چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://9saray.com/audio/9saray-8.mp3ئاۋازدا: يۈسۈپجان مەمەت، ئىپارگۈل ئابدۇخېبىر
قورقماڭ، مەن بار!
(ئۈزۈمچى)
قاتتىق بوران يەر يۈزىدىكى سېسىپ كەتكەن مېۋە شۈپەكلىرىنى، قەغەز پارچىلىرىنى، بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغا مۆكۈۋالغان دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى. . . ئىشقىلىپ بارچە مەينەتچىلىكنى تازىلىۋەتمەكچى بولغاندەك غەزەپ بىلەن ھوۋۇلداۋاتاتتى. بۈگۈن بىر خېرىدار بىلەن مۇھىم ئىش توغرىلىق سۆزلەشمەكچى بولۇپ ئالدىراش قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتاتتىم. نەگە بېرىشىنى ياكى نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغاندەك تەمتىرىشىپ يۈرگەن مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئۈچەيلەن ئالا - تاغىل توۋلاپ ئالدىمدا كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭمۇ ئالدىدا ئاددىي كىيىنگەن بىر قىزچاق بىر قولىدا تورت، يەنە بىر قولىدا بوران ئۇچۇرۇپ كېتەي دەپ قالغان ياغلىقىنى چىڭ قاماللىۋالغان ئىدى. بايىقى ئۈچەيلەن قىڭغىر - سىڭغىر دەسسىگىنىچە قىزچاقنىڭ يېنىغا كەلدى:
_ يالغۇز قاپسىزغۇ خان؟ _ دېدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بويى پاكار، سېمىزراق كەلگەن بىرەيلەن.
قىزچاق ئۈندىمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنى يەردىن ئۈزمەي ئايىقىنىڭ ئۇچىدىن چىقىپ تۇرغان بارماقلىرىنى ئەنسىز مىدىرلىتىۋاتقانلىقىدىن ئۇ قىزچاقنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئۈچەيلەننى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئىختىيارسىز قەدىمىمنى ئاستىلىتىپ ئۇلارغا دىققەت قىلدىم.
_ ئاغىنەم سىزگە گەپ قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بويى ئېگىزرەك، سېرىق چاچ بىرى، _ تونۇشۇپ قالمامدۇق؟
_ ئەمسە مەن سىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي، _ دېدى ئۇلارنىڭ ئارىسىكى ئۈچىنچى بىرسى بايىقى سېمىز، پاكار كەلگەننى كۆرسىتىپ، _ ماۋۇ ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ياقۇپ ياپون، ماۋۇ ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ئابلىمىت دارازا. سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە بولىدىكىن؟
قىزچاق يەنە ئۈندىمىدى. خۇددى بىراۋلارنىڭ توساتتىن كېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولغانلىقىنى ئۈمىد قىلغاندەك يەر تېگىدىن بىردە ئوڭ تەرەپكە، بىردە سول تەرەپكە قاراپ تۇراتتى. كۆكرەكلىرى تېز - تېز كۆتۈرۈلۈپ ئۇنىڭ تىنىقلىرىنىڭ تېزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. . .
«ۋۇ، لاۋزىلار! سەندەك بىر نەچچە سويمىنىڭ نومۇسسىزلىقىدىن ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قىزلىرى ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى يولدا، ئۆز قېرىنداشلىرى ئارىسىدىمۇ يۈرەكلىك تۇرالمامدا؟ كۆڭلى توق، خاتىرجەم ھالدا ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن بۇلاقتەك كۆزلىرىنى ئۇياق - بۇياققا تىكەلمەمدا؟» شۇلارنى ئويلىغاچ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. . .
_ گەپ قىلمايسىزغۇ؟ قورقۇۋاتامسىز؟
بايىقىلارنى ئۆز ئارا تونۇشتۇرغان لاۋزا بىر قولىنى قىزنىڭ ئېڭىكىگە ئۇزاتتى.
_ سىزنى ئۇزاق ساقلىتىۋەتتىممۇ؟ بوران بەك كۈچلۈككەن! _ دېدىم يۇقىرى ئاۋازدا ئۇلار تەرەپكە ماڭغاچ.
بايىقى لاۋزا چۆچۈپ قولىنى شارتتىدە تارتىۋالدى. ئۈچەيلەن تەڭلا ماڭا بۇرۇلدى. قىزچاق يەنىلا كۆزىنى يەردىن ئۈزەلمىدى.
_ ھەي، بۇ مەن! _ دېدىم مەن قىزچاقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ مۆرىسىدىن نوقۇغاچ.
قىزچاق ماڭا بېشىنى كۆتۈرىۋىدى ئۇنىڭ ھەيرانلىق، خۇشاللىق ئارىلاش كۆزلىرىگە قاراپ سەمىمىيلىك بىلەن كۈلۈمسىرىگەچ بىر كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم. ئاندىن يېنىمدا ئالدىدىكى بەزنى تارتقۇزۇپ قويغان مۈشۈكتەك ماڭا قاراپ ھومىيىپ تۇرغان ئۈچەيلەنگە قاراپ ئىپادىسىزلا كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. ئۇلارمۇ ياسالما، ئاچچىق ئارىلاش كۈلۈمسىرەپ قويۇپ قىيمىغان ھالدا بىر - بىرىنىڭ مۆرىسىدىن تارتىپ قەستەن تەنە قىلغاچ:
_ مۇھەببىتى باركەن ئاداش!
