جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كيىن جىددى ھەركەتكە كىلىپ ، لى ئەپەندىنىڭ ئۆينى تىپىپ كەلدى ...تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بۇ چاغدا لى ئەپەندى قولىغا بىر پارچە ئاق ۋاراقچىنى چىڭ سىقىمداپ كۆزىنى ئاچقان پىتىچە ئاللا قاچان مەڭگۇلۇك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى ...قۇتقۇزغۇچى خادىم ئاۋايلاپ قولدىكى ئاق ۋاراقچىنى سۇغۇرۇپ ئىلىپ ئىچىپ قارىدى ....ئۇنىڭغا پەقەت بىرلا قۇر خەت " ، K594- نومۇرلۇق پويىز ، ئايشەمگۇل " دەپلا يىزىلغان ئىدى ، بۇ چاغدا سائەت 11يىرىم بولغان ئىدى ..
مانا بۇ ئازغان كوڭۇلنىڭ ئاقىۋىتى ...مانا بۇ ئۆزىنىمۇ ھەم ئۆزىگىنى ئالداپ كەلگەن شىرىن شىكەر بىر يىللىق نەتىجىسى يوق نىكاھىسىز تۇرمۇشنىڭ نەتىجىسى ..ئەمدى ھەممىسى تۇگىدى..
1990- يىلى مىزان ئايلىرىنىڭ ئاخىرى يەنى 20 يىلدىن كيىن :
تۇرمە دەرۋازىسىنىڭ كىچىك قاناتلىق قارا ئىشكى تولىمۇ سەت ئاۋاز چىقىرىپ غىجىرلاپ ئىچىلدى ، ئارقىدىن قارماقتا شەرىق ئاياللىغا خاس چىراي چىقىپ تۇرىدىغان ، چاچلىرى پاخپىيىپ ئاق بالىغان ، يۇزلىرىگە چوقۇر قورۇق باغلاپ كەتكەن بىر ئايال بىر بىسىپ ، ئىككى بىسىپ چىقىپ كەلدى..بۇ دەل 20 يىل بۇرۇن لى ئەپەندىنى زەھەرلەپ ئولۇشىگە سەۋەپچى بولغان ئايشەمگۇل ئىدى..20 يىللىق ئازابلىق ھەم ئاچچىق تۇرمە ھاياتى ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى ئاشۇ گۇزەل چىراي ، زىلۋە بەدەنلىرىنى ئۆگەرتىپ ، قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغان ئىدى ...
ئۇ شۇ تاپتا نەگە بىرىپ ، نەدە تۇرۇشنى بىلمەيتتى ، 20 يىل بۇرۇن ئۆزىگە تولىمۇ تونۇش بولۇپ كەتكەن بۇ نەنجىڭ شەھىرى تىخىمۇ گۇزەل بولۇپ ، باشقىچە تۇسكە كىرگەن ئىدى ..بارلىقى ئۆزگەرگەن ، ئۆزىگە تونۇش بولغان يول ھەم كوچىلاردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى .. ئىككى كۇن ئاچ قورساق تەمتىرەپ يۇردى ، كىچىلىرى قايسىدۇر بىر كۆرۇكلەرنىڭ ئاستىدا تىتىرەپ تاڭنى ئاتقۇزدى ..شۇ تاپتا ئۇنىڭ قورسىقى بەكمۇ تارتشىپ ئاغىرغان ھەم ئاچقان بولۇپ ، بىر نەچچە دۇكان ، ئاشىخانىلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ خوجايىنلارغا ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جەريانىدا قاپارغان ھەم قاداق باسقان قوللىرىنى بىلىپ بىلمەي سۇنۇپ قالدى ..ھەممىسىدىن ئوخشاشلا " ماڭ ماڭ ..كەت كەت " دىگەن تولىمۇ يىقىمسىز سەت گەپنى ئاڭلىغان بولدى ...ئۇنىڭ كۆزلىرىدە پەيدا بولغان قان ئارىلاش ياش يۇقى ئادەمنىڭ يۇرەك باغىرىنى ئىزىپ تاشلايتتى ....ئىسىت ! ياشلىقتا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئىزىپ كەتتىدە . ئۇ ماغدۇرسىز قەدەملىرىنى يەنە داۋاملاشتۇردى ..... مانا ئۇ مىڭىۋاتىدۇ ..توختاپ- توختاپ دەم ئىلىپ مىڭىپ كىلىۋاتىدۇ ...مانا ئەمدى ئۇنىڭغا يۇك توشىۋاتقان پاراخۇتلارنىڭ گۇرۇلدىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلانغىلى تۇردى ، دىمەك ئۇ چاڭجىياڭ دەرياسىغا يەنە ئازلا ماڭسا يىتىپ كىلەتتى ...بىر قەدەم ...ئىككى قەدەم ... مانا ئۇنىڭ ئەمدى كۆرگىنى نەنجىڭ شەھىرىگە قەدەم قويغان تۇنجى مىنۇتىدا ھاياجان ۋە خوشاللىققا چومگەن ھالدا كورگەن چاڭجىىياڭ دەرياسى بولدى ، ئاندىن توختاۋسىز ئىغىر قەدەملەر بىلەن چاڭجىياڭ چوڭ كورۇكى ئۇستىگە چىقىپ كەلدى ..
