+تېما يوللاش
(tan:ha:boy)? يوللانغان ۋاقتى:2017-9-1 15:28 3907 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  ئالىپ تورىدىكى قېرىنداشلار ،ھەممىڭلانىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈن سالون ئارلاۋېتىپ قانۇن سالونىدىن بۇ ياخشى  بولغان مەزمۇندىكى سىياسەتلەرنى كۈرۈپ قالدىم. شۇڭا ھەممىمىز ئۇرتاق پايدىلىنايلى دەپ ئالىپ تورىغا يوللاشنى توغرا كۆردۈم تىما (kanun)سالونىدىن كۈچۈرۈپ يوللاندى .
تېما ئادىرسى
http://mp.weixin.qq.com/s/nz_VoB1E9qgHl7nfk34P1g

1. 9-ئايدا تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ:
تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمەت ئۆلچىمى دە 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ سودىگەرلەر، تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش تارماقلىرى، تاماق يەتكۈزگۈچىلەر، تاماق يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرىگە قارىتا يولغا قويۇلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە:
(1) سودىگەرلەر زاكاز تالونىنى 10 مىنۇت ئىچىدە قوبۇل قىلىپ بولۇشى كېرەك.
تاماق يەتكۈزۈش تارماقلىرى چوقۇم كارخانا قانۇنىي ۋەكىلى سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى، مۇقىم ئىش بېجىرىش سورۇنى ۋە كۆلەملەشكەن تاماق يەتكۈزۈش قوشۇنى بولۇشى كېرەك.
(2) تاماق يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدىغان توكلۇق ۋېلسىپىت، تاماق يەتكۈزۈش ساندۇقى، قالپاق قاتارلىقلار چوقۇم دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك.
(3) تاماق يەتكۈزگۈچىلەر 18 ياشقا توشقان، كىملىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك؛ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشىكىنى بوشراق چېكىش، ناۋادا ئىنكاس بولمىسا تېلېفون ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق ئالاقىلىشىشى كېرەك؛ ئۇلارنىڭ يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگە، تاپان ھەققى ئېلىشىغا ۋە باشقا مەدەنىيەتسىز ئىش-ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ


2. 9-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە يانفون كەزمە ھەققى بىكار قىلىنىدۇ.
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى قاتارلىق ئۈچ شىركەت 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


3. ج خ تارماقلىرى بىر قىسىم  غەيرىي ئىسپاتلار نى چىقىرىپ بەرمەيدۇ.
ج خ مىنىستىرلىكى قاتارلىق 12 ئورۇن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان  ساقچىخانىلارنىڭ ئىسپات چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر  9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.  پىكىر دە ئېنىق قىلىپ ئاھالىلەر نوپۇس دەپتىرى، كىملىك، پاسپورت قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن كىنىشكىلەر ئىسپاتلىيالايدىغان 9 تۈر ھەمدە ئاھالىلەر نوپۇس دەپتىرى چەكلىك دائىرىدە ئىسپاتلىيالايدىغان 5 تۈرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار چوقۇم ئېتىراپ قىلىشى، ئاھالىلەردىن ئىسپات ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلماسلىقى بەلگىلەندى.


4. ئىنتېرنېتتىكى ئېلانلارنىڭ چوقۇم روشەن بەلگىسى بولۇشى كېرەك. دۆلەتلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى چىقارغان  ئىنتېرنېتتىكى ئېلانلارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە دە 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ توردا بېرىلگەن ھەقلىق، ھەقسىز ئېلانلارنىڭ (ئۈندىدار، مىكرو بىلوگلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەممىسىگە چوقۇم  ئېلان  دېگەن سۆزنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.


5. خەير-ساخاۋەت، ئىئانە توپلاش سۇپىلىرىنىڭ  ئاق تىزىملىكى  تۈزۈلىدۇ.
يېڭىدىن ماقۇللانغان  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەير-ساخاۋەت قانۇنى  9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.  خەير-ساخاۋەت قانۇنى دا توردا ئاشكارا ئىئانە توپلىغاندا چوقۇم گوۋۇيۈەن خەلق ئىشلار تارماقلىرى بىرلىككە كەلتۈرگەن ياكى كۆرسىتىپ بەرگەن خەير-ساخاۋەت ئۇچۇر سۇپىسىدا ئىئانە توپلاش ئۇچۇرى چىقىرىش كېرەكلىكى بەلگىلەندى.


