ئۇ شۇنداق دېگەچ چىقىپ كەتتى. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ ھېكايىسىنى پەرەز قىلىۋاتاتتىم. "ئۇ ھېكايىنى باشلىسا ئاخىرىنى مەن چۈشۈرىۋەتسەم مېنى ئالدىيالمىغانلىقىغا قايىل بولسا . . . ئەمما ئاتا – ئانىسى بىلىپ تۇرۇپ يول قويغان ھېكايىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن. مابىتى بۇزۇۋېتىپ تاشلىۋەتكەن بولسا ئوغۇلبالىنىڭ دەردىدە مۇشۇنداق بوپ قالغانمىدۇ يە؟ ئۆگەي دادا ئۆگەي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان بولسىچۇ؟ ئۆگەي ئاپا ئۆگەي قىزىنى باشقىلارغا تۇتۇپ بەرگەن بولسىچۇ؟ ئۆيى نامرات بولسا ئۆيىدىكىلەرنى بېقىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتامدۇ يە؟ ياق، ياق! نامرات ئادەملەردە پۇل بولمىغان بىلەن ۋىجدان بار. ھەرگىز بۇنداق ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلارنى قىلمايدۇ. . .
ئىشىك ئېچىلىپ ئۇ تۆت بوتۇلكا پىۋىنى كۆتۈرۈپ كىردى.
_ قانداق ھېكايىدۇ، دەپ پەرەز قىلىۋاتامتىڭىز؟ خىيالىڭىزنى بۇزۇپ قويدۇم ھە؟ ھى ھى . . . _ ئۇ شۇنداق دېگەچ پىۋىنى كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئالدىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى قويىدىغان جايغا قويدى. توۋا، توۋا~~~! جىنمۇ نېمە ماۋۇ؟ نېمە ئويلىسام شۇنى بىلىۋېلىۋاتىدا؟ شۇنداق بىلىندۈرمەيمەن، دەپ كىرسەم بۇ يەرگە! ئۇ پىۋىنىڭ ئاغزىنى ئاچقاچ سورىدى:
_ بايا ئاغىنەم سۇيۇقتىن بىر بولاق بېرەيمۇ، دېۋىدى، _ ئۇ شۇنداق دەپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتى. مانا! ئەمدى خاتالاشتىڭ! مەن ئەزەلدىن نەشە چەكمەيمەن. ئۇنىڭغا "كۆتە ئۇنداق نەرسەڭنى!" دېمەكچى بولۇشۇمغىلا پىۋىنى رومكىغا قۇيۇپ ماڭا قاراپ:
_ لېكىن سىزنىڭ چەكمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلگەچكە كۆتە ئۇنداق نەرسەڭنى، دەپ ئالمىدىم. _ ئۇ شۇنداق دېگەچ رومكىنى ماڭا ئۇزاتتى. مەن قېتىپلا قالدىم. قانداق بىلىۋالغاندۇ بۇ؟ رومكىنى قولۇمغا ئېلىپ ئىچكەچ ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ ھەيران بولۇۋاتامسىز؟ ئەمەلىيەتتە ئادەملەرنى چۈشەنمەك بەك تەس ئەمەس. بولۇپمۇ بۇنداق جايدا ھېچكىم ئەپتى – بەشىرىسىنى يوشۇرالمايدۇ، ياسالمىلىق قىلسا زىيان تارتىدىغان تۇرسا؟ ھەيران بولماڭ! مەن يەنە سىزنىڭ بۇنداق يەرگە تۇنجى قېتىم كىرگەنلىكىڭىزنىمۇ ھەم قىزلار بىلەن ئۇنداق ئىشنى قىلىپ باقمىغىنىڭىزنىمۇ بىلىمەن. مېنى ئاستا – ئاستا چۈشىنىپ قالىسىز!
_ سېنى چۈشىنىپ نېمە قىلاي، _ رومكىنى ئۇنىڭغا بەرگەچ دېدىم، _ مەن بىرسى بىلەن يۈرۈپ باقمىغان شۇڭا ئۇنداق ئىشنى قىلىپ باقمىدىم. ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن قانداقمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلغۇسى كەلسۇن ئادەمنىڭ، _ دېدىم مەن. بۇ گەپلەرنى ئەزەلدىن بىر قىز بالا بىلەن دېيىشىپ باقماپتىكەنمەن. خىجىل بولغاندەك بولدۇم، تۇرۇپلا نېمىشقا بۇنداق نېمىلەردىن خىجىل بولغۇدەكمەن، دېگەن خىيالىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. ئۇمۇ بىر رومكىغا پىۋىنى قۇيۇپ ئىچمەكچى بولىۋىدى ئەمدى گەپ قىلاي، دېسەم:
_ ھى ھى...... ئىچمە، دېمەكچىمۇ؟ خاتىرىڭىزنى جەم قىلىڭ! ئوينىشىپ قويدۇم. سىز خاپا بولسىڭىز بەك ئوماقلىشىپ كېتىدىكەنسىز،_ شۇنداق دېگەچ رومكىنى ماڭا بەردى. كۆڭلۈمدە ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلىۋالغىنىغا تېخىچە ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى.
_ كىچىك ۋاقتىمدا بىر قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆيدە مېنىڭ گېپىم گەپ ئىدى، _ ئۇ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ كۆزىنى كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمىگە تىككىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى، بىر ئۇزۇن ھېكايىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، پىۋىلارنى يېنىمغا ئەكېلىۋېلىپ كارىۋاتنىڭ بۇرجىكىگە سۈرۈلۈپ تامغا يۆلىنىپ ئاڭلىماقچى بولدۇم. قانداقتۇر بىر كۈچ مېنى ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ئۈندەيتتى.
_ قىز بالا بولساممۇ بەك شوختۇم، _ دېدى ئۇ، _ دائىم ئوغۇللارنى بوزەك قىلىپ ئوينايتتىم. باشقا قىزلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى مەن بىلەن بىللە ئوينىشىغا قوشۇلمايتتى ھەم مەنمۇ قىزلار بىلەن ئويناشنى خالاپمۇ كەتمەيتتىم. دادام زەرگەرچىلىك قىلاتتى. ئېسىمگە كېلىپ پۇلدىن قىسىلىپ باقماپتىمەن. قاچانلا سورىسام قانچىلىك سورىسام بېرىۋېرەتتى. بىر قىز، دەپ مېنى بەك ۋاي دەيتتى. ئاپام بولسا ئۆينىڭ ئۇششاق – چۈششەك ئشلىرىنى قىلغاچ قۇلۇم – قوشنىلارنى ئانچە – مۇنچە يىپ – يىڭنە ئىشلىرىنى قىلاتتى. پۇل ئۈچۈن ئەمەس، بىكارچىلىقتىن زېرىكمەسلىك ئۈچۈن قىلاتتى. مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇغۇم كەلمىدى. ھە دېسە باشقىلارنى بولۇپمۇ ئوغۇللارنى بەك بوزەك قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىرىمغا شۇنداق سەت كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدىم. شۇڭا باشلانغۇچنى مىڭ تەستە پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇم كەلمىدى. داداممۇ كۈندە دۇكانغا پۇل سورىغىلى بىر – ئىككى قېتىم بېرىپ قويغىنىمغا خۇش. باشقا ئىشلىرىم بىلەن كارى بولمايتتى. ئاپام يۈرۈش – تۇرۇشۇمنى سورىسىمۇ قوشۇمامنى تۈرۈپ، ئالىيىپ قويساملا ئالدىمدا پايپېتەك بولۇپ كېتەتتى. . .
_ ئائىلە تەربىيىسى بىر بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سېنى بەك ئەتىۋارلىۋېتىپتۇ.
خىيالىمدا يوق دەپ ساپتىمەن.
_ئۇنداق ئەمەس، _ دېدى ئۇ، _ دادام ماڭا پۇل بېرىۋەرگەن بىلەن ئايلاپ گەپمۇ قىلمايتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى چوڭ بولغاندا بىلدىم. ئەسلى مەن ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدا مېنى تەكشۈرۈپ قىز بالا ئىكەنلىكىمنى بىلگەن چاغدا دادام مېنىڭ تۇغۇلۇشۇمغا قوشۇلماپتىكەن. قىز بالا ئۆيدىكىنى تالاغا توشۇيدۇ، دەپ ئاپامنى مېنى ئالدۇرۇۋېتىشقا قىستاپتىكەن، ئاپام ئۇنىماپتۇ. ئۇ چاغدا كۈندە ئۇرۇش – جېدەل بولۇپ تۇراتتىكەنتۇق. بىر نۆۋەت مەن تۇغۇلۇشقا ئاز قالغان چاغدا قاتتىق ئۇرۇشۇپ دادام ئاپامنىڭ قورسىقىغا بىرنى تېپىپتىكەن ئاپام بىر ئىڭرىغىنىچە ئورنىدىن تۇرالماي قاپتۇ. دادام ئاپامنى دوختۇرغىمۇ ئاپارماپتۇ. قۇلۇم – قوشنىلار كىرىپ ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتىكەن مەن ساق تۇغۇلۇپتىمەن. لېكىن ئاپام بۇنىڭدىن كېيىن پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەس بولۇپ قاپتۇ. دادام بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەندىن كۆرىدىكەن. ئاپام بولسا مېنى "خۇدا بەرگەن بالام" دەپ جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدۇ. لېكىن بۇ ئىشلارنى بەكمۇ كېچىكىپ ھېس قىپتىمەن.
_ قاچان ھېس قىلدىڭ؟ _ بۇ ھېكايىغا قىزىقىپلا قاپتىمەن
_ توي قىلىپ بولۇپ.
_ نېمە؟ سەن تېخى توي قىلىپ بولغانما؟ _ تېخىمۇ ھەيران بولۇپ سورىدىم مەن.
_ شۇنداق. لېكىن ئۈچ يىل ئۆي تۇتۇپ ئاجرىشىپ كەتتىم.
_ھە؟ _ ئىشەنمەيلا قالدىم، _ قارىسام مەندىن كىچىكتەك تۇرىسەن. . . سەن قانچە ياشتا توي قىلغان؟
_ 16 ياشتا، _ ئۇ ھېچ ئىپادىسىزلا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، _ ئۇ چاغلاردا مەن توي قىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم.
_ ئەمىسە توي قىلمىساڭ بولمامدۇ، بىلمىگەندىكىن.
ئۇ سۇز كۈلۈمسىرەپ قويۇپ چىرايىغا ئۆچمەنلىك، يىرگىنىشلىك نۇرى چاچتى.
_ ھەممىسى ئاشۇ دادامنىڭ ئويۇنى! ئەينى ۋاقىتتا مەن بىر ئوغۇلبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئۇ باشقىلارغا ئوخشىمايتتى. ئىنتايىن جىمغۇر، لېكىن مەن بىلەن بىللە بولسا شوخلىشىپ كېتىدۇ، _ ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇم ئەمدىلا يۈگۈرگەن چىرايىنى يەنە ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان غەمكىنلىك قاپلىدى،_ ھەممە ئىشتا مېنىڭ گېپىمنى يىرمايدىغان دادام شۇ بىر ئىشتا گېپىمگە كۆنمىدى. بىر ئاغىنسى بولىدىغان ئۇ ئاغىنىسىمۇ زەرگەر مەندىن سەككىز – ئون ياش چوڭ بالىسىغا ئەپ بېرىمەن، دەپ تۇرۇپلاۋالدى. ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ھەر قېتىم ئۆيىمىزگە كەلگىنىدە ماڭا شەھۋەت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپلا يۈرەتتى. ئۇ چاغلاردا بىلمەپتىمەن، ھازىرقىدەك ئەقلىم بار بولغان بولسا تويغۇزۇپ قوياتتىم ئۇنى. مېنى ئۇلار ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆردى. ئاپامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە دادام بىلەن بىر ئاغىنىسى بىر سودىدا كېلىشەلمەي ئاخىرى مېنى سودىغا ئارىلاشتۇرۇپ "قۇدا بولىمىز" دېگەن باھانە بىلەن تويۇمنى قىلىپ سودىسىنىمۇ پۈتكۈزۈۋالماقچى بوپتۇ. مەن ئوغۇل دوستۇمنى ئىزدەپ ئۇنىڭغا يىراقلارغا قېچىپ كېتىش، بۇ يەرگە چوڭ بولمىغۇچە قايتىپ كەلمەسلىك توغرىسىدا گەپ قىلغان بولساممۇ ئۇ قوشۇلمىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئۆيدە قالمىسا ئاتا – ئانىسى بەك ئەنسىرەپ كېتىمىش. ۋۇ لاتا! ئۇ بىر بالا بولسا مەنمۇ بىر بالىغۇ؟ دەپ ئىدىيەمدىن قەتئىي ئۆتمىدى. تېخى ماڭا نەسىھەت قىلىپ قىزبالىنىڭ يېشى چوڭىيىپ كەتسە يامان بولىدۇ، تويۇڭنى قىلىۋالغىنىڭ ياخشى، دېمەسمۇ شۇ ئاچچىغىمدا ئۆيگە يېنىپ كېلىپلا دادامغا توي قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىمنى دېدىم. ئەسلى مەقسىتىم توي قىلىپ ئاشۇ لاتىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ قويۇش ئىدى. بىراق مەن زور خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن. داداملار مېنى ئىزدەم پاتىپاراق بولۇپ قۇدامنىڭ يۈزىگە قانداق قارارمەن، دەپ تۇرغاندا مەن تۇيۇقسىز كېلىپ توي قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىمنى دېگەندىكىن داداممۇ، ئاپاممۇ، يىگىت تەرەپمۇ مېنىڭ بەڭۋاشلىقىمنى ئوبدان بىلگەچكە يەنە ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلماسلىقىم ئۈچۈن بەش كۈن ئۆيدىن سىرتقا چىققۇزماي ئالتىنچى كۈنى تويۇمنى قىلىۋەتتى. . .
