+تېما يوللاش
uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى:2017-12-17 07:11 3660 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بىلكان لۇغىتىنى نورمال ئىشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مۇشۇ بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى ھەققىدە خېلى جىق يازما يوللاندى. ھازىرقىدەك دۆلەت تىلى ئۆگىنىش تەكىتلىنىۋاتقان بۇ مەزگىلدە يانفونىمىزدا ياخشىراق، تورسىز ئىشلەيدىغان بىر لۇغەتكە ھاجىتىمىز چۈشىدۇ.
بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى مۇشۇ جەھەتتە ھاجىتىمىز چىقىپ كېلىۋاتقان لۇغەت ئىدى. بىراق ھازىر ئىگە تەرەپ تور بېتى تاقىلىپ، مۇلازىمىتېرغا ئۇلانمايدىغان بولغاچقا ئەپ قوزغالغاندا يېڭىلانما ۋە ئامبار تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمىتېرغا ئۇلانماي شۇ سەۋەب نورمال قوزغالمايدىغان، قوزغىلىش رەسىمىدە تۇرۇپ قالىدىغان، ياكى قوزغالسىمۇ ئامبار چۈشۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
بۇ لۇغەتنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ، بىراق ئىگە تەرەپ تورى تاقىلىپ بۇ ئەپ تاشلىنىپ قالغاچقا، توردىشىمىز قاراخان ئەپنىڭ بۇرۇن توردىن چۈشۈرۈۋالغان ئامبىرىنى ئەپ بىلەن بىللە قاچىلىنىدىغان ھالەتتە ئۆزگەرتىپ تورغا يوللىغان بولدى.
ئەمدى مۇشۇ قاراخان يوللىغان بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى 4.3 ئامبارلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ۋە بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قويغۇم كەلدى.

ئەپ نەشر ھوقۇقى ھەققىدە
بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتىنىڭ نەشر ھوقۇقى پۈتۈنلەي بىلكان شىركىتىگە تەۋە، قاراخان پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن بۇ ئەپنى قايتا ئۆزگەرتىپ چىققان. نەشر ھوقۇقى يەنىلا بىلكان شىركىتىدە. نەشر ھوقۇقى تۈپەيلى بىرەر مەسىلە چىقسا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەپنى ئۆچۈرۋېتىپ، ئىگە تەرەپ تارقاتقان، نورمال ئىشلەيدىغان نەشرىنى ئىشلىتىشىنى سورايمىز.

ئەپ بىخەتەرلىكى ھەققىدە
قاراخان يوللىغان لۇغەتتە ئەسلى ئەپنىڭ ئىگە تەرەپ مۇلازىمىتېرىغا ئۇلىنىدىغان كود چىقىرىۋېتىلگەن، ئىگە تەرەپ تارقاتقان ئامبار ئەپكە قوشۇلۇپ، بىللە قاچىلىنىدىغان بولغاندىن باشقا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن، غەيرى كود قوشۇلمىغان.
ئەپنى قايتا بولاقلىغاندا ئەپ ئىمزاسى ئۆزگىرەيدىغان بولغاچقا بىر قىسىم يانفونلارغا قاچىلىغاندا خەتەرلىك ياكى ۋىرۇس بار دەپ ئەسكەرتىش چىقىشى ھەتتا قاچىلانماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بايا دېگەنلەردىن باشقا ئۆزگەرتىش يوق، خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئەپ ھەققىدە
نامى: بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى 4.3 ئامبارلىق نۇسخىسى
ئىجرا مۇھىتى: Android ، ئالما نۇسخىسى ياكى كومپيۇتېر نۇسخا ئەمەس، قاراپراق چۈشۈرۈڭ.
MD5 قىممىتى: D119531CC5C9449B356D95E21D295A3
ئامبار بولىقى MD5 قىممىتى: DF81FC3CBBAFB7E2D77CCE2E72AC5427
سىنالغان يانفونلار: Meizu Note2، Xiaomi Mi Max، Huawei vns-al00


ئەپ ئامبىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر
قاراخان يوللىغان بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى 4.3 ئامبارلىق نۇسخىسىنىڭ ئامبىرى بۇرۇن ئەپ ئامبىرى نورمال چۈشىدىغان چاغدا، ئىگە تەرەپ مۇلازىمىتېرىدىن چۈشۈرگەن ئامبار شۇ. بۇ لۇغەت ئامبىرى ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە لۇغەت، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئىنگلىزچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت ۋە ئۇيغۇرچە - ئىنگلىزچە لۇغەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەپنى قايتا بولاقلىغاندا ئىمزاسى ئۆزگەرگەن بولغاچقا سۆز ئىزدەپ چىققان نەتىجىنى بىۋاسىتە ئۈندىداردىكى دوست ۋە چەمبىرەككە بەھرلەش ئىقتىدارى نورمال ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆچۈرۈش دېگەننى بېسىپ كۆچۈرۈپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.
بەزى يانفونلارغا ئەپ يەشكەندە خاتالىق چىقىپ قاچىلانماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بۇرۇن نورمال ئىشلىتىۋاتقان نۇسخىسى بولسا ئەپنى ۋە ئامبىرىنى زاپاسلاپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز.

چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش
بۇرۇن يوللانغىنى پەقەت بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللانغان بولغاچقا، بۇنى چۈشۈرۈشنى بىلمىگەنلەرمۇ بار ئىكەن. ئىشلەتكۈچىلەرگە قولاي بولسۇن دەپ ئوتقاش ئەپ بازىرىغىمۇ يوللاندى. بىزگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن، ئەپ چۈشۈرۈش سۇپىسى تەمىنلىگەن ئۇلىنىش شىركىتىگە تەۋە ئوتقاش ئەپ بازىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز.
ئەپ چۈشۈرمەكچى بولساڭلار www.otkax.com غا كىرىپ چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ. ئوتقاش ئەپ بازىرى يانفون ئەپنى چۈشۈرۈپ ئەپلەرنى شۇنىڭدا چۈشۈرسەڭلار تېخىمۇ قولاي.

بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى 4.3 ئامبارلىق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى
ئوتقاش ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈش:
http://otkax.com/apps/net.uyghurdev.android.dict.ui
مۇشۇ ئادرېسنى كومپيۇتېر ياكى يانفوندىكى تور كۆرگۈچتە ئېچىپ، چۈشۈرۈش دېگەننى باسساڭلار بىۋاسىتە چۈشىدۇ. دىققەت، يانفوندا چۈشۈرىدىغانلار ئۈندىداردا ئەمەس تور كۆرگۈچ (浏览器) دە ئېچىپ چۈشۈرۈڭ. ئۈندىدارنى ئېچىۋېلىپ باسسام چۈشمىدى دېسىڭىز بىزدە ئامال يوق.
بەيدۇ تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش:
https://pan.baidu.com/pcloud/album/info?query_uk=157127447&album_id=4232401732596787095
بۇ ئادرېسنىمۇ كومپيۇتېر ياكى يانفون تور كۆرگۈچتە ئېچىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
چايخانا سالونىدىن چۈشۈرۈش:
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ ياكى سالون ئىزدەش نامى chayxana نى ئىزدەپ قوشۇپ

سالونغا bilkan 4.3 دەپ ئەۋەتسىڭىز چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. سالونغا ئەۋەتكەن سۆزنى توغرا يېزىپ ئەۋەتىڭ. بىلكان بىلەن 4.3 نىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق بار. توغرا يازالمايدىغانلار bilkan 4.3 مۇشۇنى كۆچۈرۈپ سالونغا يوللىسىڭىز بولىدۇ.

مۇشۇ ئۈچ ئادرېستىن خالىغان بىرىدىن چۈشۈرۈپ تەييار قىلىمىز، ئاندىن بۇرۇن نورمال قاچىلىغان نۇسخىسى بار بولسا ئۇنى ئۆچۈرۋېتىمىز. ئەپ ئۆچۈرۈشنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەرغۇ دەيمەن.
ئەڭ مۇھىم باسقۇچ: ئەپنى ئۆچۈرۈپ بولۇپ، بۇرۇنقى ئامبارنىمۇ ئۆچۈرۋېتىڭ. بولمىسا بۇ يېڭى چۈشۈرگەن نۇسخىسى نورمال قاچىلانمايدىغان، قاچىلانسىمۇ نورمال ئىشلىمەيدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. بۇرۇنقى ئامبارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، يانفونىڭىزدىكى ھۆججەت باشقۇرغۇچ (文件管理器) گە كىرىپ، يانفوننىڭ سىستېما ھۆججەتلىرى بار مۇندەرىجىگە كىرىڭ، سىغىم كارتا مۇندەرىجىسىگە ئەمەس.

ئاندىن بۇ يەردىن SYS_AMBAR دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنى تېپىپ ئۆچۈرۋېتىڭ. بۇ بۇرۇنقى ئامبار شۇ.

بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بايا چۈشۈرگەن ئامبارلىق نۇسخىسىنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.  قاچىلاپ تولۇپ تۇنجى قېتىم قوزغاتقاندا ئامبارنى يېشىدىغان بولغاچقا سەل ئۇزۇندا ئېچىلىدۇ. بىر قېتىم يېشىپ بولسا كېيىنلەردە تېزلا ئېچىلىدۇ. بۇرۇنقىدەك نورمال ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

باشقا مەسىلىلەر بولسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس قىلسىڭىزمۇ ياكى چايخانا سالونىنى قوشۇپ، شۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. سالون ئىزدەش نامى chayxana
ياكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: ئەپنىڭ نەشر ھوقۇقى بىلكان شىركىتىگە تەۋە. ئىگە تەرەپ تورى ئەسلىگە كېلىپ، بۇرۇنقى ئەپ نورمال بولسا شۇنى ئىشلىتىشىڭلارنى سورايمىز.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

11ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
umut吧 ۋاقتى: 2017-12-17 10:48:10
رەھمەت  مەن چۇشۇردۇم بەك ياخشى بوپتۇ  كوپ تەشەككۇر   
گىلەم
alipalim ۋاقتى: 2017-12-17 13:26:51
سىز بۇ لوغەتنى قايتا تەھىرلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىڭىزمۇ ياكى قاراخان ئۆزگەرتىپ يوللىغان لوغەتتە مەسىلە با دەپ قارامسىز
ئورۇندۇق
kilimat ۋاقتى: 2017-12-17 14:41:18
رەھمەت كۆپ جاپا تارتىپسىز
5-قەۋەت
sabirlik ۋاقتى: 2017-12-17 14:49:51
رەھمەت ياخشى ياخشى مەزمۇن ئىكەن ☺☺
6-قەۋەت
反对过分的 ۋاقتى: 2017-12-17 16:12:59
ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز  رەھمەت
7-قەۋەت
رۇھ ۋاقتى: 2017-12-17 17:33:25
ئالىپداشلارغا مەن يەنە بىر لۇغەت تەۋسىيە قىلاي 欧路词典مۇشۇنداق ئىزدەپ ھەر قايسى ئەپ بازارلىرىدىن ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ. بۇنىڭدا ئۇيغۇرچە_ خەنزۇچە خەنزۇچە ئۇيغۇرچە قۇش يۈلۈنشتە تەرجىمە قىلالايسىز. سۆزلۈك ئامبىرنى چۈشۈرۋېلىپ تورسىز مۇھىتتا ئىشلىتەلەيسىز.
8-قەۋەت
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-12-17 19:41:55
رەھمەت سىزگە
9-قەۋەت
oyqil ۋاقتى: 2017-12-17 20:59:27
ئەتراپلىق چۇشەندۇرۇپسىز !!!!!  تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت
10-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-12-17 22:03:14
مەن بۇرۇنقى ئ‍امباربىلەنلا قاچلىغانتىم ، ھەممە لوغىتىنىڭ ئ‍امبىرى بار نۇسخىسى، سۆز ئ‍ىزدىسەم بىردەم قېتىۋېلىپ تاپىدۇ ، مىنىڭچە تەرجىمە قىلىدىغان تىل تۈرىنىمۇ تاللىغى بولسا ياخشى بولاتتى ، ھەممە ئ‍امباردىن ئ‍ىزدەيمەن دەپ يانفۇننى ئ‍ېغىرلاشتۇرۇپ قويىدىكەن،
11-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-12-18 01:06:03
بۇ لۇغەتكە خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىن چىقىرىدىغان خەت نۇسخىسى قاچىلانغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتەتتى،مەن ئاسلىدىكى 4.3نەشىرىنىڭ نەشىر يىڭىلاش ئۇلانمىسىنى ئۆچۈرۋېتىپ پىنيى چىقىرىدىغان خەت نۇسخىسىنى قۇشۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن ھازىر تىز قوزغىلىدۇ لوغەتتە قايسى يۈلىنىشتە ئىزدىشىمدىن قەتئىي نەزەر بارلىق خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنىنى چىقىرىپ بېرىدۇ
12-قەۋەت
uyghurdetal ۋاقتى: 2017-12-18 03:04:16
alipalim يوللىغان ۋاقتى  2017-12-17 13:26
سىز بۇ لوغەتنى قايتا تەھىرلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىڭىزمۇ  ...

بۇ قاراخان يوللىغىنى شۇ. مەسىلە بار دېگەنلىك ئەمەس. شۇ ئۇچراپ قالىدىغان مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ يېزىپ قويغان تولۇقلىما يازما.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部