ئالىي مەكتەپكە كەلگىنىمگىمۇ تۆت يىل بولاي دەپتۇ، بۇ جەرياندا ھەرخىل ھەر ياڭزا ئادەملەرنى ئۇچۇرتىپتىمەن . بەزىلىرى ئوڭ،بەزىلىرى تەتۈر ،بەزىلىرى ياۋاش ،بەزىلىرى شوخ..........
بۇ مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى يىلى خەنزۇ خەققە شۇنچە ئۆچ بوپ كەتتىمكى ،ھەتتا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمنى چايناپ پۈركىۋىتىدىغاندەك قىلاتتىم . مەكتىپىمىز .ئورۇنلاشقان رايون خەنزۇلا كۆپ سالماقنى ،ئۇيغۇرلار ئاز سالماقنى ئىگەلليتتى . بۇ خەق ئۇيغۇرلارنى قىلچە كۆزگە ئىلمايتتى . يۇرتۇمدا چاغدا بىرنەچچە خەنزۇ قوشنىمىز بولىدىغان ،ئۇلار بىلەن خېلى يامان ئەمەس ئۆتەتتۇق . بۇ يەرنىڭ خەنزۇلىرى نىمانداق قىلىدىغاندۇ؟
بىر ئايدىن ئېشىپتۇ سىرتتا مۇشۇ رايوندا كۆلەم جەھەتتە ئەڭ چوڭ بولغان بىر ئاشىخانىدا دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەۋاتقان ئىدىم . مۇشۇ ئاشخانىدا ئىشلىگەندىن كېيىن قارىشىم ئۆزگىرىپ قالدى . ئۇلارنىڭ (ئاشخانىغا كىرگەن ئۇيغۇرلار) مۇئامىلىسى ،ئۇلارنىڭ ھالى ، ئۇلارنىڭ خىجىل بولۇشنى بىلمەسلىكى ، قىزلىرى يا ئۆزلىرىنى بىز قىز بالىتتۇق دىمىگەن ،ياشقا چوڭلىرى بىز چوڭ بوپ قالدۇق دىمىگەن . ھەر قېتىم ئاشۇنداقلارنى ئۇچراتقىنىمدا ئىچىلىرىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەكلا بولۇپ كېتىمەن . بۇيەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى شۇنچىلىك تۇرسا ، خەنزۇلار يەنە قانچىلىك كۆزگە ئىلاتتى بىزلەرنى .
مىللىتىمنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولا ئەمدى ؟ بۈگۈنكى ئىشلارنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش كەپكەتتى . شۇ كۆ ڭۈل غەشچىلىكىدە تورخانىغا كىرىپ تورداشلارغا بۇ جايدا كۆرگەن ،ئاڭلىغانلىرىمنى سۆزلەپ ئىچىمنى بوشىتىۋالغىم كەلدى .
نەچچە كۈن بۇرۇن مۇنداق بىر ئىش بولغان ، شۇ كۈنى ئاشخانىدا ئادەم شۇنداق كۆپكى ،ھەتتا يەتتە ئايرىم خانىلىرىمۇ لىق توشۇپ كەتكەن . ئۆزىمىزنى ئىككىگە بۆلگىدەك بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىدۇق . شۇ ئالدىراشچىلىقتا ئۆزۈمنىڭ بىخەستىلىكىدىن بىرخىل 20يۈەنلىك قورمىنى خاتا ئەكىرىپ قويغانلىقىمنى بىلمەي قاپتىمەن .
بىر چاغلاردا ئايرىم خانىغا مەسئول كۈتكۈچىلەر باشلىقى شۇ خىل قورمىنىڭ تېخى چىقمىغانلىقىنى ئايتقاندا ، مەن ئۇ قورمىنى 6-ئايرىم خانىغا ئەكىرىپ بولغانلىقىمنى ئېيتتىم .
-ئەستا خاتا بوپتۇ ، ئۇلارنىڭ ئۈچ خىل قورمىسىنىڭ ھەممىسى چىقىپ بولغان . چاي ئېلىپ كىرگەچ قاراپ بېقىڭ ،نەچچە خىل قورمىسى باركىن .
