ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئاڭلا ۋاپاسىز ! ساڭا يۈرەك سۆزۈم !
كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق  !
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 384
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
شۆھرىتى: 403
پۇلى: 700 تەڭگە
تۆھپىسى: 2
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-03
ئاخىرقى: 2009-06-25
0  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-05 20:48

ئاڭلا ۋاپاسىز ! ساڭا يۈرەك سۆزۈم !

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى zinnura تەرپىدىن نادىرلاندى. (2009-06-05)


ئەي ۋاپاسىز يايرىم!مانا بۈگۈن سېنىڭ مېنى تاشلاپ كەتكىنىڭگە نەق بىر يىل بولغان ۋاقىت.مانا!سېنى ساراڭدەك ياخشى كۆرىدىغان <<ۋاپاسىز>> قەلبىم سېنى يەنە ساقلاشقا ئۈندىمەكتە،مەن بۇنىڭغا يول قويارمەنمۇ؟ياق،مەن ئەمدى ئۇنداق قىلالمايمەن!

ئەي ساداقەتسىز يايرىم!مەن ساڭا كۆيگەن،چىن دىلىمدىن كۆيگەن! ئەمما بۇ كۆيۈش ماڭا نىمە ئېلىپ كەلدى؟تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئازاپ،تاشتىنمۇ قاتتىق غەم! ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولىدىغان ئەسلىمە!

ئەي يۈزسىز يايرىم!ئېسىڭدىمۇ؟ بىز 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نەۋرۇز ئېشى يىگەش شۇنداق تاتلىق پاراڭلىشىۋاتقاندا تۇرۇپلا ساڭا<<مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن>> دىگىنىم،شۇ ۋاقىتتا ماڭا دىگەن سۆزۈڭ ئېسىڭدىمۇ؟سېنىڭبەلكىم ئېسىڭدە يوقتۇر،ئەمما مېنىڭ قەلبىمگە تامغىدەك ئورىناپ كەتكەن شۇ سۆزلۈرۈڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە. سەن ماڭا <<مەن بۇ گەپنى ساقلىغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟>>دىگىنىڭچە بېشىڭنى تۆۋەن تۇتۇپ يۇشۇرۇن كۆز ياش قىلغان ئىدىڭ! شۇ چاغدا قەلبىم قانچىلىك لەرزىگە كەلگەن ئىدى ھە! بىز ئەنە شۇنداق خاسىيەتلىك، ئۇلۇغ كۈنلەرنى پاك مۇھاببىتىمىزنى باشلىغان ئىدۇق. ئەپسۇس،ياخشى كۈننىڭ يامىنى بار ئىكەن ئەمەسمۇ!

ئەي ئازغۇن يايرىم!مانا،ئاچچىق تاماكا چىكىپ تۇرۇپ سېنىڭ مېنى تاشلاپ كەتكەن ۋاقتىڭنى ئويلاۋاتىمەن.......شۇ تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇلاقتەك نۇرلۇق كۆزۈڭ بىلەن،مېنىڭ نۇرسىز، بىچچارىلىك چىقىپ تۇرىدىغان كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ<<ئايرىلىپ كىتەيلى!>>دېدىڭ!ۋە شۇ سۆزنى ئېيتىپ بولۇپلا كەينىڭگە بۇرۇلۇپ كەتتىڭ....شۇ چاغدا مېنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىمنى ،قانچە قېتىم ياتاق ئۆيۈمگە بىكىنىۋېلىپ سېنى ئويلاپ ياش تۆكەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ ئەزبىرايى خۇدا!شۇ چاغ مەن ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويغان.

ئەي باغرى تاش يايرىم!ئايرىلغاندىن كىيىن ساڭا يازغان خەتلىرىم ئېسىڭدىمۇ؟ نەچچە ئاي كىشىلەر ئىشكىدە يالۋۇرۇپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ساڭا ئېلىپ بەرگەن ئاشۇ پاجىئەلىك مۇھاببىتىمىزنىڭ يالدامىسى بولغان ئالتۇن ئۆزۈك ھېلىمۇ قولۇڭدىمىدۇ؟ بۇلارغۇ مەيلى،ئەمما سېنى دەپ ،سېنىڭ ئاشۇ <<تۇغۇلغان كۈن>>نۈڭنى دەپ غەرىق مەس،قان قۇسقان ھالەتتە ئىشىك ئالدىڭدا ماغدۇرسىز ياتقىنىم ئىسىڭدىدۇ؟سەن مېنىڭ ھاراق ئىچسەملا قان قۇسىدىغانلىقىمنى بىلەتتىڭ،ئەمما..................

