايمىز دەپ ئويلايتتى، خۇيزۇ تالىپلار بىلەن تىل ئۆگىنىش ئۈچۈنلا دوستلىشاتتى، تالاغا چىقىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاچ خەنزۇلار بىلەن بىر-ئىككى ئېغىز بولسىمۇ سۆزلىشەتتى، سىنىپتا تېلېۋىزور كۆرەتتى، تاپشۇرۇقنى ئاكتىپ ئىشلەيتتى، ئوقۇتقۇچى گەپ قىلدۇرسا يامىداپ بولسىمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلاتتى، بەزىلىرى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كوچىدىن ئۆگىنىۋالغان بېيجىڭ تەلەپپۇزىنى دوراپ قوياتتى. سىيىت قارى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئېغىزىنى خەنزۇچىغا كەلتۈرەلمىدى، خەتلەرگە قارىسا كۆزى تولىشاتتى، بىرەر ئېغىز گەپنى قىلاي دېسىلا ئېغىزى توختاپ قالاتتى. بىر قېتىم مۇئەللىم ئېغىز تىلى دەرىسىدە ئۇنى ئورنىدىن يەنە تۇرغۇزۇپ دەرس سورىدى:
-سەن كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلماقچى؟
-زو... يىگى... موللا
-بالىلار پاراققىدە كۈلۈشتى.
-ۋەتەنپەرۋەر موللا بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
-ۋو... بۇ.. جىداۋ
-خەنزۇچە ئۆگىنىشىڭ كېرەكمۇ ئەمەسمۇ؟
-ياۋ... شۆشى
ساۋاقداشلىرى ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈشتى، بىرسى قوپۇپ:
-سۆزلىيەلمىسەڭ ئۇيغۇرچە سۆزلە،-دېدى.
-بولمىسا قىرائەت قىلىپ بەر...-دېدى يەنە بىرى.
سىيىت قارى خېلىلا ئىزا تارتتى، ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيمەن دەپ كېلىپ خەنزۇ مۇئەللىم ئالدىدا تىرناق تاتىلاپ، بېزىرىپ، دۇدۇقلاپ قېلىشنى ئۇ ئەسلا ئويلىمىغانىدى، ئەمما ئويلىمىغان ئىش ئۇنىڭ ئىرادىسىگە باقمىغان ھالدا يۈز بېرىۋەردى، كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىز ئىشلار داۋاملىشىۋەردى. ھەر قېتىم مۇشۇ دەرستىلا ئۇ مۇئەللىمنىڭ ۋە بالىلارنىڭ نەزىرىدىن بىر چۈشەتتى. دەسلەپتە ئۇنىڭدەك بالىلاردىن بىر نەچچىسى بار ئىدى، چانمايتتى، ئەمدى ئۇ بالىلارنىڭ خەنزۇچىسىمۇ ياخشىلىنىپ، سىيىت قارى سەپتىن چۈشۈپ قالدى. ئۇ بۇنى ھېس قىلىپ بولغۇچە بىر مەۋسۇم ئۆتۈپ كەتتى، قىشلىق تەتىلدە ئۇ دىققەت مەركىزىنى، ئىش-مەيلىنى خەنزۇچىغا قاراتتى، ئىچى پۇشقاندا ئانچە-مۇنچە تېلېۋىزور كۆردى. مەكتەپ قورۇسىدىن چىقسىلا قىمىرلىشىپ يۈرگەن خەنزۇلار ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە ئاستىرىتتىن ئىلھام بېرىۋاتقاندەك بولاتتى. مەكتەپ ئۇدۇلىدا بىر سەھىيە مەكتىپى بولۇپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن قىز-ئوغۇللار ئوقۇيتتى، ئوغۇللارغا باققاندا سىستېرالىقتا ئوقۇيدىغان قىزلار كۆپ ئىدى، سىيىت قارى كوچىغا كەمدىن كەم چىقاتتى، لېكىن ئوقۇتۇش بىناسىدا تۇرۇپ سىرتقا قارىسا ئۇ مەكتەپكە كىرىپ-چىقىپ يۈرگەن قىزلارنى، چېچىنى كۆزىگە چۈشۈرۈۋېلىپ قىزلار ئالدىدا نايناقلاپ يۈرگەن ئوغۇللارنى كۆرەتتى. بۇ بالىلارنىڭ كىيىملىرى بىر خىل رەڭدە بولۇپ، قايسىسىنىڭ قىز-ئوغۇللىقىنى بەزىدە پەرق ئەتكىلى بولماي قالاتتى، مۇھەببەتلىشىپ قالغانلار گاھىدا كۈپكۈندۈزدە يول بويىدىلا قۇچاقلىشىپ تۇراتتى، ھەتتا سۆيۈشۈپ ئۇ ياق-بۇ ياققا قاراپ قويۇشاتتى. سىيىت قارى بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ قېلىپ ئەرۋاھى ئۇچتى، خەنزۇچە دەرسلىك كىتابىنى بىنادىن يەرگە تاشلىۋەتكۈسى كەلدى. ئەمما تىل دېگەن تىل، بۇمۇ خۇدانىڭ ئىلىمىدىكى بىر نەرسە، بۇنەرسىنى، بۇ قورالنى ئىگىلىمەي قانداق نان تېپىپ يېگىلى، ئەڭ ئاددىيىسى بۇ شەھەردە قانداق ياشىغىلى بولسۇن؟ ساۋاقداشلىرىنىڭ كاللىسى بۇرۇنلا ئېچىلغان گەپ، ئۇلارمۇ دۆت ئەمەس، ھەممىسىنىڭ ئويلىغانلىرى بار.
ئىلگىرى مەكتەپ قورۇسىدىن چىقسىلا سىيىت قارىنى ياتسىراش بىلەن بىللە يېڭىلىققا قىزىقىش تۇيغۇسى ئىگىلىۋالاتتى، ھازىر باشقا بالىلاردەك نەمۇ نەگە بېرىپ كوچا چۆرگىلەپ كېلەلمىسىمۇ، ئۆپچۆرىسىدىكى كوچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ئانچە ياتسىرىمايدۇ، بىراق مەكتەپ قورۇسىدىكى پاكىز، تىنچ مۇھىتنى تالاغا سېلىشتۇرغاندا سىرتتىكى دۇنيا سىيىت قارىغا يەنىلا ناھايىتى يات، ئېزىتقۇلار بىلەن تولغان قايناق ماكان بولۇپ كۆرۈنەتتى. ئېسىل، پارقىراق پىكاپلار، كۆز چاقنىتىدىغان دۇكانلار، رەڭگارەڭ چىراغلار، ھەممىلا يەردە مەۋجۇد شاۋقۇن سۈرەنلىك مەئىشەت ۋە ئەيش-ئىشرەتلەر، قولىدىن تاماكا چۈشمەيدىغان، ھاراق پۇراق تۇرغان سېمىز ئەرلەر، بەدىنىنىڭ بىر يەرلىرىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرگەن خوتۇنلار، ساتراچخانىنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە يوتىسىنى ئېچىپ قويۇپ ئولتۇرغان سېرىق چاچ جىنلار... ئىشقىلىپ ھەممىلا نېمە سىيىت قارىغا ھازىرلا ئۇنى دەم تارتىپ قوينىغا ئېلىپ كېتىدىغان شەيتان ئوردىسى، شەيتان ئويۇنلىرى بولۇپ كۆرۈنەتتى، شەيتىنى غالىب كەلسە بىر يەرلەردە قەدىمى توختاپ قالىدىغاندەك ئەنسىرەپ، كوچىلاردىن ئىتتىك مېڭىپ ئۆتۈپ كېتەتتى، ئىككى يېنىغا قارىماي مېڭىپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە ئۇھ دەپ دېمىنى ئېلىۋالاتتى. ناماز ۋاقتى بولۇپ قالغان بولسا كىرىپ تاھارەت ئېلىپ مەكتەپ خانىقاسىغا كىرىپ ناماز ئوقۇيتتى، شۇغىنىسى ناماز ئوقۇپ بولۇپلا كاللىسى يەنە كوچىغا كېتىپ قالاتتى، ئۆزىگە ھاي بېرەتتى، خىيالىنى يىغىپ دەرسخانىغا كىرىپ كىتابقا قارايتتى، كاللىسىغا بىر نېمە چۈشمىسە خاتىرىسىگە بىر نېمىلەرنى جىجىلايتتى، ئۇ ئەرەبچىنى ئالدىن ئۆگىنىپ ماڭغاچ ئىختىيارسىزلا كلاسسىك شېئىرلارغا ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا تولۇق ئوتتۇرىدا ئۆگەنگەن ئارۇز ۋەزىننىڭ بەھرىلىرى بويىچە قاملاشمىسىمۇ بىر-ئىككى مىسرا شېئىر يېزىپ قوياتتى.
شەھەردە ھۇۋلايدۇ جىن-شەيتانلار، نە قىلاي، نە چارە باردۇر ماڭا،
ئەي سىيىت ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، نەپسىڭنى يەڭ، بەختمۇ باردۇر ساڭا...
دېگەندەك شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىچە يايراپ، ناخشىمۇ ئەمەس، قىرائەتمۇ ئەمەس بىرئاھاڭغا غىڭشىپ قوياتتى.
3
ۋاقىتنىڭ بەرىكىتى يوق، ھەممە ئىش ئالدىراشلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان بۇ شەھەردە زۆھرەلا ئالدىرىماي ياشايتتى، ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەي ئىچى پۇشاتتى. ئۇ مەركەزدىكى بىر رەھبەرنىڭ تۇغقىنىنىڭ تۇغقىنى، ئەيتاۋۇر تونۇشىنىڭ تونۇشى چىقىپ، بىر مۇسۇلمان قىزنى ئائىلە خىزمەتچىلىكىگە ئالماقچى بولغان ئەرەب باش ئەلچىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشلىگەندىن بۇيان بۇ مۇھىتقىمۇ كۆنۈپ قالدى، ئۇنىڭغا قىلىدىغان جىق ئىش يوق ئىدى، تاماقنى بېنگاللىق ئەر ئاشپەز قىلاتتى، كىر-قاتنى فىلىپىنلىق بىر ئايال يۇياتتى، ئۇ پەقەت بىكار ۋاقتىدا ئانچە-مۇنچە ئۆي تازىلاپ قويۇپ، باشقا ۋاقىتتا نامىزىنى ئوقۇپ، چۈشتە ئۇخلاپ، گاھىدا ۋاننىغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ چاچ تاراپ، كۆز بوياپ ئولتۇراتتى. دەسلەپتە ئۆزىنى يېزىدىن ئۇچۇپ كېلىپ ئالتۇن قەپەسكە كىرىپ قالغان قۇشتەك ھېس قىلدى، كېيىن ئۆزىنىڭ ھېچ كۆڭۈل خوشلۇقى تاپقىلى بولمايدىغان، جاپا-مۇشەققەت، توپا-تەرەتكە تولغان مەھەللىسىدىن قۇتۇلۇپ بۇ شەھەردىكى پاكىزلىققا، ئەلچىنىڭ ھۇزۇرىدىكى راھەتكە چىقىپ قالغىنىغا شۈكرى قىلىپ، ھۇرۇن مۇشۈكتەك سوزايلىنىپ، ئاپتاپ نۇرلىرى چۈشۈپ تۇرغان كەڭ دېرىزىدىن سىرتلارغا قاراپ ئەسىنەپ كېرىلىپ، باش ئەلچى ۋە قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ ئوتتەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن تەمتىرىسىمۇ كۆڭلىدە خوش بولۇپ، ئۇلارغا پاك، ئىشچان بىر مۆمىن قىز بولۇپ كۆرۈنۈشكە تىرىشىپ ئۆتۈۋەردى. دەرۋەقە، باش ئەلچى ئۇنىڭدىن رازى ئىدى، ئۇمۇ كۆڭلىدە بۇنىڭدىن شەكلەنمەيتتى. داچىدا ئۇ گويا مالاي قىز ئەمەس، بەلكى باش ئەلچىنىڭ ئۆگەي قىزىغا ئوخشايتتى، ھېچكىم بىر نېمە دېمەيتتى، ئىشقا بۇيرۇيدىغان ئادەم يوق، ئىشنى ئۆزى تېپىپ ئېرىنچەكلىك بىلەن قىلسىمۇ قىلىپ تۈگىتەلەيتتى. پەقەت بىر نەچچە ئايدا بىر قېتىم باش ئەلچىنىڭ خوتۇنى دۆلىتىدىن كېلىپ بىر ھەپتە ئۆپچۆرىسىدە تۇرۇپ قالغاندا ئۇنى بىر ئاز ئالدىرىتىپ قويدى، قۇرئان ساۋادلىق بۇ قىز ئىلگىرى ئۆزى ئازراق ئەرەبچە ئۆگەنگەن، باش ئەلچىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئادەتتىكى گەپلەرنى خېلى چۈشىنەلەيدىغان ۋە قىلالايدىغان بولغانىدى، ئەمما باش ئەلچىنىڭ خوتۇنى ئىتتىك سۆزلەيدىغن، مىجەزى چۇس ئايال ئىدى، زۆھرەنى خۇددى ئېرىدىن كۈنلەيدىغاندەك ئەلپازدا قاراپ، بىر نەرسىلەرنى دەپ ئىشقا بۇيرۇپ تەمتىرىتىپ، ھارغۇزۇۋېتەتتى. باش ئەلچىنىڭ خوتۇنى كەتكەندىن كېيىنلا ئۇ بوينىدىن بىر تاقاقنى ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىللەپ قالاتتى، بىر-ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۇرۇپلا باش ئەلچىنىڭ ئۇ خوتۇنىنى بەكلا ھۆرمەتلەيدىغىنىنى، خوتۇنىنىڭ ھەر كۈنى بېيجىڭدىكى ئالىي سودا سارايلىرىغا بېرىپ قىممەت باھالىق بىر نەرسىلەرنى ئالىدىغىنىنى، تاقىۋالغان زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ ئېسىللىكىنى، گىرىم بويۇملىرىنىڭ تولىمۇ ئالىي، خۇشپۇراقلىقىنى ئەسلەپ، ئويلىنىپ، كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. چىراي دېسە ئۇ خوتۇندىن قېلىشقۇچىلىكى يوق، ئۇ خوتۇن تېخى زۆھرەدىن سېمىزراق. بەلكىم بۇ خوتۇن ئېسىلزادە ئائىلىنىڭ قىزىدۇ، يا بولمىسا پادىشاھنىڭ بىرەر تۇغقىنىنىڭ تۇغقىنىدۇ. ئادەتتە ئابرۇيلۇق يۈرىدىغان ئەلچىنىڭ بۇ كىبىرلىك خوتۇنى ئالدىدا بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشلىرىدە بىر گەپ بار، غوجامنىڭ غوجىسى بار، ئۇ دەل باش ئەلچىنىڭ ئارقا تىرىكى... زۆھرەنىڭ پەرەز، گۇمان، ئارمان ئارىلىشىپ كەتكەن خىياللىرىنىڭ ئايىغى چىقمايتتى، كارىۋاتتا يېتىپ ئېغىناپ، تورۇسقا قاراپ، ئۆزىنى باش ئەلچىنىڭ خوتۇنى ئورنىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقاتتى. ھەممىمىز ئوخشاش ئادەم، ئوخشاش ئايال، نېمىدېگەن چوڭ پەرق بۇ؟ بۇ خوتۇن كۈندە ئاز دېگەندە نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى، ھەپتىدە مىليون يۈەننى بېيجىڭدا خەجلىۋېتىپ كېتىدۇ، زۆھرەنىڭ ئايدا ئالىدىغىنى ئاران مىڭ يۈەن. سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ مەھەللىسىدىكى بەزى دېھقانلار يىلدا مىڭ يۈەنمۇ تاپالمايدۇ، بۇنىڭغا باققاندا شۈكرى دېسە بولىدۇ، لېكىن... خۇدا، بۇنچە تەڭسىزلىكنى نېمىشقا بىزگىلا بېرىدۇ؟... ئۇ ئويلاپ-ئويلاپ خۇدادىن بىلىپ-بىلمەي ئاغرىنىپ، ئاندىن چۆچۈپ تۆۋە قىلىپ، ئاستا ھاجەتخانىغا كىرىپ تاھارەت ئالاتتى-دە، نامازغا تۇراتتى، ئەمما نامازدا دائىم دىققىتى چېچىلىپ كېتەتتى، رەكەتتىن ئېزىپ توختاپ قالاتتى، سالام بېرىپ نامازدىن چىقىپ قايتا باشلايتتى، ئاران تەستە ئوقۇپ تۈگىتىپ جاينامازغا بېشىنى قويۇپ يەنە خىيالغا چۆكەتتى: نېمىدېگەن تەلەيلىك ھە بۇ ئايال! بولمىسا ئوخشاش مۇسۇلمان، ئۇنىڭ قاراڭغۇدىمۇ چاقناپ تۇرىدىغان ئالماس ئۈزۈكلىرى، مارجانلىرى، زۆھرە ئۆمۈر بويى ئارزۇلىسىمۇ ئۇچىسىغا ئارتالمايدىغان قىممەت باھالىق كىيىملىرى، بېيجىڭدىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ئىتالىيە ئاياغلىرى، قېرىغاندىمۇ يۈزىنى ياشارتىپ تۇرىدىغان گىرىم بۇيۇملىرى، كۆكۈشكە مايىل سۈرمىلىرى، بىر نەرسە يەپ-ئىچسىمۇ چىقىپ كەتمەيدىغان پارقىراق لەۋ سۇرۇخلىرى... ھەر قانداق ئايال زاتىنىڭ ئىچىنى قىززىتىدۇ، كۆكسى-قارنى كەڭ ئايالمۇ چىدىماس بولۇپ كېتىدۇ!
زۆھرە شۇنىڭدىن بۇيان باش ئەلچىگە ئىختىيارسىز ھالدا ئاللىقانداق بىر تامادا قارايدىغان بولۇپ قالدى، ئەمما باش ئەلچى ئۇنىڭغا ناگاھان زوقلىنىپ قاراپ قويسىمۇ لېكىن يېقىنلىقنى بىلدۈرىدىغان ھېچ گەپ-سۆز ياكى پوزىتسىيە بىلدۈرمەيتتى، ئۇنىڭغا گويا ئىككىنچى قەۋەتتىن بىرىنچى قەۋەتتىكى ئادەمگە نەزەر سالغاندەك قارايتتى، ۋاقىت ئۇزارغانچە زۆھرە باش ئەلچىنىڭ كاللىسىدىكى دەرىجە، تەبىقە ئېڭىنىڭ ئېغىرلىقىنى، مۇسۇلمانلار باراۋەر دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى، خىيالىنىڭ ۋە نەپسىنىڭ يوغىناپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، نامىزىدا خۇداغا تۆۋە قىلىدىغان بولدى، ئەمما بۇمۇ دائىم ۋاقىتلىقلا بولاتتى، باش ئەلچى خوتۇنىدىن قورقسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەرەبلەردىن توي قىلمىغانلىرى، ئىككىنچى خوتۇنلۇققا بۆلەك مۇسۇلمان مىللەتتىن قىز ئىزدەپ يۈرۈۋاتقانلىرى بار بولغاچقا، شۇ ئەرەبلەردىن تەقۋادار ھەم ياخشىراق بىرسىنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىپ، كۈتۈلمىگەن بىر ئامەت ۋە خۇشالىققا تەسەددىپىيلا نېسىپ بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولاتتى. ئۇ ئىلگىرى يۇرتىدىكى بەزى ياش تۇل ئاياللارنىڭ ھەجگە بېرىپلا بىر ئەرەبنىڭ پېشىنى تۇتۇپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى خوتۇن بولسىمۇ رازى بولۇپ، ھەرەملىك خېنىم بولۇپ شۇ يەردە ياشاپ قالغانلىقىنى، يۇرتىغا كەلسە جامائەت ئارىسىدا چوڭ ئىززەت-ئىكرامغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. ئەر دېگەن باي بولسا، خوتۇنلىرىنى تەڭ رازى قىلالىسا، ھاجىتىدىن چىقىپ، كىيدىغىنىنى، تاقايدىغىنىنى كەم قىلمىسا مەيلى ئەمەسمۇ؟ دىنىمىزمۇ كۆپ خوتۇنلۇقنى چەكلىمەيدىغۇ؟ بۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار، مەسىلەن، بىر خوتۇنى ھەيز كۆرۈپ قالغاندا ياكى تۇغۇتلۇق بولۇپ قالغاندا ئېرى ئۇنى بىللە بولۇشقا قىستىمايدۇ، بۆلەك خوتۇنى بىلەن بىللە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۆزۈرلۈك خوتۇنمۇ ئېرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن غەم قىلمايدۇ.... زۆھرە بۇلارنى ئويلاپ ئۆزىنى راستتىنلا بىر ئەرەپ ئەرگە توغرىلاپ قويغاندەك ھېس قىلىپ بەزىدە خىجىلمۇ بولۇپ قالاتتى، مەھەللىسىدىكى يىگىتلەرنى ئېسىگە ئېلىپ خۇرسىىنىپ قوياتتى، بۇ خورسىنىش كۆپ ھاللاردا ئېچىنىش، كەمىسىتىش بىلەن تولغان بولاتتى، ئۇ مەھەللىسىدىكى توي-تۆكۈن، تويدىن كېيىنكى كۆڭۈلسىزلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتنى ئويلىسا، ئېرىدىن تاياق يەپ ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدىمۇ سەت كۆرۈنۈپ مالايدەك ئىشلەۋاتقان چوكانلارنى ئېسىگە ئالسا ھەرگىزمۇ يۇرتىغا قايتىپ توي قىلىشنى خالىمايتتى. بۇ ئۇنىڭ مۇشۇ مۇھىتنى تېخىمۇ بەك قەدىرلىشىگە تۈرتكە بولاتتى.
باش ئەلچى ھەر كۈنى كەچتە ئەلچىخانىدىكى ياردەمچىلىرى بىلەن بىللە تاماق يەيتتى، پاراڭنى جىق قىلاتتى، تاماق يەپ بولۇپ مېۋە تەملىك چىلىم چېكەتتى، قارامتۇل چىرايىدا بايلىق بىلەن شەرەپ تەڭلا جىلىۋىلىنىپ تۇرىدىغان ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا ساقاللىق، كېلىشكەن ئەرلەر ئىدى، خىزمەتچىلەر تاماق جوزىسىنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇلارغا خىزمەت قىلاتتى. زۆھرە ئۇلارنىڭ يېنىدا چىلىم يەڭگۈشلىگەندە، چاي قۇيغاندا شەھۋەت ئۇچقۇنى چاقناپ تۇرغان كۆزلەر ئارىسىدا گاھىدا ئۆزىنى تاپالماي قالاتتى، خۇددى چىلىم چەككەن بەڭگىدەك خۇشكەيىپ بولۇپ لەيلەپ يۈرەتتى، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالاتتى. ئەمما بىر-بىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان، شۇنداقلا باش ئەلچىدىن ھېيىقىدىغان كۆزلەر بىر دەمدىلا پەسكويغا چۈشۈپ جايىنى تاپاتتى. زۆھرە قايتا ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلار خۇددى بىرىنچى قېتىم تەمىنى تېتىپ كۆرۈپ قىزىقى قالمىغان بىر نەرسىگە قارىغاندەك قارايتتى، ئۇنىڭ بېشىغا ئارتىۋالغان ياغلىقىغا، ئۇچىسىدىكى يېڭى ئۇزۇن كىيىملەرگە مەنسىتمەسلىك بىلەن قارايدىغانلىرىمۇ بار ئىدى. بۇلاردىن بەزىلىرى بېيجىڭدىكى بېلىق كۆز، بەدىنى بېلىقنىڭ قورسىقىدەك ئاق تەتەيخانلارغا ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ، ئەرەب ئاياللىرىنى ئەسلىتىدىغان مۆمىن ئاياللارنى كۆرسە ئىچى سىقىلاتتى.
زۆھرە شۇ تەرىقىدە باش ئەلچىنىڭ داچىسىدا ئىككى يىل خام خىيالدا ياشىدى، دىنىدا سۇسلىشىپ كەتتى، نامازنى تاشلىۋېتىشقا تاس قالدى. چۈشىدە بەزىدە ئۆلۈم، قاباھەتلىك ئىشلارنى كۆرۈپ قالسا تەقۋالىقى يادىغا يېتەتتى، بويىغا يېتىپ تېنىدە روشەن ئۆزگىرىشلەر، كاللىسىدا خىياللار ئاۋۇپ كەتكەچكە بۇ تەقۋالىقى چوڭقۇرلىشالماي ئەكسىچە قىرغاققا ئۇرۇلۇپ ئارقىغا يانغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كەينىگە يېنىپ كېتەتتى.
باش ئەلچىنىڭ جۇڭگودا تۇرىدىغان ۋاقتى توشۇپ باشقا دۆلەتكە ئالمىشىدىغان بولدى، داچىسىنى قايتۇرۇۋېتىشكە توغرا كەلدى، ئۆي جاھازلىرىنى قالىدىغان ئەرەبلەر بۆلۈشىۋالدى. زۆھرەنىڭمۇ كۈنى توشۇپ، ئالىدىغان ئىش ھەققىنى ئېلىپ يۇرتىغا كەتتى.
4
ئىززەت-ئابرۇي، بايلىق ۋە راھەتنىڭ تەمىنى ھەقىقىي ھېس قىلمىغان بولسىمۇ ئۇنى باش ئەلچىنىڭ ھۇزۇرىدا كۆرۈپ كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋالغان زۆھرە ئاتا-ئانىسىغا بىر يولىلا 15 مىڭ يۈەن ئەكېلىپ بېرىپ، ئۆينىڭ ئەتىۋارلىق قىزىغا ئايلىنىپ بىر مەزگىل خۇشال، ئازادە يۈردى، ئاتا-ئانىسى بۇ پۇلغا تويۇڭنى قىلىپ قويىلى دېگەندە ئۇنىمىدى، ئاتا-ئانىسىمۇ پۇل ئەكېلىپ بەرگەن قىزىنىڭ رايىغا باقتى. پۇلنىڭ ئادەمنى ۋە مۇئامىلىنى ئەپچىل ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ھەۋەسلىنىپ كەتكەن زۆھرە ئۆي ۋە ئېتىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئۇرماي، ئۇيقۇسىنى كەم قىلماي، يەنە بېيجىڭغا قايتىشنىڭ خىيال-تەسەۋۋۇرلىرىغا چۆكۈپ، ئوي-پىلانلىرىنى نەچچە تۈزۈپ، نەچچە ئۆزگەرتىپ، ئېنىق بىر قارارغىمۇ ئاساسەن كېلىپ بولدى. دېھقانچىلىقتىن بۆلەك ئىش-ئوقىتى يوق ياۋاش ئاتا-ئانىسىغا ھازىرقى جەمئىيەتتە پۇل تېپىپ ياخشى ياشاپ، راھەت كۆرۈشنىڭ مۇھىم بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن قورساقتا ئۇماش بولمىسا، پۇل تاپالايدىغان ئەقىل بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قىز بالا بولسىمۇ چوڭ شەھەردە، كاتتا ئادەمنىڭ ئۆيىدە ياشاپ نەزەر دائىرىسىنىڭ ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى، جانغا ئەسقاتىدىغان بىلىم ۋە قابىلىيەتكە خېلى ئېرىشىپ قالغانلىقىنى، ياخشى پۇرسەتلەر چىققىلى قوپقاندا بۇ ياققا يېنىپ كېلىپ قالغانلىقىنى، ئىشنىڭ چالا قالغانلىقىنى، ھېلىھەم بولسىمۇ بېيجىڭغا يەنە بېرىپ ئەرەبچە ياكى ئىنگلىزچە ئۆگىنىپ، بىرەر يەردە راۋۇرۇس ئىشلىيەلەيدىغان بولۇش خىيالغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاتا-ئانىسى قىزىغا قاراپ جىمىپ كەتتى، ئانىنىڭ يۈرىكى ئاغدى، ئاتىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى، ئېغىر تىندى، يانچۇقىدىن موخوركىسىنى سىلاشتۇردى. ئىلگىرى ئىشەنچلىك تۇغقانلارنىڭ گېپى بىلەن بارغاندىمۇ بۇ ئىككىيلەن خېلىلا ئەنسىرىگەن، ئەمما زۆھرەنىڭ يامانلاغلىق ئاچىسى: بوپتۇ بارسۇن، شەھەر كۆرۈپ كېلەر. كۆرمىگەننى كۆرگىلى قويىلى. ئەرگە بېرىلى دەپ ئالدىرىمايلى، ئەر دېگەنمۇ تايىنلىق... دەپ سۆزلەپ يۈرۈپ، ئاتا-ئانىسىنى ماقۇل كەلتۈرگەنىدى. ئەمما بۇ قېتىم زۆھرە يالغۇز باراتتى، تۇرىدىغان يېرىنىڭ تايىنى يوقلا ماڭاتتى. يالغۇز قىز، قىز دېگەننى ئەرگە بېرىۋەتمىگىچە خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ...
بالا ھېس قىلىپ بولالمىغاننى ئاتا-ئاتا تۇيىدۇ، بۇنداق تۇيغۇنلۇقنى ئاللاھ پەرزەنت ئىشقى بىلەن بىللە ئاتا-ئانىنىڭ دىلىغا سالغان، ئەمما بۇنى ئاتا-ئانىسىدىكى بىھۇدە ئەنسىرەش، كونا زاماندىن قالغان قورقۇنچ، ئاجىزلىق، ھەتتا مۇتەئەسسىپلىك دەپ چۈشىنىدىغان بالىلار تولا، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى يوشۇرۇن كۆزگە ئىلمايدۇ، ئارىدا ھاڭ پەيدا قىلىدۇ، ئىسيان، قاراملىق قالپىقىنى كىيىپ چىقىپ، ئاتا-ئانىسىغا مەخپىي ھالدا «كونا داشقال»، «جاھىل ئۇنسۇر» قالپىقىنى كەيدۈرۈپ قويۇپ، ئۆز يولىغا بەخىرامان كېتىۋېرىدۇ. زۆھرە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ كېتىشلىرىدىن بەكمۇ جىلە بولاتتى، مەن ئۈچ ياشلىق يەسلى بالىسىمىدىم؟ ھازىر مۇشۇ كىچىك بالىلار جىنىدا مۇشتىنى تۈگۈپ بىر-بىرىنى قورقىتالايدۇ، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى، قانداق ئەركىن ئويناشنى بىلىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە تېخى ئۆزىنى بېسىۋالالايدۇ. مەن مۇشۇ ياشقىچە ئەمدى ئاتا-ئانامنىڭ قوينىدىن چىقالماي، توي قىلسام ئېرىمنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقالماي ئۆتۈۋېرىمەنمۇ؟ ئۆزىنى چۈشەپ تىرىكىتاب بولۇش دېگەن مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭ ئۆزى بەختسىزلىك ئەمەسمۇ؟... دەپ ئويلايتتى. بېيجىڭغا مېڭىش ئالدىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئاز بولسىمۇ دېيىشىپ قېلىشنى، نېمىلەرنى دەپ ئۇلارنى قايىل قىلىشنى ئۇ خېلىدىن بېرى ئويلاپ كېلىۋاتاتتى. بۇ ئوي-خىياللىرىمۇ داۋالغۇش ئىچىدە داۋاملىشاتتى، ئارىدا دىنىي ئەقىدە ئېڭى سېرىق ئاپتاپ چىققاندەك ئۇشتۇمتۇت پايدا بولۇپ كۈچىيىپ كەتسە ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىپ، يىغلىتىپ قويۇشتىن، سەپەردە يالغۇز مېڭىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇ خىيالىدىن يېنىپ، مۇشۇ ئۆيدە تىنچ ياشاپ، بىر يەردىن ئەلچى كەلسە تاللاپ بېقىپ ماقۇل دەپ، بولغۇسى يىگىت بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇپ، توي كېچىسىنى قورقۇنچ ئارىلاش شادلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، ئەتىسىدىن باشلاپ ئەرنىڭ ئەلپازى، ئەرنىڭ قولى، ئەرنىڭ قوينىدا ھەممىنى ئۇنتۇپ، شۇ ئەرگىلا باغلىنىپ ياشاشنى ئويلاپ قالاتتى. ئەمما بۇ خىيالى ئۇزۇن داۋاملاشمايتتى، ئاللىقانداق ئېھتىماللىقلىرى، شېرىن تەسەۋۋۇرلىرى ئاپتاپنى بۇلۇت توسۇۋالغاندەك خىرەلىشىپ كېتەتتى-دە، بۇ يۇرت، بۇ مەھەللە، يىگىتلەرمۇ خۇنۇكلىشىپ، يات، كۆڭۈلسىز، ئۈمىد يوق نەرسىلەرگە ئايلىناتتى. ئادەم شالاڭ، ئەرلەر گالۋاڭ كۆرۈنىدىغان بۇ يېزا، بۇ مەھەللىدە ئۆزىنىڭ گۈلدەك جىسىمىنىڭ خازان بولۇپ كېتىشىگە چىدىمايتتى، كىچىكىدىمۇ ئۇ كالا باققاندا كالا ئېرىق بويىدىكى ئەمدى ئېچىلىۋاتقان ياۋا گۈللەرنى يەپ ئارقىدىن پوقلاپ قويسا ئىچى ئاچچىق بولۇپ كالىنى شىۋىق بىلەن ئۇرۇپ كېتەتتى. دېمەك، ئۇنىڭ ۋۇجۇدى بۇ توپىلاڭ يەردە خازان بولماسلىقى، پاكىز، ئاۋات بىر يەردە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك قىممىتىنى تېپىشى كېرەك ئىدى. زۆھرەنى پات-پات ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان نەرسە ئۇنىڭ ئېتىقادى ئىدى، ئېتىقادىلا ئۇنى ئانچە-مۇنچە چۆچۈتەلەيتتى، خىيالىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئېتىقادىدىن ئۆزىگە تەسەللى، ئىلھام بېرەلەيدىغان، ئىشىغا ماس كېلىدىغان مەزمۇنلارنى ئاختۇرۇپ بىردەمدىلا تاپتى: ئاللاھ قۇرئاندا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بۇ گەپ ئەرلەرگىلا دېيىلگەن گەپ ئەمەس، ئاياللارمۇ تەۋەككۈل قىلىشى، جاھان كۆرۈپ ئۆز رىزقىنى ئىزدەپ تېپىشى كېرەك! ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ بەندىسى...
شۇنداقتىمۇ قىز بالىنىڭ ئۆيدىن يالغۇز چىقىشى تەس، بۇنى زۆھرەمۇ بىلەتتى، بىلگەنچە جاھىللىقى تۇتۇپ تېزرەك ماڭغۇسى كېلەتتى.
— تويۇڭنى قىلىۋەتسەك بولاتتى...- دېدى ئانا يەنە تەكىتلەپ.
— مەن بەرىبىر كېلىمەنغۇ..
— ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز قىزىم،- دېدى ئاتا موخوركىسىنى قاتتىق شوراپ.
— ئەنسىرىگۈدەك ھېچ ئىش يوق، يەنە دېسەم يەنە شۇ، مېنىڭ قانداقلىقىمنى خۇدايىم بىلىدۇ، قانداق بولۇشۇمنىمۇ خۇدايىم بەلگىلەيدۇ... سىلەر بىكاردىنلا ئەنسىرەپ يۈرمەڭلا، ئىمانىڭلا بولسا مېنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار...
گەپ تۈگىدى، ئىمانلىق ئاتا-ئانىغا ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە گەپ بولماس، ئېغىر تىنىقلاردىن كېيىن نەپەس يەڭگىللەشتى، كەلگۈسىدىكى نائېنىق ئىشلاردا ئىزتىراپقا چۆككەندە ئاللاغا تايىنىش ئەڭ ياخشى تاللاش. ئاتا-ئانىسى شۇنداق قىلدى، بوپتۇ بالام، سىنى خۇدايىمغا تاپشۇردۇق دېيىشتى، زۆھرەگە ئۆزىنىڭ پۇلىنى ياندۇرۇپ بەردى، بىر نەچچە ئاي بۇرۇن زۆھرە چوڭ بىر ئىش قىلىۋەتكەندەك كاتتا غۇرۇر، ئېھتىرام بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا قويغان پۇلنى شۇ چاغدا تولىمۇ خۇشال بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانا ئەمدىلىكتە پۇلغا ئەمەس، قىزىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ، بۇ پۇل ئاز بولۇپ قالدىمۇ يا دېگەندەك يەڭگىللىك، خىجىللىق بىلەن قىزىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. زۆھرە بۇ پۇلغا ئەمدى ئۆزىنىڭ ئوقۇيدىغانلىقىنى، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇنىڭدىنمۇ جىق پۇل تاپالايدىغانلىقىنى يەنە بىر ھازا چۈشەندۈرۈپ، سەپەر تەييارلىقىنى باشلىدى.
زۆھرەنىڭ ئاچىسى سىڭلىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بۇ ئۆيدە خارلىققا قالغاندەك ھېس قىلدى، زۆھرەنىڭ ھەممە پۇلنى يەنە ياندۇرۇۋالغانلىقىدىن نارازى بولدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ ئەمدى ئۆزىدە پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۆزىنى قوپاللىق بىلەن قانائەتلەندۈرگەن، قوپاللىق بىلەن ئۇرغان ئېرىنى ئويلاپ، كېيىكى كۈنلەردە سىڭلىسىغا ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن بولغان ئەرلەرنى ئېرىگە ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلىپ قورقتى. ئاتا-ئانىسىدىن خالىي قالغان يەردە زۆھرەنى تارتىپ سورىدى:
— سەن بېيجىڭدا ئەر تاپماقچىمۇ؟
زۆھرە چۆچۈپ كەتتى، ئۇنىڭ چۆچىگىنىگە قاراپ ئاچىسى سىڭلىسىنىڭ راست شۇنداق نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ، سەپراسى ئۆرلىدى:
— مېنىڭچە سەن شۇنداق قىلماقچى، يا بۇرۇن تېپىپ قويدۇڭ. بولمىسا ئۆيگە كېلىپ ئۇنچە ھۇرۇنلىشىپ كەتمەيتتىڭ، بېشىڭغا بىر ئىش كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ بولدۇم. ئىشتان بېغىڭغا قۇلپا سېلىپ يۈر، ئەر كىشى دېگەن ھايۋان، ئېشەك. ئۇقتۇڭمۇ، مانا مەن ئاچاڭ بۇنى بىلىپ بولغان. گېپىمنى ئاڭلا، ئۆيگە ساق يېنىپ كەل. ساق كەلمەيدىغان بولساڭ مەڭگۈ يېنىپ كەلمە!
بىرىنچى گەپتىن تېخى ئېسىگە كېلىپ بولالمىغان زۆھرە بۇ گەپلەردىن تېخىمۇ سىلكىنىپ تىترەپ كەتتى، شەھلا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئاچىسىغا كوچىدىكى ساراڭ خوتۇنغا قارىغاندەك قارىدى.
[size=
5
]5
سيىت قارى ئىماندىن بىخەۋەر ياشايدىغان بىغەم ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىنى دۇنياغا باغلاپلا چۈشىنەتتى. دۇنيا گويا ئۇلارنىڭ تارتىشىدىغان بىردىنبىر جەننىتى ئىدى. دېمىسىمۇ، بۇ دۇنيا كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان مەنزىرە، ئىش-ھەرىكەت، ھۇزۇر ۋە شەھۋەتكە لىق تولغانىدى. جاننىڭ تەقەززاسى شۇ جان ئىگىسىنى راھەتكە— شېرىن ئۇيقۇغا، مەززىلىك تائامغا، يات جىنس ۋىسالىغا، شادلىققا، ئابرۇيغا... تىنماي ئۈندەيتتى. سىيت قارى ئۇيقۇنى كەم ئۇخلىغان بىلەن قورساققا ئامراق ئىدى، ئوغۇللارلا ئوقۇيدىغان بۇ مەكتەپتىن گاھىدا زېرىكەتتى، باشقا ساۋاقداشلىرىدەك مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، يۇرتلۇقلىرىنى ئىزدەپ، شۇ باھانىدە ئۇيغۇر قىزلارنىمۇ كۆرىۋېلىپ كېلىشنى ئويلاپ قالاتتى، لېكىن ساۋاقداشلىرى بىلەن بارغۇسى كەلمەيتتى، يالغۇز بېرىشنى ئەسلى خالىمايتتى، يۇرتلۇق قىزلارنى تونۇمايتتى، ئىزدەپ سوراپ يۈرۈشكە تېخى جۈرئەت قىلالمايتتى. بىر قېتىم نورۇزلۇق پائالىيەتتە ئۇ تالىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە شۇ مەكتەپتىكى قىز-ئوغۇللارنىڭ نورۇز بايرىمىغا ئاتاپ تەييارلىغان ساما، كوللىكتېپ مەيدان ئۇسۇلى ۋە زال ئىچىدىكى نومۇرلىرىنى كۆرگىلى باردى، زوخ-شوخ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزلارنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن پات-پات قىمىرلاپ قويدى، پېشىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تۇيمىدى. زال ئىچىدىكى نومۇرلارنى قانماي كۆردى. مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەن بىر ياش ناخشىچى «سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ» دېگەن ناخشىنى ئوقۇغاندا تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. بۇ ناخشا گويا ئۇنىڭغا «سەن قىزلارنى سېغىنمىدىڭمۇ» دېگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. سەھنىدە گويا باھار گۈلشەنىدە توپ-توپ ئۇچۇشۇۋاتقان كېپىنەكلەردەك لەرزان، چىرايلىق ئۇچۇۋاتقان، لەپىلدەۋاتقان قىزلارنى «كۆز زىناسى» قىلىپ قانغۇدەك كۆردى، نەچچىسىگە يوشۇرۇن كۆيۈپمۇ ئۈلگۈردى. ئويۇن تۈگىگەندە ئېغىر قەدەم بىلەن زالدىن چىقىپ كېتىۋاتقاچ، سەھنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئاللىقاچان كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتقان، سەنئەتخۇمار ئوقۇغۇچى قىزلارغا يوشۇرۇن كۆز سالدى، قىزلاردىن بىرسى ئۇنىڭغا مۇنداقلا بىر نەزەر تاشلاپ قويۇۋىدى، يۈرىكى چوغلاندى، يۈزى سەل قىزاردى. ئوماق قىزلارنىڭ ئالمىدەك كۆكسى، نازۇك بوينى، چىمەن دوپپىلىرى، ئەتلەس كۆينەكلىرى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى. نورۇز بەزمىسى مۇشۇ گۈل قىزلارنىڭ جىلۋىسى بىلەن رەڭلەندى، سىيتنىڭ يۈرىكى ئەيلەندى...
شۇ كۈنى كەچتە ئىسلام ئىنستىتۇتىغا قايتىپ كەلگەن سىيىت تولىمۇ روھسىز ئىدى، مەكتەپ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا زېرىكىشلىك بىلىندى، شۇ ئوماق قىزلارنى خىيال قىلغاچ تاھارەت ئېلىپ قازا نامازلىرىنى ئوقۇدى، خىيالى نەچچە چېچىلىپ نەچچە يىغىلدى، ھەتتا سەجدە قىلىۋاتقاندا ئۆزىگە بىر نەزەر تاشلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكەن قىز يادىغا كېلىۋېلىپ، بۇ بولمىدى، نامازنى قايتا ئوقۇي دەپ ئويلىدى، كۆڭلى ئىزتىراپقا چۆكۈپ: يا رەببىم، جىمى ئىنساننى، جۈملىدىن شۇ گۈزەل قىزلارنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىمىسەن، بەندەڭنى كەچۈر، شەيتانلىرىمنى يېڭىشكە مەدەت بەرگەيسەن... دەپ بېلىنى چىڭىتىپ، قۇرئاندىكى: قىزىققۇچىلار جەننەتكە قىزىقسۇن دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتنى يادىغا كەلتۈرۈپ، جەننەتتىكى ھۆرلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، يەنە نامازغا تۇردى. شام، خۇپتەن نامازلىرىنى تالىپلار بىلەن بىللە سەپنى رۇس قىلىپ، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغاچقا، بۇ نامازدا ئازمىدى، خىيالىنى خېلى جەم قىلدى؛ جامائەت بولۇپ ئوقۇغان نامازنىڭ سۈپەت، پەزىلەت جەھەتتە يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن ھەقىقەتەن ئارتۇق بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندى، نەپسى شەيتاننىڭ يالغۇز ئىنساننى ئورىۋالىدىغانلىقىغا، ھۇجۇم قىلىپ ئاسان بويسۇندۇرۇۋالىدىغانلىقىغا، شۇڭا يالغۇز ئىنساننىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ناھايىتى تەستە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىغا، بۇنىڭ ئۈچۈن جامائەت روھىنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قانائەت خاسىل قىلدى.
ئەمما سىيىت قارى تەتىلدە قايتقانلىرىدا مەھەللىسىدىكى جامائەت نېمىشقىدۇر ئۇنى ئارىغا ئانچە ئېلىپ كەتمىدى. ھېچكىممۇ ئۇنى چوڭ يەردە ئوقۇپ كەلدى، ئۆزى كىچىك بولسىمۇ بىلىمى چوڭ دەپ ھۆرمەتلەپ كەتمىدى، مەھەللە مەسچىتىنىڭ قېرى ئىمامى ناماز ۋاقىتىدىن سەل كېچىكىپ قالسا، چالا موللىدىن بىرى قوپۇپ ئىمام بولسا بولدىكى، بىرەرسىمۇ سىيت قارىنى ئىمام بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلمىدى. بىر قېتىم بامدات نامىزىدا تاڭ ئاقىرىپ قالغاندىمۇ ئىمام كەلمىدى، باشقا ۋاقىتتا ئالدى-كەينى ئوقۇپ قالسىمۇ، بامدات نامىزىدا تاڭ سۈزۈلگەن ھامان، دەل ۋاقتىدا ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن سىيىت قارى تاڭنىڭ خېلىلا ئاقىرىپ، ئوپۇقنىڭ قىزىرىپ قالغىنىنى كۆرۈپ تاقەت قىلالماي ئۆزى بىر بۇلۇڭدا ئوقۇۋەردى. قېرى ئىمامنى كۈتۈپ مۈكچىيىپ، مۈگدەپ ئولتۇرغاندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويدى. ئاڭغىچە ئىماممۇ پەيدا بولدى. بۇ چاغدا سىيىت قارى پەرز نامىزىنى تاماملاپ، تەسبىھ ئوقۇۋاتاتتى. ئىمام ئۇنىڭ ئايرىمىچىلىق قىلغانلىقىنى سېزىپ:
— بېيجىڭلىق قارىم بىزنى ياراتماي ئايرىم ئوقۇپتۇ-دە! ماڭا قارىسىلا قارىم، سىلى پەرزنى قايتا-قايتا 27 قېتىم ئوقۇسىلىمۇ بىز ئوقۇغان جامائەت نامىزىنىڭ ساۋابىنى ئالالمايلا.
جامائەتمۇ ئاران تۇرغاندەك غودۇڭشىدى:
— بېيجىڭنىڭ ۋاقتى بۇرۇن چاغۋا...
— بېيجىڭغا بېرىپ ھالى يوغىناپ قاپتۇمۇ نېمە بۇ بالىنىڭ...
— ھۆكۈمەت ئوقۇتقاندىكىن شۇ دە!
— نېمە ئۆگەندىكىن دېسە مۇشۇنى ئۆگىنىپتۇ مانا...
— بېيجىڭ دېگەندىن موللا چىقامدۇ...
سىيىت قارىنىڭ قورسىقى كۆپتى، يۈزلىرى ئاچچىقتىن تارتىشىپ كەتتى. تۇرۇۋاتقان يېرى مەسچىت بولمايدىغان بولسا نېمىلەرنى دەۋەتكەن بولاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ناھەقچىلىككە چىدىمايتتى:
— قاراپ بېقىڭلا ما ۋاقىتقا، كۈن قىزىرىپ قالغاندا بامدات ئوقۇش مەكرو... دائىم شۇنداق قىلىدىكەنسىلەر، ئادەتلىنىپ قالساڭلار ئاخىرى قانداق بولىدۇ؟ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش ھەممىدىن مۇھىم...
سەللىسىنى چىڭىتىۋاتقان ئىمامنىڭ قولى توختاپ قالدى، خانىقادىن ئالدىراپ چىقىپ كېتىۋاتقان سىيىت قارىغا چەكچىيىپ قاراپ:
— ماڭا ۋەز ئېيتمىسىلا قارىم، بۇ بېيجىڭ ۋاقتى ئەمەس!- دېدى، ئارقىدىن غۇدۇڭشىپ قويدى،- گەپ قىلمايدىغان كالىنىڭ پوقىمىكىن دېسەم، مۆرەپ قويىدىكەن-ھە...
جامائەت سەپنى رۇسلاپ بولغۇچە ئىچ-قارنىنى بوشىتىۋېتلىشتى:
— نېمانداق بالا بۇ... ئۆزىدىن چوڭ ئادەمگە گەپ ياندۇرۇپ...
— نامىزىمىزغا شەك كەلتۈرگىنىنى تېخى...
— ئاڭلاپ قويىلى، بۇ دېگەن مەركەزدىن كەلگەن سادا!
— ھۆكۈمەت بۇنىڭغا نېمىنى ئوقۇتقاندۇ؟
— ھۆكۈمەت ئوقۇتسا شۇنداق بولامدۇ؟ ئامما بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلىشى كېرەك-تە!
— مېنى ئىمام قىلمىدىڭلار دەمدۇ يا؟!
— مۇشۇنداق قۇلاق كەستىنى قانداق ئىمام قىلغىلى بولىدۇ؟
بولدى، نامازنى باشلايلى،- دېدى ئىمام كەينىگە قارىماي،- سەپنى رۇس قىلىڭلار.
سىيىت قارى شۇنىڭدىن كېيىن مەسچىتكە كۆپ چىقمىدى، ئېڭىدا جامائەت ئۇقۇمى سۇسلىشىپ قالدى. نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە ئوقۇدى. ئۇزاق ئۆتمەي تەتىلمۇ توشتى، ماڭىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا قوشنا مەھەللىدىن بىر ئايال سىيىت قارىنىڭ ئۆيىگە پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلار بېيجىڭدىكى قىزىغا بىر خالتا تەييارلاپ كەلگەنىدى، ئۇ ئايال يەنە سىيىت قارىغىمۇ ئازراق يوللۇق تۇتتى.
سىيىت قارى كۆڭلىدە خوش بولدى، ئانىسىنىڭ ئىسسىق چىرايىغا قاراپ، قىزىنىڭ سىماسىنى تەسەۋۋۇر قىلدى، خالتىنى چوقۇم ئۇنىڭ ئۆز قولىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ناھايىتى تەبىئىي تۈستە ئۇ ئايالدىن قىزىنى سوراشقا باشلىدى.
— قىزلىرى نەدە ئوقۇيدۇ؟
— بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى داشۆسى دەمدۇ، ئىشقىلىپ تىل ئۆگىنىدىغان بىر مەكتەپمىش.
— نېمە تىل ئۆگىنىدۇ؟
— ئەرەبچە، ئىنگلىزچە ئۆگىنىدىكەن.
— تېلېفون نومۇرى نەچچە، يېزىۋالاي.
— ھە راست، تېلېفونىنىمۇ دەپ بەرگەنىدى.
ئانا ناتۇر دەپتىرىگە يېزىۋالغان بىر ياتاق نومۇرىنى دەپ بەردى. سىيىت قارى ئۇنى ئادەتتە شېئىر يېزىپ قويىدىغان قارا خاتىرىسىگە كۆڭۈل قويۇپ يېزىۋالدى. شۇ سانلار قېتىدىن قىزنى ئىزدەۋاتقاندەك ھەم ئاختۇرۇپ تېپىۋالىدىغاندەك سىنچىلاپ قاراپ كەتتى.
داۋامى بار...
[ بۇ يازمىنىمۇش521دە2010-07-16 11:56قايتا تەھرىرلىد ]
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
1
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 09:47
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
6
سىيىت قارى زۆھرەنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ سەل تەمتىرەپ قالدى، يەنە كېلىپ قىزنىڭ كۆكسى سۈت، لەززەت بىلەن لىق تولۇپ تۇرغاندەك جەزبىلىك ئىدى. ئۆز يۇرتىدىن مۇشۇنداق ساغلام، چىرايلىق قىزنىڭ چىققىنىدىن سۆيۈندى، كۆڭلىگە ئاپتاپ چىقتى.
ئىككى مەكتەپنىڭ ئارىلىقى يىراق ئىدى، يولدا تولا توسۇلۇپ، ئېزىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ماڭغان سىيىت قارى ناماز ۋاقىتىنىڭمۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن جىلە بولۇپ، ئولتۇرىدىغان بىر ئورۇنمۇ تاپالماي، قىستىلىپ تۇرۇشقان بېيجىڭلىقلارنىڭ تەر، ئەتىر پۇراقلىرىدىن سەسكىنىپ بېشى ئايلىنىپ، چۈشىدىغان بېكەتتىن بۇرۇن چۈشىۋېلىپ، يولدا قىزغا تېلېفون قىلىپ، بۇ مەكتەپنى تەستە تېپىپ كەلدى. ئۇ بۇ كېلەڭسىز شەھەردە يول جاپاسىنى تۇنجى رەت كۆردى، يول-يوللاردا چۈمۈلىدەك كېتىۋاتقان ماشىنا، ئادەملەرنىڭ قىستاڭچىلىقىدىن ئىچى سىقىلدى، ئاپتوبۇسلاردا ساغرىسىنى سۇۋاپ، قىسىتلىپ تۇرۇشقان تەتەيخانلاردىن يىراق قاچقانچە بېكەت-بېكەتتە بىر-بىرىنى تۈرتۈپ چىقىشىۋاتقان «يەجۈجى-مەجۈجىلەر» يەنە قىستاپ كېلىپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمىدى. بۇنداق غول يوللاردا، ئاۋات كوچىلاردا ئىشتىن چۈشكەندە ھەممە ئادەم ئاپتوبۇستا بىر قەپەس جەڭ قىلىشاتتى، پۇت دەسسەيدىغان بىر كىشىلىك يەر تالىشاتتى. تېخى ماشىنا ئالغۇدەك، تاكسىدا ئولتۇرغۇدەك پۇل تاپالمىغان تەتەي قىزلارمۇ ئەرلەر بىلەن تەڭ كۈچ ئېلىشىپ، پىخىلداپ خاسىرىشىپ يەر تالىشاتتى، قۇلاقلىرىغا ئاڭلىغۇچ تىقىۋېلىپ ئەتراپىدا ئۆزىدىن بۆلەك ئادەم يوقتەك جىمجىت تۇرۇشاتتى. سىيىت قارى قىستاڭ ئاپتوبۇستىن چۈشمەي بىر سائەت مېڭىپ بولغۇچە بۇ شەھەرنىڭ ئاساسلىق ئەپتى-بەشرىسىنى ئاساسەن كۆرۈپ بولغاندەك تۇيغۇغا كەلدى، پىيادە ماڭغانداىنمۇ بەك ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. زۆھرە بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنلا ئاندىن روھلاندى، يۇرتداش قىزنىڭ كۆزلىرىدىن يۇرتىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىزدىدى، چىمەنلىرىدە ئېغىناپ كۈلدى، لەۋلىرىگە خىيالەن سۆيدى، ئاياللىق مېھرىگە باي تولۇق كۆكسىدىن ئانا ماكانىنىڭ قوينىى ئىسسىق باغرىنى كۆرگەندەك بولدى. قولىدىكى خالتىدا قىزنىڭ ئانىسى ئەۋەتكەن يەل-يىمىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئازغىنە ئۈمىدى، تەشنالىقى قاچىلاقلىق ئىدى. ئۇ خالتىنى قىزغا ئۇزاتقاندا قىزنىڭ كۆزى ئاۋۋال خالتىغا، ئاندىن ئۇنىڭغا تىكىلدى.
— رەھمەت، ئاۋارە بوپسىز،—دېدى قىز كۈلۈمسىرەپ.
— ياقەي، بۇ قانچىلىك ئىشتى، ۋاقتىدا ئەكېلىپ بېرەلمەي قالدىم...
— يولدا جاپا تارتقانسىز.
— ئانچە ئەمەس، ئېغىرىنى ماشىنا كۆتۈرىدۇ-دە...
قىز ئۇنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى. مەكتەپ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ئىدى، ئىككىسى لەڭمەن يېگەچ پاراڭلاشتى، بىر-بىرىنى تېخىمۇ بىلىشتى، قىز ھەر قېتىم بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر قارىغىنىدا، ھەر بىر ئېغىز گەپ قىلغىنىدا بۇ قىزنىڭ ئالدىدا قانداق ھالەتتە تۇرسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ ئولتۇردى. قىزنىڭ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ مەكتەپتە ئوقۇغاندىن بېرى ۋاقىتنىڭ ئالدىراشلىقىدا نامازنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى (زۆھرە بۇنى خىجىل بولۇپراق دېدى)، شۇنىڭغا قارىغاندا ئىمانىنىڭ سۇسلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلگەن سىيىت قارى بۇ قىزنىڭ نېمىلا دېگەن بىلەن دىندا ئاساسى بارلىقىدىن، ئەرەبچىنى ئاز-تولا بىلىدىغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى، ئېتىقادى سۇسلىشىپ كەتسە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ ئامالىنى قىلغىلى بولاتتى، ئىسلام ئىنستىتۇتىدا يوقلىما قىلىنىپ تۇرسىمۇ بەزى تالىپلار نامازغا ھۇرۇنلۇق قىلغان يەردە، چەت ئەللىكلەرمۇ ئوقۇيدىغان بۇنداق زامانىۋى مەكتەپتە زۆھرەدەك قىزنىڭ دىنىي ئەمەلگە سۇسلۇق قىلىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. ئەمما چۈشىنىشكە بولىدۇ دەپلا مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ-دە، پەرز دېگەن پەرز، ھەقىقىي ئېتىقاد نۇقتاىسىدىن ئالغاندا، نامازنى تاشلاشقا ھېچقانداق باھانە بولماسلىقى، ھەر كىم تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئۇنى ئۆز ئەركانى بىلەن ۋاقتىدا، تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك ئىدى. سىيىت قارى بۇلارنى ئويلاپ، زۆھرەنىڭ تەقۋالىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
— نامازنى تاشلىۋەتمسىڭىز بولاتتى، ئادەم كېسەل ۋاقىتىدىمۇ ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك. ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلىدىغان چاغدىمۇ قىبلىگە قاراپ ئىبادەت قىلىشى كېرەك...- دېدى سىيىت قارى بىسىمىللا دەپلا ئىماندىن گەپ باشلاپ.
— شۇ، ئۆزۈممۇ بىلىمەن، لېكىن شۇ دەرسنىڭ ئالدىراشلىقىدىن پەقەت يېتىشىپ بولالمايدىكەنمەن...-دېدى زۆھرە تۆۋەنچىلىك بىلەن. ئۇنىڭ بۇ خىجىلچان ھالىتى ئۇزاققا بارمايدىغاندەك قىلاتتى، سىيىت قارى بولسا بۇ ھالەتنىڭ ئۇزاقراق داۋاملىشىشىنى تىلەيتتى. چۈنكى خىجىللىق ھايا، ۋىجداننىڭ ئالامىتى، ھايا بولسا ئىماننىڭ بىر شېخى ئىدى.
— ناماز ئوقۇغان ئادەمنىڭ چىرايى سىزنىڭكىدەك نۇرلىنىپ تۇرىدۇ، ياغلىق چىگىپ يۈرىدىكەنسىز، خۇدايىم كۆز تەگىمىگەي، ئەمدى شۇ ياغلىقنىڭ ھۆرمىتىگە يارىشاھ نامازنى تاشلىماي ئوقۇڭ... ياغلىقنىڭ ھۆرمىتىگە دەپ قالدىم، مەقسەت بۇ يەردە ئەمەس، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ھەممىدىن مۇھىم. ياغلىق ئارتىشمۇ ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن... بولۇپمۇ قىزلار، شەھەردىكى قىزلار ئۆزىنىڭ ئىمانىنى پاختىنىڭ ئىچىدىكى چوغنى ساقلىغاندەك تەستە ساقلامدىكىن دەيمەن، ئەمما بۇنىڭ ئەجرى-ساۋابى كاتتا بولىدۇ... ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بەندىسىنىڭ ئەمىلىنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيدۇ، مۇكاپاتىنى چوقۇم بېرىدۇ... - سىيىت قارى سۆزلىگەنچە ھاياجانلىنىپ، قورسىقىدىن بارلىق دىنىي بىلىمىنى چىقىرىۋاتاتتى.
— ماڭا قۇرئاندىن بىرسى لازىمىتى - دېدى خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتكەن زۆھرە، ئۇ ئاخىرەتنى ئويلاۋاتامدۇ ياكى بۇ دۇنيالىق ئىشلارنى خىيال قىلىۋاتامدۇ، ئۇققىلى بولمايتتى.
— مەن بىر كۈنى ئەكېلىپ بېرەي.
— رەھمەت سىزگە، يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
— ھېچقىسى يوق، ئىمان ئىسلامنى كىچىكىدىنلا ئۆگەنگەن كىشىنىڭ دىلى ھەرگىز قېتىپ قالمايدۇ.
— مەھەللىمىز يېقىن تۇرۇپ كۆرۈشمەي بۇ يەردە كۆرۈشۈپ قالغىنىمىز قىزىق.
