ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان پەرىزات
دەرىجە: ئۇگىلك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 708
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
شۆھرىتى: 142
پۇلى: 274 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-07-03
ئاخىرقى: 2010-08-15
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-11 19:32

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان پەرىزات

ئەسكەرتىش: بۇ يازما uyghurlar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-07-12)
مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرىزات ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بىلەن چەكلەنگەن مېۋىنى مەزگىلسىز يەپ قويغانلىقتىن، بەختىگە قارشى ئەيدىز ( HIV )دىن يۇقۇملانغان. بۇ ئىشتىن مەكتەپ خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، << ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە >> گە ئۇچرىغان . پەرىزات مەكتەپتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ، ئىسىمىنى ئۆزگەرتىپ ، شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىر تىل تەربىيىلەش ئورنىدا ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ تۇرغان. مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پەرىزات ئۆزىگە ئوخشاش ئەيدىز ( HIV )دىن يۇقۇملانغان 5 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن تونۇشقان ، ئۇلارنىڭ 4 نەپىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز ( HIV )دىن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى باشقىلارغا ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئۆز مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋېتىپتۇ....

كىشىلەر ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ئالىي مەكتەپلەرنى ئەيدىز يېقىن يولىمايدىغان پاك زېمىن دەپ ئويلشىۋاتقان دەقىقلەردە ، ئەيدىز ( HIV ) ئاتلىق بۇ يالماۋۇز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراپ بارغانسېرى تاپ بېسىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئارىسىدىكى ئارىلىق بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا! جەمئىيەتنىڭ ھەربىر قاتلىمى بۇ خىل ھادىسىگە دىققىتىنى بۇرۇشى ۋە توغرا قارىشى كېرەك ئەلۋەتتە .

پەرىزات ئەسلى ئاددىي سەھرا قىزى بولۇپ، ئۆيىدە ئۇ بىرگىنە قىز ئىدى. باشلانغۇچىتىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئۇنىڭ ئوقۇشى ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، ئەلا نەتىجىسى بىلەن خېلى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئالىي مەكتەپ بوسۇغۇسىىغا قەدەم قويغان مىنۇتتىن باشلاپ ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشىنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۆز كەسپىنى پۇختا ئۆگىنىشتىن باشقا ئېنىگىلىز تىلىغا ئىشتىياق باغلاپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشنىمۇ خىيال قىلىپ ئۈلگۈردى. قىسقىسى ئۇ ئەنە شۇنداق ئىرادىلىك، تېرىشچان قىز ئىدى ...

ئىككىنچى يىلى ئۇ ئېنگىلىز تىلى 4 - دەرىجىدىن ئۆتتى ، ئوقۇش مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتى. ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيىسىنىڭ بولۇپمۇ ، سۆزلەش سەۋىيىسىنىڭ تازا ئۆز كۆڭلىدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقىدىن ئىچى پۇشتى. شۇنداق قىلىپ، شەھەر مەركىزىدىكى بىر تىل تەربىيىلەش مەركىزىگە بېرىپ سىستېمىلىق ئوقۇماقچى بولدى. بۇ مەركەزدە مەخسۇس چەتئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار دەرس بېرىدىغان بولۇپ، دەرس سۈپىتى خېلىلا ياخشى ئىدى. ئوقۇتقۇچى پەرىزاتقا ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىمەن، تىل ئۆگىنىشتىن ھوزۇرلىنىمەن دېسىڭىز شۇ تىل ئىگىلىرى بىلەن دوستلۇشىڭ ، داۋاملىق شۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئالاقە قىلىڭ شۇ جەرياندا سىزنىڭ تىل سەۋىيىڭىز تەبىئىي يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ . دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرزىزاتنىڭ خىيالىغا يېڭى ئويلار كەچتى ... ئاز كۈندىن كېيىن ، شۇ مەركەزدە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ يۈرۈۋاتقان، شەھەردىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئېنگىلىز تىلغا بولغان ئىشتىياق ھامان ئۆگەنگۈچىدە شۇ تىلنىڭ ئېگىسىگە قارىتا ھۆرمەت ئويغىتاتتى. شۇنداق قىلىپ، پەرىزات ئۆزىنىڭ بۇ چەتئەللىك دوستى بىلەن قەھۋەخانىمۇ - قەھۋەخانا، باغچىمۇ - باغچا ، قاۋاقمۇ - قاۋاق يۈرۈپ ئېنىگىلىز تىلى ئۆگەندى. دېگەندەك ئۇنىڭ ئېنگىلىزچە سەۋىيىسى مۆلچەرلىگۈسىز سۈرئەتتە تېز ئاشتى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىياتمۇ تەڭ كۈۋەجەپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى... كېيىنرەك، پەرىزاتنىڭ دوستلىرى ئۇنى ئەيىپلەشكەنمۇ ، ئارىغا ئالمىغانمۇ بولدى. ئەمما ، پەرىزات ئۆزىنىڭ تاللىغان يولىنى توغرا دەپ قارايتتى، ئۇ خىيالىدا، دوستلىرىم مېنىڭ تىل سەۋىيەمنىڭ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ، چەتئەللىك دوستۇم بارلىقىنى كۆزگە سىغدۇرالمايۋاتىدۇ، دەپ ئويلايتتى. چىت مۇستەھكەم بولمىغان باغقا ئوغرى كىرىشى مۇقەرەر ئىش. ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى، قار ياغقان دېكابىردا ، روژستىۋا بايرىمى كۈنىدە پەرىزاتنىڭ بېغىغا چەتئەللىك دوستى ئوغرىلىققا كىرىپ قويدى. ئوغرىلىق ئەمەس بەلكى پەرىزات ئۆزى ئۇنى باغقا باشلىغاندەك ئىدى...

