+تېما يوللاش

تېڭشۈن تورى 24-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مالىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، لېشىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئېچىلغان يىغىندا جيا يۆتىڭنىڭ لېشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مۇھىم  كونا ھەمراھى ، لېشى كۆچمە بۆلىمىنىڭ لېدىرى ئابلىكىم ئابلىمىت بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئابلىكىم ئابلىمىت 1981-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇ 2000-يىلى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي پەن ئەليۇلئەلاسى سۈپىتىدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 2004-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تەبىئىي پەنلەر باكلاۋېرلىقى ئۇنۋانىنى ئالغان، ئارقىدىنلا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش فاكۇلتېتىغا كىرىپ داۋاملىق ئوقۇغان ۋە 2006-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئىقتىساد باشقۇرۇش پەنلىرى بويىچە ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
لېشى شىركىتى باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئابلىكىم يەنە دۇنيادىكى بەش چوڭ ئىستىراتېگىيە ۋە باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان رولاندبېرگېر (RolandBerger) شىركىتىدە ئىجرائىيە باش نازارەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. رولاندبېرگېر شىركىتىدىكى سەككىز يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئابلىكىمنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان، بۇنىڭغا قارىتا رولاندبېرگېر شىركىتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى:  ئابلىكىم بىزنىڭ شىركەت تارىخىدىكى تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز مۇنەۋۋەر مەسلىھەتچى، تۈر باشلىقى ۋە ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىدىن بىرى  دەپ باھا بەرگەن.


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
پەن-تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتكۈسى .

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-8-25 22:04:11
OKسەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2017-8-25 16:07
مانا بۇ رىقابەت ماسلىشالىغانلىرى تاللىنىدۇ ماسلىشامى ...

ماسلىشالمىغانلىرى شاللىنىدىغانغا بۇ تىمىدا لىشىنىڭ لىدىرى ئىستىپا بەردى دىمەپتىغۇ ، ئىستىپا بەرگىنىدە بىرە سەۋەپ باردۇ ، بۇ شىركەتنى شۇ بىر ئادەم باشقۇرمىغاندىكىن ،
گىلەم
dana2013 ۋاقتى: 2017-8-24 21:04:21
لېشى مۇشۇنىڭ بىلەن زاۋاللىققا يۈزلىنەرمۇ؟رىقابەت نىمە دىگەن كۈچلۈك..........دەۋېرگە ماسلىشالمىسا مەغلۇپ بولىۋاتقان.....
ئورۇندۇق
maptun0998 ۋاقتى: 2017-8-24 22:39:18
بۇ ماركىدىكى يانفۇنلارمۇ خىلى بوپ قويىدىكەن سەپلىمىلىرخمۇ ياخشى ھەم ئەرزان\
5-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-8-25 01:20:35
لېشىنىڭ يانفون،تېلۋىزورلىرىنىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى بەكلا يۇقىرى، يەنى دىمەكچىمەن سەپلىمىسى ئىنتايىن يۇقىرى،ئىقتىدارى يۇقىرى باھاسى بەك تۆۋەن، شىياۋمى ئىقتىدار باھا نىسبىتىدە لېشىغا يەتمەيتتى، كەسپ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر لېشى بۇنداق قىلىپ زىيانغا ماڭىدۇ، لېشى پۇل كۆيدۈرۈۋاتىدۇ دەپ باھا بەرگەن، تەننەرخىدىن سېتىلىش باھاسى تۆۋەن دىيىشكەن،ئىشقىلىپ لېشىنى ياقتۇراتتىم،قوللايتتىم،لېشى تېلۋىزورىدىن بىرنى ئالاي دەپ تۇرۇۋاتقانتىم
6-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 2017-8-25 10:30:58
مۇشۇ ئادەم توغۇرلۇق تەپسىلى خەۋەر بەرسەڭلارچۇ باللا
7-قەۋەت
ئىزىز ۋاقتى: 2017-8-25 12:10:14
مەنمۇ لېشىنىڭ تىلۋۇزۇردىن بىرنى سىتىۋالغان بىر ئايدىن ئاشتى شۇنداق رازى بولدۇم ئىختىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ يەنە تىخى  لېشى 超4 x40 سىتىۋالغان ئىدىم شۇنداق ياخشى ھەم سۈزۈك   يەنە تىخى 3د  قويغۇچ قاچلاپ   3 د كىنونىڭ ھوزورىنى سۈرۋاتىمەن  شۇنداق ياخشى لىشى ئۇنداق بولسا قانداق قىلامىز ئەمدى، مەن لېشىنى قوللايمەن ئىشقىلىپ تىلۋۇزۇرلىرى ناھايتى ياخىشى ھەم سۈپىتى ئالاھىدە ياخىشى
8-قەۋەت
OKسەنسىز ۋاقتى: 2017-8-25 16:07:01
مانا بۇ رىقابەت ماسلىشالىغانلىرى تاللىنىدۇ ماسلىشامىغانلىرى شاللىنىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部