— شۇنى دەڭا، يۇرتتا بىر-بىرىمىزگە قارىغۇدەك ھالىمىزمۇ يوق ئىدى.
— يولدا كۆرسەكمۇ تونۇماي ئۆتۈپ كېتەتتۇققۇ دەيمەن...
سۆزلىگەنچە سىيىت قارى ئېچىلىپ، كەيىپى جانلىنىپ كەتتى.
7
خېبېيلىق ئىشلەمچى بىر خەنزۇ بايلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تاكسى شوپۇرىنى ئۆلتۈرۈپ بۇلىۋالغان ماشىنىنى بېيجىڭنىڭ ئاۋات يېرى بولغان ۋاڭفۇجىندىكى پىيادىلەر كوچىسىغا ھەيدەپ، بەخىرامان كېتىۋاتقان ئادەملەردىن ئالتىنى ئۆلتۈرۈپ، پاتىپاراقچىلىقتىن پايدىلىنىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، قولىدىكى بولقا بىلەن بىر سودا سارىيىىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ، ئۇچۇرىغانلا ئادەمنى قورقۇتۇپ يۈرگەندە ساقچىلار جىددىي ھەرىكەتلىنىپ ئۇنى تۇتقان، سوتلىغان ۋە ئاخىرى ئىككى قېتىملىق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.
يەنە چوڭ شىركەتنىڭ بىر قوغداش خادىمى كېچىدە سېرىق دەي كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتالماي نىيىتىنى بۇزۇپ، شۇ شىركەتتە كەچتىمۇ قايتماي ئىشلەپ ئىشخانىدا تۈنەپ قالغان بىر قېرى قىزغا چېقىلىۋاتقاندا ئۇ قىز تۇيۇپ قېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇ گۇي قىزنىڭ قولىغا پىچاق تىقىپ: جىم يات دەيدىكەن، قىز: قولۇمنى يۇيۇۋالاي، ئاندىن نېمە قىلساڭ قىل دېگەندە ئۇ گۇي ماقۇل دەپ تۇرسا قىز ئىشىكتىن چىقىپلا ” ئادەم بارمۇ، قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار!» دەپ ۋاقىرايدىكەن، ئۇ گۇي قورقۇپ كېتىپ قىزنىڭ ئارقىسىدىن پىچاق ئۇرىدىكەن، قىز كەينىگە ئۆرۈلۈپ تىللىسا ئالدىدىن پىچاق تىقىدىكەن، قىزنىڭ، بوينى، كۆكسى قانغا بويىلدىكەن، يەرگە يىقىلىپ قانسىراپ ئۆلىدىكەن. 18 ياشقىمۇ توشمىغان ئۇ گۇي بۇ قىلمىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ھەم قورقۇپ، شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىدىكەن، ئاخىرى كەڭچىلىك بىلەن 15 يىللىق كېسىلىدىكەن...
سىيىت قارىنىڭ ساۋاقداشلىرى ھەر كۈنى گېزىتتىن مۇشۇنداق جىنايەت، سۇيىقەست خەۋەرلىرىنى تېپىپ ئوقۇيتتى ۋە بىر-بىرىگە سۆزلىشىپ ھېكايە قىلىپ يۈرەتتى. مېترودا ئۆزىنى يەر ئاستى پويىزنىڭ تېگىگە ئېتىپ ئۆلۈۋالغان ئەرلەر، قورسىقىنى باقالماي ياكى ئۆي ئىجارىسى تۆلىيەلمەي، بېسىمدىن ساراڭ بولۇپ كەتكەن بىرسىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ياكى قەستلىشىگە ئۇچراپ پىچاق يەپ ئۆلگەن قىزلار ھەققىدە ئوخشىمىغان شەكىلدە تەكرارلىنىدىغان خەۋەرلەرنى ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشاتتى:
— سىرتتىن كەلگەن ئاققۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقان، ئىشلەپ ئىش ھەققىنى ئالالمىغان گەپ، بايلارغا نەپرەتلىنىپ جەمئىيەتتىن ئۆچىنى ئالغان گەپ...
— ئۇنىڭ جىنى بىر تۇرسا ئىككى قېتىم ئاتالمايدۇ-دە!
— دىيەنشىدىمۇ سوتلىغاننى بەردىغۇ، مۇخبىر: نېمىشقا ۋاڭ فۇجىننى تاللىدىڭ؟ دېسە، «ۋاڭ فۇجىن بايلار ئوينايدىغان يەر، مەن بايلارغا ئۆچ» دەپ جاۋاب بەردى. بولمىسا ئۆزى ئورۇق، ئىنجىمارۇق نېمىكەن...
— ئا گۇينى دېمەمىسىلەر، سېرىق دەي كۆرۈپلا ھاڭگا ئېشەككە ئايلىنىپتۇ.
— 33 ياشقا كىرگەن قېرى قىزمۇ جىم يېتىپ بەرگەن بولسا ئۆلمەسكەن...
— ئىپپەت-نومۇسىنى قوغدىغان گەپ، غۇرۇرلۇق قىزكەن.
— ئۇنىڭ ئىپپەت-نومۇسى بارلىقىنى كىم بىلىدۇ؟
— ئىپپەت-نومۇس دېگەن ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك...
— ئىمان بولمىغان بىلەن غۇرۇرى باركەن، بىزنىڭ ئىمانلىق قىزلىرىمىزچۇ؟! بەزىسى ئۇنچىلىكمۇ قىلالمايدۇ جۇمۇ، ئاچ دېسە كۆزىنى مۆلدۈرلىتىپ يېتىپ بېرەمدىكىن دەيمەن...
— ھەي، ھەي، بالىلار، تالىپلاردەك گەپ قىلىڭلار، ھەر كىم ئۆز بېشىغا كەلگەندە بىلىدۇ. مۇبادا بىزنى بىرسى تۇتۇۋېلىپ بوينىمىزغا پىچاق تەڭلەپ: ئىمانغا تۇرامسەن، جانغىمۇ دېسە، نېمە دەيمىز؟ ئىمان دېگەن ئاشۇنداق ۋاقىتتا سىنىلىدۇ. شۇڭا، ئالدىراپ پو ئاتمىساق بولىدۇ.
— پو ئاتمىدۇققۇ، گېزىتتىكى ئىشلارنى دەۋاتىمىز.
— بىز بۇلارنى دەپ تۈگىتەلمەيمىز، بىز يا ساقچى ئەمەس، يا مەركەزدىكى رەھبەر ئەمەس. شۇڭا ھۆكۈمەت بەرگەن ناننى يەپ ئوقۇشىمىزنى ئوقۇيلى...
تاشتەك قاتتىق شەھەرنىڭ باغرىغا سىڭىپ كەتكەن رەھىمىسىزلىك، رىقابەت ۋە بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردىكى دەھشەتلەر قارىماققا تىىنچ كۆرۈنگەن شەھەرنىڭ ئارقا سەھنىسىدە نىقابلىق ئالۋاستىلار تەرىپىدىن تراگېدىيە قىلىپ ئوينىلىۋېرەتتى. سىيىت قارى ساۋاقداشلىرىدەك گېزىت كۆرمەيتتى، جىنايەت خەۋەرلىرىگە قىزىقمايتتى، يەڭگىل، ئارامبەخش نەرسىلەرنى ئويلايتتى، ھەر كۈنى كەچتە خۇپتەندىن يېنىپ، يالغۇزلۇقتىن قەلبىگە پاتمىغان ھىسلىرىنى خاتىرىسىگە تىركەپ قوياتتى:
×××
رامىزان كىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، بېيجىڭنىڭ توختىماي چىقىدىغان سوغۇق شامىلىغىمۇ كۆنۈپ كەتتۇق. يۈزۈم قۇرغاقلىىشىپ، كۆزۈم ياشاڭغۇرايدىغان بولۇپ قالدى. ئوڭشىلىپ كېتەرمەن. يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالدىم، بىر كىم بىلەن ئارىلىشىشنى بىلمەيمەن. نامازنى بىللە ئوقۇغان بىلەن قەلبىمىز ئانچە يېقىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ.
×××
زۆھرەگە تېلېفون قىلدىم، خېلى قىزغىن تۇرىدۇ، ئاپىرىپ بەرگەن قۇرئاننى ئوقۇغان بولسا كېرەك. بۇ قىزنى شۇ كۆرگەندىن باشلاپ ئۇنتۇيالمايدىغان بولۇپ قالدىم، «موللام كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلېقىپ قالىدۇ» دېگەندەك، نەچچە يىلدىن مۇھەببەت دېگەن نەرسىدىن بىخەۋەر يۈرۈپ، ئەمدى ئۆزۈمنى تۇتالماي قېلىۋاتىمەن. سۈرە يادلاش سۈرئىتىم ئاستىلاپ كېتىۋاتىدۇ. دەرستە چېكىنىپ قالدىم. نامازدا بۇرۇنقى تەقۋالىق، چىڭلىق يوق. كاللام بۆلۈنۈپ كېتىپ بارىدۇ.
قېنى ئۇ قەلبىمدىكى جانان بىلەن تويلاشقىنىم.
شەيتان بىلەن دوست بولغىنىم ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىم،
ئىچەي-ئىچمەي دەپ شاراپنى ئىنتىلىپ، ئىككىلىنىپ،
يۈرىمەن لەيلەپ بۇ يەردە، قېنى ئۇ ئوڭشالغىنىم!
×××
مۇبارەك شەھىرى رامىزان كىرىپ كەلدى. مۇشتەققەتلىك، ئەمما خۇشۇ-ھوزۇر بىلەن داۋاملىشىدىغان كۈنلەر باشلاندى. تەراۋىھ نامىزىنى غەيرەت قىلىپ ئوقۇش كېرەك. قورساق ئاچقاندا ئاچ-يېتىملەرنى ئويلاپ سەۋر قىلىشىم كېرەك. رامىزاننىڭ خاسىيىىتى كۆپ. كۆڭۈلسىز ئىشلارغىمۇ كۆنۈش كېرەك. ئاللاھ بىزگە ئەڭ ياخشى ھامىي، سەۋر-تاقەتتىن باشقا بىزنىڭ چىقىش يولىمىز يوق. سەۋر بىزنىڭ مىجەزىمىزنى تەڭشەيدىغان ياخشى دورا.
×××
بۈگۈن بىزنى بىر ئۇيغۇر ئاشپەز ئىپتارلىققا چاقىردى. بىزنىڭ تاماقلىرىمىزغا يېتىدىغان ھېچقانداق تاماق يوقمىكىن دەيمەن. ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالدىراش دەرس ئوقۇيمىز. چۈشكىچە قورساق ئېچىپ كېتىدۇ. چىدايمىز، چۈشتىن كېيىن ئۇخلايمىز. ئەسىرنى قىينىلىپراق ئوقۇيمىز، شامنى چىداپ ئوقۇيمىز-دە، تەسبىھ ئوقۇپ بولغۇچە كەشىمىزنى كىيىپ ئاشخانىغا يۈگرەيمىز. ئاھ تاماق، سۇ! ھەدىستە ئېيتىلىشىچە، روزىدارنىڭ ئىككى خۇشالىقى بار ئىكەن: بىرى، ئىپتار قىلغاندىكى خۇشالىق، يەنە بىرى ئاللاھقا مۇلاقات بولغاندىكى خۇشالىق. ئاللاھ تائالا ئارمانلىرىمىزغا يەتكۈزگەي! خۇپتەن، تەراۋىھ نامازلىرىنى تاماق سىڭدۈرگەچ، راھەت بىلەن، ھەيۋەت بىلەن ئۈنلۈك قەسىدە توۋلاپ ئوقۇيمىز. مۇبارەك بۇ ئايمۇ بەك تېز ئۆتمەكتە...
8
ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغان، ئەرەبلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، كوچىلىرىدا كۆزەينەكلىك ئادەملەر، قارا ئەينەكلىك پىكاپلار ھارماي قاتنايدىغان، كەچلىك مۇلازىمەت كۇلۇبلىرى، قاۋاقخانىلىرى، دېسكوخانىلىرى ئىشرەت بىلەن قاينايدىغان، ھەممە چىراغلىرى گويا سانسىز پاھىشىلەردەك كۆز قىسىدىغان بۇ شەھەرنى خالىد جەننەتكە تەڭلەشتۈرەلمىسىمۇ، لېكىن پانىي دۇنيانىڭ ئارامگاھى، نەپسى يايرايدىغان ئەيش-ئىشرەت ماكانى دەپ بىلىپ، بۇ شەھەردىن ئايرىلالماسلا بولۇپ قالدى. دۆلىتىگە قايتسا بۇنداق ئەركىن، راھەت ياشىيالمايتتى. غەرب ئەللىرىدىكى ئەلچىخانىلارغا يۆتكىلىپ ئىشلەشنىمۇ ئانچە خالىمايتتى، چۈنكى ئۇ يەرلەرگىمۇ ئۇ نەچچە قېتىم بارغان، كۆڭۈلدىكىدەك ئوينىيالمىغانىدى. پەرەڭلەردە ئويۇن-تاماشىنىڭ، سەتەڭلەرنىڭ نەرخى قىممەت، يەنە كېلىپ ئۇلار ئەرەبلەرنى ئانچە كۆزىگە ئىلىپ كەتمەيتتى، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئەرەبلەر ئۇ يەردە تېخىمۇ قارشى ئېلىنمايدىغان بولدى. ياپونىيە، كورېيە، سىنگاپورنىمۇ ئەيش-ئىشرەتكە ئانچە قۇلايلىق يەر ئەمەس دەپ ئويلايتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ سەتەڭلىرىنىڭ غۇرۇرى تولىمۇ كۈچلۈك، ئەرلىرى زوراۋانراق كېلەتتى. جۇڭگو، تايلاند ۋە باشقا بەزى نامرات، ئادىمى كۆپ دۆلەتلەردە ھەممە نېمە ئەرزانچىلىق، سەتەڭلىرى تاللا بازىرىدىكى قوچاقلاردەك تولىمۇ ئەزان، ئويناشقا قۇلايلىق ئىدى. خالىد جۇڭگودىكى چوڭ شەھەرلەر ئىچىدە بېيجىڭدا تەرتىپ چىڭ، ئەيش-ئىشرەت سورۇنلىرى قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئاشكارا مەخپىيەتلىكلەرنىڭ ھەر بىر مۇلازىمەت كۇلۇبلىرىدا يوشۇرۇن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. نېفىت بايلىقىدىن كېلىۋاتقان مائاشلىرىنىڭ يۇقىرىلىقى ئۇنىڭ نەپسىنى ئۇلغايتىپ تۇراتتى، ساقچى ئالدىراپ توسمايدىغان جېپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئويۇن ئەڭ قىززىيدىغان يەرنى پۇراپ تاپاتتى، ئىچەتتى، چېكەتتى، ھالى يار بەرگەن كۈنى ھەر قاچان بىر سەتەڭنى باشلاپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتەتتى. ۋاقىتىنى ئۇزۇن سوزىدىغان دورىلارنى ئۆيىگە قۇتىلاپ ئېلىپ قويۇپ، ئۆزىنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇپ، پىستە كۆز «بېلىقلار»نىڭ چىراي ئالامەتلىرى ۋە ئاۋازلىرىنى تاماشا قىلاتتى، ئۆزىنى بەزىدە گويا سېرىق فىلىمدە بىۋاسىتە رول ئېلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. زىنا ۋە زۇلۇم ئۇنىڭ نەپسانىيەت ئاچچىقىدىن پارتىلاپ چىقاتتى.
خالىد خىزمەتتە ئاكتىپ ئىدى، باش ئەلچىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە چاپارمەنلىك قىلاتتى، باش ئەلچى ناماز ئوقۇسا ناماز ئوقۇيتتى، جۈمەگە بارسا بىللە باراتتى، ئۆيىگە تاماققا چاقىرسا خۇشالىق بىلەن بېرىپ ھەمسۆھبەت بولاتتى، چىلىم چېكىشىپ بېرەتتى، گەپكە يامان بولغاچقا بېيجىڭدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ھەزىلگە قېتىپ سۆزلەپ باشلىقىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلاتتى. باش ئەلچىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كېتىدىغان چاغدا خالىدنى بىللە ئېلىپ كەتكۈسى كەلدى، ئەمما خالىد ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ يەنە بىر يىل ۋاقتى بار ئىدى، بۇ ۋاقىتىمۇ توشۇپ دۆلىتى ئۇنى باشقا دۆلەتتىكى ئەلچىخانىغا ئەۋەتىشكە، ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپ قىلىپ ئۆستۈرۈشكە ئاز قالغاندا ئۇ جۇڭگودا يەنە بىر قارار ئىشلەش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، قايتا-قايتا ئىلتىماس يېزىپ، ئاخىرى يەنە جۇڭگودا، بېيجىڭدا ئىشلەش، ئويناش پۇرسىتىنى ئۇزارتتى. 20 نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، ئەمما قارىماققا خېلى چوڭ كۆرۈنىدىغان بۇ ئەرەب تېخى توي قىلمىغانىدى. ئۆيىدىكىلىرىنىڭ قىستىشى بىلەن بىر رامىزان ئېيىدا دۆلىتىگە قايتىپ بىر ئاينى ئىبادەت، رەسمىيەت بىلەن تولىمۇ تەسلىكتە توشقۇزۇپ، 16 ياشلىق خوتۇنىنى 15 كۈن خوتۇن قىلىپ، 15 كۈن بېيجىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئارقىدىن يەنە دۆلىتىگە يولغا سالدى. ئۇ ئۈچ ئايدا بىر دۆلىتىگە قايتاتتى، 15 كۈن تۇرۇپلا يېنىپ كېلەتتى، گاھىدا خوتۇنى ئۆزىنىڭ بىرەر تۇغقىنىنى ئېلىپ بېيجىڭغا كېلىپ كۆپ بولسا بىر ئاي بولمىسا، 10 نەچچە كۈن تۇرۇپ كېتەتتى.
بىر يىل ئىنگلىزچە ئوقۇپ، ئىجارە ئۆيدە تۇرۇپ، تاماق يەپ، كىيىم كىيىپ، سوپۇن، گىرىم بۇيۇملىرى ئېلىپ، سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ، كىنو كۆرۈپ 15 مىڭ يۈەن پۇلىنى قۇرۇتۇپ بولغان زۆھرە يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىش ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش پۇل تۆلەپ ئوقۇۋاتقان قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئارزۇلۇق قىزلىرىنى چەتكە چىقىرىشقا كۈچەۋاتقان باي خەقلەر بولغاچقا قىزلىرىغا ھەر ئايدا 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە پۇل ئەۋەتىپ تۇراتتى. پۇلى ئۆكسۈپ قالغان زۆھرەگە ئاتا-ئانىسى ئۇنچىلىك پۇل ئەۋەتەلمەيتتى، ئاز بولسىمۇ داۋاملىق پۇل ئەۋەتىشكە قۇربى ھەرگىز يەتمەيتتى. پۇل تۈگىدى دېسە، ئەمىسە يېنىپ كېلىپ ئەرگە تېگىڭ قىزىم دەيتتى. ھېلىمۇ بىر يىلدىن بېرى ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسى تۈگىمىدى، زۆھرە ھەپتىدە بىر تېلېفون ئۇرۇن تۇرسىمۇ ئۇلار يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدى. سىيىت قارى ئوتتۇرىدا پەيدا بولغاندىن كېيىن ئەھۋال ئۆزگەردى، زۆھرەمۇ ئۆيىدىكىلەرگە سىيىت قارىنىڭ ئۆزىنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى. دىنىدا ئوقۇۋاتقان بىر يۇرتلۇق قارىم بالىنىڭ خۇدايىم بەرگەندەكلا قىزىغا ئۇچراپ قالغانلىقى ئۇلارنى ئاللىقانداق بىر ئەندىشىدىن خالاس قىلغانىدى. زۆھرە بىر قېتىم ئۆيىگە ھەتتا سىيىت قارى بىلەن بىللە تېلېفون قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن زۆھرە بىرەر ئايغىچە تېلېفون قىلمىسىمۇ ئاتا-ئانىسى ئەنسىرىمەيدىغان بولدى. سىيىت قارى ھەر قېتىم كەلگىنىدە زۆھرە قۇرئاننى تاشلاپ قويۇپ ئوقۇمىغانلىقىنى، رامىزان روزىسى تۇتمىغانلىقىنى، نامازنى خالىسا ئوقۇپ خوشياقمىسا تاشلاپ قويغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلىدە خىجىل بولاتتى، ئەمما دەرھال غۇرۇرى ئۈستۈن كېلەتتى: بۇ بالا مېنىڭ نېمەم ئىدى؟ ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە ئىش قىلىپتىمەن؟ باشقا قىزلارغا باققاندا ئۆزۈمنى چىڭ تۇتۇپ ياشاۋاتىمەنغۇ؟ قىزلار مەنچىلىك ياشىيالىسا چوڭ گەپ... دەپ ئويلاپ ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرەتتى. ئۆزىنى ھەر دائىم باشقا قىزلارغا سېلىشتۇرۇپ، بۇ شەھەردە ياخشى ياشاش، ئۇزاقراق ياشاش ئىستىكىدە پۇچۇلىناتتى، ئويلايدىغان ئىشلىرى تولا ئىدى.
ئۇ بىر چاغدا باش ئەلچىنىڭ ئۆيىدىن ئېلىۋالغان نام-ئەمەل كارتۇچكىسىنىڭ ئەمدى ئىشقا يارايدىغانلىقىنى، شۇ يەردىكى تونۇش ئەرەبلەرنىڭ سايىسىدە بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ ئەلچىخانىغا باردى. باش ئەلچىنىڭ ئۆيىدە كۆرگەن ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى تونىدى، شۇلار ئارىسىدىن خالىد ھەممىدىن قىزغىن چىقىپ كەتتى، زۆھرەنى ئايرىم بىر ئۆيىگە چاقىرىپ پاراڭلاشتى. ئىنگلىزچىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان خالىد زۆھرەنىڭ ئىنگلىزچە گەپلىرىنىڭ تاۋۇشلىرىغا دىققەت قىلدى، مەقسىتىنى تارتىنىپراق ئېيتىۋاتقان بۇ مۇسۇلمان قىزغا كۈلۈمسىرەپ، گەپ تۈگىگەندە مەغرۇر كۈلۈپ قويدى.
— ئەلچىخانىغا ئادەم ئالمايمىز، تەرجىمان تولۇق،— دېدى ئۇ تاماكا كۈلىنى قېقىپ.
— ۋاقىتلىق بولسىمۇئىشلەپ تۇرسام بولامدۇ؟
— بىزدە ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئىش يوق، كەچۈرىسىز.
— پەقەت بولماسمۇ، باش ئەلچى ئۇنىماسمۇ؟
— بۇرۇنقى باش ئەلچى سىزنى بۇ يەرگە تىقىپ قويۇپ كەتكەن بولسا بولاتتى، ئۇنداق قىلمىدى. شۇنداق قىلغان بولسىمۇ ھازىرقى باش ئەلچىنىڭ سىزنى ئىشلىتىشى ناتايىن ئىدى. چۈنكى، يېڭى كەلگەن ھەر قانداق باش ئەلچى جۇڭگولۇق خىزمەتچىلەرنى دائىم يېڭىلاپ تۇرىدۇ، كونا ئەلچى ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ...
— ئۆزۈم كىرىپ سۆزلىشىپ ئىمتىھان بېرىپ باقسام بولامدۇ؟
— سەئىد ئەپەندى دۆلىتىمىزگە بىر ئايلىق دەم ئېلىشقا كەتكەن.
— بوپتۇ ئەمىسە، مەن قايتاي. باشقا يەردىن ئىش ئىزدەپ باقارمەن.
— يا بولمىسا مېنىڭ ئۆيۈمدە ئىشلەڭ. ئايلىقىڭىزغا 1000 يۈەن بېرىمەن. باش ئەلچىمۇ شۇنچىلىك بېرەتتىغۇ دەيمەن.
زۆھرە ئوقۇمىغان، ھېچنېمە بىلمەيدىغان چاغدىمۇ شۇ يەردە تۈزۈك ئىش قىلماي 1000 يۈەن ئالاتتى. بىر يىل جاپا چېكىپ ئوقۇپمۇ يەنە ئۆي خىزمەتچىلىكىدىن قۇتۇلالمىغىنىغا ئىچى پۇشتى. بۇ ئەرەبنىڭ يەنە ئاللىقانداق مەقسىتى بارلىقىنى بىر قاراپلا بىلدى، ئەمما كەسكىن ھۆكۈم قىلالمىدى. ئىشقىلىپ، بۇ تەكلىپكە رايى تارتمىدى.
— رەھمەت، مەن باشقا يەردىن ئىش ئىزدەپ باقاي.
— باش ئەلچىنىڭ ئۆيىدە ئىشلىگەن ئادەم ئەمدى سىنىڭ ئۆيۈڭدە ئىشلەمدىم دەپ قاراۋاتامسىز؟ باشقىچە ئويلاپ قالماڭ، ئۆيۈمدە باش ئەلچىدىن مىراست قالغان فىلىپپىنلىق ئايال ھازىرمۇ ئىشلەۋاتىدۇ. سىز پەقەت ئايالىمغا ھەمراھ بولۇپ بازارغا چىقىشىپ بېرىسىز، ئۆيگە نەرسە-كېرەك سېتىۋالىسىز. ئۆيۈمدە ئازراق تۇرۇپ بەرسىڭىز، ئاندىن مەن باشقا ئەرەب ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئۇقۇشۇپ سىزگە ئىش تېپىپ بېرەي، بولامدۇ؟
زۆھرە ئويلىنىپ قالدى، دەسلەپتە ئىش مۇشۇنداق باشلانسا، ئاقىۋەتتە ياخشى بولۇپ قالسا-ھە...
— بولىدۇ، -دېدى زۆھرە،- لېكىن مەن باشتا ئۆيىڭىزنى كۆرۈپ باقسام دەيمەن.
— قاچان كۆرىمەن دېسىڭىز مەن ھازىر، دېدى خالىد،- ئەمىسە ھازىرلا بېرىپ كۆرسىتىپ قوياي، ئەتىدىن باشلاپ ئىشلەپ كېتىڭ.
خالىد زۆھرەنى جېپ ماشىنىسىغا سېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ، خوتۇنى ۋە فىلىپپىنلىق ئايال خىزمەتكارى بىلەن كۆرۈشتۈردى. خالىدنىڭ خوتۇنى چىرايلىق بىر ئەرەب قىزى بولۇپ، باش ئەلچىنىڭ خوتۇنىغا باققاندا مۇلايىم، كىچىك پېئىل، تەقۋا، كەمتەر كۆرۈنەتتى، زۆھرە بىر قاراشتىلا بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ كەتتى. خالىدنىڭ بۇ ئۆيى داچا ئەمەس، بەلكى شەھەرنىڭ ئوينايدىغان يېرىگە يېقىن بىر بىنادىن ئىجارىگە ئېلىنغان 150 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي ئىدى. ئىككى ئايالنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولغان زۆھرە ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئاندىن كەينىگە ياندى. خالىد ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ قولىغا 200 يۈەن تۇتقۇزۇپ: تاكسىدا كېتىڭ دېدى. زۆھرەگە بىر سېخى قول ئېچىلىۋاتاتتى، ئەتىدىن باشلاپ ئۇنىڭ قولىغا پۇل كىرىشكە باشلايتتى. ئۇ بىر يىل بولسىمۇ ئوقۇۋالدى، ئەمدى ئۆگەنگەن نەرسىنى جەمئىيەتتە ئىشلىتىشى، پۇل تېپىشى كېرەك. بۇ شەھەردە ماڭغان-تۇرغان يەرنىڭ ھەممىسىلا پۇل، پۇل دەيدۇ، قورساققىمۇ پۇل، ھاجەتخانىغىمۇ پۇل...
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
2
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 09:56
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
9
ئىسلام ئىنستىتۇتىغا بىرسىنى ئىزدەپ بىرەرقىز كېلىپ قالسا تالىپلار زىمىستاندا گۈل كۆرگەندەك زوقلىنىپ، ئىنتىلىپ قاراپ قالاتتى، شۇ كۈنى ھېچ بولمىسا ئۆزلىرىگە زەن سېلىپ ئەينەككە قاراپ باقاتتى، ئۆسۈپ قالغان ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئالاتتى، يىغىلىپ قالغان كىرلىرىنى يۇياتتى، ئۆيلىرىگە تېلېفون قىلاتتى. بەزىلىرى ھەتتا مەكتەپتە تاماق يېگۈسى كەلمەي سىرتقا چىقاتتى، ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانىلاردا تاماق يېگەچ بۇ يەرگە كىرىپ تاماق يەپ قالىدىغان، بەلكىم دۇرۇس ئىشلارنى قىلمايدىغان ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىغا دىققەت قىلاتتى، ئاندىن نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ يەنە مەكتەپكە يېنىپ كېلەتتى. بەش ۋاق نامازنىڭ ۋاقتى ئۇلارنى جىددىي ھەم تەرتىپلىك بىر ۋاقىتنىڭ قوينىغا ئالغان بولۇپ، سىرتلارغا چىققاندا بۇ ۋاقىتلارغا ئاساسەن رىئايە قىلاتتى، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىلا جىددىيلىشىپ قالاتتى. ئۆزلىرىنى ھەر قانچە خاتىرجەم تۇتسىمۇ ئىماننىڭ تەقەززاسى ۋە مەكتەپتىكى يوقلىمىنىڭ بېسىمى ئۇلارنى شۇنداق تۇيغۇغا كۆندۈرۈۋەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتكەن مەكتەپلەردە يۇرتداشلىرى ئۇلارنى كۆرسىلا ئىمان-ئىسلامنى يادىغا ئالاتتى. ئۇلار مۇڭدىشاتتى، خاراكتېرى ئوخشىمىغان ئىككى مۇھىتتىكى ئەھۋال ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا تۈگىمەس تېما بولاتتى. پەننىيدە ئوقۇۋاتقان شۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە كىچىكىدىن ئانچە دىنىي تەربىيە كۆرمىگەن بالىلار تالىپلاردىن «ھاراق نېمىشقا ھارام؟»، «قىزلار بىلەن مۇھەببەتلەشسە ھاراممۇ؟»، «ئۇمۇ ھارام، بۇمۇ ھارام دەيدىكەن، ھارام دېگىنىڭلار زادى نېمە؟ »، « بىز ئۆلگەندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ خۇدا بىزنى سوراق قىلامدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورايتتى، تالىپلار كۈچىنىڭ يېتىشىچە جاۋاب بېرەتتى، مۇشۇ جەرياندا سەۋىيىسىنى سىناپ كۆرەتتى. دىننى ئانچە-مۇنچە چۈشىنىدىغان، ئەمما گۇمانغا، ئىزدىنىشكە باي، كاللىسىدىكى مۈجىمەللىكلەرگە جاۋاب ئىزدەۋاتقان بىر قىسىم بالىلار «خۇدا بىزنى يارىتىپ ھەممە ئىشىمىزنى، جۈملىدىن گۇناھىمىزنى پىشانىمىزگە پۈتۈۋەتكەن تۇرسا، بىزنى ئاخىرەتتە يەنە جازالىسا بۇ قانداق ئادىللىق بولىدۇ؟ ئاللاھ ھەق، ئادىل ئەمەسىمىدى؟» دېگەندەك ئۆتكۈر سوئاللارنى سوراپ، تالىپلارنى تەمتىرىتىپ قوياتتى. تەۋھىد ئىلمىغا تازا چوڭقۇرلىشالمىغان بۇ بالىلار ئۆزىنىڭ چۈشەنگىنىچە بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەتتى، ئەمما ئۇلارنى تازا قايىل قىلالمايتتى. مۇشۇنداق قىيىن چاغدا تالىپلار دىنىي دەرسلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلاتتى، بىز تېخى تازا موللا بولمىدۇق، كىتاب كۆرۈپ ئاندىن جاۋاب بېرەيلى... دەيتتى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى يېرىم ھالدا مەكتىپىگە يېنىپ كېلىپ كىتاب ۋاراقلايتتى، ئىلىمدا تېخى خاملىقىغا ئىچى پۇشۇپ، تېخىمۇ كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگىنىشكە ئىنتىلەتتى. سىيىت قارى بۇنىڭ ئارىسىدا يوق ئىدى، ئۇ قۇرئان يادلاش بىلەن ھەدىس يادلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قوياتتى، مەسچىتتە ئىمام بولۇپ قالسا ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى مۇشۇ ئىدى. ئۇنىڭ كاللىسىدىكى ئىمان گۇمان ۋە شەك-شۈبھىگە قىلچە ئورۇن يوق كەسكىن ئۇقۇم بولۇپ، باشقا نەرسىلەرنى تولا ئويلاپ كاللىسىنى قاپاق قىلىدىغان بالىلارنى كۆرسە، پەلسەپە، تەرىقەت، مەزھەپ، سوپىزم... دېگەندەك ئاللىقانداق گەپلەرنى ئاڭلىسا ئىچى سىقىلاتتى. تېلېۋىزور ۋە گېزىتلەردە توختىماي خەۋەر قىلىنىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، ئەلقائىدە، بىن لادىن، زاكاۋى... لارنى، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنى، جەڭگاھقا ئايلىنىپ مۇسىبەتكە پاتقان ئىراقتا ئىككى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەسچىتلىرىنى پارتىلىپ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسا، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنۈۋاتامدۇ-نېمە دەپ ئويلاپ قالاتتى، مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرى ئىكەنلىكىدىن ھەرگىز گۇمانلانمايتتى. قۇرئان ۋە ھەدىستە ھەممە نەرسە شۇنداق ئېنىق نۇرسا، نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، ئايەت ۋە ھەدىسكە خاتا مەنە بېرىپ، ئۆزئارا ئىختىلاپ تۇغدۇرۇپ، قالايمىقان مەزھەپ، بىدئەت ئىدىيە شەكىللەندۈرۈپ، خاتا ئىش-ھەرىكەت، ئۆچمەنلىك، قىرغىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانلارنىڭ ئاقىۋەتتە جازاغا مەھكۇم بولىدىغانلىقىغا، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىگە ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى.
شۇ قېتىملىق ئۇچۇرىشىشتا سىيىت قارى زۆھرە بىلەن كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتى، يېگەن تاماقلىرىمۇ ئوبدان تېتىدى. زۆھرەنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىككىسى زۆھرەنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدى. سىيىت قارى «زۆھرەدىن ئەنسىرىمىسىلە» دېگەن گەپنى ئىككى قېتىم دەۋەتتى. مەكتەپ ئالدىدىكى كوچا چىراغلىرىنىڭ يورۇقىدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن زۆھرە سىيىت قارىنىڭ كۆز نۇرىدىن ئايرىلمىدى، زۆھرە بېكەتكىچە ئۇزىتىپ كەلدى، سىيىت قارىغا كۈلۈمسىرەپ باقتى، «كېلىپ تۇرۇڭ»دېدى، سىيىت قارىمۇ «ئالدىراش بولمىساملا كېلىپ تۇرىمەن، سىزمۇ بېرىڭ» دېدى. قىز ماقۇللۇق بىلدۈردى. شۇ ئاخشىمى سىيىت قارى مەكتىپىگە قايتقۇچە زۆھرەنى ئويلاپ كەلدى، كېلىپ قازا نامازلىرىنى خىيال بىلەن خۇش كەيىپ ئوقۇدى، نامازدا ئوقۇۋاتقان سۈرىنىڭ مەنە-مەزمۇنلىرى بىلەن كارى يوق، پەقەت نامازدىن ئېزىپ كەتمەسلىك ئۈچۈنلا رەكەت سانىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ ئوقۇدى. ئاندىن سىنىپقا كىرىپ كىتابلىرىنى ۋاراقلاپ باقتى، كاللىسىغا ھېچنېمە چۈشمىدى، ئەتىنىڭ يەكشەنبە، دەرس يوق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەڭگىللىشىپ قالدى. ئالدىدىكى دوسكىدا ئەمدى ئىنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان ساۋاقدىشىدىن بىرسى قىزىقچىلىق قىلىپ oh my baby l love you دېگەن خەتنى قىڭغىر-قىيسىق يېزىپ قويغانىدى، سىيىت قارى ئېقىمغا ئەگىشىپ ئازراق ئىنگلىزچە ئۆگىنىپ باققانىدى، دوسكىدىكى خەتلەر ئۇنىڭغا تونۇش ئىدى ... سىيىت قارى ئۇ خەتكە بىر دەم قاراپ ئولتۇردى، ئاندىن ئۇنى كۆڭلىدە نەچچە قېتىم ئۆز تىلىغا ئۆرۈپ-چۆرىدى: « ئاھ ئۇمىقىم، ئاھ گۈزىلىم، ئاھ تاتلىقىم، ئاھ چىرايلىقىم، ئاھ سۆيگۈنۈم...»، «سىنى ياخشى كۆرىمەن، سىنى سۆيىمەن، ساڭا ئاشىقمەن...».
سىيىت قارىنىڭ شېئىر يازغۇسى كەلدى، ئىلھامى يىراقتىن قول پۇلاڭشىتىۋاتاتتى، ئۇ قول زۆھرەنىڭ قولىغا ئوخشايتتى. ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدە ھازىر مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىش، ھېسسىياتىنى نەق ئىپادىلەش تەقەززاسى جۇش ئۇراتتى، مۇنداق بىر پىكىر دىۋەيلەپ تۇراتتى: بۇ دېگەن نەۋائى زامانى ئەمەس، تەرەققىيات، تېزلىك زامانى، ياخشى ئىشنى ۋاقتىدا قىلمىساڭ شەيتان ئارىلاپ قالىدۇ...
سىيىت قارى نېمىلا بولمىسۇن بىر خەت يېزىشى كېرەكلىكىنى، بۇ «يول خېتى» ئارقىلىق بەخت مەنزىلىگە تېزرەك يېتىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئارقا ئورۇندا بىر ساۋاقدىشى ئۆيىگە خەت يېزىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن ئۈچ ۋاراق سوراپ ئالدى، قەلەمنى چىڭ سىقىملاپ، يۈرەكلىرىنىڭ سوقۇشىنى تىڭشاپ بىر دەم ئولتۇردى، بۇ خەتنى قانداق يېزىش كېرەك؟ قىزنى قانداق تەسىرلەندۈرۈش كېرەك؟ قارىملىق سۈپىتىنى قانداق ساقلاش كېرەك؟ بۇ راستتىنلا تۇنجى سۆيگۈ مەكتۇبىمۇ؟ سىيىت قارى بىردىنلا ناھايىتى چوڭ بىر بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. بۇنداق ئولتۇرسا بىر نېمە يازالمايتتى، قەغەزنى جىجىلاپ بويۇۋېتەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھىسلىرى قايناپ تۇراتتى، ئىچىدىكى ئوتنى پەسەيتىش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ خەتنى مەشىق ھېسابىدا يېزىپ، ئارقىدىن يەنە بىر قېتىم تۈزىتىپ توغرىلاپ، ئاققا كۆچۈرۈپ، مۇۋاپىق بىر پەيتنى تېپىپ ئاندىن قىزغا بەرسە بولاتتى. شۇ نىيەتكە كەلگەن سىيىت قارىنىڭ قەلىمى بەيگىگە قويۇۋېتىلگەن ئاتتەك چېپىشقا باشلىدى.
10
خالىدنىڭ خوتۇنى كەتكەندىن كېيىن زۆھرەنىڭ كۈندە بازار ئايلىنىپ، باغچىغا بارىدىغان ئىشلىرى تۈگەپ، ئۆيدە بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ياشاشقا باشلىدى. ئەرەب جۇۋان ئىلگىرى باش ئەلچىنىڭ خوتۇنىدەك دەھشەت پۇل خەجلىمىسىمۇ، يەنىلا خېلى خەجلەپ قوياتتى، چوڭ سودا سارايلىرىدىكى گىرىم-پەرداز، زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى، سومكا، ئاياغلارغا زوق-شوخ بىلەن سىنچىلاپ قارايتتى، ئۇششاق دۇكانلاردىكى جۇڭگوچە قول ھۈنەرۋەن بويۇملىرىنى قولىغا ئېلىپ ئەجەبىلەنىنىپ كۈلۈپ قوياتتى، يىپەك كۆينەك ۋە شارپىلارنى تۇتۇپ سىلاپ كېتەتتى، «جەمىل» دەپ ماختاپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى بوينىغا ئارتىپ ئەينەككە قارايتتى. سېتىقچىلار چەت ئەللىكلەرگە ئىنگلىزچىنى يامداپ سۆزلەپ بىر ياقتىن قىزغىن مۇئامىلە قىلسا، بىر ياقتىن باھانى نەچچە ھەسسە يۇقىرى قويۇپ تۇرۇۋالاتتى، چەت ئەللىكلەر، بولۇپمۇ ئەرەبلەر ئۇلارنىڭ دېگەن باھاسىدىن تۆۋەن سورايتتى. زۆھرە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەرەب جۇۋانغا بولۇشۇپ باھا تالىشىپ يۈرۈپ سودىلىشىشقا ئۇستا بولۇپ كەتتى، ماللارنىڭ ئەسلى باھاسىنى، ساتىدىغان يېرىنى ئوبدانلا بىلىپ قالدى. ئەرەب جۇۋان ئۆز دۆلىتىدە خوتۇنلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتەلەيدىغان، سوۋغاتلىققا يارايدىغان ماللىرىنى ئۈچ چامدانغا قاچىلاپ ئېلىپ كەتتى، مېڭىش ئالدىدا زۆھرەگە «تاپان ھەققى»ھېسابىدا يۈز يۈەن پۇل، بىر سومكا بەردى. ئەلچىخانىنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ، ھەيۋەت سودا سارايلىرىنى ئايلىنىپ، ئادەتتە تۇتۇپ بېقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ماللارنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ، ئەڭ ئېسىللىرىنى خىللاشقا پىشىپ قالغان زۆھرە بۇ شەھەردە پۇللا بولسا شاھانە ياشىغىلى، راھەتتە ئۆتكىلى بولىدىغانلىقىنى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك چوڭقۇر چۈشەندى. ئاياللارنىڭ ئەبەدىي قانماس كىيىم، گىرىم، زىننەت ھەۋىسىنى قوزغىتىپ ھاياجانلاندۇرۇپ تۇرىدىغان، قۇربى يەتمەيدىغانلارنى ھەر ۋاقىت ئارماندا قويىدىغان، مەئىشەتنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك لىققىدە تولدۇرۇپ تۇرغان سودا سارايلىرى، مەخسۇس ماركا سېتىش دۇكانلىرى... ھەتتا شۇنىڭ ئىچىدىكى چىرايلىق، ئېسىل ماللار، ئۇلارنىڭ رەڭگى، شەكلى، پۇرىقى، دۇكاندىكى باھاسى، چۈشۈرۈپ ئالالايدىغان باھاسى... زۆھرەنىڭ ئېسىدە چىڭ ساقلىنىپ قالدى. ئەرەب جۇۋان كەتكەندىن كېيىن پۇرسەت بولسىلا شۇ دۇكانلارغا بېرىپ، ئالالمىسىمۇ قاراپ بېقىپ كېلىدىغان بولدى. لېكىن ھەر قېتىم بارسا ئىچى ئارماندا ياناتتى، كۆزى كەينىدە قالاتتى.
خالىد خوتۇنى كەتكەندىن كېيىن كەيىپ-ساپانى يەنە باشلىۋالدى. ئۆز دۆلىتىدە ئىسسىق دەستىدىن كۈندۈزى ئۇخلاپ كېچىسى ھەرىكەتلىنىدىغان ئەرەبلەر پەرەڭلەر ۋە بېيجىڭلىق بايلار بىلەن بىر قاتاردا بېيجىڭنىڭ كەچلىك سودىسىنى، ئىشرەتخانىلىرىنى قىززىتىپ تۇراتتى. ئەلچىخانا نومۇرى ئېسىلغان ئېسىل پىكاپلار ئوينايدىغان، قاينايدىغان يەرلەرنىڭ ئالدىدا تىزىلىپ تۇرۇپ كېتەتتى. ئادەتتە خىزمەت ۋاقتىدا بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلمەي ئۆتىدىغانلار شۇنداق يەرلەردە دوقۇرۇشۇپ قالاتتى، ھىجىيىشىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. كونا خۇمارىدىن كېچەلمىگەن خالىد ھەپتە ئارىلىقلىرىدا سىرتتا كۆڭۈل ئېچىپ، ھەپتە ئاخىرى يېرىم كېچىدە بىر سەتەڭنى باشلاپ كېلەتتى.
زۆھرە كۈندۈزى تېلېۋىزور كۆرۈپ، ئانچە-مۇنچە سېرىق كۆرۈنۈشلىرى چىقىدىغان كىنو كۆرۈپ، ئۇنىڭ تىلىنى تولۇق چۈشىنىپ بولالماي ئىچى پۇشۇپ، ئىنگلىزچە كىتاب كۆرۈپ، ئارقىدىن ئەسىنەپ ئۇخلاپ قالاتتى، كۈندۈزى ئۇخلىۋالغاچقا كېچىلىرى ئۇيقۇسى كەلمەي ئۇياق بۇياققا ئېغىناپ خىيال سۈرۈپ ياتاتتى، بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قالايمىقان چۈش كۆرەتتى، چۈشلىرى پارچە-پارچە ئەينەككە ئوخشايتتى، ئۇنىڭدا ئاجايىپ-غارايىپ، ۋەھشىي كۆرۈنۈشلەر ۋىل-ۋىل چاقنايتتى، ئارىلاپ-ئارىلاپ سېرىق كىنونىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر نەرسىلەر چىقاتتى، قىزىق يېرى، ئەتىسى دەل مۇشۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ ئېسىدە قالاتتى. ئۇنىڭ ئەنسىز خىياللىرى گاھىدا چۈشىدە رېئاللىققا ئايلىنىپ، بەدىنى ئېغىر تاشتەك مىدىرلىيالماي ھېرىپ ھالىدىن كېتەتتى، چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ ئويغىنىپ كېتەتتى...
زۆھرە خالىدنىڭ ئۆيىدە ئەنسىز كېچىلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. بىر شەنبە كېچىسى ئۇ نېرىقى ھۇجرىدىن چىقىۋاتقان ئەسەبىي ئاۋازلاردىن سەگەكلىشىپ، نېرۋىسى ئۆرلەپ تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىماي چىقتى. ئەتىسى خېلى ۋاق بولغاندا چۇۋۇق چاچلىرى يۈزىنى يېپىۋالغان بىر سەتەڭ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ خېلى ئۇزۇندا چىقتى، ئىسكەتىنى ئوڭشاپ، كىيىمىنى تۈزەپ كىيىپ، سومكىسىنى ئېسىپ چىقىپ كەتتى. زۆھرە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ سەسكىنىپ كەتتى، ئۇ رەسۋا ماتۇڭغا سۇ ماڭغۇزۇۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى قەستەن شۇنداق قىلغانىدى. زۆھرە ماتۇڭدىكى يوپۇقنى سۆكۈپ تاشلىۋەتتى، نەچچە رەسۋانىڭ ساغرىسىنىڭ ئىزى قالغان، بەلكىم سۈيدۈكى چاچراپ كەتكەن بۇ يوپۇقنى فىلىپپىنلىق ئايال يۇياتتى، بۇ ئايالنىڭ ئەتكەن تامىقىنى خالىد يەيتتى، زۆھرەمۇ يەيتتى. زۆھرە ئۆزىنىڭ ئاللىقانداق بىر بۇلغىنىش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ كۆڭلى ئېلىشىپ، تېنى تىكەنلىشىپ كەتتى. ئەمما بۇ ئۆينىڭ باشقا يېرى راھەت ئىدى، كۈن چۈشۈپ تۇراتتى، ئايرىم ھۇجرىدا زۆھرە خالىغان ئىشىنى قىلالايتتى، تورغا كىرىپ تونۇشلىرى بىلەن پاراڭلىشاتتى، تېلېۋىزور، DVD كۆرەتتى، ئۆيگە نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن پەسكە چۈشسىلا ئاۋات كوچا، قايناق بازارنىڭ نەق ئۆزىگە بارالايتتى.
خالىد كۈندە دېگۈدەك چۈشكىچە ئۇخلايتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى غىردىۋېتىپ، چاچلىرىنى مايلاپ پارقىرىتىپ، ئالماشتۇرغان كىيىمىگە كۈچلۈك ئەتىر چېچىپ، فىلىپپىنلىق ئايال چۈشكە ئۈلگۈرتۈپ تەييارلىغان تامىقىنى يەپ، زۆھرەگە بىر ئىشلارنى تاپىلاپ، ئاندىن پەسكە چۈشۈپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ نەگىدۇر كېتەتتى. زۆھرە فىلىپپىنلىق ئايال ئەتكەن ئاشنى يېمەي، پەسكە چۈشۈپ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا كىرەتتى ياكى ماكىدونالد، كېنتاكىنىڭ توخۇ گۆشى ۋە بولكىلىرىنى يەيتتى. زۆھرە بىر قېتىم كوچىدىن كېلىۋېتىپ يولدا ئۆزىنى جىڭلاپ كۆردى، 10 كىلو سەمرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ئۆيگە كېلىپ، ھۇجرىسىغا كىرىپ، كىيىمىنى سېلىپ تاشلاپ تىكلەنمە ئەينەككە قارىدى، قورسىقى بىر ئاز چىقىپ قالغانىدى، ئۇ قورسىقىنى مۇجۇپ، بىر قەۋەت بۇ نىجىس ماينىڭ قانداقلارچە قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېچ بىلەلمەي ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئولتۇرغاندا يەنە قارىدى، قورسىقى سەل قاتلىشىپ قالغانىدى، ئۇ بۇ قورساق ئۆزىنىڭ قورسىقى ئەمەستەك يېنىش-يېنىشلاپ قارىدى، ھەر بىر قارىغاندا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك جىلە بولدى، بىر ئاي بولا-بولمايلا ئۆزىنىڭ بۇنچىلىك سەمرىپ كەتكىنىگە ھېچ ئەقلى يەتمەيتتى، مەكتەپتە كۈندە ئالدىراش چېپىپ يۈرۈپ نورمال ساقلىنىپ كەلگەن شۇ بەدەن ۋە ئېغىرلىق نەگە كەتتى؟ بۇ بەدەن ئەمدى جانغا ئارتۇق بىر يۈك بولدى، ھەتتا بۇ جانمۇ بىر يۈك بولدى، ئۇنى باقماق نېمانچە تەس-ھە! زۆھرە ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ، قۇرۇقدالغان كاللىسىغا كۆڭۈلسىزلىكتىن باشقا ھېچ نېمە كەلتۈرەلمەي، بۇ كۈنلەرنىڭ ئۆزىگە ھۇرۇنلۇق، سېمىزلىكتىن باشقا زادى نېمە بەخش ئېتىدىغانلىقىنى ھېچ بىلەلمەي، خالىد باشلاپ كېلىۋاتقان سەتەڭلەرنىڭ ئايىغىنىڭ قاچان ئۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئۆيدە، بۇ ھۇجرىدا قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتسە نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەي، غەم-ئەندىشە تاشلىرى ئىچىدە قۇرتتەك تۈگۈلۈپ ياتتى، خېلى ئۇزاق ياتتى، ئېزىلىپ ياتتى، بەدىنى شۇ پېتى يالىڭاچ، چاچلىرى ھېلىقى سەتەڭنىڭ چاچلىرىدەك چۇۋۇق ئىدى. مۇشۇنداق ھالەتتە يېتىشتىن زۆھرە ئۆزىنىڭ نومۇس قىلمىغىنىغا، قوپۇپ كىيىمىنى كىيگۈدەكمۇ مادارى قالمىغىنىغا ھەيران قالدى. ئەمما ھەيران قېلىپ قانداق قىلاتتى، ھەيرانلىقتىن، دېلىغۇللۇقتىن، پۇشايماندىن نېمە پۈتەتتى، نامازمۇ تاشلىنىپ كەتتى، ھازىر ئۇنى قايتا باشلاپ ئوقۇش زۆھرەگە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر بىر يۈك بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولمىسا ناماز قانداق خوشياقىدۇ، نامازنىڭ كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدىغانلىقىنى ئۇ بۇرۇن بىلەتتى، ھازىر ئاساسەن ئىشەنمەسلا بولدى ياكى ئىشەنسىمۇ بىپەرۋا قارايدىغان بولدى.
فىلىپپىنلىق ئايالنىڭ قورسىقىدا قالغانلىقى مەلۇم بولدى، زۆھرە دوختۇرخانىغا بىللە بېرىشىپ بەردى، جىنى چىڭ بۇ ئايال ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ ئەرلەرنىڭ نەپسىنى قاندۇرغۇچىلىك ئەپتى بار ئىدى، بۇنىڭغا ئۆزىمۇ رازىدەك كۆرۈنەتتى ھەم شۇنداق ياشايتتى. زۆھرە خالىدنىڭ ئاشخانىدا ياكى ئۆينىڭ ئىچىدىلا بۇ ئايالنىڭ ساغرىسىنى بەزىدە سىلاپ ياكى چىمداپ قويىدىغانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆرگەنىدى. بۇ ئايالمۇ ھېچنېمە بولمىغاندەك كۈلۈپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋېرەتتى.
11
سىيىت قارى زۆھرەنىڭ ياتىقىغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىىكىنى ئۇقتى، زۆھرەنىڭ دەپمۇ قويماي ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى، نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشى سىيىت قارىغا قاراڭغۇ ئىدى، بىر يەرگە مۇقىملىنىپ قالغان كۆڭۈلنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان بۇ ئۆزگىرىش سىيىت قارىنى تەمتىرىتىپ قويدى. ئۇ ھېلىقى ئاخشىمى يازغان خېتىنى نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىپ، پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئاققا كۆچۈرۈپ تەييار قىلىپ قويغانىدى، بۇ خەتنى ئوقۇسا زۆھرەنىڭ چوقۇم تەسىرلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركەكلىك كۈچىگە بەك ئىشەنچ قىلالمىسىمۇ بىر نەرسە يازالايدىغان قابىلىيىتىگە، ئۆزىگە ئالاھىدە تۇيۇلىدىغان قەلەم قۇۋۋىتىگە خېلى ئىشىنەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قەلبىگە بارغانچە پاتماي قېلىۋاتقان ھېسسىياتىنى ياشلىقنىڭ خاسىلاتى دەپلا ئەمەس، كۆپىنچە شائىرلىق مىجەزىنىڭ مەھسۇلى دەپ چۈشىنەتتى. ئۇ نەچچە قېتىم زۆھرەنىڭ مەكتىپىگە خەتنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بېقىشنى ئويلاپ يەنە يالتايدى، ئېنىق بىر نىشان يوقالغانىدى، بارسىمۇ ئېزىپ تەمتىرەپ سوغۇققا توڭۇپ يېنىپ كېلەتتى، نامىزىنى قازا قىلاتتى، ئاپتوبۇستا تەتەيخانلار ساغرىسىنى سۇۋاپ زىددىيەتلىك بىئاراملىقنى پەيدا قىلاتتى. ئىشقىلىپ، مەكتەپ قورۇسىدىن چىقسىلا شەھۋەت توزۇندىلىرىنى توشۇپ يۈرگەن شەھەر ھاۋاسى ئۇنىڭ نەپسىنى بۇغۇپ قوياتتى؛ ھەر بىر قېتىم سىرتقا چىقىپ كەلسە كۆڭلى يامان بىر ۋەسۋەسىگە گىرىپتار بولۇپ، ئىمانى سۇسلىشىپ قالاتتى. سىرتتا يامان ھەۋەسىنىڭ قىيناشلىرىدىن كېسەلجان بولۇپ سۆرىلىپ يۈرگەن روھسىز ۋۇجۇدى مەكتەپكە كىرگەندە ساقىيىپ قالغاندەك بولاتتىيۇ، كېسەلنىڭ ئاسارىتى يەنە ساقلىنىپ قالاتتى، تالاغا چىققاندا قايتا قوزغىلىش خەۋپىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈمىدى زۆھرەنىڭ تېلېفونىدىلا قالدى، ياتاقداشلىرىدىن ئارىلاپ «ماڭا بىرسىدىن تېلېفون كەلدىمۇ؟» دەپ سورايتتى، ئۇلار بۇ قارىمدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن ئاز-تولا خەۋەردار ئىدى، بەزى ئىشلىرى يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلاتتى، «بىر قىزدىن تېلېفون كەلدى، ئىسىمىنى دېگىلى ئۇنىمىدى، كىم ئۇ؟» دەپ گەپكە سالاتتى.
زۆھرەدىن تېلېفون كەلمىگەنچە سىيىت قارى تېخىمۇ جىمىغۇرلىشىپ كەتتى، مەكتەپ قورۇسى، سىنىپ، ياتاق، ھەتتا ئاشخانىلارمۇ ئۇنى بۇرۇقتۇرما قىلىشقا باشلىدى. گاھىدا ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ مىجەزىگە، نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇپ كېتىۋاتقان بۇ دىننى بىكارغا ئۆگىنىۋاتقاندەك، نەچچە شەھەرنى ئاتلاپ بۇ يەرگە كېلىپ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك، مەكتەپنىڭ مومىىسىنى يەپ، دىندىن يىراقلىشىپ، ئەڭ ياخشى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋاتقاندەك ئوسال تۇيغۇغا كېلەتتى، گاراڭلىقتا ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى، غۇرۇر بىلەن قوغدىلىپ تۇرغان تەنھا قەلبىنىڭ دېرىزىسىدىن زۆھرەگە قارايتتى، بۇ دېرىزە خىرەلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ بىرەر يېڭىلىق، تۇيۇقسىز بىر شادلىق ئىزدەپ تويماي قارايتتى. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە يېزىپ قويۇشىنى چوڭ بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ئاشۇنداق مىجەزىنى، مەجنۇنلۇقىنى بىر-بىرىگە باغلاپ چۈشىنەتتى. بىر كۈنى چۈشتە ئۇ سۇخانىدا كىر يۇيۇۋاتاتتى، ياتاقدىشىدىن بىرسى ناھايىتى جىددىي چاقىردى:
— سىيت قارى، تېلېفون!
ئۇ ماغزاپ يۇقى قولىنى سۈرتە-سۈرتمەيلا ياتىقىغا يۈگۈردى، ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنى بېسىۋالدى، ياتاقداشلىرىدىن بىر نەچچىسى كارىۋىتىدا قاراپ تۇراتتى، ئۇ ئالدىرىماي بېرىپ تېلفوننى قولىغا ئالدى، گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى تىترىتىپ تۇراتتى:
— ۋەي كىمۇ؟
تونۇش، زىل ئاۋاز تېلېفون سىمى بىلەن تەڭلا يۈرەكنى جىغىلدىتىپ يېتىپ كەلدى:
— مەن، زۆھرە، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
سىيىت قارى ئۆزىنى تەبىئىي تۇتۇشقا تىرىشسىمۇ، ئاۋازى يەنىلا بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەپ تۇراتتى:
— ھە، ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟
— مەنمۇ ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، ئۆگىنىشلىرىڭىز ئالدىراشمۇ؟
— ئانچە ئەمەس، سىزگە تېلېفون قىلسام كۆچۈپ كەتتى دەيدىغۇ؟
— ھە شۇ، بىر يەردىن ئىش تاپقانىدىم، سىزگە دەپ قوياي دەپ...
— تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بېرەمىسىز؟
— ھازىرچە مۇقىم تېلېفون يوق. ئىش بولسا مەن سىزگە تېلېفون قىلاي.
— ھە مەيلى...
— ئەمىسە خوش، كېيىن كۆرۈشەيلى.
— ھە ماقۇل، خوش، ئاللاھقا ئامانەت.
سىيىت قارى « ئاللاھقا ئامانەت » دېگەن گەپنى دەپ بولغۇچە زۆھرە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
مەيلى نېمىلا بولسۇن زۆھرەنىڭ تېلېفون قىلىشى ۋە ئىش بولسا ئۆزۈم تېلېفون قىلىمەن دەپ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى سىيىت قارىنى خېلىلا خوش قىلدى. ياتاقداشلىرىنىڭ بەزىلىرى قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋېلىپ قىرائەت تىڭشىسا، بەزىلىرى ئابدۇللانىڭ، تاشمۇھەممەتنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايتتى. بىر بۇلۇڭ، تۆت كۇلۇڭدىكى بۇ ئوپچە ھايات ئىچى پۇشۇش، بىر-بىرىنى كۆزىتىش، بىر-بىرىدىن ئىلھام ئېلىش، بىر-بىرىگە ھەيدەكچى بولۇش، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا باھا بېرىش، كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى بىر-بىرىگە مەلۇم قىلىش... ئىلكىدە داۋاملىشاتتى.
— كىم قىز ئۇ؟- دېدى بىر نەچچىسى تەڭلا.
— بىر يۇرتلۇق قىز.
سىيىت قارىنىڭ كەيىپى ياخشى ۋاقىتىدىن پايدىلىنىپ ھەممىسى دېگۈدەك بېشىنى كۆتۈردى:
— نېمە ئىش قىلىدۇ؟
— ئوقۇيتتى، ھازىر ئىشلەۋېتىپتۇ.
— نەدە ئىشلەيدۇ؟
— ئۇقمايمەن.
— سەن ئۇنىڭ بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالغان؟
ئوپچە پاراڭلار بىردەمدە پارتلاپ چىقىشقا باشلىدى:
— جىم يۈرگەن بىلەن ئىچىدە جىق گەپ بار بۇنىڭ...
