+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-12 10:43 3051 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تاماكىنىڭ ھەر خىل باھادىكىلىرى بار. قىممەتلىرىنىڭ بىر قېپى بىرەر يۈز يۈەن بولسا، ئەرزانلىرى نەچچە يۈەن. بەزى كىشىلەر قىممەت تاماكىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى ئازراق بولىدۇ دەپ ئامال بار قىممەت تاماكا چېكىدۇ. ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزۈش جەھەتتە ئەرزان تاماكا بىلەن قىممەت تاماكىنىڭ راستىنلا پەرقى بارمۇ؟



تەتقىقاتچىلار باھاسى ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل تاماكىنى سىناق قىلىپ، باھاسى ھەر خىل تاماكا تەركىبىدىكى كاربون چالا ئوكسىد مىقدارىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان. قىممەت تاماكا بىلەن ئەرزان تاماكىنىڭ خېمىيىلىك تەركىبى ئاساسەن ئوخشاش.
قىممەت تاماكا بىلەن ئەرزان تاماكىنىڭ ئاساسلىق پەرقى مۇنداق ئىككى خىل.
ئەرزان تاماكىنىڭ سۈزگۈچ قىسىمى قىممەت تاماكىدەك ياخشى ئەمەس، شۇڭا تاماكىنىڭ زەھەرلىك تەركىبىنى سۈزۈش جەھەتتە ئىنتايىن ئاز پەرق بار. بۇ پەرق مىكرو دەرىجىدە.
قىممەت تاماكىغا بەزى خۇشپۇراق ھاسىل قىلىدىغان ماتېرىياللار قوشۇلىدىغان بۇلۇپ، تاماكا چەككۈچىگە «تەملىكرەك» تېتىيدۇ.
بۇ پەرقتىن باشقا ئادەم بەدىنىگە كەلتۈردىغان زىيىنى جەھەتتە پەرقى يوق. مەيلى بىر يۈەنلىك تاماكا بولسۇن، مەيلى 100 دوللارلىق كۇبانىڭ سىگارتى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كەلتۈردىغان زىيىنىدا پەرقى يوق.



تاماكا چېكىش ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن زىيانلىق، كونكىرىت تۆۋەندىكىدەك:
1. تاماكا تەركىبىدە ئۈچ خىل خەتەرلىك ماددا بار، يەنى كوكس مېيى، كاربون چالا ئوكسىد ۋە نېكوتىن.
2. تاماكا چېكىش سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ۋە ئۆپكە گازلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئاساسلىق سەۋەب.
3. تاماكا چېكىش كۆپ خىل مېڭە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: سەكتە، مېڭە قان تومۇرىنىڭ تارتىشىشى... دېگەندەك.
4. تاماكا چېكىش كېكىردەك راكى پەيدا قىلىدۇ. كېكىردەك راكى بولغانلارنىڭ ئىچىدە تاماكا چېكىدىغان ئەرلەر كۆپ.
5. دائىم تاماكا چېكىش جىگەردىكى ماي مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
6. نىكوتىن بىر خىل ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان ماددا، ئاساسلىقى نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان بىر قانچە ئۇسۇل:
1. تاماكا تاشلاشتا قەتئى ئىرادىگە كېلىڭ. تاشلايمەن دېسىڭىز چوقۇم تاشلىيالايسىز. گەپ سىزنىڭ ئىرادىڭىزدە. خېرويىن چەككەنلەرمۇ تاشلىيالايدىكەن، ئادەتتىكى تاماكىنى نېمىشقا تاشلىيالمايسىز؟ گەپ ئۆزىڭىزدە.
2. سۇنى كۆپ ئىچىڭ. ئادەم بەدىنىنىڭ %70 تى سۇ. سۇنى كۆپ ئىچسە بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنى تازىلايدۇ. تاماكا چېكىدىغانلار مامكاپ، يالپۇز، ئۈچقاتنى دەملەپ چاي قىلىپ ئىچىپ بەرسە تاماكا زەھىرىنى ھەيدەپ، تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
3. تاماكا چېكىدىغان دوستلىرىڭىز بىلەن ئازراق ئارلىشىڭ. بىرەر تال چېكىپ قوي دەپ تاماكا تەڭلەپ، سىزنىڭ نەچچە ئايلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى بىر تال تاماكا بىلەن نۆل قىلىدۇ. تاماكا تاشلاش نىيىتىگە كەلگەن دوستىڭىزنىڭ قېشىدا تاماكا چەكمەڭ ياكى تاماكا تەڭلىمەڭ.
4. تاماكا تاشلاش بىلىملىرىنى چۈشىنىۋېلىڭ. دەسلەپ تاماكا تاشلاشنى باشلىغاندا ئىچى تىتىلداش، گېلى قىچىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش... دېگەندەك ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. ئۇ بەدەنىڭىزدىكى نىكوتىننىڭ تازىلىنىۋاتقاننىڭ ئالامىتى، مۇشۇ مەزىگىلدە ئىرادىسىزلىك قىلىپ بىر تال چېكىپ قويسىڭىز تاماكا تاشلىيالمايسىز.
5. دىققىتىڭىزنى بۇراڭ. سەيلە قىلىش، توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇش... دېگەندەك ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللانسىڭىز تاماكا خۇمارىڭىزنى ئۇنتۇپ قالىسىز. ئاغزىڭىز قۇرۇپ تاماكا خۇمارى تۇتسا چاي ئىچىشمۇ ياخشى چارە.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

12ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
osmanturpan ۋاقتى: 2017-8-12 11:05:49
مەنغۇ تاماكا چەكمەيمەن، لېكىن ئۈندىدار چەمبىرىكىدىكى بۇ يازمىنى چاپلاپ قويغۇم كەلدى.