-ماۋۇ 2 مو پۇلىنڭ ئۇستىدىكى كۆرۇك بىز ئۆتۇپ كىتىپ بارغان كۆرۇك شۇما ؟
بۇنىڭدىن 21 يىل بۇرۇن نەنجىڭ شەھىرىگە كىرىپ كەلگەن چىغىدا ، كىچىك بالىلاردەك ئەركىلەپ ساددىلارچە لى ئەپەندىدىن سورىغان سوئالى دەرۋەقە ئىسىگە كەلدى . بۇ كورۇكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4589 مىتىر بولۇپ ، ئايشەمگۇل شۇ تاپتا كۆرۇك ئۇستىدە ئۇنتىنىسىز كۆز ياش قىلىپ ئاشۇ ئوتكەن ئەسلىمىلىرىنى ئەسلىگەچ كۆرۇكنىڭ ئولتۇرسىغىمۇ كىلىپ قالدى ....
ئۇ ئاچچىق ھەسىرەتتە توۋەنگە قارىدى ، دەريا تولىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ ، كىچىك دولقۇن ئۇرۇپ شۇنچە تىز ئاقاتتى ، ئۇ كۆرۇك توسمىسنىڭ بىرىنجى بالدىقىغا پۇتىنى ئالدى ، دىمەك ئۇ مۇشۇ يەرىن سەكىرەپ ، بارلىقىغا خاتىمە بەرمەكچى ئىدى .....
ھاياتتا تولىمۇ قىزىقارلىق ھەم ئويلىمىغان ئىشلار يۇز بىرىدۇ ..ھاياتقا ئوتتەك ئىشەنچ ۋە ياشىغۇسى بار ئادەملەر قانداقتۇر سەۋەبلەر بىلەن دۇنيادىن ۋاقتىسىز ئايرىلسا ، ھاياتقا نىسبەتەن ھىچقانداق ئىشەنىچى يوق ھەم ئولىۋالماقچى بولغانلار قانداقتۇر يەنە بىر سەۋەبلەر بىلەن ھايات قالىدۇ ....دىمەك ئايشەمگۇلنىڭ رىزىقى تىخى تۇگىمىگەن بولسا كىرەك ... دەل شۇ چاغدا نەنجىڭدا بازارچىلىق قىلدىغان 3 بالا كۇلكە چاقچاق بىلەن پاراڭلاشقاچ بۇ كۆرۇكتىن ئوتۇپ كىتىپ باراتتى ..ئايشەمگۇلنىڭ بىنورمال ھەركىتى پاكار ھەم يۇمىلاق كەلگەن بۇرىت ساقاللىرى قويۇق ئۆسكەن بالىنىڭ دىققىتىنى تارىتتى ...
-ئاداش ..ئاداش ...جىم ....جىم .. گەپ قىلماڭلار ... قاراڭلار ئاۋۇ ئايالنى ....
-قايسى ....قايسى ...ئاۋۇ ئايالما ؟ ئۇ ئايالغا نىمە بوپتۇ .
- سىلەر ھىس قىلمىدىڭلارما ...ئىش ھەركەتلىرى ئازىراق غەيرىدەك قىلىدۇ ...مىنىڭ تۇيغۇم شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ئۇ كۆرۇكتىن سەكىرۋالماقچى ..
-بىرەرسى سەكىرگەنگە تۇگەپ قالمايدۇ بۇ خەق ، سەكىرسە سەكىرمەمدۇ ، مەن كۆرۇكتىن سەكىرگەن ئادەمنى كۆرۇپ باقمىغان ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاماششا قىلارمەن شۇ .....كارىڭلار بولمىسۇن ، - دىدى چىرايىدىن بىر خىل سۇر چىقىپ تۇردىغان ئىگىز بويلۇق يىگىت ...
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى باللا ، شۇنداق دەپ يۇرۇپ ئەتە - ئۆگۇن بىزنىڭ بىشىمىزغىمۇ بۇنداق كۇنلەر كىلىپ قالمىسۇن ، باشقىلارنىڭ ئولۇمىنى تىلىگۇچە ، ئۆزىمىزنىڭ ئۆمرىنى تىلەيلى ....مەيلى نىمە بولمىسۇن بىز ئاستا قىشىغا بىرىپ كۇزۇتۇپ باقايلى ..مىڭىڭلار ...