— شۇڭا توختىماي شېئىر يېزىپ يۈرۈيدىكەنسەن-دە...
— تەلەپ خېتى يازدىڭمۇ؟
— يازدىغۇ دەيمەن، قارىسام بىر خەتلەرنى يېزىپلا يۈرەتتى.
— خېتىڭنى بىزگە كۆرسەتمەمىسەن؟
— ھەي، ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز، بىزنىڭ باللا بوش ئەمەس جۇمۇ!
— ئۇنداق ئىش يوق،- دېدى سىيىت قارى قايسى بىرىگە جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي ئوڭايسىزلىنىپ،- ئۆيىدىن خالتا ئەۋەتكەن، شۇنى ئاپىرىپ بەرگىلى بېرىپ تونۇشۇپ قالغان. باشقا ئىش يوق.
— بىر كۆرۈپ ئاشىق بىقارار بولۇپ قالغانسەن ھەرقاچان؟
— قىز بالا دېگەن رەسىمى شەيتان-دە!
— قانداقراق قىز ئۇ، سىنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن يەنە...
__ ئانداق دېمەڭلار، سىيىت قارى ئانداق سېرىق چاچ قىزلارنى ياراتمايدۇ..
__ چېچىنى كۆرگەندەك گەپ قىلسەنغۇ، بىزنىڭ سىيىت قارىغا سۇمبۇل چاچلىق، قەلەم قاشلىق، ياغلىق چىگىدىغان قىز كېرەك.
__ ئۇ قىز بەش ۋاق ئوقۇمدۇ يا؟
_ — ئوقۇيدۇ،- دېدى سىيىت قارى كەيىپىنى بۇزماي ئىتتىك جاۋاب بېرىپ،- ئۇ قىز مەندىن قۇرئان سورىغانىدى، ئاپىرىپ بەرگىلى بارغان.
— ئانداق بولسا ئوقۇتۇپ موللا قىلىۋالغۇدەك قىزكەن. مۇشۇنداق قىزنى تاللاش كېرەك، مۇشۇنداق قىزنى خوتۇنلۇققا ئالسا بولىدۇ.
— قارىمنىڭ كۆزى جىڭ مال تونۇيدىكەن جۇمۇ، خوتۇندىن تەلىيى كەلگۈدەك...
— شۇ قىزنى چىڭ تۇتۇڭلا سىيىت قارى، تېپىلغۇسىز قىزكەن.
— شۇنى دەيمەن، مۇشۇنداق قىز بىلەن مۇھەببەتلەشسە گۇناھ بولمايدىغۇ دەيمەن.
__ بىزنىڭ سىيىت قارى مۇھەببەتلەشسىمۇ تاھارەت ئېلىپ مۇھەببەتلىشىدۇ.
— مۇھەببەتلەشتىم دەپ بەك زامانىۋىيلىشىپ كەتمەيلى جۇمۇ سىيىت قارى، نىكاھ ئوقۇپ بولغۇچە قولنىڭ ئۇچىنى تۇتمايلى. كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىپ، پۈتۈشۈپ قويساق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە ھارام!
— ھەي ئاز گەپ قىلىڭلا تاھىراخۇن، پەتىۋا بەرگىلى يامان ئۇستىكەنسىلە...
— مەن ئىچىمدىن چىقىرىۋالمىدىم، فىقھى كىتابلىرىنى كۆرۈڭلا، چىقىدۇ.
— فىقھى ئەھكاملىرىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىسىلە، بىلىپ تۇرۇپ مەكتەپمۇ مەكتەپ يۇرتلۇق ئىزدەپ قىزلارنى كەلتۈرۈپ يۈرۈيسىلە...
— ئادەمگە تۆھمەت قىلماڭلا جۇمۇ، گۇناھ بولىدۇ، يۇرتلۇقنى ئىزدېگەن گۇناھمۇ؟
— مانا ماۋۇ سىيىت قارىمۇ يۇرتلۇقىنى ئىزدەپ مۇھەببەت تېپىۋاپتىغۇ؟ سىلە ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشسىلە.
— ئاداش تولا يوق گەپنى قىلماڭلا، ھالال-ھارامنى ئايرىيالمىساق يەردە ئوقۇپ نېمە قىلىمىز؟
— چاقچاق، ھەي، ھەممىسى چاقچاق، تېرىكمەڭلا. تازنى تاز دېسە ئاچچىقى كېلىدۇ، دەپ..
— مۇشۇمۇ چاقچاق بولدىما؟! دىنغا چاقچاق قىلمايلى ئاغىنىلەر...
تاھىر دېگەن بالا سەل تېرىكىپ قالدى، قالغانلار بۇنىڭ ھەممىسى چاقچاق، بىزدىن ھېچكىم مۇھەببەتلەشمىدى دەپ يەڭگىل پاراڭلارنى قىلىشىپ، ئۇنى-بۇنى دەپ ئاخىر جىم بولدى. ئۇلار پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ سىيىت قارىنىڭ «كىر يۇيۇۋاتاتتىم» دەپ چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قېلىشقانىدى.
سىيىت قارى كىرلىرىنى يۇيغاچ بايا بولغان گەپلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتى، زۆھرە سىيىت قارىنى ياخشى كۆرگەن، ئۇنى كەلگۈسىدىكى ئېرىم دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان بولسا، بۇ مەكتەپكە ئىزدەپ كەلگەن بولسا-ھە، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قالسا، زۆھرە ئۇلارنىڭ كۆز نۇرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ سىيىت قارىنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئەكېلىڭ، مەن يۇياي» دەپ مۇشۇ كىرلىرىنى يۇيۇپ بەرگەن بولسا... سىيىت قارىنىڭ قولى توختاپ قالدى، بىر دەمدىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ، مازغاپقا چىلانغان كۇسىرىنى چىڭ مۇجۇپ، پوملاپ سىقىشقا باشلىدى.
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
3
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 10:06
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
12
خالىد بېيجىڭدىكى قېرىلارنىڭ كۈن-كۈنلەپ سېسىق كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ بېلىق تۇتىدىغانلىقىنى كۆرگەنىدى، بۇ سەۋرچان قېرىلار بىر كۈنى ھەتتا بىرەر تال بېلىقمۇ تۇتالمايتتى، ئەمما شۇ ئولتۇرغىنىغا رازى ئىدى، قارمىقىنى ئۇزۇن تاشلاپ، چىداملىق بىلەن بېلىق كۈتۈپ ئولتۇراتتى.
فرانسىيىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى ۋە چىلىمدىن غەرق پاڭ بولۇپ كەلگەن خالىد زۆھرەنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. زۆھرە قورقۇنچلۇق بىر چۈشتىن ئويغانغاندەك چۆچۈپ، خالىدنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىترەپ كەتتى. ئۇيقۇسى ئىتتىك ئېچىلىپ، كۆزلىرى ئەنسىز پاقىرىدى. ئۇ ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ياتقان بولسىمۇ، ئۈستىگە يەنە كىيىم كىيىپ ئىشىكنى ئاچتى. خالىد كىرىپلا ئۇنى پوكانغا بېسىپ كارىۋاتقا ياتقۇزدى. زۆھرەنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالدى، ۋاقىراشقىمۇ ماجالى يەتمەي جىنىنىڭ بارىچە تىركەشتى. ۋاقىرىغان بىلەن فىلىپپىنلىق ئايال بەرىبىر ياردەمگە كەلمەيتتى، بەلكى زۆھرەنىڭ بۇ ئەرەبنىڭ تېگىدە يېتىپ، ئىپپەت-نومۇسىدىن ئايرىلىپ، پېتىدىن چۈشۈپ يۇۋاشلاپ قېلىشىنى تىلەيتتى. ياۋاش كۆرۈنگەن ئۇ ئايال سىرتتا زەھەرخەندىلەرچە كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئايال خالىدنىڭ ئۆيىدە تەلەپ قىلىپ ئاچتۇرۇۋالغان تېلېۋىزىيە قانىلىدا پات-پات ئۆزلىرىنىڭ ھەم چەتنىڭ سېرىق كىنولىرىنى كۆرەتتى، شۇ كىنولاردا فىلىپپىن نامراتلار چۈمۈلىدەك دەسسلىپ ياشايدىغان، قارا گۇرۇھ، لۈكچەكلىك، قاتىللىق بۇزۇقچىلىق ئەۋج ئالغان بىر دۆلەت ئىدى، بۇ ئايالمۇ نە ئېرىنىڭ نە بالىسىنىڭ تايىنى يوق، پەقەت تىرىكچىلىك ئۈچۈنلا چەت ئەلدە مالاي بولۇپ، تېنىنى، كۈچىنى سېتىپ ياشايتتى. زۆھرەدەك بىر مۇسۇلمان قىزنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق، بىكار يېتىپ مۈشۈكتەك ئۇخلاپ، ئۆزىدىن جىق ئىش ھەققى ئالىدىغىنىغا قورسىقى كۆپەتتى، ئەمما تېشىدا ھەرگىز بىلىندۈرمەيتتى. زۆھرە فىلىپپىننىڭ سېرىق قانىلىدا چىقىدىغان قارامتۇل، كۆرۈمسىز ئادەملەرنى، يېقىمىسىز مەنزىرىلىرىنى، پ تاۋۇشى كۆپ تەكرارلىنىدىغان، سەڭ ئاڭلىنىدىغان تىلىنى ياقتۇرمايتتى. فىلىپپىندىكى دېڭىز بويى خۇددى ئىككى جىنس بىرلىشىدىغان كۆڭۈللۈك يەر ئىدى، كىنودا دائىم مۇشۇنداق مەنزىرە چىقاتتى. دېڭىزنى كۆرگەندە ئۇ خوتۇن ھاياجانلىنىپ بولالماي قالاتتى. زۆھرە بۇنى كۆرۈپ جىلە بولۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتەتتى. تېلېۋىزور تالىشىپ بەزىدە ئۇ خوتۇن بىلەن سۈركىلىشىپمۇ قالاتتى. پەقەت چەتنىڭ كىنوسى بېرىلگەندە بىللە كۆرەتتى، ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپمۇ قوياتتى... ئىش قىلغاندا بۇتتەك ھېسسىياتسىز، كىنو كۆرگەندە ئېغىنى تۇتۇپ ھېسسىياتلىنىپ ئولتۇرىدىغان بۇ خوتۇن زۆھرەگە ھەر ۋاقىت يات، چۈشىنىكسىز، قىزىق تۇيۇلاتتى، چۈشەنگىنى پەقەت ئۇنىڭ ئۆز خوجايىنىغا بولغان ئىتائەتمەنلىكى، ئۆي ئىشىنى شەرتسىز ئورۇندايدىغانلىقى، لازىم دېسە ئار-نومۇسىنىمۇ قايرىپ يېتىپ بېرىدىغانلىقى، پۈتۈن دەسىمىيسىنى چىقىرىپ جىنىنى جان ئېتىدىغانلىقى ئىدى. بۇ خوتۇننى ياردەمگە چاقىرسا كېلىپ زۆھرەنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ بەرسە بېرىدۇكى، خالىدنى ھەرگىز ئاجراتمايدۇ. زۆھرە ۋاقىرىيالمدى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىيىم سېلىپ تاشلاندى، ئۇخلاش كىيىمىمۇ سالدۇرۇلدى، خالىدتىن نەپەسىنى غىدىقلايدىغان كۈچلۈك ئەتىر ۋە ھاراق پۇرىقى كېلەتتى. زۆھرەنىڭ پەقەت كۇسىرىلا قالغان بىلەن خالىد تېخى ئۆزىنىڭ كىيىمىنى تولۇق سېلىپ بولالمىغانىدى. زۆھرە بوغۇزلىنىش ئالدىدىكى قويدەك تېپىرلاپ، كۆزلىرى ھالسىز پارقىراپ قالدى. ئۇ بەئەينى ئاجىز بىر توشقان ئىدى، خالىدنىڭ بەدىنىدىكى قاپقارا، قويۇق تۈكلەر ئېزىقىپ چىققىلى، قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇ جاڭگاللىقتەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ھەر قېتىملىق ناشايان ئىشتا بىر يېڭىلىقنى ئىزدەيدىغان خالىد يىللاردىن بېرى كۆرۈپ باقمىغان بۇنداق نازۇك، جەلپ قىلارلىق ھالدىن شادلىنىپ قىن-قىنىغا سىغماي كەتتى، شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى جاھاندا ئەڭ غالىب ئەر ھېسابلايتتى، مامۇق كارىۋاتتا شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك كۇسىرىنى قاماللاپ تىترەپ تۈگىلىپ ئولتۇرغان، مۇسۇلمان دېگەن بىلەن ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرگىلى بولمايدىغان، نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان بىر مىللەتنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكىنى، جەزبىسىنى، پۇرىقىنى، تەمىنى، لەززىتىنى مۇجەسسەملەپ تۇرغان بۇ نازىنىىن قىزنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىگە بولۇش ئىستىكى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ھاياجاندىن ئاغرىتىپ تۇراتتى.
ئەڭ باشتا خالىدنى كۆرگەندە ئۇ قىزنىڭ كۆزلىرى مۇشۇ پەيتنىڭ ھامان بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك ئەندىككەنىدى، مانا مۇشۇ ئەندىكىشتىن ئەكس ئەتكەن پاكلىق، گۈزەللىك خالىدنىڭ بۇ قىزغا ئىگە بولۇش ئىستىكىنى تېخىمۇكۈچەيتكەنىدى. خالىد كۈتتى، ناھايىتى چىداملىق بىلەن كۈتتى، ئىلگىرى ھەر قېتىم ئۇ زۆھرەگە سەپسالغىنىدا جۇڭگولۇققا ھەرگىز ئوخشىمايدىغان، ئىرانلىققا ئوخشاپ قالىدىغان (ئۇ كۆڭلىدە ئۇنى ئەرەب ئاياللىرىغا ئوخشىتىشىنى خالىمايتتى) بۇ مۇسۇلمان قىزنى چېكىپ باقمايلا ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ قانداق ئاقىۋەت بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەي دېلىغۇل بولاتتى. بۇ ئاخشىمى قەتئىي قارارغا كەلدى، شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تىكلىنىپ تۇراتتى.
خالىد زۆھرەنىڭ قولىنى قايرىپ كۇسىرىغا ئېسىلدى، زۆھرەنىڭ خىيالىدا ئاچىسى پەيدا بولدى:
— قىزلىقىڭغا قۇلپا سال دېمىگەنمىدىم ساڭا! ئىشتان بېغىڭ نېمانچە بوش!
— ئەرگە تېگىپ بولدۇڭمۇ قىزىم ئەمدى،- دېدى ئانىسى يۇم-يۇم يىغلاپ.
ئاتىسى ھەسرەتلىك كۈلۈپ قويۇپ، يانچۇقىدىن موخوركا ئېلىپ ئاچچىق شورىدى.
— زىنا دېگەن ئەڭ چوڭ ھارام، دوزاختا كۆيىسىز، قېلىن تېرىڭىز ئالماشتۇرۇلىدۇ، يەنە كۆيىسىز، تېرىڭىز يەنە ئالماشتۇرۇلىدۇ، يەنە كۆيىسىز... دېدى سىيىت قارى.
زۆھرە ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدى، جان جەھلى بىلەن تىركىشىپ خالىدقا بوي بەرمىدى. شۇ ئەسنادا ئۇ قارا باسمىسۇن دەپ ياستۇق ئاستىغا تىقىپ قويغان قۇرئاننى كۆرۈپ قالدى، بىر قولىدا كۇسىرىنى چىڭ سىقىملاپ، بىر قولىدا قۇرئاننى ئېلىپ ۋارقىرىدى:
— ھەي، ھەي، قارا ما قۇرئانغا.... بۇ ئىشىڭ ھارام! ھارام! ھارام!
ئۇ «ھارام»دېگەن گەپنى نەچچە قېتىم دەۋەتكەنلىكىنى ئۇقالمىدى، ۋارقىراپ ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتتى. شەھۋەتتىن كاللىسى قېيىپ، كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەي قالغان خالىد سىيىت قارى زۆھرەگە ئەكېلىپ بەرگەن، ئۇيغۇرچە قۇرئانغا چەكچىيىپ قاراپ قالدى. زۆھرەنىڭ چىرايى تاتىرىپ، تېگىپ كەتسىلا پارتلايدىغان بومبىغا ئوخشاپ قالغانىدى. خالىد بۇ ھالدىكى قىزنى زورلاپ نېمە لەززەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۇقالماي قالدى، قىزنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياش قۇرئانغا تاراملاپ چۈشۈۋاتاتتى. خالىد مۇشۇ چاغدىلا بۇ مۇسۇلمان قىزنىڭ ئەرەبلەر ئادەتتە قاتتىق تەلەپ قىلىدىغان، ئەركەك چىۋىن قونمىغان ئىپپەت-ھايالىق قىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. ھەۋەستىن قىزىپ كەتكەن ۋۇجۇدى تۇيۇقسىز سەگەكلىشىپ قالغان كاللىسىدا پايدا بولغان قەبىرە ۋە قىيامەت قورقۇنچىدىن بىر لەھزە تىترىدى، كالامۇللانى قالقان قىلىپ ئۆزىنى قوغداپ تۇرغان قىز گويا پەرىشتىدەك كۆرۈندى، بۇ بەلكىم كەيىپلىكتىندۇ، كەيىپلىكتە ئادەمنىڭ كۆزىگە قىزىل چاپان كىيىۋالغان مومايمۇ قىز كۆرۈنىدۇ.
— قۇرئاننى قوي،-دېدى خالىد پەسكويغا چۈشۈپ،- قۇرئاننى ئوقۇيالامسەن سەن؟
— ئوقۇيمەن،- دېدى زۆھرە جالاقلاپ تىترەپ تۇرۇپ.
— ئوقە قېنى، مەن بىر ئاڭلاپ باقاي.
زۆھرە تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن قۇرئاننى ئېچىپ، ئېچىلغان يەرنى ئوقۇي دەپ تۇرۇشىغا خالىد بولدى، ئوقۇما دەپ قولىنى سىلكىپ رەت قىلدى، ئۇ گەپ قىلغاندا قولىنى بەك ئىشلىتەتتى.
— قۇرئاننى قويۇپ، يېقىن كېلىپ مېنى بىر سۆيۈپ قوي...
زۆھرە چۆچۈپ كەتتى، خالىدنىڭ كۆزى، تىنىقلىرى جايىغا چۈشكەنىدى.
— چاققان بول، ھېلى بىكار يىرتىۋېتىمەن!
زۆھرە بۇ ئىشنىڭ بىر ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى بولۇپ قېلىشىنى تىلەپ، ئاستا كېلىپ خالىدنىڭ ساقال سوپۇنى پۇراپ تۇرغان يۈزىگە سۆيۈپ قويدى.
—يەنە سۆي، مېنى تەبىرىكلە، مېنى مۇكاپاتلا، چۈنكى مەن بۈگۈن نەپسىمنى يېڭەلىدىم.... ئېسىڭدىمۇ، باش ئەلچىنىڭ ھۇزۇرىدا ماڭا تەلمۈرۈپ قارىغانىدىڭ... بەلكىم باشقىلارغىمۇ شۇنداق قارىغانسەن... سىنىڭ شۇنداق ئېزىتقۇ بىر كۆزۈڭ باركى، شەيتانمىكىن دەيمەن سىنى...- خالىد بىر دەم ئىنگلىزچە، بىر دەم ئەرەبچە سوزۇپ، ئالدىرىماي سۆزلىدى، سۆزلەپ بولغاندا زۆھرەنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سېلىپ: گېپىم تۈگىدى... ئەمدى ئۇخلا دەپ، ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى.
زۆھرەنىڭ تىترىشى خېلىغىچە بېسىقمىدى، ھېچ رولى قالمىغان ئىشىكنى ئېتىپ، يوتقانغا پۈركىنىپ ئۈنسىز ياش تۆكتى، قىزلىقىدىن ئايرىلغان بولسا بەلكىم ئاغرىقلىرىنى ئۇنتۇپ قانغا قاراپ تاڭ ئاتقىچە يىغلاپ چىققان بولاتتى. ھېلىھەم بولسا بۇ ئەرەب نەپسىنى يېڭەلىدى، شۇنچە سەتەڭنى ئويناپ پىشىپ كەتكەن، ھەۋەسلىرىنى تاماق يېگەننىڭ ئورنىدا قاندۇرۇپ يۈرىدىغان بۇ ھايۋان بۈگۈن تۇيۇقسىز ئادەمگە ئايلىنىپ، ئالەمچە مەردلىك قىلدى، بۇنىڭدىن زۆھرە ئۆزىگە بۇ كېچە بىر ئامەت قۇشى كەلگەندەك ھېس قىلدى، خۇدادىن قورقۇپ بولسىمۇ ئۆزىنى ھەر ھالدا تىزگىنلىيەلەيدىغان بۇ پاھىشىۋازنىڭ نەپرەتكە ئەمەس، بەلكى ھۆرمەتكە لايىق تۇيۇلۇپ كەتكىنىگە ئەجەبىلەنەندى. سىيىت قارى تەقدىم قىلغان قۇرئاننىڭ خاسىيىتىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنى قايتا قولىغا ئېلىپ يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ كەتتى، خۇدانى ئۇنتۇپ، نامازنى تاشلاپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلدى. ئەتىدىن باشلاپ سەھەر تۇرۇپ يۇيۇنۇپ، نامازنى باشلاشنى ئويلىدى. ئەمما ئەتىسى كۈن چىققۇچە قوپماي ئۇخلىدى، چۈنكى ئۇ كېچىچە خىيال سۈرۈپ، خالىد يەنە كىرىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ ئۇخلىيالمىغانىدى، كۆزىنى يۇمسىلا خالىدنىڭ شەھۋەتتىن يانغان ئۆتكۈر كۆزى، تۈكلۈك مەيدىسى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئالاق-جالاق قىلىۋەتكەن قورقۇنچلۇق يېرى خىيالىغا كىرىۋالاتتى. ئەتىسى ۋاق ئويغانغاندا زۆھرە بەدىنىنى بىر قېتىم سىلاپ چىقتى، مەن تېخى قىز، بۇزۇلمىغان قىز دەپ ئويلىدى، يېنىك نەپەس ئالدى، بۇ يېنىك نەپەسىنىڭ، خۇشالىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. خالىدنىڭ قورقۇنچ ئارىلاش ۋەسۋەسە ئويغىتىپ ئۆتۈپ كەتكەن قوپال، تۈكلۈك بەدىنىنى، ساقال سوپۇنى پۇرايدىغان يۈزىنى، ئېسىگە ئېلىپ، كېچىدىن بىر قورقۇنچلۇق چۈش كۆرگەندەك، ئەمما ئۇنىڭ قاباھەتلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مۇھىم بىر غەلىبىگە ئېرىشكەندەك تۇيغۇغا كەلدى، كۆزىنى بىر نۇقتاىغا تىكىپ ئۇزاق ياتتى. قىزلىق بىكاردىن بىكار بۇزۇلۇپ كەتسە ئۇنىڭ جاراھىتى ساقايمايدۇ، شەلۋەرەيدۇ. قىزلىقىدىن ئايرىلغان قىز بوغۇزلاپ تاشلانغان ھارام مالدەك قانسىراپ ياتىدۇ، بىر ئۆمۈر خارلىنىدۇ، بۇ بىر ئۆمۈر خاپىلىق، بىر ئۆمۈرلۈك ئازاب ئەمەسمۇ؟...
ئېغىر ۋەقە، جىددىي خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەر كىمنىڭ كۆڭلىدە بىر خاتىرجەملىك ئويغىنىدۇ، زۆھرە ھازىر شۇ ھالدا ئىدى، كارىۋاتتا يېتىپ جىددىي خىيال سۈرەتتى: ئەگەر خالىد مېنى خوتۇن قىلغان بولسا بۇ باشقا گەپ ئىدى، لېكىن ئەرەبلەر ئالدامچىراق كېلىدۇ، لېكىن ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس. لېكىن خالىدقا ئالدىراپ ئىشەنگىلى بۇ لمايدۇ، لېكىن ئاخشام رەسىمى ئەركەكلىك قىلدى. لېكىن نېمىشقا مېنىڭ ئۇنى بىردىنلا ھۆرمەتلىگۈم كېلىپ قالدى؟! لېكىن... لېكىن... ئەگەر ئۇنىڭ خوتۇنى بولۇپ قالغان بولسام بۇ مامۇق كارىۋاتقىلا ئەمەس، پۈتۈن ئۆيگە، ماشىنىغا، خەجلىسە يەنە كېلىپ تۇرىدىغان پۇلغا، ئېسىل كىيىمگە، قىسقىسى ھەممە نېمىگە ئېرىشەتتىم... بۇنىڭغا ئاتا-ئانام، ئاچام نېمە دەيدۇ، مەھەللە كوي نېمە دەيدۇ، بۇلارنى ئويلىساملا ئۇششاق گەپ بېشىمنى قوچۇيدۇ، خۇدايىم ھەر كىمنىڭ رىزقىنى ئۆزىگە چاچقان، بارسام شۇ دېھقاندىن بىرسىگە تېگىمەن، ھازىر كادىر بالىلار تويلۇقى قىممەت بولسىمۇ كادىر قىزنى ئالىدىغان بولۇپ كەتتى. كادىرغىغۇ تېگىپ قالارمەن، لېكىن شۇنىڭ مائاشىغا تەلمۈرۈپ ئۆيىدە مالايدەك ئىشلەشكە، پۇل بەر دېسە كۆز ئالايتىشىغا، ھەتتا تىللاپ ئۇرۇشىغا چىداپ ياشىيالامدىمەن؟ ئەرگە تەگمەي باشقا ئىش قىلاي دېسە ماقۇللانماق، يول تاپماق، پۇل تاپماق ئاندىن تەس، بىزدە بارى شۇ ئېتىز، باقى بەخىشەندە ئېتىز! ئاتا-ئانام بار دەپ بارغان بىلەن بىرەر ھەپتە ئوبدان ئۆتىمەن، ئاندىن يەنە ئەتىۋارىمدىن چۈشىمەن، تۈگىمەس جاپا، توپا-چاڭ، ئاپتاپتىن، زېرىكىشلىك ئۆيدىن قۇتۇلالمايمەن،. يۇرتتىن، شۇلاردىن ئايرىلىپ چىقىشىمدىكى مەقسەت نېمە، ياخشى ياشاش، پاكىز تۇرمۇش كەچۈرۈش. ئۇلارنىڭ ئۇششاق گېپىدىن قورقۇپلا ئۆزۈم خالىغان تۇرمۇشتىن ۋاز كەچكۈم يوق، يۇرتقا قايتىپ توي قىلىشقا قەتئىي رايىم يوق. باش ئەلچىنىڭ داچىسىدىلا مەن ياشاش دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆردۈم، يېڭى ھاياتنىڭ پەيزىنى ھېس قىلدىم.
13
«پاك مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى» نى ئاچقان بىر يىگىت جاينامازدا ئولتۇرۇپ، ئاللاھتىن ھەر كۈنى بەرىكەت تىلەيتتى. چۈنكى بۇ ئاشخانىدا ھاراق سېتىلمىغاچقا، سودىسى تازا ئاقمايۋاتاتتى. خەنزۇلار تاماق يېگەندە ھاراق ئىچىدىغان بولغاچقا بۇ ئاشخانىغا ئانچە كەلمەيتتى. ئەرەبلەرگە يەنىلا ئۆزىنىڭ تامىقى ئەرزىيتتى، قىممەت بولسىمۇ، ئەرەبچە تائاملارنى چىقىرىدىغان «مىڭ بىر كېچە»رېستورانىغا باراتتى. باشقا مۇسۇلمانلار بۇ ئاشخانىنى بىلىپ كەتمەيتتى، يەنە كېلىپ ئورنى ئاۋات يەردە ئەمەس ئىدى. يىگىت مۇڭلىنىپ گىتار چالاتتى، مۇسۇلمان بولغان مانجۇ مۇھەببىتى ئاشخانىغا پات-پات كېلىپ، ئادەم كۈتۈپ مۇڭلىنىپ كەتكەن پاكىز جوزىلارغا قاراپ خورسىنىپ قوياتتى. ئىشتىن بىكار بولۇپ قالغان زۆھرە بۇ يەردە ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇراتتى. يەر ئاستى ياتاقلاردا بىللە يېتىپ ئوقۇغان، تېخى چەت ئەلگە چىقىپ بولالمىغان بىر-ئىككى دوستىغا پات-پات «ئىچىم پۇشۇپ كەتتى، بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەپ كېتىڭلار» دەپ تېلېفون قىلاتتى، بىر چاغدا ئادىلە دېگەن دوستى كەلدى، زۆھرە كۆڭۈللۈك كۈنلىرىنى ئەسلىتىپ، كۈلۈمسىرەپ يېتىپ كەلگەن دوستىنىڭ مەڭزىگە يۈزىنى يېقىپ تىنچلىق-ئامانلىق سورىدى. ئىككىسى خېرىدار كەلمىگەن ئاشخانىدا ئازادە ئولتۇرۇپ، تاماق چىققۇچە مۇڭدىشىپ كەتتى:
— يوقاپلا كەتتىڭ ئاداش، نەلەردە يۈردۈڭ؟
— سەنمۇ شۇغۇ، ئەرەبنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ بىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭ.
— ھەي، شۇ ۋاقىتلاردا ئەجەب كۆرۈشمەپتۇق.
— ئىزدىمىسەڭ سەن...
— ھېلىمۇ ئىزدەپ تېلېفون قىلغاندىمەن، بولمىسا سىنىڭمۇ كارىڭ يوق ئىدى مەن بىلەن...
— بولدى ئاداش، تاپا قىلىشمايلى. ھە، قانداقراق تۇرۇۋاتىسەن؟
— كۆرۈۋاتىسەنغۇ، مەشەدە ئىشلەۋاتىمەن.
— ئادەم كەلمەيدىغان ئاشخانىغا كىرىۋېلىپ بىكار قاپسەن دېگىنا؟!
— قانداق قىلىمەن، ئىش تاپالمىسام...
— ئۇ ئەرەبنىڭ ئۆيىدە نېمىشقا تۇرالمىدىڭ؟
— ھەي ئاداش، سۆزلىسەم گەپ تولا، ئەرەب دېگەننىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيسەن...
— سىنى بىر نېمە قىلمىغاندۇ؟
— توۋا دېگىن -دېدى زۆھرە ئىككى يېنىغا قاراپ،- بۇنداق گەپنى قىلىشمايلى...
— ئاداش، گەپنى ئوچۇق قىلىپ ياشايلى، بۇ شەھەر ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ.
— ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنداق گەپنى دېيىشسەك قانداق بولىدۇ؟
— ھېچنېمە بولمايدۇ، كاللاڭ سىنىڭ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، بۇ يەر سىنىڭ يېزاڭ ئەمەس، قورقۇپ ياشىساڭ ياشىيالمايسەن، يۈزۈڭنى قېلىن قىلىشىڭ كېرەك.
— ئۇنى دېمىسىمۇ مەن بۇ شەھەرگە قېلىنلىق قىلىپ چىققان...
— شۇ ئەمەسمۇ، ئۆيدىن ئاتلىدىڭ دېگەن گەپ، جاننى ئېلىپ قويۇپ تەۋەككۈل قىلدىڭ دېگەن گەپ. بىز مۇشۇ ئەركىن دۇنيانى دەپ ئۆيدىن ئايرىلىپ جاپا چېكىۋاتىمىز.
— بەزىدە مۇشۇمۇ كۈنمۇ، بۇنداق ياشىغاندىن كەتسەك بولمامدۇ دەپ قالىمەن، لېكىن يەنە بۇ شەھەردىن كېچەلمەيمەن... كاللام ساراڭ مېنىڭ...
— ياق، سەن تېخى بۇ شەھەردە قانداق ياشاشنى بىلمەي يۈرۈپسەن. جاپانى ئۆزۈڭ پۇلغا سېتىۋاپسەن.
— قانداق قىلاي، يۈگۈرۈپ بارغانغا بىر يەردىن ئاسان ئىش تاپقىلى بولمايدىكەن.
— بۇ نېمە ئۈچۈن، بىلەمىسەن؟ ھازىر جىمى ھوقۇق، پۇل ئەرلەرنىڭ قولىدا، ئاياللار بۇ دۇنيادا ياشايمەن دەيدىكەن، ئۇنى قانداق قىلىپ قولغا كىرگۈزۈشنى بىلىشى كېرەك.
— مەسىلەن، قانداق قىلىش كېرەك؟
— ئەقىللىق، نازاكەتلىك بولۇشۇڭ كېرەك. ۋاقتى كەلگەندە بەزى نەرسەڭنى قۇربان قىلىپ بەختكە ئېرىشىشىڭ كېرەك...
— مەن .. چۈشەنمىدىم...
— ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ قالىسەن، ھە قېنى دېگىنە، ئۇ ئەرەب قانداق قىلدى؟
— نېمىنى قانداق قىلدى دەيسەن؟
— ھەي، سەن گەپنى ئەپقاچما، ئۇ ئەرەب ساڭا چېقىلدىمۇ دەۋاتىمەن؟
— چېقىلماقچى بولغان... لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمىدى.
— قانداق قىلىپ؟ سەن پىچاق تەڭلەپ قارشىلىق كۆرسەتتىڭما؟
— ياق، قۇرئاننى كۆتۈرۈپ...
— پاھ، بۇ چارىمۇ بولىدىكەن-ھە، كېيىن قانداق بولدى؟
— ئىشلىمەي يېنىپ چىقتىم شۇ...
— ئىشلەۋەرسەڭ بولمامتى؟! ئۇنداق قىلىۋەرمەستى...
— ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم، ئادەمگە خاتىرجەملىك بەك مۇھىمكەن...
— قىززىقكەنسەن، خاتىرجەم ياشايمەن دېگەن ئادەم ئۆيۈڭگىلا كەتسەڭ بولمامدۇ، كېتىپ ئەرگە تەگسەڭ خاتىرجەم بولاتتىڭغۇ؟! بىز بۇ يەرگە پەقەت خاتىرجەملىكنى دەپ كەلدۇقما؟
— ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، سەن مەندەك ئۇنداق قورقۇپ، ئەنسىز ياشاپ باقمىدىڭ..
— مەن ئۇنداق ياشاشتىن بىزار، قورقۇپمۇ ئىشمۇ؟ قورقۇش بىلەن ئىش پۈتەمدۇ؟ قورقۇنچاق ئادەم ھېچنېمىگە تەۋەككۈل قىلالمايدۇ، بىر جايىدا تۈگۈلۈپ ياشايدۇ، بۇنداق ئادەمنىڭ قۇرتتىن نېمە پەرقى؟! بۇ گېپىم ساڭا تېگىپ كەتمىسۇن، لېكىن سەن قورقۇنچانلىقىڭنى تاشلا، تەۋەككۈل قىلىپ چىققان ئىكەنسەن ئاخىرىغىچە تەۋەككۈل قىل، يېزىلىقنىڭ كاللىسى بويىچە ئىش قىلىۋەرمە، بولمىسا مەشەدە ھاڭۋېقىپ، ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرىۋېرىسەن... سەندە چىراي دېسە بار، بىلىم دېسە بار، ئىنگلىزچە ئۆگەندىڭ، ئاشخانا دېگەندە كۆرۈمسىز، ساۋاتسىز قىزلار ئىشلەيدۇ، سەن بۇ يەرگە ھەقىقەتەن زايە كېتىپسەن...
زۆھرە بۇ گەپلەرنى ئىچى ئېچىشىپ تۇرۇپ ئاڭلىدى، ئادىلەنىڭ چىرايىغا، كىيىملىرىگە سەپسالدى. ئادىلەنىڭ چىرايىدىكى، ئۇچىسىدىكى نەرسىلەرنى يىغىپ يۆگەپ ساتسىا 10 مىڭ يۈەندىن كەم چىقمايتتى. زۆھرە ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقسۆڭەك خېنىم ئالدىدا چېنىپ ئولتۇرغان دېدەك قىزغىلا ئوخشايتتى، بۇ ھال ئۇنى بىئارام قىلدى، ئادىلەنىڭ نېمىسىگە تايىنىپ بۇنچە ئېسىللىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى:
— سەن ئامېرىكىغا چىقىمەن دەۋاتاتتىڭغۇ، قانداق بولدى؟
— ۋىزا ئالماق بەك تەسكەن، ئىككى قېتىم قايتۇرۇۋەتتى.
— نېمىشقا؟
— ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قېلىش خاھىشىم بارمىش. ئۇ يەردە ئېرىم ياكى ئاشنام بولسا، ھېچ بولمىسا بىرەر تۇغقىنىم بولسا بولارمىش...
— دېمىسىمۇ سىنىڭ شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىش نىيىتىڭ بارغۇ دەيمەن.
— ئەلۋەتتە، ئادەم يۇقىرىغا يامىشىشى كېرەك. شىنجاڭدىن كۇلى ياخشى، كۇلىدىن چەتئەل ياخشى... ئۇنى دەيسەن، بۇنى دەيسەن، ھەممىدىن يەنىلا ئامېرىكا ياخشى.
— مەنغۇ ئۇنداق خىيالمۇ قىلالمايمەن..
— خىيال قىلغان بىلەنلا ئىش پۈتەمدۇ، ھەرىكەت قىلىش كېرەك.
— ئەمدى نېمە ئىش قىلاي دەيسەن؟
— ئۇقمايمەن، ياشاپ باققاچ پىلان تۈزىدىغان گەپ.
— مەن نېمە ئىش قىلسام بولار؟ بىر يەردىن خىزمەت تاپسام بولاتتى.
— خىزمەتنىڭ گېپىنى قويۇپ، ئەمەلىي نەپ تېگىدىغان بىرەر ئىشنىڭ كويىغا كىر. سەن بىلەن بىزگە بۇ يەردە ھېچنەدە مۇقىم خىزمەت يوق. سەن شۇ ئەرەبنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتماپسەن، مەن بولىدىغان بولسام، ئۆيىدىن چىقماي، ئۇنىڭ پۇلىنى تازا خەجلەيتتىم... ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سىنى ئىزدىمدىمۇ؟
— ئىزدىمىدى، مېنىڭ قول تېلېفونۇممۇ يوق.
— ۋاي تېخىچە مۇشۇنداق يۈرەمىسەن، شۇڭا ئىش تاپالماي يۈرۈپتىكەنسەن-دە! ئۇنداق قىلماي ئەرزان بولسىمۇ بىر قول تېلېفونى ئال، بولمىسا ھەممە ئادەم سىنى ئۇنتۇپ قېلىپ تاشلىۋېتىدۇ. ئاندىن بۇ ئاشخانىدىن چىقىپ كەت، مەكتەپتىمۇ ياتماي مەن بىلەن تۇرغىن. مەن قاۋاقخانا كوچىسىغا يېقىن يەردىن كىچىكېرەكەك بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالدىم، قاچان سەن ئىش تېپىپ بولغۇچە شۇ ئۆيدە ياتىۋەرگىن، پۇل تاپقاندا تەڭ تۆلەرمىز... قانداق؟
— ماڭا ئىش تېپىشىپ بېرەلەرسەنمۇ؟
— ئىزدىسەك چىقىدۇ، خاتىرجەم بول.
ئادىلە ئالدىغا كەلگەن لەڭمەننى نازاكەت بىلەن ئالدىرىماي ييېيىشكە باشلىدى، بىر ياقتىن زۆھرەگە گەپ قىلاتتى، بىر ياقتىن ئارىلاپ-ئارىلاپ سايراپ تۇرىدىغان تېلېفونىنى ئېلىپ بەزىدە جايىدىلا پاراڭلىشاتتى، بەزىدە نومۇرىغا قاراپ تالاغا چىقىپ كېتەتتى.
ئاشۇ كۈنى ئادىلە زۆھرەگە يېقىن ئەتراپتىكى بىر دۇكاندىن قول تېلېفونى ئېلىشىپ بەردى، يېرىم پۇلىنى ئۆزى چىقىرىپ دوستلۇقىنى يەتكۈزدى. زۆھرە تېلېفونىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن سىيىت قارىنىڭ ياتىقىغا تېلېفون قىلىپ ئۇنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋەتتى، بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا نومۇرىنى دەپ بەردى.
زۆھرە ئىش ھەققىنى يېرىم ئېلىپ، «پاك مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى»نى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئاشخانا يېڭىدىن ئېچىلغاندا سىيىت قارى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر قېتىم كەلگەن، چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋالغان بۇ تەقۋا يىگىتكە تولىمۇ قايىل بولغان، ئاشخانىسىغا بەرىكەت تىلىگەنىدى. گىتارچى يىگىت بارا-بارا زىيان تارتىۋاتقان ئاشخانىسىنى ئاخىر باشقىلارغا ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئۇ گىتارنى ياخشى چالاتتى، «يارىگۇللا»، «ۋاپادارىم» دېگەن ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتاتتى. بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇ بىر مۇزىكا ئەترىتىگە قېتىلىپ رېستورانلاردا ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇ كەيىپ-ساپاغا قېتىلمايتتى، ئۇسسۇلچى قىزلارغا چاچرىمايتتى، نامازنى تاشلىماي ئوقۇيتتى، بۇ ئىشى باشقا مۇزىكانت بالىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى.
14
ئادىلە يېڭىلىققا، يېڭىلىنىشقا ھەر دائىم ئىنتىلىپ تۇراتتى، يېڭى ئەرلەر، يېڭى كىيىملەر، يېڭى رېستوران ۋە مەيخانىلار، يېڭى دېسكوخانىلار ئۇنىڭ بۇ شەھەردىكى ھەر كۈنلۈك قىزىقىش، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش نىشانى ئىدى. ئۇ ياتىقىغا كىرىپ جىمجىتلىققا چىدىماي پلاستىنكا قويدى، ئۇنىڭ ئەسەبىي بىر ناخشا ئاڭلىغۇسى كېلىپ قالغانىدى، دەسلەپتە مەيكېل جېكسوننىڭ ناخشىسىنى قويدى، بۇ ناخشىلارنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ئىچ-ئىچىدىن بىر خىل قىقاس-چۇقان پەيدا بولاتتى، نەپەسلەر رېتىم بىلەن بىللە راھەتلىك ئىتتىكلەيتتى، تەندە بىر سىلكىنىش پەيدا بولاتتى، ئەمما ئادىلە جېكسوننىڭ دەۋرى ئۆتتى، ئۇ بەچچىۋاز بىر نېمىنىڭ ناخشىسىنى كەچكىچە ئاڭلاۋېرىمەنمۇ دەپ ئۇ پلاستىنكىنى ئېلىۋېتىپ، شاكىرانىڭ پىلاستىنكىسىنى قويدى، ئۇ ئايالمۇ ئەسەبىي توۋلاپ قوياتتى، ناخشىسىنىڭ ئاخىرىنى غەيرىي ئاھاڭ ۋە ئاۋازلار بىلەن ئاياغلاشتۇراتتى. بۇمۇ ئادىلەگە خوشياقمىدى، ئۇ يەنىلا «كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى» دەپ ئويلاپ ئەركىننىڭ «شەھەر كېچىسى»دېگەن دېيىنى قويدى، ئۇ ۋاقىت تاپسىلا ئەركىن ئويۇن قويىدىغان كەچلىك كۇلۇبلارغا بېرىپ ناخشا ئاڭلاپ، ئۇنىڭ گىتار چېلىپ ئىسپانچا رېتىمغا توۋلايدىغان ناخشىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بېيجىڭلىقلار ۋە چەت ئەللىكلەر بىلەن تەڭ شادلىنىپ، شۇ يەردە بىرەر چەت ئەللىك بىلەن تونۇشۇپ، تېلېفونلىرىنى يېزىشىۋېلىپ يېنىپ كېلەتتى. ئۇ ئەركىننىڭ ناخشىسىنى پەقەت نەق مەيداندىلا ئاڭلىسا بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇنىڭ ”بالاڭزا، كېلىڭ ھەي قىزچاق، QQنومۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ، مەن پەرھات بولاي“ دېگەندەك گەپلىرى چىقىدىغان ناخشىلىرى ئادىلەگە بەكمۇ يەڭگىل، كىچىك بالىلار ئاڭلىسا بولىدىغان ناخشىلاردەك تۇيۇلاتتى، ئۇنىڭغا باققاندا ئەسقەر خۇيلاڭ(كۆك بۆرە) نىڭ ئۆزگىچە ناخشىلىرى ئۇنىڭغا بەكېرەكەك تېتىيتتى، ئەسقەرنىڭ قامىتى، تەمكىن قىياپىتى، بوغۇق ئاۋازىنى ياقتۇراتتى، ئۇ بۇرۇن كىنولاردىمۇ چىققان بولغاچقا، ئادىلەنىڭ خاتىرىسىدىن زادىلا ئۆچمىگەنىدى، كۆڭلىدە ئۇنى ئېغىر-بېسىق، ئەمما ئەركەكلىكى بار، گىتارچى ئىشچى «ياسىن» دەپ بىلەتتى. ئۇ قانداقتۇر بىر سېغىنىش بىلەن ئەسقەرنىڭ «ئويناش»دېگەن پىلاستىنكىسىنى قويدى. گىتارنىڭ، جاز دۇمباقلىرىنىڭ ئەسەبىي رېتىملىرى ئۇنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاشقا باشلىدى، ئەسقەر گاھى سەھنىدە، گاھى كەڭ دالادا ئېزىتقۇدەك پەيداق بولۇپ، بوينىغا ئېسىۋالغان گىتىرىنى جان ساقلاشنىڭ قورالىدەك تۇتۇۋېلىپ، ئىچ-ئىچىدىن سىقىلىپ، ئاخىر ئېتىلىپ چىقىۋاتقاندەك بىلىنىدىغان بوغۇقراق ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، ئۇزۇن چاچلىرىنى سىلكىپ قويۇپ، بىر دەم ئاسمانغا، بىر دەم يەرگە قاراپ ناخشا ئېيتاتتى:
ھەي قىزچاقلار... ھەي قىزچاقلار..
ماۋزېدۇڭنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
ئادىلە ھەر قېتىم مۇشۇ تېكىست بار يەرگە كەلگەندە كۈلۈپ سالاتتى، ئەسقەرنىڭ ناخشا تېكىستلىرى چۈشىنىدىغانلار ئۈچۈنلا يېزىلغاندەك سەل غەيرىي، ئەمما چوڭقۇر تۇيۇلاتتى. ئادىلە شۇ تەرزدە ناخشا-مۇزىكىلاردىن بىر دەم ھوزۇرلاندى، ئاندىن بىر ئولتۇرۇشىدا چەت ئەلنىڭ 3-دەرىجىلىك سېرىق كىنوسىدىن بىرنى كۆرۈۋەتتى، ئۇ بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن سېرىق فىلىملەرنى ئاندا-ساندا كۆرۈپ قوياتتى، كۆرگەندىمۇ ئۆزىنىڭ بۇلارغا باققاندا تۈزۈك ياشاۋاتقان قىز ئىكەنلىكىگە تەسەللى تېپىش ئۈچۈن كۆرەتتى، كۆرۈپ بولۇپ «ھايۋانلار، ئادەمىي ھايۋانلار، تۈزۈكرەك ئىشلىسچۇ، ئەڭ گۈزەل نەرسىنىمۇ سەتلەشتۈرۈپ ئادەمنى سەسكىندۈرۈۋېتىدۇ» دەپ غودۇراپ قوياتتى. ئۇ ئىنگىلىزچەمنى پىششىقلاش ئۈچۈن كۆرىمەن دەپ چەت ئەلنىڭ ئىنگلىزچە كىنولىرىنى كۆرەتتى، ئىنگلىزچەمنى بەكېرەكەك مەشىق قىلىۋالىمەن دەپ چەت ئەللىكلەر بىلەن ئارىلىشاتتى. ئۇ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا توماس دەيدىغان بىر نېگىر بالا ئۇنى قوغلىشىپ يۈرۈپ كەلتۈرۈۋالغانىدى، ئادىلە دەسلەپتە ئۇنى ئافرىقىلىق دەپ ياراتمىدى، كېيىن ئۇنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن بولسىمۇئارىلىشىپ باقتى، بىللە تاماق يەپ پاراڭلىشىپ ئىنگلىزچىسىنى ئوبدانلا مەشىق قىلىۋالدى. توماس ئۇستىخانلىق، چەبدەس بىر يىگىت ئىدى، ئاپئاق ئىشلىرىنى چىقىرىپ، بوم ئاۋازىدا ئۈنلۈك، ئالدىرىماي گەپ قىلاتتى. ئاندىن ئۇلار دېسكوخانىلارغا بىللە باردى، ئۇ دېسكوغا ئالامەت ئۇستا ئىدى، دائىم شوخلۇق چىقىراتتى، ئېچىلىپلا يۈرەتتى، ئادىلەنىڭ ئۇ يەر-بۇيېرىنى تۇتۇپ، بەزىدە لىككىدە كۆتۈرۈۋېلىپ ئۇنىڭدا چۆچۈش ھەم ئاللىقانداق بىر غىدىق پەيدا قىلاتتى. ئادىلە ئۇ نېگىرغا بارا-بارا كۆنۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئىرقى، رەڭگىمۇ بارا-بارا بىلىنمەيدىغان بولدى، شۇنداقتىمۇ كۈندۈزى ئۇنىڭ بىلەن ئانچە ئۇچراشمايتتى، ئاخشىمى بىللە بولسا ئازادىلىككە چىقىپ قالاتتى، قاراڭغۇلۇق ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىچە قوينىغا ئالاتتى. كېيىن توماس ئوقۇشىنى تۈگىتىپ دۆلىتىگە قايتىش ئالدىدا ئادىلەگە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىلىق ئەمەس، جەنۇبى ئافرىقىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئادىلە ئۇنى ئالدامچى دەپ تىللاپ، مەيدىسىگە مۇشتلاپ، بىر ھازا يىغلىدى. توماس «مەن سىنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلدىم، ھەممە ئادەم نېمىشقا ئامېرىكىلىق زومىگەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ؟ مەن ساڭا راستىمنى دېسەم نېمىشقا يىغلايسەن، خالىساڭ مەن بىلەن كەتكىن، بىز بىللە ياشايلى» دەپ سەمىمىيلىكىنى بىلدۈردى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئامېرىكىدىنمۇ چىرايلىق، باي ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بەردى. ھەتتا موزاينىڭ كۆزىدەك قارا كۆزىگە ياش ئالدى. بۇمۇ ئادىلەنى تەسىرلەندۈرەلمىدى. جەنۇبىي ئافرىقا دېگەنمۇ بەرىبىر ئافرىقا-دە، ئافرىقا دېسىلا كىشىنىڭ خىيالىغا سەھرايى كەبىر چۆلى، قاتتىق ئىسسىق، قۇرغاقچىلىق، ئاچارچىلىق، ئۇرۇش، ئەيدىز كېسىلى... تىزىلىپ كېلىدۇ. خەنزۇچىنىمۇ تېخى تۈزۈك ئۆگىنىپ بولالمىغان بۇ نېگىرنىڭ جۇڭگودا ئوقۇپ ئېرىشكىنى چىرايلىق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ تېنى بولدى. ئۇ ئادىلەنى ھەقىقەتەن چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى، ئەمما ياخشى كۆرۈشمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھاياتلىقتىكى ئويۇن-تاماشىنىڭ بىر تۈرى ئىدى، پەقەت ئوخشىمايدىغىنى، بۇ ئويۇن جىنسىي قۇۋۋەت، كۈچلۈك قىزىقىش، ئۇزاق ۋاقىت، ئەستايىدىللىق، ئىنچىكىلىك، چىن ماھارەت تەلەپ قىلاتتى. ئادىلە ئۇنىڭدىن تامامەن ۋاز كەچتى، ئۇنى كۆڭۈل ھويلىسىدىن بىر قارا خالتىنى سۈپۈرۈۋەتكەندەك سۈپۈرۈپ تاشلىدى، بۇ خالتا مەينەت نەرسىلەر بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنىدى. ئۇ قارىۋاينىڭ قالدۇرۇپ كەتكىنى ھىسسىياتتىكى جاراھەت بولۇپلا قالماي، بەلكى جانغا تاقىشىدىغان ئەيدىز ۋەھىمىسى ئىدى. ئادىلە پۇشايمان ۋە ۋەھىمىدىن بىر نەچچە ئاي سىقىلىپ يۈردى، تەكشۈرتۈپ بارسا قېنىنىڭ راستتىنلا بۇزۇق چىقىپ، بۇ ئاقىۋەتنىڭ ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ دوختۇرخانىغىمۇ بارمىدى. ئۇ بىر مەزگىل ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ ئاخىرى يەنە قەدرىنى تېپىۋالدى، ئەمما بۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئادىلە ئىدى، ئادىلە ئۆزىنى ئىلگىرىكىدىن تامامەن ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياساپ چىقتى. ئاشۇ نېگىردەك شەھۋەتخور ئەرلەر، بۇ شەھەردىكى پۇلدار نوچىلار ئادىلەنىڭ غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم، ۋەھىمىلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۇنى لەگلەكتەك ئۇچۇرتۇپ راھەتلەندۈرۈشكە باشلىدى. كېيىن ئادىلە بىر ئاخشىمى قەھۋەخانىدا جامېس دەيدىغان بىر ئامېرىكىلىق بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئۇ 40 نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ناھايىتى تېتىك، ياش، ساغلام كۆرۈنەتتى، ئادىلگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇشلۇق بېرىپ، كۆپ گەپلەرنى دەپ بەرگەن ھەم ئۆزىمۇ ئادىلەدىن گەپ كوچىلاپ خېلى ئىشلارنى بىلىۋالغانىدى؛ ئادىلەنى بىر نەچچە قېتىم تاماققا تەكلىپ، ئۇنى-بۇنى سوۋغا قىلىپ، ئىچكىرىلەپ مۇناسىۋەت باغلىۋالغانىدى. رېژدوستۇۋا بايرىمى ھارپىسىدا ئىككىيلەن جامېسنىڭ مەخسۇس چەت ئەللىك دىپلوماتلار تۇرىدىغان ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزدى، ئادىلە ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدا تولا چىقىدىغان بىر ئىشنى ئەمەلىيەتتە كۆردى: جامېس ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئادىلەنى ئىچىگە تەكلىپ قىلدى، ئاندىن ئۇنىڭ پەلتوسىنى سالدۇرۇپ ئاسقۇغا ئاستى، ئۇنى كەڭ، چىرايلىق سافاغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. جامېس ئاشخانا ئۆيىگە كىرىپ بىر دەمدە بىر تەخسە توخۇ گۆشى، بىر تەخسە سالاتا (خام سەي) تەييارلاپ چىقتى، ساقلاپ قويغان ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ئىككى قەدەھكە قۇيدى. ئىككىيلەن شىرەدە قارىشىپ ئولتۇرۇپ ياخشى تىلەكلەر بىلەن سوقاشتۇرۇپ ئىچىشتى. جامېس مۇزارتنىڭ سىمفونىيىسىنى پەس ئاۋازدا قويۇپ قويدى، ئۆينىڭ ھاۋاسى بىر دەمدە رومانتىك تۈس ئالدى. جامېس تولىمۇ خۇشخۇي ئىدى، كۆپ گەپ قىلاتتى، ئادىلە پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ”دۇنيا تىلى“ نى تولۇق چۈشىنىشكە تىرىشاتتى. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا بىر يەرلىرى ئادىلەگە دەرس بەرگەن ئەنگىلىيىلىك مۇئەللىمگە ئوخشاپ كېتەتتى. ئادىلە ئۇنىڭ ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىگە باشتىن- ئاخىر گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى، ئەنگىلىيىلىك بولسا قىزىققۇچىلىكى يوق، ئەنگلىيە كونا جاھانگىر دۆلەت، باي بولغان بىلەن ياشىماق تەس، ھاۋا كىلىماتى ناچار دەپ ئويلايتتى. ئىككىيلەن بىر بوتۇلكا تۈگىگىچە ئىچىپ پاراڭلاشتى، ئەمەلىيەتتە پاراڭنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك جامېس قىلدى، ئۇ بىر دەم سۆزلىمىسە تەپەككۇرىدىن ئېزىپ كېتىدىغاندەك، بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالىدىغاندەك، ئاخىرى بېرىپ گاچىلىشىپ قالىدىغاندەك توختىماي گەپ قىلاتتى، ئادىلە ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئەسىنىمەي، ئۇخلىماي ئولتۇرۇپ ئاڭلاشقا مەجبۇر ئىدى. ھاراق يېرىم بولغاندا جامېس ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ پەيزى قىلدى، ئادىلە ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ بىردەم بولسىمۇ بېسىققىنىدىن خوش بولۇپ قورۇنغان ھالدا ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بويسۇندى. ئۇنىڭ بېشى قېيىپ ئۇيقۇسى كېلىپ قالغانىدى. جامېس ئۇنى كۆتۈرۈپ كارىۋىتىغا ئەكېلىپ ياتقۇزدى، ئاندىن ئۇنى يېشىندۈردى، ئارقىدىن ئۆزى كىيىملىرىنى سالدى. ئادىلە كەيىپتىن، ھارغىنلىقتىن، ئۇيقۇدىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى، كاللىسىدا كەڭ كارىۋات، پۈتۈن بىنا، پۈتۈن شەھەر توختىماي چۆگىلەيتتى. بىر جاھانگىر ئۇنىڭغا جاھاننى چۆگىلىتىۋاتاتتى. ئەنگىلىيىلىك بولسا نېمە بوپتۇ، يېڭى جاھانگىرنىڭ ئاتىسى قېرى جاھانگىرغۇ، بۇنىڭغىمۇ كېسەل يۇقارمۇ، قاپچۇق ئىشلەتكەندەك قىلدى، نېمە قىلسا قىلدى، ئازدى، كېسەل بولدى، ئۆلدى، ئامېرىكىلىقمۇ، ئەنگىلىيىلىكمۇ ئۆلىدىغۇ.. ئادىلە ئامېرىكىنىڭ كىنوسىدا ئەر-ئايالنىڭ ھەر قاچان تەڭ ئەسەبىيلىشىپ كېتىدىغىنىنى، بىر-بىرىگە تولىمۇ ماسلىشىدىغىنىنى كۆرگەنىدى، جامېس بىلەن كارىۋاتقا چىققاندا ئۇ كىنو ئۆزگىرىپ كەتتى، جامېس كىنودىكى ئەرتىسلارغا ئاز-تولا ئوخشىسىمۇ، ئادىلە ئۇ ”سېرىق سەتەڭلەر“ نى دورىيالمىدى. ئۇلارنىڭ كاللىسى ئاللىبۇرۇن ئېچىلىپ كەتكەن، بۇ ئىشتىن تاماقتىن ھۇزۇرلانغاندەك ھۇزۇرلىنىدۇ–دە، ئۇلارنىڭ ھەممە نېمىسى تەل، شۇڭا بۇ ئىشتىن شادلىق ئىزدەيدۇ. ئۇلارغا باققاندا ئادىلە نامرات، ئاۋۋال قورساقنىڭ غېمىنى قىلىپ ئاندىن ئۇ ئىشنى ئويلىشىدىغان گەپ. قورساقنىڭ غېمى ئادىلەنى ھەر قانچە قىلساقمۇ ئېچىلالماس، بۇ ئىشتىن ھەقىقىي ھوزۇرلىنالماس قىلىۋەتكەن... يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا كېسەللىك ۋەھىمىسى رودۇپايدەك چاپلىشىۋالغان. ئادىلە ئۆزىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ مۇشۇ كۈنگە ئەكېلىپ، ئاخىرى ئۇنىڭدىن چىقالماس بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلاتتىيۇ، ئۇ كېسەللىكنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئالۋاستىدەك يوشۇرۇنۇپ يۈرىدىغانلىقىنى، كۈتۈلمىگەندە بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئەجەللىك ئوقىنى ئاتىدىغانلىقىنى ئويلاپ شۈركۈنۈپ كېتەتتى، ۋەھىمىسى يەنە سايىدەك ئەگىشىپ باراتتى. يۈزىگە ئازراق قىزىل بىر نېمىلەر چىقىپ قالسا ئەينەككە قاراپ تاتىرىپ، يۈرەكلىرى سېلىپ كېتەتتى، پەرداز قىلغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئەينەككە ئاساسەن قارىمايتتى.
جامېس بىلەن بىللە بولغان كېچىسى ئادىلە يېرىم كېچىدە تەرىتى قىستاپ ئويغىنىپ، تازىلىق ئۆيىنى تەستە تېپىپ كىردى، ئەنە شۇ يەردە ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆزىنى ھاجەتخانىغا ئوخشىتىپ ئاچچىق كۈلدى، ناتونۇش ئەرلەر ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قىستاپ كەتكەن ئېھتىياجىنى قاندۇراتتى. ئۇ خىيالىدا ئۆزى بىلەن بىر دەم قېرىشتى، بىر دەم ئەركىن پاراڭلاشتى، ئاخىر ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئۆزىنى ئۆزى ئاقلاپ، قولىنى يۇيۇپ، تازىلىق ئۆيىدىن چىقتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ جامېسنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى، دۆلەت تەۋەلىكىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى، چاپىنىنى ئاختۇرسىلا ئۇنىڭ پاسپورتى ياكى باشقا بىر نېمىسى چىقاتتى. ئادىلە بىر دەم ئىككىلىنىپ، جامېسنىڭ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى پەملەپ، ئۇنىڭ چاپىنىنى ئاختۇردى، دېگەندەك قولىغا بىر كېنىشكا چىقتى، بۇ پاسپورت ئەمەس، خىزمەت كېنىشكىسىدەك قىلاتتى، كېنىشكىدا جامېسنىڭ نەچچە يىللار ئاۋۋال چۈشكەن رەسىمى، قىسقىچە ئەھۋالى يېزىقلىق ئىدى. ئادىلە ئۇخلاۋاتقان جامېسقا ئىتتىك بىر قاراپ قويۇپ كىنىشكىنى جايىغا سېلىپ قويدى، جامېس ھەقىقەتەن ئامېرىكىلىق ئىدى، ئېھتىمال ئاتا-ئانىسى ئەنگىلىيىلىك بولسا، قىسىمەن تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، دېمەك ئۇ جىنسىي مۇناسىۋەتنى چوڭ بىلمەيدىغان بىر ئامېرىكىلىق ئىدى.