6. جامائەت فوندىنى چىقارغاندا تاپشۇرۇلىدىغان ماتېرىيال مىقدارىنىڭ ى ئازايتىلدى.
تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىش كەسپىنى ياخشىلاپ ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش بېجىرىشىنى قولايلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش  9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى چىقارغاندا ئالدى بىلەن  تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى چىقىرىش ۋەدىنامىسى دىكى ئىلتىماس ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرىدۇ ھەمدە ۋەدە بېرىدۇ. كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئۇچۇرغا ئېرىشىپ توردا تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان ھەمدە ئىدارە-ئورۇنلار تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى ھېساباتىنى پېچەتلىۋەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھېچقانداق ماتېرىيال تاپشۇرمايمۇ جامائەت فوندىنى چىقىرىۋالالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىنى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بېيجىڭدىن نىمكەش ئۆي سېتىۋالغاندا سالاھىيىتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتسىلا كەسپ بېجىرسە بولىدۇ.


7. بانكا كارتىسى ئىشلىتىپ ئىستېمال قىلغاندا تۇتۇلىدىغان رەسمىيەت ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بىرلىشىپ چىقارغان  بانكا كارتىسى سۈرتۈش رەسمىيەت ھەققىنى بېكىتىش مېخانىزىمىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش  (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ  ئۇقتۇرۇش  دەپ ئېلىنىدۇ) 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ كارتا تارقاتقان بانكىلارنىڭ مۇلازىمەت ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئامانەت كارتىنىڭ ھەق ئېلىش نىسبىتى سودا سوممىسىنىڭ %0.35ىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، قەرز كارتىسىنىڭ ھەق ئېلىش نىسبىتى %0.45تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ تور مۇلازىمەت ھەق نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئېلىنىدىغان ھەق سودا سوممىسىنىڭ %0.065ىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ پايدا ئالمايدىغان داۋالاش، مائارىپ ئورگىنى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، خەير-ساخاۋەت ئورنى قاتارلىقلارغا بانكا كارتىسى تارقىتىش مۇلازىمەت ھەققى، تور مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ؛


8. ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ئۆمەككە قاتنىشىشىنى رەت قىلىشىغا بولمايدۇ.
دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان  ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ياشانغانلار ساياھەت مۇلازىمەت ئۆلچىمى  (تۆۋەندە قىسقارتىپ  ئۆلچەم  دەپ ئېلىنىدۇ) 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.  ئۆلچەم دە ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ يېشىغا چەكلىمە قويۇشىغا، ياشانغانلارنىڭ (60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ۋە 60 ياشلىقلار) ئۆمەكلەرگە قاتنىشىشىنى رەت قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى؛ كۆتۈرەگە ئېلىنغان ئايروپىلان، پاراخوت، ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتارلىقلار بىلەن ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللىگەنلەر ھەمدە ياشانغان ساياھەتچىلەر سانى 100دىن ئاشىدىغان ئۆمەكلەر چوقۇم بىر دوختۇر سەپلىشى كېرەك؛ ياشانغانلارنىڭ ساياھەت قاتناش قورالىغا ئۇدا ئولتۇرغان ۋاقتى 2 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


شىنجاڭدا يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان ياخشى سىياسەتلەر:
1. قۇربان ھېيت مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى تاشيوللاردا كىچىك تىپلىق يولۇچىلار ماشىنىلىرىدىن ھەق ئېلىنمايدۇ.
9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى 5 كۈنلۈك قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ. بايرام مەزگىلىدە 7 كىشىلىكتىن تۆۋەن (7 كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپلىق يولۇچىلار ماشىنىلىرى ھەقسىز يۈرىدۇ. ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 00:00دىن باشلاپ 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 24:00گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) بولىدۇ.
ئادەتتىكى تاشيوللاردا ماشىنا ئۆتكەن ھەق يىغىش پونكىتىغا تەۋە ھەق ئېلىنىدىغان يوللارنىڭ ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ، كارتا تارقىتىلماي توسۇق ئېچىۋېتىلىدۇ. يېپىق شەكىللىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ماشىنىلار ھەق ئېلىنىدىغان يوللاردىن چىققان ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ. ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئىككى ۋاقىت بۆلىكى بويىچە يۈرۈش قەغىزى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھېيت مەزگىلىدە ETC يوللارنىڭ ھەممىسى نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ، بىر نۆۋەتتە بىر ماشىنا ئۆتكۈزۈلىدۇ.


2. شىنجاڭنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىنىدىغان دورا تۈرىدىن 36سى قوشۇلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەمدە بىڭتۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئاتچوت قىلىنىدىغان دورا تىزىملىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى،  دۆلەتنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەمدە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورا تىزىملىكى (2017-يىللىق نۇسخىسى) دىكى دورىلار، دۆلەت ئورۇنلىرى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بېكىتكەن 36 خىل دورا ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. يېڭى تىزىملىك 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.
36 خىل دورا 31 خىل غەربچە دورا بىلەن 5 خىل جۇڭيىچە دورىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربچە دورىلارنىڭ 15 خىلى ئۆسمە، ئۆپكە راكى، ئاشقازان زاكى، سۈت بېزى راكى، تۈز ئۈچەي راكى، لىمفا ئۆسمىسى، يىلىك ئۆسمىسى قاتارلىقلارنى داۋالايدىغان دورىلار، قالغانلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسىلى، كۆز كېسەللىكلىرى، روھىي كېسەل، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، دىيابىت قاتارلىق ئېغىر ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ھەمدە قاناشقا مايىللىق كېسىلى ۋە كۆپ قوزغىلىشچان قېتىشىش كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


3. 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدۇ.
9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 00:00دىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا پۈتۈن مەملىكەت تۆمۈر يولى بىلەن بىر قاتاردا يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قېتىم يۈرۈش خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان Z6520/19 قېتىملىق ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك پويىزلارنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 5 سائەت قىلىندى.
بۇ قېتىمقى يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەش شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى بۇ يىل يولغا قويغان ساياھەتچىلەر نۆۋەتچى پويىزى يۈرۈش خەرىتىسىنىڭ 7-قېتىملىق تەڭشىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۈرۈش خەرىتىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن لەنجۇنىڭ غەربىگە بارىدىغان يۈرۈش خەرىتىسىمۇ ئۆزگەرتىلىدۇ، تۆت دىنامىكىلىق پويىز ۋاقتىنچە يۈرۈشتىن توختايدۇ، ئۈرۈمچىدىن لەنجۇنىڭ غەربىگە بارىدىغان D2705/2 قېتىملىق دىنامىكىلىق پويىزلارنىڭ قوزغىلىش بېكىتى بىلەن ئاخىرقى بېكىتى، قېتىم سانى ئۆزگەرتىلىدۇ.


4. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر تەربىيەلەش ھەققى ئالمايدۇ.
بۇ يىل 9-ئايدا ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر تەربىيەلەش ھەققى ئالمايدۇ، پۇقراۋى يەسلىلەردە دەرىجىگە بۆلۈپ ھەق ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچە شەھەرلىك ئسىلاھات، تەرەققىيات كومىتېتى يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، يەسلىلەردە ئېلىنىدىغان ھەقلەرنى ئۆلچەملەشتۈردى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەسلىلەردە ئېلىنىدىغان ھەقلەرنىڭ ئاساسلىقى بېقىش ھەققى، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەقلەر (تاماق پۇلى ۋە مەكتەپ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇش ھەققى)، ۋاكالىتەن يىغىلىدىغان ھەقلەر (تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھەققى ۋە دالا پائالىيىتى ھەققى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر، پۇقراۋى يەسلىلەر، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ (قىسىم يەسلىلىرى) ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرى بېكىتىلدى.
مەنبە: نۇر تورى؛تەرجىمىدە : نۇسرەتگۈل
پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قاراپ قانۇن سالونىدىن كۈچۈرۈپ ئېلىندى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
asabiysoygu ۋاقتى: 2017-9-2 09:07:21
ئىسپات چىقىرىپ بىرىلمەيدۇ دىگىنىنى تازا چۈشىنىپ كىتەلمىدىم، مەسلەن بىرەر كارخانىدا ئىشلىمەكچى بولساق ، ئۇدۇل بېرىپ كىملىكنى كۆرسىتىپلا ئىشقا چۈشسەك بۇلامدىكەن ياكى ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ئۈچۈن ئىسپات ئېلىپ ئاندىن كارخانا ئۇرۇنلىرىغا ئاپىرىپ ئاندىن ئىشقا چۈشەمدىكەنمىز؟
گىلەم
ئارىپ ۋاقتى: 2017-9-1 17:35:27
يانفۇن كەزمە ھەققىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق ئۇچۇرى ئاتامنىڭ يانفۇنىغا كەپتىكەن باياتىن ئاتامنىڭ كارتىسى تېلىگىرافنىڭ
ئورۇندۇق
buyuknur ۋاقتى: 2017-9-1 18:24:15
رەھمەت ياخشى تېما ئىكەن
5-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2017-9-1 19:07:26
بەك ياخشى سىياسەتلەر ئىكەن. مىڭ كۆپ رەھمەت.
6-قەۋەت
byaprak ۋاقتى: 2017-9-1 21:12:01
مىنىڭ كارتام كۆچمىنىڭكىتى كەزمە ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانمىدۇ ماڭا ئۇچۇر كەممىدى
7-قەۋەت
opa ۋاقتى: 2017-9-2 09:12:58
يېڭى  سىياسەت يېڭى  ئۇچۇرلارنى  يوللىغىنىڭىزغا  كۆپ  رەخمەت
8-قەۋەت
(tan:ha:boy)? ۋاقتى: 2017-9-2 10:29:31
asabiysoygu يوللىغان ۋاقتى  2017-9-2 09:07
ئىسپات چىقىرىپ بىرىلمەيدۇ دىگىنىنى تازا چۈشىنىپ كىتەل ...