كېلەر يىلى باھار كەلگەندە، ھېلىقى چەتئەللىك يۆتىلىپ توختىمىدى، دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتكەننىڭ كېلەر ھەپتىسى تۇيۇقسىز دۆلىتىگە قايتتى. ئەسلىدە ئۇ ئەيدىز ( HIV ) يۇقۇمدارى بولۇپ، ئەيدىز كېسەللىكى قوزغالغانلىقى سەۋەبلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان ئىدى. بىچارە پەرىزاتنىڭ چەتئەل چۈشى تازا ئەۋجىگە چىققاندا رەھىمسىز پەلەك ئۇنىڭغا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز چاقچاقتىن بىرنى قىلدى. دوستى دۆلىتىگە قايتقان كېچىسى ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى، قورقىنچ، ۋەھىمە ئۇنىڭ روھىنى ئامبۇردا قىسقاندەك قىسماقتا ئىدى. ئەتىسى گاڭگىراش، قۇرقۇش ئىلىكىدە ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىغا ئېيتتى....

شۇتاپتا پەرىزات تولىمۇ روھسىز كۆرۈنەتتى. ئۆڭىمۇ خېلىلا سۇلغان بولۇپ، ياشلىقىغا ماس بولمىغان بىر خىل ھالەتتە كۆز ئالدىمىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ماڭا ئەلەملىك كەچمىش، ھېسابسىز پۇشايمان، مۇھەببەتكە بولغان چەكسىز تەقەززالىقنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى...