ئادىلە سېرىق فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ، ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، ئۆيىنى رەتلەشكە باشلىدى، بىر ئېغىزلىق، بىر سالونلۇق بۇ ئۆي كىچىك بولسىمۇ ئادىلە بىلەن زۆھرەنى بۇ شەھەرگە سىغدۇرۇپ، تۇرمۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تۇراتتى. قوش كىشىلىك كارىۋاتتا ئادىلە، سالوندىكى كارىۋاتلىق سافادا زۆھرە يېتىپ قوپاتتى. ئادىلەنىڭ ھۇجرىسىدىكى كىيىم ئىشكىپى، پەرداز ئۈستىلىدىن ئىككىيلەن تەڭ پايدىلىناتتى. زۆھرە ھەر كۈنى بىر چوڭ رېستورانغا ئىشلىگىلى كېتەتتى، بەزىدە ئىشىك تۈۋىدە چىمەن دوپپا ۋە زەر نەقىشلىك ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ تۇرۇپ بەرسە، بەزىدە مېھمانلارغا تاماق توشۇپ پۇت-قولىغا تەگمەي ئىشلەيتتى. كەچتە سائەت 12 بولاي دېگەندە ھېرىپ چارچاپ ئاران كېلەتتى-دە، يۈز-كۆزىنى سوپۇنداپ يۇيۇپ، چىشىنى چوتكىلاپ بولۇپلا قەدىرلىك سافاسىغا بىر چىقىپ ئۇخلىغىنىچە ئەتىسى چۈشكىچە قوپماي ياتاتتى. ئاادىلە ئۇنىڭ سافاسىغا بىر قاراپ قويۇپ، جىنىغا ئىچى ئاغرىمايدىغان بۇ بىچارە مۇشۇنداقلا ياشاپ قېرىپ كېتەرمۇ دەپ خورسىنىپ قويدى، ئەمما ئۇنىڭ ساغلاملىقىغا ھەۋەسلەنمەي تۇرالمايتتى. ئۇ سافاغا كېلىپ ئولتۇرۇپ بىر دەم تېلېۋىزور كۆردى، بىر دەم يۆلىنىپ ئولتۇرغۇسى كېلىپ، زۆھرەنىڭ كۈدە-كۆرپىسى ئارىسىدىن ياستۇقىنى ئېلىشىغا بىر كونۋېرت كۆزىگە چېلىقتى، كونۋېرتنىڭ ئاغزى ئوچۇقتەك قىلاتتى، ئادىلە بۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىگە قىزىقىپ قاراپ باقتى، پۇل ئەمەس، قاتلاغلىق سالام خەتتەك قىلاتتى. سالام خەت بولسا كونۋېرت ئۈستىدە ئادرېس يېزىقلىق بولاتتى، بۇ ئۇنداق خەت ئەمەس ئىدى. ئادىلە تېخىمۇ قىزىقىپ خەتنى ئېچىپ ئالدىراپ ئوقۇشقا باشلىدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئاۋۋال بىزنى يوقتىن بار قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئاندىن پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە- ئەسھابىلىرىغا دۇئاسى سالام يوللايمەن.
قەدىرلىك زۆھرە، بۇ خەتنى كۆرۈپ بەلكىم ھەيران قېلىۋاتقانسىز. بۇ بالا ئۆزىنىڭ تالىپلىق سۈپىتىنى ساقلىماي نېمىشقا بۇنداق خەتنى يېزىپ يۈرۈيدىغاندۇ دەپ ئويلاۋاتقانسىز. شۇنداقتىمۇ بۇ خەتنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن سىزنى بۇرۇندىن تونۇيمەن، كىچىكىمدە سىزنى كۆرگەن. ئېسىڭىزدە بولسا، بىز تۈنىياز مەزىننىڭ ھويلىسىدا بىللە ساۋاق ئالغان، ئۇ چاغدا بالىلار جىق ئىدى، لېكىن شۇ جىق بالىلار ئىچىدە سىز ماڭا ئالاھىدە كۆرۈنەتتىڭىز. سىز قوشنا مەھەللىدىن كېلەتتىڭىز. شۇ چاغدا تولىمۇ ئوماق، زېھنىڭىز ئۆتكۈر قىز ئىدىڭىز. مەزىننىڭ ساۋاقلىرىنى ھەممىدىن بۇرۇن يادلاپ بولۇپ ياڭاق مۇكاپات ئالاتتىڭىز، شۇ ۋاقىتتا مەن سىزگە زوقلىنىپ ھەم تەلمۈرۈپ قاراپ قالاتتىم. شۇ ۋاقىتتا سىزمۇ ماڭا قارىغان ۋە مېغىز بەرگەن ئىدىڭىز. مەن ئەسلىدە مېغىز بېرەمدىكىن دەپ ئەمەس، بەلكى سىزگىلا تەلمۈرۈپ قارىغان. سىز مېنى ياڭاق بېرەمدىكىن دەپ قاراۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتىلا مەن سىزگە ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم. كېيىن بىز كۆرۈشەلمىدۇق. تۈنىياز مەزىنمۇ باللا ئوقۇتالمايدىغان بولدى، كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپ تەقدىر-قىسىمەت بىزنى بۇ شەھەردە قايتا ئۇچراشتۇردى. شۇ ۋاقىتتا سىز ماڭا ناھايىتى ئىسسىق، تونۇش چىراي كۆرۈندىڭىز. كېيىن ئۇزاق ئويلاپ ئەسلەپ باقتىم. ئىسمىڭىز، مەھەللىڭىزنى توغرىلاشتۇردۇم، كىچىك ۋاقىتىڭىزدىكى چىرايىڭىز ھازىر كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، كۆزىڭىزدىكى نۇر، پاكلىق، گۈزەللىك يەنىلا شۇ ۋاقىتىڭىزنى ئەسلىتىپ تۇرۇپتۇ. ئاللاھ سىزنى ئۆمۈر بويى ئاشۇنداق ئىمانلىق، ئەقىللىق، پاك، ساغلام ياشاشقا نېسىپ قىلغاي.
ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن بىز قايتا كۆرۈشتۇق، مەن شۇنداق ئويلايمەن. بۇ تەقدىر، بۇ ماس كېلىپ قېلىش ئادەمنىڭ ئۆمرىدە كەم ئۇچرايدۇ. بەندە بۇنى قەدىرلىشى كېرەك. گەرچە مەندە بۇرۇن ئۇنداق ھېسسىياتلار قىلچە شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، بۇ شەھەردە قايتا ئۇچراشقاندا بۇرۇنقى كۈنلەرنى دەرھال ئەسلىيەلمىگەن بولساممۇ، شۇ كۈنلەرنى ئەسلىتەلەيدىغان گۈزەل ئىشلار ماڭا نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدايىتائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىز بۇ جاھاننىڭ بىر چېتىدە ساق-سالامەت كۆرۈشۈپ، تونۇشۇپ، ئوبدان ئەسرا بولدۇق. ئۆيىڭىزگە بىللە تېلېفون قىلىپ قايتىپ كەلگۈچە سىزنى ئويلىدىم، ئويلىغانچە بۇ كۆڭلۈم ھېچ ئىختىيارىغا بويسۇنمىدى. باشقا ھېچنېمىنى ئويلىمىدىم، ھەتتا نامازنىمۇ ناھايىتى تەستە ئوقۇدۇم، خىيالىمدا سۈرەتتەك جامالىڭىز پەيدا بولۇۋېلىپ، سەجدىنىمۇ جايىدا قىلالمىدىم. ئاللاھ تائالا كۆڭلۈمگە شۇنداق بىر ئىشىقنى سالغان بولسا، بۇنىڭغا مەندە چارە يوق دەپ ئويلىدىم. سىز بىزنىڭ مەكتەپكە بېرىپ باقمىدىڭىز، بۇ يەردە ئۆز قەۋمىمىزگە مەنسۇپ بىرەر قىز بالىنىڭ دىدارىنى ئاسانلىقچە كۆرەلمەيمىز، ساۋاقداشلىرىم ئالايىتەن باشقا مەكتەپلەرگە بېرىپ يۇرتلۇق قىزلارنى ئىزدەپ، كۆرۈشۈپ، بىللە تاماق يەپ پاراڭلىشىپ يېنىپ كېلىدۇ، ئوتتۇرىدا بەلكىم مۇھەببەت يوق، ئەمما پەقەت كۆرۈشۈۋالسىلا بولىدۇ. بىزنىڭ بالىلارنىڭ ئىمانى، كۆڭلى شۇنچىلىك ساغلامكى، ئۇلارغا پەقەت شۇ قىزلارنىڭ دىدارىنى كۆرۈۋېلىشلا يېتىپ ئاشىدۇ. مەنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ پەقەت سىزنىلا ئىزدەپ بارالايمەن. سىزنى كۆرسەم يۇرتقا بىر بېرىپ، باغ-ۋارانلىرىدىكى گۈللەردىن زوقلىنىپ قايتىپ كەلگەندەك ھېسسىياتقا چۆمىمەن. سىزنىڭ كىچىك ۋاقىتىڭىزنى شۇ ئوماق قىياپىتىڭىزنى ئۇنتۇيالمىغان بولسام، ھازىرقى گۈزەل ھالىتىڭىز مېنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.
قەلبىڭىزدە ئىمان نۇرىنىڭ ئاسان ئۆچۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم ئۇلۇغ ئاللاھتىن شۇنى تىلەيمەن. بويىغا يەتكەن قىزلار ئەگەر ئىمانىدىن ئاجراپ كەتسە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغىنى پەقەت شەيتاندۇر. بولۇپمۇ بۇنداق چوڭ شەھەردە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى تېخىمۇ يامان، تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. مەن ھەر قېتىم كوچىغا چىقساملا نەپسىمنىڭ بۇ دۇنيادىكى چىرايلىق، لەززەتلىك نەرسىلەرگە تويماي كېتىپ بارغانلىقىنى سېزىپ تۇرىمەن. ئادەمنىڭ نەپسى ھەقىقەتەن دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چىرايلىق كۆرسىتىدىكەن، كىشىنى شۇ ياققا ئوتتەك ئىنتىلدۈرىدىكەن. مۇشۇ پەيتتە مەن بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقەتەن كىشىنى سىنايدىغان غايەت چوڭ ئىمتىھان مەيدانى ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىمنىڭ بۇنى مۇشۇنداق ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلايمەن. نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئىمتىھان دۇنياسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلمەيدۇ، خۇدايىم بىزنى بۇنداق بەندىلەردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىغاي!
قەدىرلىك زۆھرە، مەن ئىشق-مۇھەببەتنىڭ دەرۋازىسىدىن قانداق كىرىشنى بىلمەيۋاتقان، سەمىمىي ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادىلەشنىمۇ تازا ئۇقالمايۋاتقان، ئەنئەنىۋى ئېتىقاد بىلەن زامانىۋىلىقنى قانداق بىرلەشتۈرۈشنىڭ يولىنى تاپالماي يۈرۈۋاتقان، ئەمما ئىزدىنىشنى قولدىن بەرمەيدىغان، ھەقلىق ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى چۈشەپ قويمايدىغان، ئېتىقادتا ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى، مۇھەببەتتە نورمال بولۇشنى نىشان قىلغان بىر تالىپ، سىز ماڭا قانداق قارايسىز، بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما سىزدە ھەر ھالدا ياخشى تەسىرات قالدۇرغىنىمىغا ئىشىنىمەن. بۇ شەھەر ۋە سىز ئوقۇغان زامانىۋى مەكتەپنىڭ سىزنى قانداق ئۆزگەرتىشكە باشلىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ ئۆز ئەسلىڭىزنى ئۇنتۇماي، ئىمانىڭىزدىن تەۋرەنمەي، ئەخلاقىڭىزدىن چەتنىمەي ياشاۋاتقىنىڭىزغا ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن. ئەمما قىز بالا نېمىلا دېگەن بىلەن ھېسسىياتتا ئاجىز، كەيىپىياتتا تۇراقسىز كېلىدۇ، نۇرغۇن ئىشلارغا ئامالسىز قالىدۇ، تەڭتۇشلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. شۇڭا سىزدىن گاھىدا ئەنسىرەپ قالىمەن، بۇ ئەنسىرەشلىرىمنى يوشۇرۇپ يۈرۈشنى خالىمايمەن. چۈنكى يالغۇز ئايالغا شەيتان دائىم ھەمراھ بولىدۇ. يالغۇز ئايالغىلا ئەمەس، يالغۇز ئەرگىمۇ شۇنداق، بولۇپمۇ مۇشۇنداق قايناق شەھەردە تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا ئىسلامدا ئىسلام مۇھىتى ۋە ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. سىزگە ھازىرچە مەن تەربىيە بەرگۈدەك، قانات ئاسىتمغا ئالغۇدەك سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس، ئەمما شۇنداق بولۇشنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن. ئىشقىڭىزنى ئاللاھ دىلىمغا سالغان ئىكەن، سىزگە مەسئۇل بولۇش تەقەززاسىدىن قۇتولالمايمەن، شۇنداقلا بۇنى ھەر ئىككىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن مۇھىم دەپ بىلىمەن.
مەن يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرىمەن، كۆڭلۈمدىكىنى ھازىردىن باشلاپ ئىپادىلىگەچ تۇرمىسام، كېيىن سىزگە قويماقچى بولغان تەلەپلىرىم ئېغىر كېلىشى مۇمكىن، ئۆزۈممۇ جۈرئەتسىزلىك قىلغانلىقىمنىڭ پۇشايمىنىنى يەپ قالىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى نەچچە ۋاقىتتىن سىزگە دېمەكچى بولغانلىرىم، كۆڭلۈمنىڭ ئەينەن ئىپادىلىنىشى. بۇ كۆڭلۈمنى رەت قىلىش-قىلماسلىق ئەلۋەتتە ئىختىيارىڭىزدىكى ئىش. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ بەختلىك بولۇشىڭىزنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن، سىزنىڭ بەختلىك بولۇشىڭىز ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تىرىشىش، شۇ يوسۇندا ئۆز بەختىمنىمۇ قولغا كەلتۈرۈش مېنىڭ غايەم. ئاللاھ ئۆز بەندىلىرىگە نېمەتلىرىنى تونۇتۇپ تۇرىدۇ، بىز ئۇنى ھەر دائىم ھېس قىلىشىمىز، پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز بەختىمىز، نېمەتلىرىمىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ ئاتا قىلغان جاننى ئايىماي سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ: سىيىت قارى
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
4
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 10:11
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
خەتنىڭ بىر يېرىمۇ چاپاق ئەمەس، پاكىز يېزىلغانىدى. ئادىلە بۇ بالىنىڭ ساددا چىرايىنى تەسەۋۋۇر قىلدى، ئۇنتۇلۇپ خېلى بىر يەردە قالغان پاكلىق، گۈزەللىك، چىنلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى غۇۋا ئېسىگە ئالدى، ھېچكىم ئادىلەگە بۇنداق خەت يېزىپ باقمىغانىدى، ھازىر قىز-ئوغۇللارغا قۇچاق ئاچىدىغان خىلۋەت جايلار، خالىي سورۇنلار، توخۇ يۈرەكلەرنىمۇ يايرىتىپ گەپ قىلدۇرىدىغان ھاراقلار، قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان خىلمۇخىل نەرسىلەر تۇرغان يەردە، قول تېلېفونمۇ ئاشۇ زۆھرەگىچىلىك ئومۇملىشىپ كەتكەن يەردە بۇ بالىنىڭ خەت ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشى ئادىلەگە قىزىق تۇيۇلدى، ھەسرەت ھەم مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى، خەتنى ئۆز پېتى جايىغا قويۇپ قويدى. تېلىۋىزورنى ئۆچۈرۈپ ياتىقىغا كىرىپ ئابدۇللانىڭ ناخشىلىرىنى قويدى، ئادەتتە ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيدىغان بۇ ناخشىلار ئۇنىڭ ھازىرقى كەيىپىياتىغا ماس كېلەتتى. ئابدۇللانىڭ ئاتا-ئانا، ئانا يۇرت، پاك مۇھەببەت، تۇنجى مۇھەببەت، تەنھا سۆيگۈ، ئەخلاق، ساداقەت، ئەرلىك، مەردلىك... لەرگە بېغىشلانغان ساغلام، لەرزان، مۇڭلۇق ناخشىلىرى ئادىلەنى بىر دەم ئەزدى، بۇ ناخشىلار ۋەزنى ئېغىر گەپلەر بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنىدى. ئادىلە ئاخىر چىدىيالماي VCD نى ئېتىۋەتتى، ئابدۇللانىڭ قامىتى، ئاۋازى لاپپىدە ئۆچتى.
15
زۆھرە كۈندە پالاقلاپ، ھېرىپ-چارچاپ، ئادىلەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇخلاپ، ئەتىسى يەنە رېستورانغا ئالدىراپ ماڭاتتى. ياشىماق تەس بۇ شەھەرنىڭ رەھىمىسىز قامچىسى ئۇنى ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ مېڭىۋاتاتتى؛ سىيىت قارى ۋە ئۇنىڭ خېتىدىكى گەپلىرى ئالدىراش ياشاۋاتقان زۆھرەگە يەنە بىر بېسىم ئېلىپ كەلدى. تالىپ بالىغا ئەمدى بۇ نېمە سەۋدا، مېنى بۇ شەھەردە ياشىغىلى قويمايدىغان سەۋەبىلەنەر نېمىدېگەن نۇرغۇن!... دەپ ئويلايتتى. ئۇ بىر كۈنى يەنىلا ۋاقچە ئۇخلاپ، ئۇيقۇدىن كۆرە قاباھەتلىك چۈش، ئېغىر خىيالدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي ياتقاندا ئادىلە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئىككىسى ئاخشىمى كۆرۈشەلمەي، ئاساسەن ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىپ قوياتتى.
— قوپسىلا خان، كۈن چۈش بولدى،-دېدى ئادىلە ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەر تاشلاپ.
— سائەت قانچە بولدى،-دېدى زۆھرە كۆزىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ چىرايىدىن يەنىلا ھارغىنلىق، ئۇيقىسىغا قانمىغانلىق چىقىپ تۇراتتى، قاپاقلىرى ئىششىپ، كۆزلىرىدە بۇرۇنقىدەك نۇر قالمىغانىدى،- تولا چۈش كۆرۈپ ھېرىپ كېتىپتىمەن، ئۇخلىساممۇ ئارامچىلىق يوق ماڭا...
— ئۇيقۇ كۆپ بولسا چۈشمۇ كۆپ بولىدۇ، ئۇيقۇ دېگەنگە 4-5 سائەت ئۇخلىسا قانىدۇ، ئازراق ئۇخلىساڭ بولىدۇ..
— ئەگەر سەن مەندەك ئىشلىگەن بولساڭ، بىر كۈن قوپماي ياتاتتىڭ.
— شۇڭا مەن سەندەك ئىشلىمەيمەن، مۇشۇ چىرايىڭغا قاچا يۇيۇپ، يۇندا تۆكۈپ يۈرۈشىڭ پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.
— قانداق قىلىمەن ئەمىسە، ئىشلىمىسەم بولمىسا...
— مۇشۇنداق ئىشلەپلا يۈرىۋېرەمىسەن؟! چىرايىڭنى نېمىگە بەرگەن خۇدايىم؟! بۇنداق ياشىغاندىن تايىنلىق يۇرتۇڭغا كېتىپ، ياخشى يىگىتنىڭ پىشىنى تۇتۇپ، ئۆيدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ، بالا تۇغۇپ، بالاڭنى بېقىپ ياشا؛ بولمىسا بۇنداق جىنىڭنى قىينىما...
— ئىككىمىزنىڭ تۇتقان يولى ئوخشىمايدۇ،-دېدى زۆھرە كۆڭلىدىكىنى ئاخىر ئاشكارىلاپ،- مېنى بۇنداق ئىشلەپ كېتىۋېرىدۇ دەپ ئويلاپ قالما، كونىلار ئات تاپقىچە ئېشەك مىن دەپتىكەن، باشقا يەردىن ئىش تاپقىچە قارا ئىش بولسىمۇ قىلىۋاتىمەن. رېستوران دېگەنگە ئادەملەر كېلىپ تۇرىدۇ، چەتئەللىكلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى بولىدۇ...
— تونۇشۇپ قانداق قىلماقچى، مەسىلەن دەپ باقە، ئۇنىڭغا تېگەمىسەن؟ ئۇلار سىنى ئالامدۇ؟
— مېنىڭ مەقسىتىم ئەرگە تېگىش ئەمەس! -دېدى زۆھرە سەل خاپا بولۇپ،- خىزمەت تېپىش. ئۇلار يا ئەلچىخانىنىڭ يا بىرەر شىركەتنىڭ ئادەملىرى. تونۇشۇپ قويسام، كېيىن خىزمەت تېپىشىمغا ياردەم قىلىدۇ.
— ئۇخلاپ چۈشۈڭ، مەن ساڭا دېگەن، ئۇلار سىنىڭ قابىلىيىتىڭگە قىزىقمايدۇ، دىپلوم دېگەندەك قالپاققا ئەمەس، كۆكسۈڭنىڭ يوغانلىقىغا بەكېرەكەك قارايدۇ، تېخىچە ئۇقماي يۈرەمىسەن؟
— ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە، تېنىمگە تايىنىپ خىزمەت تاپقان بولسام بۇ چاغقا تېپىپ بولاتتىم.
— نېمىشقا تاپمايسەن؟ نېمىنى ئايايسەن؟ نېمەڭگە ساقلايسەن؟
زۆھرە ئادىلەگە چەكچىيىپ قاراپ قالدى، ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى:
— مەن ئار-نومۇسۇمنى سېتىپ راھەت كۆرۈشنى خالىمايمەن...
— سىنىڭچە مەن ئار-نومۇسنى قايرىپ قويۇپ راھەتتە ياشاۋېتىپتىمەن-دە!
— مەن ئۇنداق دېمىدىم، ھەر كىمنىڭ تۇتقان يولى، ئويلىغانلىرى ئوخشىمايدۇ.
— مەن سىنى مەندەك بولسۇن دېمىدىم، لېكىن سەن خام خىيالنى جىق قىلىدىكەنسەن، ساڭا دەپ قوياي جىنىم دوستۇم، سەن ئات تېپىپ بولغۇچە بۇ شەھەردىكى نەپسى يامانلار سىنى ئېشەك قىلىپ مىنىۋېرىدۇ؛ بۇ شەھەرگە ماسلىشالىغانلار ياشىيالايدۇ، ماسلىشالمىغانلار تۈگىشىدۇ. شۇڭا بۇ شەھەردىن ۋاقتىدا كېتىۋال، يا بولمىسا باشقا يولنى تاللا.
— مەن سىنىڭ كۆزۈڭگە سىغمىغان بولسام ئۆيۈڭدىن كۆچۈپ كەتسەممۇ مەيلى، ماڭا ئۇنداق گەپ قىلما،- دېدى زۆھرە يوتقىنىنى يىغىشتۇرۇپ،- مەنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىم بار.
— ئويلىغانلىرىڭ بەك ئاددىي، بەك ساددا!- دېدى ئادىلە ئاچچىق كۈلۈپ،- مۇشۇ ئەپتىڭدە سەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىزلىرىغىلا ئوخشايسەن، ياق، ئۇلارنىڭ كاللىسىمۇ ھازىر جىق ئېچىلىپ كەتتى... ئېچىلمىغان پەقەت سەنلا قالدىڭ...
— ئېچىلمىغان بولسام مۇشۇ پېتى قالاي، مېنى زورلىما... مەن بۇ يەردىن مۇقىمراق، پاكىزراق خىزمەت تېپىۋالساملا ئۆيۈڭدىن كۆچۈپ كېتىمەن، ئاڭغىچە چىداپ تۇر...
— سىنى كۆچۈپ كەت دېمىدىم، خاتا چۈشەنمە، سىنى چېكىپ بېقىۋاتىمەن. مەسىلەن، خىزمەت تاپتىڭمۇ دەيلى، تاپقاندىكىن نېمە ئىش قىلماقچى، مۇھەببىتىڭ بارمۇ؟ ئۆمۈرلۈك ئىشىڭنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى؟
— ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولىدۇ، ھازىر ئۇنى ئويلىغۇدەك ھالىم يوق.
— ھېلىقى بالىغا نېمىدەپ جاۋاب بەردىڭ؟
— قايسى بالىغا؟- زۆھرە چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى.
— سىيىت قارى دېگەن بالىغىچۇ؟
— سەن ئۇنى نېمە بىلىسەن؟ خېتىنى ئوقۇپسەن-دە!
— ئۇنداق قالايمىقان تاشلاپ قويساڭ ئوقۇماي قالامدىم، خەتكە ئۇستا بالىكەن، مەنىمۇ خېلى تەسىرلەندۈرۈپ بىر يەرگە ئاپىرىپ قويدى.
— ئۇ بالا ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ، بىز بىر يۇرتلۇق...
— ئىش كۆرمىگەن ساددا بالىدەك قىلىدۇ.
— ساددىلىقى ساددا، كۆڭلىدە كىشىگە يامانلىقى يوق.
— مۇشۇنداق بالىنى مۇھەببەت تۇتۇپ ياشىساڭ بولمامدۇ؟ بەختلىك بولاتتىڭ.
— لېكىن مەن پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
— ماقۇل دەپ جاۋاب بەرگەنسەن ھەرقاچان، ئۆزەڭمۇ پاك، ۋىجدانلىق قىز بولغاندىكىن...
— لېكىن مەندە ئۇ بالىغا مۇھەببەت دەيدىغان ھېسسىيات يوق.
— نېمىشقا؟ نېمىسى نېمەڭگە يەتمەيدۇ ئەمدى؟!
— ئۇقمايمەن، مەندە ئۇ بالىغا ئۇنداق ھېسسىيات يوق.
— سىنى راستتىنلا چۈشەنگىلى بولمايدىكەن، ئۇنداق ياشا دېسە تېخى ئۇنىمىساڭ، بۇنداق ياشا دېسە تېخى ئۇنى ياراتمىساڭ، سەن زادى قانداق ياشىماقچى؟
— ئۆزۈمنىڭ ئويلغىنىنى بويىچە ياشايمەن.
— سەن راستتىنلا ھېچنېمىنى ئۇقماي ياشايدىكەنسەن. ئۇ بالىنىڭ نەرى بولمايدۇ؟ شۇنچىلىك خەتنى يازالىغان بالا نېمىشقا ساڭا يارىمايدۇ؟ ئۇمۇ يېزىدىن چىققان، ئىش كۆرمىگەن پاكىز بالىكەن، سەنمۇ شۇ يۇرتتىن كەلگەن پاك، گۈزەل قىز. ئىككىڭلار شۇنداق ماس كېلىدىكەنسىلەرغۇ؟ قانداق بولمايدۇ زادى، سىنىڭ مۇھەببەت قارىشىڭ قانداق؟ كاللاڭدا مۇھەببەت دەيدىغان نەرسە بارمۇ-يوق، سەن راستتىنلا ھېچنېمىنى ىبلمەمىسەن ياكى خۇپسەن گاس بولۇۋالدىڭمۇ؟
— مېنىڭ مۇھەببەت دېگەنلەرنى ئويلاشقا چولام يوق، ئۇ بالا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېتىدۇ، مېنىڭ كەتكۈم يوق.
— مانا ئەمەسمۇ، راستتىنلا مەتو ئىكەنسەن، ئۇ بالىغا كۆڭلۈڭ بارمۇ-يوقمۇ دەپ سوراشتىن ئاۋۋال سەندە كۆڭۈل دېگەن نەرسە بارمۇ-يوقمۇ دەپ سوراش كېرەككەن...
— دېمىسەڭمۇ مەن مەتو، مۇھەببەت دېگەن نېمىنى چۈشەنمەيمەن، چۈشىنىشنىمۇ خالىمايمەن.
— شۇنداق قىلىپ ئۇ بالىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىڭما؟
— ئالداپ نېمە قىلىمەن، ھەممىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭغىنىمىز ياخشى.
— ئۇ بالىغا ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد قالدۇرمىدىڭما؟
— ھەي، نېمىسىنى دەي، مەنىڭمۇكۆڭلۈم يېرىم، بىر چاغدا ئۇ بالا ئۆزىنىڭ مىسىرغا چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى، مەكتىپى ئۇلاردىن ئۈچ-تۆتىنى تاللاپ ھەر يىلى ئەزھەر داشۆسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدىكەن. مەنمۇ بولسا شۇنداق قىلىڭ دېگەنىدىم. بۇ قېتىم خېتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم، ئوقۇشىڭىزنى پۈتتۈرۈپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇڭ. مەنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىڭ. يۇرتقا كەتسىڭىز مەن سىز بىلەن بىللە كېتەلمەيمەن، دېدىم. دېسەم، يېشىم چوڭ كېلىپ قالدى، ئىمتىھان بېرەلمىدىم. قارىغاندا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتقا كېتىپ ئىمام بولىدىغان ئوخشايمەن دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەمىسە، بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەلگە ئاشمىغۇدەك دېدىم. باشقا نېمە دەيمەن!
— ھەي، بىچارە بالا، يېشى شۇنچە چوڭمىدۇ ئۇ بالىنىڭ؟
— كىم بىلىدۇ، يا يولىنى ماڭالمىغاندۇ، ساۋاقداشلىرىدىن تۆتى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتىمىش...
— بەك ياۋاش بالىمۇ نېمە ئۇ، لېكىن ساڭا راست گېپىنى دەپتۇ. مۇشۇنداق بالا سىنى ئۆمۈر بويى سادىقلىق بىلەن باقاتتى، لېكىن سەن ئۇقماپسەن ئەمەسمۇ، ئوقۇرۇڭ بەك ئېگىزكەن. ئۆزۈڭ تۈزۈك مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپ تېخى داشۆسىڭ بالىنى ياراتماي، چەت ئەلدە ئوقۇسىڭىز تېگىمەن دېگىنىڭ قىزىق! شۇنىڭدىن قارىغاندا سەن يەنىلا چىرايىڭغا تەمەننا قويىدىغان ئوخشايسەن، مەنمۇ سىنى مۇشۇ چىرايىڭدىن پايدىلىنىپ، راھەت كۆرىدىغان ئىشنى قىل دەپ نەسىھەت قىلىۋاتىمەن، لېكىن سەن بۇنى باشقىچە چۈشىنىپ قالدىڭ. ئەتە-ئۆگۈن ئىسكەتىڭدىن كېتىپ قالساڭ قانداقمۇ قىلارسەن...
— مەن سەندەك چىرايلىق ئەمەس، سەندەك ياسىنىپ يۈرەلمەيمەن. لېكىن، راستىمنى دېسەم، مەنىڭمۇ شۇنداق ياسىنىپ يۈرگۈم بار. ئۆزۈمنى بۇ شەھەردە بارغانچە چېنىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
— ھېلىمۇ ھېس قىلمايدىكەنسەن. مۇشۇنداق يۈرۈۋەرسەڭ تاشلىنىپ قالىسەن. بىلىم، قابىلىيەت دېگەنلىرىڭنى خەققە ھەر دائىم كۆرسىتىپ يۈرەلمەيسەن، يەنە كېلىپ، جىڭ گەپنى قىلغاندا، سەندە ئۇنچىلىك بىلىم، قابىلىيەتمۇ يوق. راست دېگىنە قېنى، سەندىن نەچچە ھەسسە بىلىملىك ئادەملەر بۇ شەھەردە پۇتلىشىپ يۈرىدۇ. شۇلارمۇ پۇرسەت ئىزدەپ تېپىرلايدۇ، خەنزۇچە دېسەڭ ئۆزىنىڭ ئانا تىلى، ئىنگلىزچە دېسەڭ، ئىنگلىزچە بىلىدىغانلار ساماندەك، ئەڭ ئېسىل ئىشلار ئۇلاردىن ئاشمايدۇ، ئۇيغۇرچەڭنى ھېچكىم كېرەك قىلمايدۇ. بۇ دېگەن ئىستېمال دەۋرى، پۇرسەت ئىزدەپ جان بېقىش، ياخشى ياشاش دەۋرى. بىزنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتەلەيدىغان قىممەتلىك نەرسىمىز نېمە؟ قىزلىق نازاكەت، يەنى سەزگۈر كاللا، گۈزەل قىياپەت، خۇش تەبەسسۇم، ئىللىق مۇئامىلە. قانداق ئويلىساڭ ئويلا، مەن كوچىغا چىقىپ خېرىدار كۈتىدىغان قىزلاردىن ئەمەس، مېنىڭ تۇتقان يولۇم ئايرىم. ئارىلىشىدىغان ئادەملىرىم مۇقىم، تېگى پەس چۈپرەندىلەرنى ئۆزۈمگە يېقىنمۇ يولاتمايمەن. پۇرسىتى كېلىپ قالسا، چەت ئەللىك مېھمانلارغا، ساياھەتچىلەرگە تەرجىمانلىق قىلىمەن، خوتۇنلىرىغا ھەمراھ بولۇپ بازارغا چىقشىپ بېرىمەن، باغچىلارغا بىللە بارىمەن. مۇقىم تۇرىدىغان دىپلوماتلارنىڭ ئۆيىنى بىرەر كۈن رەتلەپ، تازىلاپ بېرىمەن، بالىلىرىغا قاراپ بېرىمەن، ئۇلارنىڭ جىددىي ئىشى چىقىپ، بالىلىرىنى يەسلىدىن ئەكىلەلمەي قالغاندا ماڭا تېلېفون قىلىدۇ، بېرىپ ئەكېلىپ بېرىمەن. شۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھەق ئالىمەن. چەت ئەللىكلەر ئەمگەكنىڭ قەدرىنى، كىشىنىڭ ۋاقىتىنى بەك چوڭ بىلىدۇ، سائىتىگە قاراپ ھەق بېرىدۇ. مۇلازىمەت دېگەن ھېلىقانداق پەس قىزلاردەك ئىشتاننى ئېچىپ يېتىپ بېرىشلا بولمايدۇ، كىشىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىغا بېقىپ ھەر خىل، ھەر ياڭزا بولىدۇ. ئىزدىسەك ئىش دېگەن چىقىدۇ. بۇنداق دېسەم، ئۆزىنى ئاقلاپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالما، مەن سەندەك پاك ئەمەس، داغدا قالغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇنداق ياشايمەن، لېكىن پۇل ئۈچۈن قىلمايمەن، كۆڭۈلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن. ئۇلار كۆڭلىنى ئىپادىلىسە رەت قىلمايمەن. مۇلازىمەتنىڭ ھەممە تۈرلىرىدە تولۇق يېتىشكەن قىزمەن، لېكىن ھەممە ئىشنى سۈپەت-ساپا بىلەن ئورۇنلاشقا تىرىشىمەن. ئەمما دەردىمنى ئۆزۈم بىلىمەن، ماڭىمۇ شۇنداق بىر بالا خەت يېزىپ سەمىمىي كۆڭلىنى ئىپادىلىگەن بولسا دەپ كېتىمەن، مېنى باققۇدەك، مۇشۇ ھالەتتىن يۇلۇپ ئالغۇدەك بىر يىگىت چىققان بولسا، ھەرگىز بۇنداق ياشىمايتتىم، ھەر قانچە ياشىساقمۇ بۇنداق ئۆتۈۋېرىشكە بولمايدۇ، ئايال كىشى دېگەنگە يەنىلا ئۆي ياخشى. مەن بۇ ئۆمرۈمدە ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. لېكىن مەن، سەبىي قىزلاردەك، مۇھەببەتنى دەپلا ياشىمايمەن. جاھاندا بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىشلار بار، جەمئىيەت مۇرەككەپ، شۇڭا بىر قېلىپقىلا كىرىۋالساق بولمايدۇ، كاللىمىز ئوچۇق، ھېسسىياتىمىز مول بولۇشى كېرەك، ئارزۇيىمىز ھەر خىل بولسا بىرسىگە يېتەلمىگەندە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەي، يەنە بىرسىگە ئۈمىد باغلاپ ياشايمىز...
زۆھرە ئادىلەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا يېڭىۋاشتىن نەزەر سالدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەن بۈگۈن بىر-بىرىنى قايتا تونۇغاندەك بولۇشتى. گەپلەر بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈپ، ئىدىيە، ھېسسىيات ئۆزئارا تەسىر قىلىشقا باشلىدى.
— سەن تېخى ھېچ ئىشنى كۆرۈپ باقمىغان سەبىي قىزغىلا ئوخشايسەن،-دېدى ئادىلە زۆھرەنىڭ قەلبىگە تۇيدۇرماي كىرىۋالغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېچىلىپ،- بۇ ھالىتىڭ بۇنداق چوڭ شەھەرگە پەقەت ماس كەلمەيدۇ. رېستۇراندا تاپىنىڭ تېشىلىپ كەتكۈچە ئىشلىسەڭمۇ، خوجايىنىڭنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سەندىن كۈتىدىغىنى سىنىڭ تاتلىق بىر كۈلۈپ قويۇشۇڭ ياكى ئىچىنى كۆيدۈرگىدەك بىر ئەركىلەپ قويۇشۇڭ. بۇنىڭ بىلەنلا خوجايىن سىنى بىر ئىش قىلىپ كەتمەيدۇ، ھەممە ئەرلەر ھايۋان ئەمەس، لېكىن ھەممە ئەرنىڭ ئاياللاردىن كۈتىدىغىنى نازاكەت، جانغا ئارام بېغىشلايدىغان شېرىن خۇلۇق. شۇنىڭ بىلەن خوجايىنىڭ بەلكىم ئىش ھەققىڭنى ئارتۇقراق بېرىۋېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە جاپا چېكىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئادەتلىنىپ كەتسەڭ، ھېچ ئىش تەس بىلىنمەيدۇ... ئەگەر چىرايىڭ موزايدەك ئىپادىسىز، ھەرىكىتىڭ كالانپاي بولسا خوجايىنىڭدىن تارتىپ جىمى خېرىدار سىنى كۆزىگە ئىلىپ قويمايدۇ، گۈزەل چىرايىڭنى ئۆزۈڭ لايدەك قاتۇرۇپ سەتلەشتۈرۈۋالغان بولىسەن. چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيدۈرگەن چىرايلىق، سۆيدۈرگەن چىرايلىق دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلغان ئەمەس. ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۆزگەرتمىسەڭ، مىڭ پالاقشىپ جاپا چەككىنىڭ بىكار.
— شۇنداق قىلسام بولغۇدەك،-دېدى زۆھرە،- زامان ساڭا باقمسىا، سەن زامانغا باق دېگەننىغۇ بىلەتتىم، ئەمما كۆنگەن خۇينى تاشلىماق تەسكەن...
— ئۇنى خۇي-مىجەزىم دەپ بەك چوڭقۇر ئويلىۋالما، ئۇ دېگەن ئادەتلىنىش مەسىلىسى. بىر-ئىككى قېتىم سىناپ باقساڭ، ئاندىن داۋاملىق قىلىۋەرسەڭ كۆنۈپ قالىسەن، ئۆزەڭگىمۇ قىلىۋاتقان ئىشىڭ تەبىئىي تۇيۇلىدۇ، ھۆسنۈڭگە تېخىمۇ ھۆسن قوشۇلىدۇ، ھامان ئۈنۈمىنى كۆرىسەن.
— مەن رېستۇراندا ئىشلەۋەرمەي، سەندەك ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلساممۇ بولاتتى، سەن يېتىشىپ بولالمىغاندا مېنى يېنىڭغا چاقىرىۋالساڭ، ئىككىمىز تەڭ قىلساق...
— بولىدۇ، چاتاق يوق، ئۇنداق ئىش دېگەننى كىملا قىلسا بولۇۋېرىدۇ. لېكىن ئۇ ئىشلارنى بىر ئاز ئۆگەنمەيمۇ بولمايدۇ، ئالاقىگە ماھىر بولۇشۇڭ كېرەك، ئىشتا سۆرەلمىلىك قىلساڭ، ۋاقىتقا رىئايە قىلمىساڭ بولمايدۇ. بەزى چاغدا يۈزۈڭنى قېلىنراق قىلىشقا، سەۋرچانراق بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭ كەينىمدىن يۈرسەڭ، پىشىپ قالىسەن.
ئىككىسى كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ، بۇ شەھەردە ياشاشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى تۈزۈشۈپ، كەلگۈسىنىڭ خەرىتىسىنىمۇ سىزىشىپ بولدى. ئادىلە ئۆز قەلبىنى زۆھرەگە كەڭ ئېچىۋېتىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى. زۆھرە ئۇنىڭ ئاغزىدىن باشقا بىر تۈرلۈك ياشاش شەكلىنى، ئەڭ مۇھىمى، بۇ شەھەردە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى، ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، ئىدىيىدە داۋاملىق ئېچلىش، ئېچىلىش، يەنە ئېچىلىش كېرەكلىكىنى ئۇقۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن زۆھرەنىڭ يېڭىچە ياشاش ئىستىكى بۆلەكچە كۈچىيىپ، بۇ شەھەر ئۇنىڭغا قايتا قۇچاق ئاچقاندەك بولدى. نىشانى تېخىمۇ ئېسىل، تېخىمۇ پايدىلىق ئىشلارغا يۆتكەلدى، بۇ شەھەردە ياشىغاندىكىن تۈزۈك ياشاش كېرەك، بولمىسا يۇرتنى تاشلاپ چىققاننىڭ نېمە پايدىسى؟ دېمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ؟... دەپ ئويلاپ، تەۋەككۈلچىلىك، ئەركىنلىككە تولغان رەڭگارەڭ، جەلپكار بىر ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلدى.
16
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان سىيىت قارىنىڭ تەرتىپ، تەقۋالىق، پاكىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن بەش يىلى ئۆزىنى ھەر ھالدا خۇرسەن قىلاتتى: دەرسلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتۈپ كەلدى، نامازغا تولۇق چىقتى. قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يادلاپ بولدى، ئەرەبچىدە دىنىي كىتابلاردىن پايدىلىنالىغۇدەك سەۋىيىگە يەتتى، خەنزۇچىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلىگۈدەك، مەقسىتىنى يامان ئەمەس ئۇقتۇرالىغۇدەك بولدى، ئىنگلىزچىنى ئازراق ئۆگىنىۋالدى. قىرائەتنى يامان ئەمەس قىلىدۇ. ئەزان توۋلاش، خۇتبە ئوقۇشنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ. ئىماملىقتا ئانچە تەمتىرىمەيدۇ. سىياسەت، خەلقئارا ۋەزىيەتتىن قەدىرئەھۋال خەۋەر تاپتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىمۇ خېلى ئوبدان يېزىپ تاپشۇرۇپ بەردى.
ئەمما كۆڭلىدە بىر ئەپسۇس، نادامەت قالدى. ساۋاقداشلىرىدىن بىر نەچچىسى ئەڭ ئاخىرىدا كۆڭۈللىرىدىكىنى ئاشكارىلىدى، گەپلىرىدىن قارىغاندا ئۇلار مۇھەببەتتە نەتىجىگە ئېرىشكەنىدى. مەكتەپ بۇلارنى ھەرگىز ھېسابلىمايتتى، ئەمما بۇ نەتىجە ئۇلارنىڭ بەش يىللىق ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى. ساۋاقداشلىرى خۇشال ئىدى، جەمئىيەت ئۇلارنى تەقەززا قىلاتتى، مەكتەپتە مۇھەببەتلەشمىگەن بىر نەچچىسى پراكتىكا ۋاقتىدا يۇرتتىن تويلىشىدىغان قىزلارنى بېكىتىپ قويۇپ كېلىشكەنىدى. سىيىت قارى بىر چەتتە غەمكىن خىيال سۈرەتتى، كەلگۈسىدىكى خىزمەت تەقسىماتى نەدىن نەگىچە بولىدۇ، قانداقراق قىزنى خوتۇن قىلىدۇ، قايسى مەسچىتكە، قانداقراق جامائەتكە ئىمام بولىدۇ، ھۆكۈمەت بىلەن دىنىي خىزمەتنى قانداق ماسلاشتۇرۇپ كېتەلەيدۇ، تۇرمۇشىنى قانداق قامدايدۇ، بەش يىل ئوقۇتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاشۇ جاپالىرىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ... بۇ ئىشلار سىيىت قارىغىلا ئەمەس، ھەممەيلەنگە ئورتاق غەم ئىدى، لېكىن ھەر يۇرتنىڭ، ھەر ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايتتى، شۇنىڭغا بېقىپ غەممۇ چوڭراق ياكى كىچىكراق بولاتتى.
مېڭىشقا ئاز قالغان كۈنلەردىن بىر كۈنى كەچتە زۆھرە سىيىت قارىنى ياتاق ئۆيىگە تاماققا چاقىردى. زۆھرە ئەسلىدە تېلېفوندىلا خوش دەپ قويۇشنى ئويلىغانىدى، ئەمما ئادىلە ئۇنى چوقۇم مۇشۇ ئۆيگە چاقىرىش تەكلىپىنى بەردى. سىيىت قارى كاستۇم-بۇرۇلكىسىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، ناۋات پۈركۈپ قاتۇرۇۋەتكەن دوپپىسىنى بېشىغا ئەپچىل قوندۇرۇپ، ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ مەئىشەت قايناپ تۇرغان كوچىلىرىغا، خوتۇن-قىزلىرىغا تەپسىلىي قارىغاچ، بۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە نېمە بەخش ئەتكەنلىكىنى ئويلىغاچ، زۆھرەنى بىر باشتىن كۆڭۈلسىز ئەسلىگەچ ماڭدى. زۆھرە ئادىلە بىلەن بىللە تۇرۇشقا باشلىغاندا سىيىت قارى خېتىنى قوينىغا سېلىپ، مېۋە-چېۋە ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ بارغانىدى، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ خەتنى ئۇنىڭغا چىقىرىپ بەرگىنىدە ھەر قانچە ئۆزىنى بېسىۋالىسىمۇ تىترەپ: «بىر نەرسە يازغانىدىم، كۆرۈپ باقسىڭىز، مەن كېتىپ بولغاندا كۆرۈڭ» دەپ قىزىرىپ كەتكەنىدى ۋە بۇ ھالدىن ئېسەنگىرەپ تۇرۇپ قالغان قىزنىڭ قولىغا خەتنى تۇتقۇزۇپ قويغانىدى. سىيىت قارى ئاشۇ جىددىي پەيتنى باشتىن كەچۈرگەن ئۆيدە زۆھرە بىلەن ئەمدى سوغۇق كۆرۈشىدۇ، تامىقىنى يەپ بولۇپ كۆڭۈلسىز خوشلىشىدۇ. ئۇ يەرگە ئەسلىدە ئىككىنچى بارمايدىغان ئىش ئىدى، ئەمما زۆھرەنى بۇ شەھەردە ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋالغۇسى كەلدى، بۇ كۆرۈشۈشنىڭ نېمىشقا ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈش بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقى ئۆزىگىمۇ قاراڭغۇ ئىدى.
زۆھرە بىلەن ئادىلە ئۇنى ئىشىك تۈۋىدە قارشى ئالدى. ئادىلە ئۇنىڭغا قىزىقسىنىپ قاراپ كەتتى، بۇنىڭدىن سىيىت قارىنىڭ خىيالى بىردىنلا ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. ئۆينىڭ ئىچى كۈچلۈك ئەتىر پۇرايتتى، بۇ پۇراق بۇ ئۆيگە كىرگەنلا ئەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغىدەك دەرىجىدە قويۇق، ئۆتكۈر ئىدى. تامدىكى يېرىم يالىڭاچ رەسىملەر، تېلېۋىزور يېنىغا تىزىپ قويۇلغان دەستە-دەستە دەيلەر، ياغلىقىنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلاپ، چېچىنى قويۇۋەتكەن زۆھرە ۋە سېرىق چاچلىرىنى بۈدرە قىلىۋالغان ئادىلە... بىر-بىرىگە ئاجايىپ ماسلىشىپ كەتكەنىدى.
— قورۇنماي ئولتۇرۇڭ،-دېدى ئادىلە سىيىت قارىنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ كۈلۈپ.
سىيىت قارى ئىككى يانغا قىمىرلاپ قويدى.
— چاي ئىچىڭ،- دېدى زۆھرە چاي قويۇۋېتىپ، سىيىت قارى ئۇنىڭ كۆكسىگە قاراپ سېلىپ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى. قېنىق گىرىم قىلىۋالغان زۆھرە بۇرۇنقىدىن بەك سەتلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈندى.
—تونۇشتۇرۇپ قوياي، بۇ ياق دوستۇم ئادىلە بولىدۇ،-دېدى زۆھرە ئادىلەنى كۆرسىتىپ.
— بۇ بالىنى ماڭا تونۇشتۇرمىدىڭغۇ؟-دېدى ئادىلە سىيىت قارىغا يەنە سىنچىلاپ قاراپ..
— ئادەمنى كولدۇرلاتمىغىنە، بىلىسەنغۇ، مەن گېپىنى قىلىپ بەردىمغۇ؟
— سەن بۇ بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ بولغۇچە مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغان..
— خېتىڭىزنى كۆرۈۋاپتىكەن بۇ... –دەپ كۈلۈپ قويدى زۆھرە.
سىيىت قارىغا بۇ كۈلكە تولىمۇ مەنىسىز، تولىمۇ بىچارە تۇيۇلۇپ كەتتى.
— خەت يېزىشقا يامان ئۇستا بالىكەنسىز، ئوقۇپ تەسىرلىنىپ كەتتىم. قارىم باللا گەپ قىلىشقا شۇنداق ئۇستا بولامدۇ يا؟!
— ياقەي، مۇنداقلا يېزىپ قويغان...
— ئۇنداق دېمەڭ، زۆھرەنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ. مۇھەببىتىمنى رەت قىلدى دەپ ئۆزىڭىزنىڭ چىن كۆڭلىڭىزنى بۇنداق ئىنكار قىلماڭ..
— ياق، مەنمۇ راست گەپ قىلىۋاتىمەن، ئۇ خەتنى ئالدىراپلا يېزىپ قويغان...
— ياق، سىز ئۇنداق بالىدەك قىلمايسىز، سىزدەك بالىدىن يالغان گەپ چىقمايدۇ.
— قانداق چۈشەنسەڭلار مەيلى، ئۇ دېگەن شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىيات...
زۆھرە ئىپادىسىز ھالدا قاراپ تۇراتتى، ئادىلە توختىماي شۇ خەتنىڭلا گېپىنى قىلاتتى:
— سىز ئۇ خەتتە يالغۇز ئاياللارغا شەيتان ھەمراھ بولىدۇ دەپتىكەنسىز، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
— يالغۇز ئاياللارغىلا ئەمەس، يالغۇز ئەرلەرگىمۇ شەيتان ھەمراھ
— نېمىشقا شۇنداق دەيسىز؟
— چۈنكى يالغۇز ئادەم دائىم خىيالىغا كەلگەن ئىشنى قىلىپ باقىدۇ، ئىشلىرىغا دائىم ۋەسۋەسە ئارىلىشىۋالىدۇ. شۇڭا بويتاق ئۆتكەندىن توي قىلىپ ياشىغان ياخشى. يالغۇز يۈرگەندىن مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن ياخشى. ئادەم جامائەت ئىچىدە ئۆزىنى تۈزەيدۇ، جامائەت پىكېرەكىدىن قورقىدۇ. نامازنىمۇ جامائەت بىلەن ئوقۇسا ياخشىراق ئوقۇغىلى بولىدۇ...
— مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن ياخشى دېدىڭىز، قارىم بالىلار قاتتىق مۇھەببەتلىشۇنداقىكەن-دە!
— قارىم بالىلارمۇ ياش يىگىتلەر، ئۇلارنى ئۇنداق ھېسسىياتتتىن توسۇپ قالغىلى بولامدۇ، يارىتىلىش قانۇنىيىتى شۇنداق، ئەمما ئۇنى توغرا ئىزغا سېلىش كېرەك. مۇھەببەتلەشتۇق دەپ ناشايان ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، نەپسىمىزنى چەكلىمىسەك بولمايدۇ.
— ناشايان ئىش دېگىنىڭىز قانداق مەسىلەن؟!- ئادىلە تەپتارتماي پۇتىنى كېرىپ ئولتۇرۇپ سىيىت قارىغا كىرىشىپلىۋالغانىدى. زۆھرە بىر ياقتىن بۇ گەپنىڭ ئاخىرى نەدىن چىقاركىن دەپ قاراپ ئولتۇراتتى، گاھىدا سىيىت قارىغا ئۇنى باشقىدىن چۈشىنىۋاتقاندەك ئەلپازدا ھاڭۋېقىپ قارايتتى.
— ناشايان ئىش دېگەننى بىلمەمىسىز؟
— بىلمەيمەن.
سىيىت قارى گەرچە ئۇلارنىڭ جىنىغا تەگسىمۇ مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى، بۇ يەرگە مېھمان بولغىلى ئەمەس، سوراققا تارتىلغىلى كەلگەندەك ھېس قىلىپ ئىچى سىقىلىپ كەتتى. ئەمما قوپۇپلا چىقىپ كېتەلمىدى، مۇشۇ پۇرسەتتە بۇ ئىككىسىگە ئازراق ساۋاق بېرىپ قويۇش خىيالىغا كەلدى. ئادىلەنىڭ گەپ كوچىلىغىنىغا قارىغاندا ئۇنىڭدا ئىدىيە توقۇنۇشى خېلىلا ئېغىر ئىدى. زۆھرە ئۇنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ نادان كۆرۈنەتتى. سىيىت قارى ئەمدى بۇ قىزدا ھېچقانداق لاتاپەت، گۈزەللىك قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىچى ئېچىشتى.
— ناشايان ئىش دېگەن...- دەپ بىر دەم تۇرۇۋالدى سىيىت قارى، ئاندىن كەسكىنلىك بىلەن سۆزلەپ چۈشتى،- ئوبدان ئاڭلىۋېلىڭلا، سەت گەپ قىلىش، يات جىنىسلار ياكى ئوخشاش جىنسلار ئۆزئارا قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش، زىنا قىلىش، ئەۋرىتىنىڭ-ئالدى كەينىگە جىما قىلىش.. جىنسىي ھەۋىسىنى خىلمۇ خىل غەيرىي ئۇسۇللار بىلەن قاندۇرۇش... مۇشۇنىڭ ھەممىسى ناشايان ئىشقا كىرىدۇ.
— سىلەر مۇھەببەتلەشساڭلار ناشايان ئىش قىلمامسىلەر؟
— قىلمايمىز، پەقەت نورمال پاراڭلىشىمىز، غەيرىي نىيەتتە بولماسلىققا تىرىشىمىز. قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتمايمىز.
— قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتمايسىلەر؟ بۇ قانداق مۇھەببەت بولىدۇ؟
— بولىدۇ، مۇھەببەت دېگەن ئاۋۋال قەلبتە بولىدۇ. قالغان ئىشنى نىكاھ ئوقۇغاندىن كېيىن قىلسىمۇ كېچىكمەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا قانداق قىلسا يارىشىدۇ. لېكىن ھەددىدىن ئاشماسلىق كېرەك، ئايالىنىڭ كەينىدىن جىما قىلىشقا، ھەيز ۋاقتىدا زورلاپ جىما قىلىشقا بولمايدۇ. تويدىن كېيىن ئەر-ئايال ساغلام، پاكىز ياشىشى كېرەك، سىرتتىن ئاشنا تۇتۇشقا، ھارام يول بىلەن نەپسىنى قاندۇرۇشقا بولمايدۇ.
— سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار بەك غايىۋى بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ نەدە ئۇنداق ئىش بار ئىكەن؟ سىلەر ھەۋىسى يوق ئادەممۇ؟ پەرىشتىمۇ؟ سىلەر ھەرگىز پەرىشتە ئەمەس، بەلكى بىنورمال بالىلار...- ئادىلە چېچلىپ سۆزلەپ زۆھرەنى ئەنسىرىتىۋەتتى. ئادىلە قورسىقىدىكى گەپنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن سىيىت قارىنى چاقىرتىپ كەلگەندەك قىلاتتى.
— سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بىز ئەلۋەتتە بىنورمال بالىلار، بىز مۇھەببەتلىشىشنى ئۇقمايمىز، شۇڭا رەت قىلىندۇق. لېكىن ياراتقۇچى ئىگەمدىن سەۋر-تاقەت تىلەيمىز، خۇدايىم كۆڭۈللەرگە ئىنساپ بەرسۇن...
— ئۆزىڭىزنى ئۇنچىلىك پاك چاغلاپ كەتمەڭ، بىزنىڭ ئالدىمىزدا ياسىمىلىق قىلماڭ. بايا زۆھرە چاي قۇيغاندا سىزگە دىققەت قىلدىم، زۆھرەنىڭ كۆكسىگە قاراپ بۇغدىيەكلىرىڭىز غىلدىرلاپ قالدى. ئۆزىڭىزنى چۈشەپ قويماي ئەركىن ئولتۇرۇڭ. ھەۋىسىڭىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بالىكەنسىز، شۇڭا ئىتتىك ھاياجانلىندىكەنسىز. بايىقى گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ، بۇ يەرگە سىزنى خۇشال ئولتۇرۇپ بەرسۇن، ئوخشىتىپ ئەتكەن تامىقىمىزنى يەپ بەرسۇن دەپ چاقىرتتۇق، شۇڭا چىرايلىق ئولتۇرۇپ بېرىڭ. ئەگەر باشقا ئىشتىھايىڭىز بولسا ئۇنىمۇ دەڭ، بىز سىزنى تۈزۈك قاندۇرۇپ، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرۇپ ئۇزىتىپ قويىمىز...
زۆھرە تاتىرىپ كەتتى، ئادىلەگە ئالايدى، ئادىلە چاندۇرماي گېپىنى چۈشۈردى:
— قاراڭ، قاراڭ، ئولتۇرالماي قالغىنىڭىزنى، ھەۋەس مېڭىۋاتامدۇ، مانا يىگىت دېگەن، مانا ئەركەك دېگەن... جاھاندا بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق. بايىقى گەپلىرىمنى سىزنى سىناش ئۈچۈنلا دەپ قويدۇم، خېتىڭىزدە دەپتىكەنسىزغۇ، بۇ دۇنيا چوڭ بىر ئىمتىھان مەيدانى دەپ، قارىغاندا سىزمۇ چوڭ گەپ قىلغان بىلەن بۇ ئىمتىھاندىن تەستە ئۆتكۈدەكسىز. يەنە تېخى خېتىڭىزدە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ... دەپ يېزىپسىز، نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيسىز؟ سىز قەغەز تەكشۈرگۈچىمۇ؟ قانداق سالاھىيەتتە بۇ گەپنى دەيسىز؟ ئەركەك دېگەن لەۋزىدە تۇرۇشى، قىلغان گېپىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. گەپنى چاغلاپ قىلىڭ، مەدرىستىن چىقماي، جاھان دېگەن مۇشۇ دەپ يۈرۈۋەرسىڭىز بۇ جاھانغا ماسلىشالمايلا تۈگىشىپ كېتىسىز. سىز زۆھرەنىڭ مۇھەببىتىگە نېمىشقا ئېرىشەلمىدىڭىز، بىلەمىسىز؟ زۆھرە بىر ئوغۇلغا ھاجىتى چۈشكەندە سىز نەدىتىڭىز؟ ئاشخانىدا تاماق يېگەنلا ھېسابمۇ، باغچىغا نېمىشقا ئاپارمايسىز؟ زۆھرە ئىش تاپالماي پالاقلاپ يۈرگەندە سىز نېمە ئىش قىلىپ يۈرگەنتىڭىز؟ زۆھرە غەمدىن قۇتۇلالماي يىغلاپ تۈگىشەي دېگەندە نەگە يوقالغانتىڭىز؟ زۆھرەگە مېۋە-چېۋىدىن باشقا نېمە ئېلىپ بېرىپ باقتىڭىز؟ بۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئالالىدىڭىز؟ بىر تالاي ئاقماس پەلسەپە، قۇرۇق گەپلەر بىلەن بۇ قىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىمەن دەپ ئويلىغانمىدىڭىز؟ قۇرۇق گەپكە ھازىر نېمە كېلىدۇ؟ قۇرۇق گەپكە قورساق تويامدۇ؟ خەت يېزىش قايسى زاماننىڭ ئىشى؟ يىگىت بولغاندىكىن نەق مەيدانغا چاقىرىپ ئىككى ئېغىز تۈزۈك گەپ قىلىپ، يالغاندىن جىم تۇرۇۋالسا قۇلاقتىن تۇتۇپ سۆيۈپ ئۈندەككە كەلتۈرۈشنى ئۇقمامسىز؟ زۆھرەدە كۆڭۈل يوق دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇ قىز ئەمەلىيەتتە ئاجايىپ ھېسسىياتچان ئىكەن، قەدىرلىگەننى بىلىدىكەن. جاھاندا ئۆزىنىڭ قەدرىنى تونۇپ ياشاشتىن ئېسىل ئىش بارمۇ؟ سىزدەك بالىغا ماقۇل دېگەن بولسا ئۆيىدىن چىقالمايدىغان بىر خوتۇن بولۇپ، سىىقىلىپ تۈگىشىپ كېتەتتىكەن...