_ سەندىن چوڭ بولغاندىكىن سېنى قەدىرلەپ ئۆتۈشى كېرەك ئىدىغۇ؟ _ سورىدىم مەن.
_ ئوغۇللار ئاشۇنداق دۆت!
_ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمە!
_ سىزنى دېمىدىم.
_ مەنمۇ ئوغۇلبالا تۇرسام؟
_ ئوغۇلبالىلارمۇ بىر نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ.
_ شۇنداقمۇ؟ ئاخىرىنى دېگىنە قېنى!
_ ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە ئاران بىر ئاي ئۆيدە ئۇخلىدى. باشقا چاغلاردا مەندىن بۇرۇنقى مابىتى بىلەن ئويناپ يۈردى. نەچچە قېتىم ئۆيگە بېرىپ كەلمىسەم ئىزدەپ بېرىپمۇ قويمىدى. ئاتا _ ئانام قوشنىلارنىڭ تاپا _ تەنىلىرىدىن قورقۇپ يەنە ئاپىرىپ قويدى.
_ نېمە؟ . . . ئاجرىشىپ كەتسەڭ بولمامدۇ؟
_ ئاجرىشىمەن، دېسەممۇ ئۇنىمىدى. مەن سودا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بوپ قالسام كىملەرگە قاش ئېتىپ يۈردۈڭ؟ دېگەندەك يوق يەردىن پۇتاق تېپىپ ئۆيگە كەلسىلا مېنى ئۇرىدۇ. باشقىلاردىن ئاڭلىسام شۇ ئاشنىسى بىلەن ھەتتا مەھەللىدىمۇ قولتۇقلىشىپ يۈرىدىكەن. مەنغۇ كۆرۈپ قالمىدىم. ئەمما قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن مەن قالامدىم؟ مەنمۇ ئۆينى تاشلاپ باشقا يەرلەردە ھەتتا باشقا شەھەرلەردە ئويناپ يۈردۈم. تېخى ئىككى قېتىم بىر دىسكوخانىدا ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇ مېنى تونۇماسقا سېلىۋالدى. ئۆيگە قايتىپ كېلىپ باشقىلاردىن ئاڭلىسام دىسكوخانىغا بېرىپسەن، دەپ يەنە ئۇردى. مەنمۇ ئۇنىڭ تاياقلىرىغا كۆنۈپ قالدىم. ئايال كىشى دېگەن ھەممىگە كۆنۈپ كېتىدىكەن. لېكىن غورۇرۇم پەقەت يول قويمىدى. يا ئۆي ئۆيدەك ئەمەس يا ئاجرىشىپ كەتكەنگە ھېساب ئەمەس نېمە كۈن بۇ ماڭا، دەپ توي قىلىپ ئۈچ يىل بولغاندا ئۇنىڭ تامىقىغا چاشقان دورىسى سېلىۋەتتىم. . .
_ ئۆلدىما؟
_ ياقەي، ئەسكىگە ئۆلۈم يوق، دېگەن بىكار ئېيتىلمىغان. ئۇ دوختۇرخانىدا ساقىيىپ چىقتى. چىققاندىن كېيىن مېنى شۇنداق قاتتىق ئۇرۇۋەتتى، تاسمىسى بىلەن ئۆيدىكى ئورۇندۇق، چۆگۈن . . . ئىشقىلىپ قولىغا چىققان نەرسىلەر بىلەن ھارغۇچە ئۇردى. ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالغاچقا قوشنىلارمۇ كىرەلمەي تاياقنى ھوشۇمدىن كەتكۈچە يەپتىمەن. ھوشۇمغا كەلسەم دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن. ئوڭ پۇتۇم ئىككى يەردىن سول پۇتۇم بىر يەردىن سۇنۇپتۇ. قورسىقىمغا بەك دەسسىۋەتكەچكە بالىلىق بولالمايدىغان بوپ قاپتىمەن. ئۇ مۇشۇنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن خېتىمنى بېرىۋەتتى. ئاتا _ ئانامغا ئۈچ يىلغىچە تۇغمىسا نېمە ئىش قىلىمەن بۇ قېچىرنى، دەپ يەنە ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىۋالدى. ھە بوپتۇ، دېمەي نېمە ئىلاج؟ ئاياللار بەزى چاغلاردا ئەرلەردىن بەك چىداملىق!
_ ئۇنداق بولسا قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭ؟
_ ۋاي - ۋۇي! سىز ساقچى بولسىڭىز بولغۇدەك، _ ئۇ ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ، _ سىز سورىمىسىڭىزمۇ مەن دەپ بېرىمەن. ھەممىنى تولۇق دەيمەن، پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇڭە!_ يەنە كۈلۈمسىرىدى. نېمىشقىكىن باشقىلار ماڭا كۈلۈمسىرەپ گەپ قىلسا ياۋاشلاپلا قالىمەن. بۇ مېنىڭ تومۇرۇممىكىن يە؟! نېمىلا بولمىسۇن خەقنىڭ گېپىنى بۆلىۋېتىشمۇ بىر خىل ئەدەپسىزلىك! ئۇنىڭ گەپلىرىدىنمۇ ياكى سوغۇق پىۋىنى ئىچىپمۇ كەيپىم خېلى يېشىلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ سۆزى يەنە سۈكۈتنى بۇزدى.
_ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئاتا - ئانامغا گەپمۇ قىلماس بولدۇم. بارلىق ئادەملەردىن بولۇپمۇ ئەر كىشى دېگەن نەرسىدىن بەك يىرگىنەتتىم. بەزىدە ياشاپ نېمىمۇ قىلارمەن، دەپ ئويلاپ كېتىمەن. لېكىن ھاياتلىق دېگەن يەنىلا تاتلىقكەن. ئۆيىمىزنىڭ ئۇدۇلىدا ناۋايلىق قىلىدىغان بىر بالا بولىدىغان مەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ بىر مەزگىل كەينىمگە كىرىپ قوغلىشىپ يۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن توي قىلىپ بولساممۇ ئۇ مېنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ ساقلاپتۇمىش. بەش ۋاخ ناماز ئۆتەيدىغان ساپ دىيانەتلىك بالىكەنتۇق ئىشىنىپلا قاپتىمەن. ئايال كىشى دېگەن بەك ھېسسىياتچان كېلىدىكەنمىز. ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە نىكاھ ئوقۇتۇپ بىر ئۆيگە كىردۇق. دەسلەپ بىرنەچچە ئاي شۇنداق ياخشى ئۆتكەن. ماڭا بەك كۆيۈنەتتى. ئۇ بىلمىسە كېرەك ھەركۈنى قورسىقىمنى سىيلاپ «تېپىۋاتامدۇ؟ مىدىرلىدىمۇ؟ . . .» دەپ سورايتتى. . .
شۇ چاغلاردا شۇنچىلىك ئازابلىنىپ كېتەتتىم. نېمىشقىمۇ بۇرۇنلا قېچىپ باشقا ئەرگە تەگمىگەندىمەن؟ دەپ ئۆزەمنى ئەيىپلەي كېتەتتىم. بەخت قانچە تېز كەلسە شۇنچە تېز كېتىدىكەن. بىر كۈنى بەك چىدىيالماي ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى دەپ ئەگەر بالا ئۈچۈن مەن بىلەن توي قىلغان بولسا مېنىڭ خېتىمنى بېرىۋېتىشنى ئۆتۈندۈم، بۇنداق ياشاشقا زادىلا چىدىمىغان ئىدىم. ئۇمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماي چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كەتتۇق. مەن توغرا چۈشىنىمەن بىر ئەرگە ئەلۋەتتە ئۆز مىراسىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان، چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئولتۇرىدىغان بالا بولمىسا بولمايدۇ - دە؟ بۇ ئىشنى چوڭلار بىلگەن بولسىمۇ ھېچنېمە دېمىدى. ئۇلار نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟ ئەينى ۋاقىتتا مېنى ھېلىقى ئاغىنىسىنىڭ ئوغلىغا بېرىپ خاتا قىلغانلىقىنى ئۇلارمۇ ھېس قىلغان ئىدى. بىر مەزگىل ئۆيدە تۇرغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن تۇرىۋەرگۈم كەلمىدى. ئەمما بىرەر ئىش قىلاي دېسەم قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمىسە؟ ئاخىرى بىر دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن سىلەرنىڭ بۇ شەھەرگە «ئوقەت» قىلغىلى كەلدۇق. دەسلەپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەندەك ھېس قىلىپ تازا كۆنۈپ كېتەلمىدىم. كېيىنچە باشقىلارنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن خېلى ئىشنىڭ ئېپىغا كىرىۋالدىم. مەن بۇ ئىشنى قىلمىسام قانداق جان باقىمەن؟ ئاتا - ئانامنىڭ پۇلىنى قەتئىي خەجلىمەيمەن. ئۇلار مېنى مۇشۇ كۈنگە قويغاندىكىن تازا پۇشايمان قىلسۇن! دەيمەن.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىر ھازا جىمىپ كەتتىم. ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئۆيىگە كەتكۈزۈۋېتىشىم كېرەكتۇ؟ لېكىن ئۇنىڭغا نەسىھەت ئارتۇقچە ئىشتەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە كىرىشىم بىرەرسىگە نەسىھەت قىلىپ «ۋىجدانلىق، غورۇرلۇق، مىللەت سۆيەر . . .» بولۇۋېلىش ئەمەس. مىللەتنى سۆيىمەن، مەن ۋىجدانلىق، دەپ شوئار توۋلىغان بىلەن قىلغان ئەمەلىي ئىشىم ئىسپات بولالمايدۇ. تۇرۇپ ئۇنىڭ دادىسىغا ئاچچىقىم كېلەتتى يەنە تۇرۇپ بۇرۇنقى ئېرىگە ئاچچىقىم كېلەتتى يەنە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كېلەتتى. كاللامدىكى تۈگۈن پەقەت يېشىلمەيۋاتاتتى. گۇناھنى كىمگە ئارتىشىمنى بىلەلمىدىم. دادىسىغا ئارتاي دېسەم ئۇنىڭ ئاغىنىسىنىڭ ئوغلى ئالىمەن دەپتۇ. بۇرۇنقى ئېرىگە ئارتاي دېسەم بۇمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ مابىتىغا كۆرسىتىپ قويماقچى بولۇپ تېگىپتۇ. بۇنىڭغا ئارتاي دېسەم دادىسى ئۆزىنىڭ سودا ئىشىنى پۈتتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن قىزىنى ۋاسىتە قىلىپ تاللاپتۇ. نېمانداق مۇرەككەپ. . .
سىزچۇ؟ _ ئۇ بېشىنى سىڭايان قىلىپ كۈلۈمسىرەپ خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى.
_ مەن نېمە بوپتىمەن؟ _ مەقسىتىنى چۈشىنەلمەي ئۇنىڭغا سوئال نەزىرىدە قارىدىم. شۇ تاپتا ئۇ نېمە دېسە شۇ گەپنى ئاڭلىغۇم بۇ ئارقىلىق ھېسىداشلىق قىلىۋاتقىنىمنى بىلدۈرگۈم كېلەتتى. ئامال بار ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ ھالال ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئۇ چىرايىمغا تىكىلىپ مۇلايىملىق بىلەن سورىدى:
_ سىز نېمە ئۈچۈن بۇنداق يەرگە كىرىپ قالدىڭىز؟ سىزدەك بالىلارغا ياراشمايدۇ بۇيەر.
_ كەيىپچىلىكتە گەپتىن - گەپ چىقىپ ئاچچىقىمدىلا كىرىپ قاپتىمەن، _ گېپىمنى تۈگىتىپ يەنە ئۆزگەرتىۋالماقچى بولدۇم. بايا كىرىشتىن بۇرۇن نېمە گەپلەرنى ئويلىغان مەن؟ ئەمدى ئەجەپ راست گەپ قىلىپ كەتتىميا؟ راستىمنى دېسەم ئۇنىڭ ھەممە گەپلىرىگە ئىشەندىم، شۇڭلاشقىمۇ ئۇنى ئالدىغۇم كەلمىدى.
_ سىز بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ؟ _ دپ سورىدى ئۇ.
