+تېما يوللاش
dilkax125 يوللانغان ۋاقتى:2015-11-19 12:12 8140 قېتىم كۆرۈلدى 47 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھۆرمەتلىك ئاندىروئىد ھەۋەسكارلىرى ، ياخشىمۇسىلەر، مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلەتكەن تېلىفۇنلىرىمنى ئالىپ تورىدىكى ئۇيغۇرچە تونۇتۇش توغرىسىسىكى يازمىلار ئارقىلىق خەت نۇسخىسىنى تونۇتۇپ ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم ، لىكىن مۇشۇ 5.0 سېستىمىسىغا كۆچكەندىن كىيىن خەت نۇسخسىنى تونۇتۇشىم تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى . ئەلۋەتتە تەييار ئەپلەر ئارقىلىق بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقا بولسىمۇ باشقىلارغا ياققان خەت نۇسخىسىى ماڭا ياقماي ، ئۆز ئالدىمغا خەت نۇسخسى ئالماشترۇشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن 5.0 سېستىمىسىدا قايسى خەت نۇسخىلىرىنى ئالماشتۇرۇش كىرەكلىكىنى بىلەلمەي ياكى بۇ توغرىلىق ئېنىق بىر جاۋاپقا ئېرىشەلمەي، ئۆزۈم نۇرغۇن خەت نۇسخىلىرىنى تەكرار ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى  تۆۋەندىكى بەش خىل خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تېلىفۇنۇمدىكى بارلىق ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىغان رايۇنلارنى يەنى تور بەتلەر ، ئۈندىدار ، تەرجىمە ئەپلەر ، ئۇچۇر ، ئالاقىداشلار ھەممىسىنى تولۇق ئۇيغۇرچە كۆرۈندىغان قىلىپ چىقتىم . شۇڭا تۆۋەندە بۇ بەش دانە خەت نۇسخسىنىڭ نامىنى قالدۇرىمەن . ئۆزۈڭلار خالىغان ، ياقتۇرغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ re explorer ئارقىلىق قاچىلىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەلۋەتتە تېلىفۇنۇڭلارنىڭ روئوت ھوقۇقى بولىشى كېرەك .
NotoNaskhUi-bold   
NotoNaskhUi-Regular
توربەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئۇيغۇرچە ئىسىملار، ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى بۇ ئىككى خەت نۇسخىسى ئارقىلىق كۆركەملىشىدۇ
NotoNaskh-bold توربەتلەردىكى يازما تىمىلىرىنى نورمال كۆرسىتىدۇ .
NotoNaskh-Regular توربەتلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى نورمال كۆرسىتىدۇ .
Roboto-Bold ئازبىرقىسىم ئەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە خېتىنى (تەلەي يامىقىنىڭ چىكىنىش قىسمىدىكى ھەئە ، ياق دىگەن خەتلەرنى ) شۇنداقلا ئۈندىدارنىڭ يازما مەزمۇنىنى نورمال كۆرسىتىپ بىرىدۇ .
مەن بۇ خەت نۇسخلىرىنى سىناشتا ئالىپ تورى ، زەڭگەر تاش لۇغىتى ، تەلەي يامىقى ، ۋە ئۈندىداردىن پايدىلاندىم . مېنىڭ ئىشلەتكەن تېلىفۇنۇم خۇاۋېي شان-شەرەپ 7  (华为 荣耀7) ،
بەلكىم باشقىلار ئاللىبۇرۇنلا بۇ خەت نۇسخلىرىنىڭ رولىنى ۋە ئىسىملىرىنى بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ، لىكىن مەن شۇنچە ئىزدەپمۇ تور بەتلەردىن تاپالمىدىم ، شۇڭا بۇ يازمىنى يازدىم . لازىملىقىلار پايدىلىنارسىلەر ، پايدىلىنىش ئۈچۈن تېلىفۇنۇمنىڭ بىرقانچە پارچە سۈرىتىنى ۋە مەن ئىشلەتكەن خەت نۇسخىلىرىنى يوللىدىم .

Screenshot_2015-11-19-09-51-38.png (77.75 KB, چۈشۈرۈش سانى: 125)

Screenshot_2015-11-19-09-51-38.png

Screenshot_2015-11-19-09-52-08.png (51.97 KB, چۈشۈرۈش سانى: 30)

Screenshot_2015-11-19-09-52-08.png

Screenshot_2015-11-19-09-52-37.png (72.11 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)

Screenshot_2015-11-19-09-52-37.png

Screenshot_2015-11-19-09-53-07.png (42.46 KB, چۈشۈرۈش سانى: 5)

Screenshot_2015-11-19-09-53-07.png

Screenshot_2015-11-19-09-52-56.png (66.65 KB, چۈشۈرۈش سانى: 6)

Screenshot_2015-11-19-09-52-56.png

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
alip + 50 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

47ئادەم ئىنكاس يازدى

مەنبەسى 8-قەۋەت
dilkax125 ۋاقتى: 2015-11-19 13:11:16
تىمىنى يانفۇندا يوللىغاچقا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللىيالمىغان ئىدىم . ماۋۇ يەردىن چۈشۈرۋېلىڭلار.

5.0 fonts.zip

465.01 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2266

تۆر
بالاڭزا ۋاقتى: 2015-11-19 12:31:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مېنىڭ ئىشلىتۋاتقىنىم 小米2scAndroid 5.0.2MIUI7 مۇقۇم نەشىرى مۇشۇ تېلفۇنغا پەقەت روت ئالالمىدىم قايسى خىل ئۇسۇلدا روت ئالىمىز ،ياردەم قىلساڭلا。
گىلەم
خىلۋەت ۋاقتى: 2015-11-19 12:35:34
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ناھايتى ياخشى پايدىلىنىشچان تىمىدىن بىرنى يوللاپسىش، رەھمەت سىزگە!