بۇ دىگەنلىك مەسسىلەن سېزنىڭ كىملىكىڭىز يۇقاپ كەتسە بۇرنقىدەك كەنتە كومتىدىن ئىسپات كىرەكلىك ماتىرياللارنى تەلەپ قىلمايدۇ  سېزنىڭ كىملىك نۇمۇرىڭىز  نۇپۇس دەپتىرىڭىز دىگەنلە ھېساپ بۇلىدۇ دىگەندەك دىگەنلىك بەزى ئىشلىرىمىز ئاسانلاشتى دىگەن گەپ
9-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-9-2 12:26:46
asabiysoygu يوللىغان ۋاقتى  2017-9-2 09:07
ئىسپات چىقىرىپ بىرىلمەيدۇ دىگىنىنى تازا چۈشىنىپ كىتەل ...

ھەر قانداق تۈردىكى ئىسپات ئېلىش ئۈچۈن ساقچىخانىدىنمۇ ئايرىم ئالمىساق باشقىسى ئتراپ قىلىنمايتى ،بۇ ئىشلا ئەمدى ئاسانلىشىپتۇ ،لىكىن زاۋۇت كارخانىلاردا ئىشلەش ئۈچۈن تۇرۇشلۇقئۇرۇندىكى ئاھالىلەر كومتىتى ياكى كەنىت كومتىتىن ئىسپات ئالمىسا بولمايدۇ
10-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-9-2 14:36:46
مەن يېقىندا ئۈرۈمچىگە ماڭماقچى،كۆچمە كارتا، كەزمە مۇلازىمەت بوخچىسى بېجىرەمدىم يا مېڭىۋېرىمەنمۇ؟ كۆچمىدىن ماڭا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش كەلمىدى
11-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-9-2 20:34:15
بىر تورداش تىلگىراف كارتامغا ئۇچۇر كەلدى دەپتۇ ،باشقىلا ئۇنداق دىمىدى ھەم بىرلەشمە كۆچمە ئۇ توغرىسدا ھەممە ئابۇنىتلارغا ئۇچۇر ئەۋەتىشى ناتايىن ،لىكىن بۇ سىياسەت خېلى بۇرۇن بىكتىلىپ بۇلۇنغان چۇقۇم بۈگۈندىن باشلاپ ئەمىللىشىدۇ
12-قەۋەت
HAKAN49520 ۋاقتى: 2017-9-3 10:18:34
مۇشۇنداق بولسا بەك ياخشى بۇلاركەن ، رەخمەت سىزگە
13-قەۋەت
dj731 ۋاقتى: 2017-9-3 21:31:32
يانفون كەزمە ھەققىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ بىزنىڭ ئۆيدىكى تېلىگراف كارتىلىرىنىڭ ھەمممىسىگە كەزمە ھەققىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق ئۇچۇرى كەپتۇ لېكىن بىرلەشمىگە كەلمىدى
14-قەۋەت
.yoluqi ۋاقتى: 2017-9-4 18:19:41
مېنىڭكىگىمۇ بۈگۈن مۇشۇ ئۇچۇر كەلدى

尊敬的客户,为响应国家提速降费号召,落实全面取消手机国内长途和漫游通话费的要求,中国移动自2017年9月1日起,取消移动客户国内长途及国内漫游通话费(不含港澳台),资费调整后国内主叫通话费统一按照您当前套餐的本地市话费标准收取,国内被叫免费,无需申请,自动生效。感谢支持!【中国移动】
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部