_ ئەلۋەتتە! سەندە بار يۈرەك مەندىمۇ بار! قانداق بەختلىك قىز بالا ئۇ؟ ھېكايىڭىزنى مەنمۇ بىر ئاڭلاپ باقايچۇ؟ _ ئۇ گەپ قىلغاچ ئاستا يېنىمغا سۈرۈلۈپ كېلىپ يوتامغا بېشىنى قويدى، _ رەت قىلماڭ! بەرىبىر ئەتىدىن باشلاپ بىر - بىرىمىزنى تونۇمايمىز. يوتىڭىزدا يېتىپ ھېكايىڭىزنى ئاڭلىۋالاي. رۇخسەت قىلىڭ.
ئۇ بېشىنى يوتامغا قويۇۋىدى يوتىلىرىم تىترەپ كەتتى. سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ:
_ بۇ ياققا كېلىپ ئولتۇرە ئەمسە، _ دېدىم يېنىمنى ئىما قىلىپ.
ئۇ كارىۋاتقا چىقىپ مېنىڭ بېلىمدىن تۇتۇپ بېشىنى مۈرەمگە قويۇپ بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە خىيالغا چۈشۈپ كەتتى. سۆزۈمنى باشلىشىمنى كۈتۈۋاتسا كېرەك. بىر رومكا پىۋىنى ئىچىۋېتىپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ دەسلەپ ھېلىقى بۇزۇقنى قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى، ئەتىگىنى، چۈشلۈكى مەكتەپكە ئەكېلىپ، چۈشتە ۋە كەچقۇرۇن مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغانلىرىمنى، مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇ توغرىلىق ئۇرۇشقانلىرىمنى، ئىجاد قىلىپ ئېيتقان ناخشىلىرىمنى، مەكتەپتىن ئۇنى دەپ قوغلانغاندىن تارتىپ ئۇنىڭ ئاخىرىدا شۇ تاتلىق گەپنى ماڭا دېگەنلىكىگىچە ھەممىنى بىرنى قويماي سۆزلەپ بەردىم. ئويلاپ باقسام قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكى گېپىنى باشقىلارغا دەپ ئىچىنى بوشىتىۋېلىش، چارىسى بوپ قويىدىكەن. مېنىڭ كۆڭلۈممۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ يېنىك بوپ قالدىم. بۇرۇندىن ھېچكىمگە ئىچ گەپلىرىمنى دېمەيتتىم، ئويلاپ باقسام ئىچىدىكى گەپنى بىراۋلارغا دەۋېلىشمۇ خېلى ئەركىن قىلىپ قويىدىكەن ئادەمنى. ئۇ ئەركىلەپ:
_ ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بوپ قالغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى - ھە؟! ماڭا كۈندە ناخشا ئېيتىپ بەرسىڭىز، مەن سىزگە ھازىرقىدەك يۆلىنىپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتسەم. . . _ ئۇ شۇنداق دەپلا سۈكۈتكە چۈشۈپ كەتتى.
_ نېمە بولدۇڭ؟ _ گەپ قىلە! جىمىپلا كەتتىڭغۇ؟ _ سورىدىم ھەيران بولۇپ.
ئۇ بىردەم ئۆكۈنۈش ئىچىدە جىم ئولتۇرۇۋېتىپ:
_ لېكىن قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ سىلەردەك بالىلار بىزنى ياراتمايسىلەر! بىزدەكلەرنى كۆزگە ئىلمايسىلەر! _
_ مەن قاچان ساڭا شۇنداق دېدىم؟
_ مەن بىلىمەن.
_ تۈزۈك گەپ قىل ھە؟! ئادەم بىلەن ئادەم باراۋەر. ھەممىمىز خۇدانىڭ بەندىسى. سېنى كۆزگە ئىلمىغۇدەك گەپلەرنى قىلمىغاندىمەن، _ ئامال بار ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەسلىكنى ئويلايتتىم.
_ ئۇنداق گەپلەرنىغۇ قىلمىدىڭىز. سىزنىڭ كەسپىڭىز بار، مۇئاشىڭىز بار. ئەتراپىڭىزدا قىزلارمۇ پەرۋانىدەك ھەقىچان.
_ خاتالاشتىڭ! قىزلار مېنىڭ مىجەزىمگە كۆنەلمەيدۇ. سەن دەپ باقە! مېنىڭ مۇشۇ مىجەزىمنىمۇ ياقتۇرىدىغان قىزلار چىقارما؟
_ مەن ياخشى كۆرىمەنغۇ؟ ھېچكىم ياخشى كۆرمىسىمۇ مەن ياخشى كۆرسەملا بولدى.
ئۇ ئەركىلەپ ھىجىيىپ قويۇۋىدى نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. . .
گەپلىرىمىز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ئۇنىڭغا خىزمەتلىرىمنى، ئىش ۋاقىتلىرىدىكى خېرىدارلار بىلەن ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قىزىقچىلىقلارنى سۆزلەپ ئۇنى كۈلۈپ تېلىقتۇرۇپ قوياتتىم. ئۇمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، باشقىلارنى قانداق بوزەك قىلغانلىقىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى. بەزى گەپلىرىگە گەپ قىستۇرۇپ ئۇنى جىلە قىلىپ تازا كۈلەتتىم ئۇ جىلە بولۇپ مۈرەمگە شاپىلاقلاپ كېتەتتى. گاھىدا ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىپ قارىۋالاتتى. نېمە قىلساڭ قىلمامسەن، دەپ كارىم بولمىسا يەنە ھىجىيىپ مەن تەرەپكە ئۆرۈلۈپ كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك «ئومىقىم، ئومىقىم!» دەپ تېخى. ئۇنىڭ بىلەن ياخشى كۆرىدىغان يامان كۆرىدىغان نەرسىلىرىمىز ھەققىدە ھەتتا يەيدىغان نەرسىلەرگىچە پاراڭلاشتۇق. پەقەت زېرىكىش ھېس قىلمىغانكەنمەن. ئۆمرۈمدە بىرەر قىز بالا بىلەن بۇنداق ئېچىلىپ - يېيىلىپ، كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ باقماپتىكەنمەن. شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ تاڭغا يېقىن پىۋىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك بەك ئۇيقۇم كەپ كەتتى. لېكىن بۇنداق يەردە ئۇخلاشنى خالىمايتتىم. ئۇمۇ بىلگەندەك ئىككىنچى قەۋەتتىكى مېھمانخانىدىن ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بىر ياتاق ئالدى.
_ بۇيەر خېلى پاكىز، _ دېدى ئۇ ياتاققا كىرگەندىن كېيىن.
_ بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ، مېنىڭ ئالدىمدا كىملەر كىرىپ نېمە ئىشلارنى قىلىپ چىقىپ كەتتى بۇيەردىن، بۇنى سەن بىلەمتىڭ؟ _ دېدىم مەن.
_ ئۇغۇ شۇ. مەن چۈشۈپ كەتتىم ئەمىسە!
_ ماقۇل. ئۆزەڭنى ئاسرا! _ بۇ گەپ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتتىكىن، راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بىلەن يەنە پاراڭلاشقۇم باتتى.
_ راستلا چىقىپ كېتەيما؟ _ ئەتەي تەنە قىلىپ سوراۋاتاتتى.
_ چىقىپ كەتكۈڭ بولسا زورلاپ ئېپ قالغىلى بولاتتىمۇ؟ _ كۈلگۈم كېلىپ باشقا ياققا قارىۋالدىم. ئۇ بەك خۇش بوپ كەتكەن بولسا كېرەك كەينىمدىن كېلىپ قۇچاقلىۋالدى. بۇ قىلىقلىرىنى ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ قوپاللىق بىلەن رەت قىلىۋېتەلمىدىم. -
_ چىقىپ كەتمەيمەن تازا! سىز ئۇخلاڭ. مەن سىزگە قاراپ ئولتۇرىمەن. يالغاندىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالماقچى بولۇپ شۇ يۇمغانچە ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. ئويغانسام يېنىمدا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاخشام ئىچكەن ھاراق ئۆزۈمگە پۇراپ پىۋا چىشلىۋالغان چېغى باشلىرىممۇ ئېغىر، كۆڭلۈم ئاينىپ تۇراتتى.
_ تېنچلىقمۇ؟ ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ _ ئۇ يەنە كۈلۈمسىرەپ سورىدى.
ياخشى. . . سەن ئۇخلىمىدىڭما؟
_ ياق! سىزگە قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇخلىغاندىكى ھالىتىڭىز بەك ئوماقكەن. ھە راست! يەنە تېخى جۆيلىدىڭىز.
_ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ مەن ئەزەلدىن جۆيلىمەيدىغان تۇرسام؟
_ ئىچىۋالغاندا جۆيلۈپ قويىدىغانسىز؟
_ ئەمسە نېمە دەپ جۆيلىدىم، _ قانمىغان ئۇيقۇمنى ئېچىپلاۋەتتى بۇ.
_ دىلخۇمار! سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. مەن ساڭا ئاشىق، دېدىڭىز. ھى ھى ھى........ ¬
ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ دىلخۇمار ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلگەن ئىدىم.
_ ماڭەۋا! ئۇنداق ئاسان بىرسىگە ئاشىق بوپ قالمايمەن مەن،_ سۆزلىگەچ سائەتكە قارىسام ئىشقا چىقىشىمغا ئازلا ۋاقىت قاپتۇ. ئالدىراپلا يۈزلىرىمنى يۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشماقچى بولدۇم.
_ مەن ئىشقا ماڭاي!
_ يەنە بىردەم توختاپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟ سىزگە ناشتىلىق ئەكىرىپ بېرەي!
_ بولدى. شۇ تاپتا گېلىمدىن بىر نەرسە ئۆتمىكىمۇ تەس. ماقۇل ئەمسە! كېيىن كۆرۈشەيلى!
_ نېمە؟ كېيىن كۆرۈشەيلى؟ سىز دېدىڭىز ھە؟! _ كىچىك بالىلاردەك خۇش بوپ كەتتى ئۇ. «كېيىن كۆرۈشەيلى» دېگەن گەپنىمۇ قانداق دەپ سالغاندىمەن. ھە مەيلى، ئىچىم پۇشۇپ قالغان چاغدا مۇڭدىشارمەن. ھازىرچە مېنى چۈشىنىدىغان ئادەم مۇشۇ بولغاندىكىن.
_ تېلېفون قىل! _ ئۇنىڭغا تېلېفون نومۇرۇمنى دەپ بېرىپ ئالدىراپلا چىقىپ كەتتىم. ئۇ كۈنى كەيپىياتىم بىرتەرەپتىن ياخشى بولسا يەنە بىرتەرەپتىن ئۇنىڭ ھېكايىسى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيتتى. ئۇنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەۋاتقان چاغدىكى غەمكىنلىك قاپلىغان چىرايى، ماڭا ئەركىلىگەن چاغدىكى كۈلكىسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. ئۆز - ئۆزەمدىن توختىماي سورايتتىم «ئەجىبا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەنمۇ؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟» شۇنداق دېسەملا كاللامدا ئىككى غەيرەت پەيدا بولاتتى. بىرى: «ياخشى كۆرۈپ قالساڭ نېمە بوپتۇ؟ مۇھەببەت دېگەن شەرتسىز بولىدۇ. ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، يامان يولدىن قايتۇرساڭ بولىدىغۇ؟ . . .» دەيتتى. يەنە بىرى:«بولمايدۇ! سەن قانداق ئادەم؟ ئۇ قانداق ئادەم؟ ئۇ قانچىلىغان ئەركىشى بىلەن يېتىپ تېنىنى بۇلغاپ بولدى، سېنىڭ پاك تېنىڭ ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ . . .» دەيتتى. شۇنداقتىمۇ كۈنلىرىم ئۇنىڭ بىلەن خۇشال ئېچىلىپ پاراڭلاشقان گەپلەرنى ئويلاپ خېلى ئېچىلىپ قالغان ئىدى. ئەمدى بۇرۇنقىدەك كۈندە ھاراق ئىچمەس بولدۇم. كەچلىكى تورخانىغا كىرىپ مۇنبەرلەردىن ھەرخىل مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئىزدەپ ئوقۇيتتۇم، ئىسلام تور بېكەتلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلاتتىم. مەقسىتىم قەلبىمدىكى ئىككى غەيرەتنىڭ قايسىسىنىڭ گېپىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىسپات تېپىش، كۆڭلۈمنى توختىتىش ئىدى. بىر كۈنى تورخانىدا ئولتۇرسام سىرتتىن بالىلار يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ، ئۈستى - بېشى ھۆل. «نېمە بولدۇڭلار؟» دېسەم:«سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ. بەك سوغۇق!» دېمەسمۇ خۇشلۇقۇمدا كومپىيۇتېرنى ئۇنتۇپ سىرتقا ئۆزەمنى ئاتتىم. يامغۇرغا بەك بەك ئامراقچۇ مەن.