بىر چەينەك چاينى كۆتۈرۈپ يۈگۈرگەن پېتى ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ قارىسام ،تۆت خىل چىقىرىلىپ ،ئاللا بۇرۇن تەخسىلەرنىڭ تېگى كۆرۈنىپ قالغان ئىدى .
-سىلەر ئەسلى بويرۇتقان قورمىلار قايسىلارتى؟
ئارىسىدىكى قىنىق گىرىم قىلىۋالغان بۈدۈرچاچلىق قورمىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :
-مانا ماۋۇ ، ماۋۇ ،يەنە ماۋۇ ئۈچىنى بىز بويرۇتقان بۇ ئەمەس .
-ھە ئۇنداقتا ،مەن بۇ قورمىنى ئېلىپ كىرگەندىلا سىلەرنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلپتىكەنسىلەردە ، شۇ چاغدىلا دىسەڭلا بوپتىكەنتۇق . .
دەپ بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىپ قويۇپتىكەنمەن ،
-ھـــــــــــــــــــــــــوي خان ، بۇ بىزدىكى خاتالىقمىكەن ؟ قاراپ تۇرۇپ ئادەم بوزەك قىلىمەن دەيدا ، بىزمۇ مۇلازىمەتچى بوپ باققان ، بىزنى تولا ئەخمەق قىلىمەن دىمەڭ . ھېلىغۇ بۇ يىگىرمەنەچچە يۈەنلىك نەرسىكەن ،ئىككى يۈز نەچچە يۈەنلىك نەرسە بولسىمۇ كېلىپ قالسا يەۋىرىمەن ، پۇلىنى تۆلىمەيمەن . كىملا بولسا شۇنداق قىلىدىغۇ ؟
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟ بۇ يەردە ھېچكىم سىزنى ئەخمەق قىلىمەن دىگىنى يوق . توغرا مەندىكى خاتالىق . مەن يا سىلەرنى پۇلنى تۆلەڭلار دەپ تۇرىۋالمىدىم ، ئەمدى ئاراڭلاردا مېنىڭ ساۋاقدىشىممۇ باركەنتۇق <<ھەي دوستۇم ، ماۋۇ نى ىاتا ئەكەپ قويدۇڭ >>دەپ قويسا بولماسمىدى ..............گېپىمنىڭ ئاخىرى چىققىچە ھېلىقى قىزنىڭ ئاغىزى يەنە ئېچىلىپ كەتتى .
-ھە ، پۇلنى ھازىر ئېلىڭ . مەن ئۆزۈم بويرۇتقان ماۋۇ ئۈچ خىل قورمىنىڭ پۇلىنى بېرىمەن ، مانىڭ پۇلىنى بەرمەيمەن ، بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق ، مەن بويرۇتمىغان بۇنى . - پۇلنى ماڭا تاڭلەپ تۇرۇپ .
- شۇنداق قىلىسىز ، بۇنىڭ پۇلىنى سىز تۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . مەن ئۆزۈم تۆلەيمەن ، چۈنكى مەندىكى خاتالىق . پۇلنى ماڭا بەرمەيسىز ، چىقاشىڭىزدا پەستە تاپشۇرىسىز . - دەپلا ئىشىكتىن چىقىپ تۇرۇشۇمغا ئۇلارنىڭ پاراڭڭىدە بىر كۈلىشى ئاچچىقىمنى شۇنداق كەلتۈردى .بۇ قانداق پوزىتسىيە بولدى ؟ خەقنىڭ كەينىدىن مازاق قىلىشمۇ ياكى بىر خىل قورمىدىن پايدا ئالغانلىقتىن خوشال بولغانلىقمۇ ؟ ئۆزۈممۇ بىلمىدىم . كەينىمە يېنىپ كىرىپ بىرنەچچە ئېغىز سۆزلىگۈم بار ئىدى ،لېكىن شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ بىر مۇلازىمەتچى ئىكەنلىكىم ئېسىمگە كىلىپ كەينىمگە يېنىپ كەتتىم .
