يېشىڭ ئونبەشتە ئەي، سىڭلىم...
(ساترىك مۇخەممەس)
ئىشەنگۈم كەلمىدى ئاڭلاپ ئىشىڭغا ئەي قەلەم قاشلىق،
كىيىپسەن مودا دەپ ھەتتا ئېچىپ كىندىك كىيىم ئاتلىق،
گىرىمنى سۈركىگەچ قات-قات ئۆڭۈڭدە يوق ئىكەن ساپلىق،
يېنىپتۇ يۈزلىرىڭ يال-يۇل،گويا لامپۇچكا مىڭ ۋاتلىق،
چۈشەنگىن بۇ پەقەت سىڭلىم گۈزەل ھۆسنۈڭنى ياپقانلىق.
سىنىپتا سەن،كۆزۈڭ سىرىتتا،گىرىم ساندۇق ئىكەن سومكاڭ،
ئۈچەيدىن تار ئىكەن ئىشتان،غېرىچتا بىر ئىكەن يوپكاڭ،
زىبۇ-زىننەت تاشايىندا ئېسىپ يانفۇن ئوچۇق كوپتاڭ،
خىيالىڭدا كېزەر بەلكىم كېچە ئىچكەن ئېسىل ۋوتكاڭ،
شۇڭا تەنقىد يىدىڭ دائىم تاماق ئورنىدا ئۈچ ۋاقلىق.
ساڭا تەييار تاماق ئويدە ۋە ھەم ئالىي ياتاق ئۆيدە،
مالاي قىلدىڭ ئاناڭنى ھەم چىقاردىڭ كۆپ چاتاق ئۆيدە،
يېمەك-ئىچمەك ساڭا تارلىق،قالار ئەخلەت شالاق ئۆيدە،
ئاناڭ مېھرى بۇلۇپ قالقان،ساڭا يوقتۇر تاياق ئۆيدە،
ئاناڭغا بىر قىلىپ ياردەم،قۇلۇڭغا ئالمىدىڭ ساپلىق.
خۇمارىڭكەن ئۇيۇن-تاڭسا،تۇتۇپ دوستلارنى ھەر ياڭزا،
ئىچەركەنسەن ئىچىملەرنى،تېپىپ خاس ئۆي (كىچىك پاڭزا)،
تېتىقسىز چاخچىقىڭ بىر گەپ تېخى كۈلكەڭ ئەجەپ لاۋزا،
تۈگەپ كۈلكەڭ جىدەل قىلساڭ سۇنار تەخسە بىلەن جوزا،
كېلەر كۈلپەت ساڭا ئاخىر،داۋاملاشسا شۇبۇ ياشلىق.
تېخى بىر كۈن كۆرۈپ قالدىم سېنى يولدا زاۋال چاغدا،
شۇئان بىرسى ئېلىپ كەتتى،كېتىپ قالدىڭ بىھۇش ھالدا،
بېشى تاقىر،يۈزى ياپسا،بويى لاپسا،چىشى ساختا،
يېشى تۆت-بەش مۆچەل كۆرگەن،پۇلى بار باي ئىمىش كاتتا،
يېشىڭ ئونبەشتە ئەي سىڭلىم،بۇلۇپسەن پۇلغا قۇربانلىق.
سامان بوپتۇ بۈگۈن رەڭگىڭ،ئېچىلماي سەن تۇرۇپ غۇنچە،
تېگى ئىپلاس ئاشۇ پۇلغا،ئۆزۈڭنى بەك ئۇرۇپ بۇنچە،
ئەقىل بولسا ئەگەر سەندە،جاھان كەڭرى ساڭا شۇنچە،
نېسىپ تۇرسا ساڭا ھۆرلۈك،ئۆزۈڭنى قىلما خار بۇنچە،
ئىشەنگىنكى غورۇر-ۋىجدان بېرەر ئىنسان ئۈچۈن شاتلىق.
مەنبە:خاتىرەم.
[ يازمىنىمۇش521 ۋاقىت2009-06-06 13:0 ]