+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-12-23 18:26 7744 قېتىم كۆرۈلدى 45 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساغلام تور مۇھىتى يارىتىپ، ئۈندىداردىكى ئالدامچىلىق، قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇش ئۈچۈن ئۈندىدار ئىگە تەرەپتىن ئۈندىدارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقتى. ئۈندىدار ئىشلىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى پېچەتلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئۈندىدار ئىگە تەرەپنىڭ بەزى بەلگىلىمىلىرىنى ئىلگىرى يوللىغان ئىدۇق. ئۇ ھەقتىكى تېما بۇ يەردە.



12-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئۈندىدار ئىگە تەرەپتىن باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈندىدار نومۇرىنى پىچەتلىۋەتتى.
ئۈندىدار ھېساباتى پىچەتلەنگەنلەر مەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىغان تۇرسام، يا مەن ئۈندىدار سودىگىرى بولمىسام نېمىشقا ھېساباتىمنى پىچەتلىۋېتىدىغاندۇ دەپ ھەيران بۇلۇشماقتا. بۇرۇنقى بەلگىلىملەردىن باشقا يەنە بۇ ئايدىن باشلاپ ئۈندىدار ئىگە تەرەپ تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلار بىلەن شوغۇللانغانلارنىڭ ھېساباتىنىمۇ پىچەتلەۋاتىدۇ. دىققەت قىلغايسىلەر.




1. ئۈندىداردىكى كۆپ ھېساباتقا ئوخشاش ئىسىم ئىشلەتسە، ئىسىم تەركىبىدە كەسپى سەزگۈر سۆزلەر بار بولسا.
2. كۆپ ئادەمنىڭ ئۈندىدار باش رەسمى ئوخشاش بولسا. باش رەسىمى ئىلگىرى تېڭشۈن تەرەپتىن پىچەتلەنگەن بولسا.
3. بىر IP ئادرېسىدا كۆپ ئۈندىدار نومۇرى ئىشلىتىلسە؛ بىر روتېر تارقاتقان ۋايفايدا كۆپ ئۈندىدار نومۇرى ئېچىلغان بولسا.
4. دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغانلىرىنىڭ ھەممىسنى كۆچۈرۈپ چاپلاۋەرسە، چەمبىرىكىدە يېڭىلىق، ئىجادىيەت بولمىسا.
5. ئۈندىداردىكى ئالاقىداشلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن تىزىملاتقانلار بولسا؛ ئۈندىدار ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولغانلار بولمىسا.
6. ئۈندىدارىدا جەسەتلەر بەك كۆپ بولسا، دائىم تازىلاپ تۇرمىسا.
7. توپتا ئۇزۇن مەزگىل گەپ قىلمىسا.
8. ئۈندىداردا ئۇدا نەچچە كۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىسا. (باشقىلار بىلەن پاراڭلاشمىسا، چەمبىرىكىگە بىر نەرسە چىقارمىسا، سالونلاردىكى يازمىلارنى كۆرمىسە...)
9. ئۈندىداردىكى پائالىيىتى بەك ئاددى بولسا (پەقەت سۆزلىشىپلا باشقا ئىش قىلمىسا)
10. ئۈندىداردا ھەقىقىي ئىسىم دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن بولسا، بانكا كارتىسىنى باغلىمىغان بولسا
11. كومپىيۇتېردا ئېچىۋالغان ئۈندىدار بەك كۆپ بولسا
12. ئۈندىدارنى كۆپ قېتىم ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىدە ئالماشتۇرۇپ ئاچسا
13. ئىگە تەرەپنىڭ ئەمەس ئۈندىدار تېرمىنالىنى قاچىلاپ ئىشلەتسە (ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئۈندىدار، تەرجىمە قىلىنغان ئۈندىدار دېگەندەك. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئۈندىدارنى ئىشلەتكەن بەزىلەرنىڭ ئۈندىدارىم پېچەتلەندى دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق)
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

45ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
14527885517 ۋاقتى: 2017-12-23 18:48:23
ئۈندىدارنى تاقايمەنلا دەپتىغۇ
گىلەم
چۈشكۈن ۋاقتى: 2017-12-23 18:48:33
چ چ ھېساباتىنىڭ توڭلىشى نېمە سەۋەبتىن ؟ بۇنىڭغىمۇ بىر چۈشەنچە بېرىۋەتكەن بولسىڭىز ، رەھمەت
ئورۇندۇق
لەغمەن ۋاقتى: 2017-12-23 18:50:55
راس مۇشۇ ئىشلارغا بەكرەك دىققەت قىلايلى بەك ياخشى خەۋەركەن رەھمەت تىما ئىگىسى
5-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-12-23 18:51:01
ھەممە گەپنىڭ يىغىندىسى ، تىڭشۈنگە پايدىلىق  ئىشلارنى قىلمىغانلا بولسا ھەممىنى تاقايدىكەن ئەمەسمۇ. جىفۇباۋمۇ سالون ئىقتىدارىنى ئاچسا ئۈندىدارنى تاشلاپ قويغۇلۇقدى.
6-قەۋەت
bayawat ۋاقتى: 2017-12-23 18:51:05
بەلگىلىمە چىقارغنى راستۇ……
لكىن  تۆۋەندىكىلەرگە  نىسبەتەن سەل گۇمان بار مەندە:
3. بىر IP ئادرېسىدا كۆپ ئۈندىدار نومۇرى ئىشلىتىلسە؛ بىر روتېر تارقاتقان ۋايفايدا كۆپ ئۈندىدار نومۇرى ئېچىلغان بولسا.

ماۋۇ ئىش ئەمەلىشىپ قالسا ،   ئۆيدىكى wifi نى   ئۆيدىكى بىر  ئەزادىن   باشقا  ئادەم ئىشلەتسە  بولمايدۇ دىگەن گەپ  ، قانداق مۇمكىن بولسۇن ، تىڭشۇننىڭ باششىتابىدىمۇ  بىر ئادەم مەخسۇس wifi تارقىتىپ  بەرمەيدىغاندۇ……



4. دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغانلىرىنىڭ ھەممىسنى كۆچۈرۈپ چاپلاۋەرسە، چەمبىرىكىدە يېڭىلىق، ئىجادىيەت بولمىسا.

بۇندىدىن  تۇلۇق گۇمانلانسا بۇلىدۇ ؟  ۋىيشنىغا يېڭى ئەزا بولغانغا باشقىلارنىڭ چىقارغان نەرسنى كۆچۈرۈشنى تاكى  ئىككى ئۈچ يىل بولغۇچە داۋاملاشتۇردىغان ئادەتى با

5. ئۈندىداردىكى ئالاقىداشلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن تىزىملاتقانلار بولسا؛ ئۈندىدار ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولغانلار بولمىسا.

يېڭىدىن سەپكە قۇشۇلغانلارنىڭ   ئەلۋەتتە يېڭىدىن  قۇشۇلغان دوسلىرى كۆپ بۇلىدۇ ،   بۇ كونا ئەزارلارلا ۋىيشىن ئىشلەتسۇن دىگەن گەپمۇ؟
6. ئۈندىدارىدا جەسەتلەر بەك كۆپ بولسا، دائىم تازىلاپ تۇرمىسا.
تازلاشمۇ مەجبۇربۇلامدۇ ، ئۇندا مەجبۇرلىغۇچە  ئۆزى تازلىۋەتسە نىمە بۇلىدۇ تىڭشۈن،،،

7. توپتا ئۇزۇن مەزگىل گەپ قىلمىسا.
توپتا ئۇزۇن مەزگىل گەپ قىلىش بىكاچى ۋاقىتى كۆپلەرگە مەنسۇپ ئىش ،   بەزلەردە تخى توپ دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ،
8. ئۈندىداردا ئۇدا نەچچە كۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىسا.
(باشقىلار بىلەن پاراڭلاشمىسا، چەمبىرىكىگە بىر نەرسە چىقارمىسا، سالونلاردىكى يازمىلارنى كۆرمىسە...)
  