ئەي ئەقىلسىز يايرىم!ماڭا يۇشۇرۇن يازغان خەتلىرىڭ ئىسىڭدىمۇ؟ مۇھاببىتىڭگە قاغجىرىغان بۇ قەلبىم سېنىڭ ئاشۇ <<مۇھاببەت>> خەتلىرىڭ بىلەنلا ئەمىن تاپاتتى....................
ھىجىران ناخشىسىنى ياڭىرىتىپ ئايدىڭدا يەنە سېنى ئەسلەۋاتىمەن.......توۋۋا.......بۇ كۆڭۈل دىگەن ھە!سەن ماڭا شۇنچىلىك ئازاپ-ئوقۇبەت،قايغۇ،ئەلەم ئېلىپ كەلگەن بولساڭمۇ،مەن يەنە سېغىنىش بىلەن سېنى ئەسلەۋاتىمەن!ياق!مەن ۋىجدانىمغا،غورۇرۇمغا يۈز كىلەلىشىم كىرەك،مەن سېنى ئاشۇ مۇھاببىتىم بىلەن ئۇنتۇپ كېتىشىم كىرەك

ئەي بىچچارە يايرىم! مەن سېنى كۆردۈم !نەق بىريىل ئۆتكەندىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە كۆردۈم! ئەنە! << سۆيگەن يار>>رىڭنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ئەركىلەپ تۇرىۋاتىسەن ،ئۇ كىملەر بىلەندۇ تېلفۇندا ھىجايغىنىچە ساڭا پەرۋامۇ قىلماي پاراڭلىشىۋاتىدۇ! بىراق سېنىڭ ئەركىلەشلىرىڭ ئۇنىڭغا ياقمىغاندەك ھە دەپ سېنى سىلكىيتى!!!ئەمما سەن پەرۋامۇ قىلماي ئۇنى قۇچاقلىۋالدىڭ!!!<<چاڭ>>قىلغان ئاۋاز بىلەن سەن جايىڭدا تۇرۇپلا قالدىڭ!!!!! ئۇچۇپ بېرىپ ئۇ ئەبلەخنى تازا قويماقچى بولدۇميۇ،ئەمما قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ، كۆزۈمگە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان،مېنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان قىز دوستۇمغا كۆزۈم چۈشتىدە بۇ نىيىتىمدىن ياندىم..........دىلىم <<پاللىدە>> يورۇپ كەتتى!!!توغرا ! بۇ دىگەن تەڭشەلگەن دۇنيا...قىز دوستۇمنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتۇپ ئالدىڭدىن ئۆتۈپ كىتى بارىمەن.........سۆيگەن يايرىڭنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرغان كۆزۈڭ ماڭا،ئۇنىڭغا چۈشتى.............
سەن كۈلىۋاتامسەن؟ يىغلاۋاتامسەن ؟ئازاپلىنىۋاتقانسەن بەلكىم؟ ياق........سەن ئەپسۇسلىنىۋېتىپسەن............ئەنە شۇچاغدا مۇنۇ بىرجۈملە سۆز ئىسىمگە كەلدى...  
<<سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە،سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول>>

مەنبە :
ئۆزۈم
[ يازمىنىzinnura ۋاقىت2009-06-05 21:14 ]
سەلتەنەت
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 21
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
شۆھرىتى: 1121
پۇلى: 1530 تەڭگە
تۆھپىسى: 3
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-06
ئاخىرقى: 2009-06-27
1  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-05 21:00

ۋاي زىننۇرەخان سىز نىمانداق چاققان مەن نادىرلاپ بولغۇچە............... خەپ جۇما................
سەلتەنەت سۈرەي دىگەن پادىشاھ ،ئەلنىڭ رەخمىتىنى ئېلىشى كىرەك.
ئادىل بولغاندىلا ئاندىن سەلتەنەت سۈرەلەيدۇ...
دەرىجە: قىزىققۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 409
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
شۆھرىتى: 5
پۇلى: 50 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-05
ئاخىرقى: 2009-06-05
2  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-05 21:12

رەھمەت
يالغۇز تورى
دەرىجە: ئالي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
شۆھرىتى: 581
پۇلى: 270 تەڭگە
تۆھپىسى: 1
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-05
ئاخىرقى: 2009-06-27
3  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-05 21:46

بۇتىما بەك ياخشىكەن
دەرىجە: پەرىشتە

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 102
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
شۆھرىتى: 907
پۇلى: 2230 تەڭگە
تۆھپىسى: 3
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-14
ئاخىرقى: 2009-06-27
4  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-05 23:12

ياخشى يېزىپسىز ،يەنىمۇ تېرىشىڭ
http://www.urraclub.com

   ھۇررا پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى
دەرىجە: توھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 391
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
شۆھرىتى: 210
پۇلى: 300 تەڭگە
تۆھپىسى: 5
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-04
ئاخىرقى: 2009-06-26
5  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-06 12:47

بۇنداق  ياخشى   تېمىلارنى  كوپرەك  يوللاپ  تۇرۇڭ  رەخمەت  .
ۋاقتى ئۆتكەن قېلىچنى پوققا چاپ.
دەرىجە: پەرىشتە

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 60
نادىر تېمىسى: 19
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
شۆھرىتى: 1002191
پۇلى: 1014690 تەڭگە
تۆھپىسى: 10012
توردا: 264(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-12
ئاخىرقى: 2010-09-24
6  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-06 15:34

ياخشى يېزىپسىز ...تېخىمۇ نادىر تېمىلارنى يېزىشىڭىزغا تېلەكداشمەن.
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرىنىدۇ.
يۈرەكتىن~ تىلەك،مەن شۇ خوتەنخان.
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 592
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە592دانە
شۆھرىتى: 3160
پۇلى: 12026385 تەڭگە
تۆھپىسى: 8
توردا: 32(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-05
ئاخىرقى: 2010-10-18
7  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-09 10:29

ئۇ قىز سىزنى يازغۇچى قىلىپ قۇيۇپتۇ ھە ........تىرىشىڭ ئىنىم،خۇدايىم بەختىڭىزنى بىردۇ تىخى..........
كۆز كۆرمىگەن بىلەن يۈرەك كۆرىدۇ...
كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق  !
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 384
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
شۆھرىتى: 403
پۇلى: 700 تەڭگە
تۆھپىسى: 2
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-03
ئاخىرقى: 2009-06-25
8  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-09 18:55

نەقىل
بۇ 7نىڭكىتىلەك يوللىغان 2009-06-09 10:29 غا قارتىلغان  :
ئۇ قىز سىزنى يازغۇچى قىلىپ قۇيۇپتۇ ھە ........تىرىشىڭ ئىنىم،خۇدايىم بەختىڭىزنى بىردۇ تىخى..........



باشتا ئۇ مېنى تاس قالغان ئەركىن ئابدۇللا قىلىپ قويغىلى  ! ! !  مانا ئەمدى مېنى جالالىدىن بەھرام قىلىۋىتىپ بارىدۇ  ! ھەي....................مۇھاببەت دىگەن شۇ ئىكەن ئەمەسما..؟
كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق  !
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 384
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
شۆھرىتى: 403
پۇلى: 700 تەڭگە
تۆھپىسى: 2
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-06-03
ئاخىرقى: 2009-06-25
9  يوللانغان ۋاقت: 2009-06-09 18:56

نەقىل
بۇ 6نىڭكىمۇش521 يوللىغان 2009-06-06 15:34 غا قارتىلغان  :
ياخشى يېزىپسىز ...تېخىمۇ نادىر تېمىلارنى يېزىشىڭىزغا تېلەكداشمەن.



ۋوي ! سىز ھېلىقى مىسرانىمغا يېڭى ئەزا بولغان ئەزا شۇغۇ ھە !