ئۇيغۇرتىلى يوقالسۇن
(ساتىرا)
ئاپتورى: نامەلۇم
ئەسقاتىمىغان بىزلەرگە ئۇيغۇرتىلى يوقالسۇن،
نەگە بارساق قەدىرسىز بىچارە تىل يوقالسۇن.
كىم كايىدى بىزلەرگە قەدىرلە دەپ تىلىڭنى،
يولىمىزغا پۇتلاشقان ئۇيغۇرتىلى يوقالسۇن.
نۇمۇس قىلىپ بۇنىڭدىن سۆزلىمەيلى ئۇيغۇرچە،
جىسمىي قۇرۇق ناكسە تىل ئېڭىمىزدىن يوقالسۇن.
پەخىرلەنمە تارىختىن مەھمۇد مېنىڭ بوۋام دەپ،
كىم قېزىپتۇ تارىخنى؟ ئۇيغۇرتىلى يوقالسۇن.
بىزگە كېرەك خىزمەتلا، كېرەك ئەمەس يېزىقمۇ،
ئويۇنلارغا پۇتلاشقان ئۇيغۇرتىلى يوقالسۇن.
بولدى ئەمدى تەمتىرىمەي باشقا تىلدا سۆزلەيلى،
تىلىم بىلەن ئىلىممۇ، ئۇيغۇرمۇ ھەم يوقالسۇن ...
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: جېنىم قېرىندىشىم، شېئىرنى چۈشەنسىڭىز كۆرۈڭ، بولمىسا قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ!