تەڭرىگە يېزىلغان خەتلەر
پوۋېست
1
سالام خۇدا!
ساڭا خەت يېزىش قارارىغا كەلدىم.بەلكىم،ساراڭدۇرمەن،ئېلىشىپ قېلىۋاتقاندىمەن.ئىشقىلىپ بۇ خەتنى ساڭا يېزىۋاتىمەن.ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس،دادام ئۈچۈن.
تېخى پار بېرىلمىگەن،بالكوندىن ماراپ تۇرغان بالا قۇياش ئۆيۈمنى ئىسسىتىپ بېرىشكە ئاجىز.ئۇ ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ئۆيۈمنى،قەلبىمنى،پۈتۈن دۇنيانى ئىسسىتالمايدۇ.چۈنكى قىش،زىمىستان قىش تەھدىت سالماقتا.سىرتتا،ئۆيۈمدە،قەلبىمدە زىمىستان قىش ھۆكۈمران!
ئەمما،قىش ئۆتۈپ كېتىدۇ،باھار يەنە كېلىدۇ،دۇنيا باھارنى يەنە تەنتەنە بىلەن كۈتىۋالىدۇ.لېكىن قەلبىم...
قۇلۇم تىترىمەكتە،ۋۇجۇدۇم سىلكىنمەكتە،قەلبىم ئېچىشماقتا.ياق،ياق،سوغۇقتىن ئەمەس.
يەنە...يەنە يۈرىكىم تۇيغۇلىرىم تەرىپىدىن خۇددى تەبىئەتتەك تالان-تاراج قىلىنماقتا...
قەلەمنى قويدۇم.
لېكىن يازىمەن،ھەممىنى يازىمەن.قەلەمنى قويۇپ،ئىڭەك تىرەپ ئولتۇرۇپ ئويلىغانلىرىمنى،ئورنۇمدىن تۇرۇپ قىلغان ئىش-ھەركەتلىرىمنى،سىرتتا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى،كەچۈرمىش،ئەسلىمىلىرىمنى،زىباگۈل ھەققىدە،دادام ھەققىدە يازىمەن.ھەتتا سىياسىي،ئىجتىمائىي مۇھىت ھەققىدە يېزىشىممۇ مۇمكىن.
ئالدىن ئەسكەرتىپ قوياي خۇدا،بۇ قېتىم سىياھ بىلەن ئەمەس،كۆز-يېشى،ھەسرەت بىلەن يازىمەن.
تىتىلداپ كېتىۋاتىمەن.خېتىمنى تېز-تېز يېزىپ،دادام ھەققىدە ساڭا ئىزاھات بەرمىسەم،دادام ئۈچۈن سەندىن مەغپىرەت تىلەپ،بىچارە، بەخىتسىز دادامنى ئازابىڭدىن قۇتقۇزمىسام بولمايدۇ.قۇتقۇزارسەنمۇ؟
ئېيتقىنا،خۇدا،دادامنى قانداق جازالاۋاتىسەن؟ قانداق ئازابلاۋاتىسەن؟
ئاھ،مەن چىدىيالمايۋاتىمەن، قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتىدۇ.يۈرىكىم ئېچىشىپ،قەلبىم ئۆرتىنىۋاتىدۇ.ئازابىمدىن زېمىن لەرزىگە كەلمەكتە!مەن سېنىڭدىن خۇش بۇلاي،ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا خۇش بۇپ كېتەي.خۇدا!دادامنى ئازابلىما.ھېچبولمىسا ئازابلىماي تۇرغىن.خېتىمنى ئوقۇپ كۆرۈپمۇ،يەنە دادامنىڭ گۇناھىدىن ئۆتمەي ئازابلاۋەرگۈڭ كەلسە،دادام ئۈچۈن مېنى ئازابلا،راست مېنى ئازابلا! ئەزرائىلنى قېشىمغا ئەۋەت.مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كۈلۈپ تۇرۇپ چىقىمەن،دەرگاھىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ بارىمەن،ئازابىڭنىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلىمەن!
بەلكىم،داداممۇ دەرگاھىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ بارغاندۇ،ئازابىڭنى كۈلۈپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلىپ،كۈلۈپ تۇرۇپ ئازابلىنىۋاتقاندۇ.
مەن ئىشىنىمەن،دادام چوقۇم شۇنداق قىلدى!
داداڭ كىم،قانداق گۇناھ قىلغان،قانداق ئۆلگەن دەمسىنا؟
دادام-سۇلايمان ھېزىم،ئەمدىلا 45ياشقا كىرگەن،ئوتتۇرا بوي،قارامۇتۇقراق كەلگەن،چېھرىنى ۋاقىتسىز قورۇق باسقان،كىچىك،دۈپدۈگىلەك كۆزلىرىدىن خىيال دەرياسى ئېقىپ تۇرىدىغان،تۇلىمۇ جىمغۇر،تۇلىمۇ كەم سۆز،تولىمۇ مېھرىبان،تولىمۇ سۆيۈملۈك ئادەم ئىدى.بىراق ئۇ ئۆلۈپ كەتتى.سەندىن يوشۇرغاننىڭ پايدىسى يوق،ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشنىڭ قانچىلىك ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى!
نېمىشقىلىقىنى بىلەمسەن،بىلمىسەڭ مەن دەپ بېرەي.ئۇ مەن ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى،مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى.شۇڭا مەن دادام ئۈچۈن ساڭا خەت يېزىۋاتىمەن.
بەلكىم،كىشىلەر دىيىشكەندەك دادام بەكمۇ ئۈمىدسىز،ئىرادىسىز،چېكىدىن ئاشقان ساددا،ھاماقەتلىكتە ئۇچچىغا چىققان،گۇمراھ ئادەمدۇ.
مېنىڭچە،دادام ھەرگىز ئۇنداق ئادەم ئەمەس،چوقۇم ئۇنداق ئادەم ئەمەس!بەلكى...
سەنچىچۇ خۇدا؟
بەلكىم،سەنمۇ دادامنى شۇنداق دەپ قارايدىغانسەن،پۈتكۈل جاھان،پۈتكۈل ئىنسانىيەت شۇنداق قارايدىغاندۇ.
-ئېيتقىنا خۇدا، بەخت دېگەن نېمە؟
-بەخت دېگەن- مۇھەببەت.
-توغرا،بەخت دېگەن مۇھەببەت.شۇڭا مۇھەببەت ئۇلۇغ،مۇھەببەت بۈيۈك،دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈللىنىدۇ،ھاياتلىق مۇھەببەتسىز ياشنىيالمايدۇ ھەم ئۆز قىممىتىنى تاپالمايدۇ! دۇنيانى ئىللىتىپ تۇرغانمۇ قۇياش ئەمەس،پەقەت ۋە پەقەت مۇھەببەت،شۇنداقمۇ خۇدا؟
-ئەلۋەتتە.
-ئۇنداقتا مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھمۇ گۇناھ ھېسابلىنامدۇ.خۇدا!؟ئەگەر گۇناھ ھېسابلىنىدىغان بولسا،ھايات-ماماتلىقنىڭ نېمە قىممىتى قالىدۇ؟
-....
بولدى ساڭىمۇ ئويلىنىش پۇرسىتى بېرەي،ماڭىمۇ يېزىش پۇرسىتى بەرگىن.
ئانام مەن 5 ياشقا كىرگەن يىلى 2-تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن.شۇندىن تارتىپ دادام ھازىرغىچە بويتاق ياشاپ كېلىۋاتاتتى.ئۇ مېنىڭ ھەم ئانام،ھەم دادام ئىدى.كىيىملىرىمنى يۇياتتى،يامايتتى،پىتلىرىمنى باقاتتى.تاماق ئېتەتتى،نان ياقاتتى...مېنى ۋېلىسپىتكە مىندۈرۈپ مەكتەپكە ئاپىراتتى،ئەپكېلەتتى.بىچارە دادامنىڭ مەن ئۈچۈن قىلمايدىغان ھېچبىر ئىشى يوق ئىدى.
-دادا،-دېدىم مەن 4-سىنىپقا چىققان يىلى،-ئەمدى ئۆزۈم بېرىپ-كېلەي.
-نېمىشقا؟
-مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم،سەن بەك جاپا تارتىپ قالىدىكەنسەن.
-مەيلى بالام،سەن ئۈچۈن جاپا تارتسام.مەن سەن ئۈچۈن ياشاپ كېلىۋاتقان ئادەم.
مەن بۇ سۆزنىڭ تىگىگە يېتەلمەي،دادامغا قاراپلا قالدىم ھەم قاراپلا قالاتتىم.چۈنكى بۇنداق سۆزلەر پات-پات بۇلۇپ تۇراتتى.دادامنىڭ بۇنداق سۆزلىرىنى ھەر بىر ئاڭلىغىنىمدا ئىچىم ئىسسىققىنا بۇلۇپ قالاتتى.سەبىي يۈرىكىمنى سۆيۈنۈش قاپلايتتى.مەن بۇنداق چاغلاردا شۇنداق بىر دادام بولغانلىقى ئۈچۈن ئالەمچە پەخىرلىنەتتىم.