  1. 一个女朋友对她的男友说,别戒烟了,我不想让你戒烟了,男友问,为什么,你怕我坚持不了,女友说,不是,因为我知道了,男人的释放压力和女人不一样,女人一受到了伤。可以哭,可以闹,可以靠在男人的肩膀上安稳的睡觉,而男人呢,他累了的时候,不会找人倾诉,只会抽烟,烟抽完了之后起身一句草,生活还得继续。 看完这个说说,我感动了,此说献给所有抽烟的男人
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
گىلەم
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-8-12 12:42:28
ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى  تىما بوپتۇ
ئورۇندۇق
图尔洪 ۋاقتى: 2017-8-12 15:08:41
ھەقىقەتەن ياخشى تىما
5-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-8-12 18:39:39
بەڭگىلە بارغانچە ياشلىشىپ زاكىسدا قېرىغىلى تۇردۇ ،تاماكا چىكىش ئەرلىكنىڭ بەلگىسى بوپ قالدى ،مىنىڭ دوسلۇرۇم ھەممىسى چىكىدۇ ،ئىچىدۇ ،مەنلا كەيىپتە يوق ،شۇ سەۋەپتىن دوسلۇرۇم بىلەن ئەسرالىشىدىغان ۋاقتىممۇ ئازلاپ كەتتى ،ھەتتا ئىزدەشمەسلا بوپ كەتتۇق كەيىپ قىلمىسا غېرىپ بوپ قالامدۇ نىمە
6-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2017-8-12 20:37:09
ئۇ چارچىغاندابىرەسنى ئىزدەپ دەرد تۆكمەيدۇپەقەت تاماكا چېكىدۇتاماكا چەككەندىن كېيىن起身一句草)(بۇخەتنى چۈشەنمىدىم)تۇرمۇش يەنە داۋاملىشىۋېرىدۇ بەلكىم بۇجۈملىدىكى ئىشلار تاماكا چېكىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولسا كېرەك؟

باھا سۆز

ئانا-ڭنى دېگەن گەپ  ۋاقتى: 2017-8-13 22:00
«***» دېگەن بىلەن ئوخشاش مەنىدىكى گەپ  ۋاقتى: 2017-8-13 21:59
7-قەۋەت
@BDULL@ ۋاقتى: 2017-8-12 22:43:58
ھە مەن بەك چېكىپ سالىتىم تېخى باياتىنلا تاشلاپ، بىر يىشىك تاماكىنىڭ ھەممىنى تاشلىۋەتتىم، رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم !!!
8-قەۋەت
begtash ۋاقتى: 2017-8-13 17:11:55
مەن تاماكا چىكىشكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار يۈز بەرسە، تورخانىغا بىرىپ ئۇيقۇم كەلگۈچە  英雄联盟ئوينايمەن ، ئاندىن ئۇخلاپ قوپسام ئوڭشىلىپ قالىمەن. قارىغاندا ئويۇنغا خۇمار بولغان ئوخشايمەن .
9-قەۋەت
叶城老大 ۋاقتى: 2017-8-13 18:05:31
بەزلەر تاماكا تاشلاش ئۈچۈن دورا يەيدىكەن ،
بەزلەر بەك خۇمارىم تۇتۇپ كەتتى دەيدىكەن ،
لكىن تاماكا خۇمار قلمايدۇ ،پەقەت ئادەمنىڭ ئرادسنى بوشتىدۇ ،
بزنىڭ قەتئىي ئرادىمزلا بولدىكەب تاماكا تاشلاش قولمزدىكى تاماكا نى يەرگە تاشلغاندەكلا ئش ،
10-قەۋەت
subat118 ۋاقتى: 2017-8-15 20:16:09
مەن ئۈچ يىل تاماكا چېكىپ مانا ئەمدى بىر ھەپتە بولدى ، راس گەپ قىلسام ، بىرەرسىنىڭ تاماكا چەككىننى كۆرسەم چەككىم كەپ قالدۇ ، ئىرادەم بوشاپ كەتكىنى راس ، زىينى راستىنلا جىق ، دوسلار تاماكا چەكمەڭلار ، مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار ، قەتئىي پايدىسى يوق ، راستىنلا مەنمۇ 23يۈەنگە يۈشى ئېلىپ چەككەن ، زىيىنى ئاز دەپ  ،  مانا يانچۇققىمۇ زىيان ، ئۆزەمگىمۇ زىيان ، ئاران تاشلىدىم ، 英雄联盟 ئۇيناپ ، cf  ئويناپ ، ئىشقىلىپ تاماششەنى جىق قىلىپ ، ئويۇندىن باشقا تاماشا قىلماس بولدۇم ، دىمەكچى ، ئېلىكتىرونلۇق ئويۇندىن باشقا ، تاشلاڭلار  دوسلا  تاشلاڭلار ، بەك سەت تۇردىگەن ئاتا ئانىمىزنىڭ  ئالدىدا ، مەنمۇ  بۇيىل  20ياشقا كىردىم ، مەكتەپتە ئۆگىنىپ قالغان ، ھازىر ئالىي مەكتەپتە كۆنەپ  قالدم   تاماكىسىز مۇھىتقا ، گەرچە بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ ،  21 كۈن داۋاملاشتۇرسا ، كۆنەپ  تاشلىيالايدۇ دەيدۇ ، قەتئي داۋاملاشتۇرۇپ  تاشلىمىسام بولمىدى ، تاشلايمەن !!!!!!!!
11-قەۋەت
كەمتۈك ۋاقتى: 2017-8-17 13:29:01
6  ئايلاپ  بىر يىللاپ  تاشلىغىلى  بۇلىدۇ ،تاشلاپلا  قويۇش بەلەكمۇ  مۈشكۈل ئىش كەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部