_ مۇھەببىتى بولمىغان بولسا مېنىڭ تومۇچۇقۇمكەنتۇق. ۋە!. . .
_ خا خا. . .
دېيىشىپ كېتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ قاراپ ئۇلارنىڭ يىگىرمە قەدەمچە ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن قىزچاققا قارىدىم. قىزچاق يەنىلا يەرگە قاراپ تۇراتتى.
_ قورقماڭ، مەن بار! _ دېدىم قەتئىيلىك بىلەن، _ مەن سىزگە تورتىڭىزنى سېتىشىپ بېرەي!
قىزچاق ۋىللىققىدە كۈلىۋەتتى. مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم:
_ كۈلىسىزغۇ؟
_ مېنى تورت ساتامدىكىن دەپ قاپسىزدە؟ _ دېدى قىزچاق تۆۋەن ئاۋازدا بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ، ئەمما كۆزۈمگە قارىيالمىدى.
_ ئۇنداق ئەمەسمىتى؟ _ دەپ سورىدىم مەن.
_ ياق، بۈگۈن دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە كۆرۈشمەكچى ئىدىم، _ قىز گېپىنى تۈگىتىپ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتى.
_ ھە مۇنداق دەڭ! مەن تېخى. . .
سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم. ئۇنىڭ «دوستۇم» دېگىنى چوقۇم ئوغۇل دوستى، دەپ ئويلىدىم ۋە:
_ ئوغۇل دوستىڭىز سىزنى بۇنداق ئۇزۇن ساقلاتماسلىقى كېرەكتىغۇ؟ يەنە كېلىپ چوڭ يولدا. ھازىر كوچىلار بەك قالايمىقان تۇرسا؟! _ دېدىم.
_ بۇ تۇنجى قېتىم ئۇنى ساقلىشىم، بۇرۇن دائىم ئۇ مېنى ساقلايتتى. بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. شۇڭا مەن دېيىشىپ قويغان ۋاقىتتىن بالدۇر كېلىپ ئۇنى ساقلاۋاتقان.
_ ھە، مۇنداق دەڭ. ئەمما بۇندىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق قىلماڭ، كۆرمىدىڭىزمۇ بايىقىلارنى؟
_ مەن ئويلىماپتىكەنمەن، بايا بەك قورقۇپ كەتكەنتىم. . . رەھمەت سىزگە!
_ ياقەي، رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەك!
ئەسلى كاللامغا نۇرغۇنلىغان گەپلەر كەلگەنتى. ھەممىنى دېيىشنى لايىق كۆرمىدىم. شۇنداقتىمۇ سەل ئويلىنىۋېلىپ:
_ بۇ دېگەن سىزنىڭ يۇرتىڭىز، ئەتراپتىكى ئادەملەر مېنىڭ ھەم سىزنىڭ قېرىندىشىڭىز. سىز ئۆز يۇرتىڭىزدا، ئۆز قېرىشداشلىرىڭىز ئارىسىدا ئەڭ خاتىرجەم بولۇشىڭىز كېرەك! _ دېدىم قەتئىيلىك بىلەن.
_ سىز بەك ياخشىكەنسىز!
قىزچاق شۇنداق دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ يەنە كۆزىنى يانغا ئېلىپ قاچتى _ دە:
_ ئۇ كەلدى! _ دېدى ئىنتايىن خۇشال ھالدا.
مەن قىزچاق قارىغان تەرەپكە قارىدىم. تەمبەل، ئوتتۇرا بوي، قارا قاشلىق، ئات يۈزلۈك بىر يىگىت بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. قىزچاق يىگىتىنىڭ ئالدىغا بېرىپلا تورتنى بەردى ۋە ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دېدى. يىگىت تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىنى يېيىپ چىرايىغا مەمنۇنىيەت ئۇرۇقلىرىنى چاچقاندىلا مەن خاتىرجەم ھالدا كەينىمگە بۇرۇلۇپ ماڭدىم. . .
مېنىڭ ئۇ ئاغىنىدىنمۇ تەشەككۈر ئاڭلىغۇم يوق. چۈنكى مەن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغىنىمغا باشقىلاردىن تەشەككۈر ئاڭلىسام بولمايدۇ. بۇ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن مىننەت تەلەپ قىلسام تېخىمۇ بولمايدۇ. . .
ئۇ ئاغىنىنىڭ چىرايىدىكى مەمنۇنىيەت ئۇرۇقلىرى يەنە باشقا ئاغىنىلەرنىڭ چىرايىدا بىخلىنىپ، بىخلانغان مەمنۇنىيەتلەر يەنە باشقا ئاغىنىلەرنىڭ چىرايىدا مېۋە بېرىدۇ. . .
بوران بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. قەدىمىمنى تېخىمۇ تېزلەتتىم. مەن ئىشىمغا كېچىكسەم بولمايدۇ!