+تېما يوللاش
kerindax يوللانغان ۋاقتى:2017-8-16 00:35 2118 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
  ماڭا تېما يوللىمىغىلى ھەقىقەتەن ئۇزۇن بوپتۇ ،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بىكارچىلىقتا ئالدىراش يۈرىدىغان گەپكەن. گەرچە ئالدىراش بولساممۇ پات پات مۇنبەردىكى يازمىلارغا دىققەت قىلىپ تۇردۇم. پىروگراممىرلىققا قىزىقىپ ئۆگىنىۋاتقانلار، تىرىشىۋاتقانلار، ئىزدىنۋاتقانلار ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن. مېنى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ پروگراممىرلىق ھاياتىنى قانداق باشلىشى كىرەكلىكىنى، قايسى پىروگرامما تىلىنىىڭ نوچى ئىكەنلىكىنى سورىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، شۇنداقلارغا دەيدىغىنىم پروگراممىرلىق كەسپى ئىنتايىن ئىجدىھاد تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ، پروگرامما تىلىنىڭ ياخشى يامىنى يوق، مەيلى قايسى پروگرامما تىلىنى ئۆگىنىڭ ۋايىغا يەتكۈدەك ئۆگىنىڭ، ئۇنى ئازىراق بۇنى ئازىراق ئۆگىنىپ قويسىڭىز ھېچ ئىشنى قىلالمايدىغان بولۇپ قالىسىز.
  نۆۋەتتە مېنىڭ بىر يىل ئاۋال ئىشلىگەن: «نۆل سەۋىيەدىن باشلاپ VB.NET پروگرامما تىلىنى ئۆگىنىش» دەرسلىكىمۇ تارقىتىلماي بېسىلىپ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ. دەرسلىكنىڭ سىغىمۇ چوڭ ھەم ۋاقتىم قىس بولغاچقا دەماللىققا بۇنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇپ بولالمىدىم. (دەرسلىكنىڭ ۋاقتىدا تارقىتىلماسلىقىدا يەنە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار) دەرسلىكمۇ ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك ئىشلەنگەن، قىسمەن كۆرۈپ باققانلار ھەم مەن بۇرۇن ئىشلىگەن «تېز سۈرئەتتە Arduino ئۆگىنىش دەرسلىكى» نى كۆرۈپ باققانلارمۇ دەرسلىكنى قانداق ئىشلەيدىغىنىمنى بىلىدۇ. بۇ دەرسلىك نۆل سەۋىيەدىن باشلاپ ئۆگىنىدىغاغلارغىمۇ ئوتتۇرا سەۋىيەدىكىلەرگىمۇ ماس كىلىدۇ. دەرسلىكتە نەزەرىۋىي ئۇقۇملا چۈشەندۈرۈلمەستىن، ئۆگەنگەننى قانداق ئىشلىتىش ئاساسىي نۇقتا قىلىنغان. قىلغان ئەجىرىمنىڭ بىكارغا كەتمەسلىكى ئۈچۈن رەسمىي تارقىتاي دەپ بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن.