بۇ يىگىتلەر ئايشەمگۇلنىڭ چاچلىرى چۇگۇلۇپ ئىككى يان يۇزىنى توسۇۋالغان بولغاچقا چىراينى كورەلمىگەن ئىدى ، ئۇلار ئۇن چىقارماي ئاستا مىڭىپ ئايشەمگۇلنىڭ ئارقا تەرىپىگە كىلىپ توختىدى ..دەل مۇشۇ چاغدا ئايشەمگۇل سۇپسۇزۇك كۆك ئاسمانغا بىر قىتىم قارىۋىتىپ ، ئۆزىنى توۋەنگە قارىتىپ قويۇپ بەردى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان دەقىقىدە شۇنچە تىزلىك بىلەن ئىتىلغان قوللار ئايشەمگۇلنىڭ قولىغا ، پۇتىغا ئىسىلىشقا ئۇلگۇرگەن ئىدى، كۆرۇكتىن ئوتۇپ كىتىپ بارغان مىھرى مۇھەببەتتىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن...پەقەت ۋە پەقەت ئۆزى ئۇچۇنلا ياشايدىغان باشقا ئادەملەر قاراپ - قاراپ قويۇپ ھىچنەرسە كۆرمىگەندەك ئۆز يولىغا مىڭىپ كىتىۋەردى ....
تولىمۇ ھالسىرغان ئايشەمگۇل كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئۇزۇپ - ئۇزۇپ توۋەن ئاۋازدا :
- سىلەر مىنى نىمىشقا قۇتقۇزسىلەر ...مىنى قويۇپ بىرىڭلار ....مەن ئولۇشىم كىرەك ، - دىگەن گەپلەرنىلا دىيەلىدىيۇ ھوشىدىن كەتتى ...
-ۋاي ۋاي ...بۇ ئۇيغۇر ئاچاش ئىكەنغۇ ..تىز بولۇپ قۇتقۇزۋالايلى ،- دىدىدە ئالاقزادە بولغان يىگىتلەر ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرغان، تولىمۇ رەتسىز بولغان كىچىككىنە بىر ئىغىزلىق قونالغۇ ئۆيگە ئىلىپ كىلىپ كارۋاتقا ياتقۇزدى .. ئارقىدىن كالا گۆشى سىتىۋىلىپ كىلىپ شورپا قاينىتىپ ۋە قۇۋەتلىك دورىلارنى ئىلىپ كىلىپ ئىككى كۇن ھالىدىن تولىمۇ ياخشى خەۋەر ئالدى ...ئەلۋەتتە بۇ بازارچى يىگىتلەر مىللەتنىڭ يۇزىنى توكۇدىغان ئاشۇنداق پەس ۋە مەينەت كەسىپىنى قىلۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق بۇلارنىڭ يۇرىكىدە يەنىلا مىللىتىگە بولغان كۆيۇنۇش ، مىھىر - مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى لاۋىلداپ ياناتتى ...
ئايشەمگۇل بۇگۇن خىلىلا ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى ..
- ئاچا ، سىز نىمىشقا بۇنداق يولنى تاللىدىڭىز ، ئەجىبا ئىدىيىڭىزدىن ئۆتكۇزەلمەيدىغان زادى قانداق ئىش يۇز بەردى ... ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنداق قىلمىسىڭىز بولاتتى ...
- ئۇكىلىرىم ، ئيتىپ كەلسەم ئوتمۇشىم بىر رومان ، ھەم قايسى تىل قايسى يۇز بىلەن سىلەرگە ئيتالايمەن ...سىلەردىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى مەندىن ھىچنەرسىنى سورىماڭلار ....
- ئەمسە يۇرتىڭىزنى سورىساققۇ بولا ......
-...............
- ھىچنەرسىگە جاۋاپ بەرمىگەنلىكىڭىزگە ھەم ئولۇم يولنى تاللىغىڭىزغا قارىغاندا قەلىب يارىڭىز چوڭقۇر ئوخشايدۇ ...بوپتۇ ..بىز سورىمايلى ..ئەگەر شىنجاڭغا قايتىماقچى بولسىڭىز بىز بىلەت ئىلىپ يولغا سىلىپ قويايلى ، بىزنى خۇددى ئۆز ئۇكىڭىزدە، ئۇرۇق تۇققىنىڭىدەك كۆرۇپ تارتىناي دەڭ .
بۇ ئۇچ يىگىتنىڭ مىھىرى مۇھەببەت بىلەن تولغان سۆزلىرى ئايشەمگۇلگە ئۆيدىكىلەرنى ، ئاتا - ئانىسىنى ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ئىسىگە سالدى ...شۇنداق ئۇ 21 يىلدىن بىرى ئۇرۇق تۇققانلىرىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى ....شۇ تاپتا ئاتا - ئانىسىنىڭ تىخى ھايات ياكى .....ئاخرىنى ئويلاشقا پىتىنالمايتى .....ئۇ ئاشۇ ئەزىم دوڭمەھەللىنى سىغىندى ... ئەگەر ئۇ يۇرتىغا قايتىسا ھىچكىممۇ ئۇنى تونۇيالمايتتى ..دىمەك ئۇ قايتىشى كىرەك .. يىراقتىن بولسىمۇ ئاشۇ ئۆينى ، ئاتا - ئانىسنى كۆرۇپ بىقىشى كىرەك ...
-ئۇكىللىرىم رەھمەت سىلەرنىڭ ماڭا قايتا بىر قىتىم ھاياتلىق بەرگەنلىكىڭلارغا ...سىلەرگە ئىككى ئالەم قەرىزدارمەن ...ئەمسە مەن ئەتە شىنجاڭغا قايتاي ...
-ئەمسە بىز ھازىرلا بىرىپ بىلەت سىتىۋىلىپ كىلەيلى ...سىز دەم ئالغان ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ، - دىدىدە بۇ ئۇچ يىگىت بىر - بىرىنى ئىتتتىرشىپ ، مورىلىرىگە ئىسلىشىپ چىقىپ كەتتى .....
پويىز يىنىك تەۋرەپ قويۇپ ئاستا -ئاستا مىڭىشقا باشلىدى ..ئايشەمگۇلنىڭ بىلىتى ئاستى كارۋاتلىق ئورۇن بولۇپ ، ئۇ دەرىزىنىڭ ئىچىدىن سىرىتقا قاراپ قولىنى ****ۇرۇپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي خوش ئيتىۋاتاتتى ..ھىلىقى ئۇچ يىگىتىمۇ قوللىرىنى كوتۇرۇشىپ ، پويىز ۋاگزالدىن چىقىپ كەتكۇچە ئۆز ئورۇنلىرىدا قىمىرلىماي بىر خىل قانداقتۇر ئاچچىق تۇيغۇلار بىلەن قارىشىپ قالدى ....
پويىز تىز سۇرئەتتە كىتىپ باراتتى ...ئايشەمگۇل ئۇچ يىگىتنىڭ ئەسقەتىپ قالار دەپ زورمۇ زور تۇتقۇزۇپ قويغان 1000 يۋەن پۇلىنى يايپىقىدىن چىقىرىپ ، ئىچ كيمىنىڭ ئىچىگە سالدى ۋە كارۋاتتا سوزۇلۇپ يىتىپ ئاستا - ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى .....
ئوغۇز ئايلىرىنىڭ دەسلەپكى كۇنلىرى :
غۇلجا شەھەر دوڭمەللە :
ئايشەمگۇل بۇ يەردىن ئايرىلغان چاغدا يول بويىغا تىكىلگەن بىر نەچچە يىللىق كىچىك دەرەخلەر ھازىر بولسا قوچاق يەتكۇسىز دەرىجىدە يوغىناپ كەتكەن بولۇپ ، يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخ شاخلىرى بىر - بىرىگە تىگشىپ تۇراتتى ....يەنە بىر قانچە چوڭ شىپاڭلارمۇ قۇرۇلغان ، نۇرغۇن ئۆيلەر چىقىلىپ يول ئىچىلىپ كەتكەن ، بۇ ئايشەمگۇل تۇغۇلۇپ ئوسكەن دوڭمەھەللىگە تۇپتىن ئوخشىمايتتى ...باشقىچە تۇس ..باشقىچە ھوزۇر ، جۇملىدىن تولىمۇ گۇزەل بولۇپ كەتكەن ئىدى . سىغىنىش ئوتلىرى ھىلىلا ئايشەمگۇلنى كۇل قىلۋىتىدىغاندەك لاۋىلداپ ئىچ باغىرىنى كۆيدۇرمەكتە. ئۇ ئىسىدە قالغان ئاشۇ يولنى بويلاپ كىندىك قىنى توكۇلگەن ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قورا جاينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى ...بىراق كىرىشكە قانداقمۇ پىتىنالىسۇن دەيسىز .. ئۇ نۇرسىز كۆزلىرىنى دەرۋازىغا تىكىپ تەلمۇرۇپ تۇرغان چىغىدا ، دەرۋازا ئىچىلىپ چاچلىرى بۇدىرە قىلىپ ئاتقۇزۇلغان ، تولىمۇ مودا كيىنگەن ، چىرايلىق ۋە زىلۋا بوي 20 نەچچە ياشلار ئوپچىرىسىدە ياش چوكان چىقىپ ئايشەمگۇلنى كۆدى ، ئارقىدىن تولىمۇ ھەيرانلىق بىلەن :
- بىرىسنى ئىزدەمسىز ؟ ،
- ياق ، يولدىن ئۆتۇپ كىتىپ بارغان ئىدىم ..
- ئەمسە بۇ يەردە تۇرسىزغۇ ؟
....................
ئايشەمگۇل گەپ تاپالماي ھودۇقتى .. جاۋاپسىزلا بۇ يەردىن كەتمەكچى بولۇپ قەدەملىرىنى ئالدى ..