بى تۈر ھەمدىن كۈلكىلىك ئىكەن ،   تخى سالۇندىكى يازمىنى كڭرمىسە دەپ قۇيۇشى بار ئىكەن ،  كىمىگە شۇنداق كەڭ تاشا  ۋاقىت باردۇ ، 24 سائەت ۋىيشننىڭ  پىچەتلنىڭ قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىپ تۇردىغان ،   ……

ئۇشۇن بوپتۇ ئزۇن ئنكاس يازمىغىلى   ……
7-قەۋەت
komsar ۋاقتى: 2017-12-23 18:53:31
بىزنىڭ مەكتەپتە مەكتەپنىڭ سىمسىز تور تارقىتىدىغان روتىرىنى ھەممەيلەن ئىشلىتىمىز، بۇ ھېسابتا مەكتەپتىكى 13000ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈندىدارى بىراقلا توختايدۇ دېگەنلىققۇ، ئۈندىدارنى توختىتىشنى قارار قىلدىمۇ يا، ئىشقىلىپ ئۈندىداردىكى پۇللارنى بانكا كارتامغا يۆتكەپ قوياي، ئۈندىدار توختىسا  چ چ  ئوينايمىز
8-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-12-23 19:11:04
بولدىلا، ئىشلەتمەيچۇ مۇشۇ نەرسىنى،خوشۇم كەتكىلى نە زامان
9-قەۋەت
YARMUHAMMAD ۋاقتى: 2017-12-23 19:30:48
مىنىڭمۇ نەق مۇشۇنداق بوپ قالغىلى ئۈچ كۈن بولدى قىلمىغان ئامال قالمىدى پەقەت ئاچالمايۋاتىمەن قايسىڭلار مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ ئۈندىدارىڭلىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىۋالدىڭلا  
10-قەۋەت
33520aski ۋاقتى: 2017-12-23 19:57:24
راس  مۇشۇ ئىشلاغا دىقەت  قىلايلى   بەك ياخشى  خەۋەركەن  رەخمەت خەۋەردار قىپ يولىغان تىما ئىگىسىگە  
11-قەۋەت
kichikoghul ۋاقتى: 2017-12-23 20:01:22
مېنىڭ ئۈندىدارىمدىكى  سالۇن  ۋە دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمونلار ئېچىلماس بولۇپ قالغىلى  ۋە ھېچقانداق ئۇچۇر  ماڭماس بولۇپ قالغىلى بىر ھەپتە بولدى.
12-قەۋەت
xaro ۋاقتى: 2017-12-23 20:02:38
مىنىڭمۇ 3كۈن بولدى مەنمۇئامال قىلاممىدىم ئۈلۈشكۈن ئەتتىگن توختىدى كەشكىچە ئاران با شقىدىن ئاچقان يەنە تۈنۈگۈن  كەچ يەنە توتىدى ئاما يوق ئوخشايدۇ
13-قەۋەت
سەھرا@ ۋاقتى: 2017-12-23 20:03:10
ھە،،،  ئەسلى مۇنداقكەندە  مىنڭمۇ شۇنداق بۇپ قالدى  ئچشقا ئامال بۇلسا يۇل كۈرسەتسەڭلا
14-قەۋەت
abduxkur0998 ۋاقتى: 2017-12-23 20:09:57
ۋاھ ھېي ما مۇنبەر بەك قىززىپ كىتىپتىغۇ،خۇددى ئۆزەمنى يۇمۇر ئوقىغاندەك ھىس قىپ قالدىم
مەنمۇ بىر ئىككى ئېغىز ئىنكاس يېزىپ قويمايمەنمۇ،راستىنلا بەزى بەزى قائدلەر بەك چەكتىن ئېشىپ كىتىپتۇ جىمۇ،مۇشۇ ئۇندىدار چىققانىڭ ياقى چچ مودىدىن قالدى،ئەمدى بۇنداق قائىدىلەرنى چىقىرىپ ئۇندىدارنى تاقاپ كىشلەرنى يەنە چچ ئوينىسۇن دەمدۇ نىمە بۇ خەخ،بۇنۇڭدىن كۆرە ئالپاي ئوينىغان ياخشىكەن ئۇندىداردىن مىڭ ھەسسە قۇلايلىق،لىكىنزە مۇشۇ بەزى تونۇشلىرىم ئالپاي ئوينىمايدۇ دە
15-قەۋەت
xaro ۋاقتى: 2017-12-23 20:13:09
مەن ئادەتتە جىق پاراڭ قىلمايتتىم شۇڭا توختىغان ئوخشايدۇي  يوللىسام ماڭمايدۇ سالۇنغىمۇ كىرمەيدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部