  دەرسلىكنى مەخپىلەشتۈرۈش ئۈچۈن توردىن دىتال ئىزدەپمۇ باقتىم، لېكىن پروگرامما تۈزۈش دەرسلىكىنى باشقىلارنىڭ دىتالىدا مەخپىلەشتۈرسە بىر قىسما تۇرىدىكەن، شۇڭا ئۆزۈم بىرنى تۈزۈپ شۇنىڭدا مەخپىلەشتۈردۈم. بارلىق دەرسلىكنى بىر مۇندەرىجىگە يىشىپ قويغۇچقا شۇ مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ بەرسەكلا بولىدۇ. ئالدىنقى ئون قىسىمنى ھەقسىز كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي ئۆگىنىش نىيىتى بارلار چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. قوللاش ۋە تەۋسىيە سەۋەبلىك قويغۇچ پەقەت Windows8 / Windows8.1 / Windows10 سىستېمىلاردىلا نورمال ئىشلەيدۇ. دەرسلىكنىڭ سىغىمى چوڭ يوللاش ئەپسىز بولغاچقا QQ توپ بوشلىقىغا چىقىرىلدى. شۇ جايدىن چۈشۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بارلىق دەرسلىكنىڭ پىرىستىن يىشىلگەندىكى سىغىمى 23GB جەمئىي 25 سائەت. 9 چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. ئاساسىي مۇندەرىجىسى:
  [1] پروگرامما ئېچىش مۇھىتى ھازىرلاش: پروگرامما ئېچىش مۇھىتىغا كېتەرلىك دىتاللارنى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇللىرى سۆزلەنگەن.
  [2] پروگرامما ھەققىدە چۈشەنچە: پروگراممىنىڭ يېزىلىشى، ئىجرا بولىشى، لوگىكا، گىرامماتىكا، ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرىلگەن.
  [3] قارا ئېكران پروگراممىسى ھەققىدە: قارا ئېكران ھالەتتە ئىجرا بولىدىغان پروگراممىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئارتۇقچىلىقى، باشقا قارا ئېكران پروگراممىلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇلار بىلەن بىرىكتۈرۈش قاتارلىق بىر قەدەر ئىنچىكىرەك مەزمونلار سۆزلەنگەن.
  [4] پروگرامما تىلىدىن ئاساس: پروگرامما تىلىنىڭ ئاساسىي لوگىكا گىرامماتىكىلىرى، ئاساسىي ئۇقۇملار سۆزلەنگەن.
  [5] ئەمەلىي مەشىق: جىسىمنىڭ تۆت بۇلۇڭغا سوقۇلۇپ ئەركىن ھالەتتە ھەرىكەت قىلغان ئۈنۈمنى پروگراممىدا ئىپادىلەپ چىقىش؛ فىزىكىدىكى ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەرىكىتىنىڭ فورمىلاسىنى پروگراممىدا قوللىنىپ ئۇنىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمىنى چىقىرىش؛ فوتوشوپنى پروگرامما ئارقىلىق كونتروللاپ تەكرار بولغان مەشغۇلاتنى ئاپتۇماتىك تاماملاش قاتارلىق مول مەزمونلار سۆزلەنگەن. يەنى پروگراممىنى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا تەڭ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىمىز.
  [6] كونتروللار بىلەن تونۇشۇش: پروگراممى تۈزۈشتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئاساسىي كونتروللار تەپسىلىي تونۇشتۇرىلىدۇ.
  [7] سانلار گۇرۇپپىسى: سانلار گۇرۇپپىسى ۋە ئەركىن كونترولنى ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.
  [8]ھەرىپ تىزىقى: بىر قىسىم كۆپ ئىشلىنىدىغان ھەرىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان فۇنكىسىيەلەر بىلەن تونۇشىمىز، ئاددىي بولغان كورىكتور ۋە لۇغەت ياساپ چىقىمىز. دىتال تىزىملاشنىڭ تەرتىپى بىلەن تونىشىمىز. ھەر قانداق پروگرامما تىلىدە مۇھىم بولغان RegularExpressions بىلەن تەپسىلىي تونۇشىمىز. مېنىڭچە بۇ سىز ئۈچۈن بەكلا ئەسقاتىدىغان بىلىم بولۇپ قالغۇسى.
  [9] ساندان بىلىملىرى: سانداندىكى ھەر قايسى جۈملىلەرنى ئىشلىتىش، ساندان مەشغۇلاتى قىلىش قاتارلىقلار مىسال بىلەن سۆزلىنىدۇ. ئاددىي ۋە مۇھىم بولغان LINQ نى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە توختىلىمىز.
قالغان تەپسىلاتنى ئايرىم سورىساڭلار بولىدۇ.

