+تېما يوللاش
kerindax يوللانغان ۋاقتى:4 كۈن بۇرۇن 2653 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kerindax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-10 21:49  

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ ئالتۇن ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن:
  مۇنبەرگە تېما يوللىمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى، نۆۋەتتە مېنىڭ ئېلىپ كەلگىنىم يېقىندا قاتتىق مودا بولغا«پېشكە تاقلىتىش ئويۇنى» نى ئاپتۇماتىك ئويناش دىتالى. بۇ دىتال بۇنىڭدىن بەش كۈن مۇددەم بىر كېچە كۈندۈز ۋاقىت سەرىپ قىلىنىپ تاماملانغانىدى. تېما يازىدىغان مۇۋاپىق پەيىت چىقماي، ئېلان قىلىنىش ۋاقتى سەل كېچىكىپ قالدى.
  ئۇنىڭ ئالدىدا python تىلىدا يېزىلغان موشۇ خىلدىكى ياردەمچى پروگراممىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئوخشاشلا بۇنى vb.net تىلىدا مۇستەقىل يېزىپ چىقىش نىيىتىگە كەلدىم. بارلىق مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلىرىمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇ پروگراممىنى يېزىپ چىقىشقا بەل باغلىدىم. مەزكۇر مۇنبەردىكى «شەرەر» نىڭ ياردىمى ئاستىدا مەزكۇر دىتالنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدۇق. ئەھمىيتى ۋە ئىشلىتىش قىممىتى گەرچە يوقنىڭ قاتارىدا بولسىمۇ، يەنىلا بۇ پروگراممىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.
  مەزكۇر دىتال پەقەت ۋىندوس كومپىيوتېرلاردىلا ئىشلەيدۇ، دىتال بولىقىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بىۋاستە قوغىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، دىتال بىلەن كومپىيوتېر ئۇلىنىشى ئۈچۈن، تىلفوننىڭ USB调式模式 نى ئېچىش كېرەك، بۇ ھەقتە ئارتۇقچە چۈشەنچە بېرىلمەيدۇ. دىتال بىلەن تىلفون ئۇلانغاندىن كېيىن، تىلفوننى بىۋاستە كونتروللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تىلفون ئۇرۇشتىن تارتىپ بارلىق مەشغۇلاتنى قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن ئاددىيسى مەنمۇ تىلفوننىڭ بۇ يوچوقىدىن بەكلا قورقۇپ كەتتىم.
ئاندىن ئاستىدىكى «ئاپتۇماتىك ئويناش»،«بىۋاستە كونتروللاش» دىگەن ئىككى تاللانما پەقەت ئۈندىداردىكى «پېشكە تاقلىتىش ئويۇنى»(跳一跳) ئويۇنى ئۈچۈنلا ئىشلەيدۇ.


چۈشۈرۈش ئادىرىسى: قاتتىق دەسسەڭ
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
delyar ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
تېما ئىگىسى جاپا چىكىپسىز كۆپ رەھمەت،   سىناپ باقتىم  بەك قولايلىقكەن
گىلەم
qaq ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ماۋۇ بالىلارنىڭ يامانلىقىنى.
ئورۇندۇق
ئوغلان132 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مېنىڭچە تېلفۇننى كونترول قىلىش تېلفۇننىڭ يوچۇقى ئەمەسusb调试نى ئاچسا ئىشلىگەندكىن،usbتونۇيدىغان تېلفۇنلارغىمۇ مائۇس چېتىپ ئوينىغىلى بولبدۇ ئەمەسمۇ
5-قەۋەت
Aziz24 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
بۇنى يانفۇنى يۇچۇق دىيىشكە بولمايدۇ،ئۆزىڭىز ھوقۇق بەرمىسىڭىز ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىز.
6-قەۋەت
abjsoft ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
قالتىس قالتىس ،     قايسى كۈنى توپتا كۆرەپتىم لايىھەرىڭىزنى ، مەن باشلاپ كەتتىم ئەمسە....
7-قەۋەت
eeyyss ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
دېتال ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ .adbبۇيرۇقىدا ئېكران كەسمە رەسىمىنى كومپيوتېرغا كۆچۈرمەي تۇرۇپ كۆرسىتىشنى قانداق  ئەمەلگە ئاشۇردىڭىز ؟مەنمۇ Processingئارقىلىق يېزىپ باققانتىم،لېكىن رەسىمنى كومپيوتېرغا كۆچۈرمىسە بولمايدىكەن،ئېكران كېسىپ ساقلاپ ئۇنى كومپيوتېرغا كۆچۈرۈشكە سەل ساقلاپ تۇرمىسا رەسىم چالا بولوپ قېلىپ كۆرسىتىشتە خاتالىق كۆرۈلىدىكەن
8-قەۋەت
Koc_DЁgiz ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
كومپىيوتېرغا چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن ‹‹سېستىما ۋىندوۋىس ئەكىسپى›› دىتالنىڭ باشلاش ھۆججىتىنى تاپالمىدىم؟مېنىڭ سەۋىيەرىم ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىتالنى قانداق قوزغۇتۇشنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز..
9-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ئىسىل!!!
10-قەۋەت
BAYAWAN87 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ناھايتىمۇ  ياماندە بۇ  باللا   يارايسىلە
11-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
يارايسىلە!مەن ئاۋۇ ئويۇننى ئويناپ كەتمەيمەن ئەمما ئاۋۇ دىتالنى ئىشلىتىپ يانفۇننى كومپىيۇتىردا كونتىروللاپ باقاي قېنى
12-قەۋەت
qeqnus ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مەن 97 دىن ئاشۇرۇپ باقمىدىم مۇشۇ ئويۇننى سەكرەپ ، ئۆزەم سەل سىمىز بولغاچقىمۇ - پالاكەتراق چوڭ بولۇپ قاپتىمەن ، سەللا دىققەت قىلمىسام قىرىغا سەكرەپ قېلىپ دۈملا چۈشىمەنكەن
13-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ئىجرا ھۆججىتى ئېكراندىن پەسكە ئۇزۇن چىقىۋالدى.يانفوننى چاتقان بولسام ھېچقانداق ئىنكاس يوق.ئىشلىتەلمىدىم قانداق مۇھىت كېتىدۇ ؟ قانداق ھازىرلايمىز؟
14-قەۋەت
خۇشبەگ ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ياخشى ياساپسىز،چۈنكى بۇنىڭ خەۋېپ خەتىرى ئېنىق(ماۋۇ بىخەتەر دېمەكچىدە مەن)ئىشلىتىش قىممىتى يوق ئەمەس،ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.
يانفۇنغا قاچىلاپ ئويناتقۇزىدىغىندىن سىلەر ياسىغىنى ئىشەنچىلىك.رەھمەت سىلەرگە.
15-قەۋەت
RuZi/520 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ما باللىنىڭ قىپ يۈرگەن ئىشىنى ...
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部