+تېما يوللاش
كىروس يوللانغان ۋاقتى:2017-12-28 18:17 3727 قېتىم كۆرۈلدى 22 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
12- ئاينىڭ 1-كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا oneplus 5t يانفۇنى ئورگان تورى ۋە جىڭدوڭ تورىدا بىرلا ۋاقىتتا سېتىشنى باشلىدى . شۇ خۇشاللىقتا ئالدىراپ كېتىپ ئورگان تورىدىن 64 گىگابايىتلىقتىن بىرنى زاكاس قىلدىم.48 سائەت قاراپ ئولتۇرسام ھېچ مال سالمىدى. ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشسام 15-چىسلاغىچە مال ئەۋەتىش توختىدى دەپ گۆشىرىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن جىڭدوڭدىن سېتىۋالسامچۇ دەپ پۇشايمان بىلەن 18 كۈن ساقلاپ ئاخىرى قولۇمغا ئالدىم . قۇرۇق گەپنى جىق قىلىۋەتتىم ئەمدى نەق گەپكە كېلەيلى .



سەپلىمە جەھەتتە : سەپلىمىسى توردا بار
ئېكران:   18:9 نىسپەتتىكى6 دىيوملۇق پۈتۈن ئېكران، ئىنتايىن سۈزۈككەن .
يانفۇن گەۋدىسى : ئادەتتىكى 5.5 دىيوملىق يانفۇندىن ئازراقلا چوڭ چىقىدىكەن. نېپىزلىكى نورمال ، قول سېزىمى ناھايىتى ياخشىكەن.
سۈرئەت :سەپلىمىسى يۇقىرى بولغاچقا سۈرئەتمۇ ئىنتايىن تېز ، ئاستىلاش ۋە چېكىنىپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس.
چىراي تونۇش ئىقتىدارى :پەقەت ئايفۇننىڭكىدەك ئىنفىرا قىزىل نۇرلا كەمكەن ، قالغان يېرى ئىنتايىن ئىلغار. يورۇقلۇق يېتەرلىك بولسىلا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئېچىلىدىكەن.20-30 سانتا ئارلىقتىنمۇ نورمال ئېچىلدى. لېكىن كۆزنى يۇمىۋالسا ئېچىلمايدىكەن قارىغاندا تېخنىكىغا خېلى كۈچەپتۇ.
كونۇپكا :بارماق سېنزورى كەينىگە يۆتكەلگەچكە چېكىنىش ،كۆپ ۋەزىپە سىتونى ئېكراننىڭ ئاستى تەرىپىگە مەۋھۇم ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرلۇپتۇ. دائىم كۆرنۈپ تۇرىدىغان ۋە لازىم بولغاندا ئۈستىگە سىيرىپ پەيدا قىلىدىغان ئىككى خىل ھالەتتە تەڭشىگىلى بولىدىكەن.
باتارىيە :مەن ئەسلى ئېكران چوڭ بولغاندىكىن توكى ياخشى يەتمەسمۇ دەپ ئەنسىرگەنىدىم لېكىن توكى خېلى ئۇزۇن يېتىدىكەن . قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوينىساممۇ بىر كۈن كەڭ تاشا يەتتى . تېز زەرەتلەش ئىقتىدارىمۇ بولىدىكەن ، بىر سائەت ئەتراپىدا تولۇق زەرەتلەپ بولىدىكەن .
خەت نۇسخىسى :ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال قوللايدىكەن لېكىن خەت شەكلى ئانچە چىرايلىق ئەمەس. ئوقۇغىلى بولسا بولدى دەپ ئۇنىڭغا جىق كۈچىمىدىم.

كەمچىللىكى:ئۇسلۇپ ۋە تەگلىك رەسىمنى چۈشۈرۈش بەك ئاۋارچىلىقكەن . يانفۇننىڭ ئۆزىدىكى ئورگان ئەپ دېتالىدىن باشقىلار ھەمبەھىرلىگەن تەگلىك رەسىم بولىقىنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىپ تەگلىك قىلىپ ئىشلىتىدىكەنمىز .
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

22ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ئارتۇچ ۋاقتى: 2017-12-30 10:02:05
manmun يوللىغان ۋاقتى  2017-12-29 10:42
مەنمۇ مۇشۇ ماركى ...

一加تىلفۇنىنىڭ سەپلىمىسىنى ئوپپو بىلەن سىلىشتۇرۇپ   يۇرمەڭ....ئوپپونىڭ سەپلىمىسى ھىچ يىرىگە توغرا كەلمەيدۇ بۇ تىلفۇننىڭ...
گىلەم
alim. ۋاقتى: 2017-12-28 20:54:39
ھە دوستۇم بۇ تىلفۇننىڭ باھاسىچۇ مەن قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن
ئورۇندۇق
bengbash ۋاقتى: 2017-12-28 21:29:05
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bengbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-12-28 21:33  