‹‹ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالىلىرى ئۈچۈن ياشامدىغاندۇ؟ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياشاش ئىستىكى يوقمىدۇ؟››
ئەي كەرەملىك تەڭرىم،مەن بۇنى سەندىن ئەمەس،ئۆزۈمدىن سوراۋاتىمەن.
‹‹نېمىشقا بۇرۇنراق سورىمىغان بولغىيتتىم؟››
مەن بۇ سۇئالنى كېچىكىپ،تولىمۇ كېچىكىپ سورىغانلىقىم ئۈچۈن،ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىبلەيمەن،ھەسرەتلىنىمەن.
بەلكىم،بۇ سۇئالنى كېچىكىپ سورىمىغان بولسام،دادامنىڭ راستىنلا مەن ئۈچۈن ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى،مەن ئۈچۈن قۇربان بەرگەنلىكىنى ھازىرقىدەك چوڭقۇر ھېس قىلالماسلىقىم مۇمكىن بولغىيتتى.
ئېيتقىنا خۇدا،دادامغۇ مەن ئۈچۈن ياشاپ،مەن ئۈچۈن قۇربان بېرىپتۇ.ئەمدى مەن كىم ئۈچۈن ياشايمەن؟زادى كىم ئۈچۈن ياشاپ ،كىم ئۈچۈن قۇربان بېرىمەن؟ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ؟ئۆلگەن مۇھەببىتىم ئۈچۈنمۇ؟دادام ئۈچۈنمۇ؟
مەن خۇدا دەيمەن،ئۇمۇ خۇدا دەيدۇ،ھەممىمىز خۇدا دەيمىز.پەقەت بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندىلا سېنى ئىخلاس بىلەن ياد ئېتىمىز.سەندىن بەخت،نۇسرەت،مەدەت،تەۋپىق-ھىدايەت تىلەيمىز.چۈنكى سەن ھەممىمىزنىڭ خۇداسى!شۇنداق بولغاچقا،شۇ تاپتا زىباگۈلمۇ سەندىن بەخت،مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى تىلەۋاتقاندۇ.
ئەمما،بېشىمغا ئېغىر كۈنلەر چۈشكەن بولسىمۇ،مەن سەندىن بەخت،مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى تەلەپ قىلمايمەن.چۈنكى مەن كىم،نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ كەتكەن،ياق،بىلمەيدىغان،بىلمىگەن ئادەم.كىم ،نېمە ئۈچۈن ياشىشىنى بىلمەيدىغان،بىلەلمىگەن ئادەمنىڭ بەخت،مۇھەببەت تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بۇلامدۇ؟
بەلكىم،كىم،نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىم ئايدىڭلاشقاندا،ئاندىن سەندىن بەخت،مۇھەببەت تەلەپ قىلارمەن.
بەلكىم،سەندىن مەڭگۈ بەخت،مۇھەببەت،ھەتتا ھېچنىمە تەلەپ قىلماسمەن!
بەلكىم ،بۇلار ئۈچۈن، ئارقامغا-بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپەمگە،ئالدىمغا-كەلگۈسىدىكى قەدەم ئىزلىرىمغا كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ قاراپ بېقىشىمغا توغرا كېلەر.
سەن بىلمەيسەن،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشالمايدۇ.بۇ ئىمتىھانغا پەقەت ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 15-20 پىرسەنتىلا قاتنىشالايدۇ.چۈنكى ئاپتۇنۇم رايۇن ھەرقايسى ۋىلايەت،شەھەر،ئوبلاستلارغا نىسبەت بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش سانىنى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.ۋىلايەتمۇ نىسبەت بويىچە ھەرقايسى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا ‹‹سان››تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى تەقسىم قىلىنغان ‹‹سان››نىڭ بىر قىسمىنى يانچۇقىنىڭ تۆرىگە سېلىۋېلىپ،قالغىنىنى مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ،پۇرسەت كۈتۈپ يېتىشىدۇ.مەكتەپلەر ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ‹‹سان››غا ئاساسەن تاللاش ئىمتىھانى ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مائارىپ ئىدارىسى باشلىقلىرىنىڭ كۈتكەن پۇرسىتى ناھايىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ-دە،كەچ سائەت 8-12 گىچە ھويلىسىدا ‹‹بازار››ئاچىدۇ.ئۇلار ‹‹سان››ساتىدۇ،ھاجەتمەنلەر قول ئىلكىدە بارلار،پۇللۇقلار،ئازراق مەرتىۋىسى بارلار ‹‹سان››سېتىۋالىدۇ.‹‹سان››تۈگەپ بولغىچە باشلىقلارنىڭ ئۆيى خۇددى ئۆسۈمى،ھەتتا دىرىمۇ بېرىلمەيدىغان بانكىغا،سودا شىركەتلىرىنىڭ مال ئىسكىلاتلىرىغا،ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك چاپارمەنلىرى پىركازچىكقا ئوخشاپ قالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ تاللاش ئىمتىھانىدىن 10-،11-قاتاردا ئۆتكەن پۇلسىز،يولسىز ئىشچى-خىزمەتچى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى چۈشۈپ قېلىپ،30-،40-قاتاردا ئۆتكەن يوللۇق،پۇللۇق كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ئېمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنى،ئائىلىلەرنى چۈشۈپ قالغان قانىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغا-زارلىرى،تاللىنىپ كەتكەن قابىلىيەتسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ شادىيانە كۈلكىلىرى لەرزىگە سالىدۇ.