— گېپىڭىز تۈگىدىمۇ؟!-دېدى سىيىت قارى ئورنىدىن قوپۇپ،- مېنى بۇ يەرگە مۇشۇ گەپلەرنى دەۋېلىش ئۈچۈن چاقىرتقانمىدىڭلار؟ مېھمانغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسىلەر؟ ئاناڭلاردىن قالغان ئۆرپ-ئادەتنى ئۇنتۇپ كەتكەن تۇرۇقلۇق، تېخى ماڭا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟. تەربىيىنى ئۆزۈڭلارغا قىلىۋېلىڭلار، مەن پەقەت خۇدادىن كۆڭلۈڭلارغا ئىنساپ تىلەيمەن... – سىيىت قارى ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا زۆھرە ئىڭرىغاندەك بوش توۋلىدى:
— تاماق پىشىپ قالغان، يەپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ...
— بولدى رەھمەت، ئىزاغا لىق تويدۇم...
سىيىت قارى تالاغا چىقىپ يەڭگىل نەپەس ئالدى، شەھەر ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار كۆز قىسمايتتى. تۈنىياز مەزىننىڭ ئۆيىدە چاقنىغان يۇلتۇز كۆكتىلا لەيلەپ قالغانىدى.
سىيىت قارى سىنىپىدىكىلەرنى ئۇزىتىش ئولتۇرۇشىدا مۇھەببىتى ياكى نىشانى بارلارغا سەپسېلىپ ئولتۇردى، ئۇلار تولىمۇ خۇشال كۆرۈنەتتى، جەمئىيەتكە چىقساق ئەركىن بولىمىز دەپ خۇشال بولۇپ كېتىۋاتامدۇ، بىلگىلى بولمايتتى. سورۇندا مەكتەپ رەھبەرلىرى قىسقىچە ئايرىلىش سۆزى قىلدى. سىرتتىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان سازەندە، ناخشىچىلار تالىپلارنى مۇڭغا كەلتۈرۈۋەتتى. نوتۇققا ماھىر بىر زىيالىي كىشى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، پاساھەتلىك ئىبارىلىرى بىلەن تالىپلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، يۈكسەك تەلەپ-ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆزلەۋېتىپ، كۈندە خەۋەر ئاڭلايدىغان قۇلاق موللىسى بالىلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بەردى: ئامېرىكا-ئىراق ئۇرۇشىدا ئىراق نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ؟ چۈنكى ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىراق ئەسكەلىرى تۇرغان يەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا شەكىللىك تۇمان پەيدا قىلىپ، ئاسماندا « ئى ئەرەبلەر، سىلەر گۇناھقا چۆكۈپ كەتتىڭلار، تۆۋە قىلىڭلار!» دېگەن يوغان ئەرەبچە ھەرپنى ئېنىق خاسىل قىلغان. بۇنى روشەن كۆرگەن ئەرەبلەر شۇ ھامان قوراللىرىنى تاشلاپ، يەرگە يۈكۈنۈپ سەجدە قىلغان، ئاللاھقا تۆۋە قىلغان. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر بىرلا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارغا يەڭگەن، باغداتنى ئىشغال قىلغان... ناتىق زىيالىي گېپىنىڭ ئاخىرىنى شۇنداق تۈگەتتى: دىندا راست-يالغان ئىشنى پەرقلەندۈرۈڭلار، جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن ئەتراپلىق خەۋەردار بولۇڭلار، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، ئۆزىمىزنى تونۇمىساق، ھېچنېمىنى تونىمايمىز. قايتىپ بارغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە كەڭ ئارىلىشىڭلار، ۋەتەننىڭ ئىسلاھات چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈپ ياراملىق دىنىي خادىملاردىن بولۇڭلار...
سىيىت قارى دىپلومىنى ئېلىپ يۇرتىغا، مەھەللىسىگە قايتىپ كەلدى. بەش يىلدا ئۇ ئاقىرىپ، پاكىز بولۇپ، چىرايىدىن ئىلىم نۇرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، مەھەللىسىدىكى قىزلارنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرگىدەك يىگىت بولۇپ قالغانىدى. زۆھرەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى كەپتۇ دەپ يوقلاپ كەلدى، قىزىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.
— ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ،-دېدى سىيىت قارى،- بىر يەردە ئىشلەۋاتقاندەك قىلىدۇ.
— نەدە ئىشلەيدىكەن، قانچە پۇل مائاش ئالىدىكەن؟
— ئۇنى ئۇقمىدىم...
— يېنىپ كېلىدىغاننىڭ گېپىنى قىلامدۇ؟
— ئۇنىمۇ بىلمىدىم...
— ھەي بۇ بالىنى، ئۆيگە ئايلاپ تېلېفون قىلماس بولۇپ كەتتى.
— ئەنسىرىمەڭلا، ھەممىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار..
— ئۆزىمۇ مېڭىش ئالدىدا شۇنداق دېگەنىدى... لېكىن ئادەم ئەنسىرەپ قالىدىكەن... خۇدايىم ئۆزى ساقلا...
قىزىدىن ئىشەنچلىك خەۋەر ئالالمىغان ئاتا-ئانا مۈكچەيگەن قەددىنى سۆرەپ خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.
بىر ئايدىن كېيىن ناھىيىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىن بىر كادىر چىقىپ سىيىت قارىغا خەۋەر يەتكۈزدى:
— ئەتىدىن باشلاپ بىر ھەپتىلىك كۇرسقا قاتنىشىسىز.
— نېمە كۇرسكەن ئۇ؟ مەن يا دىنىي زات بولمىسام.
— دىندا ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى دىنىي زات، چوقۇم قاتنىشىشىڭىز كېرەك.
— خىزمەتتىن خەۋەر يوق، كۇرس باشلىنىپ كەتتىمۇ ئەمدى...
— يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش چۈشكەن ھامان سىزنى ئىماملىققا تەيىنلەيمىز.
سىيىت قارى ئەبجەق موتۇنى گۇكىرىتىپ يىراقلاپ كېتىۋاتقان كادىرغا قاراپ قالدى.
[ بۇ يازمىنىمۇش521دە2010-07-16 12:04قايتا تەھرىرلىد ]
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
5
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 11:58
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
ھەر قايسى ئەزالارغا:
مەن ھەممىسىنى تۇلۇق يوللاپ بولغىچە سىلەر ۋاقتىنچە ئىنكاس يوللىماي تۇرساڭلار بوپتىكەن...قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت!~!
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
6
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 12:13
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
17
كۈنلەر ئۆتۈپ، سىيىت قارىغا بىر كىىچك مەسچىتنىڭ مۇئاۋىن ئىماملىقى تەگدى. جۈمە نامىزىغا ئىمام ۋە خاتىپ بولۇش تېخى يىراقتىكى ئىش ئىدى. مەسچىتنىڭ مۈلكىنى يەنىلا قېرى ئىمام باشقۇراتتى. ھۆكۈمەت بېكىتىپ قويغان بۇ ياش ئىمامنى جامائەت ئاخىر ئېتىراپ قىلدى، ئېتىراپ قىلمايمۇ ئامالى يوق ئىدى. ياش ئىمامنىڭ ئارتۇق گېپى يوق، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى مۇلايىم، قىرائەتلىرى جايىدا ئىدى. ئادەتتىكى ناماز ۋاقىتلىرىدا قېرىلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار مەسچىتكە كۆپرەك يىغىلاتتى، جۈمە كۈنلىرىدىلا ياشلار ئاۋۇپ قالاتتى، بېشىغا چوقۇم بىر نېمە كىيىپ كېلەتتى، دوپپىسى بولمىسا شەپكىسىنى تەتۈر كىيىپ بولسىمۇ ئولتۇرۇشى كېرەك ئىدى. جامائەت ئارىسىدا ئىلگىرىكىدەك ئىختىلاپ، زىددىيەتلەر بېسىقىىپ قالغان، سۈرە «فاتىھە»دىن كېيىن «ئامىن»نى ئۈنلۈك دېيىش-دېمەسلىك، جۈمەدىن كېيىن پېشىىننى ئوقۇش-ئوقۇماسلىق ھەر كىمنىڭ ئىختىيارىغا قالغان ئىدى. جامائەت ياش ئىمامنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى، سىيىت قارى ئىمام بولغاچقا «ئامىن»نى ئىچىدىلا دەپ تۈگەتتى، جۈمەدىن كېيىن پېشىننى ئوقۇۋەردى، پېشقەدەملەر بۇنىڭدىن خۇرسەن بولدى، ئۇنى بىدئەت دېگۈچىلەر «نامازنى كۆپ ئوقۇش بەرىبىر گۇناھ ئەمەس، بىھۇدە ئىش قىلغان بولسا ئەمەلىي بىكار كېتىدۇ، ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە...» دەپ قاراپ، ئارتۇق پىتنە-پاسات تېرىمىدى.
سىيىت قارى بارا-بارا قېرى ئىمامنىڭ ۋە كونا جامائەتنىڭ مايىللىقىنى تارتتى، ياشلار ئۇنى ياش تۇرۇپلا قېرىپ كەتكەن مويسىىپىت ئىمامدەك كۆرۈپ «كىشمىش قارىم» دەپمۇ قويۇشاتتى. سىيىت قارى ھەممە ئادەمگە ياخشى كۆرۈنۈپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش قاراشلاردا بىرلىككە كېلىپ، ئىختىلاپلىق مەسىلىللەردە ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۆتۈۋەردى. بۇنداق رايىشلىق ۋە تەمكىنلىك ھۆكۈمەتنىمۇ، ئاممىنىمۇ رازى قىلدى، بەلكى ھەممە تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. باش ئىمام ئۇنىڭغا بەزى جۈمە كۈنلىرى جۈمە ئوقۇتۇشقا رۇخسەت بەردى.
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ، قېرى ئىمام ئاغرىپ قېلىپ، ئىمامەتچىلىك ئۇنىڭغا قالدى. ئۇ ھەر ۋاقىت نامازدا مەسچىتكە بۇرۇن ھازىر بولۇپ، يەڭگىل قەدەملىرى بىلەن خانىقاغا كىرىپ، پاكىز قوللىرى بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ، ۋەزمىن ئولتۇرۇشلىرىدا سۈكۈتكە چۆمۈپ، سائەت توشقاندا قانچە جامائەت يىغىلسا شۇلارغا ئىمام بولۇپ، نامازدىن پارىغ بولغاندا قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئەزىز بولۇشىغا، ئەل-جامائەتنىڭ دىندار، ئىنساپلىق بولۇشىغا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا، ئۆز ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا دۇئا قىلاتتى؛ بەزىدە يىراقتا قالغان زۆھرەنى يادىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىپلاسلىق ۋە نومۇسسىزلىقتىن يىراق بولۇشىنى تىلەيتتى...
ھەر قانداق جايدا بىر ئىمام كۆپ ھاللاردا شۇ يەرلىك بايلارنىڭ يېقىنى بولۇپ قالاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىماممۇ ئۆز نۆۋىتىدە يۈز-ئابرۇيىنى تىكلەيتتى. سىيىت قارىممۇ ئاز-تولا پۇل تاپقان مەھەللىۋى بايلارنىڭ، يۇرت چوڭلىرىنىڭ چايلىرىغا داخىل بولۇپ، جامائەت سۆھبەتلىرىگە قېتىلىشقا باشلىدى. يۇرت دېگەندە توي-تۆكۈن، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى بولۇپ تۇراتتى، نىكاھ ئوقۇش، خەتمە قىرائەت قىلىش، بالىغا ئىسىم قويۇش... ئىشلىرى ئايلىنىپ كېلىپ يەنە سېيىت قارىنىڭ بېشىغا چۈشتى. سىيىت قارى ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرمايدىغان، بەرسە ئالىدىغان، بەرمىسە خاپا بولمايدىغان ئىمام ئىدى، بۇ تەرىپىمۇ ئەلگە ياقتى. ئەسلىدە ئۇ ئىشلار خالىس قىلىنىشى كېرەك ئىدى، سىيىت قارىمۇ بۇنى بىلەتتى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەرزان باھاغا ساتسا بولمايتتى؛ لېكىن جەمئىيەت پۇلغا تۇرۇپ كەتكەنىدى، يەنە كېلىپ، ھەممە نېمىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتكەنىدى، ھۆكۈمەت بەرگەن ئازغىنە تۇرمۇش پۇلى ھېچنېمىگە يەتمەيتتى، نامراتلىق، موھتاجلىق ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىدىن كەتمەيتتى. ئۇمۇ توي قىلىشقا پۇل يىغمىسا بولمايتتى، ھېچكىم دۇئا ئوقۇپ قويغانغا قىزىنى بەرمەيتتى. ئالتۇندەك پارقىراق نەپسانىيەت، ئالماستەك قاتتىق يوقسۇللۇق سىيىت قارىنى ئىماملىقنىڭ قوشۇمچە كىرىملىرىگە ئۆگەتتى، ھەتتا بەرمىگەنلەرگە نارازى بولىدىغان ھالغىمۇ كەلدى. ھۆكۈمەت يېتەرلىك مائاش بەرمىسە، جامائەتنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بەش يىللىق جاپالىق ئوقۇشنىڭ بەدىلى تۆلىنىشى كېرەكتەك تۇيۇلدى. بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە دىنىي ئىشلارنىڭمۇ مۇلازىمەتكە ئايلىنىپ كېتىشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى، بۇ ھال سىيىت قارىمنىڭ ئىمان-ۋىجدانىغا تەسەللى بەخش ئەتتى.
سىيىت قارى بايلارنىڭ، مۆتىۋەرلەرنىڭ ماشىنىلىرىغا ئولتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى، ئەل-جامائەتنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا ئائىت مۇلازىمەت ئۈچۈن يانفوندىن بىرنى سەپلىدى. مەرىكە-مۇراسىملارغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن ماشىنا بولمىغاندا، ۋەلىسپىت مىنىپ جاپا تارتىپ قالماي دەپ موتوسكىلىتتىن بىرنى ئالدى. كىشىلەرگە تەنتەك، پىشمىغان موللا سىياقىدا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن ياش تۇرۇپلا ساقال قويدى، ھەر خىل سورۇنلارغا ماس كېلىدىغان دوپپا-تۇماق، يارىشىملىق پەلتولارنى چامادانلىرىغا يىغدى. «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» دېگەن ھېكمەت ھەر كۈنلۈك ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندى. ئۆزلۈكىدىن ئۆزگىرىۋالمىغىنىغا، جامائەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلىۋاتقىنىغا ئۆزىنى ئىشەندۈردى.
ئىماملىق بىلەن بېيىپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولاتتى، مەرىكە-مۇراسىملارغا بارسا تاماق تەييار ئىدى، كۈندە بولمىسىمۇ، ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىم قائىدىسىنى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن چۆنتەككە پۇل كىرىپ تۇراتتى. جامائەت سورۇنلىرىدا تۆرنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ، زىكرى-سۆھبەتلەردە بولسا مۆتىدىل پىكىرلەرنى قىلىپ، بېيجىڭدا بەش يىل ئوقۇپ ئېرىشكەن ئىلىمىنى نامايان قىلاتتى. دېھقانلار ئېتىزدا قانچە تەر تۆكۈپ ئىشلىسە مەھسۇلاتى ئاشىدۇ، شۇنىڭدەك، ئىلىمدارلارمۇ ئۆزىنىڭ زېھنىنى ھۆرمەت قازىنىشقا سەرپ قىلسا ئەلۋەتتە كۈتكىنىگە ئېرىشەلەيدۇ. سىيىت قارى ھەر قانداق سورۇندا باشقىلارغا ياققىدەك يۇمشاق گەپلەرنى قىلاتتى، بېيجىڭنىڭ پاراڭلىرىنى چىقىراتتى، ئۆزىدىن سورالغان مەسىلىلەرگە كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىخمۇ كۆيمەيدىغان ئۇسلۇبتا جاۋاب بېرەتتى، ئۆزى بىلەن گەپ تالاشقانلارنىڭ گېپىنى بۆلمەي، مەنتىقىلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاخىر چىرايلىق رەددىيە بېرەتتى، شۇ ئارقىلىق يەنە باشقىلاردىن ئۈستۈن دىنىي بىلىمىنى نامايىش قىلاتتى. ئۇ جامائەت ئارىسىدا، سورۇنلاردا يۈرۈپ نۇتۇق قابىلىيىتىنى يېتىلدۈردى، كىملەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەندى، باشلىققا رايىش، كادىرغا مەسلەكداش، دىندارغا دىلكەش، بايغا مۇڭداش، كەمبەغەلگە دەرتداش، ئاجىزغا يولەكداش، ھەتتا بويتاققا قولداش... بولدى. ئاياللارنى ئانچە ئېتىۋارغا ئېلىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن قىزلارنى كۆرگەندە ئىماملىقى ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان، ياشلىق ھېسلىرى كۈۋەجەيدىغان بولۇپ قالدى...
بىر ئىمام ئۈچۈن ھۆكۈمەتكىمۇ ئاممىغىمۇ ياخشى بولماق ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى، سىيىت قارىم ئاساسىي قاتلامدىن كېلىپ چىققان ۋە مەركەزدە تەلىم ئالغان دىنىي خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر خىل قىيىن مەسىلىلەرنى، دۇچ كەلگەن زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىپ كەلدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى تۆۋەن ئىدى، ئېتىقادكى ھەممە ئىشلار نورمال كېتىۋاتاتتى، باشقىچە ئىدىيىسى بارلار، يەنى ئىختىلاپچىلار بىر مەزگىللىك شامالدىن كېيىن پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتى؛ ئۇلار ئاللاھ بىلەن ھۆكۈمەتكە تەڭ بويسۇنمىسا بولمايتتى، چوڭ ۋەزىيەتكە، جامائەتنىڭ ئومۇمىي ئېقىمىغا ئەگەشمىسە يېتىم قالاتتى، يېڭىلىققا مايىل ياشلار جامائىتى سىيىت قارىمدىن نېمىنىدۇر تەمە قىلاتتى، سىيىت قارىم بۇنى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ھېس قىلاتتى، ئەمما ھۆكۈمەت ئىشەنگەن بىر ئىمام بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئەنئەنىنى قوغداپ، پېشقەدەملەرنى ياقلاپ، مۇقىملىق ۋە ياخشى ۋەزىيەتنى قوغداپ ماڭمىسا بولمايتتى. ئۇ جامائەتنىڭ ئەھۋالىنى ئاساسەن بىلەتتى، نامازغا چىڭ تۇرىدىغانلارنى ياخشى تونۇيتتى. جۈمە كۈنلىرىدىلا مەسچىتكە ناتونۇش ئادەملەر، بىر ھەپتە ئىچىپ-چېكىپ ئويناپ توساتتىن جۈمە نامىزى ئېسىگە كېلىپ مەسچىتكە كىرىپ قالغانلار كېلىپ قالاتتى. ئەمما سىرتتىن كەلگەنلەر، ۋە يەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، مائارىپ ئورۇنلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى نازارەت قىلىناتتى. سىيىت قارىنىڭ جۈمە ئوقۇتۇشى بارغانچە ئاسان بولۇپ كەتتى، جۈمە تەبلىغلىرىنى بېكىتىپ بەرگەن قېلىپ بويىچە قىلاتتى، ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئاشمايتتى. جۈمەدىن يانغان جامائەت مەسچىت ئالدىدىكى يېمەك-ئىچمەك بازىرىغا بىر كىرىپ كەتسە، بۇ دۇنيالىق مەئىشەتلىرىگە باغرى قانمايلا كۈنلىرىنى كەچ قىلاتتى. سىيىت قارىنى بىرلىرى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلاتتى، دۇئا قىلدۇراتتى، گەپ ئاڭلايتتى. بۇ ئىمامنىڭ قەدىمى يەتكەن ئۆينىڭ ھاۋاسى تازىلىنىپ، بەرىكەتلەر ياغىدىغاندەك تۇيۇلاتتى.
بىر يىلدىن كېيىن سىيىت قارى باش ئىمام بولۇپ، مەسچىتنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى رەسمىي قولىغا ئالدى، ئىشلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يېزىدىن چاقىرتىدىغان 15 كۈنلۈك يىغىنغا بېرىپ، سىياسەتكە ئائىت كونا-يېڭى گەپلەرنى ئاڭلاپ كېلەتتى. تەشكىل ئۇنىڭغا بەك كۆڭۈل بۆلدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۈرۈمچىگە بىر ئايلىق ئىماملار كۇرسىغا ئۇقۇشقا ئەۋەتتى. ئوقۇش داۋامىدا سىيىت قارى جايلاردىن كەلگەن ئىماملار بىلەن تونۇشتى، پىكىر ئالماشتۇردى؛ مۇدەررىسلەرنىڭ دەرسلىرىنى، رەھبەرلەر ۋە دىن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلىدى، دىن بىلەن زامانىۋى تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇھىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدى، بىكار ۋاقىتلىرىدا ئۈرۈمچىنى ئايلىنىپ، مەئىشەت ۋە ئويۇن قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلەرنىڭ يەنىلا ئاۋات ئىكەنلىكىنى، زامانىۋى قىزلارنىڭ رەڭگارەڭ قىياپەتلىرىنى كۆردى، ئىماملىق بىلەن قالاقلىق نېمىشقا مەنىداش بىلىنىدۇ، ھازىرقى زامان ئىماملىرى قانداق ياشىشى، دەۋرگە قانداق ماسلىشىشى كېرەك؟... دېگەنلەرنى ئويلىدى. بېيجىڭدىكى دىنىي ئوقۇش بەخش ئەتكەن ئىلمىي تەربىيە، يىراقنى كۆرەرلىك، تەمكىنلىك ۋە غۇرۇرنى ئۆمۈرۋايەت قەدىرلەپ، باشقا قاراقورساق ئىماملاردىن پەرقلىق ھالدا ياشاشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى.
ئۇ يېنىپ كەلگەندە باشقىچە روھقا ئىگە زامانىۋى ئىمام سۈپىتىدە نامايان بولدى، ھۆكۈمەت تېخىمۇ ئىشەندى، جامائەت خۇرسەن بولدى. ئۇ مەسچىت ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ چوقۇم بېيىشى، دەۋرگە ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشى، ئىلغارلىقنى قەدىرلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىماي ۋەز سۆزلەيدىغان بولدى. ئاللاھ بىزگە ئەقىل، ھېكمەت بەرگەنىكەن، ئۇنى نېمىشقا جارى قىلدۇرمايمىز، نېمىشقا زامانىۋى تەرەققىياتقا تەتبقىقلىمايمىز؟ كىم بىزگە مۇسۇلمانلارنى كەمبەغەل، قالاق بولۇڭ دەپتۇ؟ نېمىشقا تىرىشمايمىز؟... دەيتتى، ئىماندىن چەتنىمىگەن ئاساستا ئىدىيىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەسىلىلەرگە ئىلمىي قاراپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ھەققىدە تەشۋىق-تەرغىبات ئېلىپ باراتتى؛ ئۈرۈمچىدە كۆرگەنلىرى بىلەن بېيجىڭدا كۆرگەنلىرىنى گۈزەل تىللار بىلەن تەسۋىرىلەپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى چۈشەندۈرەتتى، ئاللاھنىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى بولغان ئىنسانلارنىڭ گۈللىنىپ نەگە بارغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى، بۇنداق بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئۇ دۇنيانى ئويلاش بىلەن بىرگە بۇ دۇنيالىق ئۈچۈنمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، بايلىق ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ئاندىن مۇھتاجلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ كۆپلەپ ساۋاب ئېلىشنىڭ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىنى بايان قىلاتتى. باي بولغاندىلا سەدىقە قىلالايسىز، باي بولغاندىلا ھەجگە بارالايسىز، باي بولغاندىلا گېپىڭىز پۈتۈن بولىدۇ، ئىشىڭىز ئاقىدۇ، زامان سىزگە باقىدۇ... دەيتتى. ئۇنىڭ باي بولۇش، زامانغا ماسلىشىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى جامائەتكە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىدىنمۇ بەكرەك تەسىر قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ كەنتتە بانكىدىن قەرز ئېلىپ قوشۇمچە ئىگىلىك ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، پارنىك يېپىپ سەي تېرىيدىغانلار، بورداقچىلىق بىلەن قاسساپلىقنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقەت قىلىدىغانلار، ھېچ ئىش قىلالمىسىمۇ غايبتىن غەزىنە تىلەپ تاش كولاشقا ئاتلىنىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى... خەق بېيىسا ئىمامنىڭ ئابرۇيى، كىرىملىرىمۇ ئەلۋەتتە كۆپىيەتتى. پۇل تاپقانلار پۇل خەجلەشتە بەسلىشەتتى، داغۋازلىق قىلىشاتتى. سىيىت قارى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلاردا ئارتۇق ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىق، بىدئەت ئىشلارنى پەيدا قىلماسلىق ھەققىدە ۋەز-نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، خەقلەر قىلىدىغىنىنى قىلىۋەردى، دېمەك، سىيىت قارىنىڭ بۇ گەپلىرى بېيىش، تەرەققىي قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىدەك كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلالمىدى، «يېگەن ئېغىز ئۇيۇلىدۇ» دېگەندەك ئىش بولدى، سىيىت قارى بۇنىڭغا ئامال قىلالمىدى. بىرسى قوپۇپ: «ھازىر دېگەن كوپىراتسىيە زامانى ئەمەس، ياخشى، ئېسىل ياشايدىغان دەۋر. پۇل تاپقاندا خەجلىگۈمىز كېلىدۇ، خەقنىڭ ئالدىدا چېنىپ قېلىشنى خالىمايمىز، بۇنداق رىقابەت زامانىدا بەسلەشمەيدىغان كىم بار؟ بۇمۇ دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى، بىزمۇ ئېقىمغا، دەۋرگە ئەگىشىپ ماڭدۇق...» دېسە، نېمە دېگىلى بولاتتى؟
سىيىت قارى ئۆزىگە قىياسەن، مال-دۇنيانىڭ ئادەمنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئاللاھ قۇرئاندا ئىنسانلارنىڭ مال-دۇنياغا ئاجايىپ ھېرىسمەنلىكىنى ئېيتقانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ دۇنيانىڭ شېرىن ۋە گۈزەللىكىنى ئېيتقانىدى. دېمەك، دۇنياغا ھېرىسمەنلىك ئىنساننىڭ تەبىئىتى، لېكىن بۇ دۇنيا چوڭ سىناق مەيدانى ئىدى. سىيىت قارىم بۇنى ياخشى بىلەتتى، زۆھرەگە يازغان خېتىدىمۇ بۇ سىناق مەيدانىدىن ئۆتۈشنىڭ مۇشەققەتلىك بولىدىغانلىقىنى، پەقەت ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرالايدىغان بەندىنىڭلار بۇ سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى؛ ئادىلە بىلەن زۆھرەنىڭ ياتىقىدا بولغان ئىش ھازىر سىيىت قارىغا باشقىچە تۇيۇلىدۇ، ھازىرقى ۋاقىت بولغان بولسا بەلكىم ئۇ ئىككى قىزنى ئۇنچىلىك ئەيبلەپ كەتمىگەن بولار ئىدى، چۈنكى ئۇ ھازىر مۇھتاجلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، پۇلنىڭ قانداق سېھرى كۈچى بارلىقىنى ھېس قىلدى، لېكىن ئۇلارنىڭ پۇلنى دەپ ئىپپەت-نومۇسىنى قايرىپ قويغانلىقىنى ھەر قانچە قىلسىمۇ كەچۈرەلمەيتتى. ئادىلەمۇ، زۆھرەمۇ يۇرتىغا قايتىپ بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان بولسا، ئۇ يەردە خارلىنىپ يۈرمەيتتى. سىيىت قارىنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئۆزىگە زۇلۇم سالغۇچى، ئۆزى خالاپ خارلانغۇچى، يەنى خارلىنىش ساراڭلىرى ئىدى، خارلانغىنىنى بىلمەيتتى، بەلكى ئەركىن ياشاۋاتىمىز، بىر ئەرنىڭ قولىدا خارلانماي ئۆتۈۋاتىمىز... دەپ ئويلايتتى. ئاللاھتىن ھىدايەت كەلمىسە، شەيتانغا ئەگەشكەنچە ئەگىشىپ، قىنىغا پاتماي قالغان بۇنداق قىزلارنى كىم توغرا يولغا قايتۇرالايدۇ؟ ئاپەت ۋە ئازاب... پاكلىقىنى يوقاتقىنى يوقىتىپ بولدى، سىيىت قارى ئۈچۈن بەرىبىر ئەھمىيىتى يوق... شۇڭا ئويلىمايتتى؛ لېكىن زۆھرەنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆرگەندە زۆھرەنىڭ خالتىسىنى، ئۇنى مەكتىپىدە تۇنجى كۆرگەن ۋاقىتلىرىنى، كوچا چىرىغىنىڭ يورۇقىدا جىلۋىلىنىپ تۇرغان شۇ گۈزەل چىراي ۋە بەدەننى ئەسلەيتتى. ئەمدى ئۇ قايسى بەدبەشىرە مەخلۇقنىڭ ئىشتىھاسىغا توغرىلىنىپ ياتىدىغاندۇ؟... سىيىت قارى بۇنى ئويلىسىلا يۈرىكىگە بىر ئاغرىق كىرىپ چىقاتتى، ئەمما بىر ئامال قىلىپ بۇنىڭدىن قۇتۇلاتتى؛ بولغۇلۇق بولدى، ھاڭدىن سەكرەيمەن دېگەن دۆت قوينى تەييارلىقسىز تۇرغان پادىچى قانداق توسۇۋالالايتتى؟! ئادىلە بىر ساراڭ سەركە، زۆھرەمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن دۆت پاقلان... خوتۇن خەق بىر-بىرىگە شۇنچىلىك دوست ۋە شۇنچىلىك دۈشمەن ئىكەنكى، بىرلا ۋاقىتتا دوستلۇق ھەم دۈشمەنلىك قىلىشالايدۇ، تەڭ يىغلاپ تەڭ كۈلۈشەلەيدۇ... ساراڭ، ھەممىسى ساراڭ. سىيىت قارىنىڭ ئايال كىشىگە بولغان ئېتىبارسىزلىقى ۋە پەس كۆرۈشلىرى ئەمەلىيەتتە ئادىلە بىلەن زۆھرەگە بولغان ئاچچىقىنىڭ مەھسۇلى ئىدى، بۇ ئاچچىق ۋە پەس كۆرۈش ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنى زۆھرەگە بولغان ھېسسىياتىنىڭ نادامەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ۋاقىتلىق بولسىمۇ راھەتكە ئېرىشتۈرەتتى...
18
سىيىت قارى بولغۇسى خوتۇنىنى ۋە توي كېچىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا ھەمىشە زۆھرە ۋە زۆھرەگە ئوخشايدىغان قىزلارنىڭ سىماسى كاللىسىغا كېلىۋالاتتى، بۇرۇندىنلا قەلبىگە ئۆرنەك سۈپىتىدە مۇقىملىشىپ قالغان بۇ ئوبرازدىن ھەر قانچە قىلسىمۇ قۇتۇلالماي يۈرەتتى. يولدا ماڭسا ياكى بىرەر ئۆيگە كىرسە ئۇچراتقان رەسىدە قىزلارنىڭ رۇخسارىدىن زۆھرەگە يېقىنلىشىدىغان ئالامەتلەرنى ئىزدەيتتى، تاپالمايتتى. نەچچىسى لايىق تونۇشتۇرۇپ بولدى، كۆرۈپ ياقتۇرالمىدى؛ توي چىقىملىرى چوڭ مەسىلە ئەمەس، خوتۇننىڭ چىرايلىق بولۇشى، ئېرىگە ئاش بولۇشى مۇھىم ئىدى. ئىستېمال دەۋرىدە چوقۇم ئەرگە ۋە ئۆيگە يارىشىدىغان خوتۇن ئېلىش، ئالغاندىمۇ تاللاپ ئېلىش لازىم ئىدى. سىيىت قارىنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس ئىدى، لېكىن يوقمۇ ئەمەس ئىدى. ئىمكانىيەت تاپقاندا كۆرۈپ باھالاپ قوياتتى، ياقمىسا چىرايلىق ئۆزۈر ئېيتاتتى، كۆزى چۈشكەنلىرى بولسا ئابرۇيلۇق ئائىلىنىڭ قىزى ياكى ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ كەلگەن چىرايلىق قىزلار بولاتتى. بۇنداق قىزلار ئەلۋەتتە كونىلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئىمامغا قىزىقمايتتى، بېيجىڭدا ئوقۇغان دېسىمۇ ئاقمايتتى، چۈنكى ھەممىسى ئۆتكەن تارىخ ئىدى، قىزلار كەلگۈسىنى بەكرەك ئويلايتتى. سىيىت قارى ھۆسن جامالغا، زۆھرەسىمان قىزلار خىيالىغا جاھىللارچە يېپىشىۋېلىپ، ئائىلە-نەسەپ، دىيانەت، پاكلىق مەسىلىلىرىنى دېگەندەك ئويلىشىپ كېتەلمىدى؛ خوتۇن تاللاش ئىشلىرى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىۋەردى، ئاتا-ئانىسى بېشىنى ئاغرىتىۋەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ سىڭلىسىمۇ بويىغا يېتىپ قالغانىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسچىتنىڭ دائىملىق جامەئەتلىرىدىن بىرى بولغان غۇلام قارى ئۇنىڭغا كەسكىنلىك، ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن سىڭلىسىنى تونۇشتۇردى.
__ ياخشى كىشىلەر ياخشى ئىشتا بىر-بىرىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك،- دېدى غۇلام قارى،- ئۆزلىرى جامائەتنىڭ بېشى، سىلىنىڭ ئىشلىرىغا كۆيۈنمىسەك بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇنداق بويتاق ئۆتىۋېرىشمۇ شەرىئىتىمىزدە دۇرۇس ئەمەس، بۇنى ئۆزلىرى بىلىلا.. شۇڭا يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ مۇشۇ گەپنى دەۋاتىمەن، ئويلىشىپ كۆرسىلە...
سىيىت قارى غۇلام قارىنىڭ سىڭلىسىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى، شۇنچە قىزلارنى، شۇنچە لايىقلارنى كۆردى، لېكىن ھەر بىر ئۆيدىكى رەسىدە قىزلارنى كۆرۈپ ئۈلگۈرۈپ بولالامتى؟ قىزلار ئائىلىلەردە تەشتەكتىكى گۈلدەك يوشۇرۇن جۇلالىنىپ تۇراتتى، تالاغا چىقاندىمۇ كىمنىڭ كىملىكىنى ئۇقۇپ بولغىلى بولمايتتى، مەۋھۇم گۈزەللىك بەكمۇ جەزىبىلىك ئىدى، توي تەخىرسىز، شېرىن ھەم ئويلىمىغان ئىشلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. سىيىت قارى تولا تاللاپ، تولا ئويلاپ ھېرىپ قالغانىدى، ئەمما ئۇنىڭ لايىق تاللىشى پادىشاھ ياكى شاھزادىنىڭ لايىق تاللىشىغا ھەرگىز ئوخشىمايتتى، بەلكى چەكلىك دائىرىدىكى چەكلىك قىزلارنىلا تاللىيالايتتى، كۆرگەنلىرى ئۆزىنىڭ تەلىپىگە يەتمەيتتى، تەلىپىگە يەتكەنلىرى ئۇنى ياراتمايتتى. بۇ جاھان مۇشۇنداق ئۈستۈنلۈك، ئەزىزلىك تالىشىدىغان، ئېگىز-پەسلىك پەرقى جىمى ئىشلارغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان جاھان ئىدى، نەسەب، بايلىق، يۈز-ئابرۇي، كەسىپ، چىراي-قامەت... ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسى ۋاقتى كەلگەندە چوڭ توسالغۇ بولاتتى.
_ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەنلىكلىرىگە رەھمەت، ئۆزلىرىگە ئاللاھ رەھمەت قىلغاي، بۇنداق كۆڭۈللىرى بولسا مەن ئەلۋەتتە ئويلىشىمەن... -دېدى سىيىت قارى خۇش پېئىللىق بىلەن.
_ ئانداق بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بىر پەتىلەپ...
_ بولىدۇ، چوڭلار ئۆيدە باردۇ؟
_ بار، ھەممىسى بار.
سىيىت قارى غۇلام قارىنىڭ ئۆيىگە باردى، چوڭلار بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلار خۇددى بولغۇسى كۈيئوغلىنى كۈتۈۋالغاندەك ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئۇنى تۆرگە باشلىدى.
_ قىزىم، گۇلنىسا، مېھمانغا چاي ئەكىرىڭ!-دېدى ئانىسى.
ئۆيگە قارىماققا زۆھرەگە ئوخشاپ كېتىدىغان، بۇغداي ئۆڭ، زىلۋا بىر قىز كىرىپ كەلدى. سىيىت قارى ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى، قىزمۇ ئۇنىڭغا بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى، بىر بولسا سىيىت قارىنى ئانچە ياراتمىدى، بىر بولسا چوڭلارنىڭ مەسلىھەتىدىن خەۋىرى يوقلا كىردى... ئەمما سىيىت قارى بىر قاراشتىلا خۇرسەن بولدى، كۆزىنى ئۇنىڭدىن ئۈزەلمىدى، ھازىرغىچە ئۇچراتقان قىزلار ئىچىدە زۆھرەگە ئەڭ يېقىنلىشىدىغان قىزكەن، بولىدىكەن دەپ ئويلىدى. قىز شۇ كىرگەنچە ئىككىنچى كىرمىدى. سىيىت قارىنىڭ ئۇنى يەنە بىر كۆرگۈسى كەلدى، ئۇزاپ چىقىۋاتقاندا يەنە بىر قارىدى، قىز بىلەن كۆزلىرى ئۇچراشتى، قىزنىڭ خۇمارلىق بىر جۈپ كۆزى بار ئىدى، بىر قاراشتا مۇلايىم ياكى مەغرۇرلۇقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. لېكىن قىز بالا ھەر قانچە مەغرۇر بولسىمۇ ئەرگە تەگكەندىن كېيىن يۇمشايتتى. غۇلام قارىنىڭ دېيىشىچە، سىڭلىسى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان بىلەن باشقا قىزلارغا قەتئىي ئوخشىمايتتى، ھەر قانداق ۋاقىتتا چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇلاتتى، يېقىندا ئۆزى ئۇنىڭغا ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىۋاتاتتى، ئەگەر سىيىت قارىنىڭ ئەمرىگە ئۆتسە قارىم ئۇنى ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلىۋالسا تامامەن بولاتتى. قىزنىڭ چۈشىنىشى ياخشى ئىدى، ئىسلام دېسە بېشى ئاغرىيدىغان تەكەببۇر قىزلارغا ئوخشىمايتتى. چوڭلارمۇ مۇشۇنى نەزەردە تۇتۇپ، سىيىت قارىنى مۇناسىپ كۆرۈشكەن ۋە قىزىنى ئۇنىڭ دىيانەتلىك قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈشكەنىدى.
_ ھىدايەت ئاللاھتىن كېلىدۇ،_ دېدى سىيىت قارى،_ ئەگەر دىلى ئىمان-ئىسلامغا مايىل بولسا كۈتكىنىمىزدەك بولىدۇ، بولمىسا ئامال يوق.
_ سىڭلىمنىڭ كاللىسى ئوچۇق، ئۇنداق جاھىل ئەمەس،-دېدى غۇلام قارى.
_ شۇنداقتەك قىلىدۇ، قالغىنىنى ئاللاھ ئىگەم ئۆزى ئاسان قىلار.
سىيىت قارى ئۆيىگە قايتىپ كۆپ ئويلاندى، تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئويلاندى، ناماز ئوقۇۋېتىپمۇ ئويلاندى، نەچچە قېتىم ئېزىپ سەۋەنلىك سەجدىسى قىلدى. جامائەتكە ئىمام بولغاندا چوقۇم دىققىتىنى يىغىپ ئوقۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇنداق بولماي قالدى؛ غۇلام قارىلا بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەتتى، سىيىت قارىدىن جاۋاب كۈتەتتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن سىيىت قارى ماقۇللۇق جاۋابىنى بەردى، نېمىلا بولسۇن، پەرزنى ئادا قىلماي بولمايتتى، 30 غا يېقىنلاپ قالغاندا تۇرمۇش لەززىتىنى تېتىماي بولمايتتى، ئاتا-ئانا، ئەل-جامائەتنى رازى قىلماي بولمايتتى، شۇنداقلا ئىماملىققا لايىق نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىماي بولمايتتى. قىز تەرەپ ئاكتىپراق بولغاچقا تويلۇقمۇ ئۇنچە ئېغىر چۈشمىدى، نېرى-بېرى بولۇپ10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق مېھرى ۋە باشقا چىقىم بىلەن قىزنى كۆچۈرۈپ كەلدى. قىز كۆچۈرۈۋاتقاندا ئۇ قىز شۇنچىلىك قاتتىق يىغلاپ كەتتىكى، بارسا كەلمەس ئازاب يولىغا كېتىۋاتقاندەك نالە-زار قىلدى، غۇلام قارى ۋە ئاتا-ئانىسىمۇ سەل خىجىل بولۇپ قالدى. سىيىت قارىنىڭ كەيپى ئۇچتى، ئازغۇنلۇق مەنزىلىدە قالغان زۆھرە ئويناپ-كۈلۈپ يۈرسۇنۇ، پاك يىگىتكە، ئابرۇيلۇق ئىمامغا تېگىشكە نېسىپ بولغان ھەمدە ھالال، بەختلىك تۇرمۇش مەنزىلىگە كېتىۋاتقان بۇ قىز نېمىشقا ئۆلگۈدەك يىغلايدۇ؟! خوتۇن خەق زادى ساراڭ، يىغلايدىغان يەردە كۈلىدۇ، كۈلىدىغان يەردە يىغلايدۇ؛ نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى قىلىپ، كۆڭلىگە كىچىككىنە ئازار بېرىپ قويسا ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇيدۇ. چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن ئەرنىڭ قەلبىگە قارىماي، ياغلىما گېپىنى بەك تىڭشايدۇ. يىراقتىكى ئىشلانى ئويلىماي، بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى ئىشلارغا، ساختىلىقلارغا مەپتۇن بولىدۇ، كۆڭلىنى ئالالمىغان ئاق كۆڭۈل يىگىتلەرنى يارىماسقا چىقىرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا زۆھرە ئۇنىڭغا شۇنداق قىلمىغانمىدى، سىيىت قارىنىڭ چىن كۆڭلىنى بىلەتتى، ئەمما ئۇنى ئىپادىلىيەلمەي قالغىنى ئۈچۈنلا ئۇنى يوققا چىقىرىۋەتتى. مۇشۇ قىزنىڭ ئورنىدا زۆھرە بولغان بولسا قانداق قىلار ئىدى، تەسەۋۋۇر قىلماق تەس، گويا مۇمكىن ئەمەستەك ئىشلارنى شۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇپ بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن، مانا زۆھرەسىمان بىر قىز ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا، ئۇنىڭ قوينىغا كېتىۋاتىدۇ. بۇ قىزنى شۇ بىر كۆرگەندىن باشلاپ كۆرۈپ باقمىدى، پاراڭلاشمىدى، چۈشەنمەيلا توي قىلدى. بۇنىڭمۇ يامىنى يوقكەن، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ھاراق-شاراپسىز ئۆتكۈزۈلگەن توي تاماشىسىغا قىزنىڭ يوشۇرۇن سېھرى كۈچى سىرلىق ۋە جەزىبىلىك تۈس بەخش ئەتتى، ئەمما قىز بۇنىڭدىن ئانچە رازى ئەمەستەك، باشتىن ئاخىر قايغۇلۇق كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ ئولتۇردى، قولداشلىرىغا، دوستلىرىغا تۈزۈك گەپ قىلمىدى، قارىماققا بەكمۇ بىچارە، ئاكىسىمۇ، ئاتا-ئانىسىمۇ بىچارە كۆرۈنەتتى!!! ھەي، قىز بالا... قىز چوڭ قىلماق، ئەرگە بەرمەك شۇنچىلىك مۈشكۈل ئىش ئىدى. قىزلارنىڭ بەختى تويدىن باشلىناتتى، قىزلارنىڭ بەختى توي بىلەن ئاخىرلىشاتتى. قىز-ئوغۇل، ئەر-ئايال مۇناسىۋىتى گويا ھەقىقىي رىشتە بىلەن باغلانمايتتى، بەلكى مەجبۇرىيەت ئارغامچىسى ئارقىلىق چۈشەپ قويۇلاتتى. قىز بوينى باغلاقلىق قويدەك «قاسساپ»نىڭ ئۆيىگە ھەيدەپ مېڭىلاتتى، قىز يىغلايتتى، تىرەجەيتتى... بۇ يىغلاش، تىرەجەشلىرىدە ئاللىقانداق ئازاب تەشۋىشى، جاراھەت ئاغرىقى تەڭ كۈچىيەتتى...
مۇھەببەت باشقا، توي باشقا ئىش ئىدى، مۇھەببەت غايىۋى بولسا، توي ناھايىتى رېئال، رەھىمسىز بولاتتى، بۇ رەھىمسىزلىكنى مۇھەببەتكە باغرى قانماي تۇرۇپ ئەرگە تەگكەن قىزلارنىڭ كۆز ياشلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. قىز يىغلاپ ئېقىپ كەتتى، سىيىت قارى بىر دەمدىلا كەيپىياتىنى ئوڭشاپ، زۆھرە سەۋداسىدا مۇھەببەتكە يېقىن شېرىن تۇرمۇشنى خىيال قىلدى، كېچىدە چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتكەندە گۇلنىسانى زۆھرە دەپ ئويلاۋەرسە بولاتتى. ئايال زاتىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئىدى، كۆپ خوتۇنلۇقلار ۋە كۆپ خوتۇن يەڭگۈشلىگەنلەر پەقەت ئالا-يېشىل تۇخۇملارنى يەيتتى، لېكىن ھەممىسى ئوخشاشلا تۇخۇم ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئەرلەريەنىلا خوتۇنلارغا تويمايدۇ، خۇددى ئاياللار مۇھەببەتكە تويمىغاندەك... سىيىت قارى باي ھاجىملارنىڭ ئىككى-ئۈچ خوتۇنى بارلىقىنى ئاڭلىغاندىمۇ ئانچە ھەۋەسلىنىپ كەتمەيتتى، ئۇنىڭچە بولغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرلا خوتۇنى بولسا كۇپايە ئىدى، بىر خوتۇننىڭمۇ باش ئاغرىقى يەتكۈچە تۇرغان يەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولسا ئېلىشىپ قالمامدۇ؟... دەپ ئويلايتتى. بىر خوتۇن ئالغاندىن كېيىن ئىشلار كۆپىيىدۇ، قۇدا-باجا، كېلىن قېينانا مۇناسىۋەتلىرى مۇرەككەپلىشىشكە باشلايدۇ. خوتۇن ئالمىسا تېخى باش ئاغرىقى، ئالسا تېخى باش ئاغرىقى... ھېلىتىن كېلىنچەك نالە-پەرياد قىلىپ قۇلاقنى ئاغرىتقىلى تۇردى، بەلكىم ئۆمرىدە بۇنچىلىك قاتتىق يىغلاپ باقمىغان بولغىيدى. توي-دېگەن شاد-خوراملىق ئىچىدە ئۆتمەمدۇ؟ بۇنچىلىك ئېسىل يىگىتكە تېگىۋالغان قىز ئېچىلىپ كۈلمەمدۇ؟ يىغلىسىمۇ شەكىلگە يىغلاپ قويۇپ، ماشىنا ماڭغاندىن كېيىن يېشىنى سۈرتۈپ قولداشلىرى بىلەن بېقىندىشىپ، پىچىرلىشىپ كۈلۈمسىرەپ ماڭمامدۇ؟ ئەمما سىيىت قارىنىڭ ئىچىدە باشقا بىر خىيال، غەلىتە بىر خۇرسەنلىك پەيدا بولۇشقا باشلىدى: قىز ئەسلىدە بۇنداق توي قىلىشىنى ئويلىمىغانىدى، ئۆزىنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ كەلگەن بىلىملىك، چىرايلىق قىز ھېسابلاپ سىيىت قارىنى ياراتمىغانىدى؛ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ئاندىن تويغا قوشۇلۇپ، يىغا-زارە بىلەن بۇ ماشىنىغا چىققانىدى. دېمەك، بۇ قىزنى باش ئەگدۈرگەن نەرسە يەنىلا سىيىت قارىنىڭ جامائەت ئارىسىدىكى ئابرۇيى، بېيجىڭدا ئوقۇپ كەلگەنلىكى، پاكىزلىقى، ئېسىل مىجەزلىكى، قورساقتىكى ئىلىمى... ئىدى. قىز قانچە قاتتىق يىغلىسا ئۇنىڭ ئېسىللىكى، قىممىتى گويا شۇنچە نامايان بولاتتى، ئۇنى ئېلىشقا شەرتى توشمايدىغان سىيىت قارى ئۇنى زورلۇق كۈچ بىلەن بويسۇندۇرۇپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك بولاتتى، ھۇزۇرلىناتتى، قىزنىڭ نالىسى خۇددى نەغمىدەك ئاڭلىناتتى. قىز ئەسلىدە مۇشۇنداق تۇيغۇ پەيدا قىلىش ئۈچۈن يىغلىغانمىكىن؟! شۇنىڭدەك، بارلىق تويى بولغان قىزلار «ئەرزان كېتىپ قالمايلى، قەدرىمىىزنى كۆرسىتەيلى، خەق ئاران تۇرۇپتىكەن دېمىسىۇن، يىغلايلى، يالغاندىن بولسىمۇ يىغلايلى، قانچە يىغلىساق شۇنچە گۈزەل كۆرۈنىمىز، دېمىسىمۇ گۈزەللىكتىن خوشلىشىۋاتىمىز، مۇھەببەتتىن ئايرىلىۋاتىمىز، بەختسىزلىككە، قېرىلىققا، قەبرىستانلىققا كېتىۋاتىمىز...» دەپ يىغلامدىكىن؟
قىز يىغلاپ-يىغلاپ توختىدى، بولغۇلۇق بولدى، ئالە شەرىڭنى، نېمە قىلساڭ قىل دەپ لاتا قورچاقتەك ئولتۇردى. چۈمپەردە ئىچىدىكى قىزنى سىيىت قارى يەنە خىيالىدىكى زۆھرەگە ئوخشاتتى. زۆھرە ئەرگە تەگمەي تۇرۇپلا قىزلىقىدىن خوشلاشقانمىدۇ؟ نومۇسىدىن ئايرىلغاندا بۈگۈن تويى بولغان قىزدەك بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ يىغلىغانمىدۇ؟ چاچلىرىنى يۇلۇپ، چىرايلىق يۈزىنى تىرمىلاپ قاناتقانمىدۇ؟ ئەسلىدە پاكلىق جەزبىسىنى ساقلاپ كەلگەن، ئەمدى بولسا ساختا نىقاپتەك كۆرۈنگەن لىپتىكى ۋە ئىچ كىيىملىرىنى ئۆچمەنلىك بىلەن يىرتىپ تاشلىغانمىدۇ؟ ئەينەككە ساراڭدەك تىكىلىپ، كوچىغا يالىڭاچ يۈگۈرۈپ چىققانمىدۇ؟... سىيىت قارى بۇ تەسەۋۋۇرىدىن چۆچۈپ كەتتى، بولغۇسى خوتۇنىغا قاراپ كۆڭلىگە تەسەللى ئىزدىدى. چۈمپەردە ئىپپەت، ھايانىڭ سىمۋولى ئىدى، ئاتا-بوۋىلار ئەلمىساقتىن بېرى ئىپپەت-نومۇسنى ئىسسىق جاندەك قەدىرلەپ، ئار-نومۇس تۇيغۇسى بىلەن ياشاپ كەلگەنىدى؛ بۈگۈنكىدەك ھاياسىزلىقلار ئەدەپ كەتكەن دەۋردىمۇ ھەممە ئادەم پاسىقلىققا چۆكۈپ كەتمىدى، چۈنكى ئىمان، ئەخلاق نۇرى يوقالمىدى. يېزا بازىرىدا پەيدا بولغان ساتراشخانىلاردىكى مەينەتلەرگە بۇلغىنىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان «ئېشەكلەر»نى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئېغىلدىكى ئېشەك بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىۋاتىدۇ، «بىزنىڭ ئېشەكتىن پەرقلىنىدىغان يېرىمىز پەقەت ئەقىل ۋە ئىمان» دەپ ياشاۋاتىدۇ، سەۋر-تاقەت بىلەن ياشاۋاتىدۇ. ئەگەر تەشكىل سىيىت قارىغا ئەركىن ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش ئىمكانىيىتى بەرگەن بولسا جەمئىيەتتە پەيدا بولۇۋاتقان، باكتىرىيىدەك كۆپىيىۋاتقان ناچار ئىللەت ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى سۆككەن، دىنىي كىتابلاردىن دەلىل كەلتۈرۈپ جامائەتنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان بولاتتى... يەنىلا زۆھرەنىڭ دەردى، بىر قىزنىڭ دەردى مىڭ دەرد پەيدا قىلىشقا قادىر ئىدى.
سىيىت قارىنى ئەمەلىيەتتە رەسمىي ئازابلايدىغان، ئازابلىغاندىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان پۇشايمان ۋە غەزەپ-نەپرەت بىلەن ئازابلايدىغان ئىش توي كېچىسى يۈز بەردى، سىيىت قارىنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى، يوشۇرۇن گۇمانى تاڭ ئاتقانداراستقا ئايلاندى، قىز ئىسمى جىسمىغا لايىق قىز ئەمەس ئىدى؛ تويدىكى قاتتىق يىغلاشلىرى ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئايرىلغان قىزلىقىغا ئېچىنىپ ھەم بۇ قاباھەتلىك كېچىدىن قورقۇپ يىغلىغان يىغىلىرى ئىكەن، نالەزارى بولسا ئىلگىرى قىلغان نادانلىقى ۋە ئاللىقانداق كېلىشمەسلىكلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قىلغان پۇشايمان، نالە-پەريادىنىڭ داۋامى ئىكەن... سىيىت قارى مۇشۇ ۋاققىچە يىگىتلىك پاكلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەرلەرنىڭ بىرى ئىدى، گەرچە قارىم بولسىمۇ، جىنسىيەت ھەققىدىكى ساۋاتى ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، بەلكى ئارتۇقراق ئىدى. بۇزۇق ئەرلەر پاك خوتۇنلارنى ئالسا بەكمۇ نورمال ئىش ھېسابلىنىدىغان بۇ جەمئىيەتتە، سىيىت قارىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئىش ئاجايىپ تەتۈر، ئاجايىپ مەسخىرىلىك ۋە ئازابلىق ئىدى... ئىنسان ئۆمرىدە بىر-ئىككى قېتىم نېسىپ بولىدىغان بۇنداق شېرىن كېچىدىكى گۈزەل بىرلىشىشنىڭ ھاياجانلىق ئەسلىمىسىنى قارىغا بوياپ يوق قىلىۋېتىدىغان بۇنداق قاباھەتلىك كەچمىش ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرد-ئەلەم، ساقايماس جاراھەت پەيدا قىلاتتى.
ئەتىسىدىن باشلاپ سىيىت قارى ئوڭ-سولىنى بىلمەيدىغان، قويغان-تۇتقىنىنى ئۇقمايدىغان بولۇپ قالدى. «رەببىم، نېمە گۇناھ قىلغاندىمەن!...» دەيتتى، تۆۋە قىلاتتى، مەسچىتكە تەستە چىقاتتى، نامازنى چىداپ ئوقۇيتتى، دىلى ئېزىلگەچ دۇئا قىلاتتى، قارا ئوتتەك تۇتاشقان ئاچچىق ئەلەمدىن بوغۇلۇپ تىنالماي قالاتتى، ئىچ-ئىچىدىن يەنە تۆۋە قىلاتتى، سەۋر قىلاتتى، ئەمما بۇ سەۋر-تاقەتنىڭ قاچانغىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
توي ئەتىسى يەڭگىلەر يۈزىنى تۆۋەن قىلىپ گەپ-سۆزسىز تىكىۋەتتى. قىزلىق كۇرسىدىن شەرمەندىلەرچە قوغلانغان قىز تاشلىۋېتىلگەن بىر تال گۈلدەك سولىشىپ، بىر بۇلۇڭغا تىقىلىپ ئولتۇردى، پاكلىقنى دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان روھى گويا ناپاك تېنىدىن قاچقانىدى، قولى ئىشقا بارمايتتى، ھەم ھېچكىممۇ ئۇنى ئىشقا بۇيرۇمايتتى. ئۇ سۈپۈرگىنى قولىغا ئالسا ھويلا تېخىمۇ مەينەت بولۇپ كېتىدىغاندەك، ئۇ قاچا يۇيسا ئۇ قاچىدىن بەرىكەت قاچىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. كېلىن بىلەن قېيناپا يۈزتۇرانە پاراڭلاشماي تۇرۇپلا مەڭگۈلۈك دۈشمەنگە ئايلاندى. قىز ئۈچ كۈن ئاشۇنداق ئۆزىنى تاشلىۋەتتى، بىر قارىسا قانداقتۇر بىر ئىشنى چالا قىلغاندەك، ئۆزىنى ئەيبلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى؛ لېكىن ئېلىشىپ قالغاندەك ئەمەس ئىدى، ئەكسىچە، خاتىرجەملىك بىلەن بىر نۇقتىغا تىكىلىپ، ئادەتتىكىدەك ئويغا چۆمۈپ ئولتۇراتتى: بەلكىم جەمئىيەت كۆرگەن، ئىش كۆرگەن، ھەممە ئىشنى توغرا چۈشىنىدىغان كەڭ قورساق ئەرگە تەگمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىۋاتقاندۇ، بەلكىم باشقا بەزى قىزلاردەك يالغاندىن قىزلىق پەردىسى سالدۇرۇپ ياكى قولىنى چىشلەپ قانىتىپ كۆز بويامچىلىق قىلمىغان دۆتلۈكىگە ئىچى پۇشۇۋاتقاندۇ؛ بەلكىم قىلدۇرغان ئوپېراتسىيىسى ئوڭۇشلۇق بولماي قويمىچى دوختۇرنى تىللاپ ئولتۇرغاندۇ؛ بەلكىم ئالدامچى مۇھەببىتىنى سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەپ، « قارا، جېنىم... مەن سەن ئۈچۈن ھەر قانداق مۈشكۈلات ۋە خورلۇقلارغا چىداۋاتىمەن، كۆڭلۈمنى قاچانمۇ چۈشىنەرسەن..» دەۋاتقاندۇ... بەلكىم سىيىت قارىغا نەپرەتلىنىپ « بېيجىڭدا ئوقۇغان بۇ قارىممۇ قىلىدىغان بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ تېخى مېنى ئەيىبلەۋاتىدۇ... بېيجىڭدا ئوقۇپ تۇرۇپ جاھاننىڭ كەينىدە قالغان بۇنداق قالاق موللامنىڭ قولىغا چۈشكىچە بىرەر لۈكچەكنىڭ قولىغا چۈشسەمچۇ... »دەپ ئويلاۋاتقاندۇ، بەلكىم سىيىت قارى بىلەن تازا دېيىشىپ، ئاجرىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى پىلانلاۋاتقاندۇ... بەلكىم ئاتا-ئانىسى ۋە ئاكىسىدىن قاتتىق ئاغرىنىۋاتقاندۇ، ئۇلاردىن تىل-ئاھانەت ئاڭلىسا ئۆزىنىڭمۇ دەيدىغان گەپلىرىنى ئىچىدە تەكرارلاۋاتقاندۇ...
مەيلى قانداقلا بولسۇن، قىز ئۈرۈمچىدە ئەركىن مۇھىتنىڭ تەمىنى تېتىغان، بۇرۇقتۇرمىلىققا كۆنەلمەيدىغان قىز ئىدى. سىيىت قارى ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغاندا قىز ئۆزى ئېغىز ئاچتى:
_ بىز ئاجرىشىپ كەتسەك...
سىيىت قارى ئەجەبلەندى، ھەر قانچە بولسىمۇ بۇ گەپ بۇنچىلىك تېز ئوتتۇرىغا چىقار دەپ ئويلىمىغانىدى. بۇنداق خوتۇننى ئەسلىدە ئۆزى تۇنجى كۈنىلا ئۈچ تالاق قىلىپ قويۇۋەتسە بولاتتى، نېمىگە تارتىشىپ تۇرۇپ قالدىكىنە؟! تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەمدىن كاللىمۇ ئىشلىمەي قالغان گەپ، ئەركەكلىك جەسۇرلۇق تۈگەپ، مەزلۇملارچە مەھكۇملۇق ھۆكۈم سۈرگەن گەپ. ئەمدى بۇ گەپنى 10 مىڭ يۈەنگە بىر كېچىلىك خوتۇن بولغان خېنىم ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقاردى. سىيىت قارى نېمە دەيتتى؟ ئەمدى ئۈچ تالاق قىلمىسا ئەركەكلىكى نەدە قالاتتى؟ كەتكەن چىقىمغا قارنى ئېچىشىۋاتامدۇ؟ زۆھرە تەسەۋۋۇرىغا ئاجرىيالماس دەرىجىدە باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى قايتا ھېس قىلىۋاتامدۇ؟! قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق قارغىشتەگكۈر خىيال...