- دەسلەپتە، مەن تولىمۇ گۈدەكلەرچە ، ئەيدىز ( HIV )دىن يۇقۇملانغان ، ھاياتىمغا ئۆچمەس داغ سالغان بولساممۇ، ئۆز ئوقۇشىمنى بەرداشلىق ئىلكىدە داۋاملاشتۇرۇشىم، ئۆزۈمگە قايتىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، مېھرىبان ئاتا - ئانام، جەمئىيەتكە ئازغىنە جاۋاب قايتۇرۇشۇم، ئەڭ بولمىغاندا، ئۆمرۈمنىڭ ئاخرىغىچە بولسىمۇ ئادىمي ياشاشنى قولغا كەلتۈرۈشىم كېرەك، دەپ ئويلىغان ئىدىم. كىم بىلسۇن ئەھۋالىمنى ئوقۇتقۇچىمىغا ئېيتقان كۈنۈمنىڭ ئاخشىمىلا مەكتەپ مېنى ئايرىم يالغۇز كىشىلىك ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، ھەمدە ۋاقتىنچە دەرسكە قاتناشماي تۇرۇشىمنى تاپىلىدى. ئەتسى ئەتتىگەندە شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تېزگىنلەش ئورنىدىكى خادىملار ماشىنا بىلەن كېلىپ، تەكشۈرۈپ قايتتى. مەن ساۋاقداشلىرىمدىن، ياتاقداشلىرىمدىن ئايرىۋېتىلدىم. مەن شۇ قەدەر مۇڭداشقا ، مەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان، ماڭا تەسەللىي بېرىدىغان كىشىگە مۇھتاج ئىدىم. ئەمما ، مەن ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە يالغۇزلۇققا مەھكۇم ئىدىم...
كېيىن مەكتەپ مېنى ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ، دەم ئېلىشقا، داۋالىنىشقا بۇيرىدى. مېڭىش ئالدىدا ، ساۋاقداشلىرىم ، دوستلىرىم بىلەن خوشلاشقۇم بار ئىدى. ئەمما، ھەممىسى ماڭا نەپرەت كۆزى بىلەن قارايتتى. ئەڭ يېقىن دوستلىرىمۇ قايسىدۇر بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ ، مېنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتى، گوياكى مەن دۇنيادىكى ئەڭ يېرگىنىشلىك مەخلۇق كەبى كۆرۈنسەم كېرەك.... نەچچە ئونمىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ۋاڭ - چۇڭىغا تولغان لىق تولغان بۇ مەكتەپتە پەقەت مەنلا ھۇقۇشتەك يالغۇز قالغان ئىدىم... بۇ تۇرقۇمدىن ، بېشىمغا كەلگەن كۈنلەردىن ئاتا - ئانا ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم خەۋەرسىز ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بېرىشىم مۇمكىن، ئۇلارغا ھالىمنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمەن .... ئاھ خۇدا ، مېنىڭ پىشانەم نېمانچە شور ! ... مەكتەپ قانداقلا بولمىسۇن مېنى ھېلىقى ياتىقىمدىن ھەيدىمىدى. بىر قانچە كۈن ياتاقتىن چىقماي يىغلىدىم. ياتاقنىڭ ئىشكى - دېرىزىلىرىنى دۈملەپ، تازا يىغىلدىم ، ئۆزۈمگە نەپرەت ئوقۇدىم، تەقدىرىمدىن زارلاندىم، ئۆزم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا، كۆرگىلىكىم شۇ بولسا ھەممە ئۆزۈم بىلەن تۈگىسۇن ، ئۆلۈپلا قۇتۇلاي ... توساتتىن كاللامدا << ئۆلۈم >> دىن ئىبارەت بۇ سۆز يالت قىلىپ كەچتى ، ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ ئۆلۈۋالغانلارنى ئاڭلىغان ئىدىم، دەرھال بىر قۇتا ئۇيقۇ دورىسى سېتىۋېلىپ ئۆلۈۋېلىش نىيىتىگە كەلدىم . مەكتەپ سىرتىدىكى دورىخانىدىن دورىنى سېتۋېلىپ ياتاققا قايتتىم. ئىشىكنى ھىم تاقاپ، دورىنى ئىچىشكە ئۈمەللدىم، دورىنى كاپاملاپ يۇتۇشقا تەرەددۇتلانغان قوللىرىم تىترەپ، نەپسىم قىسىلدى، دورىنى ئىچمەي تۇرۇپ ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك بولدۇم، نېمىلەردۇر كۆڭلۈمدىن كەچتى... دورىنى قويۇپ ، يەشىكتىن ئەلبۇمىمنى ئالدىم. ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ قەدىردان جاپاكەش دادامنى ، مېھرىبان ئانامنى ، قېرىنداش - تۇغقانلىرىمنى ، ساۋاقداش - دوستلىرىمنى كۆرۈۋېلىشنى ئىستەيتتىم. مەن تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ مۇھەببەتكە، ھەقىقىي مۇھەببەتكە ، ئىللىق ئائىلە، دوستلىققا نەقەدەر مۇھتاجلىقىمنى، ئۆزەمنىڭ قايسى دەرىجىدە بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. كۆز ياشلىرىم دەريا بولۇپ ئاقاتتى... ئالبۇمغا قارىغانسېرىم ئۆيگە قايتقۇم ، ئاتا - ئانامنىڭ باغرىغا تاشلاپ ھۆڭرەپ يىغلىغۇم كېلەتتى... رەزىل ھېسياتنىڭ قۇلى بولمىغان بولسام، ھەممە گۈزەللىك، ھەممە ئىللىقلىق ماڭا تەئەللۇق ئىدىغۇ ؟! ... دورىنى ئىچىشكە قانچە نۆۋەت ئورۇنغان بولساممۇ، ئۇنى ئىچۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۆلۈمدىن قورقتۇم ، قوياش نۇرىغا، كەڭ تەبىئەتكە، ھاياتقا ، يەنە مۇھەببەتكە قىيمىدىم ، گۈزەل تاڭنى يەنە بىر قېتىم باغاشلىغۇم بار ئىدى ...
ئەتىسى نېمە بولسا تالاغا چىقىش، قوياش نۇرىغا چۈمۈلۈش، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش نىيىتىگە كەلدىم . مەن ئۆلۈۋالمىساممۇ ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتەتتىم ، بۇ يىل بولمىسا ، كېلەر يىلى ياكى 5 يىلدىن كېيىن ، ئىشقىلىپ، ئۆلۈم مېنىڭ كەينىمدىن سايەمگە ئوخشاش ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، شەھەرلىك قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىنىڭ ئەيدىز ( HIV )نىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشىۋىقات زالىغا كىردىم. بۇ جايغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى تۇرقۇمنى چۈشەنگىم كەلگەن بولسا كېرەك... بۇ جايدا تاساددىبىي پۇرسەتتە، ئەيدىز ( HIV )پىدايىسى سەمەتجان ( كىشى ئىسمى ئۆزگەرتىلدى ) بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . ئۇ ماڭا ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى، ئەيدىز ( HIV ) كېسەللىكى، ئەيدىز ( HIV ) يۇقۇمدارلىرى، بىمارلىرى توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى، ئۆزى ئۇچراشقان ئەيدىز ( HIV ) يۇقۇمدارلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ بەردى. ئويلىمىغاندا ئۇ مېنى چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يېيشكە تەكلىپ قىلدى. بىز بىرگە تاماقلاندۇق. بۈگۈنكى تاماقنىڭ تەمى ماڭا باشقىچە تەملىك تۇيۇلدى، بۇ مېنىڭ ئەيدىز ( HIV )دىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم باشقىلار بىلەن بىللە تاماق يېيىشىم ئىدى ...

