+تېما يوللاش
uybeg01 يوللانغان ۋاقتى:2017-9-4 10:47 1510 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نەچچە كۈندىن بۇيان ئۈندىدار سالونۇمغا بىرنەچچە فىلىملەرنى يوللاي دىسەم تىڭشۈن فىلىملىردىن باشقىنى قوللىمايدىكەن. شۇڭا مەنمۇ قولۇمدا بار فىلىمنى تىڭشۈنگە يوللاي دىسەم ئەپ نۇسخىسىدا ياكى تور بەت نۇسخىسىدا فىلىم يوللىغىلى بولمايدىكەن.  تىڭشۈن فىلىم تورىنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى تىلفۇندا قەتئىي ئاچالمىدىم. توركۆرگۈچنى كومپىيۇتېر نۇسخىسىغا تەڭشىگەن بولساممۇ قەتئىي بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئازراق ئىزدىنىپ بۇنىڭمۇ چارىسىنى تاپتىم. يەنى html كودى ئارقىلىق ھەل قىلىندى. تۈۋەندە مەن بۇ ئۇسۇلنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
ئالدى بىلەن تىلفۇنۇمىزنىڭ ھۆججەت قىسقۇچىنى ئېچىپ بىر html ھۆججەت قۇرىمىز. ئىسمى نىمە بولسا بولىۋېردۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن شۇنى ئېچىپ تۈۋەندىكى كودنى چاپلايمىز.



  1. <br /> <li>mushu adrisni besip kiring: <a href="#">link</a><br /> <li>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش




يۇقارقى كودنى بىز باشتا قۇرۋالغان html ھۆججەتكە يازىمىز. بۇ كودتىكى http://m.v.qq.com دىگەن ئادرېس تىڭشۈن فىلىم تورىنىڭ ئادرىسى. بۇنى ئۆزىڭىز زىيارەت قىلماقچى بولغان توربەت ئادرىسىغا ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئۈستىگە بىر ئاستىغا بىر يازىسىز.  كودقا بەك دىققەت قىلىڭ.
ئاندىن ساقلاپ بۇلۇپ. مۇشۇ html ھۆجىتىنى توركۆرگۈدە ئاچسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئۇسۇلدا تۇنجى ئېچىلغان ئادرېس كومپىيۇتېر نۇسخىسىدا ئېچىلىدۇ. سىز ئېچىپ بۇلۇپ مەلۇم بىر تىمىنى چەكسىڭىز ئەگەر ئۇ تىمىنىڭ يانفۇن بەت نۇسخىسى بولسا ئۇنداقتا يەنىلا يانفۇن نۇسخىسىغا ئاتلاپ كىتىدۇ. ئەگەر يانفۇن نۇسخىسى بولمىسا كومپىيۇتېر نۇسخىسىدا ئېچىلىدۇ. مەسىلەن مەن مۇشۇ ئۇسۇلدا تىڭشۈن فىلىم تورىنى ئاچتىم. ھەم بىر فىلىمنى چەكتىم. ئۇ فىلىمنى قۇيۇش بېتىنىڭ ئەلۋەتتە يانفۇن نۇسخىسى بار. شۇڭا يانفۇن نۇسخىسىغا ئاتلايدۇ. ئەگەر مەن فىلىم يوللاش بېتىنى چەكسەم يانفۇن نۇسخىسى بولمىغانلىقتىن بىۋاستە ئېچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن بىمالال تىڭشۈنگە فىلىم يوللاش مەشغۇلاتى قىلالايمەن. بۇ ئۇسۇل مۇشۇنداق بەزى ئىشلاردا ياخشى ئەسقېتىپ قالىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش15 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

6ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
بىلگار ۋاقتى: 2017-9-4 12:06:16
يانفۇنىڭىزدا چ چ تور كۆرگۈچ بولسا،،،چ چ تور كۆرگۈچنىڭ تەڭشىكىدە ئاندىروئىد،ئالما،ئايپەد،كومپيۇتېر نۇسخىلىرىنى تاللاش كۆزنىكى بار..شۇيەردىن كومپيۇتېر نۇسخىسىنى تاللاپ قويۇپ ھەرقانداق توربەتنى ئاچسىڭىز كومپيۇتېر نۇسخىسى بىمالال ئېچىلىدۇ،بۇ تېخىمۇ ئاسان،سىناپ بېقىڭ.
گىلەم
uybeg01 ۋاقتى: 2017-9-4 14:27:23
بىلگار يوللىغان ۋاقتى  2017-9-4 12:06
يانفۇنىڭىزدا چ چ تور كۆرگۈچ بولسا،،،چ چ تور كۆرگۈچنىڭ  ...

چ چ توركۆرگۈچلا ئەمەس ھەممىلا توركۆگۈچتە ئۇخىل ئىقتىدار بار. لىكىن ماۋۇنىڭدەك بەزى توربەتلەرنى كومپىيۇتېر نۇسخىسىغا تەڭشەپ قويساقمۇ يەنىلا يانفۇن نۇسخىسىدا چىقىۋالىدۇ بۇ شۇنى ھەل قىلىدىغان چارە
ئورۇندۇق
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-9-4 17:13:32
   شۇنداق، بەزى تور بىكەتلەر توركۆرگۈچنى PC نۇسخىغا تەڭشەپ چىقساقمۇ يەنىلا يانفون نۇسخىسىدا ئىچىلىۋالىدىكەن. لازىم بولغاندا ئىشلىتىپ باقساق بولغىدەك بۇ ئۇسۇلنىمۇ. تىمىنى بىر ساقلىۋالايچۇ...
5-قەۋەت
تىلەك ۋاقتى: 2017-9-5 01:04:23
ياخشى تېما،  يارايسىز
6-قەۋەت
MAHMUDJAN2764 ۋاقتى: 2017-9-6 10:14:32
مەن ئادەتتە شىياۋمىنىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلىتىمەن ، باشقا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەندەك  تەڭشەك بار
设置-高级-浏览器标识-桌面版。
يۇقۇردىكى تىڭشۈننىڭ توربىتىگىمۇ چىكىپ باقتىم pc نۇسقۇسى نۇرمال ئىچىلدى . يەنە بىر گەپ ئادەتتە توربەتلەرنىڭ ئاستىدا 电脑版,手机版 دەپ بار شۇيەردىن سىز电脑版نى تاللىسىڭىزلام بولدىغۇ . ھە بەلكىم بۇ ئۇسۇلنىڭمۇ ئەز قاتىدىغان يەلىرى باردۇ .
7-قەۋەت
baborqak ۋاقتى: 2017-9-6 18:48:31
يانفۇندا تۇرۇپ كومپىيۇتىرنىڭ مەلۇم دىتالىنى  چۈشۈرۈش ئۈچۈن  كومپىيۇتىر  ھالىتىگە  ئەكىلىپ  قويساق كۆپىنچە توربىكەتلەر  ئىتراپ  قىلغىنى بىلەن بەزى بىكەتلەر يەنىلا بايقىۋالىدىكەن  ،دىمەكچى  بۇپەقەت  كومپىيۇتىر دىتالى دەپ ئەسكەرتمە چىقىپ  تۇرىۋالىدىكەن  مۇشۇ ئەھۋاللارنىمۇ  ھەل قىلىشقا بولارمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部