ئويلىنىپ قالدىم ، ئۇ قىزلار <ئالدىمىزغا بىكارغا نىمىلا كەلسە يەيمىز > دەيدۇ ، ئەجىبا كېلىش مەنبەسى بىلەن قىلچە كارى بولمامدىكىنا ؟
بۈگۈن يەنە شۇ قىزلار ئارىسىدىكى ئىككەيلەنگە قوشۇلۇپ بىرنەچچە قىزلار كىرىپ كەلدى . بېرىپ قىزغىنلىق بىلەن چاي قۇيدۇم . بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى بىر مۇلازىمەتچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ، ئۇلار مېھمان بولغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا قىزغىن بولدۇم . دەسلەپتە ئۇلار بىر قانچە خىل قورما بويرۇتتى ، قورمىلىرى چىقىپ بولغاندىن كېيىن مېنى چاقىرىپ :
- كۈتكىچى ، بىزگە شىنجاڭ پىۋىسىدىن ئىككى بوتولكا، شور بۇلاقتىن بىر ئەكىلىپ بېرىڭ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ باشلىرىمدىم تۈتۈن چىقىپ كەتتى . ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پەرقى قالماپتىغۇ ئەمدى . ئۇلار ئىچىۋاتىدۇ ، سۆزلەۋاتىدۇ . ھەر قېتىم ئۇلار ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقتىمدا ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلىرىگە چىدىيالمايلا قالغان ئىدىم .
- ۋىـــييييييييييييييييەي ئاداش ، ئاخشامچۇ ؟ كۆڭۈللۈك بولغاندۇ ؟ ھېلىقى سويمىنىڭ پەيزى بارمىكەن يا؟
- ۋاي ،بۇنى بىر دىمە ئاداش ، ئۇ تېخى بۇنداق ئىشنى تۇنجى قىلىپ بېقىشىكەن .
-مەن ساڭا تۇنۇشتۇرغان ھېلىقى بايۋەتچىچۇ ؟خېلى كۆپ پۇلنى قولغا چۈشۈرگەنسەن ؟
- قويە ، ياتاق ئۆيگە كىرىپلا قىزلىقىڭىز بارمۇ دەپ سورايدۇ . سەھەردە< سىز تېخى قىز ئەمەسكەنسىز غۇ > دەپ ماڭا بىر قانچە ئەدەپ -ئەخلاق ،قائىدە-يۇسۇن سۆزلەپ كېتپتۇ تېخى ،قىلىدىغاننى قىلىپ ، سۈرۈدىغان پەيزىنى سۈرۈپ بولۇپ . بولدىلا ،گېپىنى قىلمايلى ئۇ چۈپەينىڭ . قېنى ئىچەيلى .
تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى . بۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپ ھە . مۇشۇنداق بىر قانچەيلەن تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلار بۇزۇق دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ ، ئۇيغۇرلار نى قىلچە كۆزگە ئلمايۋاتىدۇ تېخى ماۋۇ خەنزۇ خەق . <<بىر تال چىۋىن بىر قازان ئاشنى بۇلغاپتۇ >> دىگەن شۇ دە .
تازلىق ئۆيىگە كىرىپ قاتتىق ئويلىنىپ قالدىم . كۆز چاناقلىرىم نەملەشتى ، ئەنسىرىدىم ، مىللىتىمنىڭ ئىستىخپالىدىن ئەنسىرىدىم . كەلگۈسىدىكى ئانا بولغۇچىلار مۇشۇنداق بولسا ئەۋلاتلار قانداق بولىدۇ ؟
كەلگۈسۈڭگە نەزەر سېلىپ باق ئۇيغۇر قىزى ، سەن كېيىن قانداق ئانا ؟ قانداق ئايال بوماقچى؟
كۆزۈڭنى يۇغان ئاچ ئۇيغۇر قىزى .
مەنبە :ئۆزۈم( چۈشۈنۈش)