شۇندىن كېيىن، سەمەتجان مېنى پات پات ئىزدەپ تۇردى. ئۇ ماڭا ئاكامدەكلا كۆيۈنەتتى، مېنى روھلۇق بولۇشقا چاقىراتتى، ئۇ ماڭا زور تەسەللىي ۋە مەدەت بولغان ئىدى. مەن بارا - بارا ياشىشىم كېرەكلىكىنى، جەمئىيەتتە مەن قىلىدىغانغا، قىلىشىم كېرەك بولغان ئىش بارلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ، بۇ تىل تەربىيىلەش مەركىزىگە كېلىپ، چەتئەل تىلى دەرسى ئۆتتۈم، ئوقۇغۇچىلارغا تىل دەرسى بېرىپلا قالماي، ئۆز كەچمىشلىرىم ئارقىلىق، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىنى سۆيۈش، ھاياتلىقنى سۆيۈش، ئەيدىز ( HIV )ىدىن نېرى تۇرۇش دەرسىنى بەردىم ...
ھازىرىقى ئەھۋالىمدىن ئاتا - ئاناممۇ خەۋەر تاپتى، ئۇلار مېنى ئەيىپلىمەكتە يوق، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆيۈنىدىغان بولۇپ كەتتى ، ئۇلار مېنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىشىمنى، بىر كۈنۈمنى بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھازىر بىرقانچە دوستلىرىمۇ بار ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. بىز بىرگە تاماق يەيمىز ، مۇڭدىشىمىز ... ئىشقىلىپ، مەن ھاياتىمنى ئەھمىيەت ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتىمەن ... ئەيدىز ئىكەنلىكىمدىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيدىغان بولدۇم !

مەنبە:ئەلكۈيى تۇرى
^_^مەن ئەڭ ياخشىسى ^_^
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 751
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
شۆھرىتى: 1000052
پۇلى: 1000592 تەڭگە
تۆھپىسى: 10000
توردا: 264(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-07-05
ئاخىرقى: 2010-09-10
1  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-12 01:28

كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۆڭۈل ھەريەرگە باشلايدۇ ...   تاشلايدۇ ... ئاخىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بۇ نىجىس كىسەل ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى دىسە ، ... ياشلار بەكلا ھۇششىيار بولمىساق بولمايدۇ ...
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر ... o(∩_∩)o
سەن كىچىكمىدىڭ،چۈنكى سەن ھايات.....
دەرىجە: پەرىشتە

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 317
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 316
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە316دانە
شۆھرىتى: 1501
پۇلى: 5550 تەڭگە
تۆھپىسى: 21
توردا: 18(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-29
ئاخىرقى: 2010-10-17
2  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-13 01:28