_ بۇ گەپنى مەنمۇ دەي دەپ تۇراتتىم...-دېدى ئۇ سەل دۇدۇقلاپ، لېكىن بۇ ھالىتىگە ئۆزىنىڭمۇ غەزىپى كەلدى.
_ مېنىڭ ئەسلى لايىقىم بار ئىدى، ئۆيدىكىلەر زورلاپ...
_ ئۇقتۇم، نېمىشقا شۇنىڭغا خوتۇن بولمىدىڭىز؟
_ ئىشىمىز ئەمەلگە ئاشمىدى...
_تويدىن بۇرۇن يۈرسەڭلارمۇ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالساڭلار بولمامتى؟...- سىيىت قارى كۆنۈپ قالغان ئىماملىق تەرزىدە گەپ قىلىۋاتاتتى.
_ نېمە چاتىقىڭىز؟!-دېدى قىز تۇيۇقسىز قورقۇنچلۇق ئالىيىپ.
سىيىت قارى گۈلنىڭ ئارقىسىدىن يىلان چىققاندەك چۆچۈپ كەتتى، مانا قىز بالا دېگەن... مانا خوتۇن كىشى دېگەن... مانا زۆھرە دېگەن... سىيىت قارىنىڭ يۈرىكى يەنە بىر قېتىم قارتتىدە قىلدى، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي داڭقېتىپ قالدى.
_ ئۆزىڭىزنى ئىمام دەپ ئۇنچىلىك پاك، ئېسىل چاغلاپ كەتمەڭ، سىزدەك ساختا ئالىيجانابلارنى تولا كۆرگەن بىز ئۈرۈمچىدە... نېمە گەپ قىلمىسا...
بۇ قىزنىڭ نەرى ئىسلام تەربىيىسى ئالغان قىزغا ئوخشايدۇ؟! سىيىت قارى غۇلام قارىنىڭ يالغانچىلىقىغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى. نامازغا چىڭ تۇرىدىغان مۇسۇلمانلاردىمۇ ئىشەنچ قالمىسا، بۇ دۇنيا نېمە بولۇپ كەتتى-ھە!
_ نەرىڭىز بىر بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان بالىغا ئوخشايدۇ سىزنىڭ... چوڭ شەھەردە ئوقۇغان بالا دېگەن ئىلمىي بولمامدۇ؟ قارىغاندا دىننى بەك ئوقۇپ كېتىپ، زاماندىن كېيىن قاپسىز. «جىنسىيەت ۋە سالامەتلىك» دېگەندەك كىتابلارنى ۋاراقلاپمۇ باقمىغاندىكىن، بىز توغرۇلۇق نېمىنى بىلەتتىڭىز؟ قىزلىق پەردە دېگەن ئىنتايىن نېپىز نەرسە، كىچىكىمىزدە ئاتلاڭگۇچ ئويناپمۇ، ئېرىقتىن ئاتلاپمۇ يىرتىلىپ كېتىدۇ، ۋەلىسپىتنى جىق مىنسىمۇ يىرتىلىدۇ. ئۇ چاغدا قىزلىق پەردە دېگەننى نېمە بىلىمىز، كېيىن ئۇقتۇق. ئەرلەر ئۈچۈن بۇ جاندەك ئەتىۋار بىر نەرسە ئىكەن، بۇنىڭغا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمىدۇق... ئۈرۈمچىدە قىزلار ئوينىسا بىز ئوينىمىدۇق، ئوينايلى دېسەك ئويناۋېرىتتۇق، ئەر خەق دېگەننى ئىتتەك يۈگۈرتەتتۇق. ئۇنداق قىلمىدۇق، مۇھەببەت تاپتۇق، مۇھەببىتىمىزگە بارلىقىمىزنى بېغىشلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بەختلىك بولىمىز دەپ ئويلىدۇق. لېكىن، كىم بىلسۇن، ئۇ مازمۇ ئاخىر سىزدەك مۇتئەسسىپ چىقتى... بېرىپ باشلىقنىڭ قىزىنى ئالدى... مەن مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ قالغان قىز، ئەسلىدە بۇ چىرايىم بىلەن سىزدەك موللىغا تەگمەيتتىم، ئۆيدىكىلەر قويمىدى، بېيجىڭدا ئوقۇغان.. ئانداق ياخشى، مانداق بەلەن دەپ ھالىمنى قويمىدى. مەنمۇ ئويلاپتىمەن، بېيجىڭدا ئوقۇغاندىكىن ئۇنچىلىك ئەمەستۇ دەپ... خەنزۇلارمۇ ئېغىر ئالمايدىكەنغۇ؟! لېكىن سىزگە بېيجىڭنىڭ ھېچنېمىسى يۇقماپتۇ. كۆڭلۈم تۇيۇپتىكەن، سىزنى تۇنجى كۆرگەندە يېزىدىن چىققاندەكلا كۆرۈنگەنتىڭىز... كۆرۈپلا رايىم يانغان، لېكىن ئۆيدىكىلەر زورلاپ تۇرۇۋالدى... ئامالسىز قالدىم. نى نى بۇزۇقلارمۇ كۆز بوياپلا ئەرگە تېگىۋاتىدۇ، مەن ئۇنداق بۇزۇق بولمىغاندىكىن مەيلى دېدىم. تەگسەم تېگىپ باقاي، ئىلگىرى مۇھەببىتىمگە سادىق بوپتىمەن، ئەمدى مۇشۇ ئەرگە سادىق بولاي دەپ ئويلىدىم، مەن ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدىغان قىز، بولسا بولدى دەيمەن، بولمىسا ئۆزۈمنى زورلىمايمەن... مېنىڭ غۇرۇرۇم ئاشۇ بىر نەچچە تامچە قانغا تەڭ بولسا، بولدى مەن بۇنداق سىقىلىپ ياشىغاندىن، خېتىمنىلا ئېلىپ ئۆيدە ئولتۇرىمەن..
قىز ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي بىر مۇنچە سۆزلەپ كېتىۋىدى، سىيىت قارى تېخىمۇ ھەيران قېلىپ قېتىپ قالدى.
_ كاللىڭىز بەك ئاستا ئىشلەمدۇ نېمە، نېمانداق چەكچىيىپ تۇرىسىز، چاققان بىر نەرسە دەڭ، مېنى خوتۇن قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولمىسا قويۇۋېتىڭ! مەن گۇناھسىز، مەن پەقەت مۇھەببىتىمگە سادىق بولدۇم، باشقا يامان ئىش قىلمىدىم. لېكىن ساپلا ئالدامچى، ساختىپەزلەرنىڭ زامانىدا تۇغۇلۇپ قاپتىكەنمەن، شۇنىڭغا ئېچىنىمەن... شۇ ماز گۇيمۇ ئالدامچى، ئۆيدىكىلەرمۇ ئالدامچى، سىزمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ساختا... سىزمۇ ئۆزىڭىزنى پاك دېيەلەمسىز؟ ئەرلەرنىڭ قىزلىق پەردىسى يوق، بەلگىسى يوق، شۇڭا نوچىلىق قىلامسىز؟ ئەرلەر قىلسا بولىدىكەن، ئاياللار قىلىسا بولمامدىكەن؟ مېنى تولا ساز قىلىمەن دېمەڭ، گەپ قىلماي ساراڭ قىلىمەن دېمەڭ، مەن بۇ يەردە بۇنداق دوزاخ ئازابى تارتقىچە ئۆيگە كېتىمەن، ئۆيدىمۇ تۇرالمىسام ئۈرۈمچىگە كېتىمەن. جاھاننىڭ قوينى كەڭرى، سىقىلىپ، تۈگۈلۈپ ياشىغاندىن ئەركىن ئويناپ-كۈلۈپ ياشىغان ياخشى!...
سىيىت قارى ئاخىر مىڭ تەسلىكتە ئېسىگە كەلدى، ئەمدى باشقا گەپنىڭ ئورنى قالمىغانىدى، بۇ قىزنىڭ سىيىت قارىنىڭ خىيالىدىن توقۇلغان «زۆھرە»لىك نىقابى يىرتىلدى، قىزىق يېرى، ئىچىدىن چىققىنىمۇ بېيجىڭدىكى زۆھرەدىن پەرقسىز بىر قىز ئىدى، ئوخشىمايدىغىنى بۇ قىز بەكرەك قېلىن، ئاغزى ئىتتىك ئىدى.
سىيىت قارى خوتۇن قىلغۇدەك ئەپتى قالمىغان «زۇۋانداز خوتۇنى»غا غەزەپ بىلەن شۇنداق دېدى:
_ بولدى، بولدى، گېپىڭىزنى توختىتىڭ، بۈگۈندىن باشلاپ ئۈچ تالاق!
_ ئۈچ تالاق دېگەن نېمە ئۇ؟ خېتىمنى بېرىڭ!
_ شۇ ھېساب، كېنىشكا دېگەن ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ!
_ بۈگۈنلا سوتقا بارامدۇق؟
_ بارىمىز، ئۆيىڭىزگىمۇ بارىمىز، ھېساب-كىتابنى ئوبدان قىلىشىمىز.
ئۇلار جىق جاڭجاللاشمايلا ئاجراشتى، ئالتۇن جابدۇقنىڭ يېرىمىنى سۇلايمان قارى قايتۇرۇۋالدى، ئۈچتىن ئىككى قىسىم تويلۇق يەنىلا قىز تەرەپكە قالدى. ئەمما قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر قاتتىق خىجالەتتە قالدى، غۇلام قارى سىڭلىسىنى ئۇرۇپ كەتتى، ئەمما سىيىت قارىنىڭ كۆڭلىدىكى داغنى يوقىتالمىدى.
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
7
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 12:18
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
19
سىيىت قارى بۇ مەھەللىنىڭ جامائەتلىرىنى ياخشى چۈشىنىمەن دەپ ئويلاپ خاتالاشقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، جامائەتنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك قىز-ئاياللار جامەسى تەشكىل قىلاتتى، بۇلار مەسچىتكە چىقمىغان بىلەن، سىرتتا دائىم يۈرمىگەن بىلەن تالادىكى ئەرلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇپ تۇراتتى.
بۇ ھال ئەرلەرنى چۈشەنمەكنىڭمۇ تەسلىكىنى پەيدا قىلاتتى. ھەر بىر ئائىلىدە دائىم قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن مەھكەم تۇرىدىغان بىر ئايال خوجايىن بولاتتى، ئەسلىدە مۇمكىن بولسا، بۇنداق ئاياللارنى مەسچىتكە يىغىپ ئەرلەرنى ھۆرمەتلەش، ئاياللىق ئەخلاقنى كۈچەيتىش، پەرزەنت تەربىيىسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ۋەز سۆزلىسە ئوبدان بولاتتى. ئەمما بۇ پەقەت سىيىت قارىنىڭ غايىسى ئىدى، ئاياللار ھەمىشە تەربىيىدىن مەھرۇم ئىدى، ئەرلىرى ئۇلارنى تەربىيىلەشكە قادىرئەمەس ئىدى. خوتۇنلىرىمىزنى تەربىيىلەيمىز دېگەنلەر ئاچچىقىغا پايلىماي ئەدەپلەپ قويۇپ، خوتۇنلىرىنى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ ئۆچ قىلىۋىتەتتى. بۇ ئاچچىقنى ئىچىدە ساقلاپ يۈرگەن خوتۇنلىرى داۋىخورلۇقىنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارنى بىلىندۈرمەي ئازابلايتتى، دائىم سىرتنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن ئەرلەر خوتۇنلىرى بىلەن بۇ جەھەتتە كۈچ ئېلىشىپ بولالمايتتى، قېيداشتا خوتۇنلىرىدىن ئېشىپ چۈشەلمەيتتى، چىدىماي تەسلىم بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدىنمۇ يۇۋاشلاپ قالاتتى، نېمىشقا شۇنداق بولۇپ كەتكىنىنى ئۆزلىرىمۇ تۇيماي قالاتتى. سىيىت قارى خوتۇنلارنىڭ يامانلىقىغا قىياسەن ئەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ شۇنداق يەكۈنگە كەلگەنىدى: جامائەتتە پەيدىن پەي ئاشۇنداق يۇۋاشلاپ كەتكەن ئەرلەر زور سالماقنى ئىگىلەيتتى؛ ئۆيىدە خوتۇنى تەييارلىغان يۇمشاق ئاش-ناننى يەيتتى، يۇۋاش-يۇمشاق گەپ قىلاتتى، سىلىق ماڭاتتى، نامازنى ئىلمان ئوقۇيتتى، بۇ دۇنيالىققىمۇ، ئۇ دۇنيالىققىمۇ تەڭ كۆڭۈل بۆلگەندەك قىلغان بىلەن، ھېچقايسى ئەمىلىگە جان دىلىدىن بېرىلمەيتتى. مەسچىتلەرنى، يوللارنى، ئۆيلەرنى ئىلمانلىق، يۇۋاش-يۇمشاقلىق قاپلاپ كەتكەنىدى. پەقەت بازار كۈنلىرىلا بىر خىل قىزغىنلىقنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنياغا زىيادە بېرىلىش ۋەجىدىن ئىدى؛ بۇنى كوچىغا تەڭ چىققان ئەر-ئاياللار بىرلىكتە روياپقا چىقىراتتى.
سىيىت قارى ھەممە ئەرلەردە كۆرۈلۈۋاتقان مەزلۇم مىجەزلىكنىڭ ئۆزىدىمۇ مەۋجۇدلۇقىنى ئېنىق بىلدى؛ بىر كېچىلىك خوتۇنىنى ئەتىسى ئۈچ تالاق دېيەلمىگەن كۈندىن باشلاپ، كاللىسىدا ئەركەكلىك ئۇقۇمى چاقماقتەك چاقنىدى، بۇ ئىماننىڭ تەقەززاسى ئىدى، ئىماملىقنىڭمۇ تەقەززاسى ئىدى، ئەڭ مۇھىمى قىرانىغا يېتىۋاتقان يىگىتلىكىنىڭ تەقەززاسى ئىدى. ئاياللار دۇنياسى ئۇنىڭغا سىرلىق، قورقۇنچلۇق بىلىندى، قىزلارنىڭ ھەممىسى پاسىقلىققا چۆكۈپ كەتكەندەك، دۇنيادا ساق قىز قالمىغاندەك تۇيۇلدى. مەسچىتلەردە ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن تەبلىغنى سۆزلەپ بولۇپ ئازراق ۋاقىت ئېشىنالىسا جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ناچار ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ، جامائەتكە، بولۇپمۇ ياشلارغا ئاز-تولا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان بولدى. بۇنداق ئارتۇق سۆزلىنىپ كەتكەن تەبلىغنىڭ سىياسەتكە تاقىشىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى، شۇڭا ئارتۇق گەپمۇ بولمىدى. بىر قېتىم تەشكىل ئۇنى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ۋەز-تەبلىغ سۆزلەشكە بېكىتىپ قويدى، ئەيدىز كېسىلى ئاساسەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەل بولغاچقا، بۇزۇقچىلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىدى. سىيىت قارى تولۇپ تاشقان ھېسسىيات، كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن زىنانىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر ئىككى دۇنيادىكى يامان ئاقىۋىتىنى سۆزلىدى؛ ئاندىن «زىناغا يېقىنلاشماڭلار» دېگەن ئايەتنى چۈشەندۈردى: ئاللاھنىڭ «زىنا قىلماڭلار» دېمەي بەلكى «زىناغا يېقىنلاشماڭلار» دېيىشىدە بىر ھېكمەت بار. چۈنكى ئىنسان ئاجىز مەخلۇق بولسىمۇ شەھۋەت نەپسى كۈچلۈك بولغاچقا، ئەگەر زىناغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى قىلسا نەپسى ئەقلىگە ئاسانلا يەم بولۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇ ئىنسان ئۆز ئىختىيارىنى شەيتانغا تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زىنا بىر دەمدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. جاھاندا بولۇۋاتقان ناشايان ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەيدىن پەي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى. ئارقىدىن سىيىت قارى ئەيدىز دېگەن بۇ ئەجەللىك ۋابانىڭ ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ جىنسىي بۇزۇقچىلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاللاھنىڭ بىر جازاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قۇرئاندا بايان قىلىنغان لۇت قوۋمىنىڭ جىنسىي بۇزۇقچىلىقتا چېكىگە يەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئاندىن گەپ ھازىرقى ھالەتكە يۆتكەلگەندە، سىيىت قارى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئېچىنىش ۋە قايغۇلىرىنى ئىپادىلەپ بىر مۇنچە قاينىدى، يول بويىدىكى ساتراشخانىلار، خۇپىيانە رەسۋالىقلار، ئار-نومۇسنى قايرىپ قويغان ئەرلەر، ئىپپەت-نومۇسىنى دوغا تىككەن قىزلار ۋە پاھىشەلەرنىڭ ۋابا يۇقتۇرۇشقا سەۋەبچى ئاپەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. «بۇزۇقچىلىق بۇزۇقچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ، بۇزۇقچىلىق خۇددى ۋابادەك يۇقۇملۇق. ئىمانىمىز بولسا زىنايى ھارامدىن يىراق تۇرايلى، ئىمانىمىز بولسا بالىلىرىمىزنى زىنايى ھارامدىن ساقلايلى، ئىمانىمىز بولسا ساتىراشخانىغا كىرمەيلى، ئىمانىمىز بولسا نەپسىمىزنى يىغىۋالايلى، ھاجى تۇرۇپمۇ پاھىشىخانىدا ئۆلگەن ئادەملەردەك ئاقىۋەتكە قالمايلى، ئاللاھ بىزنى بۇزۇقچىلىقتىن، ئەيدىزدىن ساقلىسۇن... ئامىن» دەپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.
جامائەت ئوبدانلا تەسىرلەندى، چۈنكى سىيىت قارى بۇ تەبلىغنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ناتىقلىق ۋە كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن قىلدى. قۇرئاندىن ئالغان دەلىللىرى ۋە چۈشەندۈرۈشلىرى جايىدا بولدى، ئاگاھلاندۇرۇشلىرى جىددىي، تەخىرسىز تۈس ئالدى. مەسچىتتە نازارەتچىلىكتە ئولتۇرغان كادىر بۇ تەبلىغنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى تەشكىلگە يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن سىيىت قارى باشقا مەسچىتلەرگە، ھەتتا ناھىيىلەرگە بېرىپ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە سەييارە تەبلىغ سۆزلەپ، جامائەتنى ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئابرۇيىنى ئۆستۈردى.
ئەمما ئابرۇي باشقا، بەخت باشقا مەسىلە ئىدى، يۈز-ئابرۇينىڭمۇ ۋاقىتلىق، ئىشەنچسىز نەرسە ئىكەنلىكى كېيىن ئىسپاتلاندى. شۇ بەختسىز كېچىدىن كېيىن سىيىت قارى ئۆزىنى قانىتى سۇنغان قۇشتەك ھېس قىلدى؛ بەختكە قانچە تەلپۈنسە ئۇ بەخت ئۆزىنى ئېلىپ قېچىۋاتاتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا بەختلىك بولۇشنىڭ بىردىنبىر ئامالى بۇ دۇنيادا ھەقىقىي بەختنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش ئىدى، ئەمما سىيىت قارى ھازىرچە بەختكە ئىشەنمەي، ئۇنىڭغا باغلانماي تۇرالمايتتى، بۇ دۇنياغا تۆرەلگەنىكەن، بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن ئىمكانقەدەر بەھرىمەن بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارمايتتى، پاسسىپ شۈكۈر-قانائەتچانلىقنى ياقتۇرمايتتى، بۇ خىل ياشاش تەرزى «بۇ دۇنيا كاپىرنىڭ، ئۇ دۇنيا مۇسۇلماننىڭ، شۇڭا سەۋر قىلاي» دەيدىغان بەزى موللاملارغا ئوخشىمايتتى. ياشلىقى، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى دىۋەيلەپ، ياشىمامسەن، رىزىق تېپىپ ھۇزۇرلانمامسەن؟ دەيتتى. قاندا ئېقىپ يۈرگەن شەيتانلار جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئېقىمىغا باشچىلىق قىلىۋاتقان بۇ زاماندا پاكلىقنى قوغداپ تەقۋا ياشاش ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىش ئىدى. جامائەتكە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش، زىنادىن يىراق تۇرۇش، بولۇپمۇ ياشلارغا ئىمان، ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە شۇنچە كۈچلۈك تەبلىغلەرنى قىلدى، بۇ تەبلىغلەر ئەسلىدىنلا دىلى يۇمشاق، ئىمانى بار، خۇدادىن قورقىدىغانلارغا تەسىر قىلغان بىلەن، دىلى قېتىپ كەتكەن، مۇناپىق مىجەز، تەكەببۇر، جاھىل كىشىلەرگە، ئويناشتىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن ياشلارغا تەسىر قىلمىدى. شۇنچىلىك تەشۋىق-تەرغىباتلارغا قارىماي، بۇ يېزىدىمۇ ئەيدىز كېسىەللىرى پەيدا بولدى، كۆپىنچىسى ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىدى. جەمئىيەتنىڭ بۇزۇق ھاۋاسىدا داشقال بولۇپ كەتكەن ياشلارغا نىسبەتەن ياشلىق كۈچ-قۇۋۋەتنى چىقىرىدىغان، قانغۇدەك ئوينايدىغان دەۋر ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچى قۇرۇق ئىدى، ئۇنى شەھۋەت ئارقىلىق تولدۇرۇشنى ئىستەيتتى؛ زېرىكىپ ئۆلگۈدەك بولاتتى، ئىچى پۇشۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غىدىقلىغۇچ نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپاتتى؛ بېسىم ۋە تەشنالىقتا جېنى قىينىلاتتى، ئۇنىڭ دورىسىنى ھاراق-شاراپتىن ئالاتتى. بۇنداق كېسەللەرنى ئىمان، ئەخلاق ئارقىلىق ساقايتىش زەھەرلىنىپ ئۆلەي دېگەن ئادەمنى بالىنىستا قۇتقۇزۇشتىنمۇ تەس ئىدى. شۇنداق ئىدى، جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىقلارنى قانۇن ۋاسىتىسى بىلەن مەجبۇرىي ئوڭشىمىغىچە، بىر-ئىككى ئىمامنىڭ تەبلىغى ئارقىلىق ئوڭشاپ بولغىلى بولمايتتى. لېكىن، ۋەز-تەبلىغدىن ۋاز كېچىشكە بولمايتتى، ئەمما سىيىت قارى تولا سۆزلەپ ھاردى، تەبلىغلىرى مۇشۇ مەسچىتتىلا قالىدىغاندەك، ئۇنى ھېچكىم تۇرمۇشىغا تەتبىقلىمايدىغاندەك ۋە باشقىلارغا يەتكۈزمەيدىغاندەك قىلاتتى. بۇنداق ئېتىبارسىزلىق ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. يەنە كېلىپ جامائەت قىشتا ئاۋۇپ قالسا، يازدا ئازلاپ كېتەتتى، بىر-ئىككى قېرىدىن باشقا مۇسۇلمان ئۆيى يېقىن تۇرسىمۇ بەش ۋاقىت ناماز ئۈچۈن مەسچىتكە كەلمەيتتى، ئەگەر شۇ بىر-ئىككى قېرى چۈرىلەر ئاغرىپ تارتىپ قالسا، مەسچىت قۇپقۇرۇق قالاتتى، ئۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇيتتى. بۇ ھال ئۇنى جامائەتتىن بەزدۈردى، جامائەت ئۇنى ھۆرمەتلىگەندەك قىلغان بىلەن گەپلىرىنى ئېتىۋارغا ئالمايتتى، مەسچىتتىن چىقىپلا ئۇنتۇپ كېتەتتى.« بىزنىڭ جامائەتنىڭ ھالى شۇ... _دەپ ئويلايتتى ئۇ-، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۆزلىرىنى تەقۋا ھېسابلايدۇ. قارىغاندا مۇشۇنچىلىك جامائىتىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلەنسەك بولغۇدەك، دۇنيا ۋەسۋەسىلىرى قاپلاپ كەتكەن بۇ زاماندا مەسچىتنىڭ نەدىلىكىنى بىلىشمۇ تەقۋالىق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. دىننىڭ ئىشلىرىغا ئەستايىدىل قارىمايدىغان، ئوتتەك قىزىپ پوقتەك سوۋۇيدىغان بۇ جامائەتتىن يەنە قانداق ئىزچىللىق، قانداق ئۇلۇغۋارلىقنى كۈتكىلى بولسۇن؟...»
سىيىت قارىنىڭ جامائەتتىن ئاغرىنىشلىرىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى. ئۇنىڭ بىر خوتۇن ئېلىپ ئۈچ كۈندىلا تالاق قىلىۋەتكەنلىكى جامائەت ئارىسىدا غولغۇلا پەيدا قىلدى، ھەر خىل گەپلەر بولدى، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، سىيىت قارى پىتنە-پاسات، غەيۋەتكە توغرىلىنىپ قالدى. لايىقنى ئوبدان تاللىيالماي، بەختىنى تاپالماي قالغان بۇ قارىمنىڭ بەرىكەتلىك، ئامەتلىك قارىم ئىكەنلىكىگە شەك چۈشتى، ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىدىغانلار، نىكاھ ئوقۇتىدىغانلار، دۇئا قىلدۇرىدىغانلار، بالىسىغا ئىسىم قويدۇرىدىغانلار ئازلاپ كەتتى. ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى قەيەردىدۇر ئوقۇپ كەلگەن، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن يەنە بىر ساقاللىق قارىم تارتىپ كەتتى...
سىيىت قارى باشقا مەسچىتلەردە ئەيدىزنى توسۇش ھەققىدە ۋەز سۆزلەپ ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈۋاتقاندا ئۆز مەھەللىسىدىكى ئابرۇيى ئەكسىچە تۆۋەنلەشكە باشلىغانىدى. خوتۇنلىرىغا تەسلىم بولغان ئەرلەردىن تەشكىل تاپقان مەھەللەكويلىرىنىڭ خوتۇن خەقتەك ئۇششاق گەپ قىلىشى ئۇنىڭغا بىر بالايى ئاپەت بولغانىدى؛ بۇزۇق خوتۇننى قويۇۋەتكەن ئەركەكلىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولماقتا يوق، ئەكسىچە توقۇناق بالاغا قالغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئىدى. شۇڭا بۇ جامائەت ئۇنىڭغا چۈشىنىكسىز، غەيرىي مۇددىئالىق نادانلار، غاپىللار توپى بولۇپ كۆرۈنمەكتە ئىدى. بۇ بىزارلىقتىن ئۇ قۇتۇلالمىدى، ئىماملىقىنى بۇرۇنقىدەك كۆيۈنۈپ قىلمايدىغان بولدى، قىرائەتلىرىدە مۇڭ، تەبلىغلىرىدە كۈچ قالمىدى. جامائەتمۇ ئۇنىڭ ئىمامەتچىلىكىنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەيۋاتقانلىقىنى بايقاپ، خىلمۇ خىل سۆز-چۆچەك قىلىشىدىغان بولدى. كىشىلەرنىڭ غەيۋەت كېسىلىگە ئۆچ بولۇپ كەتكەن سىىيىت قارى بىر جۈمە كۈنى غەيۋەت-شىكايەتنىڭمۇ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى، بىر كىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلسا شۇ كىشىنىڭ جەسىتىنى يېگەندەك بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەبلىغ قىلدى، بىر قىسىم جامائەت ئۇنىڭ چىرايىدىكى خاپىلىقنىلا كۆرۈپ، گېپىنى ئانچە تىڭشاپ كەتمىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىدى. نەتىجىدە، بۇ ۋەز-تەبلىغلەرمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈمىنى يوقاتتى، كىشىلەر مەسچىتتىن چىقىپلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى، كۆڭلى خالىغىنىنى قىلىۋەردى، غەيۋەتنىڭ تاتلىقلىقىدا ھەممىنى ئۇنتۇپ، كۆڭلى خوش قىلىپ يۈرۈۋەردى. ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى ناماز ئوقۇۋېلىش بولۇپ، ۋەز-تەبلىغ دېگەننى مۇنداقلا ئاڭلاپ قويسا بولاتتى، چۈنكى ۋەز-تەبلىغ دېگەنمۇ ئاتام زامانىدىن قالغان شۇنداق بىر قائىدە ئىدى. قائىدە دېگەن شەكلەن ئورۇنلىنىدىغان، قىلىپ تۈگەتسىلا بولىدىغان ئىش ئىدى.
سىيىت قارىنىڭ جامائەتتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقى تەشكىلگىمۇ مەلۇم بولدى، بىر كىملەر بېرىپ ھال ئېيتتىمۇ ياكى بىرەر كادىر سىرتتىن كۆزىتىپ شۇنداق چۈشەنچىگە كەلدىمۇ ئەيتاۋۇر، تەشكىل ئۇنى چاقىرىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى. سىيىت قارى ئوڭۇشسىز بىر نىكاھ سەۋەبى بىلەن جامائەتنىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا قالغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئاياللار جامائىتىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەسلىدە ئۇلارنى مەسچىتكە يىغىپ تەربىيىلەشنىڭ ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى، ئاياللارنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى، بۇنى ھازىرقى دەۋردىكى ئىسلاھات بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كادىرلار كۈلۈپ كەتتى، سىياسەتتە ئاياللارنىڭ مەسچىتكە يىغىلىشى ھەققىدە يوليورۇق يوق ئىدى. خىزمەتچى ئاياللار ئىدارە مەجلىسخانىلىرىغا يىغىلسا بولاتتى، ئۇلار رەھبەرلىرىگە بويسۇنۇشى، فاڭجېن-سىياسەت، قائىدە-نىزاملارنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشى لازىم ئىدى؛ ئۆي ئاياللىرى بولسا ئۆيىدە ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى كېرەك ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئاياللارنىڭ باشباشتاقلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئۇلار پەقەت ئۆز ئۆيلىرىدە خان ئايىمدەك ئولتۇرۇپ، باشقا ئىشقا ئارىلاشماي بالىلىرىنى بېقىپ، ئېرىنى كۈتۈپلا ئولتۇرسا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولاتتى.
سىيىت قارى جامائەتنىڭ ساپاسىنىڭ بەكمۇ تۆۋەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن ئىلگىرى نېمىشقا ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرەلمەي قالدى. قىلغان گەپلىرىنىڭ ھەممىسى چەك باسمىدى. مەسئۇل كادىر ئۇنىڭغا بىر مۇنچە تەربىيە قىلىپ ئاندىن يولغا سېلىپ قويدى. سىيىت قارىنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن غەش ئىدى، كېتىۋېتىپ كوچىدىكى ھەممە ئادەمنى غاپىللىق، نادانلىقتا ئەيبلەيتتى، ئايالچە موتو ياكى ۋەلىسپىت مىنىپ كېتىۋاتقان، بېشىنى ئاتنىڭ كاللىسىدەك سەت قىلىۋالغان يالاڭۋاش قىز-چوكانلارنى كۆرگەندە نەپرەتلىنەتتى. ساتىراشخانا ئالدىدا يوتىلىرىنى ئېچىپ ئولتۇرغانلارنى كۆرگەندە بولسا ئوغىسى تېخىمۇ قاينايتتى. ئازغۇنلۇققا ئەڭ يېقىن، شەيتانغا ئەڭ سىرداش، قورقۇنچلۇق، سىرلىق بولغان بۇ مەخلۇقلار ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئاجىز ئەمەس ئىدى، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ھازىرقى بوشاڭ ئەرلەرنى بېسپ چۈشەتتى. بۇ خۇددى شۇنىڭ مىسالىغا ئوخشايتتى: ھەممە يەردە_ كوچىلاردا، ئۆيلەردە، ئىشخانىلاردا گويا سانسىز يۇمشاق قۇرتلار قاتتىق ياغاچنى غاجايتتى ۋە ئاستا-ئاستا تېشىپ كىرەتتى. بۇ ياغاچلارنىڭ ئىچىدىن پورلىشىپ كېتىشى قۇرتلارغا ئاسانلىق تۇغدۇراتتى...
سىيىت قارىنىڭ كۆڭلىدە لەنەتتەگكۈر توي كېچىسىنىڭ جاراھەتلىرى تېخى ساقايمىغانىدى، كېچىسى ياتسا گۇلنىسا بىلەن زۆھرەنى ئالماشتۇرۇپ خىيال قىلىپ بىئارام بولاتتى، چۈشىدە بەزىدە گۇلنىسا بىلەن ئەر-خوتۇنچىلىق قىلىپ چۈشەيتتى، تاڭ ئاتقاندا توۋا دەپ غۇسۇلى -تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكەچىقاتتى، بەزىدە چۈشىدە گۇلنىسا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالۋاستىدەك چىقىۋېلىپ قاقاخلاپ كۈلەتتى، يا بولمىسا كارىۋاتتىكى قىپقىزىل قاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك قارايتتى... ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ، بىر ھازاغىچە ئېسىگە كېلەلمەي قالاتتى. بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ سول تەرىپىگە تۈكۈرۈپ قوياتتى. ئۇ ھەر قېتىم گۇلنىسانىڭ گەپلىرىنى ئويلىسا، بىر ساراڭغا يولۇققانلىقىنى ئويلايتتى، بەزىدە يالغۇز قالغاندا خىيالىدا ئۇ جىندەك پەيدا بولۇپ، ۋارقىراپ يىغلاپ ياكى ئاغزى بېسىقماي ۋاتىلداپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى... ئىنسان نېمىدېگەن غاپىل-ھە، غاپىللىق ھەر قاچان يۈز بېرىدۇ، توي ئىشىدا دائىم ئەڭ چوڭ غاپىللىق، خاتالىق يۈز بېرىدۇ...
كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ گۇلنىسانىڭ ئۈرۈمچىگە كەتكەنلىكىنى ئۇقتى.
سىيىت قارىنىڭ جامائەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پات ئەسلىگە كەلمەيدىغاندەك قىلاتتى، جامائەت رەھىمسىز ئىدى، كۆزىگە سىغمىغان ئىمامنى ھەرگىز كۆزىگە ئىلمايتتى، ھەتتا تەشكىلگە چېقىپ ئۇنى كۆزدىن يىراق قىلىشتىنمۇ يانمايتتى. جامائەتنىڭ كوللېكتىپ ئېڭى، نادانلىققا بىردەك ئەگىشىش خۇسۇسۇسىيەتلىرى، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ باغرىنىڭ ئىچى تار بىر ئادەمنىڭ باغرىغا ئوخشاپ قېلىشى سىيت قارىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز ئىدى. چۆنتەككە كىرىدىغان پۇل ئازلاپ كەتكىلى نەۋاخ، ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن جامائەت ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى چۆرىۋېتىشكىمۇ قادىر ئىدى. سىيىت قارىنىڭ مائاشى ئۆسمىدى، تىرىكچىلىكى تەسلەشتى، ئىماملىق ئەسلىدە شەرەپلىك ئىش ئىدى، لېكىن بۇ شەرەپ ئەمدى ئۆز جايىنى تاپالمىدى؛ ئىماملىق ئەسلىدە نازۇك، قىيىن ئىش ئىدى، لېكىن سىيىت قارى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى، باشتا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن بىلەن ئاخىرىدا سەل قارىدى. ئىماملىق ئەسلىدە يۈز-ئابرۇي، ئىمكانىيەت ۋەسىلىسى ئىدى، ئەمما ھەممىسى شۇ بىر توي بىلەن ئاخىرلاشتى؛ ئىماملىقى ۋايىغا يېتىپ، ھۆرمىتى چېكىگە يېتىپ ئاندىن ئارقىغا ياندىمۇ ياكى ئىشلىرى ۋايىغا يەتمەي تۇرۇپلا كۇرستىن چۈشتىمۇ، بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمىدى، بەلكىم شۇ نەس باسقۇر توي بولمىغان بولسا بەخت-خۇشاللىقى ئۈزۈلۈپ قالماس ئىدى، بەلكىم... زۆھرەگە ئوخشىمىسىمۇ باشقا پاك، مەسۈمە بىر قىزنى نىكاھىغا ئالار ئىدى، بەلكىم.. ئەمما رىئاللىقتا بەلكىم... مەۋجۇد ئەمەس، نەق يۈز بەرگەن ئىشلارلار مەۋجۇد ئىدى.
بىر مەزگىلدىن كېيىن تەشكىل ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىمامدىن بىرنى تەيىنلەپ بەردى. يالغۇز ئىماملىقنىڭ ھۆددىسىدىن ئاران چىقىپ كېلىۋاتقان سىيىت قارىغا بۇ ئىش ئوبدانلا خوش ياقتى، مائاشىنى بۇرۇنقىدەك ئالىۋېرەتتى، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان جامائەتتىن چەتتىرەك تۇراتتى. بەلكىم بۇ ياردەمچى ئىمام ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ، جامائەت پىكرىنى ئۆزگەرتەتتى، قانداق ئۆزگىرىشى سىيىت قارى ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىدى. نېمىلا بولسۇن، ئۇ يەڭگىللەپ قالدى، بوش ۋاقىتلىرىدا بېيجىڭدىكى ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان كىتابلىرىنى، يازغان خاتىرىلىرىنى ۋاراقلايتتى، زۆھرەنىڭ بۇلغانماس ۋاقتىدىكى گۈزەل چاغلىرىنى ئەسلىگەچ، ئۇنىڭغا بېغىشلانغان خاتىرىلىرىنى ئوقۇيتتى...
تۇرمۇش سىيىت قارىنى قىستىغىنى قىستىغان ئىدى، نام-ئابرۇي، بايلىقنى ئويلاشماي، ھۆكۈمەت بەرگەن مائاشقا شۈكرى قىلىپ ئۆتسىمۇ ئۆتەتتى، ئەمما ئابرۇي قازىنىپ ھۆرمەتلىنىپ، پۇل تېپىپ خەجلەپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەم ئۆتمۈشىدىن ئاسان كېچەلمەيتتى. مۇئاۋىن ئىمامنىڭ ئىلىمى، قىرائىتى، جامائەتكە بەرگەن تەسىرى سىيىت قارىمنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، جامائەت يەنىلا يېڭىلىققا ئامراق ئىدى، بۇنداق جامائەتنى نادان، قالاق دېگىلى بولامتى؟ سىيىت قارى دۇنيالىققا بەك بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي خاھىشىغا بەك ئەگىشىپ كېتىپ، جامائەت ئۈچۈن خالىس ئەمەل قىلالمىغانلىقىنى چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلاتتى، نىكاھتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى ۋە ھازىرقى ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى ئاللاھنىڭ جازاسى ۋە سىىنىقى دەپمۇ ئويلايتتى، لېكىن بۇنداق ۋىجدانەن ئويلىنىش قانداق تېز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تېز يوقايتتى، كۆنۈپ قالغان ئىدىيىسى دەرھال ئۆزگەرمەيتتى ۋە بۇنىڭىدىن كېيىنكى ئىش-ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلالمايتتى. ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىزگۈ نىيەتلىرىگە دائىم ئەگىشىدىغان بولسا بىر ئۆمۈر تەقۋا، ئەۋلىيالارچە ھايات كەچۈرەلىگەن بولاتتى. «لېكىن شەيتان قويمايدۇ،_ دەپ ئويلايتتى ئۇ _ شەيتان دائىم دۈشمەنلىك قىلىدۇ، خىيالىمىزغا ئارىلىشىۋالىدۇ، ۋەسۋەسە پەيدا قىلىدۇ، قەدەملىرىمىزنى تېيىلدۇرىدۇ. داغدا قالىمىز، ھەسرەت-نادامەت چېكىمىز، پۇشايمان قىلىمىز. بىر ئۆمۈر پۇشايماندا ئۆتىمىز، بۇمۇ قىسمەت دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىمىز، لېكىن ھاياتتا ئەقىل بىلەن ئىش قىلغىلى، ئېزىپ كەتسەك تۆۋە قىلغىلى، پۇشايماننى تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭغا پۇرسەت بار، لېكىن ھەر ئادەمدە يېتەرلىك ھۇشيارلىق يوق. سەگەك ئىنسانلار ناھايىتى ئاز، غاپىللار كۆپ... ».
سىيىت قارى جۈمە كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتتا مەسچىتكە ئانچە چىقماي، تالا-تۈزگىمۇ قاترىماي ئۆيىدە كىتاب ئوقۇپ، ناماز ئۆتەپ ئولتۇردى، ئەمگەكنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا ئېتىزنىڭ ۋە ئۆينىڭ ئىشلىرىغا ئانچە-مۇنچە قارىشىپ قوياتتى. بىچارە ئاتا-ئانىسى تىنماي ئىشلەيتتى، سىڭلىسى تىنماي تاماق ئېتەتتى، قاچا يۇياتتى. بۇ ئۆي كېلىننىڭ راھىتىنى پەقەت كۆرۈپ باقمىدى. سىيىت قارىنىڭ ھازىرقى ھالىتى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ۋاقىتلىرىغا ئوخشاپ قالدى، ئىماملىقتىن گويا تالىپلىق ھاياتىغا قايتىپ كەلدى. سەھەرلىرى نامازدىن يېنىپ قۇرئان ئوقۇپ كۆڭلىگە تەسەللى ئىزدەيتتى، چۈشكىچە باشقا كىتابلارنى ۋە گېزىتلەرنى ۋاراقلايتتى، چۈشتىن كېيىن باغقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەتتى، پېتىپ كېتىۋاتقان قۇياشقا قاراپ ئۆمرىنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلايتتى، مىسىرغا ئوقۇشقا كەتكەن، مائاشى ياخشى ئىدارىلەردە ئىشلەۋاتقان، پاك قىزلارنى خوتۇن قىلىپ بالىلىق بولغان ساۋاقداشلىرىنى ھەۋەس ئىلكىدە يادىغا ئېلىپ، ئۆز قىسمەتلىرىگە ئېچىناتتى، ئەمما يەنىلا ئاللاھ تائالادىن سەۋر-تاقەت تىلەيتتى. ئۇ ۋىلايەت مەركىزىدىكى ساۋاقدىشى تاھىر قارى بىلەن پات-پات تېلېفونلىشىپ قوياتتى، تاھىر قارى بىلەن ئۆتكەنكى ئىماملار كۇرسىدا بىللە ئوقۇش جەريانىدا تېخىمۇ سىرداش دوستلاردىن بولۇپ كەتكەنىدى، تاھىر قارى ئۇنى بىر نەچچە قېتىم ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، سىيىت قارى بېرىپ بولالمىغانىدى، ئەمدى كەڭتاشا ۋاقتى تۇرغاندا بېرىپ مۇڭدىشىپ كېلىشنى، دەردىنى تۆكىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
سىيىت قارىنىڭ مەھەللىسى ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولغاچقىمىكىن، كىشىلەرنىڭ شەھەرگە ئىنتىلىش، شەھەرلىكلەرنى دوراش خاھىشى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى، بولۇپمۇ ياشلار شەھەر ياشلىرىدىن پەرقسىز بولۇپ كەتكەنىدى، موتوسكىلىتنى گۈكۈرتىپ مىنىشىپ، قىزلارنى كەينىگە قوندۇرۇپ، رېستۇرانمۇ رېستوران، دىبامۇ دىبا، ۋاڭبامۇ ۋاڭبا چاپاتتى. ئېتىزدا قارا تەرگە چۆمۈلۈپ ئىشلەپ ئۆيگە يېنىپ كەلگەن دېھقان يىگىتلەرمۇ كەچ بولسىلا ئىچى پۇشۇپ ۋەلىسپىتلىق بولسىمۇ ناھىيە بازىرىغا كىرىپ ئىچىپ-چېكىپ، بۇلغىنىپ چىقاتتى. ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئازراق داۋاملىشىپ توختاپ قالغاچقا، ياشلار يەنە بىخۇدلىشىپ قالغانىدى، پاك تۇپراقتا ئېغىناپ چوڭ بولغان يىگىتلەر نامراتلىقتىن ئۆيلىنەلمەي، بازارغالارغا بۇقىدەك ئۈسۈپ كىرىپ، ئازغىنە پۇلىغا ئىنسان لەززىتى سۈرۈپ، ئاخىر ئۆزلىرىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ۋابانى يۇقتۇرۇپ، بۆرىنىڭ ئالدىغا كەلگەن موزايدەك قاراپ تۇرۇشاتتى. ئۇلارغا ۋەز-تەبلىغ سۆزلەپ تۇرىدىغان سىيىت قارىم بۇلادىن بىخەۋەر كىتاب ئوقۇپ، شېئىر يېزىپ يۈرەتتى، ئىشچانلىقى تۇتۇپ كەتسە ئۆيدىكى كالا-قويلىرىىغا ھەلەپ بېرەتتى، ئېشەككە سامان سالاتتى.
بۇ مەھەللە قارىماققا تولىمۇ تىنچ، ئازادە كۆرۈنگەن بىلەن، ئۆي-ئۆيلەردە ئۇششاق ماجىرا، بالا-چاقىلارنىڭ غەلۋە-غوۋغىلىرى، ئاجايىپ-غارايىپ يېڭىلىقلار، رەسۋالىقلار، كوچا پاراڭلىرى ئۈزۈلمەيتتى، ئەپقاچتى خەۋەرلەر قۇلاقتىن قۇلاققا شامالدەك تېز يېتىپ تۇراتتى. تالاغا چىقمىغاچقا سىيىت قارىنىڭ قۇلاقلىرى بىر مەزگىل ئارام تېپىپ قالدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى، ئۇنىڭدىنمۇ بىر يېڭىلىق كۈتەتتى، ئەگەر ئۇ قايتا توي قىلسا ياكى بىر ياققا كەتسە بۇ شۇ ھامان مەھەللىنىڭ يېڭى خەۋىرىگە ئايلىناتتى. ھەممە ئادەم گويا بىر-بىرىنىڭ تاماشىبىنى ئىدى، يەنە كېلىپ جامائەتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ بولغان سۇلايمان قارىدەك ئادەملەر داۋاملىق كۆزىتىلىپ تۇراتتى.
سىيىت قارى بىر مۇددەت كەم دىدار بولۇپ كېتىۋىدى، مەھەللەكويلار يەنە ھەر قىسما گەپلەرنى تېپىشقا باشلىدى، سۇلايمان قارى ئىستىقامەت، دەرۋىشلىك يولىغا قەدەم قويۇپتىمىش، ئۆيىدىن چىقماي كىتاب ئوقۇپ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يازىمىش، روزى سايىتتەك شائىر بولماقچىمىش، ئىماملىقنى تاشلاپ بەرمەكچىمىش... دېگەندەك پاراڭلار چىقتى. سىيىت قارى جۈمە كۈنى مۇنبەرگە چىقسا جامائەت ئۇنىڭغا قىزىقىش ئىلكىدە نەزەر تاشلايتتى، بىر قارىسا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھۆرمىتى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر جامائەتنىڭ قانداق قارىشى مۇھىم مەسىلە ئەمەس ئىدى، تاپىدىغان ھۆرمەتنىمۇ تاپتى، كۇرسىدىنمۇ چۈشتى، لېكىن يەنە مۇشۇ خۇتبە مۇنبىرىدە ھاسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇستەھكەم تۇردى، تەقۋادارلىقى، ياخشى ئەمەلىي ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشتىن ئارتۇق شاراپەت بارمۇ بۇ جاھاندا! جامائەت دېگەن ئاشۇنداق تايىنسىز، مەۋقەسىز بىر توپ، بىر سەركە نەگە باشلىسا ئەگىشىپ كېتىۋېرىدىغان قوي پادىسى. ئۇلار يەنە سىيىت قارىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ ياكى بۇرۇنقى جاھىلىلىقىدا چىڭ تۇرامدۇ، بەرىبىر... سىيىت قارى ئەمدى تەمكىنلىك بىلەن بۇ جامائەتكە يۈزلىنىدۇ، 100 ئادەم قاراپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا خۇددى بىرلا ئادەم قاراپ تۇرغاندەك بىلىنىدۇ... كىشىلەر كۆڭلى ئاشۇنداق نازۇك، ھەممىسى داۋالغۇش ئىچىدە ۋەز تىڭشايدۇ...
سىيىت قارى نېمىلا دېگەن بىلەن بېيجىڭدا ئوقۇغان، نەزەر دائىرىسى ئېچىلغان، مەركەزدە، تيەنئەنمېندە، ماۋ جۇشىنىڭ سۈرىتى ئالدىدا نەچچە قېتىم رەسىمگە چۈشۈپ، يۇرتىغا يىراقتىن غايىبانە نەزەر تاشلاپ، كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار ئۈمىدلەرنى پۈككەن تالىپ بولغاچقا ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزىنى كونترول قىلالىدى؛ خوتۇندىن چاتاق چىقىپ دەرد-ئەلەمگە مۇپتىلا بولغاندىمۇ، جامائەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ چۆنتىكى بوش قالغاندىمۇ كەلگۈسىگە ھامان ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىدى، خەقنىڭ غەيۋەت شامىلىغا كەتمىدى، ئۆزىنى تاشلىۋەتمىدى، مانا بۇنىڭ ھەممىسى ئوقۇغاننىڭ، شەھەر كۆرگەننىڭ، كاللا ئېچىلغاننىڭ، يۈرەك توختىغاننىڭ پايدىسى ئىدى. روھىي دۇنياسى قورۇقدىلىپ قالغاندا قۇرئان ئوقۇيتتى، بۇ دۇنيانىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئاللاھنى زىكرى قىلىپ دىلىنى ئارام تاپتۇراتتى، مەكتەپتە ئوقۇغان كىتابلىرىنى، كىتاب ئۈستىگە يېزىپ قويغان خەتلىرىنى، ئىچى پۇشقاندا يېزىپ قويغان خاتىرىلىرىنى ئوقۇيتتى. ناھىيىگە كىرگەندە كىتابخانىغا كىرىپ ئۆزىگە يارىغان بىرەر كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇيتتى. مەنىۋى دۇنياسى ئاۋاتلىشىپ تۇرغاچقا يالغۇز قالغاندىمۇ زېرىكمەيتتى؛ پىكىر يۈرگۈزۈشتىن، گۈزەل خىيال سۈرۈشتىن، شېئىر يېزىشتىن ھۇزۇرلىناتتى. ھاياتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ۋە ئىلىم ئۆگىتىشكە سەرپ قىلغان ئۇلىمالاردەك بولۇشنى ئارزۇلايتتى؛ شېئىر يازسا ھېچ بولمىسا ئۆزىنى مەنىۋى كامالەتتە خېلى يېتىشىپ قالغان ئەللامىدەك ھېس قىلاتتى؛ كىتاب، رىسالە پۈتۈپ، شېئىر يېزىپ ئەۋلادلارغا قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىم، ئەدىبلەرنى غايىبانە ھۆرمەتلەيتتى، كىتابخانىدىن بىرەر ئەسىرىنى ئۇچرىتىپ قالسا ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كېتەتتى.
بىر مەزگىللىك«ئىستىقامەت» ھاياتى ئۇنىڭغا قايتا ئويلىنىش، روھىنى بېيىتىش پۇرسىتى بەخش ئەتتى. مەسچىت ۋە جامائەت نېرىدا قالدى. ئەمما ئۇ جۈمە كۈنى مەسچىتتە ئىمام بولسا چىرايىدىن بېيجىڭدا ئوقۇپ يېڭىدىن قايتىپ كەلگەن چاغلىرىدىكىدەك ئىلىم نۇرى بالقىيتتى، قىياپەتلىرىدىن، سۆزلىرىدىن ئىزگۈ ئالامەت، سالاپەت نامايان بولاتتى. بۇنى سىيىت قارى ھېس قىلالمايتتى، جامائەت بايقايتتى، جامائەت باھالايتتى. ئۇ تەبلىغنى بەلگىلەنگەن تېما بويىچە قىسقىلا قىلسىمۇ، مەزمۇنىنى ئاز-تولا بېيىتاتتى، جەمئىيەتتىن مىسال ئالاتتى، جامائەت ئويلاپ باقمىغان گەپلەرنى دەيتتى، شۇ ئارقىلىق ۋەزنىڭ تەربىيىۋى كۈچىنى ئاشۇراتتى. مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇسا ئىلگىرىدىن ۋەزمىن، جاراڭلىق ئوقۇيتتى، گاھىدا تەرجىمىسىنى قوشۇپ قوياتتى. بۇ جەھەتتە مۇئاۋىن ئىمام ئۇنىڭغا يېتەلمەيتتى، چۈنكى ئۇنىڭ سەۋىيىسى بىر ئىزدىلا توختاپ قالغانىدى؛ جامائەت ئەمدى ئۇنىڭدىنمۇ زېرىكىپ قالغاندەك قىلاتتى.
شۇنداقتىمۇ، سىيىت قارىنىڭ تۇرمۇشى غورىگۇل ئۆتۈۋەردى، ئاتا-ئانىسى ئۇششاق-چۈششەك كېسەل بىلەن ئاغرىغىلى تۇردى. ئەگەر بىراقلا چوڭ كېسەل بولسا ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. سىڭلىسى توي قىلسىمۇ ھېچقانداق چىقىمسىزلا ئەرگە بەرگىلى بولمايتتى، چوڭ ئۆينىڭ تۇزىنى يەپ كېلىۋاتقان، ئۆينىڭ چوڭى بولۇپ قالغان سىيىت قارى بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىسا بولمايتتى. تاپقىنىنى كالىدەك كۆشەپ، غەم يەپ ياتىۋەرگەن بىلەن ھەرىكەت بولمىسا موھتاجلىقتا، خارلىقتا قالاتتى. تويدىن ئىلگىرى بۇ ئائىلە خېلىلا پاراۋان ئىدى، ئەمدى ئۇ ياخشى كۈنلەر ئاياغلىشىپ قالغانىدى. سىيىت قارى دېھقان دېسە دېھقان ئەمەس، كادىر دېسە كادىر ئەمەس، ئوتتۇرىدا قالغان تائىپە ئىدى؛ سودىگەرچىلىك، ھۈنەرۋەنلىك قىلىشقا قىزىقمايتتى، جاپاكەش دادىسى ئۇنى مۇشەققەتكە چىداملىق، جىسمانىي ئىشقا ياراملىق ئادەم قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەنىدى، مانا ئەمدى قېرىغاندا ئۆزى جاپا تارتىپ قالدى. ئوغلىنى ئوقۇتۇپ مائاشلىق كادىر قىلغىنى مۇشۇمۇ؟ ئۇنىڭ راھىتىنى كۆرگىنى مۇشۇمۇ؟ سىيىت قارى دادىسىغا قاراپ غەمگە چۆكتى، ئانىسىغا قاراپ باغرى ئېزىلدى، سىڭلىسىغا قاراپ ئىچى سېرىلدى. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن قالسا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش قۇرئاندا كۆپ تەكىتلىنىدىغان پەرز ئەمەل ئىدى، بۇنى شەرتسىز ئورۇنلىماي بولمايتتى. سىڭلىسىنى دوست-دۈشمەننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتماي، لايىقىدا ئەرگە بېرىش كېرەك ئىدى، بۇ ھازىر ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ، ئۆزىنىڭمۇ غېمى بولۇپ قالغانىدى.
سىيىت قارى ئەمدى ئۆيدە بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم ئىستىقامەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، تىرىكچىلىكنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئويلىناتتى. مىڭ ئويلانسىمۇ سودىگەرچىلىكتىن باشقا تىرىكچىلىك يولىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيتتى؛ لېكىن سودىگەرچىلىكنى ھەممە ئادەم قىلالمايتتى، زىيان تارتسا تېخىمۇ قىيىن كۈنگە قالاتتى؛ شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ رىزىق تېپىشنى نىيەت قىلاتتىيۇ، ئاللىقانداق غەم-ئەندىشىدىن قۇتۇلالماي تولا ئىككىلىنەتتى...
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاھىر قارى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ يېنىغا بىر كېلىپ كېتىشنى، مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بارلىقىنى ئېيتتى. بۇ تەكلىپ ئۇنىڭغا بەكمۇ خوشياقتى، ئەتىسىلا ۋىلايەت مەركىزىگە ماڭدى. تاھىر قارى ئۇنى بېكەتتە كۈتۈپ تۇرغانىدى، ئىككىسى قىزغىن كۆرۈشۈپ، ھال-ئەھۋاللىرىنى بايان ئەيلىدى. تاھىر قارى ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ لەڭمەن بىلەن مېھمان قىلدى. ئىككىيلەن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كېچە خېلى بىر ۋاققىچە مۇڭداشتى. سىيىت قارى ئۆزىنىڭ تارتقان كۈلپەتلىرىنى، ھازىرقى غۇربەتچىلىك ھالىنى سۆزلەپ بەردى.
_ خوتۇن دېگەننى قاراپ ئالمامدۇ دەيمەن، چىرايىغا ئىشىنىپ كېتىپسەن-دە، بۇرۇنمۇ سەل خىيالپەرەس ئىدىڭ _ دېدى تاھىر قارى ئېغىر ئۇھ تارتىپ،_ بوپتۇ تالاق قىلىۋېتىپ قۇتۇلۇپسەن، بىز بۇ ئىشتا پرىنسىپتا چىڭ تۇرمىساق بولمايدۇ. قىز چىقمىغان قىزنىڭ ھەر قانداق باھانىلىرى ئاقمايدۇ.
_ ھازىرقى بالىلارغۇ «ئېشەك ئالساڭ مىنىپ ئال» دەپ سىناپ بېقىپ ئالىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ، لېكىن بىز ئۇنداق قىلالمايمىز-دە!
_ ھەسرەتلىنىپ كەتتىڭما؟ شۇنداق قىلساڭ بولامتى ئەمىسە؟ ئۇنداق قىلساق زىنا بولىدۇ قارىم، زىنا! ئەگەر مەھكىمە شەرئى ھازىر بولىدىغان بولسا 100 دەررە ئۇرۇلىدىغان چوڭ گۇناھ بولىدۇ بۇ! تېخى بۇ توي قىلمىغانلارغا بېرىلىدىغان يېنىك جازا، ئەگەر توي قىلغانلار زىنا قىلسا، تۆت كىشى بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرسە، زىناخورلار تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ ئەمەسمۇ! لېكىن، مۇسۇلمانلىرىمىز مۇنداق بىر جازانىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتتى، بۇ جازا ھازىرقى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدۇ، شۇڭا ھازىر ھەممە يەرنى بۇزۇقچىلىق قاپلاپ كەتتى، ئەيدىز كېسىلى ماراپ تۇرىدۇ، يەجۈجى-مەجۈجىلەر ئەتىلا چىقىپ كېلەمدىكىن دەيمەن، بۇ ۋاباغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە سىلەرمۇ سۆزلىگەنسىلەر ھەرقاچان، ئۈنۈمى بولدىمۇ؟ ھەي تاڭ جۇمۇ، ئەيدىز كېسىلى يەنىلا چىقىۋاتىدۇ...
_ بىزنىڭ يەردىمۇ ئوخشاش. سۆزلىدۇق، يەنە سۆزلەۋاتىمىز. ئاڭلايدىغانلار ئاڭلايدىكەن، ئوينايدىغانلار يەنە ئويناۋېرىدىكەن...
_ شۇڭا مېنىڭمۇ چاتىقىم يوق، مەسچىتنى مۇئاۋىن ئىمامغا تاشلاپ بەردىم، 15 كۈنلۈك يىغىنىغا قاتنىشىپ قويىمەن، ئۇخلاپ، ئەسنەپ يېنىپ چىقىمەن.
تاھىر قارى ئىماملىقىنى ياردەمچى ئىمامغا بېرىپ، تاش سودىسىغا كىرىشىپ كەتكەنىدى ۋە بۇنىڭ ئېپى-جېپىنى خېلىلا بىلىپ قالغانىدى.
_ ھۆكۈمەتنىڭ بەرگىنىگە قاراپ تۇرساق ئاچ قالىدىكەنمىز، ئانچە-مۇنچە مىدىرلاپ تۇردۇق...- دېدى تاھىر قارى مەمنۇنىيەت بىلەن، قارىغاندا تاش سودىسىدىن ئانچە-مۇنچە پايدا تاپقاندەك قىلاتتى.
_ دەريادىن تاش تاپقان ئوخشىمامسەن؟!
_ ياقەي، بىز تاش كولىغىلى چىقمايمىز، ئەللىنىڭ قولىدىكى تاشنى ئېلىپ باشقىسىغا ساتىمىز، ئوتتۇرىدىن پايدا قالىدۇ، بەزىدە ھېچنېمە يوق. لېكىن يېقىندىن بېرى تاش سودىسى قىزىپ كەتتى... مەندىن ئالغىنى يەنە باشقا بىرىگە ساتىدۇ، پايدا-زىيىنى ئۆزىگە. ئاندىن ئۇنى يەنە بىرى سېتىۋېلىپ ئىچكىرىگە ئاپىرىدۇ، خېرىدار ئىزدەيدۇ، خېرىدار تېپىپ ساتالىسا ئەڭ چوڭ پايدىنى شۇ ئالىدۇ. خەنزۇلاردا باي جىق، شۇلار سېتىۋالىدۇ، شۇنىڭغىچە بۇ تاش دېگەن قولدىن قولغا مېڭىپ تۇرىدۇ...