تور بېكەت: http://www.kerindax.net
ئالاقە QQ نومۇرى: 1482152356
تىلفون نومۇرى: 13150330659
ئالىپەي نومۇرى: visualuyghur@outlook.com

قويغۇچ ۋە دەرسلىكنى توپ بوشلىغىدىن چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ. قويغۇچ پەقەت Windows8 / Windows8.1 / Windows10 سىستېمىلاردىلا نورمال ئىشلەيدۇ.
QQ توپ نومۇرى: 584508526


تولۇقلىما مەزمۇن (2017-8-16 16:00):
百度云下载地址:http://pan.baidu.com/pcloud/albu ... 6584126605463575764

تولۇقلىما مەزمۇن (2017-8-20 20:11):
قويغۇچ Windows7 / Windows8 / Windows8.1 Windows10 نى تولۇق قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7تەجرىبە +360 يىغىش سەۋەبى
OKسەنسىز + 10 مەن قوللايمەن
يۇمشاق دېتال + 200
uyghurdetal + 10 مەن قوللايمەن
ansar630 + 30 مەن قوللايمەن
شەرەر + 50 مەن قوللايمەن
jastar + 30 مەن قوللايمەن
0996faruk + 30

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش14 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن8 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
نىھات007 ۋاقتى: 2017-8-16 12:28:51
ناھايىتى ياخشى  ئويلاپسز مەن قوللايمەن پىروگىرامما ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقى بار دوسلارنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق پىروگىرامما تىلى ئۈگۈنۈشى ئاسان بولدىغان بوپتۇ
گىلەم
ansar630 ۋاقتى: 2017-8-16 15:36:48
پىروگراممىنىڭ تۈرلىرىمۇ ھەرخىل بولىدىكەن . ئەگىشىپ ئېرىشىدىغان ئۈنۈملەرمۇ ھەم ئوخشاش بولمايدىكەن . مۇمكىن بولسا سىز دەۋاتقان  vb.net تىن پايدىلىنىپ قايسى خىلدىكى پىروگراممىلارنى يازىمىز ... قايسى خىل ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز ..  دىگەن توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز .
ئورۇندۇق
aslima998 ۋاقتى: 2017-8-16 21:28:43
ansar630 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-16 15:36
پىروگراممىنىڭ تۈرلىرىمۇ ھەرخىل بولىدىكەن . ئەگىشىپ ئې ...

Windows سىستىملىق كومپىيۇتېرغا يۇمشاق دىتال ئاچىسىز . مەسلەن QQ ، ھەر خىل تور كۆرگۈچ ، پويىز بىلىتى سىتىش سىستىمىسى ، تاللا بازىرى باشقۇرۇش ، ياتاق باشقۇرۇش ، نوپۇس باشقۇرۇش سىستىمىسى دىگەندەك ... قالغىننى ئۈگەنگەندە بىلسىز . ئەمىليەتتەتىما ئىگىسى دىگەندەك  ھەممە پىرگىرامما تىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ، بىر پىرگىرامما تىلنى ئۈگەنسىڭىز باشقا پىرگىرامما تىلنى پەقەت 8 كۈندىلا ئۈگۈنۈپ بولالايسىز .
5-قەۋەت
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-8-16 22:04:17
كۆپ رەھمەر سىزگە  مۇشۇنداق ياخشى دەرسلىكلەرنى ھەمبەھىرلىگەنلىكىڭىزدىن ناھايتى مەمنۇن بولدۇق
6-قەۋەت
kerindax ۋاقتى: 2017-8-20 20:10:13
كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن قويغۇچ Windows7 / Windows8 / Windows8.1 Windows10 نى تولۇق قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، لېكىن WindowsXp ئەمەلدىن قالغان بولغاچقا ، ئەمەلىيەتتە قوللىسىمۇ چەكلىۋەتتۇق.
7-قەۋەت
نەزەر0903 ۋاقتى: 2017-8-21 19:58:55
ئېسىل  تىما  بوپتۇ  قىزىقىدىغانلارغا  بىر ياخشى  پۇرسەت بۇ
8-قەۋەت
تۇنجى ۋاقتى: 2017-8-22 10:03:22
ansar630 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-16 15:36
پىروگراممىنىڭ تۈرلىرىمۇ ھەرخىل بولىدىكەن . ئەگىشىپ ئې ...

مەن تۇلۇقسزنىڭ 9 يىلقىدىكى ئۇچۇر تىخنكا كىتاپىدا كۇرگەن بۇ تىل ئۇيۇن تۇزەمدىكى ئاددى ئۇيۇنلارنى مىنىڭ ئۇگەنگىنم ئاساسلىق ئۇيۇن ياساش بۇلدى vb تا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部