بۇنىجىس كىسەلنىڭ بىر داۋاسى چىقمىدى ...........ئادەمنىڭ دىگەن تۇرمۇشتا ئانداق مۇنداق كىلىشمەلىكلەر  بولوپ تۇرىدۇ .................بىز مۇشۇنداق كىلىشمەسلىكلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلەلىسىكلا   ئۆزىمىزنىڭ دۇنيا دا  مەۋجۇت ئىكەللىكىمىزنى ..ياشىغالىقىزمىنى بۈلدۈرۈپ قويالايمىز............................
يالغۇز تورى
ھازىر جەڭگىۋار بولوشقا بولىدۇ لىكىن قارام بولوشقا ھەگۈز بولمايدۇ.
دەرىجە: ئۇگىلك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 733
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
شۆھرىتى: 42
پۇلى: 341 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 251(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-07-05
ئاخىرقى: 2010-08-08
3  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-13 07:34

ئاللا ھەممە بەندىلىرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.
ئانا دىيار ئۈچۈن ئالغا !
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 354
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 242
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
شۆھرىتى: 1000866
پۇلى: 1001623 تەڭگە
تۆھپىسى: 10001
توردا: 362(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-31
ئاخىرقى: 2010-10-08
4  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-13 09:45

بارچىمىز دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ، يۇقۇملىنىپ بولغاندا كاللىمىزنى تاشقا ئۇرغان بىلەنمۇ بىكار .
دۇنيادا ياخشى نام قالدۇرۇش كېرەك
ئىللەت ئۆزگەرمىگۈچە  مىللەت ئۆزگەرمەس !
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 620
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 217
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
شۆھرىتى: 1260
پۇلى: 1733 تەڭگە
تۆھپىسى: 30
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2010-10-16
5  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-13 10:57

ياخشى بىر  مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك ئەسەرنى يوللاپسىز   كاباننا  ئەپەندىم !  رەھمەت سىزگە  !  سەل  مۇشۇنداق  ئىشلار  بىزنى  بارا- بارا  تەرەققىياتتىن  يىراقلاشتۇرىۋاتىدۇ !    
ھەقىقىي ئۇيغۇردەك بولغىن !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 794
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 0
پۇلى: 5 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-07-08
ئاخىرقى: 2010-07-13
6  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-13 12:29

دۇنيادا پۇشايمانغا دورا يوق .
ھىسيات ئەقىلدىن ئۇستۇن يۇرغاندا ئادەمنى ھەر كويلارغا سالماي قويمايدۇ .
مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان قىزلىرىمىزنى ئاسرايلى .
نادان قىزلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنى كۆپرەك ئاسرىسا  ھايانى ئۆزىنىڭ ھايات مىزانىدىكى  مۇيۇم تۇرلەرنىڭ بىرى دەپ قارىسا گۈزەل كەلگۈسى ئۇلار ئۈچۈن كەڭ قۇچاق ئاچمامدۇ ؟!
دەرىجە: قىزىققۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 875
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
شۆھرىتى: 11
پۇلى: 115 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 48(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-07-13
ئاخىرقى: 2010-08-09
7  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-13 20:29

ئې اللە  بەندىلىرېڭنى  بە داۋا  كىسەلدىن ساقلىغىن.
دەرىجە: قىزىققۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 769
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
شۆھرىتى: 12
پۇلى: 101 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 101(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-07-06
ئاخىرقى: 2010-07-28
8  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-28 18:21

نەقىل
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى جەسۇردە2010-07-12 01:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۆڭۈل ھەريەرگە باشلايدۇ ...   تاشلايدۇ ... ئاخىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بۇ نىجىس كىسەل ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى دىسە ، ... ياشلار بەكلا ھۇششىيار بولمىساق بولمايدۇ ...

ئاخىرىنى مەن دەپ بېرەي ھە!
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۆڭۈل ھەريەرگە باشلايدۇ،سەمەرقەنتنىڭ ئالمىسىدەك ئاپپىرىو چۆللەرگە تاشلايدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1484
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 3
پۇلى: 30 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-08-24
ئاخىرقى: 2010-08-24
9  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-24 13:29

خوپ بوپتۇ،ئۇيغۇر يىگىتلىرى تېپىلمىغاندەك چەتئەللىك جوھوت بىلەن ئارلاشقاندىن كېيىن ئوبدان بوپتۇ،