-قارىغاندا بۇ يەرگە مۇساپىردەك قىلامسىز نىمە ؟ ياكى ئىزىپ قالدىڭىزمۇ ؟ بولمىسا ھويلىغا كىرىپ بىردەم يىرىمدەم ئولتۇرۇپ ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىپ كىتىڭ ، - دىدى مىھىربانلارچە :
ھويلا ئارام قايتا رەتلەنگەن ، قورا جايمۇ قايتا بۇزۇپ ئۇلىنى ئىگىز ****ۇرۇپ پىشايۋانلىق ۋە ھەيۋەتلىك قىلىپ سىلىنغان ، تولىمۇ پاكىز ۋە رەتلىك ئازادە .... ئۆي ئىگىسى ئۇزۇم بارىڭى ئاستىغا قويۇلغان ياغاچ كارۋات ئۇسىتىگە كورپە سىلىپ ئولتۇرۇشقا ئىجازەت قىلغاندىن كىين ، ئايشەمگۇل ئىغىر بىر قىتىم « ئۇھ » تارتىۋىتىپ ئولتۇردى ....ئۇ ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىكىگە سىنچىلاپ قارايتتى ....بۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھەم بىلەيتتى، ئاكامنىڭ قىزىمۇ يا دىگەن خىياللارنىمۇ قىلىشقا ئۇلگۇردى ...شۇ تاپتا قايسى بىر بۇلۇڭدىن ئاتا - ئانىسنىڭ چىقىپ كىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى ....
- قورا- جايىڭلار بەكمۇ چىرايىلىق ھەم كۆركەم ئىكەن - ھە ! ، - ئايشەمگۇل ئۆي ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە ، بىلىپ باقماقچى بولۇپ سورىدى ..
- رەھمەت سىزگە ئاچا ! مەن توي قىلغىلى يەنە ئۇچ كۇن كام بىر ئاي بولىدۇ ، بىز بۇ قورا - جايغا ئۇرۇمچىدىن كۆچۇپ كەلگىلىمۇ يىرىم ئايدەك بولۇپ قالدىمىكىن ... تويىمىز ئۇرۇمچىدە بولغان ، يولدىشىممۇ ئۇرۇمچىلىك ، تىخى ئالي مەكتەپنى پۇتتۇرگىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغان ، دادام بولسا ئۇرۇمچىىدە چوڭ ئەمەلدەر بولغاچقا ، يولدىشىمنى ئۆزى بىر قوللۇق غۇلجا شەھەر مائارىپ مەھكىمىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى، بۇ قورا جاينىمۇ يولدىشىمنىڭ دادىسى يىڭىدىن سىتىۋىلىپ بىزگە سوغا قىلغان ....ھەجەپ بۇلارنى سىزگە دەپ كەتتىم - ھە، ئۇنتۇپ قالغىلى ئاز قاپتىمەن ، ئۆزىڭىز كىم بولسىز ؟
-مەن ...مەن ، - جىمجىتلىق ھەم ئاچچىق تولغۇنۇشلاردىن كيىن ، - ئەمسە سىزدىن يۇشۇرماي ، - ئايشەمگۇل بىشىدىن ئوتكەن بارلىق سەزگۇزەشلىرىنى بىرمۇ - بىر سۆزلەپ بىرىپ يىغلاپ كەتتى ..
- ۋايجان ، ئادەم ئازسا شۇنداقمۇ ئازامدۇ ئەمدى ...سىزنىزە ....ئانام دىمەتلىك ئىكەنسىز ، شۇ تاپتا سىزنى نىمە دەپ ھاقارەتلەشنى بىلمەيلا قالدىم ..ئۆزۇمنى بىسىۋالاي ، - بۇ چوكان شۇ ئاچچىغىدا ھويلىدا نەچچە چوگۇلەپ كەتتى ، - ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز ؟
- ئاتا - ئانامنىڭ نەگە كۆچۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىڭىز بارمۇ ؟ ، - ئايشەمگۇل تىخىچە يىغىسىنى توختاتمىغان ئىدى ..
-ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار ، سىزگە ئەمدى دىگەن بىلەن نىمە پايدىسى ، دەپ بەرسەممۇ سىز بارالمايسىز ئۇ يەرگە .. تىخى يىقىندا قولۇم - قوشىنىلاردىن بۇ قورا جاينىڭ ئىگىسىنىڭ سەزگۇزەشلىرىنى چالا پۇچۇق ئاڭلاپ ، توۋا دەپ ياقامنى تۇتقان ئىدىم ...مانا ھازىر كۆز ئالدىمدا " ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىغا" دەپ ئولتۇرۇپسىز...بىراق بەكمۇ كىچىكىپ كەپسىز ئەمەسما .. قوشىنىلارنىڭ ئيتىشچە ئاتا - ئانىڭىز مەھەللىدە ناھايتىمۇ يۇز ئابرۇيلۇق ئائىلەردىن ئىكەن ، سىز ئىچكىرگە ھىلىقى پۇلنى قالدۇرۇپ قىچىىپ كەتكەنلىڭىزنى بىلگەندىن كيىن ، بۇ ئىش ئاتا - ئانىڭىزغا بەكمۇ ھار كەپتۇ ..ئانىڭىزنىڭ يۇشۇرۇن يۇرەك كىسىلى بولۇپ ، شۇ زامانلا يىقىلىپتۇ ، شۇنداق قىلىپ سىزنىڭ ئىشىڭىز بۇ مەھەللىگە پۇر كىتىپ ئاتىڭىزمۇ باش ****ۇرەلمەي قاپتۇ ...بىلەمسىز ؟ ئۇلاردا نىمە گۇناھ دەيسىز ...مانا سىزنىڭ ئاشۇ خاتا باسقان قەدىمىڭىز بىر ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەپچى بولدى ..... ئۇ چاغلاردا ھازىرغا ئوخشىمايدۇ ، ياد بىر مىللەت بىلەن قىچىپ كىتىپتۇ دىگەن چىرايلىق گەپمۇ ؟ ئاتىڭىزنى جامائەت ئايرىغا ئالماي ، ئاكىڭىزنىمۇ ئەل ئاغىنلىرى ئارىغا ئالماي . كورگەنلا يەردە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تەنە گەپلەر بىلەن چەتكە قىقىپتۇ ....ئاتىڭىز شۇ چاغدىلا سىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇ پۇللارنى بىراقلا مەھەللىدىكى يىتىم يىسىرلارغا تارتىقىپ يوق قىپتىكەن ...ئاكىڭىز بولسا ئەلەمدە ئاق تاماكىغا ئۇگىنىپ قاپتۇ ..بىر يىلدەك ۋاقىتتىن كيىن بىر كۇنى كىچىسى مۇشۇ قورا جاينىڭ بۇرۇنقى ھاجاتخانىسىدا ھوكۇلنى كوپ ئۇرۇۋىلىپ قىتىپ قاپتۇ ....بىچارە دادىڭىز كەينى - كەينىدىن كەلگەن بۇ ئىغىر قىسمەتكە بەرداشلىق بىرەلمەي يىقىلىپ ، بىر يىلدەك دوختۇرخانىدا داۋالانغان بولسىمۇ ئۇنىمى بولماي ، ئۆزىنىڭ قايتا ئەسلىگە كىلەلمەيدىغانلىقىنى سەزگەن چىغى بۇ قورا جاينى سىتىپ ، بارلىق پۇلىنى يەنە شۇ ساۋاپلىق ئۇچۇن يىتىم يىسىرلارغا تارقىتىپ تاشلاپتۇ . ئسىىت سىزدەك ئەرزىمەس ، ئىت پۇقى يەپ قالغان ئادەمگە ئاق سۇت بەرگەن بىچارە ئانا ...ئسىىت سىزدەك نا ئەھلى ، قانچۇقنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئۇلۇغ ئاتا ..ئىسىت سىزنىڭ دەردىڭىزدە يۇزىنى ****ۇرەلمەي ئۆزىنى ھالاك قىلغان ئاكا .....ئىسىت ....ئىسىت .......شۇنچە ئەر سىغىنىپ كەتكەن بولسىڭىز مەھەللىدە سىزگە بىرەر ئىشەكمۇ ئەر بولۇشقا تىپىلىپ قالار بولغىتتى ...ئەستاخپۇرللا ...شۇ تاپتا ئاچچىغىمدا سىزنى نىمە دەپ تىللاشنى بىلمەيلا قالدىم ، ماۋۇ ھويلىنى مەينەت قىلماي چىقىپ كىتىڭ ..يوقىلىڭ كۆزۇمدىن ، - بۇ چوكان ئۆز ئانىسىدەك چوڭ دىمەتلىك بولسىمۇ قىلچە يۇز خاتىرە قىلماي تولىمۇ ئاچچىقلانغان ھالدا ھاقارەتلەپ كەتتى ..
ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا تىكەندەك يالغۇز قالغانلىقىنى بىلگەن ئايشەمگۇل تىخىمۇ ئىسسدەپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ...بىراق ئاتا - ئانا ، قىرىنداشلىرى ئۇچۇن ھاز ئىچىپ يىغلىيالمىدى ....ئۇ قانداقمۇ ھاز ئاچالىسۇن ..ئۇ پەقەت بارلىق ئازاب ئەلەملىرىنى ، دەت بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىچىگە يۇتمەكتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى ...ئۇ كارۋاتتن ئاستا چۇشتى دە ، بوقچىسىنى ئىلىپ سىرىتقا قاراپ ماڭدى ....