_ مۇنداق دە، بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ تاش كولىغىلى كەتكەنلەر بار ئىدى، لېكىن تاش تېپىپ بەك بېيىپ كەتكىنىنى ئاڭلىمىدۇق...
_ تاشنى ئەڭ دەسلەپتە تاپقانلار پايدىنى ئەڭ ئاز تاپىدۇ، جىق تاپىدىغانلار ئوتتۇرىدا ۋاسىتىچىلىق قىلىدىغانلار...
_ بۇرۇن ئانچە ئاڭلىمايتتۇق بۇنداق گەپلەرنى، قاشتېشى دېسە ئادەتتىكى تاشتىن ياخشىراق تاش دەپلا بىلەتتۇق...
_ ئۇنى بىر دېمە، ھازىرمۇ شۇنداق قارايمىز. لېكىن خەنزۇلار ئۇنداق قارىمايدىكەن، ئۇلار بۇ تاشقا چوقۇنىدىكەن، بۇ تاشتا پاك، سۈزۈك روھ بار دەپ ئىشىنىدىكەن، بۇت ياسايدىكەن، يا بولمىسا بىلەزۈك، چىنە-قاچا... دېگەندەك نەرسىلەرنى ياسايدىكەن.
_ لېكىن ئاداش، ئۇنىڭدىن بۇت ياسىسا بىزگە گۇناھ كەلمەمدۇ؟
_ ئۇنى بىز تاش دەپ ساتىمىز-دە، ئۇنىڭدىن بۇت ياسامدۇ، بىلەزۈك ياسامدۇ، نېمە ياسىسا ئۆزلىرىنىڭ ئىشى... شۇڭا گۇناھ كەلمەيدۇ.
_ بۇ گېپىڭمۇ راست، بىزنىڭ قولىمىزدىكى تاش ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي نەرسە، ئالقىنىمىزدىكى ئامەت -دە!
_ ئامەت دېسەڭمۇ بولىدۇ، ئاپەت دېسەڭمۇ بولىدۇ، تاش توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلايدىغان بولساڭ ئەقلىڭ ھەيران قالىدۇ. تاش تېپىپ ياكى تاش سودىسى قىلىپ بىر كېچىدىلا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن، ھەتتا نەچچە مىليون تاپقانلار بار. پۇل تاپقانلىرى ئەڭ ئاۋۋال خوتۇن ئالماشتۇرىدۇ، يا بولمىسا قوشلاپ خوتۇن ئالىدۇ؛ ئاندىن بەسلىشىپ قىممەت ماشىنا ئالىدۇ، ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالىدۇ، بىرەر قىزنى ئاشنا تۇتۇپ شۇ ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ...
_ ئاللاھ بەرگەن بايلىقنى مۇشۇنداق بۇزۇپ-چاچىدىكەن-دە؟!
_ ئۇنداق قىلمايدىغانلىرىمۇ بار، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىۋاتقان باي ھاجىملىرىمىزمۇ بار، لېكىن بۇلار بەك ئاز ساندا. كۆپىنچىسى يامان يولدا كېتىپ بارىدۇ. تاشنى دەپ ۋەيران بولغان، جېنىدىن ئايرىلغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنى ئويلىساڭ، تاش دېگەن بىر سەۋدايى ئاپەت، ئەيدىزدەك بىر ۋابا دېگۈڭ كېلىدۇ. ئۆتكەندە مەسچىتكە بىرەيلەن كەپتۇ، نامازدىن كېيىن تۇتۇۋالدى، نېمە ئىش دېسەم، «ئىمام ئاخۇنۇم، ئۆزلىرىگە بىر ئۆتۈنۈشۈم بار، مۇشۇ يۇرتتىن تاش چىقماسلىقنى تىلەپ خۇدايىمغا بىر دۇئا قىلىپ قويغان بولسىلا» دەيدۇ، نېمىشقا دەپ سورىسام، ئۇ كىشى دەردىنى تۆكتى: ئەسلىدە بۇ كىشىنىڭ چىرايلىق ئىككى قىزى، قاملاشقان، ئەخلاقلىق كۈيئوغۇللىرى، ئوماق نەۋرىلىرى بار ئىكەندۇق. كۈيئوغۇللىرىغا تاش سەۋداسى چاپلىشىپ، پۇل تاپقاندا خوتۇنلىرىنى قويۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئىككى قىزى بالىلىرىنى ئېلىپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. ئۆيىنى تېخىمۇ نامراتلىق، پاراكەندىلىك بېسىپتۇ. ھازىر تاش تېپىپ بېيىغانلارنىڭ ئائىلىسى ئاساسەن بۇزۇلۇۋاتىدۇ.
− ئىمانىنىڭ تايىنى يوق، ئاڭ سەۋىيىسى يوق ئادەملەرگە بايلىق ئۇچرىشىپ قالسا شەيتانغا ئەگىشىپ كېتىدۇ دېگىنە.
− توغرا دەيسەن، بىر كېچىدىلا مىليونېر بولۇپ كەتكەن ئادەملەر ئەسلىدىنلا ساپاسىز بولغاچقا ئىشتىنىغا پاتماي قالدى، ئىلگىرى بىر تىيىننى تىترەپ خەجلىگەن بولسا ئەمدى تازا بولۇشىغا خەجلەيدىغان بولدى، راھەت-پاراغەت، ئەيش-ئىشرەتكە ئۆزىنى ئاتتى...
− ئاللاھ بۇنىڭ ھېسابىنى ھامان ئالىدۇ.
− ئۇنى دېسەڭ، بەزىلىرى مۇشۇ دۇنيادىلا جازاسىنى تارتىۋاتىدۇ.
_ سەنغۇ بۇ سودىنى قىلىۋاتىسەن، قانداقراق، بولامدىكەن؟
_ ئىشقىلىپ يامان ئەمەس، بىر نەچچىسىگە شېرىك بولدۇم. يېقىندا شېرىكلەرنىڭ بىر مۇنچە تاشلىرى يىغىلىپ قالدى، خەنزۇچە بىلگەندىكىن ئىچكىرىگىلا ئاپىرىپ كەلسەڭ، پايدىسىنى تەڭ بۆلۈشسەك دەۋاتىدۇ، دىندا ئوقۇغاندىكىن بىزگە بەكرەك ئىشىنىدىكەن دېگىنە، ماقۇل دېدىم. يالغۇز بارغىچە سېنىمۇ بىللە ئېلىۋالايمىكىن دەپ ئويلىدىم، شۇڭا ساڭا تېلېفون قىلدىم. دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن رۇخسەت ئالساڭ، بىللە بېرىپ كەلسەك، شۇ باھانىدە بېيجىڭنىمۇ كۆرۈپ مەكتىپىمىزنى يوقلاپ كەلسەك دەيمەن...
_ بۇ بەك ئوبدان ئىشكەن، لېكىن يانچۇقنىڭ تازا تايىنى يوق تۇرىدۇ...
_ ئىمام بولغاندىكىن مانداق سەدىقە- پىتىر دېگەنلەرنى يىغىمىدۇقمۇ؟!-دېدى تاھىر قارى كۈلۈپ،-ئەنسىرىمە، چىقىملىرىڭ مەندىن، تاشنى ياخشى ساتالىساق سېنىڭمۇ تېگىشلىك نېسىۋەڭ بولىدۇ.
_ ئۇنداق بولسا باراي!_ دېدى سىيىت قارى خۇشال بولۇپ.
ئىككىيلەن سەپەرنىڭ پىلانلىرى ئۈستىدە بىر دەم پاراڭ سوقۇشۇپ ئاندىن ئۇخلاپ قېلىشتى.
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
8
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 12:24
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
20
سىيىت قارىنى شۇ ئاخشىمى كۆڭۈلسىز ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن زۆھرە ناھايىتى پەرىشان بولدى. ئەتكەن تامىقىنى يېگۈسى كەلمىدى. ئادىلە ئەسكىچە پۇخادىن چىققاندەك بولۇپ، مۇھەببەت، جىنسىيەت، سۇيىقەست، ئىنتىقام مەزمۇنى چىقىدىغان بىر فىلىمنى كۆرۈپ ئولتۇردى، زۆھرەگە ئۇ فىلىمنى كۆرۈشمۇ خوشياقمىدى، بىر جۈپ تەلۋە ئاشىق سۆيۈشكەن، كارىۋاتقا چىققان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئىچى سىقىلدى، ئاشخانىغا قاچا يۇغىلى ماڭدى. سىيىت قارى يېمىگەن تاماق ئېشىپ قالغانىدى، زۆھرەنىڭ تاماقنى ئوخشىتىمەن دەپ قىلىپ كەتكەنلىرى بىكارغا كەتكەنىدى. ئېشىپ قالغىنى تاماقلا، ئەمەس بەلكى زۆھرەنىڭ ئىچى پۇشۇغى، ئادىلەگە بولغان ئاچچىقى، ھېچ ئىشنىڭ تايىنى يوقلۇقى، تۈگىمەس ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، ھامان بىر ئەرگە ئىختىيارىنى تاپشۇرۇش قىسمىتى، يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئازابلىق تاللاش، يا بۇلغىنىش يا ۋىجدان راھىتى بىلەن ياشاش... ئىدى. قاچا يۇيۇۋاتقان مۇشۇ چىرايلىق قوللىرى بىر كۈنى قېرىپ قورايدەك بولىدۇ، يۈزىگە قورۇق چۈشىدۇ. گۈزەل چىرايغا ئەسلىدە گۈزەل ھايات نېسىپ بولسا بولاتتى، ئەمما گۈزەللەر كۆپ ھاللاردا بەختسىزلىككە دۇچار بولىدۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى تەلەپنى يۇقىرى قويۇۋېلىپ، بەختنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ بەختنى ھېس قىلالمايدۇ ۋە ئۆزىنى يەنىلا بەختسىز ھېس قىلىدۇ. زۆھرە ئەگەر بۇ دۇنيالىقىنى دېسە چىرايى، بەدىنىنىڭ قىممىتىنى يارىتىش، نەپسىگە بېرىلىش كېرەكلىكىنى، ئۇ دۇنيالىقنى دېسە روھىنى، ئىمانىنى ساقلاپ ياشاش كېرەكلىكىنى ھېس قىلاتتى. ئەمما ياشلىقى، گۈزەللىكى، ئىززەتكە، بەختكە بولغان تەشنالىقى رېئاللىققا باغلىنىپ كەتكەچكە، بۇ دۇنيالىق ئارزۇسى دائىم غالىب كېلەتتى. بۇ دۇنيانىڭ خامىنىدا زۆھرەنىڭ نەپسى گويا كالىغا ئايلىنىپ موھتاجلىق تېشىنى سۆرەيتتى، بۇ تاش رېئاللىقتىن چەتنىگەن ھەر قانداق خىيالنى يەنچىپ تاشلايتتى. ئەمما زۆھرە پايمال قىلىنغان ئاشۇ خىيالىغا، ئېتىقادىغا، ۋىجدانىغا ئىچ ئاغرىتىپ، «ماڭىمۇ نېمە ئامال...» دەپ ئويلايتتى. لېكىن نەپسىگە بەك بېرىلىپ ئۆزىنى يوقاتقان ئۇسسۇلچى قىزلارنى، زەھەر چەككۈچى پاھىشە قىزلارنى، بايلارنىڭ ئاشنىسىغا ئايلانغان تەكەببۇر قىزلارنى، ماھىيەتتە جىنسىي قۇللۇققا چۈشكەن، پىستىدەك ئەرمەككە ئايلانغان ئويۇنچى قىزلارنى ئويلىسا ئېتىقاد، ئەخلاق، شەرمى ھايانىڭ مۇھىملىقىنى، ئەخلاقنىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى، پاكلىقنىڭ گۈزەللىكىنى، ۋىجداننىڭ راھىتىنى ھېس قىلالايتتى، سېلىشتۇرۇپ بىلەلەيتتى. ئەمما بۇ غايە ئىدى، غايە! ئادىلەمۇ دائىم شۇنداق دەيتتى، ئەمەلىيەتتە ئادىلەمۇ بىر پاھىشە، ئۆزىنى ھەر قانچە ئاقلىسىمۇ ئاقلاپ بولالمايدىغان بۇزۇق قىز. ئۇنىڭ مۇلازىمەت، ھېسسىياتنى ساتماي ئەقىل بىلەن ھۇزۇرلىنىش دەۋالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە بېرىلگەن تەسەللى. ئۇ بىلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشنى ئويلاشمايدۇ، چۈنكى ئۇ خىزمەت تېپىش جەريانىدا بىلىمىنىڭ چوڭلۇقىدىن كۆرە كۆكسىنىڭ چوڭلۇقىنىڭ بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، چىراي ۋە بەدەن گۈزەللىكىنىڭ ئىشقا بەكرەك يارايدىغانلىقىنى، تەڭدىن تولا ئەرلەرنىڭ شۇنىڭغا بەكرەك قارايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، ئاياللارنىڭ بەرىبىر ئەرلەر ئۈچۈن ئىشلەپ، ئەرلەر ئالدىدا نايناقلاپلا ئۆتىدىغانلىقىنى، مۇلازىمەتنىڭ ئەسلى مەنىسىنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى، بىر-بىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتلىكىنى ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغانىدى. زۆھرە تېخى بۇ ئىدىيىنى قوبۇل قىلىپ بولالمىغاچقا ئادىلە ئۇنىڭغا گەپ ئاڭلىتىپ بولالماي، ئىش ئۆگىتىپ بولالماي ئاۋارە ئىدى.
لېكىن زۆھرەنىڭ ئۆزگەرمەي تۇرۇپ بېرىشىمۇ ئادىلە ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى؛ زۆھرە تاماق ئېتەتتى، قاچا يۇياتتى، ئۆي تازىلايتتى، ھەتتا ئادىلەرنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرەتتى. ئىلگىرى قالايمىقان تۇرىدىغان ئۆي زۆھرە كەلگەندىن كېيىن رەتلىنىپ، چىرايلىق، پاكىز بولۇپ قالدى. ئەمما زۆھرەنىڭ يېڭى توي قىلغان قىزدەك ئىشچانلىقى، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادىلەنىڭ كۆزىگە سىغمايتتى، ھەسرىتى ئىچىگە پاتمايتتى، بەزىدە زۆھرەنىڭ كىچىك قىزلاردەك ئوماق قىلىقلىرىنى كۆرسە ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولاتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا زۆھرە بۇنداق تۇرىۋەرمەسلىكى، چوڭ بولۇشى، ئىش كۆرۈشى، ئۆزگىرىشى، ئۆزىدەك «پىشىپ يېتىلگەن» بولۇشى كېرەك ئىدى.
زۆھرە چېچىنى قويۇۋەتتى، بۇ ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى. بۇ كۇپايە قىلمايتتى، ئادىلە ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئاۋۋال سودا سارايلىرىدىن، قاۋاقخانا، دېسكوخانىلاردىن، ئامېرىكىنىڭ ۋەھشىي فىلىملىرىدىن، ئۈچىنچى دەرىجىلىك سېرىق كىنولاردىن باشلىدى. زۆھرە غايەت جەزبىلىك سارايلاردا ئالتۇن بويۇملارغا، ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈكلەرگە قارايتتى، داڭلىق ماركىلارنى تۇتۇپ باقاتتى؛ دېسكوخانىلارغا كىرسە بەدەنلىرىنى تولغاپ باققۇسى كېلەتتى، ئادىلە قولىدىن تارتىپ ئوتتۇرىغا چۈشكەندە بولسا خىجىل بولۇپراق ئوينايتتى، ئەمما قاراڭغۇلۇقتىكى ئەسەبىي رېتىم،، ۋال-ۋۇل چىراغلار ئۇنىڭغا ئەركىنلىك، خۇشاللىق بېغىشلايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىردەمدىلا ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان شوخ قىزغا ئايلىناتتى. ئامېرىكىنىڭ ئاشىق، جىنايەت، غەيرىي مۇناسىۋەت فىلىملىرى ئۇنى باشقا بىر دۇنيانىڭ غىدىقلىرىغا غەرق قىلىۋېتەتتى، كۆرۈپ بولۇپ ئېغىر ئۇھ تارتىپ قوياتتى، زىددىيەتلىك خىياللارغا چۆكەتتى، كېچىلىرى تىترەپ ياتاتتى. سىيىت قارى تاماققا كەلگەندە كۆرگەن زۆھرە ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ بولغان زۆھرە ئىدى، زۆھرەمۇ سىيىت قارىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ خېلىلا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى، بەش يىلدا ئۆزگەرمەي تۇرغان سىيىت قارى ئۇنىڭغا ئېتىقاد، ئەخلاقنىڭ ئۆزىدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى، خىجىل بولدى، ئەمما سىيىت قارىمۇ ھېسسىياتچان بالا ئىدى، ئەگەر ئادىلە سىيىت قارىغا «ئەگەر باشقا ئىشتىھايىڭىز بولسىمۇ دەڭ، نەپسىڭىزنى ئوبدان قاندۇرۇپ ئاندىن سىزنى يولغا سېلىپ قويىمىز» دېگەن چاغدا، مۇشۇ گەپنى زۆھرە مۇشۇ ئۆيدە يالغۇز دېگەن بولسا سىيىت قارىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايتتى، زۆھرە تۇرماق ئادىلەمۇ ئۇنىڭغا يالغۇز ھالدا مۇشۇ گەپنى قىلىپ سىيىت قارىغا شوخلۇق بىلەن ئېسىلىپ ناز قىلسا سىيىت قارىنىڭ ھاياجاندىن خۇدىنى يوقىتىپ، شەھۋەتكە تەسلىم بولۇشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكى ئىش ئىدى. شۇڭا، ھېچ ئىنسان ئۆزىنى پەرىشتىدەك پاكلىققا چىقىرالمايتتى، نەپسانىيەت بۆرىلىرى ئەرلەر جاڭگىلىدا بەكرەك ھۇۋلايتتى.
ئادىلە سىيىت قارىغا كىرىشىۋېلىپ، ئۇنىڭغا بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا زۆھرە ئۆزىنىڭ ئادىلە بىلەن ئوخشاش مەيداندا ئىكەنلىكىنى، سىيىت قارىغا زادى مۇشۇنداق دېمەيمۇ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، سىيىت قارىنىڭ بۇ گەپلەردىن تېرىكمەي زۆھرەگە بولغان ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئادىلەنىڭ ئالدىدا ئىپادىلەپ، ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ، زۆھرەنى تالاغا ئېلىپ چىقىپ، خوشلىشىش ئالدىدا ئۇنى سۆيەلمىسىمۇ، ھېچ بولمىسا بىر قۇچاقلاپ قويۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغانىدى. سىيت قارى ساقال-بۇرۇتلىرىنى ياسىتىپ چىرايلىق بولۇپ كەلگەنىدى، ئۆزىمۇ پاكىز بالا ئىدى، بەلكىم ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق قىز بالىنى سۆيۈپ باقمىغانىدى، ئىشقىلىپ، بىر سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان بالا ئىدى، خوشلىشىش ئالدىدا تېخىمۇ يېقىملىق، قەدىر-قىممەتلىك بولۇپ كەتكەنىدى. ئەمما سىيىت قارى زۆھرەگە ياخشى كۆزدە باقمىدى، بەلكىم زۆھرەنىڭ ھازىرقى ھالىتى كۆڭلىگە ياقمىدى، باشتىن ئاخىر ئىچىگە تىنىپ ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادىلە گەپكە سېلىپ چىشىغا تەگدى، ئىش بۇزۇلدى، سىيىت قارى قىزىرىپ بوغۇلۇپ كەتتى، ئاشنىمۇ يېمەي تالاغا ئۆزىنى ئاتتى...
زۆھرە قاچا يۇيغاچ ئادىلەنىڭ قاتتىق گەپلىرىنى ئويلايتتى، سىيىت قارىنىڭ كۆڭلىدە ئەمدى مۇھەببەت دېگەن نەرسىنىڭ قالمىغانلىقىنى پەملەيتتى. ئېشىپ قالغان تاماق، ھەر ئىككى تەرەپكە يۈكلەنگەن ئىزا-ئاھانەت، كۆڭۈلدە قالغان جاراھەت... ھەممىسى تۈگەيدۇ، ئاشنى يېمىسە تۆكۈۋەتسە بولىدۇ، ئىزا-ئاھانەتنى ئويلىمىسىلا بولىدۇ، جاراھەتنى بىر دەمدە ساقايتقىلى بولىدۇ... لېكىن، ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. قاراپ تۇرۇپ كۆڭلى يۇمشاق بىر تالىپ بالىنىڭ كۆڭلى ئازار يېدى، بۇ شەھەردىن كۆڭلى يېرىم كېتىدىغان بولدى، ئادىلەنى بۇزۇققا، زۆھرەنىمۇ ئەگەشكۈچى بۇزۇققا چىقىرىپ بولدى... ئادىلە ياخشى قىلمىدى، ئەمما سىيىت قارىمۇ خوتۇن كىشىدەك قېيداپ، ئۇنداق ئالدىراپ كېتىپ قالمىسا بولاتتى...
_ ئەجەب ئۇزۇن يۇيۇپ كەتتىڭ، بۇياققا چىقە، كىنونىڭ قىزىق يېرىگە كەلدى!...-دېدى ئادىلە گازىر چېقىپ ئولتۇرۇپ.
_ مانا ھازىر...
_ ئېشىپ قالغان تاماقنى تۆكۈۋەت، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىنىمۇ ئۇنتۇپ كەت!
_ تۆكۈۋېتىمەن، لېكىن سەن ياخشى قىلمىدىڭ...
_ نېمىنى ياخشى قىلمىدۇق؟ گەپ دېگەن يۈزدە ياخشى، يۈزى قېلىن نېپىز بالىكەن ئۇ، شۇنچىلىك گەپنى كۆتۈرەلمىسە نەرى ئوغۇل بالا ئۇنىڭ؟!
_ لېكىن ئۇ مېھمان-دە! مېھماننى چاقىرىپ كېلىپ ئۇنى ئەدەپلەيدىغان ئىش نەدە بار؟ يەنە كېلىپ بىز دېگەن قىز بالا...
_ قىز بالا بولساق نېمە بوپتۇ، دەيدىغاننى دېيىش كېرەك. چىدىمىسا ئۇزۇنغا چىقسۇن.
_ساڭا مەن دېگەن، ئۇ بالا بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى بەرىبىر ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش، كۆڭلىگە ئازار بېرىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق ئىدى، چىرايلىق ئۇزىتىپ قويساق بولاتتى...
_ ئۆزى چىدىماي كەتتى، يىگىتتەك ئولتۇرۇپ مەن بىلەن زاكۇنلىشىپ مېنى قايىل قىلالىسا بولاتتى، ئېشىپ كەتكەن يېرى بولسا يۈزۈمگە بىرەر شاپىلاق سالالىسا بولاتتى، ئۇنداق قىلالمىدى، مەن ئۇنىڭدىن شۇنى كۈتەتتىم...
زۆھرە ھەيران قالدى، قاچىنى يۇيۇپ بولۇپ ئادىلەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قارىدى، ئادىلە كىنودىن ئامېرىكىنىڭ قارام، لۈكچەك ئەرلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
_ شۇنداقتىمۇ چىرايلىق گەپ قىلغان بولساڭ، چىرايلىق ئولتۇرغان بولساق بولاتتى ...
_ كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇپ قاپتۇ-دە! مېنىڭچە ئۇ بالا ئۇنىڭغا ئەرزىمەيدۇ. مەن تازا تەگكىدەك گەپ قىلدىم، ئوبدان گەپ قىلدىم. ئەگەر بىلسەڭ، مېنىڭ گەپلىرىم ئۇنىڭغا پايدىلىق.
_ مەن بۇنداق بولار دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن...
_ ئاشۇنداق ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىش كېرەك. قارا ماۋۇ ئامېرىكىلىقلارغا، ئادەم ئويلاپ باقمايدىغان ئىشلارنى كىنو قىلىپ ئىشلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ قىزىقى بولىدۇ. تۇرمۇش دېگەنمۇ شۇ، بىر خىل ئۆتۈۋەرسەڭ زېرىكىسەن، ئۇنى-بۇنى قىلىپ بېقىش، قىلمىغاننى سىناپ بېقىش كېرەك. مەن ئۇ بالىنى كۆرۈپ باقاي دېدىم، كۆرگەندە گەپ قىلغۇم كەلدى، قارىسام كاللىسى بەك قاتمالكەن، ئېچىپ قوياي دېدىم. بىر خىللا ياشاپ كۆنۈپ قالغان بىچارە بالا گەپلىرىمدىن چۆچۈپ كەتتى. جاھاندا مۇنداقمۇ قىزلار باركەن دەپ ئويلىدى. ئويلىسۇن، كۆرسۇن، كاللىسى سىلكىنسۇن. بولمىسا بىر ئۆمۈر شۇنداق ئۆتىدۇ. سەن شۇنداق لامزەللە بالا بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتەلەمسەن؟ ياق، مەن بولسام بىر كۈنمۇ پايلىمايمەن. شۇڭا ئۇنىڭغا ئېچىنىپ كەتمە، ئېچىلىپ ئولتۇر، بۇنچىلىك ئىشلاردىن خاپا بولۇپ تۈگىشىپ كەتسەڭ، ئەتە-ئۆگۈن نى ئىشلار ئالدىڭغا كەلگەندە ئۆلۈپ بەرگىدەكسەن. ماۋۇ شەھەرنى خېلى كۆردۈڭ، ئادەملەر رەزىل، ئۇنداق بىچارىلىكنى كۆتۈرمەيدۇ. شۇڭا جېنىڭنى قىينىماي ئەركىنرەك ياشىشىڭ كېرەك. پەقەت چىدىماي قالغان بولساڭ، ئۇ بالىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يېتىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۇرتۇڭغا كېىتپ تويۇڭنى قىل. شۇ چاغدا مۇرادىڭغا يېتىسەن، كۆڭلۈڭ ئارام تاپىدۇ...
_ چىدىماي قېلىۋاتقىنىم يوق، لېكىن قىلغىنىمىز توغرا بولمىدى دەپ كۆڭلۈم يېرىم شۇ...
_ ھەي، سېنىڭ شۇ باغرى يۇمشاقلىقىڭغا كۈلگۈم كېلىدۇ، ئويلىما ئۇنداق ئاجىز بالىنى، ئەر كىشىنىڭ بەلگىسى دېگەن كۈچ-قۇۋۋەت، ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلماسلىق كېرەك، ئۇلارغا بىز ھېسداشلىق قىلىپ كەتسەك، بىزگە كىم ھېسداشلىق قىلىدۇ؟! بىز ئاجىز ئەمەسمۇ، بىز بىر كۈچلۈك ئەرنىڭ ھىمايىسىگە موھتاج ئەمەسمۇ؟ ئۇ بالا بۇنى ھەرگىز ئۇقمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنى پاك ھېسابلاپ بىزدىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلايدۇ.. كۆرمىدىڭمۇ، ئۇنىڭ ساڭا قانداق قاراپ كەتكىنىنى... ئۇ بالا ئىككىلىمىزنى بۇزۇققا چىقىرىپ بولدى، شۇنىڭغا قاراپ ئاچچىقىم كەلدى. سەن تېخى غېمىڭدە يوق ئولتۇرىسەن... بىزگە شۇنداق غەيرىي كۆزدە قاراۋاتسا گەپ قىلمىساق بولامتى؟
_ بىز شۇنداق تۇرغاندىكىن، شۇنداق چۈشەنسىمۇ چۈشەنگەندۇ...-دېدى زۆھرە مەيۈسلىنىپ.
_ بىز نېمە بوپتۇق، كۆزىگە سىغمىغان بولسا ئىشىنى قىلسۇن. ئۇنىڭ قانداق قارىشى سەن ئۈچۈن شۇنچە مۇھىمما؟ ياخشى كۆرمىگەن ئادىمىڭ سېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسا ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلىسەن ئەمەسمۇ؟ قىز بالا دېگەنغۇ شۇ، بىرسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشنى تاما قىلىپلا ئۆتىدۇ. لېكىن ئەسقاتمىغان مۇھەببەتنىڭ نېمە پايدىسى؟
ئادىلەنىڭ مەيدانى يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ئۇ ئۆزى توغرا دەپ قارىغان بىر ئىشنى ئادەتتىمۇ چوڭقۇر ئويلايدىغاندەك، نەق، ئېنىق، زەردىلىك گەپ قىلاتتى. زۆھرە ئىككىلىنەتتى، قىينىلاتتى، تىترەيتتى، ئەمما ئاچچىقى كەلسە ئۆزىنىڭمۇ نېمىلەرنى قىلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. لېكىن مۇشۇ ئۆيدە، ئادىلەنىڭ قېشىدا تۇرۇشنى خالىغانىكەن، ئۇنىڭ گېپىگە ھۆرمەت قىلىپ، رايىشلىق بىلەن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. زۆھرە بەزىدە ئۆزىنى ئادىلەنىڭ مالىيىغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى، لېكىن ئادىلە بىر نېمىلەرنى قىلىپ زۆھرەنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئىشىغا سېلىپ يۈرىۋېرەتتى. ئۆينىڭ ئىجارە ھەققىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئادىلە تۆلىگەچكە زۆھرەمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمايتتى.
ئادىلە بېيجىڭنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان، چەت ئەللىكلەر كۆپ بارىدىغان بىر كەچلىك كۇلۇبتا چەت ئەللىكلەرگە تەرجىمانلىق قىلىدىغان ئىش تاپتى؛ كۈندۈزى ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ كىنو كۆرسە كەچتە يېقىن كۇلۇبقا بېرىپ ھور مۇنچىسىغا چۈشىدىغان، بەدەن ئۇۋىلىتىدىغان چەت ئەللىكلەرگە ئىنگلىزچە تەرجىمانلىق قىلاتتى. چەت ئەللىكلەرنىڭ تولىسى ئىنگلىزچە بىلەتتى، ئەرەبلەر بىلەن ھىندىستانلىقلار ئىنگلىزچىنى بۇزۇپ سۆزلىگەچكە ئادىلە دەسلەپتە ئۇقالماي كېيىن پىشىپ كەتتى. ئۇ جۇڭگولۇق قىزلارنىڭ بېلىقتەك كۆزىگە ۋە بەدىنىگە خۇمار چەت ئەللىك بايلارنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىدىغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار بۇ يەرگە ئاساسەن كۆڭۈل خوشلۇقىنى، شەھۋەت نەپسىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەچكە جىق پاراڭ قىلمايتتى، گەپ قىلىشمۇ خوشياقمايتتى، شۇڭا تەرجىمانلىققىمۇ جىق كۈچ كەتمەيتتى. ئادىلە بۇرۇن كۆنگەن خۇسۇسىيىتى بويىچە كۆڭلىگە ياققان، مەرد، ئىلمىي كۆرۈنىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ چەكتىن ئاشقان تەلىپىنى رەت قىلمايتتى. ئۇ نېگىر مۇھەببىتى بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن قۇتۇلالمىغان ئەيدىز ۋەھىمىسىنى ھەر قېتىملىق مۇناسىۋەتتە بىللە ئېلىپ يۈرەتتى، بۇ ۋەھىمە ئۇنى جىنسىي مۇناسىۋەتنى چوڭ بىلمەيدىغان، بەلكى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ راھەتكە ئېرىشىشنى ئويلايدىغان قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ بايلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا جاھاننىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، سودىگەرلەر، خەلقئارا شىركەت خادىملىرى، ھەتتا باي ئوقۇغۇچىلارنىمۇ كۆردى، بەزىلىرى بىلەن ئالاقە باغلىۋالدى، ھەممىسى ۋاقىتلىق پايدا-مەنپەئەت، بىر-بىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشلا ئىدى. بۇنداق مۇناسىۋەتتە ئاشىق-بىقارارلىق، ھەقىقىي ھېسسىياتتا بىرلىشىش، شىرىن-سۇخەن پاراڭلىشىش، رومانتىكىلىق كەيپىيات، خوشلاشقاندا بىر-بىرىدىن قىيالماسلىق كەمدىن كەم ئۇچرايتتى، پەقەت شەھۋەت تەلەپلىرى ۋە ھايۋانلىق تەبىئەتلا بار ئىدى. ئادىلە گەرچە ئۆزى سەسكىنمەيدىغان ئەرلەرنى تاللىسىمۇ، ئۇنداق ئادەم دائىم ئۇچرىمايتتى ياكى شۇنداقتەك كۆرۈنگەن ئەرلەر ئەمەلىيەتتە ئەڭ يىرگىنچلىك مەخلۇققا ئايلىناتتى، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار ئىدى، ئادىلەنى جىسمانەن خورلىغاندەك بېزەپ قىلىقلارنى قىلاتتى. بەزى بايلار شۇنچىلىك تويماس ئىدىكى، بىر جېنىغا ئىككىنى ھەمراھ قىلىۋالاتتى، بۇنداق چاغدا ئادىلە تېخىمۇ ئازابلىنىپ، قەدىرسىزلىكىدىن ئاھ ئۇراتتى... ئادىلە ھەممىگە چىدىدى، چىدىغانغا چىقارغان جاھان بۇ دەپ ئويلىدى. ماڭغاندىكىن ئاخىرىغىچە مېڭىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە توختايمەن دەيتتى، لېكىن شۇ چەككە قاچان يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقمايتتى.
ئۇ كۈندۈزى ئۆيدە بىكار بولسىلا ئامېرىكىنىڭ، ياۋروپانىڭ ئەڭ يېڭى چىققان فىلىملىرىنى سېتىۋېلىپ كۆرەتتى، سېرىق دەيلەرنىمۇ ئارىلاپ كۆرۈپ قوياتتى، مۇشۇنداق كىنولارنى كۆرۈۋېرىش ئارقىلىق بۇ ئىشلارنى ئېڭىدا تەبىئىي ئىشلارغا ئايلاندۇرماقچى بولاتتى. مەن بۇلغاندىم، مەن ئەيدىز، مەن ئۆزگەردىم، كاللامنى، بەدىنىمنى، ئىشقىلىپ ھەممە يېرىمنى دەسمىي قىلىپ جاننى گۈلدەك بېقىشىم لازىم، ئەمدى ماڭا باشقا يولنىڭ لازىمى يوق، بولۇشۇم شۇ.. دەپلا ئويلايتتى، بۇلغانماستىن بۇرۇنقى گۈزەل، پاك چاغلىرىنى خاتىرىسىدىن تامامەن ئۆچۈرۈپ، ئەخلاق، ۋىجدان دېگەن نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ، كۆڭلى نېمىگە تارتسا شۇنىڭدىن راھەتلىنىشنى، شەيتانغا كۈلۈمسىرەپ بېقىشنى ۋە ئۇنىڭ كۈلكىسىگە ئورتاقلىشىشنىڭ ۋاز كېچىلمەس شادلىقىنى ھېس قىلاتتى. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇغاندا بىللە ياتقان خەنزۇ قىزلارنىڭ «ھازىر ئەخلاق قالمىدى، ۋىجدان قالدى، لېكىن ۋىجدان دېگەن نەرسىنى يېگىلى بولاتتىمۇ؟... جانغا ئەسقاتمايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى_مۇھەببەتنى، پۇلى يوق ئەرنى كاللىدىن چىقىرىۋېتىش كېرەك» دېگەن گېپىنى توغرا تېپىپ، ئۆزىنىڭمۇ ياشاش پەلسەپىسى قىلىۋالغانىدى. ئاۋۋال جاننى بېقىش، ئاندىن كۆڭۈلنى خوش قىلىش، ئاندىن بۇ كۆڭۈلنى داۋاملىق خوش قىلىپ تۇرىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە بولۇش، ئۆلگۈچە مۇشۇنداق ياشاش ئۇنىڭ پىلانىغا، ھەرىكەت نىشانغا ئايلاندى...
ھايات رەڭگارەڭ ئىدى، رىئاللىقنىڭ بىمەنە چاقچاقلىرى ئالدىدا كىنو ساختىلىق بىلەن توشۇپ كەتكەن يالغان ۋەقەلىكلەر دۆۋىسى، ئارتىسلارنىڭ پۇل ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنلىرى ئىدى. ئەمما ئادىلە كۆرەتتى، بېرىلىپ كۆرەتتى، ئۆزىنى شۇنىڭ ئىچىدە قويۇپ تۇرۇپ كۆرەتتى. كەچتە كۇلۇبتا كىنودىنمۇ مۇرەككەپ، ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرەتتى. كىملىرى پاھىشەنىڭ ئۈستىدە ئۆلۈپ قالاتتى، بىچارىلەر يانچۇقىدىكى دورىنى سىلاشتۇرۇپ تېپىپ بولغۇچە چىشى ئۆمۈچۈككە يەم بولغان ئەركەك ئۆمۈچۈكتەك ھالاك بولاتتى. كىملىرى پىخسىقلىق قىلىپ پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان سەتەڭلەر ۋە لاۋبەنلەر بىلەن سوقۇشاتتى، كىملىرىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتۇپ، ئادەمسىمان ھايۋانغا ئايلىناتتى، كىملىرى ھور مۇنچىسىنىڭ ئازابىغا چىدىماي ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالاتتى. ھور مۇنچىسىغا بىللە چۈشكەن ئەركەكلەردىن بەزىلىرى بەچچىۋاز چىقىپ قالاتتى-دە، نورمال ئەرلەرنى قورقىتىۋېتەتتى. چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇن ئېڭى كۈچلۈك بولسا كېرەك، بىر ئىش بولسىلا خەلقئارا قانۇننىڭ گېپىنى قىلىپ لاۋبەنلەرنى قورقىتاتتى، ئادىلە بىر چەتتە قانۇنغا ئائىت تېرمىنلارنى دۇدۇقلاپ ئولتۇرۇ پ تەرجىمە قىلاتتى. چەت ئەللىكلەرنىڭ پۇلى جىق بولغان بىلەن ئىشىمۇ تولا خەق ئىدى، جۇڭگولۇقلارنى ئانچە كۆزىگە ئىلىپ كەتمەيتتى، لاۋبەنلەر پۇلغا تۇرۇپ كەتكەچكە يەنىلا ئۇلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن مۇلازىمەت قىلاتتى. بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش چىقمىسىكەن دەپ ئەنسىرەپ تۇراتتى، دېمەك، چەت ئەللىكلەرنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئۈندۈرۈشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئادىلە پۇل ئۈچۈن غۇرۇرىنى قايرىپ قويغان قىزلارنى، نى نى ئەرلەرنى، ھەتتا لاۋبەنلەرنى كۆردى، بۇلار ناھايىتى تەبىئىي ياشايتتى، دېمەك، ئادىلەمۇ شۇنداق تەبىئىي ياشىشى كېرەك ئىدى. ئەركىن ياشاش ئەمەلىيەتتە تەبىئىي ياشاشنىڭ نەق ئۆزى ئىدى، ئادىلە «تەبىئىي ياشاۋاتىمەن» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىگە تېخىمۇ زور تەسەللى، ئازادىلىك، خۇشاللىق بېرەلەيتتى. دەرۋەقە، ئۇ شۇنداق قىلدى.
بىر كۈنى ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. ئىجارە ئۆينىڭ ھاجەتخانىسىنىڭ ماتۇڭى توسۇلۇپ قالدى. ئەۋرەزلىرىنى چۈشۈرىۋېتەلمىگەن ئادىلە قاتتىق جىلە بولۇپ، زۆھرەگە تېلېفون قىلدى، زۆھرە ئەتىگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن ماتۇڭغا قېلىن قەغەز چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەيز كۆرگەندە ئىشلىتىدىغان، سۇدا ئېرىمەيدىغان ئۇ قەغەز ئەۋرەز يولىنى توسۇپ قويغانىدى. ئادىلە زۆھرەنى ئەيبلەپ بولغاندىن كېيىن بىر تاياقنى تېپىپ تىقىپ باقتى، سۇنى چۈشۈرەلمىدى. ئاخىر بولماي ئۆينىڭ ئىگىسىگە تېلېفون قىلدى، ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭغا دەرھال رېمونچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر سائەتتىن كېيىن مۈرىسىگە قاسماق سومكا ئېسىۋالغان، قاپىقى يامان بىر رېمونتچى ئۆيگە كىرىپ ماتوڭنى تەكشۈردى ۋە ئۇنى ئاجرىتىپ ئېلىپ تۆشۈككە بىر نەرسىلەرنى تىقىپ يۈرۈپ ئۇ قەغەزنى تەستە ئالدى. « قېنى كېلىپ سىناپ باق» دەپ ئادىلەگە قارىدى. ئادىلە ئېڭىشىپ سۇنى بېسىشىغا ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان رېمونتچى ئادىلەنىڭ تار يوپكىسىدىن كۆرۈنۈپ قالغان ساغرىسىنى كۆرۈپ بىردىنلا نىيىتىنى بۇزدى، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ ئۇنىڭغا ئېسىلدى. ئادىلە قاتتىق چۆچۈپ ھوشىنى يوقاتتى، بېشىغا قاتتىق بىر نېمە تەگدى، ھوشىنى يىغقاندا ئۇ ئاللىقاچان دەپسەندە قىلىنىپ خالاغا تاشلىۋېتىلگەنىدى. « ئادەم دېگەن مۇشۇنداق رەزىل، ھېلىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتمەپتۇ!...» دەپ ئويلاپ ئۆزىگە تەسەللى بەردى، ئۇ ئۆزىگە تەسەللى بېرىشكە شۇنچە ئۇستا بولۇپ كەتكەنىدى. بېرىپ ئۆينى، سومكىسىنى ئاختۇردى، بانكا كارتىسى، تېلېفون،. دېگەنلەر جايىدا ئىدى، كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، ھەتتا خۇشال بولدى.
ئەمما بىر دەمدىن كېيىن بۇ ئىشقا زەردىسى قاينىدى، زۆھرەنى ئىچىدە مىڭنى تىللىدى، ئۆزىنى يۆلەنچۈكسىز، باشپاناھسىز ھېس قىلدى. ساقچىغا تېلېفون قىلاي دېسە ئۇ رېمونتچىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتى، ئۇ چىرايى تۇتۇق ئەرۋاھقىلا ئوخشايدىغان بىر مەخلۇق ئىدى. ساقچى كەلسە يەنە ئۇنى-بۇنى سوراپ، شىنجاڭلىقكەنسەن، نېمە ئىش قىلىسەن، ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكاڭ بارمۇ؟... دەپ بىر مۇنچە ئاۋارە قىلاتتى. ئادىلە بۇنى بىر كېلىشمەسلىك دەپلا ئويلاپ ئۆتكۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلدى. ئەمما بۇ ئىشنىڭ قورقۇنچى كۆڭلىگە ئۆچمەس بىر سايە تاشلىدى، قورقماي دېسىمۇ قورقتى، خالاغا ھەر بىر كىرگەندە كەينىدە بىر كۆز باردەك چۆچۈيتتى. ئاقىۋەتتە ئۇ بۇ ئۆيدىن، بۇ شەھەردىن قورقۇشقا باشلىدى، تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتتى.
پاھىشەلەرنىڭ بەدىنى گويا ھاجەتخانىغا ئوخشايتتى، قاچانلا بولمىسۇن بىرسىنىڭ تەقەززالىقىنى قاندۇراتتى. ئادىلە تۇنجى قېتىم بۇ يولغا ماڭغاندا ئازابلىنىپ، خالادا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆككەن چېغىدا پاھىشە بىلەن ھەق ئېلىنىدىغان خالانىڭ ئورتاقلىقىنى ھېس قىلغانىدى؛ ئوخشىمايدىغان يېرى، خالاغا ئېلىنىدىغان ھەق ئەرزان، پاھىشەگە تۆلىنىدىغان ھەق قىممەت ئىدى؛ لېكىن ئادەملىك قەدىر قىممەتنىڭ قوي تېرىسىدەك سېتىلىشى، ئاياللىق ئىپپەت-نومۇسنىڭ چەيلىنىشىنى نەزەردە تۇتقاندا پاھىشەنىڭ باھاسى ھاجەتخانىدىن نەچچە ھەسسە ئەرزان، خار، قەدىرسىز ئىدى. ئادىلەنىڭ ئىلگىرىكى خىيالىدىكى بۇ قەبىھ ئوخشىتىش ۋە سېلىشتۇرۇش يەنە غىل-پال پەيدا بولدى، خالاغا كىرسىلا سەسكىنەتتى، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ تىترەپ كېتەتتى، نىجاسەتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك قورۇناتتى، بىئارام بولاتتى، «ئەر خەق دېگەن ھايۋان... ئىپلاس»دەپ پىچىرلايتتى. قەدىر-قىممەت ھەققىدە ھېچنېمە ئويلىمايتتى، ئەمما ئويلىمايمۇ قۇتۇلالمايتتى، ئۇ بىلەتتىكى، شاپاقتىن ئەرزان بۇزۇقلارمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيتتى، «سۇ پەسكە ئاقىدۇ، ئادەم ئېگىزگە ماڭىدۇ» دەپ ئۆز قوڭىنى ئۆزى يۆلەپ، نومۇسىنى سېتىپ بولسىمۇ قەدىر-قىممەتكە، راھەتكە ئېرىشەتتى، قەدىر-قىممەتنى پۇل، جان بېقىش دەپ چۈشىنىپ، شۇ يولدا ھەممە نېمىسىنى دوغا تىكەتتى. بۇ دېگەن ھايۋانلارچە تۇرمۇش دېسىمۇ ئاڭلىمايتتى، ئادەم دېگەن شۇ ھايۋاندىن ئەقىللىقرەك ھايۋانغۇ... دەپ ئۆزلىرىنى بەزلەيتتى... بارلىق بۇزۇقلار بىر ئىش قاتتىق تەسىر قىلىپ ئۈمىدسىزلەنگەندە، ماڭىدىغان يول پەقەت قالمىغاندا، ھاراق ئىچىپ ئىشتان-كۆينەكنى سېلىپ تاشلىۋەتكەندە، ئادەملىك ۋىجدانغا چىداپ بولالماي ھايۋانلىشىپ كەتكەندە، ئۆزىنى بولۇشىغا ساراڭدەك قويۇۋەتكەندە، مۇشۇنداق بولۇش ئۈچۈن ئۆزىگە روھىي مەدەت، تايانچ كۈچ ئىزدىگەندە ئۆزىنى بىچارىلەرچە بەزلەيتتى؛ بۇنداق چۈشكۈنلۈك ئەمەلىيەتتە روھىي جەھەتتتىن ئۆلگەنلىكنىڭ باشلىنىشى، ئادەملىككە ماڭماي، ئەكسىچە مايمۇن، چوشقا ئارىسىغا قايتىش ئىدى... ئادىلە ئۆزىنى قانچە قېتىم بەزلەپ بولغانلىقىنى بىلمەيتتى، شۇنداق قىلمىسا ياشىيالمايتتى؛ ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ئوي-خىيالدىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتى، ئەخلاق دېگەن نەرسىگە چىش-تىرنىغىغىچە ئۆچ ئىدى، چېكەتتى، ئىچەتتى، ئوينايتتى؛ پاكلىق، گۈزەللىك، شەرمى-ھايا دېگەنلەرنى تاماكا ئىسىدەك پۈۋلەيتتى، مەسخىرىلىك كۈلەتتى، ئەينەككە قارىسا ھەرگىز كۆز نۇرىغا، تېپىچەكلەپ قويىدىغان نازۇك قەلبىگە قارىمايتتى، پەقەت يۈز تېرىسىگە، يۈز مېيىغا، كىرپىك لاكىغا، لەۋسۇرۇخلىرىغا قارايتتى، قاندەك لەۋلىرىنى يىمىرىپ چىشلەپ قوياتتى. بەزىدە ئۆزىنى ئامېرىكا كىنولىرىدا چىقىدىغان قان ئىچەر ئالۋاستىغا ئوخشىتىپ، «مەن خۇمسى ئەرلەرنىڭ، لاتا ئەرلەرنىڭ، بۇزۇقلارنى دەپ پۇل تاپىدىغان ئەرلەرنىڭ، ئۆيىدىن ئوغرىدەك قېچىپ چىققان شەرمەندە ئەرلەرنىڭ قېنىنى شورايدىغان ئالۋاستى...» دەپ ئويلايتتى؛ ئۇ ئۆزىنى ھايۋانغا ئوخشىتىپ كەمسىتكەندىن كۆرە، ھېچ بولمىسا كىنودا چىقىدىغان «جىن-ئالۋاستى»غا ئوخشاتسا كۆڭلى سەل ئارام تاپاتتى. ئۇ ئۆزىنى بىر دەم ھايۋان، بىر دەم ئالۋاستى دەپ ئويلىۋالىدىغانلىقىغا قاراپ، ئادەملىكتىن راستتىنلا يىراقلاپ كېتىپتىمەن، بۇزۇقلارنىڭ ھەممىسى مەندەك پاراكەندە ياشامدىغاندۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ۋىجدانى بار بۇزۇقلارلا ئازابلىنالايدۇ، ۋىجدانى يوق رەسۋالار غېمىدە يوق ياشاۋېرىدۇ... ۋىجدانىم تېخى ئۆلمىدى، شۇڭا ئازابىم ئېغىر، دەردىم تۈگىمەيدۇ.. دەپ ئويلايتتى.. بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەسەللى ئىدى؛ ئۆز قەدىر-قىممىتى ھەققىدىكى ھەسرەتلىك خىياللىرى ئاللىبۇرۇن تۈگەپ قالغاندەك ئىدى.
ئاشۇ ھايۋان ئۇنىڭ پەخىرلىنىپ يۈرگەن، ئاۋايلاپ كەلگەن بەدىنىنى بىر دەمدىلا ئەۋرەزگە مىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى ھەرگىز ئالۋاستى دەپ ئويلىمايدىغان بولدى؛ مۇنچىدا كۆپ يۇيۇندى، ھەر بىر يۇيۇنسا خۇددى روھىنىمۇ پاكلىيالايدىغاندەك قېتىرقىنىپ يۇيۇناتتى، ئەمما روھىدىكى بىر ئالۋاستى ئۇنىڭغا دائىم مەسخىرىلىك تىكىلىپ تۇراتتى، ئۇ جىلە بولاتتى، «شەيتان دېگەن شۇ، مەن ئەگەشمىسەممۇ ئۇ مېنى ئەگەشتۈرىدۇ... ئۇ بىر ئەركەك جىن» دەپ ئويلايتتى. شەيتان، ئەركەك شەيتان چۈشەنچىسى ئۇنىڭغا ھەممىدىن چوڭ تەسەللى، ئىشلىرىنىڭ ئىلھامچىسى، بەلكى كۈچلۈك ياردەمچىسى ئىدى.
ئاشۇ بەدبەخ ئۇنى ھايۋاندەك دەپسەندە قىلىپ، ئاياللىق ئاجىزلىقنى ھاجەتخانىغا_ كۆز ئالدىغا كۇساردەك يېيىپ قويدى؛ ئايال خەق شۇنچىلىك ئىدى، ئاياللىق گۈزەللىك نېمىشقا بىر دەمدىلا ئاپەتكە ئايلىنىپ كەتتى؟ ھەتتا تاس قالدى ئۇنىڭ بېشىغا چىققىلى! دېمەك، سەتەڭلىكمۇ قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بىر نەرسە ئىدى. ئۇ ئۆزىنى سەتەڭ، تەنناز، جەلپكار كۆرسەتكەن، ئەمما شۇ ھايۋاننىڭ قولى تەگكەن، بەدىنى بىلەن تەڭ بۇلغانغان كىيىمىنى ئەخلەت چىلىكىگە پۈرلەپ ئېتىۋەتكەندىن باشلاپ، ئۇنداق رەڭلىك كىيىم ئالمىدى. ھايۋانلارنىڭ شالىسىنى ئېقىتىدىغان بەدىنى ئامەتنى ھەم ئاپەتنى تەڭ چىللاپ كېلەلەيتتى، بۇ قىسمەتتىن ئەمدى قۇتۇلالمايدىغاندەك قىلاتتى. بىر ئەرنىڭ پېشىگە ئېسىلغان بولسا سەتەڭلىكىدىن كېلىدىغان ئامەت داۋاملىق ۋە بەرىكەتلىك بولغانمۇ بولاتتى، ئېرى شەھۋانىي زورلۇق قىلغان بولسا ئەركەكلىك دەپ چۈشىنىپ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلاتتى، ئېرىدىن تاياق يېسە گەرچە ئۇنىڭغا نەپرەتلەنسىمۇ، ئۇنىڭ قۇچىقىغا چۈشكەندە يەنە ئېرىپ بوشىشىپ كەتكەن بولاتتى...
ئۇ كەلگۈسى ھەققىدە شېرىن خىيال سۈرۈشنى گۆدەكلىك دەپ مەسخىرە قىلاتتى، يېتەلمىگەن ئارزۇلىرى ئۈچۈن ئازابلىناتتى؛ ئاتا-ئانىسىنى ئويلاشتىن قاچاتتى، بالىلىق بولۇشنى ھازىرچە تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمايتتى؛ پاكلىق يوق، ناپاكلىق كېسەلدەك چاپلاشتى؛ ئېرى يوق، لېكىن ھەر ياقتا نەكەس ئەرلەر بار؛ دوستى يوق، دۈشمەنلىرى بار (دوستلىرىنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتپەرەس، ساختىپەز، شۇڭا ئۇلارمۇ دۈشمەن)؛ بۇ شەھەردە ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئادەم دۈشمەندەك مىدىرلاپ يۈرۈشىدۇ. دۇنيانى شېرىن چۈش دەپ ئويلىۋالغان، چۈشلىرى، غايە-ئارزۇلىرى بەربات بولغاندا بۇ رەھىمسىز رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىغان چولپانلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالالىغان بىلەن، ئادىلەدە ئۇنداق جۈرئەت يوق. ئۇنىڭ ئىچى ھەر قانچە كۈچلۈك بولغان بىلەن ئۆزىنى ۋەيران قىلىشقا كۈچى يەتمەيتتى. خارلانغان يەردىن بەلكىم بەخت گۈللىرى ئېچىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئادىلە كۆڭلىنى ھەر قانچە ئاۋۇندۇرسىمۇ ئىچ-ئىچىدىن شادلىنالمايتتى، ۋارقىراپ يىغلىغۇسى كېلەتتى.
ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن قورقۇنچ، غەزەپ-نەپرەت يوقالمىدى. ئادىلە زۆھرەگە ھەر قانچە غەزەبلەنسىمۇ، دەردىنى ئىچىگە يۇتتى. زۆھرە ئادىلەنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدىنلا ئەمەس، ئادەتتىكى جىق ئىشىدىن بىخەۋەر ئىدى، كېچىدە كېلەتتى، ئۇخلايتتى، ئەتىسى ۋاقچە ئورنىدىن قوپۇپ، كۆزىنى ئېچىپمۇ خېلىغىچە خىيال سۈرۈپ ياتاتتى؛ ئورنىدىن قوپۇپ بىرەر قۇر پەرداز قىلىپلا رېستورانغا چاپاتتى. كەچتە كەلگەندە ئادىلە يوق بولاتتى، ئادىلە كەلگەندە بولسا ئۇ لايدەك قېتىپ ئۇخلاپ كەتكەن بولاتتى.
زۆھرە رېستۇراندا جىق جاپا تارتتى، ھارغىنلىق يەتتى؛ خوجايىن ئۇنى ماشىنا ئادەمدەك ئۇ ياق-بۇياققا ماڭدۇرۇپ باشقۇرۇپ تۇراتتى. خوجايىننىڭ خوتۇنى بىر مەزگىل يۇرتقا كەتكەندە زۆھرە خوجايىننىڭ كۆڭلىنى رەت قىلمىغان بولسا بەلكىم بۇنچىلىك جاپاغىمۇ قالماس ئىدى. خوجايىن ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغان بىلەن ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنىمۇ خالىمايتتى، چۈنكى ئۇنداق ئوقۇغان، ھۆسن-خۇلقلۇق قىزنىڭ رېستۇراندا تۇرۇپ بېرىشى سودىنىڭ ياخشى بولۇشىغا پايدىلىق ئىدى؛ بۇنداق قىز خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىگە، ئىشتىھاسىغا تولىمۇ مۇۋاپىق كېلەتتى.
زۆھرە ئادىلەنىڭ گېپىگە كىرىپ، رېستۇراندىن چىقىپ كېتىشنىمۇ ئويلىدى، شىركەت ۋە شەھۋانىي مۇلازىمەت قىلمايدىغان ئورۇنلارىنى ئۇقۇشتى، ئەمما بېيجىڭدا نوپۇسى يوق، تىل سەۋىيىسى تۆۋەن، كەسپىي قابىلىيىتى يوق دېيەرلىك بولغاچقا نەچچە يەردىن رەت قىلىندى، ھەتتا كەمسىتىلدى، دىرېكتور ئىشخانىسىدا ئولتۇرغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھاكاۋۇر ئىدى، زۆھرەگە بۆرىدەك قارايتتى؛ دىپلومىڭ بولمىسا كىيىمىڭنى يەش دەيدىغاندەكلا قىلاتتى. قارىماققا كەمتەر، ئالىيجاناب كۆرۈنىدىغان چەت ئەللىكلەر كەسىپچانلىققا، ساپاغا بەك ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىنگلىز تىلىدا راۋان دېيەلمەي قالسىلا «كەچۈرۈڭ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن» دەپ گەپنى تۈگىتەتتى؛ ئويۇنچى كۆرۈنىدىغان ياش پەرەڭلەرمۇ خىزمەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىشقا ئايرىم مۇئامىلە قىلاتتى. زۆھرەنىڭ زور جۈرئەت بىلەن يۈزىنى قېلىن قىلىپ ئىش ئىزدەشلىرى كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئاياغلاشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشەنچىنى يوقاتتى، يەنە ئوقۇي دېسە پۇل يوق، ئادىلەدەك بۇزۇلۇپلا كەتكەن بولسا پۇل دېگەن كېلىۋېرەتتى، بۇزۇلىمەن دەپ نىيەتنى بۇزسىلا بۇزۇلاتتى، بۇ خۇددى تۇنجى قېتىم تاماكا چەككەندەك، ھاراق ئىچكەندەك ئوڭايلا ئىش ئىدى؛ ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز بىر ساراڭلىق ۋە ئۆزىنى قويۇۋېتىشلا كۇپايە ئىدى؛ بۇزۇلسا بۇرۇنلا بۇزۇلۇپ، داپشاقلارچە ياشاۋەرگەن بولاتتى. ئەمما ئۇ ئىپپىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۆلەپ كېلىۋاتقان بەدەللىرىنىڭ بىر دەمدىلا كۆپۈككە ئايلىنىشىنى خالىمىدى؛ ئەمەلىيەتتە بۇزۇلمايمۇ ياشىغىلى بولاتتى، ئادىلەدەك ئېسىل كىيىنىپ، قېلىنلىق، رەسۋالىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ياشىمىسىمۇ، ئۆزىنى ئاسراپ، قىزلىق نومۇسىنى قوغداپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، ئانىسى بەرگەن ئاق سۈتىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپ كۆڭلى ئازادىلىك بىلەن ياشىسا بولۇۋېرەتتى. زۆھرە ئادىلەنىڭ شۇنداق ياشاپ تۇرۇپمۇ بېيىپ تىقىلىپ كەتمىگەنلىكىنى، تاپقان پۇلىنىڭ ئۆزىنى ياساش ۋە كىيىم-كېچەكتىن ئاشمىغانلىقىنى، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن پۇل يىغىۋاتىمەن دېگەن گەپلىرىنىڭ پەقەت ئۆزىنى ئالداش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
ئادىلە زۆھرەگە خېلى جىق ئىشلارنى ئۆگەتكەن بولسىمۇ، شۇ ئىشنى ئۆگىتەلمىدى؛ زۆھرەنى ئۇنىڭغا ئاشكارا زورلاۋېرىش نومۇسسىزلىق ئىدى، ئادىلە ھەر ھالدا بۇنى بىلەتتى، ئەمما كۆڭلى قويمايتتى، پاكلىق بىلەن ناپاكلىقنىڭ جىدىلى ئىچىنى سىقاتتى. ئوخشاش ئۆيدە تۇرۇپ ئوخشىمىغان تەرزدە ياشاش ئۇنىڭغا قەتئىيلا ياقمايتتى. ئەگەر ئىككىيلەن ئوخشاش بىر يولغا كىرگەن بولسا ھازىرقىدىنمۇ كۆڭۈللۈك، باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. زۆھرە بۇ ئۆيدە مالايدەك ئىشلەپ تۇرمىغان بولسا ئادىلە بەلكىم ئۇنى ئاللىقاچان كوچىغا چىقىرىۋەتكەنمۇ بولاتتى. زۆھرە نېمىلا دېگەن بىلەن ياخشى ھەمراھ ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ سەدەپ ئىچىدىكى قۇلۇلىدەك بەخىرامان ياشاشلىرى، گۆدەك قىزلاردەك ئۇششاق پاراڭلارنى قىلىشى، كەيپىياتى ياخشى چاغدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتىشلىرى، جاپادىن مۈكچىيىپ كەتسىمۇ روھلۇق تۇرۇشلىرى كۆزىگە يەنىلا سىغمايتتى، تۇرۇپلا ئازابلىنىپ كېتەتتى، ئادەت كۆرگەن چاغلىرىدا سەپراسى تۇتسا ئۇنىڭغا ۋاقىراپمۇ سالاتتى.