تالا ھەقىقەتەن سوغۇق ئىدى. لېكىن كۆڭلۈم شۇنداق ئازادە. يامغۇردا ئاستا غىڭشىپ كېتىۋاتسام يانفونۇم سايرىدى. شۇ تاپتىكى خۇشاللىقىمدا گەپدانلىقىم تۇتۇپ ئۆلۈۋالىمەن، دېگەن ئادەمنىمۇ خۇش قىلىپ نىيىتىدىن ياندۇرۇۋېتىدىغانغا ئىشەنچىم باتتى. تېلېفوننى خۇشال ئالدىم.
_ ئەسسالـــــۇم ئۇستام! _ مەن بىرەر ئاغىنەم ئىچىمىز، دەپ تېلېفون قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. تېلېفۇن ئۇرغا ئۇكەنتۇق.
_ كەسە خېنىم، كەسە! كەپقاپلىغــــــــۇ؟ ھا ھا ھا `````
ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىلى ئىككى ھەپتىدەك بوپتىكەن، شۇنداق جاراڭلىق ئاڭلىنىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇلاپلا: :
_ كەلدۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇق! ھا ھا ھا ```````
_ قانداق ئەھۋالىڭىز ئوماق!
_ ياخشى، ياخشى! ئالامەت! ئۆزەڭچۇ؟
_ سىز ياخشى بولسىڭىزلا مەنمۇ ياخشى. سىز يامغۇرغا ئامراقلىقىڭىزنى دېگەنتىڭىز ئۇنتۇپ قالمىدىم. شۇڭا نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ، دەپ تېلېفون قىلغان. سىزنى سېغىندىم.
_ شۇنداقمۇ؟ ئەمسە كېلە! مەن خەلق مەيدانىدا.
_ ماقۇل قېچىپ كەتمەڭ ھە؟ ھى ھى ھى....... ھازىرلا بارىمەن. خوش!
_ ھە!
كۆپ ئۆتمەيلا ئۇ كەلدى. مەن باشتا دېمىگەنمۇ ئۇنى سىرتتا كۆرگەن ئادەم ھەرگىز ئۇنىڭ ھېلىقىدەك ئىش قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدۇ، دەپ. ئۇ شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۈنلۈك تۇتۇپ، ئاپپاق مايكا، پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان تۇرقى، شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرى بىلەن خېلى - خېلى قىزلاردىن قېلىشمىغۇدەك ھەتتا ئېشىپ چۈشكۈدەك چىرايلىق بوپ كەتكەنتى. ئۇنى كۆرۈپ بۆلەكچىلا خۇشال بوپ كەتتىم.
_ ئۇزاق ساقلىتىۋەتتىمۇ؟ _ ئۇ يېنىمغا كېلىپ سورىدى.
_ ھە ئە! ئىككى سائەت بولدى مەن ساقلىغىلى، ھېچكىمنى بۇنداق ساقلاپ باقمىغان، _ دېدىم كۈلگۈم كەلسىمۇ ئۆزەمنى زورىغا بېسىپ.
_ ساقلايسىز تازا. مېنىڭ يىگىتىم بولغاندىكىن نېمە بولاتتى؟
_ كىم سېنىڭ يىگىتىڭكەن؟
_ بولدى، بۇنى تالاشماي بىللە ئايلىنايلى! _ ئۇ كۈنلۈكنى ئامال بار مەن تەرەپكە تۇتاتتى.
_ ماڭا كۈنلۈك بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئۆزەڭگىلا تۇتە!
_ ياق! سىز مەندىن مۇھىم. ئاغرىپ قالسام ھېچنېمە بولمايدۇ، لېكىن سىز ئاغرىپ قالسىڭىز خىزمىتىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ ھەم مەن بەك ئەنسىرەيمەن.
_ پاھ! گەپكە ئۇستىلىقىنى. . .
كۈنلۈك ئاستىدا پاراڭلىشىپ ماڭغاچ باغۋەننىڭ ھېلىقى «يامغۇردا قالغان ئاشىق - مەشۇقلار» يادىمغا كېلەتتى. يۇرتىمىزدا يامغۇر ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭا ئوخشاش يامغۇر مەستانىلىرى كەچ بوپ كەتكىنىگە قارىماي بىللە ئايلىنىشىپ يۈرەتتى.
_ مەن نېمە دېگەن بەختلىك، _ دېدى ئۇ بېشىنى مۈرەمگە قويۇپ.
_ قانداق دەيسەن؟
_ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بىلەن يامغۇردا سەيلە قىلالىدىم. بۇ تۇنجى قېتىم يامغۇردا بىر ئوغۇلبالا بىلەن سەيلە قىلشىم. سىز بىلمەيسىز، بۇ مەن ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى. بۇرۇن يامغۇردا دائىم ئۆزەم يالغۇز قالاتتىم. كۆڭلۈمدە ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمنى قولتۇقلاپ ئەركىلەپ مېڭىشنى ئويلايتتىم. مانا بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. رەھمەت سىزگە! _ ئۇ شۇنداق دېگەچ بېشىنى مەيدەمگە قويدى. نېمىشقىكىن ئۇ «رەھمەت سىزگە!» دېگەندە ئانچە خۇش بولمىدىم.
_ مەنمۇ بىر قىزبالا بىلەن تۇنجى قېتىم يامغۇر سەيلىسى قىلىۋاتىمەن. مەنمۇ بەك خۇشال! ساڭىمۇ رەھمەت!
_ رەھمەت دېمەڭا! بىر خىللا ئاڭلىنىدىكەن.
_ مانى؟ ئۆزەڭ دەيسەن؟ مېنى دېگىلى قويمامسەن؟
_ ھە ئە! سىز دېمەيسىز، مەن دەيمەن، _ ئۇ ئەمدى بوينۇمدىنلا قۇچاقلىۋالدى. مەنمۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ بەللىرىدىن بوشقىنا قۇچاقلىدىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئويلىغۇممۇ يوق ئىدى. لېكىن كۆڭلۈم يەنە بىر قىسمىلا.
_ سىزگە بىر گەپنى دەي دېگەن.
_ دېگىنە!
_ مەن ئۇ ئىشنى قىلمايۋاتىمەن. ھازىرچە بىكار، لېكىن 3 - 4 كۈنگە قالماي مېۋە - چېۋە ساتماقچى. سىز كېتىپ جىق ئويلاندىم. بۇنىڭدا سىز ئۈچۈنمۇ ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ ياخشى. ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتىمەن. ئۇ ئىككى ئايلىق ھاياتىم بىلەن خوشلاشماقچى. قانداق قارايسىز؟
_ راستما؟ _ كۆڭلۈم «ۋاللىدە» يورۇپ كەتتى. «خۇشاللىق كەلسە قوشلاپ» دېگەندەك، يامغۇر ياغسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن سەيلە قىلسام، ئەمدى ئۇمۇ ھېلىقى ئىشىدىن قول ئۈزسە . . . خۇشاللىقىمدا ئۆزەمنى باسالماي ئۇنىڭ ئېڭىكىدىن تۇتۇپ ئۆزەمگە قاراتتىم.