بۇ چوكاننىڭ ئىسىمى نۇرىيە بولۇپ ، ئۇرۇمچى شەھەر باشلىقىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ، كىچىكىدىن باياشات ئائىلىدە غەم ئەندىشىسىز ئەركە چوڭ بولغان ، ئازىراق چىچىلاڭغۇلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، تولىمۇ باغرى يۇمشاق ، كۆيۇمچان قىز ئىدى ، باياتىن بۇ ئانىسدەك ئايالنى ھاقارەتلەپ سالغىنىمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ خاتا باسقان قەدەملىرىگە ، قىسمەتلىرىگە ئاچچىغلىنىپ چىچىلىغان ئىدى ..... ئۇ ئايشەمگۇلنىڭ دۇمچىيىپ چىقىپ كىتىپ بارغان ھالىتىنى كۆرۇپ ئىچى قاتتىق سىرىلىپ، بايامقى ئاچچىقلار قاياقلاغىدۇر تارىلغان ئىدى . " ئازمايدىغان كىم بار بۇ دۇنيادا ، بىچارە ئايال ، ھەجەپ سەت تىللاپ ساپتىمەن يا ،،توۋا .." دەپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىدىيۇ تىزلا ئىىسىگە كىلپ :
- ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسىز ئاچا ، مۇشۇ تاپتا چىقىپ كەتسىڭىز نەگە بارماقچىسىز ؟
-........................
- مەن سىزدىن گەپ سوراۋاتىمەن ..جاۋاپ بىرىڭ ..نەگە بارىسىز دەۋاتىمەن ؟ ، - نۇرىيە ئايشەمگۇلنىڭ بارىدىغان يىرىنىڭ يوقلىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە قايتىلاپ سوراۋەردى . " بۇ ئايال ئەمدى چىقىپ ئولىۋالماس بولغىتتى " دىگەن شۇم خىياللارنىمۇ قىلشىقىمۇ ئۇلگۇردى ، نۇرىيە گىپىنى قايتا داۋاملاشتۇرۇپ، - بولمىسا بىر نەچچە كۇن مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇڭ ، ھەقىچان باردىغان يىرىڭىزمۇ يوق ، ھازىر كىچىسى دالا بەكمۇ سوغۇق ، يولدىشىم قايتىپ كەلگەندىن كيىن مەن ئەھۋالنى يەتكۇزەي ، ئۇ سىزگە سىرىتتىن بىرەر يىتىپ قوپىدىغان جاي تىپىپ بىرەر ، قايتىپ كىرىڭ، - نۇرىيە قەدەملىرىنى ئىتتىك - ئىتتىك ئىلىپ دەرۋازىنىڭ قىشىغا كەلدى-دە ، ئايشەمگۇلنىڭ قولىنى تارىتتى ..
كەچقۇرۇن نۇرىيەنىڭ يولدىشىمۇ ئىشتىن چۇشۇپ قايتىپ كەلدى ، بۇ چاغدا تاماق تەييار بولغان ئىدى ، ئۇ ئاشخانا ئۆينىڭ توۋىسىدە ئولتۇرغان ئايشەمگۇلنى كورۇپلا بىر ئاز ھەيرانلىق ھىس قىلىپ :
- ئۆيدە مىھمان بار ئىكەن دە ، ماڭا خەۋەرلەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ، يولدا كەلگۇچە مىۋە - چىۋە سىتىۋىلىپ كىلەتتىم ئەمەسمۇ ، - ئۇ نۇرىيە قاراپ ، بۇ ئايال كىمۇ دىگەندەك قىلىپ بىشىنى لىڭشىتىپ سورىدى ....
- ئۆيدىكى مىۋە - چىۋىلەر تىخىچە تۇرمامدۇ ، ئالدى بىلەن بۇ ئاچاشقا سالام قىلۋىتىپ ئاندىن باشقا گەپنى قىلمامسىز ، قاچانم چوڭ بولارسىز -ھە ! يۇقىرغا چىقىڭ ، تاماق پىشتى ....
- ئادەمنى ھەجەپ خىجىل قىلدىڭغۇ سەن ، ئۇنتۇپ قالغىلى ئاز قاپتىمەن ....ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاچا ، تىنىچلىق تۇرۇپسىز ....
- ۋەلەيكۇم - ئەسسالام ، اللاغا شۇكىرى ، ئۆزىڭىزمۇ تىنچىلىق ..
سالام - سائەتتىن كيىن بۇلار كىچىككىنە ئەپچىك ياسالغان تاماق ئۇستەلگە كىلىپ ئولتۇردى ....
نۇرىيە جىمجىتلىقنى بۇزۇپ :
- ئاچا بۇ ياق بولسا سىزگە گىپىنى قىلىپ بەرگەن يولدىشىم بىلال بولىدۇ ، توي قىلىپ بىر ئۆينى بىشىغا كيىگەن بىلەن ، بىراق يەنىلا كىچىك بالىلاردەك مىجەزى بار ، مۇشۇ تۇرقى بىلەن قانداقمۇ دادا بولاركىن تاڭ، - دىدى چاقچاق ئارىلاش كۇلۇپ تۇرۇپ ، - ئەمدى بۇ ئاچاشقا كەلسەك ، ۋاي ئىسىم قۇرىسۇن ، ئىسمىڭىزنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،كەچۇرۇڭ .