نىجاسەتكە بۇلغانغاندىن كېيىن ئادىلە زۆھرەگە نەشتىرىنى دائىم سانچىۋالسىمۇ زۆھرە پىسەنت قىلماي يۈرىۋەردى، ئادىلە ئۇنىڭ پەرۋاسىز بولۇپ قالغىنىغا ئەجەبلەندى. خالادا يۈز بەرگەن باسقۇنچىلىق مېنىڭ بېشىمغا كەلمەي ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بولسىچۇ؟! ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن بولسا ئىچ-ئىچىمىگە پاتمىغان خۇشاللىقىم بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن بولاتتىم... دەپ ئويلىدى. نەچچە قېتىم شۇ ئىشنى ئاشكارىلاپ، ئۇنى ئالدىدا توختىتىپ تازا تىللاپ دەردىنى ئېلىۋالغۇسى كەلدى، ئەمما يۈزىنى چۈشۈرۈشنى خالىمىدى، ھاياتىدا دۇچ كەلگەن بۇنداق ئېغىر نومۇس-ھاقارەتنى ماتۇڭدىكى ئەۋرەزنى چۈشۈرۈۋەتكەندەك چۈشۈرىۋېتىشى، كۆڭلىدىكى مەينەت داغلىرىنى يۇيۇۋېتىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ زۆھرەگە بولغان يوشۇرۇن ئۆچمەنلىكى قاپقارا داغ بولۇپ ساقلىنىپ قالدى.
زۆھرە ئىشلەۋاتقان رېستوران ئەلچىخانا رايونىغا يېقىن بولغاچقا چەت ئەللىكلەرمۇ كېلىپ تۇراتتى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كېلىدىغانلار كۆپرەك ئىدى. بەزى چەت ئەللىكلەر دائىم كېلەتتى؛ رېستوران كۈندە ئاۋات، كۈتكۈچى قىزلار ھەر كۈنى ھارغىن، مېھمانلارغا بىچارىلەرچە قىزغىن ئىدى. زۆھرەنىڭ باشقا قىزلارغا باققاندا ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئۆزىنى تۇتقۇزمىغان بىلەن بۆلەك ئىشلارغا چېۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرگەن خوجايىن ئۇنى ياردەمچى جىڭلى قىلىۋالدى. زۆھرە خوجايىننىڭ بۇ كۆڭلىنى رەت قىلمىدى، بۇنى بىر يەمچۈك، قىلتاق دەپمۇ ئويلىمىدى، ئايلىق ھەققىنىڭ ئۆسكىنىگە خوش بولدى، ئاز-تولا ئۆگەنگەن خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە بىلىملىرىنى ئىشلىتىۋاتقىنىغا رازى بولدى. ئۇنىڭ مەقسىتىمۇ قارا ئىشتىن قۇتۇلۇپ، كاللا يۈگۈرتىدىغان پاكىز ئىشلارنى قىلىش ئىدى.
بىر كۈنى ئۇ رېستوران خوجايىنىنىڭ خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە قاتنىشىپ، ھېرىپ-چارچاپ كەچ كەلدى. ئادىلە كۇلۇبقا كەتكەنىدى. ئۇ سافاغا ئۆزىنى تاشلىدى، بۇرۇنقىدەك راھەتلىنەلمىدى، تۇرۇپلا كاللىسىغا بىر ئوي كېلىپ، ئادىلەنىڭ كارىۋىتىغا چىقىپ يېتپ باقتى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا ئىچ كىيىملىرى بىلەن تۇرۇپ باقتى. زۆھرە مۇشۇ گۈزەللىكىنى ئاشخانىدا زايە قىلىۋېتىپ باراتتى، جاننى قەدىر ئەھۋال بېقىپ كېتىۋاتىدۇيۇ، ئەسلىدە ئويلىغانلىرىغا، تەسەۋۋۇرىدىكى گۈزەل ھاياتقا يېتەلمەيۋاتىدۇ. ئۇ بۇنداق ياشاۋەرسە بولمايتتى، بويىغا يەتكەن بىر قىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك بەختتىن بەھرىمەن بولسا بولاتتى؛ ئادەملەر قۇرتتەك مىغىلدىشىپ يۈرىدىغان بۇ شەھەردە، قورساق بالاسى كىشىلەر كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغان رېستۇراندا مۇھەببەت، رومانتىكىلىق دېگەن نەرسىلەر تېپىلمايتتى، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسمى پەقەت رېستۇراندا قويۇلىدىغان ناخشىلاردىلا چىقاتتى. كىشىلەرنىڭ پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇشىغا قارىغاندا، مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى جىنسىيەت، رومانتىكىلىقنىڭ ئورنىنى ئەمەلىيەت، بەختلىك نىكاھنىڭ ئورنىنى شەھۋەت، نەپسانىيەت، خىيانەت ئالغاندەك قىلاتتى. بۇلارنى ئويلىسا زۆھرە تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنەتتى، ئادىلەنىڭ تۇتقان يولىنى، ئاچچىق-سەپرالىرىنى توغرا چۈشەنگەندەك بولاتتى؛ ئۆز پاكلىقىنى ساقلاشنىڭ ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقى ھەققىدە زىددىيەتلىك خىياللارنى قىلاتتى. سىيىت قارىنى غىل-پال ئويلاپ قالاتتى، ئۇنىڭغا تەگكەن بولسا بۇ چاغقا بىرەر بالىسى بولۇپ، ھويلىسىدا بالىسىنى ئېمىتىپ ئولتۇرغان بولاتتى، لېكىن بۇ تەسەۋۋۇرمۇ ئۇنچە شېرىن ئەمەس ئىدى، ئۇنداق ياشاشقا چىداپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا بۇ يولنى تاللىۋالغانلىقىنى توغرا تاپاتتى؛ ئەمما بۇنداق ياشاشنى توغرا تاپقان بىلەن ئۆزى ئويلىغاندەك ھايات كەچۈرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئويلىسا جىلە بولاتتى، ئارزۇسىغا ئالدىرايتتى، ئەمما بەخت قېچىپ تۇتۇق بەرمەيتتى.
[ بۇ يازمىنىمۇش521دە2010-07-16 12:32قايتا تەھرىرلىد ]
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
مۇش521
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
ئەزا ئۇچۇرى
ئەزا نومۇرى:
60
نادىر تېمىسى:
19
ئومۇمىي يازما:
487
ئۇنۋان:
دوستانە
شۆھرىتى:
1002194
پۇلى:
1014720 تەڭگە
تۆھپىسى:
10012
توردا: 291(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:
2009-05-12
ئاخىرقى:
2010-10-25
9
يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 12:42
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
سىيىت قارى ھەققىدىكى خىيال زۆھرەگە كۆڭۈلسىزلىكتىن باشقا ھېچنېمە ئېلىپ كېلەلمەيتتى. ئۇ كەتكەن بىلەن ئۇنىڭ گۇمانى زۆھرە بىلەن بىللە قالدى. ئۇ يۇرتقا بارغاندىن كېيىن ئاچچىقىغا چىدىماي گەپ قىلىپ سالسا، زۆھرەنىڭ نامى چىقىپ قالىدۇ. تېلېفون قىلسىلا ئانىسى توختىماي يېنىپ كەل دەۋاتىدۇ، بارسا چوقۇم گەپ بار، خەقنىڭ ئۆسەك گەپلىرى يامان، ئەر ئالمايدىغان قىز بولۇپ ئولتۇرۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن؛ زۆھرەنىڭ بۇنداق تۆھمەتكە قېلىشىغا شۇ قارى سەۋەبچى بولغاچقا، زۆھرە ئۇنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغىنىغا خۇرسەن بولىدۇ، ئۇ قارىمنى ئەسلىگۈدەك، سېغىنغۇدەك ھېچ ئىشنىڭ يوقلۇقىدىن ھەرگىز ئەپسۇسلانمايدۇ. ئۇ قارىمنىڭ خېتىنى يىرتىۋەتكىلى نەۋاخ، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆزىگە مەنسۇپ. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدۇ، زۆھرەنى ياخشى كۆرۈشتىكى مەقسىتىمۇ ئۆزىنى بەختلىك قىلىش، قوپالراق ئېيتقاندا ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش، نانغا ھەسەل يالىتىپ ئۆزى يېيىش.
زۆھرە ھامان بىر ئەرنىڭ قىسمىقىغا چۈشۈش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، بۇ شەھەردە ياشايمەنلا دەيدىكەن شۇ قىسمەتنى ئەنسىرەش ئىچىدە كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئەگەر كۆڭلىدىكىدەك ئىش يۈز بېرىپ، ئارزۇيىغا يېتەلەيدىغانلا بولسا بەخت دېگەن شۇ نەرسىگە تەسلىم بولىدىغانلىقى، ئىپپەت-نومۇسىنى قۇربان قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئىش كۆرگەن قىزلاردەك مەغرۇر ياشايدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى؛ شۇنداق بولغاندا، ساددىلىق، گۆدەكلىك، تەلمۈرۈش، قېچىش، يەنە تەلمۈرۈش، ئىككىلىنىش، قىزىقىش، بىتاقەت بولۇش، ئىزتىراپ چېكىش، ئويلىنىپ-ئويلىنىپ ساراڭ بولۇش دەۋرىدىن خوشلىشىپ، پىشىپ يېتىلگەن، ئۆزىنى توختاتقان، ئارتۇق ھاياجانلانمايدىغان چوكانقىز دەۋرىگە قەدەم قوياتتى. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى. ھازىرقى زۆھرە گويا ئۆزى ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم، ھەممىدىن ئامراق قورچىقىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان كىچىك قىزغا ئوخشايتتى، ئۇنى ھېچكىمگە بەرمەيتتى، لېكىن قەيەردىندۇر بىر يامان ئوغرى چىقىپ، ئۇ قورچاقنى ئالداپ ئېلىۋېلىشىىمۇ مۇمكىن ئىدى. بۇ قورچاق شۇ ئوغرىلار جېنىنى سېلىپ بېرىپ بولسىمۇ ئېرىشىشنى ئويلايدىغان نەرسە، بەلكى بىباھا ئويۇنچۇق ئىدى.
ئۇ غەمگە چۆككەن، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدا لەيلەپ قالغان چاغلىرىدا «ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگەندىن ئىچىدە كۆيسەم بولماسمۇ؟!» دەپ ئويلاپ قالاتتى. پاكلىقىنى قاچانغىچە ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، بۇ پاكلىقنىڭ راستتىنلا ئۇنى ئۆزى كۈتكەندەك بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرەلىشىدىن گۇمانلىنىپمۇ قالاتتى. ئۇ پاكلىقنى ئويلىسا سىيىت قارىنىمۇ قوشۇپ ئويلاپ ئىچى پۇشاتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا ھېچكىم ئۆزىنى پاك دېيەلمەيدۇ، پاكلىقنىڭ ھەممىسى بىردەملىك دەپ ئويلايتتى. سىيىت قارى ئۆزىنى پاك دېگۈدەك، زۆھرەنى ئەيبلىگۈدەك قانچىلىك ئادەم ئىدى؟! ئۇ سىيىت قارىغا بولغان نارازىلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر قۇرئاننى بىر ياققا تىقىپ قويدى، ناماز دېگەننى ئۇنتۇپلا كەتتى؛ ياشاش تەس، كۆڭۈل ئارامىدا ئەمەس، بەختىمنى تاپقاندا ئوقۇي دەپ ئويلىدى.
گاھىدا كېچىدە يامان چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ خۇدانى ياد ئېتىپ تۆۋە قىلغانلىرىدا سەھەردە قوپۇپ بىر ۋاق بولسىمۇ ناماز ئوقۇي دەيتتى، تاڭ ئاتقاندا قوپقۇسى كەلمەيتتى، ئادىلەدىنمۇ ئۇزاق ئۇخلايتتى.
ئىككىسى بەسلىشىپ ئۇخلايتتى، ئەركىنلىكتىن ھېرىپ كەتكەندەك ياكى ئەركىنلىك ئىزدەش ئۈچۈن دەم ئېلىۋاتقاندەك، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈچ توپلاۋاتقاندەك ئۇخلىشاتتى. خىيال، شېرىن چۈش، جىنسىي ئاڭ، ئاڭسىزلىق قېتىغا شۇڭغۇيتتى؛ شەھەرنىڭ شاۋقۇنلىرى ھاياتلىققا چىللاپ تۇرسىمۇ، شېرىن ئۇيقۇنىڭ شەھۋانىي ئارامبەخشلىرىدىن ئېزىلىپ ياتاتتى...
ئادىلە بۇرۇن قوپتى، لەنەتتەگكۈر خالانىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىپ، ئۆلۈكتەك ياتقان زۆھرەگە ئالىيىپ قويدى. زۆھرە شۇ ياتقانچە ئۆلۈپ كەتسە ئەرلەرنىڭ قانداق مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنسىيەتنىڭ قانداق سېھرى كۈچى بارلىقىنى، بۇزۇلۇشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا ئۆلۈپ كېتەتتى، توي قىلماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن مەسۇم قىزلارغا پەقەت ئادىلەدەك پىشىپ قاق بولۇپ كەتكەن، شەھۋەتتىن ئېسىل تائامدەك ھۇزۇرلىنىدىغان قاقۋاش سەتەڭلەرلا ئېچىناتتى. پاكلىق دېگەن ئاچكۆز ئەرلەر پەيدا قىلغان بېسىم..._ دەپ ئويلايتتى ئادىلە-، پاكلىق دېگەننى تىتىۋەتتۇق، ئەركىنلىكىمىزنى بوغىدىغان ھەممە نەرسىنى پاچاقلاپ تاشلىۋەتتۇق. مۇستەقىل ياشايمىز دەپ غېرىپ بولدۇق، دەپسەندە قىلىندۇق، ئەمما بۇنىڭ ھەممىسى ئەركىنلىككە تۆلەنگەن بەدەل.
ئۇ خالادا ئولتۇرۇپ، ئەركىن ياشاشنىڭ بولمايدىغان تەرەپلىرىنىمۇ ئويلىدى، ئايال كىشىگە بىرەر ھامىي بولمىسا ئۆزىنى قوغدىيالمايتتى، ھېلىقىدەك نىيىتى بۇزۇق ھايۋانغا ئۇچراپ قالسا ھېچنېمە قىلالمايتتى، ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچ كەلسە غىڭ قىلماي يېتىپ بېرەتتى. جېنىنى ئاياپ كەلگەن، نومۇسىنى قايرىپ قويۇپ ماددىي ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇپ كەلگەنلەردە غەزەپ ۋە غۇرۇر يوق ئىدى، خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىسا قورقۇپ ھالى قالمايتتى، ھېچقانداق قارشىلىق قىلمايلا تەسلىم بولاتتى. چۈنكى ھايات شېرىن ئىدى، جاننىڭ راھىتى بىر خۇمار ئىدى. ئادىلە ئۆزىنىڭ شۇ كۈندىكى دۆتلۈكىگە ھەيران، قاراپ تۇرۇپ بۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرگەنىدى. ئەگەر ئۇ بەدبەخ ئىشىكتىن كىرىپلا تەھدىت سالغان بولسا ئوخشاش ئاقىۋەت يۈز بېرەتتى، بېشىغا دەھشەتلىك بىر نەرسە بازغاندەك تېگەتتى، ھەتتا «بازغان» چۈشمەي تۇرۇپ ھوشىدىن كېتەتتى...
ئادىلە خالاغا ھەر قىېتىم كىرگىنىدە بالا-قازانىڭ، پالاكەتنىڭ ئادەمگە ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى، بۇ ھاياتقىمۇ ئىشىنىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتى؛ ۋەھىمىلىك خىياللارنى سۈرەتتى. «يىلاندىن قورققان ئارغامچىدىنمۇ قورقۇپتۇ» دېگەندەك، شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ھەر قانداق ناتونۇش ئەرنى، ئېلانچىلارنى، تازىلىقچىلارنى، ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىدىغانلارنى ئۆيگە قەتئىي كىرگۈزمىدى. ئاخشىمى كوچىدا يالغۇز ماڭغاندا قورقاتتى، تاكسىچىلارغىمۇ گاھىدا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتى. لۈكچەكلەر بىر ياققا تارتىپ ئاپىرىپ باسقۇنچىلىق قىلسا كارايىتى چاغلىق، لېكىن پۇلنى ئېلىۋالمىسا، قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتمىسىلا بولاتتى... دەپ ئويلايتتى، بۇنداق ۋەھىمە ئاسان يوقىمايتتى. بۇ ھالدا ئۇ بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم ئويناپ-كۈلەلىسۇنمۇ؟! ئىلگىرى ئۇ ئاياللارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش تەرەپدارى ئىدى، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇنى جاكارلايتتى، ئەمدىلىكتە يۈرىكىنىڭ تىترەپ، چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى...
ئۇ خالادىن ناھايىتى روھسىز چىقىپ ھۇجرىسىغا كىرىپ، كېچىدىن جىن چاپلىشىپ قالغان ساراڭ خوتۇندەك بىر نۇقتىغا چەكچىيىپ قاراپ ئولتۇردى، ئۆزىنى چۈجىدەك باسماقدىغان شەھۋەتپەرەس ئەرلەرنى بىر-بىرلەپ خىيالىدىن ئۆتكۈزدى، بەزىلىرى لۈكچەككە، ئادەمىي ھايۋانغا ئايلىنىپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغاندەك قىينايتتى، بەزىلىرى مايمۇندەك قىلىقلارنى قىلىپ ئۇنى ئەخمەق قىلاتتى، بەزىلىرى كالىدەك پۇشۇلداپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى پېتىقدايتتى. ئۇلارنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئادىلەگە مەلۇم بولمىدى. بەزىلىرى بىلەن نەچچە ئايلاردىن كېيىن ئۇچراشتى، ھېچ ئىش يوق، ھايۋانلىق داۋاملىشىۋەردى. ئادىلە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىنى ئەيدىز دەپ ئالداپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنى كەمسىتىپ بۇزۇلغانچە بۇزۇلۇپ كېتىۋەرگەنلىكىنى، راستىنى ئېيتقاندا، ئۆزىگە بىر باھانە تېپىپ قانغۇدەك بۇزۇلغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ۋە نەپسانىيىتى قۇتراتقۇلۇق قىلغان، ئۇزاققا سوزۇلغان ۋە بارغانچە كېڭىيىپ كەتكەن شۇ بۇزۇقچىلىق ھەرىكىتى مەغلۇبىيەت ئىچىدە غەلىبە قىلىپ، خارابلىق ئىچىدىن يول تېپىپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى؛ ئۇنىڭ مايقۇرتقا ئوخشاش دەسسەپ مىجىلغان بەدىنى بىر دەمدىن كېيىن تىرىلىپ قوپاتتى، تىرىكچىلىك ۋە بەخت ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىركىشىپ ماڭاتتى...
ئادىلە ئەيدىز كېسىلى ئەمەستەك قىلاتتى، لېكىن باشقا مەينەتچىلىك ۋە ئۇششاق-چۈششەك كېسەلدىن خالىي بولالمىدى، شۇنداق چاغدا بۇنى ئەيدىز كېسىلىگە باغلاپ قورقۇپ كېتەتتى؛ دورىخانىلاردىن قىممەت دورىلارنى ئېلىپ يېيىشكە رازى ئىدىكى، دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈشتىن ئەنسىرەيتتى. «بۇزۇقلا ئاسان قېرىپ كېتىدۇ» دېگىنى راستمىكىن، تېرىلىرى يىرىكلىشىپ، كۆزىنىڭ ئەتراپىغا قورۇق چۈشۈشكە، كۆز جىيەكلىرى ۋە كۆكسى خالتىلىشىشقا باشلىدى. ئەينەككە قارىسىمۇ، زۆھرەگە قارىسىمۇ ئىچى ئاچچىق بولاتتى، دەرد-ئەلىمى ئىچىگە پاتمايتتى. گۈزەللىك ئاياللارنىڭ ئۆمۈرلۈك دەردى، دەۋاسى ئىدى، يېشى چوڭايغانچە پېتىدىن چۈشكەن قېرى قىزلار، 30 ياشتىن ھەسرەت ئىلكىدە ھالقىغان چوكانلار گۈزەللىككە قىيالمايتتى؛ گۈزەللىككە بىر ئۆمۈر قانمايدىغان ئاياللار يېشى چوڭايغانچە تېرىككەك، ئازازۇل، ئۆكتەم، گۇمانخور، ھەسەتخور بولۇپ كېتەتتى، گۈزەللىك غايىسى، گۈزەللىك ھەسرىتى ئىچىگە سىغمىغاندا بۇ ھاياتتىن، كەلمىگەن تەلەيدىن قاقشايتتى.
ئادىلە ھۇجرىسىدىن چىقىپ زۆھرەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ چىرايىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىدى. بۇ چىراي ھەر قانداق ئەركەكنى جەلپ قىلالايتتى. ئادىلە ئەر كىشى بولغان بولسا مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە زۆھرەنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تېگىپ، تۇغۇلغىنىغا تويغۇزۇۋەتكەن بولاتتى. ئۇ ئەر كىشى بولغان بولسا چوقۇم پاھىشىۋاز لۈكچك بولۇشى كېرەكمىدى؟ ئۇنداقتا شۇنداق ئەرلەرنى توغرا چۈشەنسە بولارمىدى؟! شۇنداق پاھىشىۋازلار بولمىسا ئادىلە ياشىيالماسمىدى؟... ئادىلە بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالدى، تېلېۋىزورنى ئاچتى، ئاۋازىنى يۇقىرى قىلدى. زۆھرە بىئاراملىقتا ئويغاندى. ئورنىدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن قوپۇپ خالاغا ماڭدى.
_ ئاران تۇرۇپتىكەنسەنمۇ دەيمەن...
زۆھرەنىڭ ئىچى سىقىلىپ تۇرسىمۇ گەپ قىلماي ماڭدى.
_ سۇنى چۈشۈرىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالما، قەغىزىڭنى چىلەككە تاشلا!
_ يەنە شۇ قەغەزنىڭ گېپىما؟ ئەتىگەندە نېمە بولدى ساڭا؟-دېدى مەڭدەپ قالغان زۆھرە.
_ ھېچنېمە...
_ كېچىدىن چۈشۈڭ بۇزۇلۇپ قاپتۇ-دە.
_ شۇنداق، مۇشۇ كۈنلەردە تولا يامان چۈش كۆرۈپ كېتىپ بارىمەن.
زۆھرە خالاغا كىرىپ چىقىپ، قولىنى يۇيۇپ ناشتىلىق تەييارلىدى.
_ناشتىلىقنى كۈندە چۈشتە يەۋاتىمىز، مۇشۇمۇ تۇرمۇشمۇ؟!-دېدى ئادىلە ئانىسىغا قېيداۋاتقان بالىدەك.
_ قانداق قىلىسەن، كۈندە كەچ كېلىۋاتساق.
_ مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان گەپما، مەن بىزار بولدۇم بۇنداق ياشاشتىن... 70 ياشلىق قېرى چەت ئەللىككە تەگسەممۇ مەيلىدى، يوقالسام بولاتتى بۇ يەردىن!
_ چەت ئەلگە چىقىش شۇنچە تەسما؟
_ سەن ئۇ ئىشنى شۇنچە ئوڭاي چاغلامسەن؟
_ مەن قىزىقمايمەن.
_ سەن نېمىگە قىزىقىسەن؟! كاللاڭدا نېمە بار سېنىڭ، ھەممە نېمىگە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىسەن، قەغەزنى سۈيدۈكىڭگە تاشلايسەن...
_ چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپمۇ مۇشۇنداق گەپنى قىلامسەن؟ قەغەزنىڭ جىنى چاپلىشىپ قالمىغاندۇ ساڭا؟! نېمانداق تۈگىمەيدىغان گەپ بۇ؟!- دېدى زۆھرە ئاچچىقتىن قىزىرىپ.
_ مۇشۇ كىچىككىنە ئىشىڭدىن سېنىڭ ھاڭۋاقتىلىقىڭ، دۆتلۈكىڭ چىقىپ تۇرىدۇ..
_ سەن بەك ئەقىللىق، مېنى تولا ئۇنداق ھاقارەتلىمە!
_ مۇشۇنداق دېمىسە ئادەم بولمايسەن، تىرىشمايسەن...
_ ئادەم بولماي نېمە بوپتىمەن، تىرىشماي نېمە ئىش قىلىپتىمەن؟ سەندەك ياشىسام بولامتى؟
_ مەندەك ياشىمىساڭمۇ باشقىچە يول ئىزدەپ باقساڭ بولاتتى.
_ يول ئىزدەپ ھېرىپ قالدىم، يەنىلا شۇ قورساق تويىدىغان رېستوران ياخشىكەن.
_ داتاڭ جىڭلى قىلىپ قويسا كېرىلىپ كەتتىڭما؟ ئىككى-ئۈچ يۈز كوي ئارتۇق بەرگەنگە نېمە بوپتۇ، مۇشۇ ياشلىقىڭ، مۇشۇ چىرايىڭ بىلەن مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرمەكچىما؟ تېخىچە بىر كارىۋىتىڭ يوق، يا يوتقىنىڭنىڭ تايىنى يوق. كىيىمىڭ ئاندىن ناچار، 100 كويلۇقتىن ئارتۇق ئاياغ كىيەلمەيسەن. مەندەك ياشا دېمەيمەن، قانداق ياشىساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، لېكىن ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغقۇدەك ياشا!
_ كۆزۈڭگە سىغماي قالغان بولسام كەتسەملا بولىدىغۇ؟!
_ كەتسەڭ كوچىغا چىقىپ كېتەرسەنمىكىن؟
_ سەن شۇنى تىلەپ تۇرىسەنغۇ...
_ ۋاييەي، ماڭا بەرىبىر، مەن سېنىڭ ئاناڭمىدىم، نېمە قىلساڭ قىلمامسەن؟
_ شۇ، سەن مېنىڭ ئانام بولمىغاندىكىن كارىڭ بولمىسۇن.
_ تىلىڭ خېلى ئۇزىراپ قاپتۇغۇ سېنىڭ؟! داتاڭ جىڭلى بولغاننىڭ پايدىسى-دە بۇ!
_ ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ئادەم ئىدۇق، مالاي دەپ قالغانمۇ مېنى؟
_ ئۆزۈڭنى نېمە چاغلاپ قالغانتىڭ؟ ئۆزۈڭنى مالاي دەپ ئويلىساڭ ئاشۇنداق مالايدەك ياشايسەن.
_ سەن قانچىلىك ياشاپ كەتتىڭ؟ ئۆزەڭدىن پەخىرلىنىدىكەنسەن-دە!
_ ئىشقىلىپ سەندىن ياخشى ياشاۋاتىمىز، ئۆزىمىزنى چۈشەپ بوغۇپ قويمىدۇق. يالغاندىن پاك بولۇۋېلىپ ئۆزىمىزنى ئالداپ يۈرمىدۇق، تەبىئىي ياشاۋاتىمىز.
_ ھە، بەك تەبىئىي ياشاپ كەتتىڭ، ئۆزۈڭنى ماختىما ئادىلە، ئۇ ماختىنىدىغان ئىش ئەمەس.
_ بوپتۇ، مەن ماختانماي، سەنچۇ، سەن ئۆزۈڭنىڭ نېمىسىدىن ماختىنىسەن؟ پاكلىقىڭدىنما؟ سېنىڭ پاك ياكى پاك ئەمەسلىكىڭنى كىم بىلىدۇ؟ ھېلىقى قارىم بىلەمدۇ يا!؟ بوپتۇ، سېنى بۇلغانمىغان قىز دەپ تۇرايلى، ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ نېمىگە يارايدۇ؟! چەت ئەللىككە تەگسەڭ سېنى كېسىلى باركەن، نورمال ئەمەسكەن دەپ چوقۇم ئالمايدۇ. مەن قىز دەپ بىر خەنزۇنىڭ ئالدىغا بارساڭ ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ھەق ئالىسەن، تېخى ئىشەنسە دېگىنە، ئىشەنمىسە قىزلىق پەردە سالدۇرغاننىڭ پۇلىنىلا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ھازىر ھەممە نېمە ساختىلىشىپ كەتتى، قىزلىق، پاكلىق دېگەنگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. يېزىغا بېرىپ ئەرگە تەگسەڭ بولىدۇ، لېكىن ئۇنداقمۇ قىلالمايۋاتساڭ، بۇنداق ياشا دېسە ئۇنىڭغا ئۇنىمايۋاتساڭ، سېنى ساراڭ دېمەي كىمنى دەيمىز؟!
زۆھرە غەزەپتىن تىترەپ كەتتى، كېچىدىن بىر ئىت قوغلاپ چىشلىۋالغاندەك قىلغان، ئەسلىدە ئادىلە ئىكەن. زۆھرە ئادىلەدە يۈز دېگەن نەرسە يوقتەك تىكىلىپ قارىدى، ئۇنىڭدا راستتىنلا يۈز يوقتەك ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى.
_ سەن ساراڭ بوپسەن،- دېدى زۆھرە ئۇنىڭغا نەشتەردەك تىكىلىپ- چىدىماسلىق قىلىۋاتىسەن، بۇنداق زەھىرىڭنى سانچىغىچە «ئۆيدىن چىقىپ كەت» دېسەڭلا بولمىدىمۇ؟!
_ نېمەڭگە چىدىماي قاپتىمەن، دۆتلۈكىڭگە ھېلىمۇ چىداپ كېلىۋاتىمەن.
_ كىمنىڭ دۆتلۈكىنى كېيىن كۆرىمىز.
_ يا گەپ چۈشەنمەيسەن، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا بۇ يەردىن كەتكۈزۈۋېتەلمەي قالدىڭ دەيسەن، كەتكۈڭ بولسا كېتىۋەر، ئۆزى كەلگەن يارەي، ئۆزى كەتكەن يارەي...
_ نەچچە ۋاقىتتىن بوپتۇ دەپ چىداپ كەلدىم، ئۆزۈڭنى بىلمىدىڭ. سېنىڭ ئىزايىڭنى ئىشتقىلى، مالايلىقىڭنى قىلغىلى كەلدىممۇ بۇ يەرگە؟!
_ كونا ھېسابنى قىلاي دەۋاتامسەن؟ ئەڭ ياخشىسى بۇنى دېيىشمەيلى، قانداق كەلگەن بولساڭ شۇنداق كېتىۋال.
_ بۇ يەردىن كەتسە ياشىيالمايدۇ دەمسەن؟ ساڭا ھەرگىز ئېسىلىۋالمايمەن.
_ مۇشۇ يەردىن كەتسەڭلا ياخشى ياشىيالايسەن، مەنمۇ شۇ...
_ ئۆيۈڭنى مەينەتچىلىك بېسىپ كەتسە چاقىرارسەن.
_ ماتۇڭغا قەغەز چۈشۈپ كەتمىسىلا قالغىنى مەيلى!
_ئۆلگۈچە شۇنى ئۇنتۇيالمايدىغان بولدۇڭ.
_ سەن ھاڭۋاقتى، بۇنى مەڭگۈ بىلمەيسەن!
شۇنداق قىلىپ ئادىلە قىنىغا سىغماس تەبىئىتىنى تولۇق ئاشكارىلاپ، ئىچىدىكى زەرداپنى سىقىپ چىقاردى، «كۆزىگە چىققان سۆگەل»نى كۆزدىن يوقاتتى. زۆھرە شۇ ئاچچىقىدا نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئەرزان كىيىملىرىنى چامادانغا پۈرلەپ تىقىپ، تولا يېتىپ ماكچىيىپ كەتكەن قەدىناس ساپاغا بىر قاراپ قويۇپ، ئادىلەگە خوش دېيىشكىمۇ رايى بارماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. يولدا كېتىۋېتىپ، بىلىپ تۇرۇپ بىر بۇزۇققا ساددىلىق بىلەن بويسۇنۇپ كەتكەنلىرىگە، ئۇ قاسماق ئۆينى ئۆز ئۆيىدەك بىلىپ جان كۆيدۈرۈپ كەتكەنلىرىگە ئېچىندى، ئادىلەنىڭ «دۆت، ساددا» دېگەنلىرى قۇلىقىغا كىرىۋېلىپ ئارام بەرمىدى.
21
زۆھرە كەتكەندىن كېيىن ئادىلە كىنو كۆرۈپ ئولتۇرغان بولسىمۇ كاللىسىغا ھېچنېمە چۈشمىدى. قىزلار ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي دوستلۇق بولمىغان يەردە، ئىككى يولدا كېتىۋاتقان قىزلار ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق، ساداقەت بولمايتتى. پاكلىق بىلەن ناپاكلىق بىر ئۆيدە پېتىشالمايتتى. بىر-بىرىگە دەخلى قىلماسلىق پرىنسىپىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئاقمايتتى. نەچچە ئاي بىللە تۇرۇش جەريانىدا ئادىلە زۆھرەدىن پاكلىق بىلەن ۋىجداننى، زۆھرە ئادىلەدىن رەسۋالىق بىلەن چۈشكۈنلۈكنى ئۆگەنگەن بولسا بەلكىم سوقۇشماي بىللە ئۆتۈۋەرگەنمۇ بولاتتى. ئەمما ھەر ئىككىسى شەخسىيىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن پارتىلاپ، مۇستەقىللىق يولىغا ماڭدى.
ئادىلە يالغۇز ئولتۇرىۋېرىپ زېرىكتى، غېرىبلىق باستى، ئەمما ئۇ ئىزچىل غېرىب ئىدى، ئۇ يالغۇز قالغاندا، دەپسەندە قىلىنغاندا زۆھرە نەدە ئىدى؟! ھەر قانداق ئىشقا ئۇ يالغۇز، مۇستەقىل يۈزلىنىپ كەلدى، يالغۇز ئىشقا باردى، يالغۇز مۇلازىمەت قىلدى، ھۇجرىسىدا يالغۇز ئۇخلىدى، تەييار چۆپنى يالغۇز يېدى، كىنونى يالغۇز كۆردى، جىمى مەئىشەت، جىمى مۇشەققەت، جىمى ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۇنىڭغا يالغۇز مۇجەسسەملەندى. ئۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز دۇنياسىدا ئەركىنلىك ناخشىسىنى توۋلاپ ھېرىپمۇ قالمىدى. ئويۇنچى ئەرلەرنى پۈتۈنلەي ھايۋانغا چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىشەنچلىك پىلانلارنى سوقالمىدى. ئامېرىكا كىنولىرىدىكى بويتاق، ئەركىن قىزلارنىڭ بېزەپ تۇرمۇشى ئۇنىڭغا ئىزچىل ئۈلگە ھەم تەسەللى بولۇپ كەلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ يالغۇزلۇقنىڭ دەردىگە چىدىماي ئازراق ئىچتى، تاماكىسىنى ئۇلاپ چەكتى. كەيپىياتى ناھايىتى ئوسال ھالدا كۇلۇبقا ماڭدى. مۇلازىمەت ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، بىر دەمدىن كېيىن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلايدىغان سالاپەتلىك ئەرلەر كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ كىرىپ كېلىشەتتى-دە، نەپسىگە ئالدىراپ مېڭىشاتتى. سېسىق تەر بىلەن ئەتىر ھىدى ئارىلىشىپ كەتكەن بۇزۇق ھاۋا شەھۋەت پۇرىقىنى توشۇپ يۈرەتتى، ئادىلەنىڭ دېمى سىقىلىپ بېشى ئازراق قايدى، ئارامخانىدە بىر دەم بىكار ئولتۇردى، قەدىرسىزلىك تۇيغۇسىدا بىئارام بولدى، تېلېفون نومۇرىنى بەرگەن بىرەرسىمۇ تېلېفون قىلمىدى. چەت ئەللىكلەر بۇ يەرنى تاشلاپ، يېڭىسىغا كۆچۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. شۇ چاغدا ئايال خوجايىن كېلىپ ئۇنى چاقىردى:
_ بىرسى چاتاق ساپتۇ، چەت ئەللىكتەكمۇ قىلىدۇ، شىنجاڭلىقتەكمۇ قىلىدۇ، سەن بېرىپ قاراپ كەلگىن!
ئادىلە خوجايىن دەپ بەرگەن نومۇر بويىچە بىر ئايرىمخانىغا كىردى. بىر قاراشتىلا ئۇيغۇرلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇرۇتلۇق، سېمىز، ياغلىشاڭغۇ بىرسى تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى، يېنىدىكى قىرقىما چاچ قىز ئادىلەنى كۆرۈپلا ئالدىغا كەلدى:
_ بىر نېمە دەپ ئاچچىقلايدۇ، گېپىنى ئۇقالمىدىم..
بۇرۇتلۇق ئادەم ئادىلەنى كۆرۈپلا ئاغزىغا ئاپارغان تاماكىسىنى پەسكە چۈشۈردى:
_ سىز ئۇيغۇرما؟
_ ھە، مەن ئۇيغۇر.
_ سىزمۇ مۇشۇنداق يەردە مۇلازىمەت قىلىمەن-دەڭ!
_ ھە نېمە بوپتۇ، مەن بۇ يەردە تەرجىمان...
_ تەرجىمان دەڭ،- بۇرۇتلۇق تاماكىسىنى پۈۋلەپ مىيىقىدا كۈلدى،- ئەجەب چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن!
_ مەن بۇ يەردە چەت ئەللىكلەرگە تەرجىمانلىق قىلىمەن، باشقا ئىشنىمۇ قىلىمەن، ھە نېمە بوپتۇ؟!
_ ما گېپىڭىز جايىدا، ئادەم مۇشۇنداق ئوچۇق بولۇشى كېرەك.
_ سىزدەك نوچى ئەر نېسىپ بولمىغاچقا مۇشۇ كۈنگە قالدۇق.
_ چىقىپمۇ قالار، چىقمىسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ، ئوبدان تۇرۇۋېتىپسىز مانا.
_ نېمە ئىش بولدى؟ بۇ قىزدىن نېمىگە خاپا بولدىڭىز؟
_ دۈمبەمنى تۇتۇپ قويماي دەسسەپ يۈرىدۇ، مەن بۇنداق مەينەتنىڭ تاپىنى ئاستىدا چەيلىنىدىغان لايمىدىم؟ شۇڭا سىلكىپ ۋاقىرىدىم.
_ خاپا بولماڭ، بەكرەك تۇتۇپ دەسسەپ قوياي دېگەندۇ.
_ بۇنى چىقىرىۋېتىپ ئۆزىڭىزلا كەلمەمسىز؟!-دېدى بۇرۇتلۇق ھىجىيىپ.
_ مەن بۇنداق مۇلازىمەتنى قىلمايمەن، بۇ دېگەن قائىدە.
_ ناز قىلماڭ، باياتىن ئۆزىڭىز دېدىڭىزغۇ؟
ئادىلە بۇ بۇرۇتلۇقنىڭ خۇشخۇيلىقىغا، ئوچۇقلۇقىغا مەستلىكى كەلدى، كۆزىنى خۇمارلاشتۇرۇپ كۈلدى:
_ مەن قائىدە تۈزۈۋالغان: بىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن قىلماسلىق؛ ئىككىنچىسى، خەنزۇلار بىلەن قىلماسلىق؛ ئۈچىنچىسى: نېگىرلار بىلەن قىلماسلىق. تۆتىنچىسى، لۈكچەكلەر بىلەن قىلماسلىق؛ بەشىنچىسى، مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن قېرىلار بىلەن قىلماسلىق.
_ ۋۇي ما قىزنىڭ يامانلىقىنى، قالغانلىرىغۇ بوپتۇ، ئۆز ئادەملىرىڭىز بىلەن قىلىشنى نېمىشقا خالىمايسىز؟!
_ مەن ئۆز مىللىتىمنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيمەن، ھېچكىمنى بۇلغاشنى خالىمايمەن.
_ پاھ، ئالامەت مىللەتچى ئىكەنسىز. لېكىن بۇ قائىدىڭىزنى بۈگۈن بۇزىۋېتىڭ، بولامدۇ؟
_ ياق، بۇزمايمەن، بۇ مېنىڭ پرىنسىپىم.
_ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، سىزنى چوقۇم رازى قىلىمەن.
ئادىلە كۈلۈپ كەتتى، بۇرۇتلۇقنىڭ كۆزلىرى ھاياجاندىن پارقىراپ كەتكەنىدى.
_ ئەمىسە ما قىزنىڭ ھەققىنى بېرىۋېتىڭ.
بۇرۇتلۇق ئۇ قىزغا دەرھال پۇلىنى ساناپ بېرىپ ئىشىكتىن چىقىرىۋەتتى.
_ بىز قاملىشىپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز...
_ ئېسىلماي تۇرۇڭ، مەن ئەسلى بۇ يەردە قىلىشنى خالىمايتتىم، چۈنكى پۇلنىڭ تەڭدىن تولىسىنى لاۋبەن ئېلىۋالىدۇ.
_ پۇلدىن غەم قىلماڭ، كەم يېرىنى تولۇقلايمىز.
_ سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟
_ تاشچىلىق قىلىمىز.
_ تاشچىلار بەك بېيىپ كەتتى دەيدىغۇ؟
_ بېيىغانلار بېيىدى، بېيىيالمىغانلار قۇم ساناپ يۈرىدۇ.
ئادىلەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇسى كەلدى، ئەمما بۇرۇتلۇققا ھازىر گەپ خوشياقمايتتى، ئادىلەمۇ ئالدىرايتتى.
_ چاققانراق بولارسىز،-دېدى ئادىلە كۆزىنى يۇمۇپ.
بۇرۇتلۇق ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئادىلەنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئارتۇق پۇل بەردى، ئاندىن ئىسىم كارتوچكىسىنى تۇتقۇزۇپ:
_ ياخشى تونۇشۇپ قالدۇق، ئىزدىشىپ تۇرايلى، كېلىڭ دېگەندە كېلەلەيدىغانسىز؟-دېدى.
_ قاراپ باقارمىز،-دېدى ئادىلە ۋە تېلېفون نومۇرىنى يېزىپ بەردى.
شۇنىڭ بىلەن ئادىلەنىڭ سومكىسىدا نىغمەت دەيدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم كارتۇشكىسى پەيدا بولدى. چەت ئەللىك ئېسىلزادىلەرنىڭ نام-ئەمەل كارتوچكىسىلا كىرەلەيدىغان بۇ سومكىغا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئالاقىلىشىش بەلگىسىنىڭ كىرەلىشى شۇنى بىلدۈرەتتىكى، ئەسەبىيلەرنىڭ مەستانىلىقى، مەستلەرنىڭ ساراڭلىقى بىلەن ئاۋاتلىشىپ تۇرىدىغان ئىشرەتخانىلار پۇل تاپقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز قوينىغا ئېلىشقا باشلىغانىدى. ئادىلەنىڭ بۇ يولدىكى ھاياتىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ پەيدا بولۇشى كۈتۈلمىگەن ئىش ئىدى، بۇ ئۇنىڭ خىيالىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، تۇرمۇش ھەققىدە باشقىچە ئويلارنى شەكىللەندۈردى. مەيلى قانداقلا ئويلىسۇن، نىغمەت تاشچى ئۇنى ئالمايتتى، نەپسىنى قاندۇرۇش ئالدىدا كۆيدۈم، پىشتىم دېگەن بىلەن، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن يېلى چىققان توپتەك سولۇشۇپ تۇراتتى. جىنسىيەتنىڭ كۈچى پەقەت ۋاقىتلىق ئىشقى-مۇھەببەتنىلا چىللاپ كېلەلەيتتى. «ھازىرقى خورازلار مېكياننى بىر دەم قوغلاپ بېقىپلا ھېرىپ قالىدۇ، ئەرلەردە جەسۇرلۇق، مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسە قالمىدى...- دەپ ئويلايتتى ئادىلە،- ئەگەر نىغمەت تاشچى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالسا ھەر كۈنى نەچچە ۋاق ھەقسىز ھۇزۇرلىناتتى. لېكىن يامان يېرى، بۇزۇق ئەرلەر نەچچە ئەرنىڭ ئاستىدا ياتقان بۇزۇق خوتۇنلارنى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۆزلىرى بۇزۇلسا بولىدۇ، خوتۇنلار بۇزۇلسا بولمايدۇ! ناكەس ئەرلەر مۇشۇنداق ئادالەتسىزلىك قىلىشىدۇ. ئەرلەر ئاچكۆز، بولۇپمۇ نىغمەت تاشچىدەك پۇل تېپىپ ئىشتىنىغا پاتماي قالغان ئەرلەر بىر خوتۇنغا ھەرگىز تويمايدۇ، بىر نەچچە كۈندىلا ئادىلەدىن زېرىكىپ يېڭى ئاشنا، يېڭى سەتەڭ ئىزدەيدۇ...
ئادىلەنىڭ خىيالى يەنە ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇنىڭغا ئۈمىد بېرەلەيدىغان ئەرلەر بۇ دۇنيادا تېپىلمايدىغاندەك قىلاتتى.
ئادىلەگە بەزىدە كۈن-كۈنلەپ ھېچ ئىش بولمايتتى، بەزىدەكەينى-كەينىدىن ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرەتتى. نىغمەت تاشچى بىلەن تونۇشقان كۈنىنىڭ ئەتىسى ئادىلەگە سومكىسىدىكى ئىسىم كارتوچكىلىرىدا نامى بار بىر چەت ئەللىكتىن تېلېفون كەلدى، ئاۋسترالىيىلىك بۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم ئۇنى رازى قىلغان، ئادىلە ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى چەت ئەللىك ئىدى. ئۇ ئادىلەنى ئۆيىگە چاقىرىپ، چوقۇم كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئادىلە خوجايىندىن بىر ئاخشاملىق رۇخسەت سوراپ ئۇ يەرگە باردى. ئۇ ئادەم ئادىلەنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر دوستىغا تونۇشتۇردى. ئاندىن ئۇ دوستىنى دادىسى ئاۋسترالىيىلىك، ئانىسى كورىيەلىك دەپ ئالاھىدە تونۇشتۇردى، ئادىلە ئۇنىڭ بىلەن تېزلا چىقىشىپ پاراڭلىشىپ كەتتى، ئۆزىنى مەن شىنجاڭلىق، لېكىن روسىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ چېچىنى سېرىققا بويۇۋالغان، يۈزى سوزۇنچاق، ئورا كۆز قىز بولغاچقا بۇنداق دېسە ھەر كىم ئىشىنەتتى، ھېچكىم ئۇنى كەمسىتىشكە پېتىنالمايتتى. «ئادىلا» دېسە ئىسمىمۇ «ناتاشا، ئاننا» دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاپ كېتەتتى. كورىيىلىك كۆچمەن ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا بارغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى، شىنجاڭ تاماقلىرىنىڭ بەك تەملىك ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ مېھماندوست ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇلار ئۈچەيلەن تاماق يەپ ئولتۇرۇپ توساتتىن دىنىي ئېتىقاد ھەققىدە پاراڭلىشىپ كەتتى. ئادىلە گەپ قىلماي تاماق يەپ ئولتۇراتتى. ئىككىيلەن خرىستىئان بولۇشنىڭ پەزىلىتى، نىجاتلىق يولى ھەققىدە خېلى ئۇزۇن مۇھاكىمە قىلىشقاندىن كېيىن، كورىيىلىك كۆچمەن ئادىلەدىن سورىدى:
_ سىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلامسىز؟
_ ھەئە، مەن مۇسۇلمان.
_ لېكىن مۇسۇلمان ئاياللار ياغلىق ئارتىپ يۈرۈيدىغۇ؟ سىز ئىسلام دىنىنىڭ قايسى مەزھىپىدىن؟
_ مەن ئۇقمايدىكەنمەن.
_ ئۆزىڭىزنى رۇسىيىلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى دەيسىز، ئاتا-ئانىڭىز خرىستىئان دىنىنى چۈشەنمىگەنمىدى؟
ئادىلە بۇ گەپتىن ئۆزىنى چېنىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ دەرھال:
_ ئاتا-ئانام ماڭا ئۆگەتمەپتىكەن،-دېدى.
_خىرىسىتىئان دىنىنى، ئىنسانلارغا نىجاتلىق بەرگۈچى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى چۈشىنىشنى خالامسىز؟
ئادىلە گاڭگىراپ قالدى، ئۇ دىن ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى، ئېتىقاد دېگەن نەرسىلەر توغرۇلۇق ئانچە ئويلىنىپ باقمىغانىدى. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ غېمىدىن قۇتۇلالماي تۇرغاندا ئۇ دۇنيانىڭ غېمىنى قىلىدىغان ۋە شۇ دۇنيانىڭ گېپىنى قىلىدىغان دىننىڭ پارىڭىنى ئاڭلاش پەقەت خوشياقمايتتى. مۇسۇلمان بولۇشنى ياغلىق ئارتىپ ئۆيدە ئولتۇرۇش دەپلا چۈشىنىپ كەلگەن ئادىلە كۆز ئالدىدىكى نەق، شېرىن نەرسىلەردىن باشقا ھەممە نەرسىگە گۇمان بىلەن قارايتتى، دىننىڭ گېپى چىقسا سىيىت قارىمدەك بىچارىلەر يادىغا كېلىپ، بۇنداق پاسسىپ ياشاشنى خالىمايمەن، ياشلىقىمدا ياشىۋالاي، قېرىغاندا بىر گەپ بولار دەپ ئويلايتتى.
_ بۇنى ھازىرچە ئويلىمىدىم،-دېدى ئادىلە تاقەتسىزلىنىپ.
_ ئادەمدە بىر ئېتىقاد بولۇشى كېرەك، ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشى كېرەك؛ ئاڭلىسام سىز تېڭىرقاپ يۈرگەن قىز ئىكەنسىز، ياشاش ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋېتىپسىز. پۇل دېسىڭىز بىزمۇ بېرەلەيمىز، خىرىستىئانلىق ھەقىقەت ئۈچۈن ئىشلەشنى خالىسىڭىز ئازابتىن قۇتۇلۇپ، گۇناھلىرىڭىزدىن پاك بولىسىز...
ئىنگلىز تىلىدا ئالدىرىماي، ئوچۇق سۆزلەيدىغان بۇ كورىيىلىك كۆچمەن ئادىلەنىڭ بېشىنى ئاغرىتقىلى تۇردى، ئۇ ئۆمرىدە يولۇقمىغان بۇ ئىشنىڭ تېزرەك ئاياغلىشىشنى كۈتۈپ چىداپ ئولتۇردى، ئۆزىنى رۇسىيىلىك كۆچمەننىڭ ئەۋلادى دەپ قويغىنىغا ئىچى پۇشتى.
_ خىرىسىتىئان دىنىنى قوبۇل قىلسىڭىز بۇ دىننىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى چۈشىنىسىز. ئەگەر چۈشىنىشنى خالىمىسىڭىز سىزنى زورلىمايمىز، ئەمما چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بۇ نىجاتلىق يولى. بۇنىڭدىن باشقا يولنى ئىزدەش سىزنى ئازغۇنلۇققا ئاپىرىدۇ. بىز سىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى خالايمىز.
_ مەن تېخى ئويلاپ باقمىدىم، شۇڭا سىلەرگە نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلمەيمەن...
_ خۇدا بىزگە ئەقىلنى بەرگەن، شۇڭا ئادەم ئويلىنىشى كېرەك. بۇنداق ياشاۋېرىشكە بولمايدۇ. سىزنى توغرا چۈشىنىمىز، سىز شۇنچە پۇل تېپىپمۇ روھىي جەھەتتن قانائەت ھاسىل قىلالمايسىز، شۇنداقمۇ؟
_ ھەئە، دائىم ئازابلىنىمەن،-دېدى ئادىلە.
_ سىزدىكى شۇ ئازابنىڭ مەنبەسى نەدە، بىلەمسىز؟
_ ئويلاپ باقماپتىمەن.
_ ئادەم بىر ئۆمۈر ئازابلانغۇچىدۇر، چۈنكى ئادەم ئەسلىدىنلا گۇناھكار. بۇ گۇناھتىن قۇتۇلۇپ، نىجادلىققا ئېرىشىشنىڭ يولى خرىستىئان دىنى. سىز بۇ دىننى بىر چۈشىنىپ باققان بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيتتىڭىز، قەلبىڭىز ئارام تاپقان بولاتتى.
ئادىلە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئادىلەگە ياخشى كۆرۈنگەن ئاۋسترالىيىلىك مۇلايىملىق ۋە ھاياجان بىلەن ئۇ گەپكە قوشۇمچە قىلدى:
_ خرىستىئان دىنى سىزنى ياخشىلىققا باشلايدۇ. روھىي جەھەتتىن يۆلەنچۈككە ئېرىشىسىز، مەن سىزگە ئىشىنىمەن.
ئۇ ئىككىيلەن ئادىلەگە خرىستىئان بولۇشنىڭ ئۇ دۇنيالىق پايدىسىنى دەپ بولغاندىن كېيىن، بۇ دۇنيالىق نەق پايدىسىنى، خىرىستئان بولسا نەچچە پۇل، باشقىلارنى بۇ دىنغا كىرگۈزەلىسە قانچە پۇل ئالىدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتتى. بېرىلىدىغان پۇل ئاز ئەمەس ئىدى، ئادىلە بۇ ئىشتىنمۇ ئوبدانلا مەنپەئەت ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قىزىقىپ قالدى، لېكىن «دىن تارقىتىش» دېگەننى ئويلاپ ئۈمىدسىزلەندى. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ يەردىن تېزرەك كېتىپ، ھۇجرىسىغا كىرىپ، ھېچنېمىنى ئويلىماي قېنىپ بىر ئۇخلىۋالسا، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كاللىسدا ھېچنېمە قالمىسا، ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ راھىتى شۇ ئىدى.
ئادىلە «ئويلىنىپ باقاي» دېدى، دىن تارقىتالمىسىمۇ، كىتاب بولسىمۇ تارقىتىش قولىدىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى، ئازراق ھەقمۇ ئالدى، كۆڭۈلسىز قايتىپ كەلدى، ھېچنېمىنى ئويلىمىدى. قايتىپ كېلىپ تېلېۋىزورنى ئاچتى، پۈتۈن دۇنيا مۇشۇ رەڭلىك ئېكراندا ئىدى. كۆرۈنۈشلەرگە ئەگىشىپ كاللىنى چىرمىۋالغان كونا خىياللار بىر-بىرلەپ يوقايتتى ياكى ئۆزگىرەتتى. ئۆيدىكى غۇۋا چىراغ يورۇقى، كونىراپ كەتكەن قاسماق تام ئادىلەنىڭ كەيپىياتىغا ماس ھالدا ناھايىتى خۇنۈك، پەرىشان كۆرۈنەتتى. تېلېۋىزوردا كۆرگىدەك نەرسىنىڭ تايىنى يوق ئىدى، خەۋەر، ئېلان، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، كىنو-تىياتىرلار، سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئېسىلزادىلەر كۈلۈپ-ھىجىيىپ چىقاتتى، تامامەن دېگۈدەك ئېسىل ياشايدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈرمەنلەرگە ئۈلگە سۈپىتىدە كۆرسىىتىلەتتى، كىشىلەر زېرىكسىمۇ شۇنى كۆرەتتى، قانال يۆتكەشتىن باشقا ئەركىنلىك يوق ئىدى. ئادىلە ئاز سانلىق ئېسىلزادىلەرنىڭ غەلۋە-غەليانلىرى قاپلاپ كەتكەن ساختا كۆرۈنۈشلەرگە ئۆچ بولغاچقا سىرتتىن كىنو دەيلىرى سېتىۋېلىپ كۆرەتتى، بۈگۈن نېمىشقىدۇر تېلېۋىزورنى ئېچىپ ئۇزاق قاراپ ئولتۇردى، ئېلانغا چىقىدىغان سەتەڭلەرگە ھەۋەستىن ئۆتە ھەسەد بىلەن قارىدى، يېرىملاشقان كىنولارنى بىر دەم كۆرۈپ ياراتماي قانال يۆتكىدى، ھەممىسى بىمەنىلىك، ياسالمىلىق بىلەن تولغان پروگراممىلار ئىدى، بىر قانالدىلا ھايۋاناتلار دۇنياسى كۆرسىتىلىۋاتاتتى: قارا يىلان بىلەن ئاق يىلان شىددەتلىك سوقۇشۇۋاتاتتى، چۈشەندۈرگۈچى بىر نېمىلەرنى دەپ سۆزلەيتتى. بىر چاغدا باشقا بىر چار يىلان پەيدا بولۇپ ئۆزىدەك يوغان بىر يىلاننى يالماپ يۇتۇشقا باشلىدى. چار يىلاننىڭ كۆزىدىن سۈرلۈك نۇر چاقنايتتى. يىلاندا ئەرلىك كۈچكە ئوخشايدىغان بىر ۋەھشىيلىك، ئاياللىق نازاكەتكە ئوخشايدىغان بىر ئەۋرىشىملىك بار ئىدى... بىر دەمدىن كېيىن بۇ پروگراممىمۇ تۈگىدى. باشقا قاناللار يەنىلا زېرىكەرلىك ۋارى-ۋارى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. ئادىلە دەيلىرىنى ئاختۇرۇپ باقتى، كۆرگىدەك يېڭى كىنو يوق ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىنونى قويدى، بۇ فىلىمدە مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان قامەتلىك يىگىت بىلەن گۈزەل قىز چېركاۋغا كىرىپ، پوپنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىگە قەسەم بېرىپ سۆيۈشەتتى. قىزنىڭ ئۇچىسىدىكى ئاپئاق كۆينەك پاكلىقنىڭ جىلۋىسىدەك چىرايلىق كۆرۈنەتتى، بىر ياقتىن چىقىۋاتقان مۇزىكا تولىمۇ يېقىملىق، رومانتىك ئىدى. بۇ توي كۆرۈنۈشى ئادىلەگە بەختنىڭ بىر نىشانىسىدەك، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىدەك بىلىندى. چېركاۋنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى، غەربلىكلەرنىڭ بۇنداق رومانتىكلىقى، تويدىمۇ، ماتەمدىمۇ كىيىملىرىنى قاتۇرۇپ كىيىپ خۇشاللىق ۋە قايغۇغىمۇ ئىنسانىي گۈزەللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشلىرى ئامېرىكىنىڭ ھەممە كىنولىرىدا دېگۈدەك چىقاتتى. ئادىلە شۇنى چۈشەندىكى، ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىمۇ ماھىيەتتە خرىستىئان دىنىنى تەشۋىق قىلاتتى.
ئادىلە بىر ياققا تاشلاپ قويغان بىر خالتا «ئىنجىل»غا قاراپ بىئارام بولدى، كورىيىلىك كۆچمەن خەنزۇچە ئىنجىللارنىڭ ئارىسىغا كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى ئىنجىلنىمۇ سېلىپ بەرگەندە ئادىلە ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ پىشىپ كەتكەن قاقۋاش ئادەملەر ئىكەنلىكىنى سەزگەنىدى. بۇنى كىملەرگە تارقىتىدۇ؟ خەنزۇلار ئوقۇمدۇ؟ ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئوقۇمايدۇ، ئويۇنچى پەرەڭلەرگە دىنىي كىتاب ئوقۇش خوشياقامدۇ؟ ئادىلە ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئالدىراپ ئېلىپ قويغىنىغا سەل پۇشايمان قىلدى. لېكىن ئامال تاپسا ھەقسىز كىتاب تارقىتىش ئۇنچە تەس ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ شەھەردە، شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يەرلىرىدە چېركاۋلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، خرىستىئان دىنىغا كىرگەن خەنزۇلارمۇ بۇ دىننى بىر-بىرىگە تارقىتاتتى، رىژدىستوۋا بايرىمى كەلسە ھەممىسى خىرىستىئاندەك داغدۇغا قىلىشىپ كېتەتتى. دېمەك، خرىستىئان دىنىنى تارقىتىش ئۇنچە نومۇس قىلغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس ئىدى.
ئادىلە ھەممە ئىشنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرۈش پرىنسىپى بويىچە خىيالىنى جەم قىلىپ، خاتىرجەم ئۇخلاپ قالدى.
شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن كورىيىلىك كۆچمەن ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالدى، پات-پات تېلېفون قىلىپ چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلاتتى، ئادىلەمۇ بۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالدى. كورىيىلىك كۆچمەن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خرىستىئان بولۇش جەريانىنى، خرىستىئان دىنى تارىخىغا ئائىت تەسىرلىك ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى، خرىستىئان بولغۇچىلارنىڭ بۇ دىنغا كىرگەندىن كېيىنكى خاتىرجەم ھاياتىنى، گۈزەل تۇيغۇلىرىنى تەرىپلەيتتى؛ خىرىسىتىئان دىنىنىڭ زامانىۋىلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، ئىنسانلارنى ئەركىنلىككە، مېھىر-مۇھەببەتكە يېتەكلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا بولسا خىرىسىتىئان بولۇشنىڭ دۇنياۋى يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيتتى. ئادىلە ئۇنىڭ گەپلىرىگە بارغانچە قايىل بولۇپ قالدى، خرىستىئان دىنىنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەندى، ھەتتا خرىستىئان دىنى ئىسلام دىنىدىن ئىلغار ئىكەن، زامانىۋى ئىكەن، ئادەمگە ئەركىنلىك بېرىدىكەن، ياۋروپالىقلاردەك ئېسىل ياشىغىلى بولىدىكەن... دېگەن قاراشقا كەلدى.
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
«
1
2
3
4
5
»
Pages: 1/5 Go
ئانادىيارمۇنبىرى
»
رومان - پوۋسىت - ھېكايە
http://anadiyar.cn/bbs
زىيارەت مەزمۇنى بېكەت دائىرىسىن ھالقىدى، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز.
داۋاملىق كۆرۈش
قالدۇرۇش