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
ئورۇندۇق
خىلۋەت ۋاقتى: 2015-11-19 12:41:07
ھەراس،  مەن خۇاۋېي 520 دىگەن بىر قوتا تىلفۇننى روىيالمىدىم، نى نى تىلفۇنلارغا روت ئېلىپ مۇشۇ ئاسارە ئەتىقە بوپ قالاي دىگەن بيانفۇنغا روت ئالالمىدىم دىسە.....
كومدا ئېيتىشۋاتىمەن تېخى، خېلى كۆپ دىتاللارنى ئىشلىتىپ بولدۇم،
مۇشۇ تىلفۇننى قايسى دىتالدا مۇۋەپپىقىيەتلىك روتلىغىلى بۇلا ...؟  
بېشىدىن ئۆتكەنلە ياردەم قىلساڭلا ...!
ئاخىردا بىر «رەھمەت»  با   راس.....

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
5-قەۋەت
خىلۋەت ۋاقتى: 2015-11-19 12:42:28
ئىنكاسنى يولدا كىتىۋېتىپ يازغاچقا ئىملادىن چاتاق چىقىپتۇ، ئەپۇ قىلغايسىلەر....

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
6-قەۋەت
tanha8828 ۋاقتى: 2015-11-19 12:44:59
چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بۇلاتتى......
7-قەۋەت
32.768 ۋاقتى: 2015-11-19 12:49:35
خىلۋەت يوللىغان ۋاقتى  2015-11-19 12:41
ھەراس،  مەن خۇاۋېي 520 دىگەن بىر قوتا تىلفۇننى روىيالمىد ...

بىرلەشمە نۇسخىسى بولسا زاۋۇت قۇلۇپىنى ئاچقاندىن كىيىن روتلىنىدۇ .
9-قەۋەت
kokbora0999 ۋاقتى: 2015-11-19 13:18:34
بالاڭزا يوللىغان ۋاقتى  2015-11-19 12:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مېنىڭ ئىشلىتۋاتقىنىم 小米2scAndroid 5.0.2MIU ...

مەن ماۋۇ ئەپنى تېلپۇنغا قاچىلاپ مۇشۇ ئەپ بىلەن روت ئالدىم، ئۇيغۇرۋېۋو تەرجىمە قىلغان miui7 5.02رومنى

Screenshot_2015-11-19-11-13-47.png (33.88 KB, چۈشۈرۈش سانى: 9)

Screenshot_2015-11-19-11-13-47.png
10-قەۋەت
abdulla156 ۋاقتى: 2015-11-19 13:20:34
ئۈندىداردا قانداقراق چىقىدىكەن  سامسۇڭ ئەس ئالتە  ئۈندىداردا نورملا ئەمەس، ئاشۇ دوستلار چەمبىرىدىكى سالوننىڭ مەزمۇنىدىكى خەتلەر  ياخشى ئەمەس.
11-قەۋەت
dilkax125 ۋاقتى: 2015-11-19 13:21:13
خۇۋاۋېي يانفۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىگە روئوت ئېلىشتا ئالدى بىلەن قۇلۇپنى ئېچىش كىرەك . قۇلۇپ ئېچىشتا تور بەت ئارقىلىق خۇاۋېي ئورگان تورىغا ئىلتىماس قىلىمىز . http://www.emui.com/plugin.php?id=unlock&mod=detail
ياكى مۇنۇ دىتال ئارقىلىق ئىلتىماس قىلساقمۇ بولىدۇ
http://pan.baidu.com/s/1qW27Wyo
12-قەۋەت
oyla ۋاقتى: 2015-11-19 13:23:07
سامسۇڭغىمۇ   بۇلامۇ
13-قەۋەت
dilkax125 ۋاقتى: 2015-11-19 13:31:24
بىرنچى رەسىم ئۈندىداردىن ئېلىنغان .
سامسۇڭ يانفۇنلارغا قۇتيار فونتلىغۇچنى ئىشلەتسىڭىز روئوت ئېلىشىڭىز ھاجەتسىز ، ئەگەر بۇ خەت نۇسخىلىرىنى سىناپ باقاي دىسىڭىز چوقۇم روئوت ئېلىشىڭىز كېرەك
14-قەۋەت
uyghur-svip ۋاقتى: 2015-11-19 13:40:29
tanha8828 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-19 12:44
چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بۇل ...

ئادىرسى باكەنغۇ ئاينا
15-قەۋەت
talba ۋاقتى: 2015-11-19 13:43:01
ئەسسالام ئەلەيكۇم ،مىنىڭ تىلفۇنۇن سامسۇڭ s4 ،سېستىما نەشرى 5.01 ئىدى ،قۇتيار فونتلىغۇچتا ئۇيغۇرچە نورمال تۇنۇتقان ، لىكىن رەسىمدىكىدەك بەزى لاتىن يىزىقىنىڭ ئارقىسىغا  E ھەرىپى چىقىۋالىدىغان بولۇپ قالدى ،بۇ ئەھۋال پەقەت تور بەتلەردىكى خەتلەردە مۇشۇنداق ،باشقا جايدا مەسلە يوق ،مۇشۇ نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق بولۇپ قالىدۇ ،بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار



»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部