بىزنىڭ ئۆينىمۇ شۇ كۈنى مېنىڭ يىغام،ھەسرەتلىك يىغام لەرزىگە سالغان ئىدى.
-نېمە بولدى،بالام!؟
دادام ئىشىكتىن كىرىپلا شۇنداق دەپ مېنىڭ گەدىنىمنى،چاچلىرىمنى يۇمشاق-يۇمشاق ئالقانلىرى بىلەن سىيلىدى.دادامنىڭ ئالقانلىرى ئاجايىپ يۇمشاق ئىدى،خۇددى كۆڭلىدەكلا يۇمشاق ئىدى.دادامنىڭ ئالقانلىرى،ئاشۇ سېھىرلىك ئالقانلىرى ماڭا ئەڭ چوڭ تەسەللىي ئىدى.
مەن بۇ سېھىرلىك ئالقاندىن مەڭگۈ تەسەللىي تېپىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.چۇنكى دادامنىڭ-ئاددى بىر ئىشچىنىڭ دائىم مايلىشاڭغۇ تۇرىدىغان ئالقانلىرى يۈز-كۆزۈمگە،چاچلىرىمغا ھەر بىر سۈركەلگەندە غەم-قايغۇ،ھەسرەت-پىغانلىرىم مامكاپ بەرگىدىكى تاڭ شەبنەملىرىدەك ‹‹شۇررىدە››ئېرىپ كېتەتتى.
چاچلىرىمنى ئاتىلىق مېھرى بىلەن سىيلىغاندا ياكى كۆز-ياشلىرىمنى چوڭقۇر ئانىلىق مېھرى بىلەن سۈرتكەندە،سەبىي ۋۇجۇدۇمدىن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تاشاتتى!
شۇ چاغدىمۇ شۇنداق بولغان،دادامنىڭ سېھىرلىك سىيلاشلىرى بىلەن يىغام توختاپ،ئۈمىد يۇلتۇزۇم پارلىغانىدى.
-نېمە بولدى زادى؟دېگىنە!...-دېدى دادام مېنىى ئۆرە قىلغاچ،تەقەززالىق بىلەن سورىدى.
مەن ئېسەدەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردىم:
-تاللاشتىن ئۆتەلمەپتىمەن.
-ياقەي؟!
-راست شۇ.بۈ...بۈگۈن ئېلان قىلدى!-مەن ھەسرەت ئەلەم بىلەن شۇنداق دېدىم.
دادام بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى،ئاجايىپلا ھەيران قالدى،مەندىنمۇ بەكرەك ھەيران قالدى.چۈنكى دادام ماڭا ئىشىنەتتى.ئۆزىگە ئىشەنگەندەك،مەن ئۆزۈمگە ئىشەنگەندەك ئىشىنەتتى.
چۈنكى مەن ياخشى ئوقۇغان ئىدىم،دادام ياخشى ئوقۇتقان ئىدى،ئوقۇتقۇچىلىرىم ياخشى ئوقۇتقان ئىدى.
شۈبھىسىزكى،ماڭا تىگىشلىك ‹‹سان››مەكتەپ مۇدىرى تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەن ئىدى.دادامنىڭ لەۋلىرى تېنىمسىز لىپىلدايتتى،مېھىرلىك كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇندايتتى،ئېيتقىنا خۇدا،بۇ نېمە دېگەن تەڭسىزلىك!؟ نېمە دېگەن ناھەقچىلىك!؟ مەنىۋىي تىراگىدىيە ئەمەسمۇ!؟
كەچۈرگىن،خۇدا،ئۇيقۇ-زەھەردەك تاتلىق ئۇيقۇ قىستاپ كېتىۋاتىدۇ.داۋامىنى ئەتە يازاي،خوش!
داۋامى بار...