_ سىزنىڭ خۇش بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم، ھى ھى ھى. . . _ ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى كۈلۈمسىرىشى باشقا چاغلاردىكىدىنمۇ ئىللىق، ئوماق تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇنى تارتىنمايلا باغرىمغا چىڭ باستىم. ھېچنېمە دېگۈم كەلمىدى. ئۇمۇ زۇۋان سۈرمىدى. ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنىمۇ چۈشىنىمەن، مېنىڭچە ئۇمۇ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىدۇ. شۇنداق قۇچاقلىشىپ خېلى ئۇزاق تۇرۇپتىمىز. بۈگۈن كەچنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كوچا ئايلىنىپ ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم.
_ بۈگۈن كەچنى بىللە ئۆتكۈزەيلى! _ دېدىم مەن خۇشال ھالدا.
_ ماقۇل! مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان.
_ يۈر ئەمىسە!
_ ئۇ مېنى قولىنى قويۇۋەتسە خۇددى مەن قېچىپ كېتىدىغاندەك مەھكەم قولتۇقلىۋالغان ئىدى. بىللە ماڭدۇق. شۇ تاپتا كۆزۈمگە بارچە نەرسە ئىللىق، گۈزەل كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. ياشلار يولىدىكى تەكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىدىكى توپا - چاڭلارنى يامغۇر سۈيى يۇيۇپ ياپيېشىل قىلىۋەتكەن ئىدى. يەرمۇ ئەينەكتەك سىيلىق، كوچا چىراقلىرىنىڭ، ئەتراپتىكى دۇكانلارنىڭ چىراقلىرىنىڭ شولىسى چۈشۈپ تېخىمۇ كۆركەم قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر سۈيى ھۆل قىلىۋەتكەچكە ئۇزۇن كەتكەن ياشلار يولىدا يولنىڭ ئۈستىمۇ تەك شاخلىرى، ئاستىمۇ تەك شاخلىرىدەك ئۆزەڭنى خۇددى ئەينەك ئۈستىدە ماڭغاندەك ھېس قىلىسەن. نېمە دېگەن گۈزەل مەنزىرە بۇ؟! بۇرۇن ھېس قىلماپتىكەنمەن.
_ نېمە ئويلاۋاتىسىز؟
_ ھېچنېمە.
_ دېگۈڭىز يوق!
_ ئۇنداق ئەمەس، مەن ئىلھام ئىزدەۋاتىمەن. بىرەر مەنزىرە تەسۋىرى ياكى شېئىر يېزىپ قالارمەنمىكىن، دەپ.
_ سىز يازغۇچىلىق قىلمىسىڭىز؟
_ مەن دېگەن كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇن. ھى ھى ھى. . . يازغۇچىلىقمۇ قىپ قويىمەن. يېزىپ مۇنبەرگە يوللايمەن، مۇنبەردە نۇرغۇن تورداشلار كۆرۈپ باھا بېرىدۇ. پىكىر ئالماشتۇرىمىز.
_ نېمە ئۇ مۇنبەر دېگەن؟
_ سەن بىلمەيسەن راست! مۇنداق بولسۇن ئەتە كەچتە سېنى تورخانىغا ئەكىرىپ مۇنبەرنى كۆرسىتىپ قوياي!
_ نېمىدېگەن ياخشى! ماقۇل. گەرچە بىلمىسەممۇ ئۇ يەر چوقۇم جەمئىيەت ئوينايدىغان بالىلار كىرمەيدىغان، ئىلمىي، مەدەنىيەتلىك كىشىلەر توپلىشىدىغان جاي!
_ ئۇ جاي ئەمەس. ئۇ دېگەن مەۋھۇم دۇنيا! !
_ مەرھۇم دۇنيادىكى ئادەملەرنى قانداق كۆرىسىز؟ شېئىرلىرىڭىزنى قانداق ئوقۇپ بېرىسىز؟ مەرھۇم دېگەن ئۆلۈپ كەتتى دېگەن گەپقۇ؟:
_ ئــــاھــــــــــاي! مەرھۇم ئەمەس، مەۋھۇم!
_ مەۋھۇم دېگەن نېمە گەپ؟
_ ۋاي بولدىلا! ساڭا چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن. ئەتە كىرسەڭ چۈشىنىپ قالىسەن. باشقا گەپ دېيىشەيلى!
_ ماقۇل!
بىللە كېتىۋاتىمىز. گەپلىرىمىز، كۈلكىلىرىمىز توختاپ قالىدىغاندەك ئەمەس. بېكەتنىڭ كەينىدىكى كەچلىك بازارغا بېرىپ سۇيقاش ئىچتۇق. ئۇنىڭغا «ئىككى قاچا ئالايلى» دېسەم ئۇنىمىدى «بىر قاچىنى ئىچىپ بولالمەيمەن، سىزلا ئىچىڭ. مېنىڭ قورسىقىم توق» دەپ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاچا سۇيقاشنى كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تەڭ ئىچتۇق. ئۇ بىر چوكا مەن بىر چوكا يەپ. باشقىلارنىڭ سوغۇقتا تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەك «ئۇنچە سوغۇق ئەمەسقۇ؟» دېيىشىپ بىر - بىرىمىزنىڭ بىلەكلىرىنى تۇتۇپ باقاتتۇق. ئۇنىڭ بىلىكى مۇزلاپ كېتىپتۇ، لېكىن دېسەم قەئىي ئۇنىمايدۇ «توڭۇمىدىم» دەپ. مېنىڭ بىلىكىمنى تۇتۇپ بېقىپ «سىز توڭۇپ كېتىپسىز، ئەتە زۇكامداپ قالمەڭ يەنە!» دېگەنتى مەنمۇ ئۇنىمىدىم نەدە توڭۇيمەن مەن! يۈرىكىم شۇنداق ئىللىق! ھەنىم بولسا كەلگۈسى مىللەتنىڭ ئانىسىدىن بىرى توغرا يولغا قايتماقچى. ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. كەچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇخلىدۇق. ئۇنى قۇچاقلاپ شۇنداق راھەت ئۇخلاپتىمەن. ئەتىسى قوپۇپ ئىككىمىزلا زۇكام ...............