- ئىسمىم ئايشەمگۇل
- ئايشەمگۇل، تولىمۇ يىقىملىق ئىسم ئىكەن ... بۇ ئاچىمىزنىڭ ئىسىمى ئايشەمگۇل بولدىكەن ، بۇگۇنچە بىزگە مىھمان ، قالغان گەپنى كەچقۇرۇن سىزگە تەپسىلي دەپ بىرەي .ئالدى بىلەن تامىقىڭىزنى يەڭ ....
بىلال شۇ تاپتا نۇرىيەمۇ تونۇمايدىغان بىر ئايالنى ئۆيگە باشلاپ "مىھمان " دەپ كۇتىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ھەيران قالدى..
تاماقتىن كيىن نۇرىيە ئاشخانا ئۆيگىلا ئايشەمگۇل ئانىغا ئورۇن راسلاپ بىرىپ ، بىلال بىلەن ئۆز ھۇجىرسىغا كىرىپ كەتتى ..
-نۇرىيە ، بۇ ئايال كىم بولىدۇ ، بىزگە بىرەر پىشكەلچىلىك ئىلىپ كەلمەس - ھە ! مۇشۇ زاماندا يامان ئادەملەر كوپىيىپ كەتتى ، ساڭا نەچچە قىتىم دىدىم ، بىز تىخى يىڭى كۇچۇپ كەلدۇق ، بۇ يەرنىڭ ئىلىم - بىرىمىنى چۇشىنىپ كەتمەيمىز ، تونۇمىغان ئادەملەرنى ھويلىغا كىرگۇزمە دەپ ....
- سىز دەپ بىقىڭە ، بۇ ئايال يامان ئادەملەردەك قىلامدۇ ؟
- يامان ئادەمنىڭ چىرايىدا يامان ئادەم دەپ خىتى بولمايدۇ ، نىمىلا بولىمىغان بىلەن ناتونۇش ئادەملەردىن ئۆزىمىزنى يىراقراق تۇتايلى .....
- ئۇنچىلىكمۇ ئەنسىرەپ ، ئىھتىياتچان بولۇپ كەتمەڭ جىنىم بىلال ، مىنىڭمۇ يامان بىلەن ياخشى ئادەمنى پەرىخلەندۇرگىدەك كۆزۇم بار ، ئاۋال گىپىمنى ئاڭلاڭ ..ئاندىن گىپڭىز بولسا دەڭ ....بولامدۇ يا ، - نۇرىيە ئەركىلەپ بىلالنىڭ يۇزىگە بىرنى سويۇپ تۇرۇپ ...
- بولىدۇ ..بولىدۇ ...شەھەر باشلىقىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ، سىنىڭ دىگىنىڭ ھىساپ ..قىنى دەپ باقە ...بۇ ئايال زادى كىمۇ ؟ ، - بىلال كيىملىرىنى سالغاچ بىلىنەر بىلىنمەس تەنە ئارىلاش ئاچچىق گىپىنى قىلىپ كارۋاتقا چىقىپ سوزلۇپ ياتتى . نادىرەمۇ ئەركىلەپ بىشىنى بىلالنىڭ قاپقارا قويۇق تۇك باسقا كوكسىگە قويۇپ ، ئايشەمگۇل ئانا توغۇرلۇق بولۇپ ئۆتكەن بارلىق قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغا ئازغان بەندە بولسىمۇ ھىسداشلىق قىلىش ئۇچۇن سىرىتتىن بىرەر قونالغۇ تىپىپ بىقىشنى مەسلىھەت بەردى ...
بۇ ئىككى ياش تۇن يىرىمىگىچە ئايشەمگۇل ئۇچۇن باش قاتتۇرۇپ ، نۇرغۇن سوھبەتلەرنى ئىلىپ باردى ، ئاخىرى بىلال بۇ بىر نەچچە كۇن ئىچىدە سىرىتتىن قونالغۇ ئىزدەپ تىپىشقىمۇ ماقۇل بولدى .
ئايشەمگۇل بولسا ئاتا - ئانىسى ئۇچۇن ھاز ئاچالماي ، قاتتىق ھەسىرەت - ئەلەم ئىچىدە ، بۇ كىچىنى كىرپىك قاقماي ، 21 يىل بۇرۇنقى دەل مۇشۇ ھويلىدا بولۇپ ئوتكەن ئاتا - ئانىسى ۋە ئاكىسى بىلەن بەخىتلىك ئاشۇ كۇنلىرىنى ئەسكە ئىلىپ يوتقاننى بىشىغا پۇركەپ بىر كىچە بۇقۇلداپ يىغلاپ چىقتى ، ئۇ يەنە بۇ پەرىشتىدەك ئاق كوڭۇل ، مىھىربان يىڭى توي قىلغان بىر جۇپنىڭ ئۆزىگە قونالغۇ ھەل قىلىپ بىرىپ قالسا ، تۇراقلىشىپ بولۇپ، ئاتا - ئانىسنىڭ ، ئاكسىنىڭ قەبىرىسىگە چىقىپ يوقلاش نىيتىگىمۇ كەلدى ....