تور ئارىلاپ كىرىپ قالدىم خانەڭگە،
مەرىڭ بولغاچ تارتىپ مىنى ئۆزىگە.
يارىشىپتۇ ئىسمىڭ گۈزەل ھۆسنۈڭگە،
مېھرى ئىسسىق ئانا دىيار مۇنبىرىم.
كۆمۈلۈپتۇ ئالتۇن قۇرلار جىسمىڭگە،
جەۋلان قىلار قىز- ئوغۇللار مەردانە.
ئۈمىدلىنىپ باقتىم ساڭا ھەيرانە،
مېھرى ئىسسىق ئانا دىيار مۇنبىرىم.
جىلۋە قىلار نادىر تىما ئۈنچىسى،
ئۇندا يايرار قىز-ئوغۇللار كۈلكىسى.
توختىمايدۇ تاڭنى چىللار قەلىمى،
مېھرى ئىسسىق ئانا دىيار مۇنبىرىم.
كىرمەي دەيمەن يەنە كىرگۈم كىلىدۇ،
سىلەر بىلەن تەڭلا كۈلگۈم كىلىدۇ.
تىمىلارنى زەپلا چاچقۇم كىلىدۇ،
مېھرى ئىسسىق ئانا دىيار مۇنبىرىم.