سىزنىڭ تېلېفونىڭىز one plus 5t بولغاندىكىن تېىمىسىنىمۇ 5t دەپ يازسىڭىز بوپتىكەن. مەن one plus 5 نى 7-ئايدا يېڭى چىققاندا ئالغان ئىدىم.
بۇ تېلېفونلار قاتتىق دېتال جەھەتتە ھەقىقەتەن نوچى چىقىدىكەن. بولمايدىغان يېرى سېستىمىسى ئاندرويد ئەسلى سېستىمىغا بەك يېقىن. ئۇسلۇپ، تەگلىك بازارلىرى يوق. مەن نوۋا ئۈستەل يۈزى دېتالى بىلەن مىكروسوفت ئۈستەل يۈزى دېتالىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. ئۆزىنىڭ ئۈستەل يۈزى ئەپىدىن كۆپ ياخشىكەن.
5-قەۋەت
A_R_S_L_A_N ۋاقتى: 2017-12-28 22:36:38
بەك قىزىققانتىم بۇ تىلفۇنلارغا چوڭراق ئۇيۇنلارنى ئۇيناپ باقتىڭىزمۇ ،
6-قەۋەت
ئاق تۇلپار ۋاقتى: 2017-12-28 23:45:11
A_R_S_L_A_N يوللىغان ۋاقتى  2017-12-28 22:36
بەك قىزىققانتىم  ...

بۇ تېلفۇننىڭ سىستىمسى گوگۇلنىڭ سىستىمسىدەك كۆگەن مەن شۇنداقمىكەن؟
7-قەۋەت
HUXHUY6002 ۋاقتى: 2017-12-29 00:14:42
باھاسى قانچە پۇلكەن بۇ يانفۇننىڭ  بۇ يېڭىدىن تەرەققى قىلغان ماركىمۇ
8-قەۋەت
iBiLGe99 ۋاقتى: 2017-12-29 08:33:26
قايسىڭلار ئايفون ئېكىس دە قوللانغان قونچاق تەسۋېرىنى ئىشلىتىپ باقتىڭلار.ئۇچۇرغا ئاۋازلىق گەپ قىلسا ئېغىز يۈز كۆز ھەركىتىنى قانداق قىلسا شۇنداق قىلىدىغان..مەن خۇاۋېي nova2s ئىشلىتۋاتاتىم.بۇ يانفۇن نىمۇ شۇنداق ئىقتىدارى باركەنتۇق بىراق مەن تاپالمىدىم.ياكى بىرەر دىتال ئارقىلىق قىلامدۇق بىلىدىغانلار ئنكاس بېرىۋەتسەڭلار...
تېما ئىگىسى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس بىرىپ قالدىم كەچۈرۈڭ.
9-قەۋەت
2635210282 ۋاقتى: 2017-12-29 09:54:15
بۇ تېلفۇن مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ قۇلىدا بار 8+128  ،مىنىڭچە  خىلە بوپ قالدىغان چىراي  ،ھازىرمۇ دوستۇم   پەچەت ئىشلىتىۋاتىدۇ،
10-قەۋەت
karam0997 ۋاقتى: 2017-12-29 10:25:35
مەن ئاخشام بىرنى زاكاس قىلاي دەپ تاۋباۋنىڭ ۋە تىيەنماۋنىڭ ،  ئۈزىنىڭ ئورگان تورنىڭ ھەممىسنى قىزىپ قاراپ باقسام快递费888元  دەپ چىقتى شۇنىڭ بىلەن توردىن ئېلىش نىيتىمدىن ياندىم   قانداق ئىشتۇ بۇ ؟
11-قەۋەت
manmun ۋاقتى: 2017-12-29 10:42:10
مەنمۇ مۇشۇ ماركىدىكى يانفۇنى ئىككى يىل ئىشلەتىم، ھەرقانداق چوڭلۇقتىكى ئويۇنلارنىمۇ نورمال سۆرەيدۇ، سەپلىمىلىرى مىنىڭچە ئوپودىن قىلىشمايدۇ،
12-قەۋەت
buhra ۋاقتى: 2017-12-29 13:42:18
ئاپىراتىنىڭ سۈزۈكلىكى ياخشىمىكەن! ھازىرقى ئوپپو، ۋىۋو دىگەنلەردىن ياخشى چىقا!
13-قەۋەت
كىروس ۋاقتى: 2017-12-29 14:41:52
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2017-12-28 21:29
سىزنىڭ تېلېفونىڭىز one plus 5t بولغاندىكىن تېىمىسىنىمۇ 5t د ...

ئەسلى شۇنداق ئىدى ، t ھەرىپى چۈشۈپ قاپتۇ . بولسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويغان بولسا
14-قەۋەت
abliz1314 ۋاقتى: 2017-12-30 04:12:30
ماڭا 800 يۇەن1000 يۈەن. ئەتراپىدا تېلېفون لازىمتى  ياخشىراخ توكى ئۇزۇن يىتىدىغان تىلفۇن  بولسا.تەۋسىيە  قىلغان بولساڭلار. قايسى تېلېفوننى ئالسام ياخشى  چىقار. ياردەم قىلىڭلار قېرىنداشلار!؟
15-قەۋەت
گۈللە ۋاقتى: 2017-12-30 14:38:42
ئاندىروئىت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ تىلفۇننى  ئوپپو  ۋىۋو لارغا سېلىشتۇرغىنىڭلا نىمىسى  ھې ھې  ئۇيۇن دىگەنلەرنى قانداق سۈرەيدۇ دىگەنلەرگە ئۇيۇن سۆرەشتە گەپ كەتمەيدۇ مەن خېلى  كۆپ سىن فىلىمنى كۆردۈم تېزلىك جەھەتتە بېرىنچى
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部